رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيەتلىرى
ئاتۇشقا سالام
كەچۈر مېنى باغرىم ئاتۇشۇم،
بارالمىدىم يىللار ئۆتسىمۇ.
تاجۇ-تەختىم سەن بەخىت قۇشۇم،
گەر ئارىمىز يىراق بولسىمۇ.
ئەقىل تاپتىم باغرىڭدا سېنىڭ،
بىرەلمىدىم ئەمما ھوسۇلنى.
قەرزىم كۆپتۇر ئالدىڭدا مېنىڭ،
تېريالمىدىم ئەل دەپ قوغۇننى.
ئايلاپ-يىللاپ كۆرمەي قارامنى،
رەنجىگەنسەن مېنىڭدىن بەلكىم.
قانداق ئۇنتاي سەندەك ئانامنى،
ئۆز يۇرتىنىڭ بالىسى ھەر كىم.
ئەسلەپ تۇردۇم ھەر كۈن ھەر مىنۇت،
ياشلار تۈكتۈم تالاي سېغىنىپ.
قايدا بولسام تېلەيمەن زور قۇت،
ئۆمۈر بۇيى ساڭا بىقىنىپ.
ئۆتۈپ كەتتى نەچچە ھيت، ئايام،
ئايەم ئەمەس خۇددى ماتەمدەك.
قولىدىكەن تەغدىرنىڭ ئادەم،
بولمايدىكەن بىز ئويلىغاندەك.
سالام دەپ قوي بارچە ئاۋامغا،
يۇرتداشلارمۇ كەچۈرسۇن مېنى.
سالام دەپ ئۇرۇق تۇغقانغا،
تۇغقانلارمۇ كەچۈرسۇن مېنى.
ۋۇجۇدۇمدا بىر ئوت يالقۇنى،
مۇساپىردىن ئۆزگىلەر بىلمەس.
تەلپۈنىمەن ساڭا ھەر كۈنى،
كۆز ئالدىمدىن سىمايىڭ كەتمەس.
چالالمايمەن شوخ-شوخ پەدىگە،
دۇتتارىممۇ يىغلار مەن بىلەن.
گەر چىقساممۇ كۆكنىڭ قەرىگە،
مەن يېلتىزداش ئاتۇش سەن بىلەن.
كىندىك قىنىم تامغان قوينۇڭغا،
شۇڭا سەنسىز غىرىب كۈلكەممۇ.
ئەجەل يىتىپ ياتسام قوينۇڭدا،
ئارمان قالماس ئىدى ئۆلسەممۇ.
كەچۈر مېنى باغرىم ئاتۇشۇم،
بارالمىدىم ئاي-يىلدا يوقلاپ.
مۈمكىن ئەمەس سېنى ئۇنتۇشۇم،
ياشاتىمەن قايتىشنى ئويلاپ.
رۇستەم قاراسۇ...........
بۆرتالا ئالاتاۋدا يېزىلدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rustorahbar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-6 06:50 PM