خوش خەۋەر!شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورى ئۇيغۇرچە تور بىكىتى ئېچىلدى.
مەن 2012-يىلى11-ئاينىڭ21-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق ھۆكۈمىتىگە،شىنجاڭ مائارىپ تورى،شىنجاڭ مائارىپ-ئۇچۇر تورىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخسىنىمۇ يولغا قۇيۇش توغرىسىدىكى تەكلىپنى يوللىغان ئىدىم ،تورداشلارنىڭ بۇ تىمىغا ھەر تەرەپلىمە كۆڭۈل بۆلۈشى ئارقىسىدا مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە بۇ تەكلىپ ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىپ ھەقىقىي ئەمىللىلەشتى،ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن چۈڭ ئىش ھېساپلىنىدىغان شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورىنىڭ ئۇيغۇرچە تور بىكىتى ئېچىلدى تور بىكەت ئادىرىسى:http://uyghur.xjedu.gov.cnمەن ئاشۇ چاغدا يوللىغان تەكلىپنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە(بۇ ئادرىستىن كۆرسەڭلارمۇ بۇلىدۇ:https://uyghur-archive.com/misranim/thread-91998-1-1.htmlتورداشلارنىڭ ھەرخىل ئىنكاسلىرى بار)
شىنجاڭ مائارىپ تورى،شىنجاڭ مائارىپ-ئۇچۇر تورىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخسىنىمۇ يولغا قۇيۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق ھۆكۈمىتىگە :
تەڭرىتاغ تورى، شىنخۇا تورى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق ھۆكۈمىتى تورى ،مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى تورى،مەركىزىي خەلىق رادىيو ئىستانسىسى تورى قاتارلىق ھۆكۈمەت باشقۇرىشىدىكى توربىكەتلەرنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسقىسى بار ،بىز بۇ توربىكەتلەر دىن ئانا تىلىمىز ئارقىلىق دۆلەت ۋەئاپتۇنۇم رايۇننىڭ ھەرخىل فاڭجىن سىياسەتلىرىدىن،مەملىكەت ۋە دۇنيا خەۋەرلىرىدىن ئەڭ تىز سۈرەتتەخەۋەردار بۇلۇپ تۇرىۋاتىمىز.ئەمما ھازىركەم بۇلىۋاتقىنى ئۇيغۇرچەنۇسخىدىكى مائارىپ تورى ،بىزنىڭ دۆلەت،ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى فاڭجىن-سىياسەتلىرىدىنمۇ ئانا تىلىمىز ئارقىلىقمۇخەۋەردار بولغىمىز بار.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىشقا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ شىنجاڭ مائارىپ تورى،شىنجاڭ مائارىپ-ئۇچۇر تورىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخسىنىمۇ يولغا قۇيىشىنى چىن دىلىمىزدىن تەلەپ قىلىمىز.
2012-11-21 01:54:15 PM چىقىرىش
چۈشۈرۈش (280.71 KB)
ھۆرمەت بىلەن: بىلىمگە تەشنا خەلقىڭلار
2 -ئاينىڭ 20-كۈنى شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورى ئۇيغۇرچە تور بىكىتى سىناق تەرىقىسىدە ئىچىۋىتىلدى.
شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنلۇق مائارىپ خىزمىتى كومېتىتى، مائارىپ نازارىتىنىڭ باش تور بىكىتى بولۇپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مائارىپ فاڭجىن، لۇشەن ۋە سىياسەتلىرىنى تەشۋىق قىلىش، ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ئاشكارلاشنى ئىلگىرى سۈرۈش،ھۆكۈمەت-خەلق ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەرەپلەردە موھىم رول ئوينىماقتا. ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشىدا، شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورى ئۇيغۇرچە تور بىكىتى بۈگۈن ئېچىۋىتىلدى. نۆۋەتتە تور بىكەتنىڭ ھەرتۈرلۈك ئىقتىدارلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان بولۇپ، ئاپتونۇم رايۇنىمىزدىكى كەڭ ئامما ئۈچۈن دەل ۋاختىدا، ئومومى يۈزلۈك مائارىپ ئۇچۇرى مۇلازىمتى تەمىنلەيدۇ.
شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورى ئۇيغۇرچە تور بىكىتىنىڭ نىشانى: "مائارىپنى مەۋقە قىلىپ، جەمىيەتكە يۈزلىنىش". تور بىكەتنىڭ مەزمۇنلىرى: خەۋەرلەر، ھۆكۈمەت ئىشلىرى ۋە ئۇنىۋېرسال ئۇچۇرلار قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنگەن بولۇپ، "موھىم مەزمۇنلار"، "مائارىپ خەۋەرلىرى"، "ۋىلايەت-ئوبلاست خەۋەرلىرى"، "ئوبزۇرلار"، "مەخسۇس تېما"، "مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى"، "پەن-تېخنىكا ئۇچۇرلىرى"، "ساياھەت ئۇچۇرلىرى"، "ئۈن-سىن ئۇچۇرلىرى" قاتارلىق كۆپ خىل مەزمۇنلارنى ئۆز-ئىچىگە ئالىدۇ، ھەمدە، خەنزۇچە نۇسخىسى بىلەن ماس قەدەمنى يىڭىلىنىپ، شىنجاڭدىكى ئەڭ نوپوزلۇق، ئەڭ مول ۋە دەل ۋاختىدىكى مائارىپ ئۇچۇرلىرىنى ئىلان قىلىدۇ.
كەڭ تورداشلارنىڭ شىنجاڭ مائارىپ ئۇچۇر تورى ئۇيغۇرچە تور بىكىتىگە قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى، ئۇچۇر مەنبەسى بىلەن تەمىنلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز)تېلفۇن، 0991-7606108: ئېلخەت (xjuyedu@163.com : شۇنداقلا، قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلەرنى بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.تور ئادرىسىمىز http://uyghur.xjedu.gov.cn:
مەنبە:cctv520
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا cctv520 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-6 11:36 AM