ئۇستاز يازغۇچى مەمىتىمىن ھۇشورغا ئوچۇق خەت
يازغۇچىنىڭ «سالچىلار» ناملىق رومانىنى ئوقوغاندىن كېيىنكى دەسلەپكى تەسىراتىم
ھۈسەيىن ھەكىم
يازغۇچى ئاۋال رىيالىزىمچى بولىشى كېرەك، لېكىن پەقەت رىيالىزىمچىلا بولسىمۇ ئۇزاق ياشىيالمايدۇ
پابلىنۇردا (چىلى)
ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا، مەن ۋە ماڭا ئوخشاش ئەدەبىياتقا ئوتتەك ئىشتىياقى بار سىتودىنتلار يازغۇچى مەمىتىمىن ھوشۇرنىڭ بىرەر ئەسىرىنىڭ ئېلان قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغان ھامان ئاجايىپ قىزىقىش، زور ئۈمىد بىلەن قىرائەتخانىغا چىپىشقا ئالدىرايتتۇق.كۆپىنچە ھاللاردا بىزدىن بۇرۇن كەلگەن ساۋاقداشلارنىڭ يازغۇچىنىڭ ئەسىرى ئېلان قىلىنغان ژورنالنى قاچان ئوقۇپ بولۇپ قويۇپ قۇيار،دېگەن تامادا، قولىمىزدا باشقا ژورنالنى تۇتىۋېلىپ، كۆزىمىزنى ئۆزمەي پايلاپ تۇرۇشتەك قىسمەتكە دۇچار بولاتتۇق. بۇ خىل ھىسسىياتنى يازغۇچى ۋە ئۇنىڭ ئەسىرىنى سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ئوقۇرمەن ئەڭ ياخشى چۈشىنىدۇ،ئەلۋەتتە.
شۇ يىللاردا يازغۇچىمۇ مەن ۋە ماڭا ئوخشاش ئوقورمەنلەرنى نائۈمىدتە قويماي «بۇرۇت ماجىراسى»، «ساراڭ»،«قىرلىق ئىستاكان» «چوشقىلارغا بايرام»، «ئايخان» قاتارلىق قالتىس بەدىئي ئۈنۈم ياراتقان نادىر ئەسەرلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۇردى.
يازغۇچىنىڭ يېقىندا نەشر قىلىنغان «سالچىلار» رومانىنى ئوقۇپ تۈگەتكىنىمدە ئەڭ دەسلەپ خىيالىمدىن كەچكىنى ئاپتۇر بۇنىڭدىن ئالاھەزەل 18يىللار ئىلگىرى ئېلان قىلغان «قۇم باسقان شەھەر» رومانى ئارقىلىق ياراتقان بەدىئىي پەللە ئۇنىڭ رومان ئىجادىيىتىنىڭ يۇقۇرى پەللىسى بولۇپ قالغان ئىكەن – دە، دېگەنلەرنىڭ بولغانقىلىنى يۇشۇرمايمەن. «قۇم باسقان شەھەر» رومانىدىكى ئۆمەر ئاكا-ئۇكىلارنىڭ تىللا تالىشىپ كەتكەن قىزىقچىلىق ھالىتى ئادەمنى ھەم كۈلدۈرىدۈ ھەم چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ.يازغۇچى شۇ رومانى ئارقىلىق ھەممىنى بىزگە دەپ بەرگەندەك ھەم شۇنداقلا ھېچنېمە دېمىگەن ئۇسلۇپتىكى قالتىس بەدىئي ماھارىتى بىلەن ھەر بىر ئۇيغۇر ئوقورمەنگە ئۆزگىچە ئىستېتىك زوق بېرىپلا قالماي، ئاددىي ئوقۇرمەندىن تارتىپ بەھىر ئېلىش قاتلىمى چوقۇرراق بولغان سەگەك زىياللىرىمىزنىمۇ قايىل قىلغان ئىدى.
«قۇم باسقان شەھەر» رومانى ئېلان قىلىنىپ ئارىدىن ئازغىنە كەم 20يىل ۋاقىت ئۆتۈپتۇ. بۇ 20يىلدا يازغۇچى مەمتىمىن ھوشۇر ئۇستاز يازغۇچىغا خاس مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن تىنىمسىز ئىجادىي ئەمگىكى ئارقىلىق «ئۇيغۇر ئون ئىككى موقامى ۋە ئىلى ۋارىيانتى»، « ئىلى خەلق قوشاقلىرىنىڭ تارىخى بايانى» ناملىق تەتقىقات خاراكتىرلىق ئەسەرلىرىنى ئوقومەنلەرگە سۇندى. يېقىندا يازغۇچىنىڭ ئىلى ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقى توغرىسىدا ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، يازغۇچىنىڭ ئىجادىيىتىگە مول-ھوسۇل تىلىدۇق.
ئەنە شۇ چاغلاردا «سالچىلار» رومانىنىڭ پات ئارىدا نەشىردىن چىقىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇردۇق. يازغۇچىنىڭ مۇشۇ ئەسەرنى يېزىش جەريانىدا تاغ ئاتلاپ ،ئىدىرمۇ-ئىدىر يۈرۈپ ئىزدىنىپ يۈرگەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇردۇق. بۇ خەۋەرلەرنىڭ ئارىسىدا بۇ قېتىمقى بۇ ئەسەرنىڭ سابىق رەئىس ئابلەت ئابدۇرىشىتنىڭ تەۋسىيە (ئەسلى زاكاس دېمەكچى ئىدىم!)سى بىلەن يېزىلىۋاتقانلىقىدەك مەزمۇنلارمۇ يوق ئەمەس ئىدى، ئەلبەتتە.خەۋەرلەردىنن خەۋەردار بولغاچ ئۇستاز يازغۇچىغا سالامەتلىك ۋە ئامانچىلىق تىلەش بىلەن بىرگە ئەسىرىنىڭ تېزراق پۈتۈشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتتۇق.
«سالچىلار» رومانى ئاخىرى نەشىردىن چىقىپ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. روماننى ئوقۇپ بولۇپ ئۆزۈمنىڭ ئالدانغاندەك ۋە يازغۇچىنىڭ بەدىئى تالانتىنىڭ يۈكسەكلىككە قاراپ ئەمەس، چېكىنىشكە يۈزلەنگەنلىكىدەك تۇيغۇغا كىېلىپ قالغانلىقىمنى يۇشۇرغۇم يوق!
رومان ئىككى قىسىم بولۇپ، بەت شەكلى ۋە قۇر ئارىلىقى كەڭ، خەتلىرى دانىمۇ-دانە قىلىپ لاھىيىلەنگەن بولۇپ، نەشىرىياتچلىقتا مۇشۇنداق بەت لاھىيەلەش ئوسۇلىنىڭ ئىجاد قىلىنغانلىقىدىن خەۋىرىم يوق ئىكەن. ئەينى يىللىرى، مىسىر يازغۇچىسى نەجىپ مەھپۇزنىڭ «ئۈچ كوچا تىرىلوگىيىسى»نى (قەسىر كوچىسى،ھېجران كوچىسى، شەربەت كوچىسى، شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى -1992يىلى- 9ئاي -1نەشىرىگە قاراڭ) ئوقوغان ئوقۇرمەنلەر ئوخشاش بىر نەشىرىياتىنىڭ 20نەچچە يىللىق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا بازار ئىگىلىكىگە يۈزلىنىش مۇساپىسىنى ئىنىق كۆرۈپ يېتەلەيدۇ.
بەلكىم ئوقۇرمەنلەر. ماۋۇ «ساراڭ » مەمىتىمىن ھوشۇرنىڭ «سالچىلار» رومانىنىڭ گپىنى قىلىۋىتىپ، بىر تاقلاپلا نەشىرىياتقا ئۆتۈپ كەتتىغۇ،دېيىشى تۇرغانلا گەپ! مېنى ھەرگىز خاتا چۈشىنىپ قالماڭلار.سىلەرمۇ باشقىچە ئويلاپ يۈرمەڭلار، بۇنى بىز ھېلىمۇ ھايات پىشقەدەم سالچىلارنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن قولايلىق بولۇشىنى كۆزلىگەن،دەپ ياخشىللىققا جورۇيلى. پۇل ھەممىگە قادىر ئەمەسقۇ! بۇنى ئىتراپ قىلمىساق خۇددى ئۆزى تاپقان بالىغا ئۆزىمۇ ئىگە بۇلالمىغاندەكلا بىر ئىش بولمامدۇ؟؟!!
مېنىڭچە، زىمىستان قارا قىشتا ئۆزى سۆيگەن يازغۇچىنىڭ ئەسىرىنى گۈركىرەپ ئوت كۆيىۋاتقان مەشنىڭ يېنىدا، ياكى پارغا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ مەززە قىلىپ ئوقوشتىنمۇ لەززەتلىك ئىش بولمىسا كېرەك. گىرمانىيە پەيلاسوپى فىرۇئىدنىڭ جىنىسىيەتكە دائىر تەلىماتلىرىغا ئۆزۈمچە ئانچە قوشۇلۇپ كەتمىسەممۇ، ئەمما ئۇنىڭ «ئەدەبىيات-سەنئەت روھى جەھەتتىكى ئەڭ ياخشى قېنىۋېلىش» دېگەن سۆزىنى بەك ياقتۇراتتىم. چۈنكى مەن يازغۇچى مەمىتىمىن ھوشۇرنىڭ «قوم باسقان شەھەر» ناملىق رومانىنى ئوقۇپ بولۇپ، روھى جەھەتتە قېنىۋىلىشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھەققىي چۈشەنگەن ئىدىم، چۈنكى ھەر كىم ئۆز قەلبىنىڭ شاھى سۇلتانى ئەمەسمۇ!!
قارا قىشنىڭ كۆڭۈلسىز فىۋرال ئايلىرىدا، ئۆزۈم سۆيگەن يازغۇچىنىڭ 10 نەچچە يىلدىن بۇيانقى تۇنجى يىرىك ئەسىرىنى ئوقۇش مەن ئۈچۈن، ئەلۋەتتە روھىيەتتىكى ئەڭ زور قېنىۋىلىش ئىدى. ئەپسۇس روماننى ئوقۇپ بولۇپ راست گەپنى قىلسام ئالدىنىپ قالغاندەك ھىسسىياتقا كەلدىم. مېنىڭچە، «سالچىلار» رومانى پەقەت تۆۋەندىكى ئۈچ جۈملە سۆزدىن تەركىپ تاپقان، خالاس!
1. سەمەت ئاخۇن بىلەن لەيلىگۈلنىڭ مۇھەببەت سەرگۈزەشتى
2. ئىلىدىكى ئۇيغۇر سالچىلارنىڭ سال ھەيدەشتىكى تېخنىكىلىق مەشخۇلاتى
3. ئىلىدىن ئىبارەت بۇ يۇرتتىكى يەر ناملىرىنىڭ جوغراپىيىلىك ئىزاھاتى خالاس.
ھەر بىر كىشى ئۆز قەلبنىڭ سۇلتانى بولغاندەك، ئوخشاش ئەسەردىن ئۆزىگە يارىشا ئوخشىمىغان بەدىئي زۇق ئېلىشى تەبىئي ئەھۋال، ئەلۋەتتە. ئەسەردىكى ھېلىقى ئەزمە قۇۋان تۇيۇقسىزلا دەرياغا چۆكۈپ كەتكەندە كۆڭلۈم خېلىلا يىرىم بولدى. ماڭا ئوخشاش مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ ئەسەرلىرىنى سۆيۈپ ئوقويدىغان بەدىئي زۇق ئېلىش سەۋىيىسى بىر قەدەر يوقىرى باشقا يەنە ئىككى ئوقۇرمەندىن ئالغان جاۋابىم مۇنداق بولدى:1-ئوقورمەن: گۈلئايىمنىڭ سەمەت ئاخۇن ئۆزى ئىزدەپ يۈرگەن لەيلىگۈل ئىكەنلىكىنى ئۇققىنىمدا يۈرىكىم سەل سوققاندەك بولدى-دېدى. 2- ئوقورمەن: ئۆمەر مەدداھ ئاغزى بىلەن بېرىلگەن ئىلىدىكى تۆت مازار توغرىسىدىكى جۇغراپىيىلىك تارىخىي ساۋات ياخشى يېزىلىپتۇ-دېدى.
مېنىڭ يېزىۋاتىقىنىم «سالچىلار» رومانىنى ئوقۇپ بولغاندىن كېيىنكى ئۆزەمنىڭ باشقا ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلاشقاندىن كېيىنكى مەلۇم ئورتاقلىققا ئىگە تەسىراتىم خالاس. بۇ ئەدىبىي تەنقىد ئەمەس، ئوقۇرمەنلەرنىڭ « ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ تېخى ھېچبىر ئىش قىلىپ باقمىغانلىقىغا قارىماي جىمى ئادەمگە ئەقىل ئۆگىتىدۇ. كۈچەپ چىڭقىلىپ، ئۆزىمۇ تېخى تۈزۈك چۈشىنىپ بولالمىغان ‹تەلىمات›لارنى باشقىلارغا چۈشەندۈرۈپ قويماقچى بولۇشىدۇ.» دېيىشى تۇرغانلار گەپ. شۇڭا ئەسكەرتىپ قويۇش زۆرۈركى، مېنىڭ يېزىۋاتقىنىم ئەدەبىي تەنقىد ئەمەس، بەلكى بىر ئوقۇرمەننىڭ تەسراتى.
« بىر مىللەتنى ۋەيران قىلىدىغىنى ئۇنىڭ ئۆتمۈشى ئەمەس، بۈگۈنى، چۈنكى ئۆتمۈش ئۇ ئۆتۈپ كەتكەن نەرسە. بۈگۈن دىمەك-پۇرسەت دىمەك». مەن سۆزنى يۈز پىرسەنت ئەمەس، بەلكى ئىككى يۈز پىرسەنت تەستىقلايمەن . دىمەك ئۇستاز يازغۇچى مەمىتىمىن ھوشورغا بۈگۈنكى كۈندە «سالچىلار» رومانىنى يېزىشتەك تارىخى خاراكتىرلىك «زاكاس» پۇرسىتى كەلگەن ئىكەن، ( زاكاس نۇقتىسىدىن قارىساق، ئەسەر ئۇتۇقلۇق چىققاندەك تۇرىدۇ) ئۇستاز يازغۇچى مۇشۇ تېمىنى تېخىمۇ كەڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشكە، تېخىمۇ يۈكسەك بەدىئي سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، يەنە ئۈچ يىل، ياكى بەش يىل ۋاقتتىن سەرپ قىلىپ (ئەلۋەتتە بۇ ئوبىكتىپ ۋە سۇبىكتىپ ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.) ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدىكى كۈلپەتلىك تەقدىرىنى، ئاشۇ ئاچچىق ئۆتمۈشنىڭ بەدىئي كارتىنلىرىدىن بۇلغان تارىخىي ناخشىلارنى يورۇتۇپ بەرگەن بولسا «بىر پۇتۈم ئايدا، بىر پۇتۇم لايدا. ھەممىسىنى يامان دەيسەن، ياخشسى قايدا؟» دېگەن گەپمۇ چىقمىغان بولاتتى. ئەلۋەتتە بۇنداق گەپلەرنىڭ چىقىشى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ياكى ئوقۇرمەنلەر ئۈچۈن تولىمۇ نورمال، تەبىئىي ھادىسە. ئەگەر غەلىتىلىك ھېس قىلىش زۆرۈرىيىتى تۇغۇلسا، ئەلۋەتتە گەپ چىقماسلىقىنىڭ ئۆزىنى غەلىتە بىر ھادىسە دېيىش كېرەك.
تەڭرىتىغىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالدا شۇنىڭدەك ئوتتۇرا ئاسىيادا كەڭ تارقىلىپ كەتكەن «كۆچ كۆچ قوشىقى» دەپ ئاتىلىدىغان ئۇيغۇر خەلق قوشىقى بار. بۇ قوشاقلار دەل -1881يىلى -2ئاينىڭ -24كۈنى ئىمزالانغان «جوڭگو-روسىيە ئىلى شەرتنامىسى» نىڭ ئىلى ئۇيغۇرلىرىغا ئېلىپ كەلگەن پاجىئەلىك قىسمىتىنىڭ بەدىئىي كارتىنىسدۇر. -1884يىلىغىچە چاررۇسىيە 70مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى كۆچۈرۈپ كەتكەن. مۇشۇ پاجىئەلىك قىسمەتلەرنى دەل ئىلى ئۇيغۇرلىرى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ئىدى.
«ئالمۇتىغا كۆچ» دەيدۇ،
بارار يېرىمىز قۇملۇق.
راست گېپىنى قىلمايدۇ،
كۆزى كۆك،بېشى يۇڭلۇق.
چىلەك-چىلەك دەيدىكەن
ماختىغۇچلىكى يوق چىلەك
كەلگۈچە ياياق كەلدۇق
تەتۇر ئىكەن بۇ پەلەك
چۆللەرگە چىقىپ كەتسەك
چۆلنىڭ بۆرىسى باردۇر.
كۆچ- كۆچ بولغان ئەللەرنىڭ
قېرى-چۈرىسى باردۇر.
بۇ يىل مىلادى -2013يىلى روزى ئىيى -7ئاينىڭ -9كۈنىدىن -8ئاينىڭ -8كۈنىگىچە بولىدىغانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز، ئەلۋەتتە. قىسمەتلىك تەقدىرگە مول بولغان ئىلى ئۇيغۇرلىرى بۇنىڭدىن 132 يىل مۇقەددەم دەل مۇشۇنداق روزى ئايلىرىدا ئاھو-زار بىلەن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلگەن ئىدى. مۇشۇلار كۆز ئالدىمغا كەلسە بۇرنۇمنىڭ ئۇچى ئىختىيارسىز ئېچىشىپ كېتىدۇ!
«سالچىلار» رومانىدا مەيلى «كۆچ-كۆچ ۋەقەسى» ياكى «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋى» نى «بۈگۈن دىمەك-پۇرسەت دىمەك» دەپ چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ، تېخىمۇ كەڭ تارىخىي ئارقا كۆرنۈشكە، تېخىمۇ يۈكسەك بەدىئىي ئۇسلۇبقا كۆتۈرۈپ، ئىجادىي ئەمگەك سىڭدۇرمىگەنلىكىنىڭ ئۆزى دەل مېنىڭ ئالدىنىپ قالغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قىلىشىمنىڭ تۈپ سەۋەبى بولىشى مۇمكىن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە «سالچىلار» رومانىدا مەمتىمىن ھوشۇر (ئەمدى ۋاقتىنچە بولسىمۇ ئۇستاز يازغۇچى دەپ ئاتىماي تۇراي.چۈنكى ھۆرمەت ۋە مۇھەببەت قەلىبدىن ئۇرغۇپ چىقىدۇ ئەمەسمۇ!) ئىلگىرى ياراتقان نادىر ئەسەرلىرىدەك ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب يىڭى پەللە ياراتقان ئىزنانىڭ كۆرۈلمەسلىكى ئوقورمەننى تولىمۇ ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ.
قېنى ئېيتىڭلارچۇ ئوقومەنلەر، «كۈچ-كۈچ» نى مەمتىمىن ھوشۇردىن باشقا يەنە كىم يېزىشقا لايىقتۇر؟! ئىلى- يازغۇچى ئۆزى توغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرت، ئىلىدا ئىجادىيەت ئېلىپ بىرىپ كاتتا شۆھرەت قازىنىپلا قالماي ، يازغۇچىنىڭ كېيىنكى ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتلىرىمۇ ئىلى تېمىسىغا لايىق رەۋىشتە ئېلىپ بېرىلدى. ئەڭ مۇھىمى «سالچىلار» نى يېزىشتىن ئىبارەت «بۈگۈن» كىدەك پۇرسەت يازغۇچىغا نائىل بولدى، يەنە نېمىسى كام؟؟باشقا يۇرتتىن چىققان «يېتىمچى» ئىلىدىكى ناغرىچى بىلەن ئالتۇنلۇقنى ئىزدەپ سوراپ تېپىپ بولغىچە، مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ قازاقىستاندىكى چىلەككە بېرىپ بولىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمەن.
ئۇنىڭسىزمۇ «تېراگىدىيە ئېڭى ئاجىز بۇ بەختسىز خەلق» نىڭ تارىختا تارتقان ئازاپ- ئوقۇبەتلىرى يېتىپ ئاشىدۇ. ئادەملىرىمىزگە ئۈمىد ۋە ئىشەنچ بېغىشلاش ئەدەبىياتىمىزنىڭ جىنايىتى ئەمەس، بۇرچى!
راست ! ئۈمىتسىزلىق شەيتانىنىڭ ئىشى! دەل مۇشۇنداق ئۈمىد ۋە ئىشەنچ مېنى قولۇمغا قەلەم ئېلىپ ، سىزگە بۇ خەتنى يېزىشقا ئۇندىدى.
ھە راست، ئېسىم قۇرىسۇن، مېنىڭ پەرىشىتىدەك ئاق كۆڭۈل رەھمەتلىك بوۋام توختاخۇن مىلادى -1936يىلى ئاتۇش كاتتا يايلاق چۈشۈرگىدىن ئىشەكلىك مۇز راۋان ئارقىلىق ئىلىغا چىققان ئىكەن. ئاللاھ ئۇلارنىڭ ياتقان يىرىنى جەننەت قىلغاي، بىزلەرگە خەيرى-ئىھسانىنى زىيادە قىلغاي! قەلەم مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، تالادىن مۇڭلۇق بىر ناخشا ئاڭلاندى:
يۈرۈكۈم ئالما ئەمەس،
سەن چىشلەپ ئوينايدىغان.
خالساڭ چىشلەپ قويۇپ،
خالساڭ تاشلايدىغان
بۇ ناخشىنى ئاڭلاپ مەرھۇم سەنئەتكار تۇرغان ئۆمەر ئىختىيارسىز يادىمغا كېلىپ كۆڭلۈم بۇزۇلدى. ئىنسان شۇنداق ياشىسا، ئۆزى ئۆلىسىمۇ نامى ئەل قەلبىدە مەڭگۈ ياشىسا، ئۆلمىسە دەيمەن!
تامام
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا elqut تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-1 11:42 PM