xurat1 يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 02:57 AM 
اللاە رازى بولسۇن ! سىلەر تەرپلەاتقان ئىش بىزنىڭ اللاھ ...
ئاللا سىزدىنمۇ رازى بولسۇن !سىز بۇ تمىنى ئوقڭپ باقتىڭىزمۇ تولۇقراق !بىدئەتنىڭ نىمىلىكىنى ئۇنى قىلىشنى پەيغەمبەرنىڭ گۇمراھلىق دەپ كۆرسەتكىنىنى بىلەرسىزمۇ؟سىز باشتا تۆۋەندىكى ئايەتلەرنى ۋە ھەدىسلەرنى ئوقۇڭ ئاندىن ماڭا جاۋاب بىرىڭكى ، پەيغەمبەر ۋە ساھابىلەر ۋە ئۇنىڭدىن كىيىنكى تۆت ئىمام ۋە باشقا ئىسلام ئۈلگىلىرى سىز ياخشى دەۋاتقان بۇ مىيىت نەزىرىنى قىلىپ باققانمىكىن؟!
"ئاللاھ" قۇرئاندا مۇنداق دىگەن:" ا ل ر بۇ ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ھەممىدىن خەۋەردار ، ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان ، ئايەتلەرنىڭ تۈزۈلۈشى پۇختا (يەنى ھەممە ئىشلار)تەپسىلىي بايان قىلىنغان كىتاپتۇر".----سۈرە ھۇد 1-ئايەت...
"ئاللا"يەنە مۇنداق دىگەن :"بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم ، سىلەرگە نىئىمىتىمنى تاماملىدىم،ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم ".سۈرە مائىدە 3-ئايەت
"ئاللاھ " يەنە مۇنداق دىگەن :"پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئىلىڭلار ، پەيغەمبەر چەكلىگەن نەرسىدىن چەكلىنىڭلار ".سۈرە ھەشىر 7-ئايەت.
"ئاللاھ" يەنە مۇنداق دىگەن:"ئى مۆمىنلەر سىلەر ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئالدىدا ھىچقانداق بىر سۆزنى ۋە ئىشنى ئالدى بىلەن قىلماڭلار ". سۈرە ھۇجۇرات 7-ئايەت
"ئاللاھ"يەنە مۇنداق دىگەن :"ئاللاھ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى بىرەر ئىشقا ھۆكۈم چىقارغان چاغدا ئەر - ئايال مۆئمىنلەرنىڭ ئۆز ئىشىدا ئىختىيارلىقى بولمايدۇ".سۈرە ئەھسىزاپ 36-ئايەت .
ئاللاھ يەنە مۇنداق دىگەن :" ئاغزىڭلارغا كەلگەن يالغاننى سۆزلەش ئۈچۈن (بۇ ھالال بۇ ھارام)دىمەڭلار،چۈنكى ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئۇيدۇرۇپ چىققان بولىسىلەر . ئاللاھ نامىدىن يالغاننى ئۇيدۇرغۇچىلار ھەقىقەتەن مەقسىتىگە ئىرىشەلمەيدۇ". سۈرە نەمىل 116-ئايەت.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن :"روھىم ئىلكىدە بولغان زات بىلەن قەسەمكى ، سىلەرنىڭ ھەربىرىڭلارنىڭ خاھىشى مەن ئىلىپ كەلگەن دىنغا ئەگەشكەن بولماي تۇرۇپ مۆئمىن بولالمايدۇ "تىرمىزى خاتىرلىگەن .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن :"سۆزنىڭ ئەڭ ياخشىسى قۇرئان كەرىمنىڭ سۆزىدۇر . يولنىڭ ئەڭ ياخشىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدۇر . ئىشلارنىڭ يامىنى دىندا ئەسلى يوق بولۇپ ، كىيىن پەيدا بولغان ئىشلاردۇر ، ئەسلى دىندا يوق بولۇپ كىيىن پەيدا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى بىدئەتتۇر . بىدئەتنىڭ ھەممىسى گۇمراھلىقتۇر . ەۇمراھلىقنىڭ ھەممىسى دوزاقتىندۇر !"ئىمام مۇسلىم خاتىرلىگەن .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن:"كىمكى ھىدايەتكە چاقىرسائۇ ئادەمگە شۇ ھىدايەتكەئەگەشكەن ئادەمنىڭ ئەجرىدى نھىچنىمە كىمەيتىلمەستىن، ئەگەشكۈچىگە ئوخشاش ئەجىر بولىدۇ. كىمكى گۇمراھلىققا چاقىرسا چاقىرغۇچى ئادەمگە شۇ گۇمراھلىققا ئەگەشكۈچى كىشىنىڭ گۇناھىدىن ھىچنەرسىە كىمەيتىلمەستىن ئۇنۇڭغا گۇناھ بولۇپ تۇرىدۇ " ئىمام مۇسلىم خاتىرلىگەن .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن :" كىمكى ئىسلام دىنىدا بولمىغان بىر ئىشنى قىلسا ، ئۇ ئەمەل قۇبۇل قىلىنمايدۇ ". ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم خاتىرلىگەن.
ئاللاھ يەنە مۇنداق دەيدۇ :" ئۇلارنىڭ ئاللاھ رۇخسەت قىلمىغان نەرسىلەردىن دىن قىلىپ بىكىتكەن مەبۇدلىرى بارمۇ ؟" سۈرە شۇرا 21-ئايەت .
.
"ئاللاھ"قۇرئاندا مۇنداق دىگەن:"ئى مۇھەممەد ئۇلارغا ئېيىتقىنكى ئەگەر سىلەر ئاللاھنى دوسىت تۇتساڭلار ماڭا ئەگىشىڭلاركى ئاللاھ سىلەرنى دوسىت تۇتىدۇ" . سۈرە ئال ئىمران 31-ئايەت
"ئاللاھ"قۇرئاندا مۇنداق دىگەن:"پەيغەمبەر سىلەرگە بەرگەننى ئېلىڭلار ، پەيغەمبەر چەكلىگەندىن چەكلىنىڭلار ".سۈرە ھەشىر7-ئايەت.
"ئاللاھ"قۇرئاندا مۇنداق دىگەن:"كىمكى پەيغەمبەر گە ئىتائەت قىلىدىكەن ئۇ ئاللاھقا ئىتائەت قىلغان بولىدۇ "سۈرە نىسا 80-ئايەت .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن :"ماڭا ئەگەشكەن كىشى ئاللاھقا ئەگەشكەن بولىدۇ.ماڭا ئاسىي بولغان كىشى ئاللاھقا ئاسىي بولغان بولىدۇ ." ئىمام بۇخارى خاتىرلىگەن .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن :"كىمكى مېنىڭ سۈننىتىمدىن يۈز ئۆرۈيدىكەن ئۇ مىېنىڭ ئۈممىتىم ئەمەس" . بۇخارى خاتىرلىگەن .
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن :"مەن سىلەرگە ئىككى نەرسىنى قالدۇرۇپ كىتىدىغان بولدۇم . بىرى ئاللاھنىڭ كالامى يەنە بىرى مىنىڭ سۈننەتلىرىم . سىلەردىن كىمكى مۇشۇ ئىككى نەرسىنى چىڭ تۇتالىسا زادىلا ئازمايدۇ " ئىمام مالىك خاتىرلىگەن.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن :"ئاراڭلاردىن كىمكى ئۇزۇن ياشىسا كۆپ ئىختىلاپلارنى كۆرىدۇ.سىلەر مىنىڭ سۈننىتىمنى ۋە راسىتچىل توغرا يولغا باشلىغۇچى خەلىپىلەرنىڭ سۈننىتىنى چىڭ تۇتۇڭلار ، بىدئەت ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار . ھەقىقەتەن ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر " ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى خاتىرلىگەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئاردا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-2 10:14 AM