|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،قېرىنداشلار ! بۇلتۇر مۇشۇنداق ئەتىياز مەزگىلىدە "ئەڭ گۈزەل ئەلھەمبىرا "دەپ بىر تېما يوللىسام ،مۇنبەردە نادىر تېما بۇلۇپ باھالانغان ئىدى. يېقىندا ئەلھەمبىرا ئوردىسىنىڭ شۇنداق سۈزۈك فىلىمىدىن بىرنى تاپقان ئىدىم ،شۇ فىلىمگە ئاشۇ تېمىنى كىزگۈزۈپ قىسقىغىنا خەتلىك فىلىم قىلىپ ئىشلەپ چىقتىم .كونىلارنىڭ "ئوغۇل بالىغا يەتمىش ئىككى ھۈنەر ئازلىق قىلىدۇ "دىگەن گېپى بار ئىكەن ،قانداقلا بولمىسۇن مۇشۇ خەتلىك فىلىم ئىشلەشنى ئۆگىنەي دەپ بەل باغلىدىمدە ،بىز كۈن ئولتۇرۇپ مۇناسىۋەتلىك يازما -تېمىلارنى ئۇقۇپ ،يۇمشاق دىتاللارنىڭ ھەممىسىنى سىناپ دىگەندەك ئاخىرى بۇ ھۈنەرنىمۇ ئۆگىنىۋالدىم .گەرچە ئاسما خەت ھۆججىتى دىگەندەكلەرنى تەرجىمە قىلىش ،ياكى بىر تەرەپتىن ئاڭلاپ يېزىش دىگەنلەر ئانچە تەس بولمىسىمۇ فىلىم بىلەن يېزىقىنى بىرلەشتۈرۈش خېلى مەسلە ئىكەن ،بەزى يۇمشاق دىتاللاردا ئۇيغۇرچىنى تازا قوللىمىغانلىقتىن ،كىرىشتۈرگەن فىلىمدىكى خەت نورمال كۆرۈنمەيدىكەن.
يوكۇ تورىغا ئىشەك ھارۋىسىدا يۈك توشۇغاندەك شۇنداق تەستە چىقارسام ،ئەڭ سۈزۈك ئېنىقلىقتىكى 500MBلىق فىلىمنى 50نەچچە MBلىق قىلىپ قويغان ئوخشايدۇ ،ئەگەردە تور سۇرىتىڭىز ياخىشى بولسا يۇقىرى ئېنىقلىىقتىكىنى كۆرۈشنى تاللاپ قۇيۇپ بېقىڭ .ئەگەردە ئۆزىنىڭ تەرجىمە فىلىم تورىغا چىقىرىپ قۇيۇشنى خالايدىغانلار بولسا سۈزۈك نۇسخىسى بىلەن تەمىنلەيمەن.
فىلىمدىن كەسمە رەسىملەر
تۆۋەندىكى فىلىم دۇنيا ئىسلام بىناكارلىقىدىكى ئەڭ نادىر ئىمارەتلەرنىڭ رەسىملىرىدىن كىرىشتۈرۈلگەن .ئەڭ سۈزۈك ئېنىقلىقىتا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا perfume تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-18 06:08 PM
|
|
|
|
|
|