nazaratqi يوللىغان ۋاقتى 2013-4-2 02:53 PM 
مانا مەن دەل ئەشۇ «شىنجاڭدىكى غەلىتە رەسىم»تارتىلغان ...
پەقەت چىدىمىدىم گېپىڭىزگە. 2-3ئىېغىز سۆز قىلىۋالاي-يا. مەنمۇ شۇ خوتەندە .مەنمۇ بىلىمەن بۇ يەرنى ئەمما ئىنكاسىڭىزغا قاراپ شۇنداق "ئالى ئۇنۋانلار"نى بەرگۈم كىلىۋاتىدۇ...قارىغاندا سىز 5نامازنى تەرىك ئەتمەي ئوقۇيدىكەن سىز،ئەرەبچە قۇرئان كەرىمدىن ساۋادىڭىز باركەن،جۈمە نامىزىنىمۇ تاشلىمايدىكەن سىز،2ھېيت نامىزىغا دائىم قاتنىشىپ كەپسىز...شۇنداق "ئالى سەۋىيەرىڭىز"بولغان ئىكەن مۇنۇ ماقالىنىمۇ تەپسىلى كۆرۈپ چىققايسىز...
مانا بۇ -ئىمان!
ھەسەن بەسرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئېيتىدۇ: «ئىمان ئېغىزدىلا سۆزلەپ قويۇش بىلەن بولمايدۇ، بەلكى ئۇ قەلبنىڭ چوڭقۇر يېرىگە ئورنىغان ۋە ئەمەل ئارقىلىق تەستىققا ئېرىشكەن نەرسىدۇر. شۇنداق بىر بۆلۈك ئىنسانلار باركى، ئۇلار ئاغزاكى دەپ قويغان ئىمان دەۋالىرى ئۇلارنى مەغرۇرلاندۇرۇپ قويغانلىقى ئۈچۈن، ھېچ بىر ياخشىلىقتىن نېسىۋىسى يوق ھالدا دۇنيادىن ئايرىلىدۇ. ئۇلار: «بىز ئاللاھقا ياخشى ئىمان قىلىمىز» دېيشىدۇ، ھالبۇكى ئۇلار يۇقىرىقى سۆزىدە راستچىل ئەمەس ئىدى. ئەگەر ئۇلار ئاللاھقا ھەقىقى ياخشى ئىمان قىلغان بولسا ئىدى، ئەلۋەتتە قىلىۋاتقان ئەمىلىنىمۇ ياخشى قىلغان بولارئىدى.»
…………………………………
يۇقىرىقى سۆزنىڭ مەنىسى شۇكى، ئىمان دېگەن پەقەت قۇرۇق ئارزۇلاپ قويسىلا بولىدىغان ۋە ياكى ئارزۇ قىلغان ئىمان ئۈچۈن ھېچبىر سەۋەب قوللانماستىن ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىپ قويسىلا ئېرىشكىلى بولىدىغان نەرسە ئەمەس. بەلكى ئىمان نامى بىلەن ئاتاشقا ئەرزىگۈدەك ئىمان دېگەن: مۇئمىننىڭ قەلبىدە ھەق دەپ ئورۇن ئالغان، ئاندىن مۇئمىننىڭ قەلبى بۇنىڭدىن خاتىرجەملىككە ئېرىشكەن، ھەمدە ئۇنىڭ ئۆز قەلبىدە يەر ئالغانلىقىدىن كۆڭلى راھەتلەنگەن ۋە شۇنداق بولىشىغا ھەرۋاقىت ئىنتىلىپ تۇرغان، بەلكى ئۇنىڭ ئىمانى ئۆز مەۋجۇتلىقىنى ئىسپاتلىغان ۋە ئۇشبۇ ئىمان دەۋاسىنىڭ راستلىقىنى تەستىقلىغان ھالدا، قىلغان ئەمىلىنىڭ ئېيتقان ئىمانىغا ماس كەلگەن بولىشىدۇر.
ھەقىقەتەنمۇ بەزىلەر يۇقىرىقىلاردىن بىخۇد قالغان بولۇپ، ئۇلار ئىمان دېگەندە ساق ئەقىدە ۋە خۇداغا نىسبەتەن ياخشى ئىمان بولسىلا شۇنىڭ ئۆزى كۇپايە دەپ ئويلىشىدۇ ۋە مۇشۇ خىل ئويلىرى ئۈستىگە بىر تالاي سەپسەتىلەرنى، ئەمەلىيەتتىن يىراق خام-خىياللارنى قۇرۇۋالىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆيگە ئۇنىڭ مۇناسىپ ئىشىكىدىن كىرمەستىن، ھەمدە نەتىجىلەرگە ئېرىشىش ئۈچۈن ھېچقانداق سەۋەب قوللانماستىن ئاللاھقا قارىتا قۇرۇق-ئارزۇلارنى قىلىشقا باشلايدۇ. ئۇلار ئەنە شۇھالى بىلەن خام-خىيال ۋە قۇرۇق ئارزۇ-ھەۋەسلەرگە ئالدانغان ھالدا تىلغا ئېلىنغۇدەك بىرەر ياخشىلىققىمۇ ئېرىشەلمەستىن تاكى دۇنيادىن ئايرىلغانغا قەدەر شۇنداق ياشاپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. ئۇلار ئۆزىچە:«بىزنىڭ خۇداغا بولغان گۇمانىمىز ياخشى، بىزگە ئۇنىڭ پەزل-مەرھەمەت قىلىدىغانلىقى ۋە ياخشىلىق قىلىدىغانلىقىدىن تەمەيىمىز بار» دېيشىدۇ. شۈبھىسىزكى ئۇلار قىلغان بۇ خىياللىرىدا يالغان ئېيتقان. چۈنكى ئۇلار ئاللاھقا ھەقىقى ياخشى گۈمان قىلغان بولۇشسا ئىدى، ھەق ۋە راست دەپ ئەقىدە قىلغان نەرسىلىرى ئۈچۈن قىلغان ئەمەللىرىنىمۇ ياخشى قىلغان بولاتتى. چۈنكى ئۇلارنى رەببىگە يېقىنلاشتۇرغۇچى، قىلغان ئارزۇ-ئۈمۈتلىرىگە يەتكۈزگۈچى ۋە دۇنيادا ياخشى ھايات، ئاخىرەتتە بولسا مەڭگۈلۈك نېمەتنى قولغا كەلتۈرگۈچى نەرسىلەر ئەنەشۇ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ئېدى. «ئەر - ئايال مۆمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە (دۇنيانىڭ قانائەتچانلىق ، ھالال رىزىق ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىپ) ئوبدان ياشىتىمىز، ئۇلارغا، ئەلۋەتتە، قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز»[نەھل سۈرىسى 97-ئايەت]
ھەسەن بەسرىنىڭ يۇقىرقى سۆزىدىن كەلگەن بۇ چۈشەنچىلەر ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ سۆزى بىلەن بىر مەنىدە كەلگەن بولۇپ، ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: «(ئاللاھ ۋەدە قىلغان ساۋاب) سىلەرنىڭ قۇرۇق ئارزۇيۇڭلار ۋە ئەھلى كىتابنىڭ قۇرۇق ئارزۇسى بىلەن قولغا كەلمەيدۇ، كىمكى بىر يامانلىق قىلىدىكەن، بۇنىڭ ئۈچۈن (دۇنيادا ياكى ئاخىرەتتە) جازالىنىدۇ، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچقانداق دوست ۋە ھېچقانداق مەدەتكار تاپالمايدۇ. ئەر - ئاياللاردىن مۆمىن بولۇپ تۇرۇپ ياخشى ئىشلارنى قىلغانلار جەننەتكە داخىل بولىدۇ، ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى قىلچە كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ)»[نىسا سۈرىسى-123-124-ئايەت]
دېمەك ئىمان- توغرا ئەقىدە ۋە سالىھ ئەمەلدىن ئىبارەت. ئەقىدە بىلەن سالىھ ئەمەل ئارىسىدا مۇستەھكەم ئىرادە، تەۋرەنمەس نىيەت ۋە كەسكىن ئىشەنچ مەۋجۇتتۇر. بۇنى ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىدىن بىلىۋېلىش مۇمكىن: « ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا كېلىدىغان بولساق، بىز ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىنى ھەقىقەتەن يوققا چىقىرىۋەتمەيمىز»[كەھف سۈرىسى 30-ئايەت]
ئەقىدىنىڭ مەنىسىگە كەلسەك، ئەقىدە دېگەننىڭ مەنىسى ئاللاھنىڭ بارلىقىغا، كىتابلىرىغا، پەيغەمبەرلىرىگە ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان ئەمەس، بەلكى ئۇ يۇقىرىدا ئىمان كەلتۈرۈلگەن نەرسىلەردىن كېلىپ چىقىدىغان ۋە ياكى ئۇنىڭ تەرىپىدىن بۇيرۇلغان بارلىق نەرسىلەرگە چوڭقۇر رەۋىشتە تەستىقلاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان كەڭ مەنىگە ئىگە بولۇپ، بۇ خۇددى ئىنسان ئەجىلىنىڭ ئۇرۇش سەۋەبلىك ئالدىغا سۈرۈلمەيدىغانلىقى ۋە تېنىچلىق سەۋەبلىك ئارقىغا كېچىكتۈرۈلمەيدىغانلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈش، شۇنداقلا ئىنسانغا يېتىدىغان بارلىق ياخشلىق ياكى يامانلىقنىڭ ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن بولىدىغانلىقىغا ئىمان كەلتۈرۈش قاتارلىقلارغا ئوخشايدۇ. « يەر يۈزىدىكى بارلىق ھادىسىلەر ۋە ئۆزۈڭلار ئۇچرىغان مۇسىبەتلەر بىز ئۇلارنى يارىتىشتىن بۇرۇن لەۋھۇلمەھپۇزغا يېزىلغان، بۇ (ئىش)، شۈبھىسىزكى، ئاللاھقا ئاساندۇر.»[ھەدىد سۈرىسى 22-ئايەت] شۇنداقلا بۇ يەنە ئىنساننىڭ گەرچە ئۇ كاپىر بولغان تەقدىردىمۇ ھاياتتا قىلغان ئەمگىكىنىڭ نەتىجىسىز قالمايدىغانلىقىغا چىن پۈتۈشكە ئوخشايدۇ.« (قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىلەن پەقەت) ھاياتىي دۇنيانى ۋە ئۇنىڭ زىبۇزىننىتىنى(يەنى دۇنيانىڭ نېمەتلىرىنى) كۆزلەيدىغان كىشىلەرگە ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنىڭ ئەجرىنى بۇ دۇنيادىلا تولۇق بېرىمىز، دۇنيادا ئۇلارنىڭ ئەجرىدىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ »[ھۇد سۈرىسى 15-ئايەت]
شۇنداقلا بۇ يەنە كىشىلەر ئارا ياخشى ھاياتقا ئەڭ ھەقلىق كىشىلەرنىڭ مۇئمىنلەر ئىكەنلىكىگە ئىمان كەلتۈرۈشكە ئوخشايدۇ: « ئېيىتقىنكى، «ئاللاھ بەندىلىرى ئۈچۈن ياراتقان لىباسلارنى، شېرىن، پاك رىزىقلارنى كىم ھارام قىلدى؟» ئېيىتقىنكى، ‹‹ئۇلار بۇ دۇنيادا مۆمىنلەر ئۈچۈن يارىتىلغان (گەرچە ئۇلارغا كۇففارلار شېرىك بولسىمۇ)، ئاخىرەتتە بولسا مۆمىنلەرگىلا خاستۇر». (ئاللاھنىڭ بىر ۋە شېرىكى يوق ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلى بايان قىلىمىز.»[ئەئراف سۈرىسى 32-ئايەت]
شۇنداق ئىكەن، ئەگەردە مۇسۇلمانلار ئەركىن ۋە ياخشى ھايات ۋاستىلىرىغا ئېرىشىشتە ئۆزگىلەرگە قارىغاندا ئارقىدا قالغان بولسا، دېمەككى بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ ئىسلامنى ساغلام چۈشىنىشتە قېيىپ كەتكەنلىكى، دىنى قىممەتلىرى ھەمدە ئۆرنەكلىرىگە بولغان ئىمانىنىڭ ئاجىزلاپ كەتكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزىدە بار دىنىي قۇۋۋەت مەنبەلىرىدىن يىراقلاپ كەتكەنلىكىدىن كۆرۈش مۇمكىن.
ئۇنداقتا بىز ۋە باشقىلار كۆرۈپ تۇرغىنىدەك مۇسۇلمانلارنىڭ ھال-ئەھۋالى كۈچلۈك تۈرۈپ ئاجىزلىققا، ئىلىمدار تۇرۇپ جاھىللىقا، مەمنۇنىيەتكە تولغان بەختىيار ھاياتتا ياشىغان تۇرۇپ بەختسىزلىككە يۈز تۇتقان بولسا، دېمەك بۇنداق بولىشىنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ ئاللاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ چاقىرىقىنى بەجا كەلتۈرمىگەنلىكىدىندۇر. ھالبۇكى ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ رەسۇلىنىڭ چاقىرقى ھاياتلار ئېچىدە ئەڭ گۈزىلى، ھۆرمەت ۋە ئىززەتتە ئەڭ چوقىسى ئېدى: « ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنى تىرىلدۈرىدىغان (يەنى ئەبەدىي ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان) ئىمانغا دەۋەت قىلسا، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار!»[ئەنفال سۈرىسى 24-ئايەت] «ئەسلىدە ئۆلۈك (يەنى كاپىر) بولۇپ، بىز ئۇنى (يەنى ئۇنىڭ قەلبىنى ئىمان بىلەن) تىرىلدۈرگەن، بىز ئۇنىڭغا كىشىلەر ئارىسىدا ھىدايەت تېپىشقا نۇر بەرگەن بىر ئادەم زۇلمەتتە (يەنى كۇفرىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا) قالغان ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمىغان بىر ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟»[ئەنئام سۈرىسى 122-ئايەت]
دېمەك مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىرقى ۋە كېلەچەكتىكى ئەھۋالىنى ياخشىلاشنىڭ يولى، پەقەت ئۇلارنىڭ ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ كىتابىدا ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ سۈننەت شەرىفلىرىدە بايان قىلىپ كۆرسەتكەن رەۋىشتىكى ئىماندىن ئۆزگە ئەمەستۇر. يەنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاشنىڭ يولى، ئۇلاردا ئەمەلگە قارىتا سۈرۈكلۈگۈچى، ھەركەتكە كەلتۈرگۈچى ۋە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈرگۈچى تەبىئى قۇۋۋەت (ئىمان) نىڭ بولىشىدۇر. چۈنكى ئىسلام دېگەنلىك قۇرۇق ئارزۇلارغا تايىنىۋېلىش، چۈشكۈنلىشىش ۋە سەلبىي خاھىشلارغا بېقىنىش دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى ئۇ، قەلبنى ياشارتقۇچى ئەقىدە، ھاياتنى ئاباد ئەتكۈچى ئەمەل ۋە مۇستەھكەملەنگۈچى ئىماندىن ئىبارەت. دەرھەقىقەت «ئاللاھ، ھەقىقەتەن تەقۋادارلىق قىلغۇچىلار ۋە ياخشى ئەمەل قىلغۇچىلار بىلەن بىللىدۇر.»[نەھل سۈرىسى 128-ئايەت]
”مۇتالەئە ئەلئەزھەرىييە“ كىتابىدىن ئېلىندى
مەۋلانا تەرجىمىسى