|
|
|
|
جەننەت كەبى ئەلھەمبىرا
ئەلھەمبىرا ئەرەپچە سۆز بۇلۇپ ،ئەسلى مەنىسىدە ئاياللىق سۈپەتكە ئىگە "قىزىل" نەرسىنى بىلدۈرىدۇ.ئەلھەمبىرا ئوردىسىنىڭ تۇلۇق ئىسمى كالات ئەلھەمبىرا (ئەرەپچە قەلئەتۇل ئەلھەمبىرا _ قىزىل قەلئە) ،بۇ يەر ھازىرقى ئىسپانىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئەندەلۇسىيە ئۆلكىسىدىكى گىرنادا شەھىرىگە جايلاشقان قەلئەسىمان ئوردا.ئەلھەمبىرا ئوردىسى 14-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ،ئەندەلۇستا ھۆكۈم سۈرگەن گىرنادا ئەمىرلىكىنىڭ مور ھۆكۈمرانلىرى تەرىپىدىن گىرنادا شەھىرىنىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى ئەسسەبىكا تېغى ئۈستىگە سالدۇرۇلغان.
ئەلھەمبىرا ئوردىسىنىى ئىسپانىيەدە ھۆكۈم سۈرگەن ئەڭ ئاخىرقى مۇسۇلمانلار سالغان. بۇ يەر 1492 -يىلى كاتولىك فىئوداللار تەرىپىدىن قايتا ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن ،بىر قسىمى خىرىستىئانلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن.نەچچە ئەسىرلىك بۇزغۇنچىلىقلاردىن كېيىن ،19-ئەسىردە ياۋروپا ئالىملىرى ۋە سەيياھلىرى تەرىپىدىن "بايقىلىپ "،قايتا رىمونىت قىلىپ ئوڭشىتىلغان.ئۇ ھازىر ئىسپانىيەدىكى ئەڭ مۇھىم ۋە داڭلىق بولغان ئىسلامى ئىمارەتلەرنى ۋە ئۇنڭغا يانداش سېلىنغان 16-ئەسىردىن كېيىنكى خىرىستىئان قۇرۇلۇشلىرى ۋە باغچىلىرىنى كۆرگەزمە قىلىدىغان ئەڭ ئاساسلىق ساياھەت نۇقتىسى.ئەلھەمبىرا نۇرغۇنلىغان ناخشا شېئىرلاردا مەدھىيلەنگەن جاي بۇلۇپ ،ب د ت پەن مائارىپ تەشكىلاتى تەرىپىدىن دۇنيا مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.
بۇ ئوردا سىرتقى كۆرۈنىشىدىن ئانچە گۈزەلدەك كۆرۈنمەيتى،ياۋروپادىكى قەلئەلەردىنمۇ ئانچە پەرىقلىنىپ كەتمەيتى،ئەمما ئۇنىڭ ئىچىگە كىرگەن كىشى مىھراپچە ئەگمىلەر ،قۇيۇق ئۇيۇلغان گۈزەل نەقىشلەر ئارىسىدا جەننەت كەبى ئەلھەمبىرانى كۆرەتتى،بەلكىم بۇنداق ئۇسلۇپ بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئالاھىدىلىكىمىز بولسا كېرەك ،خۇددى قەشقەردىكى چاسا كوچىسىدىكى ئۆيلەر باشقا ئۇيغۇر ئۆيلىرىدىن پەرىقلەنمەيدىغاندەك كۆرۈنسىمۇ ،ئۇ ھويلىلارنىڭ ئىچىگە ،مېھمانخانا ئۆيلىرىگە كىرگەندە ،تامدىكى تەكچە ئۇيۇقلار ۋە ئۇنىڭغا تىزىلغان نەرسىلەرنىڭ گۈزەللىكى ،يەردىكى گىلەملەرنىڭ زوق شوقلىرىدىن ئۆزىنى خان سارىيىدا ئولتۇرغاندەك ھېسقا كەلتۈرەتتى....
مور شېئىرلىرىدا بۇ ئوردا "يېشىل زۇمرەت ئۈستىگە قادالغان مەرۋايىت "دەپ تەسۋىرلىنىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ياپيېشىل چىمەنزارلارنى ۋە ئىمارەتنىڭ ئاق رەڭگىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ.ئەلھەمبىرا باغچىسى ئەسلى ياۋاگۈللەر ئۆسىدىغان بىر چىملىق بۇلۇپ ،كېيىن مور خەلقى بۇ يەرلەرگە ئەتىرگۈل ،ئاپلىسىن ۋە قىزىل مىرتا چاتقاللىرىنى تىككەن،بۇ باغچىنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى بۇلۇپ ،1812-يىلى كېنەز دۇكى تەرىپىدىن تىكتۈرۈلگەن ئەنگىلىيە قارىياغاچلىرى باغچىغا باشقىچە تۈس قوشقان.باغچىدا نۇرغۇنلىغان تۇمۇچۇق ۋە باشقا قۇشلار ئۇۋا ياسىغان ،قۇشلارنىڭ ساز مۇڭلىرىغا جۆر بولغاچ ئەتراپتىكى فونتان ۋە كىچىك شارقىراتمىلاردىن كەلگەن شىلدىر شىلدىر سۇ ئاۋازى كىشىنى باشقىچە بىر دۇنياغا باشلاپ كىرەتتى.
ئەلھەمبىرا ئۇزۇن ۋاقىت تاشلىنىپ قالغان ۋە خىرىسىئانلارنىڭ تالان تاراج قىلىشىغا ئۇچرىغان ،كىيىنكى دەۋىرلەردىكى خاتا ئۇسلۇپتا قايتا رىمونىت قىلىپ ئوڭلانغان بولسىمۇ ،كوردابادىكى چوڭ مەسچىتكە سېلىشتۇرغاندا يەنىلا ياۋروپادىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇسۇلمانلار سەنئىتىنىڭ بۈيۈك نامايەندىسى سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالغان.ئوردىدىكى كۆپلىگەن قەسىر سارايلار چاسا قورو شەكلىدە بۇلۇپ ،بارچە ئۆيلەرنىڭ ئىشىكى مەركىزى ھويلىغا قاراپ ئېچىلىدۇ.باشقا ھويلىلارمۇ مۇشۇنداق چاسا قورو شەكلىدە ئەسلى ھويلىغا يانداش قىلىپ سېلىندۇ.گەرچە بۇ قورو باغلارنىڭ چوڭ كىچىكلىكى بىر بىرىگە ئوخشىمىسىمۇ ،تار كارىدور ۋە كىچىك دەھلىزلەر بىلەن تۇتۇشۇپ تۇرىدۇ.
بۇنى نىمىكىن دەپ قالما ڭ،شۇنداق نەپىس ئىشلەنگەن گۈمبەزسىمان تۇرۇس
ئەلھەمبىرا بۇ ئوردىدا تۇرغان ئوخشىمىغان مۇسۇلمان ھۆكۈمرانلار تەرىپىدىن كىڭەيتىپ ياسالغان.ئەمما ،ھەر بىر يېڭى سېلىنغان قەسىر_سارايلار "زېمىندىكى جەننەت "تېمىسىنى ئاساس قىلغان.ھەممە يەرگە نەقىشلىك يۇمىلاق تۈۋرۈكلەر ،چەشمە بۇلاقتەك سۇ ئېقىپ تۇرغان فونتانلار ۋە ئۆز ئەكسىنى ئەينەكتىن سۈزۈك كۆرگىلى بۇلىدىغان كۆللەر چىقىرىلغان.ھەر بىر ھۇجرىدا سىرتقى مەنزىرە ناھايىتى ئادەتتىكىدەك،كۈن نۇرى ۋە شاماللارنىڭ تەسىرىدە ئەينى دەۋىردە كۆپلەپ ئىشلىتىلگەن كۆك،قىزىل ۋە زەپەدەك سېرىق رەڭلەر ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئۆڭۈپ كەتكەن ئىدى.
سارايلانىڭ بىزىلىشى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يۇپۇرماق گۈللىرى،ئەرەپچە ھۆسىنخەتلەر ،قۇرئان ئايەتلىرى ۋە مۇرەككەپ گىئومىتىريىلىك نەقىشلەرنىلا ئاساس قىلغان ئەرەپچە ئۇسلۇپتە زىننەتلەنگەن ئىدى.سىرلانغان چىنە قىشلار تاملارغا كۆپلەپ ئىشلىتىلگەن ئىدى.
ئەلھەمبىرا ئوردىسىنىڭ پۈتۈن قۇرۇلۇشىغا ئۇمۇميۈزلۈك پىلان يوق ئىدى،شۇڭا ئۇنىڭ ئۇمۇمى لايىھەلىنىشىدە مۇستەقىل پىرىنسىپ يوق.شۇنداق قىلىپ بۇ ئوردا نۇرغۇنلىغان دەۋىرلەرنى باشتىن كەچۈردى.ئەسلى 9-ئەسىردىكى شەھەر قەلئەسىدىن 14-ئەسىردىكى مۇسۇلمانلار ئوردىسىغا ئايلاندى.16-ئەسىردە چارلىز بەشنىڭ قەسىرى بولدى.
ئوردىنىڭ زىننەتلىنىشى مور ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا تىپىك ئابباسىيلار بىناكارلىق ئۇسلۇبىدا سېلىنغان بۇلۇپ ،ۋىزانتىيە ئۇسلۇبىغا ئەڭ ئاز ئۇچرىغان ۋە بۈيۈك ئەندەلۇس سەنئىتىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن ئىدى.سەنئەت ھۈنەرۋەنلىرى ناسىرىدلار زامانىدا ئۆزگىچە ئۇسلۇب يارتقان ئىدى.ناسىرىدلار ئىبىرىيە يېرىم ئارىلىدىكى سەككىز ئەسىر ئىسلام زامانىدا ياراتقان ۋە تەرەققى قىلدۇرغان بارلىق سەنئەت بىناكارلىق شەكىللىرىنى قوللانغان ئىدى. مىھراپچە ئەگمىلەر ،ئەلموھەد روجەك-پەنجىرلىرى ،مورابىتلار خورمىلىرى ھەممە يەردە كۆزگە چېلىقىپ تۇراتتى.
تۈۋرۈكلۈك ،تورۇسى سىتالاكىت تېشى بىلەن زىننەتلەنگەن قەسىرلەر ،ئەرەب ئۇسلۇبىدا بېزەلگەن ،ھۆسىنخەتلەر يېزىلغان قەسىرلەر كۆپ ئىدى.
ئادالەت تۈۋرۈكى _1348-يىلى سۇلتان يۈسۈف تەرىپىدىن ئەلھەمبىرانىڭ ئەسلى كىرىش ئىشىكىگە تەرەپتە قەد كۈتۈرگەن.
ئەل ئەندەلۇس ئەرەپچىدە "ياز ئاخىرىدىمۇ ياپيېشىل تۇرىدىغان جاي "دىگەن مەنىگە ئىگە سۆز بۇلۇپ ،مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن فەتىھ قىلىنغان جەنۇبى ئىسپانىيەنىڭ ئەلمەرىئا ،مالاگا،كادىز ،ھۇئىلۋا،سىۋۋىلا ،كوردابا ۋە گىرنادا شەھەرلىرىنى كۆرسىتىدۇ.بۇ مەدەنىيەت 8-ئەسىردىن 14-ئەسىرگىچە بولغان يەتتە ئەسىرنى ئاتلاپ ئۆتكەن.مىلادى 711-يىلى جەڭگىۋار ئەرب قۇشۇنلىرى جەبىلتارىق بوغۇزىدىن ئۆتۈپ ،ئىبىرىيە يېرىم ئارىلىنىڭ (ھازىرقى ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيە) كۆپ قىسىم رايونىنى فەتىھ قىلدى.مۇسۇلمانلار فەتىھ قىلىنغان ئىبىرىيە يېرىم ئارال رايونى ئەل ئەندەلۇس دەپ ئاتالدى.ئەندەلۇس دائىم ئەندەلۇسىيە دەپ تىلغا ئېلىنىپ پورتۇگالىيە ،جەنۇبى فىرانسىيە ۋە بەلېرىك ئاراللىرىنمۇ ئۆز ئىچىگە ئالاتتى.ئۈچ يىل ئىچىدە مۇسۇلمانلار پۈتۈن يېرىم ئارالنى ئىگەللىدى.مۇسۇلمانلار سىسىلىدىن ئۆتۈپ ،1091-يىلى نورمانلارغا يېڭىلىپ قالغانغا قەدەر ئۇ يەردە 130 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.مۇسۇلمانلار فىرانسىيەنىڭ بىر قىسىم جايلىرىغىمۇ ھۆكۈمرانلىق قىلدى،ئەمما ناھايىتى تېزلا چارلىز مارتىل تەرىپىدىن يېڭىلىپ قالدى.شۇنىڭ بىلەن بۈيۈك ئىسلامنىڭ ياۋروپانىڭ تېخىمۇ ئىچكىرىسىگە تارقىلىشى مۇشۇ يەردە توختىدى.ئەندەلۇسقا بارغان ۋە ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان مۇسۇلمانلار مورلار (قارا )دەپ ئاتالغان بۇلۇپ ،بۇ بىر سەلبى ۋە پاسسىپ ئاتالغۇ بۇلۇپ ماراكەشتىن كەلگەن خەلىقنى كۆرسىتەتتى.ئەمما مۇسۇلمانلار ئۆزىنى بۇنداق ئاتىمايتى.
مۇسۇلمانلار بۇ يەردىن كەتكەندىن كېيىىن ،بۇ ئوردىغا خىرىستىئانلارنىڭ تامغىسى بېسلىدى،ئەمما ئۇلار ئىزنى ئۆچۈرەلمىدى.ئەلھەمبىرا ئوردىسىدا ئەڭ كۆزگە چېلىقىدىغىنى نەقىشلەر ئارىسىغا قىستۇرۇلغان "ۋەلا غالىب ئىللەللاھ"_ئاللاھ ھەممىدىن غالىپتۇر،ئىدى.
بۇ ئەسەرنى تەرجىمە قىلىش ھەرگىزمۇ بۇ ئوردىنىڭ قانچىلىك ھەشەمەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەمەس بەلكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھنىڭ ھىدايىتى بىلەن ياراتقان سەلتەنەتلىك تارىخنى ئەسلەش ۋە قان –ياشلىق قىسمەتلەردىن ئىبرەت ئېلىش.ئەندەلۈس _ سەككىز ئەسىرلىك ئىسلام دۆلىتى قولدىن كەتتى ،ئۇ يەردە قالغان مۇسۇلمانلار خىرىستىيانلارنىڭ ۋەھشى قىرغىن قىلىشىغا ئۈچرىدى،ئوردىلار تالان تاراج قىلىندى ،مەسچىتلەر چېركاۋغا ئۆزگەرتىلدى......
ئىنگىلىزچىدىن مۇئەتتەر تەرجىمىسى
پايدىلانغان مەنبەلەر:ئىنگىلىزچە ۋىكى ئىنسىكىلوپىدىيەسى
ئىسپانىيە مۇسۇلمانلىرى تورى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا perfume تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-3-10 10:16 PM
|
|
|
|
|
|