بىر دۆلەتنىڭ كىشى بېشى بايلىقى ئىستاستىكىسى ئارقىلىق بىر دۆلەت خەلىقنىڭ تۇرشمۇش سۈپتىگە ھۆكۈم قىلغىلىنى بۇلىدۇ. شۇنداقلا كىشى بېشى بايلىقى ئەڭ كۆپ دۆلەتلەردە ئادەتتە جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتى ناھايىتى تۆۋەن بۇلۇپ جەميەت تەرتىۋى ناھايىتى ياخشى بولغاچقا كىشلەرنىڭ ياشاش،ساياھەت قىلىش،ئوقۇشىغا ناھايىتى ماسلاشقان بۇلىدۇ. تۆۋەندىكىلەر شىۋىتسارىيە ئېلان قىلغان «يەرشارى بايلىق ئىستاستىكىسى»دىكى كىشى بېشى بايلىقى ئەڭ كۆپ بولغان 10دۆلەتنىڭ تەرتىۋىدۇر:
1.شىۋىتسارىيە. كىشى بېشى بايلىقى 439486دوللار
شىۋىتسارىيە دونيادىكى ئەڭ باي ،ئىقتىسادى ئەڭ تەرەققىي قىلغان ،تۇرمۇش سەۋيىسى ئەڭ يۇقۇرى دۆلەتلەرنىڭ بىرى.كىشى بېشى ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى دونيا بۇيىنچە 1-ئورۇندا بۇلۇپ ساياھەت بايلىقى مول، دونيانىڭ باغچىسى دەيدىغان گۈزەل نامى بار. پايتەختى سۇلىش ۋە جەنۋە شەھرىنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسى دونيادا 1- ۋە2-ئورۇندا تۇرىدۇ.
2.ئاۋىستىرالىيە .كىشى بېشى بايلىقى 333473دوللار
يەر مەيدانى يەرشارىدا 6-ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت بۇلۇپ پۈتكۈل غەربىي ياۋرۇپانىدىن يېرىم ھەسسە چوڭ. يېزا ئىگلىك ئىكىسپورتىدا دونيادا 4-ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ يەنە تەنتەربىييە كۈچلۈك دۆلىتى. ھەيىلى كۆپ تۈرلەر بۇيىنچە چوڭ مۇسابقىلەر ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدۇ. كۆپلىگەن شەھەرلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسى دونيادىكى ئىنسانلارنىڭ ياششىغا ئەڭ ماس كىلدىغان جايلارنىڭ بىرى ھىساپلىندۇ.
3. نورۋىگيە .كىشى بېشى بايلىقى 306723دوللار
2001-يىلدىن باشلاپ نورۋىگيە ئىزچىل ھالدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرپىدىن ئۇدا 6قېتىم ئىنسانىيەتنىڭ ياشىشىغا ئەڭ مۇۋاپىق كىلدىغان يەر بۇلۇپ باھالىنىپ كەلگەن ھەمدە 2009-يىلدىن 2013-يىلغىچە يەشارى ئىنسانلار تەرەققىياتى كۆرسەتكۈچىدە 1-ئورۇنغا ئېرىشكەن.
4. لىيۇكسۇمبۇرىگ. كىشى بېشى بايلىقى 260325دوللار
لىيۇكسۇمبۇرىگ ياۋرۇپادا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن چوڭ باغچا دۆلىتى ،سانائەت دۆلىتى ،يەرشارىدىكى ئەڭ چوڭ پۇل-مۇئامىلە مەركىزى.ياۋرۇپا ئىتتپاقىدىكى كىشى بېشى كىرىم ۋە تۇرمۇش سۈپىتى ئەڭ يۇقۇرى دۆلەت.
5. ياپونيە. كىشى بېشى بايلىقى 253174دوللار
ياپونيە پەن-تەتقىقاتتا دونيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ،خەلقىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ناھايىتى يۇقۇرى،دونيادىكى ئىقتىسادى ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى.
6. فىرانسىيە . كىشى بېشى بايلىقى 249482دوللار
دونيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ بىرى،خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسى ناھايىتى يۇقۇرى بۇلۇپ يەرشارىدىكى ئەڭ باي،ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەرتلەرنىڭ بىرى ھىساپلىندۇ.
7. ئامېرىكا . كىشى بېشى بايلىقى 246268دوللار
ئامېرىكا ئىقتىسادى 1870-يىلدىن باشلاپ دونيا بۇيىنچە 1-ئورۇندا ئىگلەپ كەلمەكتە.ئامېرىكا بولسا كۆپ مەدىنيەتلىك،كۆپ مىللەتلىك دۆلەت بۇلۇپ يەرشارىدىكى ئەڭ چوڭ كۆچمەنلەر دۆلىتى ھىساپلىندۇ.
8. سىنگاپور . كىشى بېشى بايلىقى 246268دوللار
سىنگاپور دونيادىكى ئەڭ باي دۆلەتلەرنىڭ بىرى. مۇقىم بولغان سىياسىي ۋەزىيتى ۋە پاك-دىيانەتلىك ھۆكۈمىتى بىلەن دونيادا مەشھۇر.دونيادىكى 3-چوڭ نىفىت چەككىلەش دۆلىتى،دونيادىكى ئەڭ ئېلكتىرۇن سانائىتى مەركەزلىرىنىڭ بىرى ھىساپلىندۇ.
9. ئەنگىليە . كىشى بېشى بايلىقى 234679دوللار
دونيادىكى ئەڭ چوڭ،ئەڭ باي ئىقىتىسادى گەۋدىلەرنىڭ بىرى.سىياسىي،ئىقتىسادى،ھەربىي ئىشلار ،پەن-تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردە دونياغا زور تەسىر كۆرسەتكەن كۈچلۈك دۆلەت.
10. شىۋىتسىيە . كىشى بېشى بايلىقى 222750دوللار
شىۋىتسىيە پەن-تېخنىكىسى يۈكسەك تەرەققىي قىلغان ئىلغار سانائەت دۆلىتى بۇلۇپ نوپۇسىغا سېلىشتۇرغاندا شىۋتسىيە دونيادىكى دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر ئەڭ كۆپ دۆلەت بۇلۇپ ھىساپلىندۇ.
مەنبە: خەنچە ئەتىگەنلىك بىرلەشمە خەۋەرلەر تورىدىن تەرجىمە قىلندى.
http://www.chinese-luxury.com/perspective/20130329/27035.html
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا a.sayrami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-3 10:11 PM