مۇنەۋۋەر پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەش-ئۆسۈپ يىتىلىش ۋە تۇرمۇش قىسمى
ئۆسۈپ يىتىلىش قىسمى:
1. بالىڭىزغا ئازراق شەخسىي بوشلۇق بېرىڭ.
2. بالىڭىزغا تاللاش پۇرسىتى ۋە ھوقوقى بېرىڭ.
3. بالىڭىز ئۆزىنىڭ ھەمراھى ۋە دوستىنى ئۆزى تاللىسۇن.
4. بالىڭىز ئۆزى خالىغان ئىشنى قىلسۇن.
5. بالىڭىزغا قۇربى يېتىدىغان ئائىلە ئىشلىرىنى قىلدۇرۇڭ. مەسىلەن: ئۆزىنىڭ كىر قاتلىرىنى ئۆزى يۇيۇش،چاي قاينىتىش دېگەندەك. بالىڭىز ئۆزىنىڭ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتسۇن.
6. بالىڭىز ئۈچۈن بىركۆرگەزمە تەكچىسى تەييارلاپ بېرىڭ، بالىڭىز ئۆزى ياسىغان نەرسىلەرنى قويۇپ قويسۇن.
7. بالىڭىز ئوتتۇرىغا قويغان دۇرۇس مەسىلە ۋە كۆز قاراشلارغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىڭ.
8. بالىڭىزنى چوڭ ئادەمدەك كۆرۈڭ، ئۇنىڭ بىلەن باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇڭ، بالىڭىزنى دوست قاتارىدا كۆرۈڭ.
9. بالىڭىزنىڭ كىچىككىنە ئىلگىرلەشلىرىنىمۇ ۋاختىدا بايقاڭ، بالىڭىزنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىدىن ھوزۇرلىنىشنى بىلىڭ.
10. بالىڭىزغا مەن سىزنى سۆيىمەن، سىز مېنىڭ جىنىم. دېيىشنى ئۇنۇتماڭ.
11. بالىڭىزنى ھەمىشە سۆيۈپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ، ئۇنى قۇچاقلاڭ، بېشىنى سىلاپ قويۇڭ، بالىڭزىغا مۇھەببىتىڭىزنى بىلدۈرۈڭ.
12. ھەر ۋاقىت ئۇنىڭ ئىلگىرلىشىگە دىققەت قىلىڭ، ھەم ئىلگىرلىگەنلىكىنى ئۆزىگە بىلدۈرۈپ قويۇڭ.
13. بالىڭىز بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇڭ، بالىڭىزنى چۈشۈنىڭ، بالىڭىزغا ھەمرا بولۇڭ.
14. بالىڭىزغا دۆت دەپ ماركا چاپلاپ قويماڭ.
15. بالىڭىزنىڭ دەرت –ئەلىمىنى زىھىن قويۇپ ئاڭلاڭ.
16. بالىڭىزنى سەمىمىي ماختاشنى ئۆگىنىۋىلىڭ، ئەرمەك ھايۋانلىرىڭىزنى سەن بەك ئەقىللىق دەپ ئەركىلەتكەندەك ساختا ماختىماڭ.
17. بالىڭىزغا ھەمىشە ئۆزىنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن بىللە بولىدىغان پۇرسەت يارىتىپ بىرىڭ.
18. بالىڭىزنىڭ جىسمانى جەھەتتىكى ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈڭ، ھېسسىيات جەھەتتىكى ئېھتىياجىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈڭ.
19. بالىڭىزنىڭ ئاۋۋال ئادەم بولۇشىنى ئاندىن ياراملىق ئادەم بولۇشىنى ئىزدەڭ، چۇنكى تەربىيىنىىڭ تۈپ مەخسىتى بىجىرىم ئادەم تەربىيىلەشتۇر.
20. تۇرمۇشتا بەزى قىيىنچىلىقلارنى پىلانلاپ بالىڭىز بىلەن بىللە باشتىن كەچۈرۈڭ.
21. بالىڭىزنى ئىمكانقەدەر چوڭلارغا تايىنىۋالماسلىققا رىغبەتلەندۈرۈڭ.
22. بالىڭىزنىڭ قانداق دوستلىرى بارلىقىنى چۈشىنىڭ، بۇ ئىنتايىن مۇھىم.
تۇرمۇش قىسمى
1. بالىڭىزغا ئازراق پۇل بېرىڭ، ئىقتىساد باشقۇرۇشنى ئۆگەنسۇن.
2. بالىڭىزنىڭ ماقۇللۇقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى ۋە خەت چەكلىرىنى كۆرمەڭ.
3. بالىڭىز بىلەن بىللە ساياھەتكە چىقىڭ.
4. ئۇخلاشتىن بۇرۇن بالىڭىزغا ھىكايە سۆزلەپ بېرىڭ، بالىڭىز خۇشال ھالدا ئۇيقىغا كىرىشسۇن.
5. بالىڭىزغا ئوينىشى ئۈچۈن بىر ئۆي ياكى بىر ئۆينىڭ ئازاراق قىسمىنى ئاجرىتىپ بىرىڭ.
6. ئەگەر شارائىت بولسا ھەر كۈنى كەچلىك تاماقتىن كىيىن سىرىتقا چىقىپ بىللە ئايلىنىپ كېلىڭ.
7. خۇشاللىقىڭىز بولسا بالىڭىز بىلەن ئورتاقلىشىڭ.
8. بالىڭىزغا كۈلۈپ بىرىڭ، بالىڭىزنىڭمۇ ھەمىشە مۇشۇنداق كۈلىشىنى ئارزۇ قىلىڭ.
9. بالىڭىزنى جەمئىيەتنىڭ ئوخشاش بولمىغان قاتلىمىدىكى بالىلار بىلەن نورمال مۇناسۋەت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈڭ.
10. بالىڭىزنى ھەر خىل ياشتىكى كىشىلەر بىلەن ئەركىن ئالاقە قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈڭ.
11. بالىڭىز ئۈچۈن ئوينايدىغان بوشلۇق ۋە ۋاقىت چىقىرىپ بىرىڭ.
12. بالىڭىزغا ۋېلىسىپىت مېنىشنى، سۇ ئۈزۈشنى ئۆگۈتۈڭ. بۇلارنىڭ ھەممىسى جەمئىيەتكە قەدەم قويۇشتىكى ئاساسىي ئىقتىدارلار.
13. ھەر كۈنى سەھەردە بالىڭىز بىلەن سالاملىشىڭ، بالىڭىزغا يەنە بىر گۈزەل كۈننىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇڭ.
14. ئېسىڭىزدە شۇنى چىڭ تۇتۇڭكى، ئەر ئاياللار ئۇرشۇپ قالغان ئەھۋالدا ئەتراپىڭىزدا بالىڭىز چوقۇم يوق بولسۇن،بالىڭىز بار يەردە ئۇرۇشۇشقا قەتئى بولمايدۇ.
15. بالىڭىزغا بەك كۆپ ماددى مىراس قالدۇرماڭ، ئۇنىڭغا ساغلام بەدەن، ساغلام پىسخىكا ۋە خۇشال خۇرام ھايات ئاتا قىلىڭ.
16. ھەر كۈنى ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ بالىڭىزدىن: بۈگۈن سىز خۇشالمۇ؟ دەپ سوراپ تۇرۇڭ.
17. نۇقتىلىق تۈردە بالىڭىزنىڭ تۇرمۇش ئىقتىدارى ۋە ھەرىكەت ئادىتىنى يېتىلدۈرۈڭ.
18. ئازراقلا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن باغلىنىشلىق بولىدىكەن، بالىڭىزنى ئۆي ئىچىنى ياكى ئۈستەل ئۈستىنى قالايمىقان قىلىۋىتىپسىز، دەپ ئەيىپلىمەڭ.
19. ئاتا – ئانىڭىز ۋە قېينى ئاتا، قېينى ئانىڭىزغا ۋاپادارلىق قىلىشتا بالىڭىزغا ئۈلگە بولۇڭ.بالىڭىز ئائىلىسىنىڭ مۇھەببەتكە تولغانلىقىنى ھېس قىلسۇن.
20.جۆرىڭىز بىلەن ئۆز ئارا يول قويۇشۇڭلار، ئۆز ئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىشىڭلار كېرەك.
21. بالىڭىزغا ھەددىدىن زىيادە كۆيۈنۇپ كەتمەڭ. ئۆز ئىشىنى ئۆزى قىلسۇن، بالىڭىزنىڭ ئۆز ئۆزىنى مەركەز قىلىدىغان يامان ئادەت يىتىلدۈرۋىلىشىدىن ساقلىنىڭ.
22. بالىڭىزغا ھەددىدىن زىيادە يىقىنلىشىپ كەتمەڭ، بالىڭىز ئۆزىنىڭ تەڭتۇشلىرى بىلەن كۆپرەك ئالاقىلاشسۇن، بالىڭىزنىڭ يالغۇزلۇقنى خالايدىغان غەلىتە پىسخىكا يىتىلىدۈرىۋىلىشىدىن ساقلىنىڭ.
23. بالىڭىز نېمە دېسە شۇنى ئېلىپ بەرمەڭ، بالىڭىزغا ئەمگەك بىلەن ئېرىشىشنىڭ، مەسئۇلىيەت بىلەن مەجبۇرىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى بىلدۈرۈڭ. بالىڭىزنىڭ تەييارغا ھەييار بولىدىغان پىسخىكا يىتىلدۈرۋىلىشدىن ساقلىنىڭ.
24. تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىق ۋە ئائىلىدىكى بەزى چوڭ ئىشلاردا بالىڭىز بىلەن مەسلىھەتلىشىڭ.
25. بالىڭىزغا بولغان مۇھەببىتىڭىز تۇراقلىق بولسۇن، ھېلى بار، ھېلى يوق، ھېلى قىزغىن ، ھېلى سۇس بولۇپ قالمىسۇن.
ئەسلى مەنبەسى: ئىنتېرنىت تورىدىكى مۇنەۋۋەر پەرزەنتلەر مۇنداق تەربىيىلىنىدۇ دىگەن ماقالە،تىما ئىگىسىنىڭ كىملىكى ئىنىق بولمىسىمۇ ماقالە مەزمۇنى ئەمىلى پايدىلىنىشچانلىققا ئىگە ئىكەن دەپ قاراپ ،تەرجىمە قىلىپ تورداشلارغا سۇندۇم.
ئالىمجان مەخمۇت (ساغلام)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا saghlam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-16 11:38 PM