مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: HY@Li

شاگىرىتلىق كۈنلەر (پوۋسىت) مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيتىگە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87592
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1091
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 272 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2014-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 11:13:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                           ※             ※
   تۈنۈگۈن كەچتىن باشلاپ يىغىۋاتقان قار،بۈگۈنمۇ توختىماي لەپىلدەپ ياغماقتا.ناھىيە بازىرىنى ئاپئاق لىباسقا ئورىغان بۇ خاسىيەتلىك قار،كىشىلەرگە بىر خىل خۇشاللىق ئاتا قىلماقتا.شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ تېنىنى جۇغۇلتاقماقتا.سىرىتتا ئادەملەر ئاز،كىرا ماشىنلىرىمۇ ئاندا-ساندا ئۇچراپ تۇرىدۇ.ھۈنەرۋەن- كاسىپلارنىڭ ئوقۇتى،دۇككاندارلارنىڭ سودىسى بىراقلا پەسلەپ كەتتى.
  مۇسا،ئىلى،يىڭى كەلداخۇنلار ئەتىگەن  بىر پارچە گىردە،ئۇنۇڭدىن كېيىن بىر پارچە ھەمەك نان چىقىرىپلا،تونۇرنىڭ ئوتىنى توختاتتى.چۈنكى بۇ ئىككى تونۇرنىڭ نېنى سېتىلماي شۇ پىتى تۇراتتى.  
-ئۇستام تېخىچە كىرمەيدىغۇ-دېدى ئىلى مۇساغا.
-بىلمەمسەن،كىچىككىنە شامالنىڭ شەپىسىنى سەزسە ئۆيدىن  چىقمايدىغان  ئۇستام،بۇنداق قاردا بوسۇغۇسىدىن ئاتلامتى.  
-مېڭىۋىرەي دېسەم،ھۈنەرنى ئۆگىنىپ بولۇپلا خوش دېمەي كەتكەن يۈزسىز، دېمىسۇن دەپ قالدىم.بولمىسا مېڭىپ بولاتتىم-دېدى ئىلى.
قار ئەتىسى چۈشكە يېقىن توختىغان بولسىمۇ،ئەمەت ناۋاي دۇكانغا كەچكە يېقىن دەسسىدى.ئىلى ئۇستىسى بىلەن خوشلىشىپ ماڭىمەن دەپ ، تۈنۈگۈن  مىڭىپ بولدىغان ئادەم مانا بۈگۈنگە قالدى.ئەگەر ئۇستىسى بۈگۈنمۇ كەلمىگەن بولسا ، يەنە ئەتىگە قالغان بولاتتى.
  -ھەجەپ ياغدى بۇ قار،سودا قانداقراق-سورىدى ،ئەمەت ناۋاي شاگىرتلاردىن.
  -تۈنۈگۈن ئىككى پارچە نان بىلەن ئىشتىن چۈشكەن. بۈگۈن بىر پارچە گىردىنى ئوشۇق چىقاردۇق.ئەگەر بۇ گىردىلەر بالدۇرراق تۈگىسە،يەنە بىر پارچە چىقارساقمىكىن دەيمەن-دېدى مۇسا.  
-بولدى،ئارام ئىلىڭلار.ھەقىچان ئىلى مېڭىشقا تەييارلىنىپ بولدى.ئىلى كەتسە ئىككىڭلار يىتىشەممەيسىلەر-دېدى ئۇستام.
  ئەمەت ناۋاي ئىلىنىڭ خوشلاشماي كەتمەيدىغانلىقىنى بىلگەچكە،تۈنۈگۈن قاردىن قورقۇپ ئەمەس ئىلىنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈن ناۋايخانىغا كىرمىگەن.  بۇنۇڭدىن ئىككى كۈن ئىلگىرى ئىلىنىڭ ئاتا-ئانىسى،ئەمەت ناۋاي،ئايگۈل،مۇسا،ئەمەت ناۋاينىڭ ئىككى بالىسىنى ئۆيىگە مېھمانغا چاقىرىپ، ئەمەت ئۇستامنىڭ رازىلىقىنى ئىلىپ، ئىلىنى دۇككان ئايرۇتقۇزغان.
ئەمەت ئۇستامنىڭ ئاشۇ رازىلىقى بىلەن،ئىلى شاگىرتلىق كۈنلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئۇستاملىق ئۇنۋانىنى ئالدى.
  ئىلى شۇ كۈنى ئۇستىسى بىلەن ناۋايخانىغا يۈك-تاقلىرىنى ئالغىلى كەلگەن.لىكىن مۇسا بۈگۈن قونۇپ قىلىپ ئەتە ماڭغىن دەپ تۇتۇۋالغان.ئەتىسى بولسا قار يىغىپ كېتىپ ماڭالماي،بۈگۈنگە قالغان.  
-شۇنداق ئۇستام،سىلى بىلەن خوشلىشىپ ماڭاي دەپ-ئىلى يەرگە قارىۋالدى.
-ھۈنەرنى ئۆگىنىپ بولدۇم،ئەمدى بۇيەردە نېمە ئىشىم بار دەپ كېتىۋەرمەپسەن-دېدى، ئەمەت ناۋاي .  
-ئۇنداق قىلغىلى بولامدۇ ئۇستام.
ئۈچ يىلدىن ئارتۇق  يىتىپ –قوپۇپ ئۆيسىگە ئوخشاش بولۇپ قالغان،بۇ ناۋايخانىدىن ئايرىلىش ئاسانمۇ.  ئىلى تىشىدا كۈلۈپ تۇرغان بىلەن ،ئىچىنىڭ بىر يەرلىرى  بىر قانداق.بەلكىم بۇ ئۇنىڭ ناۋايخانىغا قىيالمىغانلىقىدىن بولسا كېرەك.بولمىسىغۇ ئەمەت ناۋاي،ئىلىنىڭ ئۆيىدىن ئۇزاپ چىقىۋاتقاندا:
  -ئەمدى سەنمۇ دۇككان ئايرىپ ئۇستام بولدۇڭ.ئايلىقىڭغا سەككىز يۈز كويدىن بەرسەم ،ناۋايخاندا ئىشلەپ قالامسەن-دېگەن.ئىلى ئۆيدىكىلەرگە دەپ باقاي دەپ،جىمىپ كەتكەن.
-ئۇستام،مۇساكا خۇدايىمغا ئامانەت.بىزنىڭ يېزا  تەرەپكە ئۆتۈپ قالساڭلار،  ئۆيگە كىرمەي كەتمەڭلار جۇمۇ-ئىلى بۇ گەپلەرنى ناھايىتى تەستە ئىغىزدىن چىقاردى .
    -سەنمۇ پات –پات كېلىپ تۇر.
ھەممەيلەننىڭ كۆڭلى يىرىم .شۇنداق ،ئۈچ يىلدىن ئارتۇق بىرگە يىتىپ قوپۇپ ،كۈلشۈپ،بەزىدە ماي تارتىشىپ ،بىر ئائىلە كىشىلىردەك بولۇپ كەتكەنلەرنىڭ ئايرىلمىقى ئاسانمۇ.
ئىلى بۇ ناۋايخاننىڭ بوسۇغۇسىدىن تۇنجى قېتىم ئاتلاپ كىرگەندە،بىر بالا ئىدى،  كونىلارنىڭ گىپى بويىچە ئىش كۆرمىگەن  خام ئىدى.ئەمدى ئۇ، بۇ  ناۋايخاننىڭ   بوسۇغۇسىدىن ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئاتلاپ چىقىۋاتقاندا(بەلكىم بۇ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىقى ئەمەستۇ)بولسا،پىشىپ يىتىلگەن ھۈنەرۋەن ئۇستامغا ئايلاندى.
                 تۈگىدى
ئاپتۇرى:تۇرسۇن تۇرغۇن . مىسرانىم مۇنبىرىدىن :خىيالى

بۇ ھاياتتا ئازغۇن،گۇناھكار بولۇشتىن بەك قورقىمەن.ئاللاھ ئىگەم ئىككى دۇنيادا ئەزىز قىلغىن،خار قىلمىغىن.ئازدۇرۇشلاردىن ساقلىغىن؛

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87592
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1091
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 272 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2014-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 11:21:34 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باشقۇرغۇچىلارغا:
ئىنكاس ھالەتتە قايتا يوللاپ قويدۇم. باھالاشقا قاتنىشالامۇ يا بۇ ئەسىرىم؟



بۇ ھاياتتا ئازغۇن،گۇناھكار بولۇشتىن بەك قورقىمەن.ئاللاھ ئىگەم ئىككى دۇنيادا ئەزىز قىلغىن،خار قىلمىغىن.ئازدۇرۇشلاردىن ساقلىغىن؛

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6968
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19844
تۆھپە نۇمۇرى: 671
توردا: 1932 سائەت
تىزىم: 2010-8-20
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 12:18:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇندق ياخشى ئەسەركەن ، ئەمما ئاشۇ يوللىغان تىمىڭىزلا چىققان بولسا تېخىمۇ ياخىشى بولاتتىكەن !  مۇكاپاتقا ئېرشىشڭىزگە تىلەكداشمەن !

بۇ دۇنيادا بەدەل تۆلەيدىغىنى ئەخمەقلەر .............. ھوزۇرلىنىدىغىنى ئالدامچىلار !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90639
يازما سانى: 332
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1124
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 335 سائەت
تىزىم: 2013-1-26
ئاخىرقى: 2014-3-27
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 02:36:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئەسەركەن

كارتون تەرجىمە قىلىشقا يەنە كىم ياردەم بېرىدۇ..

ئۆمۈرلۈك سالىھ ھەمرا !

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67585
يازما سانى: 669
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 7209
تۆھپە نۇمۇرى: 100
توردا: 1737 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 06:05:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىڭىزنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقتىم.
ئېلىنىڭ نان ياقىمەن دەپ قولىنى كۆيدۈرىۋالغان يېرىدە ئىچىم ئاغرىغان بولسا، ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا دۇكان ئايرىپ كىتىش ئالدىدىكى ھېسياتى مىنىمۇ باشقىچە ھالەتكە ئەكىلىپ قويدى.

كۆڭلۈمگە كەلسىمۇ، كۆڭلىدىكىنى بىلىپ باققۇم بار!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77986
يازما سانى: 631
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4714
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 630 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-5-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-19 11:11:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى چىقىپتۇ

ئەلمىساقتىن قەدرى يوقتۇر ياندا بارى ، ئىنسان شۇڭا ئەزەلدىن يوقنىڭ ئىنتىزارى
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش