ئەسكى بولدۇم
مۇھەممەدجان راشىدىن
بۇغدىيىڭنى تېرىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم،
ئوتۇنۇڭنى يېرىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.
ئەسقاتقاننى ئاخىرىدا ئەسكى دىدىڭ ،
قۇچىقىمنى كېرىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.
ئىسىت مىنىڭ ساڭابەرگەن نادان كۆڭلۈم،
ساغاي دىسەڭ ئىلىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.
بۆك ئال دىسەڭ باش ئالغانتىم سىنىڭ ئۈچۈن،
چىيىڭغا نان سىلىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.
ئاچ قالساممۇ سۇپىرامنى قىقىپ يۈرۈپ،
ساڭا بۇلماق چېلىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.
كەتتى ئۆمرۈم ساڭا كەتمەن چىپىپ يۈرۈپ،
چۆلنى بوستان قىلىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.
ساغلىقلىرىڭ توغماي قالسا مەندىن كۆرۈدۈڭ،
ساڭا قوغۇن تىلىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.
ئىسىت،سىنى ئاق نان بىلەن ئاشلىغىنىم،
مىنەي دىسەڭ يىتىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.
كىم قويۇپتۇ ماڭا بۇنداق مالايلىقنى،
ئىتلىرىڭنى بىقىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.
كىرلىرىڭنى يۇيۇپ بەرسەم رەھمىتىڭ يوق،
كىگىزىڭنى قىقىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.
خوپ بولدى دەپ دۈشمەنلىرىم خوش بولۇشتى،
ياڭىقىڭنى چىقىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.
تاشلىۋەتتىڭ ئەقىدەمنى ئوتقا ئاخىر،
خاللەيلۇننى ئېيتىپ بېرىپ ئەسكى بولدۇم.
بۇ شېئىر ھەقىقەتەن ئىسىل مەزمۇنلۇق شېئىر !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا tohrayol. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-31 05:15 PM