مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1545|ئىنكاس: 23

ھۆكۈمران: ئەلۋىدا، سۈيۈملۈك قەدىردانلىرىم! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 1420
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19848
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 8653 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2013-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 11:08:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەلۋىدا، سۈيۈملۈك قەدىردانلىرىم!



(بۇ يازمامنى يېزىدىكى ئەڭ جاپالىق مۇھىتتا خىزمەت قىلىپ ۋاقىتسىز ئالەمدىن ئۆتكەن ئۈچ خىزمەتدىشىمنىڭ ۋاپاتىغا بېغىشلايمەن.)



   بۇندىن 18يىل ئىلگىرى خىزمەت مۇساپەمنىڭ تۇنجى قەدىمىي ئاشۇ سۆيۈملۈك سەھرادا باشلانغان ئىدى. كونا ئىشخانا بىناسى، ئون قەدەم ماڭسىلا ئىشتاننىڭ تىزىغىچە توپا بولۇپ كېتىدىغان پونكىت قوروسى كۆزۈمگە تولىمۇ يېقىمسىز تەسىرات بەرگەن بولسىمۇ ئاددى كىيىنگەن، كۆزلىرىدىن ساپدىللىق، مېھىر يېغىپ تۇرغان خىزمەتداشلىرىمنىڭ ئىللىق مۇئامىلىسى، دوسلۇق، خىزمەتداشلىق يۈزىسىدىن سۇنغان قوللىرىدىن تارقاۋاتقان ھارارەت ئېقىمى ۋۇجۇدۇمنى باشقىچە ئىللىتقان ئىدى. ياشلىقىمنىڭ ئەڭ گۈزەل مەۋسۇمىنى ئاشۇ سۈيۈملۈك خىزمەتداشلىرىم بىلەن ئۆتكۈزگەن ئىدىم. مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۇلار بىلەن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان بولساممۇ، مۇشۇ خوشلىشىشنىڭ ئۇلار بىلەن مەڭگۈلۈك ئايرىلىش بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئەسلا ئويلىمىغان ئېكەنمەن.
   جۇدالىق قەلبىمنى ئەزمەكتە، يۈرەك-باغرىمنى لەختە-لەختە تىلماقتا ئىدى.
تېلېفۇن ئۇچۇرى ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن، مەن ئۈچۈن تولىمۇ دەھشەتلىك ئاڭلانغان شۇم خەۋەر پۈتۈن نېرۋىلىرىمنى تۇرمۇزلاپ قەلبىمنى ھەسرەت قوينىغا تارتماقتا ئىدى. تېلېفۇن نومۇرىنى يوقىتىپ قۇيۇش سەۋەبىدىن ئىككى يىل، پەقەت ئىككى يىللا ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالغان 11 خىزمەتدىشىمدىن ئۈچەيلەننىڭ بىر يېرىم يىل ئىچىدىلا ۋاقىتسىز قازا قىلىشى مېڭەمدە مىڭلىغان ‹‹نېمە ئۈچۈن؟››لەرنى پەيدا قىلغان بولسا ئۇلار بىلەن بىللە ئۆتكەن ئەڭ جاپالىق، ئەڭ كۆڭۈللۈك كۈنلەر كۆز ئالدىمدا زاھىر بولۇپ كۆز ياشلىرىمنى سەلدەك ئاقتۇرماقتا ئىدى.
   ‹‹ئەركەك يىغلىمايدۇ››. بۇنى كىمنىڭ، قانداق مۇھىتقا نېسبەتەن ئېيتقانلىقىنى بىلمەيمەن. ئەمما ئۇلار مېنىڭ ھازىرقى ھېسسىياتىمنى چۈشەنگەن بولسىدى ئاشۇ گەپنى دېگىنىگە قاتتىق پۇشايمان قىلغان بولاتتى. مەنمۇ ئەركەك، ھېسسىياتقا ئىگە، قەھرىمۇ، زەھىرىمۇ بار، باشقىلارنى كۈلدۈرۈشنى ھەم يىغلىتىشنى بىلىدىغان بىر ئەركەك. بىراق ئىچ-ئىچىمدىن چىققان پىغانلىرىم زادىلا توختايدىغاندەك ئەمەس. چىدىيالمىدىم، ئاخىرى مەۋھۇم دۇنيا ئارقىلىق تونۇشقان دوستلىرىم ئارقۇ بىلەن مارشالغا تېلېفۇن قىلىپ ئىچىمدىكى ھەسرەتلەرنى تۆكتۈم. ئۇلار بەلكىم تېلېفۇن تۇرۇپكىسىدىن ئاڭلىنىۋاتقان ئۆكسۈشلىرىمنى، ھەسرەتلىك يىغامنى ئاڭلاپ ئىچىدە مەسخىرە قىلىپ كۈلگەندۇ ۋە ياكى مېنىڭ ئازابلىرىمغا ھېسسىداشلىق قىلغاندۇ. قانداقلا بولمىسۇن ئاشۇ ئازابلىق مىنۇتلاردا تېلىفۇنۇمنى ئالغان شۇ دوستلىرىمغا چەكسىز تەشەككۈرلەر بىلدۈرىمەن.

   بۇ ھەقىقەت، ئىشىنىش تەس بولغان، ئەمما رىئال دۇنيادا ھەقىقىي يۈز بەرگەن ھەقىقەت ئىدى، سۈيۈملۈك ئۈچ قەدىردانلىرىم ئۆز ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئۆزى بىلەن بىللە تۇپراق ئاستىغا مەڭگۈلۈك ئېلىپ كەتكەن ئىدى.

   ئۇلار تولىمۇ ياش ئىدى، ئۇلار ئەمدى تەڭ دېمەتلىكلىرىدەك نەۋرىلىرىنى بوينىغا مىندۈرۈپ ھايات خوشلۇقىدىن بەھرىمەن بولۇشقا، بىر ئۆمۈر تارتقان جاپالىرىنىڭ راھىتىنى كۆرۈشكە ئەسلا قادىر ئەمەس ئىدى.

   ئۇلار تولىمۇ سۈيۈملۈك ئىدى، چىرايلىرىدىن توپا ئۆرلەپ تۇرسىمۇ، باشقا كادىرلاردەك ئازادە ئىشخانىدا ئولتۇرۇشقا قادىر بولالمىسىمۇ ئۆز خىزمىتىدىن ئەسلا زارلىنىشنى بىلمەيتى، ئويلايدىغىنى خەلقنىڭ ياخشى چاكىرى ، ئائىلىسىدە مەسئۇليەتچان ئاتا، دوستلىرىغا ھەمنەپەس بولۇش ئىدى. ئەپسۇس ئۇلار بۈگۈن ھەممىدىن خوشلاشقان ئىدى.
   ئولار تولىمۇ جاپاكەش ئىدى. قىشنىڭ زىمىستان سوغۇقلىرىدا، باشقىلار ئىسسىق يوتقانلىرىدا ياتقان، ھەپتىلىك دەم ئېلىش قىلىۋاتقىنىدا ئۇلار ئادەمسىز سايلىقلاردا،  جاندىن ئۆتكۈدەك سوغۇقتا ‹‹ئاتالمىش›› خىزمەت ئۈچۈن چېپىشاتتى. ئاشۇ جاپاكەش دېھقانلارنىڭ كۆپرەك ھوسۇل ئېلىشى ئۈچۈن جان پىدالىق بىلەن ئىشلەيتى. ئۇلار ئەمدى ئاشۇ سۈيۈملۈك دېھقانلىرى بىلەن موڭدىشىشقا، شادلىق-قايغۇلىرىنى ئورتاقلىشىشقا مەڭگۈ قادىر ئەمەس ئىدى.

   ئۇلار تولىمۇ قانائەتچان ئىدى. مەيلى زىمىستان قىشنىڭ سوغۇقى ياكى يازنىڭ تومۇزدەك ئىسسىقىدا بولسۇن، بىلەن ئېتىز- ئېتىزلاردا چېپىپ يۈرەتتى. ئۇلارنىڭ پۈتۈن ھايات مۇساپىسىدە بېسىپ ئۆتكەن يولىنى ھېساپلىساق پۈتۈن جوڭگۇنى نەچچە قېتىم پىيادە ئايلانغانغا باراۋەر كېلەتتى. ئۇلار ئەمدى ئۆزلىرى كۆكەرتكەن ئېتىزلارنى مەڭگۈ ئايلىنالمايتى، كۆرەلمەيتى.

   ئۇلار خىزمەتنىڭ قۇربانى ئىدى. ياق، ئاشۇ ناچار خىزمەت مۇھىتىنىڭ، ساپاسىز باشلىقلارنىڭ ئورۇنسىز بۇيرۇقىنىڭ قۇربانلىرى ئىدى. بىراق بۇ ھەقتە ھېچكىم ئېغىز ئېچىپ باقمىغان، ھەممە ‹‹بۇ پەقەت بىر ئەجەل›› دەپلا ئۆزلىرىگە تەسەللى بېرىشكەن ئىدى. ئۇلار بۈگۈن ئاشۇ ئاخىرقى تەسەللىلەرنىمۇ ئاڭلاشقا قادىر ئەمەس ئىدى.

   يۈرىكىمدىكى ھەسرەت داغلىرى، كۆز يېشىم ئارقىلىق سەلدەك ياڭرىماقتا.

    ئۇلار ماڭا ئۆز باغرىنى كەڭ ئاچقان، مەندەك ئاددى بىر شەھەرلىككە قىشنىڭ قەخرىتان سوغۇقىدا ئىسسىق كېڭىدىن ئورۇن بەرگەن، تومۇزنىڭ پىژغىرىم ئىسسىقىدا چاڭقىغان ئۇسسۇزلۇقۇمنى مۇزدەك دوغاپلىرى بىلەن قاندۇرغان ئەڭ سۈيۈملۈك كىشىلىرىم ئىدى.

   قىشنىڭ زىمىستان سوغۇقلىرىدا سوغۇقتىن دۈگدىيىپ تۇرغان ۋاقىتلىرىمدا ئۆزلىرىنىڭ ئىسسىق جۇۋىلىرى ئارقىلىق مۇزلاپ ئۇششۇپ قالاي دېگەن ۋۇجۇدۇمنى يىللىتقان، ئاتالمىش خىزمەت ‹‹بۇيرۇقى›› بىلەن ئاش-تاماق تېپىلمايدىغان يەرلەردە ئىشلەپ ئاچلىقتىن ھالسىزلانغىنىمدا يانچۇق، سومكىلىرىدىكى ئاخىرقى بىر بوردا نېنىنىمۇ ماڭا بېرىپ، جېنىمغا جان قوشقان مىننەتسىز قەدىردانلىرىممۇ دەل شۇلار ئىدى.

   خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا ئەڭ قىيىن ھالدا قالغىنىمدىمۇ ماڭا خالىس ياردەم بەرگەن، يۈرەك پارىلىرىنى زىمىستان سوغۇق ۋە پىژغىرىم ئىسسىققا قارىماي مېنىڭ قىيىنچىلىقلىرىمنى ھەل قىلىشىمغاياردەمگە ئەۋەتكەن، باغرىدىن، يۈرىكىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن مېھرىنى ياغدۇرغانلارمۇ ئاشۇ سۈيۈملۈك قەدىردانلىرىم ئىدى.

   ئۇلار بۈگۈن يوق، ئۆز مەھبۇبىلىرى، پەرزەنتلىرى، دېھقان قېرىنداشلىرى ۋە مېنىڭدەك خىزمەتدىشىگە چەكسىز جۇدالىق ئازابىنى قالدۇرۇپ بۇ ئالەمدىن مەڭگۈلۈك خوشلاشقان ئىدى. ئۇلار ئۈچۈن ھېچكىم ئابىدە تىكلىمەيتى. ئەمما ئۇلار مېنىڭ، خىزمەتداشلىرىمنىڭ ۋە نەچچە  مىڭلىغان دېھقانلارنىڭ قەلبىدە مەڭگۈلۈك ئابىدە تىكلىگەن ئىدى.


قۇلاققا يەتكەندە ئۇشبۇ شۇم خەۋەر،
جۇدالىق ھەسرىتى ئەزدى يۈرەكنى،
ۋاقىتسىز كەتتىڭلار، ئالەمدىن ئەجەب،
كىملەرگە ئېيتارمەن ئەمدى دەردىمنى.

دادا، ئانا دەپ بوزلىغان بالاڭ،
قىلدىغۇ ئەجەبمۇ يۈرەكنى پارە.
يىغلىدى يۈرەكلەر، يىغلىدى ئالەم،
يېرىلدى تاغلارمۇ قىلىشىپ نالە.

ئەلۋىدا، سۈيۈملۈك قەدىردانلىرىم،
نامىڭلار دىللاردا مەڭگۈگە ھايات.
تىلەيمەن ئاللاھتىن جەننەت ئىنئامى،
روھىڭلار بىزلەرگە مەڭگۈلۈك قانات.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-1 11:09 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
Zulpikar + 100 ئۆتۈپ كېتەر
Aytugh + 218 سەۋر قىلىڭ، ھىسسىياتى.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 318   باھا خاتىرىسى

قانۇنغا رىئايە قىلىش ھەر بىر جۇڭگۇ پۇخراسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇريىتى.

قەدىرلىنىش ئۈچۈ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 2003
يازما سانى: 1420
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 19848
تۆھپە نۇمۇرى: 1042
توردا: 8653 سائەت
تىزىم: 2010-6-2
ئاخىرقى: 2013-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 11:23:50 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ھەقىقىي ئىش، ئاشۇ سۈيۈملۈك خىزمەتداشلىرىمنىڭ كېسەل سەۋەبىي بىلەن ئالەمدىن ئۆتكىنىنى ئاڭلىغىنىمدا ئۆز قۇلىقىمغا ئىشىنەلمىگەن ئىدىم. ئۇلارنىڭ مۇشۇنداقلا كېتىپ قېلىشى كېسەل سەۋەبىدىن بولسىمۇ لېكىن بۇ يازمىدا دىيىلمىگەن نۇرغۇن سەۋەبلەر بار.

1. ئۇلارمۇ ھۆكۈمەت خىزمەتچىسى، ئەمما بىر ئۆمۈر خىزمەت قىلىپمۇ ياخشىراق خىزمەت شارائىتىغا ئېرىشەلمىگەن.

2. قوش كۈنلۈك دەم ئېلىش ئۇلار ئۈچۈن پەقەتلا بىر چۈش خالاس، بارلىق خىزمەتچى خادىملار نورمال دەم ئېلىش كۈنىدە ئۆز ئىشلىرىنى قىلىپ دەم ئېلىۋاتقان بولسا ئۇلار يەنە شۇ جاپالىق خىزمەت ئورنىدا ئىشلەشكە مەجبۇر، ئەمگەك قانۇنىدىكى ئىشچى- خىزمەتچىلەرنىڭ نورمال دەم ئېلىش كۈنى توغرۇلۇق بەلگىلىمە پەقەت پونكىت باشلىقىنىڭ تارتمىسىدىلا ساقلاغلىق.

3. ئۇلار كىسەل بولۇپ قالسا چوقۇم ياتاقتا يېتىشى كېرەك. ھەتتا ئۈلەر ھالەتكە كېلىپ قالغان تەغدىردىمۇ چوقۇم دوختۇرنىڭ داۋالىنىش، ياتاقتا يېتىش تالۇنىنى ئۆمىلەپ بولسىمۇ پونكىتقا كېلىپ، پونكىت باشلىقىغا تاپشۇرغاندىن كېيىن ئاندىن داۋالىنىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. بولمىسا ئۇلارنىڭ مائاشى تۇتۇلىدۇ.

4. ئۇلار يىل بۇيى تالادىلا خىزمەت قىلىدۇ. ئىشخانىدا ئولتۇرىدىغان ۋاقتى تولىمۇ ئاز ياكى يوق دېيەرلىك. بىراق باشقا ئورۇندىكى خىزمەتچىلەر سىرتتا ئىشلىگىنىگە كاماندۇرۇپكا ھەققى، قاتناش ياردىمى قاتارلىقلارغا ئېرىشسىمۇ ئۇلار بۇنداق ياردەملەرگە ئەزەلدىن ئېرىشىپ باقمىغان. خىزمەت ئوخشاش، سالاھىيەت ئۆخشاش، ئوخشىمايدىغىنى پونكىت باشلىقىنىڭ دېگىنىلا ھېساپ.

ئۇلۇق ئاللاھتىن ئۇلارغا جەننەت ئىنئامى تىلەيمەن. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-2 12:24 AM  


قانۇنغا رىئايە قىلىش ھەر بىر جۇڭگۇ پۇخراسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇريىتى.

شۈكۈرى اللاھ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 55366
يازما سانى: 407
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 8325
تۆھپە نۇمۇرى: 1139
توردا: 1841 سائەت
تىزىم: 2011-9-8
ئاخىرقى: 2013-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 11:43:34 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمة ءىش ءىكةنلىكىنى ءازىراق هىس قىلغاندةكموُ توُرىمةن. خةيىر، كةتكةننىكّ كةينىدىن كةتكىلى بولمايدوُ. سىزكًة سةبىر، ءوُلارغا رةهمةت، باشلىققا ءىنسابٍ تىلةيمةن.

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 294
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4237 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2013-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 11:44:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۈشمەن يوللىغان ۋاقتى  2013-3-1 11:34 PM

كىم سىزنى ئىنكاس يوللاڭ دەپ زورلدى ..نىمە بۇ ؟ توۋا دەيمەن نىمشقا ئەمدى ؟بىرەسى ئىنكاس يوللايسەن دەپ گالغا پىچاق تەڭلمىگەندىكىن ..تېمىنى پاخالاشتۇرماي ئوقۇپلا چىقىپ كەتسلە بولتىيا

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 3546
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 23675
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 2259 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 11:55:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەلنىڭ ئوقياسى ساۋۇتنى تىشەر،
ئۆلگەننىڭ سىھرىنى ھاياتلار يىشەر.
بىر چىراق ئۆچكەنگە قايغۇرماس ئالەم،
مىڭ چىراق پىلىكىن خالايىق ئىشەر.

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

TOM -AND-JERRY

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1716
يازما سانى: 685
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13129
تۆھپە نۇمۇرى: 709
توردا: 338 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2013-10-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 12:17:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلار  خەلىقنىڭ قەلبىدە  مەڭگۇ ھايات ،ياتقان يىرى  جەننەت بولسۇن ،

بەخىت قانچە تىز كەلسە شۇنچە تىز كىتىدىكەن ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18902
يازما سانى: 1511
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13085
تۆھپە نۇمۇرى: 400
توردا: 7938 سائەت
تىزىم: 2010-11-24
ئاخىرقى: 2013-10-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 12:22:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تورداش ئەپەندىم ،ئازاپلىرىڭىزغا ئورتاقلاشقىلى بولمايدۇ ،پەقەت سەۋرە قىلىڭلا دېيەلەيمەن . بىراق بەزى مەسىلىلەر كاللامدىن ئۆتمىدى .بىلمىدىم ، ئۇ رەھمەتلىك  خىزمەتداشلىرىڭىز بەك يۇۋاشمۇ ياكى باشلىغىڭىلار بەك يامانمۇ ؟ مەيلى نېمىلا بولمىسۇن ،سىز ئىيتقان ئەھۋاللار تەبىئەتنىڭ قانونيىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ .  تېلېۋىزور كۆرىۋاتاتتىم ، ھايۋانناتلار دۇنياسى پىروگىراممىسىدىكى بىر كۆرۇنۇش ماڭا بەكلا تەسىر قىلدى .قارىسام بىر كالا بىر توپ شىرنى قوغلاپ يۇرىدۇ ،ئارقىدا يەنە بىرقانچە كالىلارمۇ ھەمدەمدە تۇرۇپتۇ .دۇنيادىكى ئەڭ ئاجىز ھايۋان ئەڭ ۋەھشى ھايۋانغا جەڭ ئېلان قىلىپتۇ ؟ نېمە ئۈچۈن ؟ پىچاق سۆڭەككە يەتكەندە شۇنداق بولىدۇ.................

ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 35357
يازما سانى: 471
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7900
تۆھپە نۇمۇرى: 619
توردا: 2777 سائەت
تىزىم: 2011-3-27
ئاخىرقى: 2013-6-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 12:24:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دۇنيا ئەنە شۇنداق قايغۇ ئازاپلارغا تولغان ئىكەن ، تۇساتتىنلا ھەزرەت ئەلىنىڭ مەن بىلەن دىگەن ناخشىسى ئىسىمگە كىلىپ قالدى دىسە ، ئېيتالمايدۇ ھىچكىممۇ ئازابى يوق ھاياتنىڭ . بۇنىڭ ئاخىرسى يادىمدىن قىچىپ كەتتى ..

نىتىڭىز خالىس ئەمىلىڭىز سالىھ بولسۇن.

ئوماق قوزام!!!

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72723
يازما سانى: 1791
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10017
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 487 سائەت
تىزىم: 2012-1-7
ئاخىرقى: 2013-10-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 12:33:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
اللە ، ئۇ خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلسۇن.. ، راستىمنى دىسەم  يازمىڭىزنى ئوقۇپ مېنىڭمۇ كۆڭلۇم بىر قىسما بوپ قالدى ، مېنىڭمۇ شۇنداق يېقىن ئۆتىدىغان بىر خىزمەتدىشىم بار ئىدى ، خۇددى ئاچا- سىڭىلدەكلا يېقىن ئۆتىشەتتۇق ، بىر ئاينىڭ ئالدىدا يۈرەك كېسىلى بىلەن تۇيۇقسىز ئىشخانىدىلا يىقىلىپ ئالەمدىن ئۆتتى...10ياشلىق بىر قىزى بار ئىدى ، شۇ قىزنى كۆرسەم  بىر قىسمىلا بوپ قالىمەن ھازىر....

ئىزدىمىگىن گۈزەللىكنى ھەر ياندىن ، گۈزەللىك ئۆز قەلبىڭدە...

ھاياتنىڭ لەززىت

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16978
يازما سانى: 1602
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9811
تۆھپە نۇمۇرى: 622
توردا: 3320 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2013-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 12:48:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزنى ئەڭ ئازاپلاندۇرغىنى ‹‹ئۇلار خىزمەتنىڭ قۇربانى ئىدى. ياق، ئاشۇ ناچار خىزمەت مۇھىتىنىڭ، ساپاسىز باشلىقلارنىڭ ئورۇنسىز بۇيرۇقىنىڭ قۇربانلىرى ئىدى. بىراق بۇ ھەقتە ھېچكىم ئېغىز ئېچىپ باقمىغان، ھەممە ‹‹بۇ پەقەت بىر ئەجەل›› دەپلا ئۆزلىرىگە تەسەللى بېرىشكەن ئىدى. ئۇلار بۈگۈن ئاشۇ ئاخىرقى تەسەللىلەرنىمۇ ئاڭلاشقا قادىر ئەمەس ئىدى. ››مۇشۇ ،بۇ ھەركىمنى بولسا ئازاپلاندۇرماي قالمايدۇ...
بۇ تىمىڭىزنى كۈرۈپ ،بوزقىرنىڭ ‹‹ئەلۋىدا ھۇشۇر موللەك›› دىگەن تىمىسى يادىمغا يەتتى....
ئىچىڭىز شۇ ناھەقچىلىكلەر دەستىدىن قانچىلىك يېرىم بۇلىۋاتقىنىنى بىلىپ يەتتىم.
مىنىڭچە يانە تىۋىلغىنىڭمۇ ئويلىغىنى بىزنى يەنىمۇ بىر قەدەم چۇڭقۇر ئويلىنىشقا باشلىغۇدەك....
بوپتۇ ،ئىچىڭىزنى ئاچچىق قىلماڭ ،جاپالىق ئەجىرىنىڭ مىۋىسىنى ئۇلار ئۇ دۇنيادا بولسىمۇ كۈرەر....
شۇلارنىڭمۇ ‹قەدىرىگە يەتمىگەنلەرنىڭ›بىر كۈنى ئۇلارنىڭ قەدىرىگە يىتىدىغان كۈنلىرى كىلەر....

دۇنيادا ئاتا -ئانا ئۈچۈن، پەرزەنت ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەل زايا كەتمەيدۇ.

بىلىپ يەتكەنسىرى ئىنسان خەزىنەڭ سىرىنى كۆپرەك ,
كۆڭۈل رۇشەنلىشىپ ئاندىن تونۇر ئۆز زاتىنى خوپراق .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش