مۇنەۋۋەر پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەش-تەربىيە قىسمى
1.ھەر كۈنى يىرىم سائەت ۋاقىت چىقىرىپ بالىڭىز بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇڭ.
2.بالىلىرىڭىز بىلەن ئۆي ئىچىدىمۇ «ئەسسالامۇئەلەيكۇم،خەيىرلىك سەھەر،تەشۇككۇر،رەخمەت ،ئاللاھقا ئامانەت›دىگەندەك مەدىنى سۆزلەرنى ئىشلىتىڭ.
3.بالىڭىزغا تازىلىقنى سۆيىدىغان ياخشى ئادەت يىتىلدۈرۈڭ.
4.بالىڭىزنىڭ گەپ-سۆزىنى سەۋىر-تاقىتىڭىز بىلەن ،مۇھەبىتىڭىز بىلەن،خۇشاللىق بىلەن ئاڭلاڭ،چۈنكى كۆڭۈلنىڭ كۆزى بار.
5.بالىڭىزنى ئەسكەرتىمەن دەپ ،ھەمىشە ئۇنىڭ يېغىرىنى تاتىلىماڭ.
6.بالىڭىزنىڭ خاتالىقىنى كەسكىنلىك بىلەن كۆرسىتىپ بىرىڭ.
7.بالىڭىزغا ھەمىشە چىرايىڭىزنى پۈرۈشتۈرۈپ يۈرمەڭ،بالىڭىز بىلەن بىللە كۆپرەك خۇشال كۈلۈڭ،چۈنكى كۈلكە ئاۋازى بالىلارنى تۇرمۇشنى تىخىمۇ قىزغىن سۆيىدىغان قىلىدۇ.بالىڭىزنى ئىشلارغا ئاكتىپ،قىزغىن مۇئامىلە قىلىش جەھەتتە يىتەكلەڭ.
8.بالىڭىزغا ھىكايە سۆزلەپ بىرىڭ،تاقەتلىك بولۇڭ،ھىكايىنىڭ چوقۇم تەربىيىۋى ئەھمىيىتى بولسۇن.
9.ئەينى چاغلاردا ئۆزىڭىز ئىشقا ئاشۇرالمىغان غايىلىرىڭىزنى بالىڭىزغا تېڭىپ ئىشقا ئاشۇرۇشقا مەجبۇرلىماڭ.
10.بالىڭىزغا كۆيۈنۈڭ،مۇۋاپىق چاغدا مۇۋاپىق شەكىلدە جازالاشمۇ زۆرۈر،بالىڭىزنىڭ يىتەرسىزلىكىنى قوغدىماڭ.
11.تەربىيىلەشنىڭ ھەممىسسلا پىرىنسىپ سۆزلەش بولۇشى ناتايىن،،بەزىدە مۇۋاپىق يوسۇندا قاتتىق قول تەدبىر قوللانسىمۇ بولىدۇ.
12.بالىڭىزنىڭ ئىپادىسىگە بىرلەشتۈرۈپ،ھەر كۈنى بالىڭىزنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىشىگە ئائىت بىر مەسىلىنى تەپەككۇر قىلىپ تۇرۇڭ.
13.بالىڭىزغا سەنئەت تەربىيىسى ئىلىپ بىرىڭ،بالىڭىزدا گۈزەللىككە باھا بىرىدىغان قىزىقىش يىتىلدۈرۈڭ.
14.بالىڭىزنى گۆدەكلىك مەزگىلىدە ئاتا-ئانىڭىز بىلەن ئۇزاققىچە بىللە تۇرغۇزماڭ، بۇخىل ئەھۋال تەربىيىلەشكە پايدىسىز،بەلكىم ئىلمى ئاساسى يوقتۇر،ئەمما ئەمىلى قوللۇنۇشچانلىغى بار.
15.بالىڭىزنى ئاقكۆڭۈل قىلىپ تەربىيىلەڭ.ئەسكىلىكنى كىچىك كۆرۈپ قىلىشقا،ئاقكۆڭۈللىكنى كىچىك كۆرۈپ قىلماسلىققا بولمايدۇ.
16.بالىڭىزغا كۈلىمسىرەشنى ئۈگۈتۈپ قويۇڭ،تۇرمۇشتىكى بارچە ئىشلارغا، ھاياتلىققا كۈلۈمسىرەپ مۇئامىلە قىلىدىغان بولسۇن.
17.بالىڭىزغا قالايمىقان تىلەك بىلدۈرگۈزمەڭ،ۋەدە بەرگەن بولسىڭىز چوقۇم بارچە تەدبىر قوللۇنۇپ ئورۇنلاپ بىرىڭ.
18. بالىڭىزنىڭ ئويلىغانلىرىنى،قىلغانلىرىنى بالىڭىزنىڭ نۇختىسىدا تۇرۇپ ئويلاپ بىقىڭ ،مەن بالامنىڭ ئورنىدا بولسام قانداق قىلار بولغۇيتۇم دىگەننى ئويلۇشۇڭ.
19.بالىڭىزغا ئازراق بوشلۇق ۋە ئەركىنلىك بىرىڭ،شۇنداقلا يەنە بەلگىلىك بىسىم ۋە مەسئۇلىيەتمۇ بولسۇن!
20.بالىڭىزغا ئۆزىنىڭ ئەسلىدىنلا ناھايىتى ئوماق ئىكەنلىگىنى،قەستەن ئۆز-ئۆزىنى كۆسىتىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى يوقلۇغىنى چۈشەندۈرۈڭ.
21.ھەرگىزمۇ بالىڭىزنى باشقا بالىلاردىن ناچاركەنسىز دىمەڭ.
22.بالىڭىزنى تىل-دەشنام بىلەن جازالىماڭ.
23.بالىڭىزنىڭ ماختاشقا تىگىشلىك ئىشلىرى ئۈستىدە كۆپرەك ئىزدىنىڭ.
24.بالىڭىزنى قورقۇتماڭ،بالىڭىزنىڭ زىيادە قورقۇنچاق،يۈرەكسىز بولۇپ قىلىشىدىن ساقلىنىڭ.
25.بالىڭىزنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئەيىپلىمەڭ،مازاق قىلماڭ، بالىڭىزنىڭ پىسخىكىسىدا ئۆزگۈرۈش بولۇپ قىلىشىدىن ۋە ئۆز-ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقۇتۇپ قويۇشىدىن ساقلىنىڭ.
26.بالىڭىزغا بەك قاتتىق قول بولماڭ،بالىڭىزنىڭ بەكلا قورقۇپ كەتكەنلىكتىن ئۆزىنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ئىپادىلەشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان ۋە خىجىل بولىدىغان بولۇپ قىلىپ ئىچى-تىشى بىردەك بولمايدىغان خارەكتىر يىتىلدۈرىۋىلىشىدىن ساقلىنىڭ.
27.بالىڭىزنى بەكلا ئاشۇرۇپ ماختاپ كەتمەڭ.بالىڭىزنىڭ ماختانچاق بولۇپ قىلىشىدىن ساقلىنىڭ.
28.بالىڭىزغا ئەسكى ئىش قىلىشقا بىشارەت بەرمەڭ.مەسىلەن،ئۇرۇشقاندا چوقۇم ئۇرۇۋىلىپ قايتىپ كىلىش كىرەك،ئۆزىنىڭ نەرسىسىنى باشقىلارغا بەرمەسلىك كىرەك،ئاپتۇبۇسقا چىققاندا بىلەت ئالمىسىمۇ بولىدۇ دىگەندەك.
29.بالىڭىز قەلبىدە توغرا بولغان ئۈلگە كۆزقارىشىنى تىكلىسۇن.
ئەسلى مەنبەسى: ئىنتېرنىت تورىدىكى مۇنەۋۋەر پەرزەنتلەر مۇنداق تەربىيىلىنىدۇ دىگەن ماقالە،تىما ئىگىسىنىڭ كىملىكى ئىنىق بولمىسىمۇ ماقالە مەزمۇنى ئەمىلى پايدىلىنىشچانلىققا ئىگە ئىكەن دەپ قاراپ ،تەرجىمە قىلىپ تورداشلارغا سۇندۇم.
ئالىمجان مەخمۇت (ساغلام)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا saghlam تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-13 12:55 AM