|
|
|
|
شىنجاڭ مائارىپ تورى،شىنجاڭ مائارىپ-ئۇچۇر تورىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخسىنىمۇ يولغا قۇيۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق ھۆكۈمىتىگە : تەڭرىتاغ تورى، شىنخۇا تورى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق ھۆكۈمىتى تورى ،مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى تورى،مەركىزىي خەلىق رادىيو ئىستانسىسى تورى قاتارلىق ھۆكۈمەت باشقۇرىشىدىكى توربىكەتلەرنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسقىسى بار ،بىز بۇ توربىكەتلەر دىن ئانا تىلىمىز ئارقىلىق دۆلەت ۋەئاپتۇنۇم رايۇننىڭ ھەرخىل فاڭجىن سىياسەتلىرىدىن،مەملىكەت ۋە دۇنيا خەۋەرلىرىدىن ئەڭ تىز سۈرەتتەخەۋەردار بۇلۇپ تۇرىۋاتىمىز.ئەمما ھازىركەم بۇلىۋاتقىنى ئۇيغۇرچەنۇسخىدىكى مائارىپ تورى ،بىزنىڭ دۆلەت،ئاپتۇنۇم رايۇننىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى فاڭجىن-سىياسەتلىرىدىنمۇ ئانا تىلىمىز ئارقىلىقمۇخەۋەردار بولغىمىز بار.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىشقا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ شىنجاڭ مائارىپ تورى،شىنجاڭ مائارىپ-ئۇچۇر تورىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخسىنىمۇ يولغا قۇيىشىنى چىن دىلىمىزدىن تەلەپ قىلىمىز.
ھۆرمەت بىلەن: بىلىمگە تەشنا خەلقىڭلار
|
|
|
|
|
|