ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز بوكىس ساھەسىدە چاقنىغان يۇلتۇز - زۇلپىقار مەمەتئېلى 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 22-كۈنىگىچە شىنجاڭ بوكىس مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن « خەلىقئارا بوكىس تەكلىپ مۇسابېقىسى » دە 75 كېلوگىراملىقلار بويىچە چېمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ، بېقىپ چوڭ قىلىغان ئاتا-ئانىسى، جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلىقىگە شان شەرەپ كەلتۈردى.
بۇ قېتىملىق مۇسابېقىگە روسىيە كاماندىسى، قازاقىستان ئالموتا كاماندىسى، چېمكەنىت كاماندىسى، جۇڭگۇ گۇاڭدۇڭ كاماندىسى، شىنجاڭ كاماندىسى قاتناشقان بۇلۇپ، ماھېرىمىز زۇلپىقار مەمەتئېلى 75 كېلوگىراملىقلار بويىچە مۇسابىقىگە قاتناشقان.
زۇلپىقار ھەققىدە :
زۇلپىقار مەمەتئېلى 1994-يىلى 6-ئاينىڭ 25-كۈنى مەكىت ناھيىسىدە بوكىس تىرنىر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، 2005-يىلى 10 ياش ۋاختىدا شىنجاڭ ماھارەت تەنتەربىيە مەكتىۋىغا تاللانغان، ئۈزلىكسىز جاپالىق مەشىق تۈرۈتكىسىدە 2007-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى قەشقەر ۋىلايەتلىك ئۆسمۈرلەر بوكىس مۇسابىقىسى 38 كىلوگىراملىقلار گۇرۇپپىسىدا ئالتۇن مىدالغا ئىرىشىپ، بوكىس ھاياتىنىڭ تۇنجى قەدىمىنى ئوڭۇشلۇق باسقان. تەبئې بوكىس تالانتى بىلەن 2008-يىلى 9-ئايدا شىنجاڭ بوكىس كاماندىسىغا تاللانغان.
مۇسابىقە ئەھۋالىنى تۆۋەندىكى سىن ھۆججىتىدىن كۆرۈڭ:
1-مەيدان مۇسابېقە: زۇلپىقار مەمەتئېلى VS قازاقىستان ئالموتا ماھېرى
مۇسابېقە نەتىجىسى : 6 گە قارشى 16
2-مەيدان مۇسابېقە: زۇلپىقار مەمەتئېلى VS روسىيە ماھېرى
مۇسابېقە نەتىجىسى : 10 گە قارشى 26
ئاخىرىدا زۇلپىقار مەمەتئېلىنىڭ تېننىڭ سالامەت، بۇنىڭدىن كېيىنكى كەسپى ھاياتنىڭ تېخىمۇ ئۇتۇقلۇق بۇلىشىنى چىن كۆڭلىمىزدىن ئۈمۈد قىلىمىز !
بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئېرىشكەن ئۇتۇقلىرىنى بۇ ئۇلانمىدىن كۆرۈڭ:
2011-يىلى 12-ئايدىكى مۇسابىقىسى:
http://www.dolanlik.com/thread-381-1-1.html
2012-يىلى 3-ئايدىكى مۇسابىقىسى:
http://www.dolanlik.com/thread-752-1-1.html