مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: HY@Li

شاگىرىتلىق كۈنلەر (پوۋسىت) مىسرانىم مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيتىگە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

جېنىم قىزىم مېنىڭ بارلىقىم.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6279
يازما سانى: 1168
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 14164
تۆھپە نۇمۇرى: 890
توردا: 5670 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 01:42:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدىلا «ھاراقكەش كېلىن»نىڭ يوللغانغان قىسمىنى كۆرۈپ بولۇپلا بۇ تېمىنىڭ ماۋزۇسىنى مېنى ئۆزىگە تارتتى، قارىسام خېلى كۆپ ئىكەن، ئاللا خالىسا ئەتە چۈشتىن بۇرۇن ئوقۇپ، پىچەت ئىنكاس يازىمەن. ھازىر ئورۇن ئېلىپ قوياي، ئۆچرەت تەگمەي قالمىسۇن يەنە

ئەر-خوتۇنلار بىر-بىرىگە مەرھەممەت ۋە مۇھەببەت نەزىرى بىلەن قاراشسا، بىر-بىرىگە مۇھەببەت ئىزھار قىلىشسا پۈتۈن گۇناھلىرى بارماقلىرى ئارىسىدىن تۆكۈلۈر.

جېنىم قىزىم مېنىڭ بارلىقىم.

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6279
يازما سانى: 1168
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 14164
تۆھپە نۇمۇرى: 890
توردا: 5670 سائەت
تىزىم: 2010-8-13
ئاخىرقى: 2015-5-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 01:42:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەمدىلا «ھاراقكەش كېلىن»نىڭ يوللغانغان قىسمىنى كۆرۈپ بولۇپلا بۇ تېمىنىڭ ماۋزۇسىنى مېنى ئۆزىگە تارتتى، قارىسام خېلى كۆپ ئىكەن، ئاللا خالىسا ئەتە چۈشتىن بۇرۇن ئوقۇپ، پىچەت ئىنكاس يازىمەن. ھازىر ئورۇن ئېلىپ قوياي، ئۆچرەت تەگمەي قالمىسۇن يەنە

ئەر-خوتۇنلار بىر-بىرىگە مەرھەممەت ۋە مۇھەببەت نەزىرى بىلەن قاراشسا، بىر-بىرىگە مۇھەببەت ئىزھار قىلىشسا پۈتۈن گۇناھلىرى بارماقلىرى ئارىسىدىن تۆكۈلۈر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87592
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1091
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 272 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2014-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 10:30:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىسرانىم مۇنبىرى مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيتىگە:
                                            شاگىرتلىق كۈنلەر
                                               پوۋسىت      
                                             تۇرسۇن تۇرغۇن

   -لايىقلىرىدا بولمىسىمۇ، ئۇستامغا بىر پارچە شىملىق سارجا،ئۆزلىرگە كۆينەكلىك چىكىنىم باركەن.قوبۇل قىلسىلاخېنىم- .ئىلىنىڭ ئانىسى بىر يىرىم مىتىرلىق قاراكۆك سارجا رەخت بىلەن ئىككى مىتىرلىق سۆسۈن رەڭلىك چىكەننى قوش قوللاپ،ئەمەت ناۋاينىڭ ئايالى ئايگۈلگە سۇنىۋاتاتتى.  
-كېلىۋەرمەي نېمە قىلغانلىرى بۇ،ئادەمنى خىجىل قىلىپ-دېدى ئايگۈل.   
-لايىقلىرىدا بولمىسىمۇ قوبۇل قىلسىلا خېنىم،قالغىننى كېيىنچە تولۇقلىۋالامىز؛ئىلىنڭ ئانسىنىڭ گىپى تۈگۈشىگە،تونۇرغا ھەمەك نان يىقىۋاتقان ئەمەت ناۋاي:
-ئالە،ھۆرمىتىمىزنى قىلىپ ئەكەپتۇ.ئالمىساق بىزنى ياراتمىدى دەپ ئاغرىنىپ قالىدۇ-دېدى،ئايالىغا قاراپ.
-رەھمەت سىلىگە ئەمسە-دېدى ئايگۈل، ئىلىنىڭ ئانىسىنىڭ قولىدىكى رەختنى ئىلىۋىتىپ.
  -ئەسلىدە، ئۇستامغا كۆينەكتىن بىرنى ئالماقچىدۇق.لىكىن ئۇستامنىڭ قانچىنجى نومۇرلۇق كۆينەك كىيىدىغانلىقىنى بىلمىگەچكە-؛ ئىلىنىڭ دادىسى، گەپنىڭ ئاخىرىنى سەن قىلغىن دېگەندەك ئايالىغا قارىدى.ئىلىنىڭ ئانىسى:  
- بالىنى شاگىرتلىققا بەرگەندە ،داستىخانغا نان ئىلىپ كېلىدىغان ئادەت بار ئىدى.لېكىن سىلەر
نان ئۈستىدە بولغاندىكىن –دېگەچ، سومكىسى
دىن سۇلياۋ خالتىغا ئورالغان ئىككى ،ئۈچ كىلوگرام كەلگۈدەك ناۋاتنى ئىلىپ ئايگۈلگە تەڭلىدى ۋە:  
-ئاز بولسىمۇ مۇنۇ ناۋاتنى دۇكاندىكى بالىلار بىلەن چاي دەملەپ ئىچىشەرلاخېنىم،كەم قالغىننى كېيىنچە تولۇقلىۋالامىز-دېدى .  
-بۇنى راستىنلا ئالالمايمەن-دېدى ئايگۈل، چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ.  
-ئاز كۆرۈۋاتقان ئوخشىماملا خېنىم-دېدى ئىلىنىڭ ئانىسى .  
-ۋاي ياق، نېمە دېسەم بولا -؛ئايگۈل تونۇر بىشىدىكى ئېرىگە قارىدى.ئەمەت ناۋاي ئال دېگەندەك كۆز ئىشارىسى قىلدى.
-رەھمەت ،قىلمىسىلىمۇ بولاتتى بۇنى-دەپ ،ناۋاتنى ئالدى ئايگۈل.
مانا بۇ ئىلىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ،ئىلىنى ئەمەت ناۋايغا شاگىرتلىققا بىرىش ئۈچۈن تەييارلىغان داستىخىنى ئىدى.  ئىلى ئۆتكەن يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەن،ئوقۇشى ئانچە ياخشى بولمىغاچقايۇقۇرلاپ ئوقۇمىغان. ئاتا-ئانىسىمۇ بالىسىنىڭ ئوقۇشىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى بىلگەچكە،ئىلىنى ئوقۇشقا ئانچە بەك زورلاپ كەتمىگەن.ئىلىنىڭ ئاتا-ئانىسى دىھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىندىغان بولۇپ،ئون بەش مويېرى،ئىككى ساغلىق ئىنىكى،ئوتتۇز قويى،بىر ھاڭگابىرمېدە ئېشىكى ،بۇلاردىن بولغان بىر تەخېيى،ئۆيىنىڭ ئارقىسىدا بەش مو كىلىدىغان ئۈرۈكلۈك بېغى بارھاللىق دېھقان ئىدى .ئىلىنىڭ چوڭ ئاكىسى ئاتا-ئانىسىغا ياردەملىشىپ دىھقانچىلىق قىلاتتى.ئىككىنجى ئاكىسى، ئۆتكەن يىلى شەھەردىكى تۇققىننىڭ ئاشخانسىغاھۈنەر ئۆگەنگىلى كىرىپ كەتكەن.ھازىر ئىلىمۇ دادىسىنىڭ زورلىشى بىلەن،بۇ ناۋايخانىغا ھۈنەر ئۆگەنگىلى كەلدى.  
-ئوغۇل بالىنىڭ ھۈنىرى بولمىسا،جىنىنى جان ئىتەلمەي نامرات ،قەلەندەر بوپ كىتىدۇ.ھۈنەر دېگەن ئادەمنى جاھاننىڭ نەرىدە بولمىسۇن ئەزىز قىلىدۇ-دەيتى،ئىلىنىڭ دادىسى. ئىلىنىڭ ئانىسى:  
- ئىلىنىڭ ئىككىنجى ئاكىسىنىغۇ ئاشپەزلىككە بەردۇق،ئىلىنى قايسى ھۈنەرگەبەرسەك بولار ؟ ئاكىسىنىڭ يىنىغا ئىچىرىپ بىرەمدۇق يا-دەپ سورىغاندا بولسا:
-ناۋايلىققا بېرىمىز-دەپ گەپنى ئۈزەتتى، ئىلىنىڭ دادىسى.
ئىلىنىڭ دادىسى بۇ يىلقى بۇغداينى ئورۇپ بولۇپلا،ئىلىنىڭ ھۈنەر ئۆگەنمەيمەن،دىھقانچىلىق قىلىمەن دېگىنىگە ئۇنماي ،ئىلىنى ناھىيە بازىردىكى ھەممە تونۇيدىغان ئەمەت ناۋاينىڭ ناۋايخانسىغا ئىلىپ كەلدى.ئەمەت ناۋاينىڭ بۇ ناۋايخانىسى،ناھىيە بازىرىنىڭ ئەڭ ئاۋات جايى ناھىيىلىك بىكەتنىڭ يىنىغا جايلاشقان.ناھىيلىك بىكەتنىڭ يىنىدا  بۇنداق ناۋايخاندىن يەنە ئىككىسى بولسىمۇ،خىرىدارلارنىڭ كۆپۈنچىسى ئەمەت ناۋاينىڭ ناۋايخانسىغا ئاغاتتى.بەلكىم بۇ ئەمەت ناۋاينىڭ نامى بولغانلىقتىن بولسا كېرەك.
  -ئەمسە گەپنى ئالدىڭلاردا ئوچۇق قىلىپ قوياي-؛ ئەمەت ناۋاي بىر تەرەپتىن چوڭ شاگىرتى ئىچىپ تەييار قىلغان ھەمەك ناننى تونۇرغا يىقىپ ،يەنە بىر تەرەپتىن تونۇر ئىچىدىكى سىڭىپ پىشقان ھەمەك نانلارنى قومۇرۋاتقاچ سۆزلەۋاتاتتى:
-ئىلى ھەر ئون بەش كۈندە بىر قېتىم ئۆيگە بىرىپ كېلىدۇ.ھىيىت –بايرام ،بازارئىتتىك بولغان چاغلاردا ئايدابىر قېتىم بېرىپمۇ قالىدۇ.ئۆيدە ئالاھىدە ئىش چىقمىسا ئىلى رۇخسەت سورمىسۇن .بولۇپمۇ دىھقانچىلىق ۋاقىتلىرىدا رۇخسەت بەرمەيمەن. ئەگەر ئەتە-ئۆگۈن بالام ئورما ئورۇيتى،خامان تېپىتى،كىپەز تېيتى دەپ ئەكىتىغان بولساڭلار ،ھازىر ئەكىتىڭلار.
  شۇنداق ،ئەمەت ناۋاينىڭ ئەڭ جاپا تارتىدىغان ۋاقتى بۇغداي پىشقى بىلەن كىپەز تېيقى ئىدى.بۇ ۋاقىتتا ئەمەت ناۋاينىڭ شاگىرتلىرى، ئۇستىسنىڭ رۇخسەت بەرمىگىنىگە قارماي دىھقانچىلىق ئىتىزلىرىغا ئۈنەتتى.ناۋايخانىدا ئەمەت ئۇستام بىلەن ئايالىلا قالاتتى.ۋە ناۋايلىقنى ئەر-خوتۇن ئىككىسىلا قىلاتتى. ناۋايخاننى تاقاي دېسە،بازارباشقا ۋاقىتدىكىن ئوبدان بولاتتى .شۇڭا ئەمەت ناۋاي بۇ قائىدىنى چىقىرۋالغان.  
-ئىتىز ئىشلىرىغا چوڭ ئاكىسى بىلەن بىز بولساق بولدى.ئىلىجاننى ئىتىز ئىشىغا سالمايمىز.بۇ بالا ھەر قايسىلىرىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ،ھۈنەرنى بەلەن ئۆگەنسىلابولدى ئۇستام-دېدى ،ئىلىنىڭ دادىسى.
-ئىلىنىڭ ياتاق تامىقىدىن ئەنسىرمىسىلە،بىز نېمە يىسەك شۇنى يەيدۇ،بالىلاربىلەن دۇكاندا ياتىدۇ.ئىلىنىڭ يۈك-تاقلىرىنى  ئالغاچ كەلگەنسىلەر؟.
  -ئالغاچ كەلگەن سىرىتتا.
  - ئىلى ،يۈك-تاقلىرىڭنى ئىچىرىپ پەشخۇن تىگىگە جايلاشتۇر .
ئىلى سىرىتتىن يۈك-تاقلىرىنى كۆتۈرۈپ كىرىپ ،قەيەرگە قويۇشنى بىلەلمەي ناۋايخانا ئوتتۇرسىدا تۇرۇپ قالدى.ھەمەك نان ئېچىۋاتقان چوڭ شاگىرت مۇسا:  
-مەيەگە قوي-دەپ. ئۆزى ھەمەك نان ئېچىۋاتقان پەشخۇننىڭ ئاستىنى كۆرسەتتى.ئىلى يۇك-تاقىنى پەشخۇن تېگىگە جايلاشتۇرۇپ بولۇپ،دادىسىنىڭ يىنىغا كېلىپ تۇردى.دادىسى ئىلىگە :
  -ئۇستاڭ نېمە دېسە ماقۇل دەپ ،ئايغىڭنى ئىتتىك قىل.ئاۋۇ ئاكىلىرىڭمۇ ؛ ئىلىنىڭ دادىسى ،ھەمەك نان ئېچىۋاتقان چوڭ شاگىرت مۇسا بىلەن خېمىر تاۋلاۋاتقان ئىككىنجى شاگىرت روزىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ :  
-سېنىڭ ئۇستىلىرىڭ بولىدۇ،ئۇلاربىلەن ئىجىل-ئىناق ئۆت –دەپ تاپىلىدى.ۋە   كەينىدىنلا باياتىنقى ئىككى شاگىرتقا قاراپ:  
-ئۇكىلىرىم،ئىلىجاننى ئۇكاڭلاردەك كۆرۈپ ،ئاكا-ئۇكىدەك ئۆتۈڭلار .ئىلىجان يىڭى كەلدى ،قىلالمىغان،بىلەلمىگەن يەرلىرىنى دەپ بىرىپ ،يول كۆرسىتىپ تۇرۇڭلار.كىچىكلىك قىلىپ قويسا كەچۈرۋىتىڭلار –دېدى.بۇۋاقىتتا ئۈچىجى شاگىرت سىرتتا نان سېتىۋاتاتتى.
-خاتىرجەم بولسىلا،بۇلار خۇددى بىر ئائىلىنىڭ باللىرىدەك ئۆتىدۇ.قالغان ئىشلارغا مەن بار-دېدى ،ئەمەت ناۋاي.  
-ئۆزلىرى بولغاندىكىن بىز خاتىرجەم -.ئىلىنىڭ دادىسى يانچۇقىدىن يىگىرمە يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى ئالدى ۋە بۇ پۇلنى ئىلىگە بىرىۋىتىپ:
-بۇدا ئۆيگە بارغۇچە خەجلەپ تۇر.ھە- راست كىر بولۇپ كەتكەن كىيىملىرىڭنى خالتىغا سىلىپ ئۆيگە ئالغاچ بارساڭ ئاناڭ يۇيۇپ بىردۇ-دېدى .  
-دۇكاندا سۇ،سوپۇن بولغاندىكىن ئۆزى يۇيسىمۇ بولىدۇ، كىر كىيىملىرىنى كۆتۈرەپ يۈرمەي –دېدى ئايگۈل ئىلىغا قاراپ .
-ئۆيدە پايپىقىنىمۇ يۇيمايدىغان بۇ بالا –ئىلىنىڭ ئانىسىنىڭ گىپى تۈگىمەستىنلام:
-ئۆيدە يۇيمىغان بىلەن ئەمدى يۇيىدۇ.ئاۋۇلارمۇ ئۆزنىڭ كىيمىنى ئۆزى يۇيىدۇ،شۇلارمۇ ساڭا ئوخشاش ئوغۇل بالا ،ئىلى-دېدى ئايگۈل.ئىلى مۇسا بىلەن روزىلارغا قاراپ قويدى.
-ئۇستام ئەمسە بىز قايتىلى ،ئىلىنى ئۆزلىرىرگە تاپشۇردۇق-دېدى ،ئىلىنىڭ دادىسى سىرىتقامېڭىشقا تەمشىلىپ.   
-خاتىرجەم بولسىلا،ئىلىنى ئۆز بالىمىزدەك كۆرۈپ،ھۈنەرنىمۇ ئۆز بالىمىزغا ئۆگەتكەندەك ئۆگتىمىز.يەنە بىر گەپ ،بىر يەردە تۇرغاندىكىن سەن-پەندىن خالى بولغىلى بولمايدۇ.شۇڭا بۇندىن كېيىن مۇشۇنداق ئىش بولۇپ قالسا توغرا چۈشىنىشەلا.ئاڭلىدىڭمۇ ئىلى،ئۇستام تىللىدى، ۋاقىردى دەپ قىيداپ كەتسەڭ بولمايدۇ جۇمۇ-دېدى،ئەمەت ناۋاي.
-نېمىلەرنى دەيدىغاندۇ ما ئادەم –ئايگۈل ئېرىگە قاراپ قويۇپ:
  -خاتىرجەم بولۇشسىلا ،خۇددى ئۆزىمىزنىڭ بالسىدەك كۆرمىز ئىلىنى-دەپ،ئىلىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆڭلىنى تىندۇردى.
ئىلىنىڭ ئاتا-ئانىسى ناۋايخاندىن ئۇزاپ چىقىشتى. ئايگۈل ئىلىنىڭ ئانىسىنىڭ ئۇنىمىغىنىغا ئۇنماي ،ھەمەك ناندىن بەشنى ،چوڭ گىردە ناندىن بەشنى سۇلياۋخالتىغا سىلىپ ،ئۆيدىكىلەرگە ئالغاچ بارسا دەپ قولىغا تۇتقۇزدى.
  ئىلى ئۇزاپ كېتىۋاتقان ئاتا-ئانىسىنىڭ  كەينىدىن قاراپ ،كۆزىگە لۆممىدە ياش ئالدى.چۇنكى بۇ ئىلىنىڭ تۇنجى قىتىم ئائىلىسىدىن،ئاتا-ئانىسىنىڭ يىنىدىن ئايرىلىشى ئىدى.ئىلى بۇيەردىن ياتسىرماقتا،ئاشۇ ياتسىراش ئىچىدە شاگىرتلىق كۈنلىرىنى باشلىماقتا.

بۇ ھاياتتا ئازغۇن،گۇناھكار بولۇشتىن بەك قورقىمەن.ئاللاھ ئىگەم ئىككى دۇنيادا ئەزىز قىلغىن،خار قىلمىغىن.ئازدۇرۇشلاردىن ساقلىغىن؛

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87592
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1091
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 272 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2014-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 10:36:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                           ※※
  ئىلى بۇيىل ئون يەتتە ياشلارنىڭ قارىسىنى ئالغان،بۇرتى ئەمدىلا خەت تارتقان ،يۈزى باشقا يىزا باللىرغا ئوخشاش بۇغداي ئۆڭ ياكى قارىۋاي بولماستىن ،بەلكى شەھەر باللىرىدەك ئاق،سۈزۈك،كۆزلىرى چوڭ-چوڭ،قاش كىرپىكلىرى سىزىپ قويغاندەك چىرايلىق،چاچلىرى قۇندۇزدەك قاپقارا ئىدى.
-ھوي ھاڭۋاقتى،قاچانغىچە ھاڭۋىقىپ تۇرسەن.مۇنۇ ھەمەكلەرنى ياغلا-دېدى ئەمەت ناۋاي،تونۇر بىشىدىكى ياغ كورىسىنى كۆرسىتىپ.
ئىلى، تولا يەرگە موللاق ئاتقاچقىمۇ سىرلىرى چۇشۇپ،تونۇر بىشىدا ئىسلىشىپ قارداپ كەتكەن كورا ئىچىدىكى سىر چوتكىسنى ئىلىپ ،كورا ئىچىگە دەل كەلتۇرۈپ كىسىپ قويۇلغان بۇلۇت ئۈستىگە باستى .كورىغا قۇيۇلغان سۇ يىغى مۇشۇ بۇلۇتقا سىڭىپ كىتىدۇ.ئىلى چوتكىنى بۇلۇت ئۈستىدىن ئىلىپ، ئۇستىسى قومۇرغان ھەمەك نانلارنى  ياغلىماقتا.
ئەمەت ناۋاينىڭ بۇ ناۋايخانىسى بىر قەۋەت بىر ئىغىزلىق دۇككان بولۇپ، ئىشىك-دېرىزىلىرى چوڭ يولغا قارايدۇ.ئەمەت ناۋاي سەھىيە ئىدارىسىنىڭ تەلپى بويىچە، دۇكاننىڭ ئوتتۇرسىنى پەنەرگە بىلەن توسۇپ،بىر ئىغىزلىق دۇكاننى ئىچكىر-تاشقىر ئىككى ئىغىزلىق دۇكانغا ئايرىغان.توسۇلغان پەنەركە تامغىمۇ سىرىتتىكى ئىشىككە ئۇدۇللاپ ئىشىك ئىچىلغان،دەرىزىگە ئۇدۇللاپ دەرىزە ئورنى قويۇلغان.   تونۇر سىرىتتىكى ئىشىكتىن كىرىپ ،ئوڭ تەرەپتىكى تامدىن يىرىم مېتىر ئارلىق قالدۇرلۇپ دىرىزىنىڭ يىنىغا سىلىنغان .ئۇستاملار ئاشۇ يىرىم مېتىر ئارلىقتا تۇرۇپ نان يېقىپ قومۇرىدۇ .ئەگەر گىردە باغلاش بولسا،شاگىرتلارنىڭ بىرەرى تونۇرنىڭ ئىشىك تەرىپىدە تۇرۇپ باغلايدۇ.تونۇرنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستىدە قىلىن  پەنەركە تاختا،تاختاي ئۈستىدەپىياز ئىلىنغان تەلەڭگە قويۇلغان.چوڭ شاگىرت ئېچىپ تەييار قىلغان نانلارنى ئىچكەركى دۇكاندا تۇرۇپ، پەنەركە تامنىڭ  دەرىزە قويۇلمىغان يەردىن بۇ تاختايغا ئۇستىلىق بىلەن چۆرىيدۇ.ئۇستام نان يۈزىنى پىيازغا  باسۇرۇپ ئاندىن تونۇرغا ياپىدۇ.ناۋايخانا دەرىزىسىنىڭ ئاستنقى رامكىسىغا ئەينەك سىلىنمىغان.ئۇستام تونۇردىن قومۇرغان نانلارنى بەزىدە مۇشۇ بوشلۇق ئارقىلىق ،دەرىزە ئالدىغا قويۇلغان نان تاختىسىغا ئالىدۇ.بولۇپمۇ گىردە نانلارنى.ناۋايخانا ئىشىك ئارقىسىدا، تۇرۇبا جۈمىكى ئاستىغا بىر يىرىم مىتىرلىق سۇ تۇڭى قويۇلغان.سۇ تۇڭىنىڭ يىنىدىن باشلاپ پەنەركە تام تۈۋىگىچە ئۇزۇنىسىغا تۆت قاتار ،ئىگىزلىكى ناۋايخانا تىمىنىڭ يىرىمىغىچە بويلاشتۇرۇپ قىرىق خالتىدەك ئۇن قويۇلغان .ئىچەركى دۇكانغا قارايدىغان بولساق ،دۇكاننىڭ ئوڭ-سول تەرپىدە بىردىن پەشخۇن ،ئۇدۇلدىكى تامغا چاپلاپ بىر خىمىر يۇغرۇش ماشىنىسى قويۇلغان.ئىككى پەشخۇن ئۈسىتىدە يەنە نان قويۇدىغانغا پەنەركە تاختا ئورنىتىلغان.ئوڭ تەرەپتىكى پەشخۇن ئاستىدا ،شاگىرتلارنىڭ يوتقان-كۆرپىلىرى،ناۋايخانغا ئىشلىتىدىغان بويۇملار،سول تەرەپتىكى پەشخۇن ئاستىدا كۆمۈر بىزىرىپ تۇرىدۇ.ھازىر ناھىيە بازىردىكى كۆپلىگەن ناۋايخانلار، تونۇرغا ئوتۇن ئورنىغا كۆمۈر قالايدۇ.ئەمدى بىز سەپسالمىغان ناۋايخاننىڭ ئالدى قالدى.ناۋايخانا دەرىزىسىنىڭ ئالدىغا نان تىزىدىغان تاختا ،تاختا يۈزىدە نان ،پۇل ساندۇقى،تاختا يىنىدا نان ساتقۇچى ئولتۇردىغان ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن ئورۇندۇق،تاختىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن بىر مېتىر كىلىدىغان يەردە، رەڭگىنى يوقاتقان قاپقارا چوڭ تەلەڭگە،تەلەڭگە ئۈستىدە تونۇرنىڭ ھاۋسىنى تەڭشىگەندە ئىلىۋىتىلگەن چوغ كۆمۇر،چوغ كۆمۇر ئۈستىدە يەنە كۆيگەچ تۇرسۇن دەپ كۆمۇر قويۇلغان.
  ئىلى مۇشۇ تەرىقىدە بىر پارچە ھەمەك ناندىن كېيىن ئىككى پارچە گىردە نان ياغلىدى.تونۇرغا
كۆمۇر قالانغاچقا نان يۈزى ئىسلىشىپ قالىدۇ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇستاملار نان يۈزىنى سۇ يىغى بىلەن مايلاپ پارقىرتىدۇ.ئىلى ئىككىنجى پارچە گىردىنى ياغلاپ بولغاندا،قۇياش ئاللىقاچان تاغنىڭ ئارقىسىغا ئۆتۈپ،ئەتراپنى نامازشام قاراڭغۇلىقى قاپلىغان.ئەمەت ناۋاي ئىككىنجى پارچە گىردىنى باغلاپ بولۇپلا  موتۇسىنى ھەيدەپ چىقىپ كەتكەن .ئەمدى ناۋايخاندا ئەمەت ناۋاينىڭ ئايالى ئايگۈل،چوڭ شاگىرت مۇسا،ئىككىنجى شاگىرت روزى،ئۈچىنچى شاگىرت كىرىم ۋە ئىلى قالغان.ئايگۈل تاختىدا نان سىتىش بىلەن،مۇسا تونۇردا قالغان چۇچۇلنى سىرىتتىكى كۆمۈر تەلەڭگىسىگە ئىلىش بىلەن،روزى بىلەن كىرىم پەشخۇن يىنىدىكى كىچىككىنە ئارلىققا كىرىۋېىلىپ گەپ سىتىش بىلەن بەند ئىدى.ئىلى بولسا نېمە قلىشنى بىلمەي دۇككان ئوتتۇرسىدا خىلى بىر ۋاقىتقىچە ئۆرە تۇردى.ئۇنۇڭغا بۈگۈن ئەڭ ئېغىر كەلگىنى ئىيۇل ئېيىنڭ پىژغىرىم ئىسسىقى بىلەن تونۇرنىڭ يالقۇنلۇق ئىسسىقى بولدى.ئەتىگەن كىيگەن كۆڭلىكىنىڭ ئالدى ۋە دۈمبە تەرىپى تولا تەرلەپ كەتكەنلىكتىن ،قۇرۇغاندا قاتماللىشىپ كەتكەن ئىدى.ئۇ ئىچىدە :‹‹تونۇر بىشىدا تۇرغىنىمغىلا بۇنداق بولۇپ كەتسەم ، ناۋادا ئاشۇ  تونۇرغا  نان  ياقسام   نىمە بولۇپ كېتەرمەن -ھە››دېگەنلەرنى ئويلاپ تېنى شۈركىنىپ كەتتى .ناۋايلىققا ھۈنەرگە كىرگىنىگە يىرىم كۈن بولا-بولماي،بۇ ھۈنەرنىڭ جاپاسىدىن قورقماقتا ئىدى.ئۇ دۇككان ئوتتۇرسىدا قانچىلىك ئۆرە تۇرغۇننى ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ.بىر ۋاقىتتا:  
-ئىلى ،بۇ يەرگە چىقىپ ئولتۇرە.دۇككان ئىچى ئىسسىق تۇرسا،نېمە قىلسەن ئۇ  يەردە ئۆرە تۇرۇپ-دېدى مۇسا.
سىرىتتكى نان تاختىسنىڭ يىنىدا ئايگۈل ئولتۇراتتى.ئايگۈلنىڭ ئوڭ تەرىپىدە مۇسا،روزى،كېرىملەر ئۇزۇن ئورۇندۇقتا، قوللىرىغا نىمىلەرنىدۇ ئىلىپ يەلپۈپ ئولتۇراتتى.مۇسا ئىلىنى ئۆزىنىڭ يىنىغا كېلىپ ئولتۇرۇشقا ئىشارەت قىلدى.
-ھە، يىڭى كەلداخۇن .نېمىگە ھاڭۋىقىپ تۇرۇپ قالدىڭ.  
-ھېچنىمىگە.
مۇسا،روزى،كېرىملەر ئىلىنى يىڭى كەلداخۇن دەپ چاقىرىپ چاقچاقلىشىپ ئولتۇردى.ئىش ئۈستىدە ئانچە-مۇنچە پاراڭلاردىن باشقا گەپ بولۇنماي ئۆز ئىشى بىلەن بەند بولغاندا،ئىلىنىڭ ئىچى سىقىلغاندەك،بۇ يات مۇھىتقا كۆنەلمەيدىغاندەك ھېسسىياتتا بولغان.ئەمدى بولسا ،شاگىرتلارنىڭ چاقچاقلىرى،كۈلكىلىرى ئۇنى بۇ بوغۇق ھىسسىياتتىن قۇتۇلدۇردى.ئۇ باشتا سەل قورۇنغاندەك بولۇپ ،ئۇلارنىڭ چاقچاقلىرىغا كۈلۈپلا قويدى.كېيىن ئۇلارنىڭ چاقچاقلىرىغا ئايگۈل قوشۇلغانلىقتىن ئۇ ئۆزىنى تېخىمۇ ئازادە ھېس قىلدى-دە،كىچىك تىللىرنى ئىشقا سالدى.شۇ ئارلىقتا ئايگۈل ئىلىنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەپ بولغان ئىدى.
مانا بىرەر سائەت ۋاقىت چاقچاق ئارىلاش سوئاللارنى سوراش،جاۋاب بىرىش بىلەن ئۆتتى.
-ماڭە روزى،ئۇستاڭنى تولاپ كەل .ئىلىنى بىللە ئالغاچ بار،ئەتىدىن باشلاپ ئۇستاڭنى تولىغىلى ئىلى بارىدۇ-دېدى ئايگۈل غەللىنى ساناۋىتىپ.
روزى ئىلىنى بىكەتنىڭ قىيپاش ئۇدۇلىدىكى ،ئىككى قەۋەتلىك سودا بىناسىنىڭ ئىككىنجى قەۋىتىدىكى روھلان بىليارتخانىسىغا باشلاپ ماڭدى.ئەمەت ناۋاي ھەر كۈنى ئىشتىن بىكار بولۇپلا بۇ بىليارتخانىغا كېلىپ بىليارت ئوينايدۇ.بۇ بىليارتخانا قاچان ئىچىلدى ،ئەمەت ئۇستام شۇنۇڭدىن باشلاپ بۇيەردىن كېتەلمەيدىغان بولىۋالدى.ناۋايخانا بىلەن بىليارتخانا ئارىلىقى يەتتە-سەككىز يۈز مېتىر كېلىدۇ.ئىلى بىلەن روزى بىردەمدىلا بىليارتخانىغا قەدەم بىسىپ بولدى.
-ئۇستام، ئايگۈل ئاچام چاقىرىدۇ-دېدى روزى ئۇستىسىغا.  
-سىلەر ماڭغاچ تۇرۇڭلار ،مۇشۇ بىر قول بورۇتنى ئوينىۋىتىپلا بارىمەن.
  ئۇلار بىليارتخانغا قانداق تېز كەلگەن بولسا شۇنداق تېز قايتىشتى.ئەمەت ناۋايمۇ ئۇلاردىن بەك ھايال قالماي موتۇسىنى ئۇچقاندەك ھەيدەپ يىتىپ كەلدى.  
-پۇلنى ساناپ بولدىڭمۇ-سورىدى ئەمەت ناۋاي ئايالىدىن.
-ھەئە.
-ماڭە ئۇنداق بولسا .  
-بالىلارغا تاماق پۇلى بىرىۋالاي ،توختاپ تۇرسىلا بىردەم.  
ئايگۈل باياتىنقى سانىغان پۇلدىن يىگىرمە يۈەننى مۇساغا بەردى.ئاندىن ئېرىنىڭ كەينەگە مېنىپ ئۆيسىگە يول ئالدى.

بۇ ھاياتتا ئازغۇن،گۇناھكار بولۇشتىن بەك قورقىمەن.ئاللاھ ئىگەم ئىككى دۇنيادا ئەزىز قىلغىن،خار قىلمىغىن.ئازدۇرۇشلاردىن ساقلىغىن؛

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87592
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1091
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 272 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2014-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 10:41:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
-ماڭە،ئاشخانىغا يىرىم لەغمەندىن تۆتنى بۇيرۇپ قويۇپ كېلە-دېدى ،مۇسا روزىغا.
روزى ناۋايخانا ئۇدۇلىدىكى ئاشخانىغا تاماق بۇيرۇتۇپ كېلىپ،ئالاھەزەل ئون مىنۇتلاردىن كېيىن يىگىرمە ئىككى-يىگىرمە ئۈچ ياشلاردىكى مۇلازىم قىز ،چوڭ   تەلەڭگە ئۈستىگە تۆت چېنە لەغمەننى قويۇپ كۆتۈرۈپ كەلدى ۋە تاماقنى بالىلارغا سۇنىۋىتىپ:
-يېڭىدىن شاگىرت ئالغان ئوخشىمامسىلە،ئۈچ كىشلىك لەغمىنىڭلار تۆت كىشلىك بولۇپ قاپتۇ
-دېدى .
   -شۇنداق،ھەرقايسىلىرىنى لەغمەننى جىق-جىق سېتىۋالسۇن دەپ-دېدى روزى چاقچاق قىلىپ.  
-ھەر قايسىلىرىنىڭ بىر كىشلىك لەغمىنى قوشۇلۇپ قالمىسىمۇچۇ،لەغمەنلىرىمىزنى توننىلاپ –توننىلاپ سىتىۋاتىمىز-دېدى مۇلازىم قىز تەرىنى تۈرۈپ:
  -يىرىم سائەتتىن كېيىن چىنىنى ئالغىلى چىقىمەن،قاچىنى تېزراق بىكار قىلىشالا-دەپلا ئاشخانىغاقاراپ ماڭدى.ئاڭغىچە روزى يەنە :
-خېنىم ،تېزيەيمىز دەپ،لەغمەنلىرى گىلىمىزغا تۇرۇلۇپ قالسا قانداق قىلىمىز-دىيىشكە ئۈلگۈردى.
-ئۆلمەيدىغان قاسماق-دەپ،ئىچىدە تىللىدى مۇلازىم قىز روزىنى.  
ئەمەت ناۋاي شاگىرتلارغا، بازار ئىتتىك ياكى ھېيت بايرام كۈنلىرىدەچۈشلىكى تاماق ئىلىپ بەرگەندىن باشقا ۋاقىتلاردا،بىر ۋاق تاماقلىق ئۈچۈن بەش يۈەندىن بىرىدۇ.بۇلار خۇدانىڭ كۈنلىكى لەغمەندىن باش كۆتۈرەلمەيدۇ،باشقا تاماققا ئۇستام بەرگەن پۇل يەتمەيدۇ.نېمە ئامال، ئۇستام نېمە دېسە شۇ.ئەگەردە ئۇستام بۇ پۇلنىمۇبەرمەي ئۈچ ۋاق تامىقىڭ ئۆزۇڭدىن ،بولمىسا ھۈنەر ئۆگىنىمەن دېمەي،قايتىپ كېتىش دېسە.ئۇنداقمۇ بوپ كەتمەس.
ئۇلار لەغمەننى يەپ چىنىلەرنى پاكىزلاپ بولۇشتى.دېگەندەك يىرىم سائەتتىن كېيىن مۇلازىم قىز چىنىلەرنى ئالغىلى چىقدى.روزىنىڭ ئاغزى قىچىشتى بولغاي:  
-بىر چەينەك چاي دەملەپ ئالغاچ چىققان بولسىلىرىچۇ،قۇرۇق قوللىرىنى ساڭگىلدىپ چىققىچە-دېۋىدى،مۇلازىم قىز:  
-سەندەك چىيىغا تويماي پىيالىسىنى ،چەينىكىنى قوشۇپ ئىچىۋىتىغان قارامەدەككە چاي نەدە تۇرۇپتۇ.بېرىپ ئاناڭغا دە ،دەملەپ بەرسۇن-دەپ ،دەككىسىنى بەردى-دە،مۇسادىن تاماقنىڭ پۇلىنى ئىلىپ قايتى.
مۇسا ،كىرىم ،ئىلى روزىغا قاراپ كۈلۈشتى.روزىمۇ ئۆزى كۈلۈپ تۇراتتى.  
-روزى،ئىلى تاختىدىكى نانلارنى ئىچىگە ئىچىرىپ،تاختىنى يىغىڭلار.كېرىم سەن ئىككى خالتا خېمىر  يۇغۇر-.
مۇسا شاگىرتلارغا ئىش بۇيرۇپ قويۇپ،ئۆزى تونۇر بىشىغا چىقىپ ئولتۇردى.مۇسا ئەمەت ناۋاينىڭ ناۋايخانىسىغا ھۈنەرگە كىرگىنى ئالتە يىلدىن ئاشتى.ئۇ بۇ دۇكانغا كىرگەندە ئون تۆت ياشتا ئىدى،ئون يەتتە يېىشىدا دۇكان ئايرىغاندىن كېيىن ،ئۇستىسنىڭ بۇ ناۋايخانىسىدا ئايلىقىغا سەككىز يۈز يۈەندىن ئىشلەۋاتىدۇ.مۇسا ئېغىر بېسىق،گەپ سۆزى ئاز،ياۋاش بالا بولغاچقا ،ناۋايلىق قىلىپ بىرەر شاگىرتتىغا ناۋايخاننى تاشلاپ بىرىپ باقمىغان ئەمەت ناۋاي،مانا مۇشۇ شاگىرتىغا ئىشىنىپ ناۋايخاننى ئوڭچە تاشلاپ كېتىۋىرىدۇ.ئايالى ئايگۈلمۇ كەچتە قايتىدىغان چاغدا،تاختىدا مەيلى ئاز بولسۇن-كۆپ بولسۇن قىپقالغان نانلارنى ساناپ قويمايدۇ.مۇسامۇ ئۇستىسنىڭ ئىشەنچىسىنى يەردە قويماي، نان ساتقان پۇلنىڭ بىر موسىغىمۇ چىقىلمايدۇ.روزى بولسا بۇ ناۋايخانىغاكەلگىلى ئىككى يىل بولدى.ئاساسى ھۈنەرنىڭ ھەممىسىنى ئىگەللەپ بولدى.ئۇ خۇشچاقچاق،كۈلگۇنچەك بولۇپ،جىمى ئىشلارنى چاقچاققا بۇرايدۇ.بىرەر قىزقارلىق ئىش ياكى سۆز ئاڭلاپ قالسا،بار ئاۋازى بىلەن قاقاقلاپ كۈلىدۇ.ناۋايخاندىكى كۈلكىلىك ئىش ۋەگەپ- سۆزلەرنى ئاساسلىقى روزى پەيدا قىلىدۇ. ئەمدى كېرىمگە كەلسەك،ئۇنىڭ بۇ ناۋايخانىغا كەلگىلى بىر يىل بولغان بولسىمۇ شاگىرتنىڭ ئازلىقىدىن بولسا كېرەك ،ھۈنەرنى ئىتتىكلا ئىگەللىۋالدى.ئۇنىڭ مىجەز خارەكتىرى ئۆزگىچە بولۇپ،ھېچنىمىدىن ھىچنىمەيوق خۇيى تۇتۇپ قالىدۇ. كېيىن يەنە ئۆزلىكىدىن ئوڭشىلىپ قالىدۇ.بەلكىم بۇ ئۇنىڭ بەك  سەزگۈرلىكىدىن  بولسا كېرەك.
  ئىلى بىلەن روزى دۇكاننى يىغىپ بولدى.كېرىممۇ ئىككى خالتا ئۇننى ،خېمىر يۇغۇرۇش ماشىنىسىدا تەييار قىلىپ ،سول تەرەپتىكى پەشخۇنغا ئالدى ھەم ئۈستىنى ئۇن خالتىسى بىلەن يۆگەپ ئىشىنى تامام قىلدى.بۇ كەچ سائەت ئون بىر بولغان چاغ.  
-شىڭلىرىڭلارنى ئىچىقىپ ،ئورۇن راسلاپ ئۇخلاڭلار –دېدى،باياتىننىڭياغى،تونۇر بىشىدىن چۈشمەي خىيالغا پىتىپ كەتكەن مۇسا.
كېرىم سۈپۈرگىنى ئىلىپ ،نان تاختىسى ئالدىدىكى پىيادىلەر يولىنى سۈپۇردى.روزى كېرىم سۈپۈرگەن يەرگە،ئوڭ تەرەپتىكى پەشخۇن ئاستىدىن چوڭ بىر يۇڭ پالاسنى ئىچىقىپ سالدى. كېيىن روزى بىلەن كېرىم يوتقان-كۆرپىلىرىنى مۇ شۇ يۇڭ پالاس ئۈستىگە راسلىدى.  
-سەنمۇ يوتقان-كۆرپىلىرىڭنى ئىچىقىپ سالمامسەن-دېدى،مۇسا ئىلىگە.  
-بىز يولدا ئۇخلامدۇق-ئىلى ھەيرانلىقتىن سورىدى،-سىلەرنىڭ ياتىقىڭلار يوقما؟.
  -مەن بۇ دۇكانغا كەلگەندە  شاگىرتلار يازدا يولدا،قىشتا تونۇر بېشى ،پەشخۇندا ياتىكەن.ھازىرمۇ ھەم شۇنداق.دېدى روزى.  
-يولدا قانداق ئۇخلىغىنى بولسۇن.بىرەر ئىشمۇ چىقمامدا؟  
-سەنمۇ بارا-بارا كۆنۈپ قالىسەن.چىقىپ ئورنۇڭنى سىلىپ يات،بىز تۇرساق نېمىدىن قورقىسەن.ئىلى ئورنىنى كېرىمنىڭ يىنىغا سالدى.ئۇ يولدا يىتىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۇرۇپ باقمىغان.  
-ئىلى،تويلۇق يوتقان-كۆرپىلىرىڭ بۇزۇلۇپ كېتىدىغان بولدى-دە-دېدى،روزى كۈلۈپ تۇرۇپ.
-نېمە دېگىنىڭ بۇ.
-قارا بىزنىڭ يوتقان-كۆرپىمىزمۇ سىنىڭتىدەك يېڭى ۋە قېلىن ئىدى.مۇشۇ ناۋايخاننىڭ ئىسىدىن رەڭگى ئۆچتى،ھىلى بۇتامغا،ھىلى ئۇتامغا قىقىلىپ ،سوقۇلۇپ مانا مازلىرى تىتىلىپ،نىپىزلەپ كىرلىشىپ  كەتتى دېگىنە-؛
دېمىسىمۇ ئىلىنىڭ يىڭى ،قېلىن يوتقان-كۆرپىسى ،روزى بىلەن كىرىمنىڭ يوتقان-كۆرپىسىدىن ئاسمان-زېمىن پەرىقلىنىپ تۇراتتى.  
-ئۇخلاڭلار، ئەتە سە قوپالماي ئىغنايسىلەر-دېدى،يوتقان –كۆرپىسىنى كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان مۇسا بالىلارغا.ئۇ ئورنىنى ئىلىنىڭ يىنىغا سالدى.ئاندىن ناۋايخاننىڭ ئىشكىنى قۇلۇپلاپ بولۇپ جايىغا كېلىپ ياتتى.
مۇسا،روزى،كېرىملەر بىر كۈنلىك جاپالىق ئەمگەكنىك چارچىشىدىن بولسا كېرەك،باشلىرىنى ياستۇققا قويۇپلا ئۇيقۇغا غەرىق بولدى.پەقەت ئىلىنىڭلا كۆزى ئوچۇق،ئۇ تېخىچە نۇرلىرىنى يولغا چۈشۈرىۋاتقان كوچا چىراغلىرىغا قاراپ ياتىدۇ.كاللىسىدا تۈمەن مىڭ خىل خىيال.قاراڭ، كوچا چىراغلىرىمۇ ئۆچتى.بۇ سائەت دەل نۆل بولغان چاغ.ئىلىنىڭ ئۇيقۇسى كەلمەي تېخىمۇ ئىچى سىقىلدى.ئۇ ئوڭغا ئۆرۈلۈپ باقتى،سولغا ئۆرۈلۈپ باقتى.ئوڭدا بولۇپ باقتى،دۈم بولۇپ باقتى .ئىشنى قىلىپ ئۇنۇڭ زادى ئۇيقۇسى كەلمىدى.تۇنجى قېتىم ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ كېچىنى سىرىتتا ئۆتكۈزىۋاتقان،تېخى ئالاھىدە مۇھىتتا، ناھىيە بازىرىنىڭ پىيادىلەر يولىدا.مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئىلىنىڭ  قانداقمۇ ئۇيقۇسى كەلسۇن.

بۇ ھاياتتا ئازغۇن،گۇناھكار بولۇشتىن بەك قورقىمەن.ئاللاھ ئىگەم ئىككى دۇنيادا ئەزىز قىلغىن،خار قىلمىغىن.ئازدۇرۇشلاردىن ساقلىغىن؛

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87592
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1091
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 272 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2014-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 10:51:50 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                 ※           ※   
ئىيۇل ئېيىىڭ كۈندۈزى بەك ئۇزۇن،كېچىسى بەك قىسقا .ئەمدى كۆزنى يۇمۇپ چۈشنىڭ بىشىنى كۆرۈپ بولغۇچە تاڭ ئېتىپ كېتىدۇ.
مانا مۇشۇ قىسقا كېچە ئىلىغا ناھايىتى ئۇزۇن بىلىنىپ كەتتى.قاچان تاڭ ئاتار دەپ كۆزى تۆت بولۇپ كەتتى.
تازلىق ئىشچىسىنىڭ يول سۈپۈرگەندىكى سۈپۈرگىنىڭ ئاۋازى،ئىغىر ئۇيقۇتىدا ياتقان بۇ شاگىرتلارنىڭ ئويغۇنۇش قوڭغۇرقى.بىرىنجى بولۇپ ئۇيقۇدىن كۆزىنى ئاچقىنى يەنىلا مۇسا.
  -قوپۇڭلار ، قوپۇڭلار –دېدى،مۇسا باشقا بالىلارنى ئويغۇتۇپ.ئۆزى يوتقان-كۆرپىلىرنى يىغىشتۇرغىلى تۇردى.تاڭنىڭ يورۇشىنى تۆت كۆزى بىلەن كۈتكەن ئىلى چاچراپ ئورنىدىن تۇردى ۋە يوتقان-كۆرپىكىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ،مۇسا بىلەن پەشخۇن ئاستىغا تاشلىدى.روزى بىلەن كېرىم تېخىچە يوتقاندا ئىدى،مۇسا ئۇلارنىڭ كاسسىلىرىغا يىنىك تىپىپ :  
-قوپۇشە، تاڭ ئاتتى-دەپ توۋلىدى. ئۇلار تەستە كۆزلىرىنى ئىچىپ،ئوڭ-سول تەرەپكە بىر قانچىنى  ئېغىنىغاندىن كېيىن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى.
-ھاجەتخانا قەيەردە –دەپ سورىدى ئىلى مۇسادىن.  
-چوڭىمۇ –كىچىكىمۇ.
-ئىككىلىسى.
-كىچىكى بولسا ئورمان بەلباغقا قىلساڭ بولىدۇ-؛مۇسا پىيادىلەر يولى بىلەن چوڭ يولنى ئايرىپ تۇرىدىغان ۋادەكلىكنى كۆرسەتتى.-چوڭى بولسا يەنە ئىككى سائەت چىداپ تۇر.بۇ ئەتراپتا بىكەتنىڭ ھاجەتخانىسىدىن باشقا ھاجەتخانا يوق .  
شاگىرتلار يۈز-كۆزىنى يۇيۇپ ئىشقا چۈشۇپ كەتتى.ھەممىسى ھەر كۈندىكى ئادىكى بويىچە ئۆز ئىشلىرىنى ئۆزى تېپىپ قىلماقتا. مۇسا ئىلىنى، ناۋايخانا ئالدىنى تازلاشقا بۇيرۇپ قويۇپ ئۆزى تونۇرغا ئوت سىلىشقا باشلىدى.روزى بولسا،  كېرىم ئاخشام يۇغۇرغان خېمىرنىڭ بىر تەرىپىنى بويلاپ ،خېمىرنى بەلچەم بىلەن كىسىپ ئىلىپ جىڭلىماقتا.كېرىم يەنە خېمىر يۇغۇرۇش بىلەن ئاۋارە.ئىلى ناۋايخاننىڭ ئالدىنى پاكىز سۈپۈرۈپ ئەخلەتنى تۆكۈپ بولغاندىن كېيىن،خىمىر جىڭلاۋاتاتقان روزىنىڭ يېنىغا كېلىپ تۇردى.بۇ ۋاقىتتا روزى كىچىك گىردىنىڭ خېمىرنى جىڭلاپ بولۇپ چوڭ گىردىنىڭ خېمىرىنى جىڭلاۋاتاتتى.
  -ھازىر گىردە نان ياقىمىزغۇ دەيمەن،بۇ خېمىرنى قانداق جىڭلايمىز –دەپ سورىدى ئىلى روزىدىن.
-گىردىنى ياقمايدۇ،باغلايدۇ.بۇخېمىرلارنى قارا،كىچىك گىردىنىڭ خېمىرىنى سەككىز يۈز گىرامدىن،چوڭ گىردىنىڭ خېمىرنى بىر يېرىم كىلودىن جىڭلايمىز.  
-ھەممە ناۋايخانلاردا مۇشۇنداق جىڭلامدۇ يا،ئوخشىمامدۇ؟.  
-ۋاي تاڭ .  
-نېمىشقاكىچىك گىردىنىڭ خېمىرنى جىق، چوڭ گىردىنىڭ خېمىرنى ئاز جىڭلايسەن؟.  
-ئاۋۇ كىچىك خېمىردىن ئىككى يۈز كىچىك گىردە،ماۋۇ چوڭ خېمىردىن ئوننى جىڭلىسام يۈز چوڭ گىردە چىقىدۇ.ئەگەر چوڭ-كىچىك گىردىنى ئوخشاش قىلساق تونۇرغا قانداق پاتقۇزىمىز؟.  
-ھوي،ئاشۇ تونۇرغا ئۈچ يۈز نان پاتامدا؟- .ئىلى ھەيران قالدى.كۆزىگە كىچىك  كۆرۈنگەن بۇ تونۇرغا چوڭ-كىچىك بولۇپ،ئۈچ يۈز نان سىغىدىكەن ئەمەسمۇ.   
مۇسا تونۇرغا ئوتنى گۈرۈسلىتىپ سىلىپ بولدى.كېرىممۇ خېمىرنى يۇغۇرۇپ بولدى.ئەمدى ھەممىسى روزىنىڭ يىنىغا ئولاشتى.ئۇلار روزى جىڭلاپ تەييار قىلغان كىچىك گىردىنىڭ خېمىرنى قولىغا ئىلىپ پىلتە قىلدى.ئاندىن ھەر بىر پىلتە خېمىرنى ئوندىن ئۈزدى.ئىلى مۇسانىڭ يىنىدا، ئۇلارنىڭ خېمىرلارنى  پىلتە قىلىپ ئۈزۇشىگە قاراپ تۇردى.ۋە ئىچىدە:‹‹لەغمەنگە پىلتە قىلغاندەك قىلىدىكەنغۇ››دەپ ئويلىدى.لىكىن مەنمۇ قىلىپ باقاي دېمىدى.باشقىلارمۇ ئۇنۇڭغا قىلىپ باققىن دەپ ئۈندەرمىدى. ئەمدى شاگىرتلار، بايا ئوندىن ئۈزگەن خېمىرلارنى تاۋلاشقا باشلىدى.ئىلى بولسا مۇسانىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ،ئۇلار تاۋلاپ  بولغان خىمىرلارنى  پەشخۇننىڭ ئوڭ تەرىپىگە تىزىپ ئۈستىنى قېلىن سۇلياۋ بىلەن ئورىدى.
قاراڭ، ئۇلارنىڭ چاققانلىقىغا.ئۇلار خېمىرلارنى بىردەمدىلا تاۋلاپ بولۇپ ،ئەمدى گىردە كولاشقا چۈشتى.  
-ئاۋۇ تاختىنى ئارقاڭدىكى پەشخۇنغا قويۇپ ،كولىنىپ بولغان گىردىلەرنى تىزە-دېدى مۇسا،تونۇر يىنىدىكى يۈزىنى كۈنجۈت قاپلاپ كەتكەن تاختىنى ئىلىگە كۆرسىتىپ.
ئىلى تاختىنى كۆتۈرۈپ سول تەرەرەپتىكى پەشخۇنغا قويۇپ،گىردىلەرنى بېلى سۇنۇپ كېتىدىغاندەك ئاستا ئاۋايلاپ ئىلىپ تاختىغا تىزدى. بۇنى كۆرگەن مۇسا:
-تېز بولمامسەن مىسىلدىماي،ھىلى بىكار تونۇر پارتىلايدۇ-دېدى.
‹تونۇر پارتىلايدۇ› دېگەن گەپنى ئاڭلاپ باقمىغان ئىلى ،بۇ گەپتىن ھەم ھەيران بولدى ھەم قوروقتى.ئۇ مۇسادىن:
-تونۇرمۇ پارتىلامدۇ؟ قانداق پارتىلايدۇ؟-دەپ سورىدى.
ئىلىنىڭ بۇ سوئالىدىن ھەممىسى قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى.ئىلىنىڭ بولسا كۆزلىرى ھەيرانلىقتىن چەكچەيگەن ئىدى.  
-كىنولاردا بومبا پارتىلغاننى كۆرگەنمۇ؟ -روزى كۈلكىسىنى توختالماي ئىلىدىن سورىدى.
  -كۆرگەن.  
-تونۇرمۇ بومبىغا ئوخشاش پارتىلايدۇ-؛كۈلكە تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى.مۇسا شۇ كۈلكىدىن ئۆزىنى ئاران توختاتتى-دە:
  -تونۇر قىزىپ كەتسە،تونۇر پارتىلايدۇ دەيمىز.ئەگەر تونۇر قىزىپ ئېشىپ كەتسە، تونۇر پارتىلدى دەيمىز.گىردىنى تېزراق تىز،بولمىسا تونۇر پارتىلايدۇ-دېدى
.ئىلى ھەركىتىنى باياتىقىدىن تىزراق قىلدى.مۇسا گىردە كولاشنى روزى بىلەن كېرىمگە تاشلاپ قويۇپ،تونۇرنىڭ ھاۋسىنى تەڭشەشكە ماڭدى.
مانا ئىلى بىلەن كىرىم گىردە يۈزىگە كۈنجۈت سەپمەكتە.مۇسا بىلەن روزى،  يۈزىگە كۈنجۈت سىپىلگەن گىردىلەرنى بەس-بەستە تونۇرغا باغلىماقتا.ئەمدىكى گەپ تونۇر ئىچىدىكى گىردىلەرنىڭ پىشىشىدا قالدى.
-كېرىم،ئىلى ،ئاخشامقى نانلارنى تاختىغا ئىچىقىپ تىزىۋىتىڭلار.روزى، غەللىدىن ئۈچ كوي ئىلىپ سەي ئەكەل-دېدى  مۇسا تونۇر بىشىدىن چۈشۈۋىتىپ.
ئىلى بىلەن كىرىم ، ئاخشامقى ئېشىپ قالغان گىردە نانلارنى تۈنۈگۈنكى  پەدىسىدە تاختىغا تىزىپ بولشىغا،روزى سۇلياۋ خالتىغا قاچىلانغان سەينى كۆتۈرۈپ ناۋايخانىغا كىرىپ كەلدى.ئۇلار بۈگۈنكى تۇنجى پارچە گىردىنى،كۈندىكىدەك خىزمەتچىلارنىڭ ئىشقا مىڭىشىغا ئۈلگۈرتۈپ قوماردى.نان سېتىشقا ئۇستا روزى،تۈنۈگۈن ئېشىپ  قالغان گىردىلەرنى بايا قومۇرۇلغان يىڭى گىردىلەرگە قوشۇپ سېتىپ،تاختىنى بىكار قىلىپ قويدى. ھەم باياتىن روزى ئەكەلگەن سەي ناشتا قىلىپمۇ بولدى.
ئەمدى ئۇلار ئىككىنجى پارچە گىردىنىڭ خېمىرىنى پىلتە قىلىشقا باشلىدى.ئىلى بۇ قېتىم ئالدىنقى قېتىمتىدەك قاراپ تۇرمىدى.بەلكى:  -مەنمۇ پىلتە قىلايمۇ-دەپ ،مۇساغا قارىغان ئىدى.مۇسا ماقۇل بولدى.شۇنىڭ بىلەن ئىلى قولىغا كىچىك گىردىنىڭ خېمىرىنى ئىلىپ،ئانىسى لەغمەنگە  پىلتە قىلغاندەك پىلتە قىلىشقا باشلىدى.بۇنى كۆرگەن مۇسا:
  -ھوي،لەغمەنگە پىلتە قىلغاندەك خېمىرنى يۇمۇلتىپ ئوينىمايسەن.خېمىرنى  قولنىڭ بېغىشى بىلەن چىڭ بىسىپ،تېشىدىن ئىچىگە قاراپ يۇملىتىسەن.ئاندىن مانىڭغا ئوخشاش چېكى بىر يەرگە كەلگەندە توختىسەن-دېدى،ۋە قولىدىكى پىلتە قىلىپ بولغان خېمىرنى كۆرسەتتى.
-بۇداقى خېمىرنى ئالدىرماي قىلىپ كۆرسىتىپ قويە-دېدى ئىلى.
مۇسا كىيىنكى قىتىمقى خېمىرنى ئاستا پىلتە قىلىپ ئىلىگە كۆرسىتىپ قويدى.ئىلى قىلغىنى بويىچە قولىدىكى پىلتىنى ھەر ھالدا قاملاشتۇرالىدى.لىكىن پىلتە خېمىرنىڭ ئىنچىكە،ئىككى ئۇچى توم بولۇپ قالغان.  
-مەن ساڭا قولۇڭنى مىدىرلاتما دېگەنمىدىم،خېمىرنى يۇملاتقاندا قولۇڭنى خېمىرنىڭ ئىككى تەرىپىگە يۈرۈشتۈرۈپ،خېمىرنىڭ توملىقىنى تەڭشىمەمسەن- دەپ  كايىدى مۇسا،ھەمدە ئىلىنىڭ قولىدىكى خېمىرنى ئالدىغا تارتىپ:  
-نېمانچىلا قىزتىۋەتتىڭ بۇ خېمىرنى –دەپلا،ئىلىنىڭ قولىدا تولا مۇجۇلۇپ،بىسىلىپ،يۇمۇلىنىپ قىززىپ كەتكەن خېمىرنى بىردەمدىلا پىلتە قىلىپ ،ئۈزۈپ بولدى.باشقىلار ئىككىنجى پارچە گىردىنىڭ  خېمىرنى پىلتە قىلىپ ئۈزۈپ بولغۇچە،ئىلى بەش پارچە خېمىرنى پىلتە قىلدى.بۇ پىلتىلىرىمۇ ئالدىنقى قىتىمتىغا ئوخشاش ئىنچىكە –توملىقى تەڭشەلمىگەن ئىدى.بۇنى مۇسا ئوڭشاپ ئۈزىۋەتتى.ئۇلار شۇ تەرىقىدە ئىككىنجى پارچە گىردىنىمۇ تونۇرغا باغلاپ بولغان.
مانا ئەمدى روزى پىشقان گىردىلەنى قومۇرماقتا.ئىلى بۇ گىردىلەرنى ياغلىماقتا.قاراڭ،ئەمەت ناۋاي بىلەن ئايالى ئايگۈل ناۋايخانىغا كىرىپ كەلمەكتە.ئەمدى ئۇلار تولۇق بولۇپ  بىر كۈنلۈك ئەمگىكىنى باشلىۋەتتى.بۇ بىر كۈن ئىلى نېمە ئىش قىلدى،نان ياغلىدى.ئەتىگەنكى ئىككى پارچە تونۇر ناننى ھىساپلىغاندا،ئالتە پارچە تونۇرنىڭ نىنى ياغلاپ كۈننى كەچ قىلدى.ئۇنى بۈگۈن ئەڭ قېينىغىنى ئۇيقۇ بولدى.ئاخشام ئۇخلىمىغاننىڭ دەردىنى خويمۇ تارتتى.لېكىن بۇنى چاندۇرمىدى.چاندۇرسىمۇ نېمە ئامال،يا ئۇستىسى ئۇنى بىردەم ئۇخلىۋال دېمىسە.  ئىلى تۈنۈگۈن كېچە،قاچان تاڭ ئاتار دەپ كۆزى تۆت بولۇپ كەتكەن بولسا،ئەمدى قاچان كەچ بولار دەپ ،تۆت بولۇپ كەتكەن كۆزى ئېغىر ئۇيقۇغا كەتكەن.ئۇ تۈنۈگۈن كېچىنى ئۇخلىماي ئۆتكۈزگەچكىمۇ، بۇگۈن ھەممىدىن بۇرۇن ئۇخلاپ بولغان.ياتقان يېرىنىڭ يول ئىكەنلىكىنىمۇ ئۇنتۇپ قالغان.

بۇ ھاياتتا ئازغۇن،گۇناھكار بولۇشتىن بەك قورقىمەن.ئاللاھ ئىگەم ئىككى دۇنيادا ئەزىز قىلغىن،خار قىلمىغىن.ئازدۇرۇشلاردىن ساقلىغىن؛

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87592
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1091
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 272 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2014-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 10:54:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازنىڭ كۈنىدە ھەممە ئىشچى –خىزمەتچى ئەتىگەن سائەت يەتتە يىرىمدا ئىشقا چىقسا،جاپاكەش تازلىق ئىشچىلىرى ئەتىگەن سائەت تۆتتە يولغا چىقىپ بولىدۇ.تازلىق ئىشچىسىنىڭ يول سۈپۈرگەندىكى ئاۋازى يەنە بۇلارنى ئويغۇنۇشقا سىگنال بەرمەكتە.بۇ ناۋايخاندىكى ئادەت شۇكى،چوڭ شاگىرت ھەممىدىن بۇرۇن تۇرۇش،ۋە قالغانلارنى ئويغۇتۇش.
  -قوپۇشە،قوپۇشە تاڭ ئاتتى-.مۇسا بالىلارنى ئويغاتماقتا.
-تېخى تاڭ ئاتماپتۇ، بىردەم ئۇخلىۋالاي ئانا-.ئىلىنىڭ ئۇيقۇچىلىقدا جۆيلىشى ،كۆزلىرىنى ئۇلاپ ئۇيقۇسىنى ئاچالمايۋاتقان روزى بىلەن كېرىمنىڭ ئۇيقۇسىنى بىراقلا ئېچىۋەتتى.ئۇلار قاقاقلاپ كۈلۈشتى.مۇسا كۈلۈپ تۇرۇپ:
-قوپە ھوي،بۇ ئۆيۈڭ ئەمەس،ئاناڭ ئۆيۈڭدە قالدى-دەپ،ئىلىنىڭ كاسسىغا يىنىڭ بىرنى تىپىپ قويدى.ئىلى ئويغۇنۇپ ئۆزىنىڭ جۆيلىگەنلىكىدىن خىجىل بولۇپ قىزىرىپ كەتتى.بۇنى سەزگەن مۇسا:  
-كۆنۋالغۇچە قىيلىنىپ قالىسەن.ئوغۇل بالا بولغاندىكىن بىرەر ھەپتە چىدىساڭ،بىزگە ئوخشاش كۆنۈپ قالىسەن.مەنمۇ يىڭى كەلگەندە ئۇيقۇمغا قانالماي يىغلىغان تېخى –دېدى.ۋە ئارقىدىنلا تېخىچە قوپماي ئولتۇرغان روزى بىلەن كېرىمگە:  
-ئىشتانلىرىڭنىڭ ئىچىدىكى پىتنى بىقىشماي قوپۇشە ئورنۇڭدىن-دەپ ۋاقىردى.
  -مۇساكا،پىتنىڭ باھاسى ئۆسۈپ كەتتى دەيدۇ،ئىشتىنامنىڭ ئىچىدىكى پىتتىن بىرنى بىرەي باقامسەن-دېدى روزى كۈلۈپ تۇرۇپ.
  -پىتنىڭ باھاسى قاچاندىن باشلاپ ئۆسۈپتۇ-دېدى،كېرىممۇ قاتاردىن قالماي.  
-مەن تۇغۇلغاندىن باشلاپ.  
- پىتلىرىڭنى كېيىن بېقىۋىلىپ،ھازىر  قوپۇپ  ئورنۇڭنى  يىغىشتۇرۇش.
مۇسا شۇلارنى دەپلا ناۋايخانىغا كىرىپ كەتتى.قالغانلارمۇ يوتقان-كۆرپىلىرىنى كۆتۈرشۈپ،مۇسانىڭ كەينىدىن ناۋايخانىغا قاراپ مېڭىشتى.
ھەر كۈندىكى ئىش ئوخشاش .ھەممىسى ئۆزئىشلىرىنى ئۆزى تېپىپ قىلىۋاتىدۇ.تۈنۈگۈن تەكرارلانغان ھەركەتلەر بۈگۈن يەنە قايتا تەكرارلىنىۋاتىدۇ.ئىلى بۈگۈن مۇسانىڭ ۋارقىراشلىرى،دۆت ،لەقۋا دېيىشلىرى ئاستىدا،گىردىنىڭ خېمىرىنى پىلتا قىلىشنى ھەر ھالدا ئۆگىنىۋالدى.تىخى پىلتا قىلغان خېمىرنى ئوندىن قىلىپ ئۈزدى.ئۈزگەن خېمىرلارنىڭ ھەممىسى تەكشى،تەڭ ئىدى.كەچتە ئىلى كېرىمدىن،خېمىر يۇغۇرۇشنى ئۆگەندى.خېمىر يۇغۇرۇش نان ياغلاشتىن قالسىلا،بۇ ناۋايخاندىكى ئەڭ ئاسان ئىش.بۇرۇن ناۋايلار خېمىرنى قولىدا يۇغۇراتتى.بىر خالتا ئۇننى خېمىر قىلىپ بولغۇچە قوللىرىنىڭ جېنى قالمايتى.ھازىر ئۇنداق ئەمەس.بىر خالتا ئۇننى خېمىر يۇغۇرۇش ماشىنىسىغا تۆكۆپ،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى يۈز گرام ئاش تۇزى،كىچىك بىر خالتا بازار خېمىتۇرچى تۆكۆپ،ئاندىن سۇ قۇيۇپ ماشىنىنى ماڭدۇرۋەتسىلا،خېمىر دېگەن بىردەمدىلا يۇغۇرۇلۇپ بولىدۇ.ئىلى يۇغۇرۇلۇپ بولغان خېمىرنى سول تەرەپتىكى پەشخۇنغا ئىلىپ،ئۈستىنى ئۇن خالتىسى بىلەن يۆگەپ قويسىلا بولدى.مانا شۇ يوسۇندا تۆت ئاي ئۆتتى.بۇ تۆت ئاي ئىچىدە يەتتىنجى ئاي بىلەن سەككىزىنجى ئاي ئەڭ جاپالىق.يازنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقى بىلەن تونۇرنىڭ يالقۇنلۇق ئىسسىقى،كەينى –كەينىدىن خېمىر يۇغۇرۇپ،پىلتە قىلىپ تاۋلاپ،گىردە بولسا كولاپ، ھەمەك بولسا ئېچىپ تونۇرغا يېقىپ قومۇرۇپ بولغۇچە،بۇلارنىڭ بەدەنلىرى تەرلەپ سۇ بولۇپ كېتىدۇ.ئىشتان –كۆينەكلىرى بولسا،تەرنىڭ دەستىدىن قاتماللىشىپ كېتىدۇ.ئۆيلىرىدە پايپىقىنىمۇ يۇيۇپ باقمىغان ئوغۇللار ،ھەر كۈنى كەچتە قاتماللىشىپ كەتكەن ئشتان- كۆينەكلىرنى يۇيۇپ يۇمشىتىدۇ.ئەتىگەنلىرى بولسا ئۇيقۇسىغا قىنىشماي ئەسنىشىدۇ.ئىلى بۇ تۆت ئايدا گىردە ناننىڭلا ئەمەس.ھەمەك نان،ئاق نانلارنىڭمۇ خېمىرنى پىلتە قىلىشنى،تاۋلاشنى ئۆگەندى.ھەم قول بىغېشىنىڭ ئاغرىقىتىنمۇ قۇتۇلالمىدى.ئەمدى ئۇ ئۆزىنى بۇ ناۋايخاننىڭ بىر ئەزاسىدەك ھېس قىلىدىغان،ياتسىرمايدىغان بولدى.خېمىر يۇغۇرۇش،جىڭلاش،پىلتە قىلىش،تاۋلاش دېگەنلەرگە پىشىپ سۇ بولۇپ كەتتى.

بۇ ھاياتتا ئازغۇن،گۇناھكار بولۇشتىن بەك قورقىمەن.ئاللاھ ئىگەم ئىككى دۇنيادا ئەزىز قىلغىن،خار قىلمىغىن.ئازدۇرۇشلاردىن ساقلىغىن؛

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87592
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1091
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 272 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2014-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 10:59:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                               ※           ※   
قىش پەسلى ناھايىتى تىزلا يىتىپ كەلدى.تۇمان كۆپىيىپ ھاۋا مۇزاشقا باشلىدى.غول قورىيدىغان سوغۇقلار تېخى يېتىپ كەلمىگەن بولسىمۇ،ھەر ھالدا كىشىلەر قىشنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىگە روھى جەھەتتىن سەل بىسىم قىلغاندەك بولۇشىۋاتاتتى.ئەمما كىشىلەر ئاخىرقى ھىسابتا يەنىلا ئۇنۇڭغا پىسەنت قىلمايتى.پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئىش-ئەمگەكلىرى ھەرگىز چوڭ تەسىرگە ئۇچۇرمايتى.
ئەمەت ناۋاينىڭ ناۋايخانىسىمۇ يەنىلا ھۈنەر بىلەن ئالدىراش.بۇ جاپاكەش ئۇستاملار يازنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقىدىن قۇتۇلغان بىلەن،قىشنىڭ زەھەردەك سوغۇقىغا تۇتۇلغان ئىدى.ناۋايخانىغا مەش قويۇلغان ،تونۇردا ئوت لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان بولسىمۇ،دۇككان ئىچى ئىلمان ئىدى.بۇ ۋاقىتتا ئەڭ توڭۇپ كېتىدىغان كىشى تونۇر بىشىغا چىققان ئادەم.تونۇر بىشىدىكى ئادەممۇ توڭامدۇ؟ دەپ سورماڭ.ھەممىدىن بەك توڭۇپ كېتىدىغىنى شۇلار.ئۇلارنىڭ يۈزى بىلەن قولى توڭمىغىنى بىلەن،بەل،پۇتلىرى سوغۇقتىن ئۇيشۇپ قالىدۇ.شۇڭا ئەمەت ناۋاي تونۇر بىشىنى مۇساغا ئۆتۈنىدۇ،مۇسا ئۇستىسى يوق ۋاقىتلاردا روزىغا ئۆتىنىدۇ،روزىمۇ ئاندا-مۇندى، تونۇر  بىشىغا يىڭى چىققان كېرىمغا ئۆتىنىدۇ.ئۇلار مانا مۇشۇنداق قىلىپ تونۇر بىشىدا ئالمىشىپ تۇرىدۇ.
ئەمەت ناۋاينىڭ ئايالى ئايگۈل بۇنداق قەھىرىتان قىشتا،ناۋايخانىغا ئاندا-ساندا قەدەم باسقاندىن باشقا،  ئۆيسىدىن چىقماي ئىككى بالسىنى  بېقىپ ئولتۇرىدۇ.ئەمەت ناۋايمۇ مۇشۇ كۈنلەردە بىليارتخانىدىن چىقالمايدىغان بوپ قالدى.بۇ ناۋايخانىنى ئەمدى ،مۇسا باشلىق شاگىرتلار ماڭدۇرۋاتىدۇ.شۇنداق قىش كۈنلىرىنڭ بىرىدە،ئىلى چوڭ-كىچىك گىردە نان كولاشنى ئۆگەندى.  
-قولۇمغا دىققەت قىلىپ قارا-دېدى مۇسا ئىلىگە .
مۇسانىڭ قولىدا ئۇچى ئۇچلۇق كەلگەن،تېگى يۇملاق تاۋلىنىپ تەييار بولغان گىردە خېمىرى تۇراتتى.  -ئىككى قولۇڭدا خېمىرنى بىسىپ ياپىلاقلاپ،ئاندىن باش بارمىقىڭنى خېمىرنىڭ ئوتتۇرسىغا پاتۇرسەن.ئاندىن……-مۇسا ئىلىگە،گىردە كولاشنى مانا  مۇشۇنداق تەپسىلى ئۆگەتتى.
-تىرناقنى پاتۇرمىزما-دېدى ئىلى.ئۇلار گىردە كولىغاندا،تىرنىقىنى گىردىنىڭ گىرۋىكىنىڭ ئاستىغا پاتۇراتتى.بۇنى تىرناق سىلىش دەيتتى.
-گىردە نان نېمىشقا باشقا نانلاردىن تەملىك بولىدۇ،بىلەمسەن ئىلى-دەپ سورىدى روزى.
  -ياق.
  -مانا مۇشۇ تىرنىقىمىزنىڭ تەمى-؛ئىلىنىڭ كۆڭلى ئىلشىپ كەتتى.
-ماڭاۋە روزەك-دېدى مۇسا روزىغا ئاليىپ ۋە:
-تىرناقنى سالمىساق گىردىنىڭ ئوتتۇرسى ئۆرلىۋالىدۇ-دەپ چۈشەندۇردى.  
مانا بۇ شاگىرت ئۇستاملارنىڭ تەپسىلى ئۆگىتىشى بىلەن ئىلى چوڭ-كىچىك گىردە نان كولاشنى ئۆگىنىۋالدى.چۈشتىن كېيىن ئۇنۇڭغا يەنە بىر ئامەت كەلدى.بىر خېرىردار تويغا دەپ بەش يۈز ئاق نان بۇيرىۋىدى،بۇ پۇرسەت ئىلىگە ئاقنان  ئىچىشنى ئۆگىنىدىغانغا شارائىت ھازىرلىدى.ئاق نان ئىچىشنى ئۆگىنىۋالدى ،دېگەن گەپ ،ھەمەك نانمۇ ئاچالايدۇ دېگەن گەپ .ئىككى ناننىڭ ئوخشىمايدىغان يىرى بولسا،ئاق نان  گىرۋەكلىك،ھەمەك گىرۋەكسىز.لىكىن جەريانى ئوخشاش.بۇ ناۋايخاننىڭ ئىچىلىغىنغا ئون بەش يىل بولاي دەپ قالدى.بۇ ئون بەش يىل جەريانىدا تېخى بىرەر شاگىرتقا بىر كۈننىڭ ئىچىدىلا ،چوڭ-كىچىك گىردە كولاش،ھەمەك،ئاق نان ئىچىشنى ئۆگىنىۋىلىشتەك بۇنداق ئامەت نىسىپ بولمىغان.ئەمما  بۈگۈن بۇ ئامەت ئىلىنىڭ بىشىغا قوندى.
-ھەي ئىلى،سەن قاقۋاش نېمىنداق تەلەيلىك –ھە.ئۇستاممۇ بۈگۈن سېنى دەپلا  كەلمىدىمۇ نېمە؟-دەيتى روزى.  
-ئۇستامغا پارە بەرمىگەنسەن-ھە-؛كېرىممۇ گەپتىن قالمىدى.ئىلى بولسا ئۇلارغا مىيقىدا كۈلۈپ قوياتتى.
ئون بىرىنچى ئاي كىرمەستىنلا،بۇلار ئورۇنلىرىنى پىيادىلەر يولىدىن ناۋايخانا ئىچىگە يۆتكەپ كىرگەن ئىدى.
-مەن روزى بىلەن تونۇر بىشىدا ياتىمەن،ئىككىڭلار پەشخۇندا يىتىڭلار – دېدى  مۇسا.
-نېمە ؟خېمېر قويدىغان،نان ئاچىدىغان،ئۇن ئۇۋاقلىرى قىتىپ كەتكەن پەشخۇنداياتىمىزما؟،قارىغۇ بوپ قالمايلى مۇساكا-دېدى ئىلى.   
-قارىغۇ بوپ قالمايسەن ،كېرىممىۇ ئاشۇ يەردە ياتقىلى ئىككى قىش بولدى.مەنمۇ تۆت-بەش قىش ياتقان ھېچنىمە بولمىدىققۇ.پاكىز سۈپۈرۋەتسەڭلا بولىدۇ.
تونۇر بىشىدا مۇسا بىلەن روزى سوغۇقنى ئانچە كۆرمەيتى.لىكىن كىرىم بىلەن ئىلى قىستىلشىپ بىر يوتقاندا ياتقان بىلەن ،ئالدى ئىسسىسا كەينى ئىسسىماي،كەينى ئىسسىا ئالدى ئىسسىماي بىر قىشنى چىقاردى.

بۇ ھاياتتا ئازغۇن،گۇناھكار بولۇشتىن بەك قورقىمەن.ئاللاھ ئىگەم ئىككى دۇنيادا ئەزىز قىلغىن،خار قىلمىغىن.ئازدۇرۇشلاردىن ساقلىغىن؛

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87592
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1091
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 272 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2014-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 11:04:46 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                 ※           ※   
  -باشتا يول دەپ ياراتماپتىكەنمەن .ئەسلى ھەممىدىن ئەۋزىلى مۇشۇ يەركەن دېسە-دەۋاتاتتى،ناۋايخانا ئىچىدىن يەنە  يولغا كۆچۈپ چىققان ئىلى.
-شۇنى دېمەمسەن،ئۆتكەن يىلى سەن يوق،پەشخۇندا ئۆزۈم يالغۇز خىلى راھەت ئۇخلىغان.بۇ يىل
سەن بىلەن قىستىلشىپ يامان تەستە چىقاردىم بۇ قىشنى-دېدى كېرىم.
  -ھەممىدىن بەك پايدىنى مۇساكام بىلەن روزىكام ئالامدۇ نېمە ؟.
-شۇنداق،ئۇلار دېگەن بىزدىن بالدۇر كىرگەن چوڭ شاگىرت تۇرسا.
-بىزمۇ قاچان ئاشۇلاردەك چوڭ ئۇستام بولارمىز-ھە.  
-ئەتە-ئۆگۈن.  
ئۇلار شۇ پاراڭلار بىلەن ئۇيقۇغا كېتىشتى.قىشدىن بىرى قىستىلشىپ راھەتلىنىپ ئۇخلىيالمىغان ئىلى بىلەن كېرىم ،تاتلىق، شىرىن ئۇيقۇغا كەتتى.مۇسا بىلەن روزى تونۇر بىشىدا ئولتۇرۇپ نېمىلەرنىدۇ دېيشىۋاتاتتى.
قەھىرىتان قىش كېتىپ ياز كەلدى.ئىلىنىڭ بۇ ناۋايخانىغا شاگىرتلىققا كىرگىنىگىمۇ بىر يىل بولۇپ،ئىككىنجى يىلغا قەدەم ئالدى.بۇ يىلقى ياز  ئۆتكەن يىلدىكى يازدىن بەك ئىسسىق بولدى.ئەمەت ناۋاي بىلەن ئايگۈل قىشتا سوغۇققا چىدىماي ناۋايخانغا قەدەم باسمىغان بولسا،ئەمدى ئادەمنى قىزتىپ قوقاس قىلۋەتتىدەك ئىسسىقتىن قورقۇپ، ناۋايخانداكۆپ تۇرمايدىغان بولۋالدى.مۇسا باشلىق شاگىرتلار ئىسسىقتىن تەرلەپ سۇ بولۇپ كەتسىمۇ،ئۇستىسنىڭ دۇكانغا كەلمەيۋاتقانلىقىدىن خۇش ئىدى.  
-روزى تونۇر بىشىغا سەن چىق.مەن نان ئاچاي،ئىلى نان ساتقاچ نان ياغلىسۇن.كېرىم ئاۋۇ گىردىنىڭ خېمىرنى جىڭلاپ پىلتە قىلغاچ تۇرسۇن-دېدى مۇسا.
-تۈنۈگۈنمۇ مەن چىققان تۇرسام تونۇر بىشىغا،بۇگۈنمۇ يەنە مەن چىقامدىمەن. كېرىم چىقسۇن،كېرىمنىڭ ئىشىنى مەن قىلاي-دېدى روزى.  
-نېمىقشقا،سەن چىقىۋەر –دېدى،خېمىر جىڭلاشقا تۇتۇش قىلىۋاتقان كېرىم.  
-مەن چىقايمىيا-؛سىرىتتىن ئەمدىلا نان سېتىپ قايتىپ كىرۋاتقان ئىلى گەپكە ئارلاشتى.
  -ۋاي سەن تېخى جىق چىقىپ تويۇپ كېتىسەن بۇ نەس باسقۇريەردىن—دېدى روزى داتلاپ.
-بۈگۈن سەن يىپىۋەر ناننى،كېرىم ئەتە چىقسۇن.
-مۇساكا قاچانغىچە مېنى تونۇر بىشىغا يولاتمايسىلەر؟-دەپ سورىدى ئىلى.  
-ئالدىراپ كېتىپ بارامسەن.  -ھېلىمۇ بىر يىلدىن ئاشتى.ناۋايلىققا كىرىپ نان ياپالمايمەن دېسە ،خەق ئادەمنى زاڭلىق قىلىدىكەن
.  -تونۇر بىشىغا چىقىرىپ قويسام،نان ياقتىم دەپ ئۆزۈڭنىڭ قولىنى يېقىۋىلىپ،بىر ھەپتە ۋايجانلاپ ياتساڭ سېنىڭ ئىشىڭنى مەن قىلامدىم.ئالدىمىزدىكى قىشتا چىققىن.تويۇپ كېتىسەن ئۇ تونۇردىن.
دېگەندەك قىشنىڭ بىر كۈنى مۇسا ئىلىگە :  
-گىردىنى باغلاپ باقامسەن-دېۋىدى،ئىلى تونۇر بىشىغا چىقتىم دەپ خۇشال بولۇپ كەتتى.
  -ھەئە،كۆرسىتىپ قويغىن-دېدى ئىلى.
-ھېلى ھازىرقىتىنمۇ بەكرەك سەكرەپ كىتەرسەنمىكى ئىلى-دەپ كۈلدى روزى.
-نېمە دېگىنىڭ بۇ؟.
-سەل تۇرۇپ بىلىپ قالسەن.  
-بولدى،بولدى.ماياققا كەل –مۇسا ئىلىنى تونۇر بىشىغا چاقىردى.ۋە ئۇنۇڭغا:  
-گىردىنىڭ يۈزىنى ئالقىنىڭغا ئىلىپ،مانا مانداق. تونۇرنىڭ ئاستىدىن باشلاپ رەتلىك باغلايسەن.ئىگىز-پەس باغلىساڭ،گىردىلەرنىڭ ئارلىقىنى بەك چوڭ قىلىپ قويساڭ،گىردە تونۇرغا پاتمايدۇ.گىردىلەرنى چىتىپ قويساڭمۇ بولمايدۇ . ئاۋۋال قۇرۇق قولۇڭنى تونۇرنىڭ ئاستىغا سىلىپ باقە-دېدى.ئىلى قولىنى تونۇرغا ئاپىرىپ تۇرشىغا :  
-قولۇڭنى داستىكى سۇغا بىر چىلىۋەتمەمسەن لەقۋا.نەچچە ۋاقىتنىڭياغى كۆرۈپ تۇرۇپ ،قولۇڭنى كاۋاپ قىلاي دېگەنمىدىڭ-دېدى مۇسا.
بۇ ئىش روزى بىلەن كىرىمگە كۈلكە بولۇپ بەردى.ئۇلار تېخى ئىلىنىڭ ھىلى قويىدىغان ئويونىنى ساقلاپ تۇراتتى.ئىلى داستىكى سۇغا قولىنى بىر چىلىۋىتىپ تونۇرغا سالدى.تونۇرنىڭ قىززىقى ئۇنىڭ قولىنى ۋاززىدە قىزدۇردى.
  -قانداق؟باغلاپ باقامسەن يا تەرىتىڭ بوشمۇ؟-دېدى مۇسا.
-باغلاپ باقاي.
ئىلى مۇسانىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تۇنجى قېتىملىق گىردىنى يامان ئەمەس باغلىدى.ئەپسۇس ئىككىنجى قېتىم گىردىنى تونۇرنىڭ تىمىغا ئەمەس،تونۇرنىڭ ئوتتۇرسىغا باغلىدى.يەنە گىردىنى تونۇرغا چاپلايمەن دەپ ئۆزىنىڭ قولىنى چاپلىدى.
-ۋايجان!
ئىلى ۋارقىراپ قولىنى تونۇردىن تارتتى.قولىدىكى خام گىردە ئوت ئۈستگە چۈشۈپ كۆمەچكە ئايلاندى.
-ماۋۇ چىش پاستىسىنى سۆكىسەڭ،تارتۇق بولۇپ قالمايدۇ-.مۇسا قولىدىكى چىش پاستىسنى ئىلىگە بەردى.روزى بىلەن كىرىم قورساقلىرىنى تۇتۇپ كۈلۈشمەكتە.
-ھەي لاتىلا،كۈلشىۋەرمەي بىرسىڭ ماياققا كېلشە-.تىللىدى مۇسا ئۇلارنى.  
ئىلىنڭ تونۇرغا چاپلىشىپ كەتكەن قولى قاتتىق ئاغرىۋاتاتتى.ھەتتا ئاغرىق ئازابىدىن كۆزىدىن ياشمۇ چىقىپ كەتتى.ياخشىمۇ قولىنى سۇغا چىلىغاننىڭ پايدىسى.بولمىسا ئىلىنىڭ قولى راستىنلا كاۋاپ بولاتتىكەن.  
-دوختۇرخانغا بارايمىكى،ئاغرىققا پەقەت چىدىيالمىدىم-دېدى ئىلى ئارانلا.  
-ئامال يوق،قولۇڭ ئىككى كۈنگىچە مۇشۇنداق قاتتىق ئاغرىيدۇ،ئۇنۇڭدىن كېيىن ئاغرىقى ئۆزلىكىدىن قويۇپ بىرىدۇ.بىر ھەپتىگە قالماي ساقىيىپ بولىدۇ.دوختۇرخانغا بارساڭمۇ قولۇڭنى داكا بىلەن تىڭىپ قويىدۇ- شۇ،باشقا ئىش يوق-دېدى مۇسا.  
-ھەي ئۇششۇق ،ناۋايلىقنى ئەمدى ئۆگىنىۋاتسەن.بۇندىن كېيىن تونۇرغا بۇنداق قول يىقىشلار جىق تېخى –دېدى روزى،كالاچتەك ھىجىيىپ.
  -ئۆيۈڭگە بىرىپ كېلەمسىيا-دېدى مۇسا ئىلىگە ئىچ ئاغرىتىپ.
-ياق،چىدايمەن.  
-ئوغۇل بالا -؛مۇسا ئىلىنىڭ مۈرىسىگە ئۇرۇپ قويۇپ:  
-ناۋايلىق دېگەننى ،ئانىسنىڭ ئەمچىكىنى چىڭ چىشلىگەن ئوغۇل بالىلا قىلالايدۇ-دېدى.
مۇسا دېگەندەك ئىلىنىڭ قولى بىر ھەپتىگە قالماي ساقايدى.لىكىن تونۇرغا چاپلىغانلىقنىڭ ئىزناسى سۈپىتىدە ئازراق تارتۇق قىپقالدى.‹‹يىلاندىن قورقۇپ كەتكەن ئون يىل ئارغامچىدىن قورقۇپتۇ››دېگەندەك، ئىلى ئاشۇ قېتىملىق كۆيۈكنىڭ ئازابىنى تارتقاندىن كېيىن،مەيلى گىردە باغلىسۇن ياكى نان ياقسۇن،بەكلا دىققەت قىلىدىغان بولدى.لىكىن ناۋايلىقتا بۇندىن كېيىن ئىھتىياتسىزلىقتىن قولىنى تونۇرغا يېقىلىپ كەتمەيدۇ، دېگىلى بولمايدۇ. ناۋايلىق تارىخى يىگىرمە يىلدىن ئاشقان ئەمەت ناۋايمۇ،ئانچە-مۇنچە قولىنى تونۇرغا يېقىپ تۇرىدۇ ئەمەسمۇ.

بۇ ھاياتتا ئازغۇن،گۇناھكار بولۇشتىن بەك قورقىمەن.ئاللاھ ئىگەم ئىككى دۇنيادا ئەزىز قىلغىن،خار قىلمىغىن.ئازدۇرۇشلاردىن ساقلىغىن؛

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87592
يازما سانى: 130
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1091
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 272 سائەت
تىزىم: 2012-11-22
ئاخىرقى: 2014-8-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 11:09:39 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                                              ※          ※  
  تونۇرنىڭ ھاۋسىنى تەڭشەش ناۋايلىق ھۈنىرىنىڭ جېنى.سىز بىر خالتا خېمىر يۇغۇرۇپ،پىلتە قىلىپ تاۋلاپ،ئاندىن خېمىرنى خام نان ھالىتىگە كەلتۈرگەن بىلەن، تونۇرغا ئوت سىلىشنى مۇنداقچە ئيتقاندا تونۇرنىڭ ھاۋسىنى تەڭشەشنى بىلمىسىڭىز،سىزنى قانداقمۇ ناۋاي دېگىلى بولسۇن. مۇسا ئىلىگە ناۋايلىقنىڭ بۇ جىنىنى ئۆگتىپ قويماقتا.ئىلى ناۋايلىقنىڭ يەنە بىر يىڭى ھۈنرىنى ئۆگەنمەكتە.مۇنداقچە ئيتقاندا،ناۋايلىقنىڭ ئەڭ ئاخىردىكى ھۈنۈرنى ئۆگەنمەكتە.
-قارا تۇز سۈيىنى تونۇرنىڭ گىرۋىكىگە چاچساڭ،تونۇرنىڭ قىززىغان  -قىزىمىغانلىقىنى بىلەلەيسەن.تونۇر قىززىغان بولسا ،تۇز سۈيى پىژژىدە قىلىپ ھورغا ئايلىنىدۇ،قىززىمىغان بولسا ،تۇز سۈيى ھورغا ئايلانماي پىژژىلداۋىرىدۇ.بىلدىڭمۇ-.مۇسا ئىلىگە ناۋايلىقنىڭ بۇ جان تومۇرىنى ئەستايىدىل ئۆگىتىۋاتاتتى.  
-ئەمدىكى گەپ تونۇرنىڭ ئىچىگە تۇز سۈيىنى چىچىش-.مۇسا ئالدىدا تۇرغان داستىكى تۇز سۈيىنى تونۇرنىڭ ھەممە يېرىگە تەكشى چىچىۋاتاتتى.
ئىلى مۇسانى دوراپ تۇز سۈيىنى تونۇرغا چاچماقچى بولىۋىدى،تۇز سۈيى تونۇرنىڭ تىمىغا چىچىلىپ بولغۇچە،تونۇرنىڭ ئوتتۇرىغا ئىقىپ كەتتى.مۇسا نەچچە قېتىم كۆرسەتتى ،ئىلى يەنىلا قىلالمىدى.ناۋايلىقنىڭ بۇ جان تومۇرنى ئۆگىنىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس.مۇسا ئىلىگە ھەركۈنى قايتا-قايتا كۆرسىتىپ بىرىش،قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۈچ ئايدا ئاران ئۆگەتتى.بۇ ئۈچ ئايدا ئىلى قانچە ناننى كۆمەچ قىلدى-ھە.تۇنجى قېتىم تونۇرنىڭ ھاۋسىنى  پەس تەڭشەپ قويۇپ،بەش ھەمەك ناننى كۆمەچ قىلغان كۈنى كەچتە ئايگۈل:
-ئىلى بەش كۆمەچ نېنىنى يەپ بولغۇچە تاماق پۇل يوق-دېگەن ئىدى.
ناۋايخاننىڭ بۇ قائىدىنى چىقىرشى شاگىرتلارغا تولىمۇ پايدىلىق.ئۇلار تاماق پۇلىدىن قالماسلىق ئۈچۈن بولسىمۇ ناننى كۆمەچ چىقارمايدۇ.ئىلى شۇ كۈندىن باشلاپ ھەپتە ئارلاپ بىرەر بىرەر قېتىم تاماق پۇلىدىن قىلىپ ، ئۆزىنىڭ كۆمىچىنى يىدى.تېخى تاس قالدى،بىرقېتىم بىر تونۇر گىردىنى خام قىلىپ قويۇپ بىرئاي يىگىنى.
  -مۇساكا،ئەمدى قانداق قىلىمىز-ئىلى ئەندىشە ئىچىدە،مۇسادىن سورىدى.
  –قانداق قىلاتتىڭ ،بىر ئاي ئىچىدە يەپ تۈگتىسەن-شۇ-دېدى روزى، ئىلىنىڭ كەيپىياتىنى تىخىمۇ  چىچىپ.  
-قېنى تونۇرغا كۆمۈر جالاپ باقاي.گىردىلەرنىڭ يۈزى قىزىرىپ قالسا ئەجەب ئەمەس-دېدى مۇسا ۋە بىر قانچە كۆمۈرنى لاخشىگىر بىلەن قىسىپ تونۇرغا سىلىپ،گۇپپۇڭچى(كىچىك تىپتىكى ناۋايخانا،سامسىخانىلار مەخسۇس ئشلىتىدىغان شامالدۇرغۇچ) بىلەن ئوتنى پۈۋلىدى. دېگەندەك گىردىلەرنىڭ يۈزى قىزاردى.بۇ گىردىلەرنى روزى ۋاتىلداپ يۇرۈپ بىردەمدىلا  سىتىپ بولدى.   
-مۇشۇچاققىچە بۇنداق ئەھۋالغا يولقۇپ باقمىغان،بۇچارە ھەرنېمە بولسا ئىقىپ قالدى-دېسە،بولمىغان بولسا ئىلىنىڭ ئىشى چاتاقتى-دېدى مۇسا،ئىلىنى قورقۇتۇپ.   
-ئۇستام مېنى ھەيتىۋىتەرمىدى.  
-ۋاي تاڭ،بەلكىم ھەيدىۋەتمەي بىر ئاي تاماق پۇلى بەرمەس بولغۇيتى.
شۇ قېتىملىق ئىشتىن كېيىن ئىلى،تونۇرنىڭ ھاۋسىنى تەڭشەشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتتى.  كېچە كۈندۈزنى قوغلاپ،ئاي قۇياشنى قوغلاپ ،بۈگۇن ئەتىنى قوغلاپ،ئەتە ئۆگۈننى قوغلاپ ،ئىلىنىڭ ھۈنەرگە كىرگىنىگىمۇ مانا بىردەمدىلا ئۈچ يىل بولدى . ئۇ  بۇ ھۈنەرنىڭ ئىلىم-تىلىمىنى تامامەن ئىگەللەپ بولدى.ئەمدى ئۇ دۇككان ئايرىسىلا بولىدۇ.ئىلى بۇ خىيالنىمۇ قىلغان،لېكىن روزى بىلەن كېرىم دىيشىۋالغاندەك،كەينى-كەينىدىن دۇككان ئايرىپ چىقىپ كەتتى.شۇنىڭ بىلەن ئىلى،يىڭى بىر شاگىرت كىرىپ قولى ئىشقا كەلگۈچە تۇرۇپ تۇراي دەپ ،يەنە يىرىم يىلنى ئۆتكۈزدى.
ئىلى ناۋايخانغا كىرگىنگە توپتوغرا ئۈچ يىرىم يىل بولغان كۈنى كەچتە مۇسا بىلەن پاراڭلاشتى:
-مۇساكا ،مىنىڭ بۇ دۇكانغا كىرگىنىمگىمۇ ھەش-پەش دىگۈچە ئۈچ يىرىم  يىل بوپ قاپتۇ.سېنىڭ غەمخۇرلىقىڭدا ھۈنەرنىمۇ ياخشى ئۆگەندىم.ئويلاپ باقسام ، مەن ئەمەت ناۋايغا ھۈنەرگە كىرگىنىم بىلەن،ئۇ ئۇستام ماڭا ھېچنىمە ئۆگەتمەپتۇ.ھۈنەرنىڭ ھەممنى سەندىن ئۆگىنىپتىمەن-؛ئىلى بىردەم جىمىپ كەتكەندىن  كېيىن،سۆزىنى داۋام قىلدى:
  -ئۆيدىكىلەرگە دەپ دۇككان ئايرىمىكى دەيمەن-دېدى .  -ھۇنەرنى قورسۇقۇڭغا سولاپ بولغاندىكىن، بۇيەردە تۇرغۇڭ كەلمەيدۇ-دە،ئەمدى شۇ ئۇستامنى رازى قىلساڭ،ئىشىڭ تۈگەيدۇ
-دېدى مۇسا.
-سېنىمۇ رازى قىلمەن مۇساكا.
مۇساكۈلۈپ قويۇپ ئۈندىمىدى.  
-مۇساكا.سەنمۇ ھۈنەرنى ئۇستامدىن ئۆگەنمەي،چوڭ شاگىرتتىن ئۆگەنگەنما؟.  
-مەن بۇ ناۋايخانغا كىرگەننىڭياغى،ئۇستامنىڭ بىرەر شاگىرتقا تەپسىلى ھۈنەر ئۆگەتكىننى بىلمەيمەن. مەن ھۈنەرگە كىرگەندە،ھەززاجى ،ياسىنجان دەپ ئىككى شاگىرت باركەن.مەن ھۈنەرنى ھەززاجىدىن ئۆگەنگەن.كىيىن مەنمۇ چوڭ شاگىرت بولۇپ،ساڭا ئوخشاش نەچچە شاگىرتىقا ھۈنەر ئۆگەتتىم.لېكىن بۇ تۆھپە ئە مەت ئۇستامنىڭ بولىدۇ، دېگىنە.
-باشقا ناۋايخانلاردىمۇ شۇنداقمىدۇ يا؟
-شۇنداقكەن.ئۇلارمۇ ئاساسلىقى ھۈنەرنى چوڭ شاگىرتتىن ئۆگىنىدىكەن.   
-مەن ئۇستام بولسام ئۇنداق قىلمايمەن.ھەر بىر شاگىرتىمغا ھۈنەرنى ئۆزۈم ئۆگىتىمەن.
  -شۇ ۋاقتى كەلسۇن ئىلى.
ئۇلار خېلى ئۇزۇنغىچە پاراڭلاشتى.بۇ ئىلىنىڭ ئۈچ يىرىم يىلدىن بۇيان،مۇسا بىلەن ئەڭ ئۇزۇن پاراڭلىشى ئىدى.ئىلى مۇسانى ئەمەت ئۇستامدىن چوڭ كۆرىدۇ.چۈنكى ئىلى ھۈنەرنى ئەمەت ئۇستامدىن ئەمەس،مۇسا ئۇستامدىن ئۆگەندى.ئەمەت ئۇستام بولسا:
  -ھە،نان كولىغىدەك بولدۇم-دە.
-مۇسا،ئىلىگە نان ئېچىشنى ئۆگتىپ قويدۇم، دېدىڭما-دەپ قوياتتى خالاس.
ناۋايلىققا كىرگەن شاگىرتلارنىڭ ھەممىسى،ھۈنەرنى چوڭ ئۇستامدىن ئەمەس،كىچىك ئۇستامدىن ئۆگىنىدىغان ئادەت قاچاندىن بىرى پەيدا بولغان بولغىيتى-ھە.  بۇمۇ ياخشى ئىشكەن.ھۈنەرنى كىچىك ئۇستامدىن ئۆگەنسە،ئەركىن ئازادە ئۆگۈنەلەيدىكەن.كىچىك ئۇستام ۋارقىرسىمۇ،تىللىسىمۇ ئانچە بەك ئېغىر كەلمەيدىكەن.چۈنكى كىچىك ئۇستاممۇ شاگىرت-تە.  

بۇ ھاياتتا ئازغۇن،گۇناھكار بولۇشتىن بەك قورقىمەن.ئاللاھ ئىگەم ئىككى دۇنيادا ئەزىز قىلغىن،خار قىلمىغىن.ئازدۇرۇشلاردىن ساقلىغىن؛
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش