مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4207|ئىنكاس: 67

مىيىت نەزىرى(3-7-40-يىل نەزىرى)قىلىش بىدئەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

!!!ئويغان !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89998
يازما سانى: 1051
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3867
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 462 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 05:44:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسەلەمۇئەلەيكوم قىرىنداشلار!

  ئۇزۇندىن بىرى مۇنبەردە 3-7-40-يىل نەزىرى دىگەندەك ئىسلام دىنى بىدئەت قاتارىغا چىقارغان بۇ مىيىت نەزىرى ھەققىدەبۇ  مۇنازىرە ئاخىرلىشىدىغان يىرىگە كەلدى ۋە ئاللىقاچان ئاخىرلىشىپ بولدى !  مىيىت نەزىرى قىلىمىز دىگۈچىلەر  كەلتۈرگەن دەلىل پەقەت  كۆز قاراش تىن باشقا نەرسە ئەمەس ! ھەممىمىزگە ئايانكى ئىسلام  بىرىنىڭ شەخسىي قارىشىنى ئاساس  قىلمايدۇ ! بىز پەقەت  ئىلىملىك كەسپىي ئىسلام ئالىملىرى بىرلىككە كىلىپ چىقارغان يەكۈننىلا  قۇبۇل قىلىمىز !  باشقىلارنىڭ  بۇنداق ياخشىتى  ئۇنداق قىلساق ياخشىتى دىگەن شەخسىي قاراشلىرىنى دىن ئىچىگە ئىلىپ كىرىپ قۇبۇل قىلالمايمىز  ! چۈنكى بىدئەت ئىسلام ئىتىقادىددا يوق بىر پەيغەمبەر ۋە ساھابىلەر قىلىپمۇ باقمىغان بىر ئەمەلنى ئاتا بوۋىلىرىغا ئەگىشىپ ئىسلامدىنىغا ئىلىپ كىرىش ياكى يىڭىدىن بۇنداق قىلىش ياخشىتى دەپ پەيغەمبەر ۋە ساھابىلەر قىلىپ باقمىغان بىر شەكىلدكى ئىبادەتنى پەيدا قىلىشتۇر! بىز مۇسۇلمانلار ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ۋە ئۇلارنىڭ ۋارىسلىرى بولغان ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەن ئالىملارغا ئەگىشىمىز چۈنكى پەيغەمبەر بىزگە  :"ئالىملار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر"دىگەن ھەدىسى  ئارقىلىق ، ئاللاھ بولسا :"بىلىدىغانلار بىلمەيدىغانلار بىلەن تەڭ بولامدۇ؟"سۈرە زۇھەر 9-ئايەت ! دىگەن ئايىتى ئارقىلىق بىزگە كەلگۈسى پەيغەمبەر كەلمەيدىغان دەۋرلەردەتۇرمۇشتا يولۇققان مەسىلىلەرگە ئەنە مۇشۇ ئىسلام ئىلىمىدە بىزدىن نەچچە ھەسسە كامالەتكە يەتكەن ئىسلام ئالىملىرىنىڭ چىقارغان،ئىلىم ساھەسىدە بىرلىىككە كەلگەن ھۆكۈم ۋە پەتىۋالىرىنى ئاساس قىلىپ ھۆكۈم قىلىشنى تاپىلىغان ! شۇڭا بىز ئىبادەت ۋە تۇرمۇشتىكى باشقايىڭى پەيدابۇلۇۋاتقان مەسىلىلەرگە تاقىشىدىغان ئىشلارغا ھۆكۈم قىلىشتا شەخسىي قارىشىمىزغا ئەمەس ! بەلكى ئاللاھ ۋە پەيغەمبەر ئەگىشىڭلار دىگەن بۇ ئىلىم ئەھلىلىرىنىڭ ھۆكۈم ۋە پەتىۋاسىنى قۇبۇل قىلىمىز ! بىز بۇرۇنقى باشقا تىمىدىكى مۇنازىرەلەر داۋامىدا مىيىت نەزىرىنى ئىسلامغا ئۇيغۇن دىگەن قاراشتىكى تورداشلارغا  ئاللاھ ۋە پەيغەمبەرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىلىمدە يىتىشكەن ئىسلام ئالىلىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن پەتىۋالىرىنى دەلىل قىلىپ ئوتتۇرىغا قۇيغان ئەمما ئۇلار بۇ دەلىللەرگە قارشى بىدئەت كۆزقارىشىدىن ، ئىغىز بۇزۇشتىن باشقا ھىچنىمىنى (3-7-40-يىل نەزىرى دىگەن مىيىت نەزىرىنى قىلسا بولىدۇ دەپ) دەلىل قىلىپ ئىلىپ كىلەلمىدى ! شۇنداقكەن  بۇ مۇنازىرىلەرگە تالاش تارتىشلارغا ئىلمىي بىر ئىسلامىي دەلىللەر ئارقىلىق خاتىمە بىرىدىغان ۋاقىت كەلدى ! مەن بۇ تىمىدا دۇنيادىكى مەشھۇر ئىسلام ئالىملىرى ۋە ئۇيغۇر ئىسلام ئالىمى بولغان مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ بۇ مىيىت نەزىرىنى بىدئەت ئىسلامغا ئۇيغۇن دەپ يازغان يازما پەتىۋالىرىنى دەلىل قىلىپ بۇ تىمىنى يازدىم ! بۇ تىمام ئۇيغۇر مۇسۇلمان قىرىنداشلىرىمنىڭ ھەق يولنى تىپىۋىلىپ بىدئەتتىن يىراق تۇرۇشى ئۈچۈن !  ...... بەزى تۈگىمەس دەلىل تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ بۇنى مىنى ئۆزى يىزىۋالدىمىكى دىمەسلىكى ئۈچۈن بۇ يازما سۈرەتكە تارتىلىپ سۈرىتىمۇ بىرلىكتە يوللاندى !
بەزى جاھىللار ئۈچۈن ئالاھىدە ئەسكەرتىش : بۇ ئىسلامغا ئۇيغۇن  ئاللا ۋە پەيغەمبەر ،ئىسلام ئالىملىرى چەكلىمىگەن نەزىرلەرنى كۆرسەتمەيدۇ !پەقەت 3-7-40-يىل نەزىرى دىگەندەك مىيىت نەزىرىنىڭ بىدئەتلىكىنى ئىسپاتلايدۇ .

               3-7-40-يىل نەزىرى دىيلگەن مىيىت نەزىرىنىڭ بىدئەتلىكىگە دەلىللەر

1-بولۇپ بۈيۈك ئۇيغۇر ئىسلام ئالىمى قۇرئان كەرىمنى ئۇيغۇرچىغا مۇكەممەل تتەرجىمە قىلغۇچى ئۇستاز مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ ياخشىلار باغچىسى دىگەن كىتابتىكى  "ھەدىس بىزگە نىمە دەيدۇ"بۆلىكىدىكى ، ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى بىدئەتلەر ۋە شىرىك ئەقىدىلەرگە مىسال ئىلىپ چۈشەنچە بىرىپ  (3-7-40-يىل نەزىرى) دىگەندەك مىيىت نەزىرىنىمۇ  ئىسلامغا ئۇيغۇن بولمىغان بىر بىدئەت ئىكەنلىكىگە بىر يازما پەتىۋا بىرىپ ئۆتكەن ، بۇ بۈيۈكىمىزنىڭ بۇ يازمىسى بىزگە ئاللاھ ۋە پەيغەمبەرنىڭ :"ئالىملار پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋارىسلىرىدۇر"دىگەن ھەدىسى  ئارقىلىق ، :"بىلىدىغانلار بىلمەيدىغانلار بىلەن تەڭ بولامدۇ؟"سۈرە زۇھەر 9-ئايەت ! دىگەندەك تاپشۇرۇقى ۋە كۆرسسەتمىسى بۇيىچە توغرا يولنى كۆرسەتكۈچى ماياكتۇر ! ئەمىسە مۇھەممەد سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ بۇ يازمىسى ھۇزۇرۇڭلاردا!


                                  ﻫەدىس بىزگە نىمە دەيدۇ؟
مۇﻫەممەد سالىﻬ
نەزىرە مۇﻫەممەد سالىﻬ

شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرىپىدىن يېقىندا نەشىر قىلىنغان ( ياخشىلار باغچىسى) ناملىق كىتابتىن  ئىلىندى !!!!

كىتابتىكى ئەدەپ-ئەخلاق ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتكە دائىر ﻫەدىسلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەندە كىتابخاننىڭ كۆز ئوڭىدا تۇرمۇشنىڭ ﻫەممە ساﻫەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چىن ئىنسانىي خىسلەتلەرگە يىتەكلەيدىغان مۇكەممەل بىر سېستىما نامايەن بولىدۇ. ﻫەدىس قۇرلىرىدا گۈزەل ئەخلاق مۇسۇلمانچىلىقنىڭ مۇﻫىم بەلگىسى سۈپىتىدە تەرىپلىنىدۇ. «قۇرئان كەرىم»دە ئاللاﻫ تەئالا مۇﻫەممەد ئەلەيﻬىسسالامنى:
«ﻫەقىقەتەنمۇ بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن» دەپ رەسۇلۇللاﻫنىڭ ئەخلاق پەزىلىتىنى ئالاﻫىدە مەدﻫىيەلىگەن. رەسۇلۇللاﻫنىڭ «مەن گۈزەل ئەخلاقلارنى كامالەتكە يەتكۈزۈش ئۈچۈن ئەۋەتىلدىم»
دىگەن ﻫەدىسىدىن بىز رەسۇلۇللاﻫنىڭ گۈزەل ئەخلاقلارنى ئۆگىتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشنى ئۆز دەۋىتىدە ناﻫايىتى مۇﻫىم ئۇرۇنغا قويغانلىقىنى بايقايمىز .
رەسۇلۇللاﻫنىڭ
«مۇئمىن ئادەم ئۆزىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى بىلەن كۈندۈزى روزا تۇتۇپ، كىچىسى ئىبادەت قىلغانلارنىڭ دەرىجىسگە كۆتۈرىلىدۇ» دىگەن سۆزىدىن گۈزەل ئەخلاقلىق بولۇشنىڭ ساۋابىنىڭ نەقەدەر كاتتىلىقىنى بىلىۋالالايمىز. «ئىچىڭلاردىكى كىشىلەرنىڭ ياخشىلىرى ئەڭ گۈزەل ئەخلاققا ئىگە بولغانلاردۇر»، «مۇئمىننىڭ تارازىسىدا چىرايلىق خۇلۇقتىن ئېغىر كىلىدىغان نەرسە يوق»
دىگەن ﻫەدىسلەردىن گۈزەل ئەخلاقنىڭ مۇئمىننىڭ ئىمانىنى ئۆلچەيدىغان مۇﻫىم بەلگە ئىكەنلىگىنى كۆرىۋالىمىز. شۇنداق، گۈزەل ئەخلاق ساماۋى نۇردۇركى ئۇنىڭسىز ﻫايات، ئۇنىڭسىز جەمئىيەت قاراڭغۇ تۇيۇلىدۇ. ئەخلاقسىز تۇرمۇش قانچە بىزەپ كۆرسىتىلگىنى بىلەنمۇ بەرىبىر زەئىپ، مەنىسىزدۇر.
ئەخلاق ﻫەققىدە توختالغىنىمىزدا ئەلۋەتتە ئاتا-ئانىسىغا ياخشىلىق قىلىشنى ئالدى بىلەن تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە توغرا كلىدۇ.
«قورئان كەرىم» ۋە «ﻫەدىس شەرىف»لەردە ئاللاﻫقا شىرىك كەلتۈرۈشتىن قالسىلا ئاتا-ئانىنى قاخشىتىش ئەڭ چوڭ گۇناﻫ سۈپىتىدە بايان قىلىنىدۇ. «جەننەت ئانىنىڭ ئايىغى ئاستىدۇر». ئاللاﻫنىڭ نەزىرىدە ئاتا-ئانىغا ياخىشىلىق قىلش ئەڭ سۆيۇملۈك ئەمەل ﻫېسابلىنىدۇ. ئۇندىن قالسا بەزى ﻫەدىسلەردە ئورۇق-تۇققان، يېقىن-يورۇقلارغا ياخشىلىق قىلىش تەكىتلىنىپ
«رىسقىم كەڭ بولسۇن ياكى ئۆمرۈم ئۇزۇن بولسۇن دىگەن ئادەم خىش-ئەقرىبا ۋە يېقىنلىرىغا سىلە-رەﻫىم قىلسۇن» دېيىلسە، يەنە بەزى ﻫەدىسلەردە ئورۇق-تۇققانچىلىق ﻫەققى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ «سىلە-رەﻫىمنى ئۈزۈپ قويغان ئادەم جەننەتكە كىرمەيدۇ»غانلىقى بىلەن ئاگاﻫلاندۇرىلىدۇ. مەيلى مۇسۇلمان بولسۇن، ياكى غەيرى مۇسۇلمان بولسۇن، تەقۋادار بولسۇن، ياكى پاسىق بولسۇن، دوست بولسۇن، ياكى دۈشمەن بولسۇن ئىنسانغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش ياخشىلىق قىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالام: «ﻫەقەمسايىسگە زىيان زەخمەت يەتكۈزۇشتىن ئۆزىنى ساقلىمىغان ئادەم كامىل مۇئمىن بولالمايدۇ» دىگەن سۆزنى ئۇچ قېتىم تەكرارلىغان. ﻫەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاﻫۇ ئەنﻬا قوشنىسنىڭ دائىرىسنى بىكىتىپ «ئۆينىڭ تۆت ئەتىراپىنىڭ ﻫەر تەرىپىدىن 40 ئائىلىگىچە قوشنا ﻫىسابلىنىدۇ» دىگەن. (بىزدىكى ﻫازىرقى قوشنىدارچىلىقنىڭ قانچىلىك بولۇۋاتقانلىقى ﻫەر بىرىمىزگە ئايان) ئاللاﻫنىڭ كالامى ۋە رەسۇلۇللاﻫنىڭ ﻫەدىسلىرىدە ئىمانى ۋە ئىنسانى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى ﻫېكمەتلىك ئوسلۇبتا بايان قىلىنغان. نۇرغۇن ﻫەدىسلەر كىشىلەر ئارىسىدىكى ئىنساپ-ئشەنچىنى، دوستلۇق-ئىناقلىقنى كۈيلەيدىغان، ئۆزئارا قېرىنداشلارچە مۇئامىلىدە بولۇپ، ئاسايىشلىققا ئۈندەيدىغان ئىدىيەلەرنى ئىماننىڭ بىر جۈملىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويىدۇ: «ئاللاﻫ بىلەن قەسەمكى، سىلەر ئىمان ئېيتمىغۇچە جەننەتكە كىرەلمەيسىلەر، ئۆزئارا دوستلاشمىغۇچە ﻫەقىقىي مۇئمىن بولالمايسىلەر»، «كىشلەرنىڭ ئۆزئارا دوستلىشىشى، ئاللاﻫقا ئىمان ئېيتىشتىن قالسلا ئەمەللەرنىڭ ئەڭ ئەۋزىلىدۇر» دىگەن ﻫەدىسلەر شۇلارنىڭ جۇمىلىسىدىندۇر. «كىمكى قېرىندىشىنىڭ ﻫاجىتىدە بولىدىكەن، ئاللاﻫ ئۇنىڭ ﻫاجىتىدە بولىدۇ، كىمكى قېرىندىشىغا ياردەمدە بولىدىكەن، ئاللاﻫ ئۇنىڭغا ياردەمدە بولىدۇ»، «ﻫاجەتمەننىڭ ﻫاجىتىدىن چىققان ئادەمنى ئاللاﻫ قىيامەت كۈننىڭ قورقۇنچىسىدىن ئەمىن قىلىدۇ»
. مەيلى ماددى جەﻫەتتە بولسۇن ياكى مەنىۋى جەﻫەتتە بولسۇن باشقىلارغا ﻫاجىتى چۈشۈشتىن خالى بولغىلى بولمايدىغان كىشلىك تۇرمۇشتا بۇ ﻫەدىسلەرنىڭ روﻫىنى قانچە ئىخلاس بىلەن ئۆزلەشتۈرسەك، ئىسلام دىنىغا بولغان چۇشەنچىمىز شۇنچە چوڭقۇر، ئەتراپلىق بولىدۇ. ئىتىقادىمىز چىڭىيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ﻫايات يولىدا باسقان قەدەملىرىمىز شۇنچە مۇستەﻫكەم بولىدۇ. ئىجتىمائىي كەيپىيات، گۈزەل ئەخلاقى ساپا، ساغلام مەدەنىيەت ئاساسىدا تەرەققىياتىمىزمۇ شۇنچە راۋان بولىدۇ.
ئىسلامنىڭ دەسلەپكى چاغلىرىدىكى ساﻫابىلارنىڭ ﻫايات مۇساپىسىغا نەزەر سالساق، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىنىڭ بىر-بىرنىڭ ئوتىدا كۆيۇپ، سۈيىدە ئاقىدىغان ﻫەققىي قېرىنداشلىقنىڭ ئۈلگىلىرىنى كۆرىمىز. مېﻬر-مۇﻫەببەت، خالىسلىق، ﻫەمكارلىق ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن جەمئىيەتتە كىشىلەرنىڭ غەم-قايغۇسى ۋە خۇشاللىقى ئورتاق بولىدۇ. مەككىدىن بارغان مۇﻫاجىرلار بىلەن مەدىنىدىكى ئەنسارىيلارنىڭ ئۆزئارا قېرىنداشلىقى شۇ قەدەر چوڭقۇر ئىدىكى ئەنسارىيلار مۇﻫاجىرلارنى ئۆزلىرىدىنمۇ چارىراق كۆرەتتى. ئىقتىسادىي جەﻫەتتىن ئۇلار سېنىڭ-مېنىڭ قىلمىغان. ئەنسارىيلار مۇﻫاجىرلارغا ئۆيلىرىنى، باغلىرىنى، نېمىسى بولسا شۇنى تەڭ بۆلۇپ بەرگەن. دوستلاشتۇرۇلغان ئىككى ئادەمنىڭ (مۇﻫاجىر بىلەن ئەنسارىينىڭ) قايسىسى ئۆلسە ئىككنچىسى ئۇنىڭغا مىراسخور بولاتتى. قان-قېرىنداشلىرى مىراسخور بولمايتتى. ئەنسارىيلار مۇﻫاجىر قېرىنداشلىرى ئۈچۈن قىلغان غەمخورلۇقلىرىنى تېخى قىلىشقا تىگىشلىك بولغىنىدىن ئاز دەپ قارايتتى. مانا بۇ ئىسلامىي قېرىنداشلىقنىڭ يۇقىرى دەرىجىسى. بۇ يۈكسەك، ئالىيجاپ قېرىنداشلىق مېﻬر-مۇﻫەببەتنى چۇشەندۈرۈشكە قەلەم ئاجىزلىق قىلىدۇ.
«ئەنسارىيلار مۇﻫتاج تورۇقلۇق (مۇﻫاجىرلار مەنپەئەتىنى) ئۆزلىرنىڭ (مەنپەئەتىدىن) ئەلا بىلىدۇ» (سۈرە ﻫەشىر 9- ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دىگەن ئايەت ئەنە شۇ ئەنسارىيلار ﻫەققىدە نازىل بولغان. «سىلەردىن ﻫەرقانداق بىر كىشى ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىسىنى قىرىندىشغىمۇ ياخشى كۆرگەندىلا ئاندىن كامىل مۇئمىن ﻫېسابلىنىدۇ» (ﻫەدىس). بۇگۈنكى كۈندە پۇل ﻫەممىگە ﻫۆكۈمران دەيدىغان ئىدىيەنىڭ تۆرتكىسى ئاستىدا يامراپ كېتىۋاتقان چىكىدىن ئاشقان شەخسىيەتچىلىك دىللىرىمىزنى قاساۋەتلەشتۈرۈپ كىتىۋاتسا، بىزدە نەدىمۇ «ئەلنىڭ مەنپەئەتى ﻫەممىدىن ئەلا» دەيدىغان ئىدىيە بولسۇن؟! ﻫەممىلا ئىشتا پۇلنى، پايدىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش خاﻫىشى كاللىمىزنى چىرمىۋالغان تۇرسا، خالسلىق، غەرەرسىز، رىياسىزلىقنى قانداقمۇ ئىزچىللاشتۇرغىلى بولسۇن؟! پەيغەمبىرىمىز مۇنداق دىگەن: «مېنىڭ ئۈممىتىم تىللا بىلەن تەڭگىنى چوڭ بىلىپ كەتسە ئۇنىڭ قەلبىدىن ئىسلامنىڭ ﻫەيۋىسى كۆتۈرۈلۇپ كېتىدۇ»
. كىشىلەرنىڭ سورۇنلاردا ئۆزئارا: «ﻫازىر خەقتە ئىنساپ يوق...» دېيىشىۋاتقانلىقىنى دائىم ئاڭلاپ قالىمىز، شەخسىيەتچىلىك ۋە مەنپەئەتپەرەسلىكنىڭ چىكىدىن ئېشىپ كىتىشى بىلەن ئارىمىزدىن مېﻬر-مۇﻫەببەت، ئىنساپ كۆتۈرۈلۇپ كىتىپ بارماقتا. قەلبىدىن دىيانەت كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن ئادەمدىن يەنە نېمىنى كۈتۈش مۇمكىن!
«ياخشلار باغچىسى» ﻫەقىقەتەن تۈرلۈك-تۇمەن، رەڭگارەڭ، ﻫۆسنى ۋە پۇرىقى دىلنى لال قىلدىغان ﻫەدىس گۇل-چىچەكىلىرىگە تولغانكى، ئۇنىڭدا يەنە يىتىم-يىسر، ئىگە-چاقىسىزلارنىڭ بېشىنى سلاش، مۇساپىرلارغا، مېيىپلارغا ياردەم بېرىش، ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى قوتقۇزۇش ۋە ماددىي، مەنىۋىي جەﻫەتتىن ﻫېسداشلىق قىلىش، باشقىلارنىڭ ئەيىۋىنى يېپىش قاتارلىق ئوقۇپ ئۆزلەشتۈرۈپ ئەمەل قىلىدىغان كىشىنى مەنىۋى كامالەتكە يەتكۈزىدىغان ﻫەدىسلەر بايان قىلىنغان. «
كىمكى بىر ئەمانى 40 قەدەم يۆلەپ ماڭسا، ئۇنىڭغا جەننەت تىگىشلىك بولىدۇ» دىگەن ﻫەدىسنىڭ ئۆزىلا ئاقساق-چۇلاق، مېيىپ-ئاجىزلارغا يار-يۆلەك بولۇپ ئۇلارنى قوتقۇزۇشنىڭ، دارىلتام، دارىلئاجىزلارنى ئېچىپ، ئۇلارنى تەربىيىلەشنىڭ نەقەدەر ساۋاپلىق ئىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشكە يىتەرلىكتۇر. گۇزەل ئەخلاقى بىلەن بىزنىڭ ياخشى ئۈلگىمىز بولغان پەيغەمبىرىمىز: «مەن يىتىمنى باققۇچى ئادەم بىلەن جەننەتتە مۇشۇنداق يىقىن تورىمەن» دەپ باش بارمىقى بىلەن كۆرسەتكۈچ بارمىقىنىڭ ئارىسىنى ئېچىپ كۆرسەتكەن. پەيغەمبىرىمىز يەنە: «مېنى ئاراڭلاردىكى ئاجىز كىشلەرنىڭ ئىچىدىن تېپىڭلار، چۈنكى سىلەرگە شۇ ئاجىز كىشىلەرنىڭ بەرىكىتىدىن رىزىق بىرىلىدۇ» دىگەن. كىتاب بەتلىرىنى ۋاراقلايدىغان بولساق، كىشىنى ئەخلاقىي يۈكسەكلىككە يېتەكلەيدىغان نۇرغۇن ﻫەدىسلەر كۆزىمىزگە چېلىقىپ تورىدۇ. ئەمما رىئاللىقىمىزغا قارايدىغان بولساق، شۇ ئىسىل تەرغىباتلارنىڭ ئىتىبارسىز قىلىۋاتقانلىقىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمىز. مىيىپلىقنى پۇل تىلەشكە دەستەك قىلىپ، ياكى ئىگىلىرىنىڭ پۇل تېپىش ۋاسىتىسى بولۇپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتقان ئاجىز مەجرۇﻫلارنىڭ قەﻫرىتان قىش، پىژغىرىم ئىسسىقلاردا توپا- تۇمانغا مىلەنگەن ﻫالىتى يۈرىكىمىزنى ئېچىشتۇرىدۇ. «قۇرئان كەرىم»دىكى: «يىتىمنى خارلىما ...»
دىگەن ئەمىر رەببانىيغا ئاۋاز قوشۇپ، ئۇلارنىڭ بېشىنى قانچىلىك سىلىيالىدۇق؟ پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىدىن قانچە يىراقلاشقانسىرى ﻫەممىدە چىكىنىشكە يۈز تۇتىۋاتىمىز. نىﻬايەت، ئەقىل كۆزى بىلەن ئىدراك قىلغۇچىلار ئۈچۈن چاقناپ تۇرغان تاڭ نۇرىدەك روشەن تۇيۇلىدىغان ﻫەدىس مەنالىرىنى زالالەت تۇمانلىرى ئىچىدە تىڭرقاپ يۈرگەنلەر ئاڭقىرالماي قالىدۇ-دە، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك بەختتىن قۇرۇق قالىدۇ.
«قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى ۋە ﻫەدىسلەردە خەير-ئىﻬسان قىلىشنىڭ، ياخشىلىق يوللىرىغا پۇل-مال سەرپ قىلىشنىڭ پەزىلىتى سۆزلىنىدۇ. سەدىقە نامى ئاستىدا ئېلىپ بىرىلىدىغان بۇ خاسىيەتلىك ئىشنى ﻫەممە ئادەم قىلىشقا رىغبەتلەندۇرىلىدۇ. سەدىقە سۆزىنىڭ مەناسى ناﻫايىتى كەڭ بولۇپ، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ ﻫەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. گەرچە بۈگۈنكى كۈندە سەدىقە كىشىلەر تەرىپىدىن مەيلى ئاز بولسۇن، مەيلى كۆپ بولسۇن نامراتلارغا ئىقتىسادى ياردەم بىرىش دەپ چۈشىنىلىۋاتقان بولسىمۇ، ﻫەدىسلەردە ياخشى ئىش ۋە ياخشى سۆزلەرنىڭ ﻫەممىسى سەدىقە دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن. پەيغەمبەرئەلەيﻬسسالام ﻫەر بىر مۇسۇلماننىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئارقىلىق ئۆزىگىمۇ پايدا يەتكۈزۈشىنى، سەدىقىمۇ قىلىشىنى، مۇنداق قىلالمىسا ياخشى ئىشلارنى قىلىپ يامان ئشلاردىن قول يىغىشىنى، بۇنىڭ ئۆزى ئۇنىڭ ئۈچۈن سەدىقە ئورنىدا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
پەيغەمبەر ئەلەيﻬسسالامنىىڭ بۇ سۆزىدە مۇئمىننىڭ قولىدىن كىلىشىچە كىشىلەرگە پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشى، باشقىلارغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەسلىك كېرەكلىگى تەكىتلەنگەن. يەنە بەزى ﻫەدىسلەردە
«كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى تۈزەپ، ئۇلارنى ئەپلەشتۈرۈشمۇ سەدىقە ﻫېسابلىنىدۇ» دېيىلگەن. يەنە بەزى ﻫەدىسلەردە ئۆزىنىڭ خۇتۇن بالا-چاقىلىرى ئۈچۈن قىلغان ئائىلە راسخۇتمۇ، ﻫەتتا كىشىلەرگە قىلغان بىرەر ئېغىز ياخشى سۆزنىڭمۇ سەدىقە ﻫېسابلىنىدىغانلىقى سۆزلەنگەن. بۇ ﻫەدىسلەردىن بىز ﻫۈنەر-سانائەت بولسۇن، تېرىقچىلىق بولسۇن، تىجارەت بولسۇن، ﻫەر ئادەمنىڭ بىرەر كەسىپ بىلەن ئىش-ﻫەرىكەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا رىغبەتلەندۇرۇلگەنلىكىنى، ئەجرىدىن كەلگەن كىرىم بىلەن ئاۋۋال ئۆزىنى تەمىنلەپ ئاشقان قىسمىنى يوقسۇللارنىڭ ﻫالىدىن خەۋەر ئىلىشقا ئىشلىتىش تەكىتلەنگەنلىگىنى كۆرىۋالالايمىز. سەدىقە- ئىﻬسان ئاز بولسىمۇ، ئۇنىڭ رولىغا سەل قاراشقا بولمايدىغانلىقى ئوبرازلىق رەۋىشتە مۇنداق ئىپادىلەنگەن. «كىمكى ﻫالال كەسىپ بىلەن تاپقان مېلىدىن خورما چاغلىق نەرسە بولسىمۇ سەدىقە قىلسا، ئاللاﻫ پەقەت ﻫالال مالنىلا قوبول قىلىدۇ، ئاللاﻫ ئۇنى ئوڭ قولى بىلەن قوبول قىلىدۇ، ئاندىن ئۇ خورما چاغلىق نەرسىنى خۇددى سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزىنىڭ تايچىقىنى ئوبدان بىقىپ ئۆستۈرگەندەك ئۆستۈرۈپ، سەدىقە قىلغۇچى ئۈچۈن ئۇنىڭ ساۋابىنى تاغدەك زورايتىپ بىرىدۇ». ﻫەدىسلەردە مەيلى باي بولسۇن، مەيلى نامرات بولسۇن مۇسۇلمان كىشىنىڭ جەمئىيەت ئۈچۈن بىر پايدىلىق ئىلمىنىت بولۇشى كېرەكلىكى ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە ئاۋامغا پايدا يەتكۈزۇشى، بايلارنىڭ كەڭ قوللۇق بىلەن كۆپلەپ خەير-ساخاۋەت قىلىشى، كەمبەغەللەرنىڭمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولماسلىقى قەيت قىلىنغان . پەپغەمبەرئەلەيﻬسسالام سۆزى ۋە ﻫەرىكىتى ئارقىلىق مۇسۇلمانلارغا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمىگەن ئادەمنى ئەڭ ئارتۇق ﻫېسابلىغان. «كىمىكى ئۆزى نېمە يىسە خىزمەتچىسى (ياكى قۇلى)غا شۇنى يىگۈزسۇن، ئۆزى نېمە كەيسە ئۇنىڭغا شۇنى كەيگۈزسۇن. ئۇلارنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشلارغا سالماڭلار. ئەگەر شۇنداق ئىشلارغا سېلىپ قالساڭلار ئۇلارغا ياردەمدە بولۇڭلار» دىگەن. «كىمكى بىرەر مۇسۇلمانغا ئەزىيەت يەتكۈزسە ماڭا ئەزىيەت يەتكۈزگەن بولىدۇ»، «ناﻫەق رەۋىشتە بىر مۇسۇلماننىڭ ئابرويىنى تۆكۈش ﻫەقىقەتەن ئەڭ چوڭ گۇناﻫتۇر». يۇقىرىدىكى ﻫەدىسلەردە مۇئمىنگە ئەزىيەت يەتكۈزۈش قاتتىق ئەيىپلىنىدۇ. رەسۇلۇللاﻫ ئىپپەتلىك، پاك مۇسۇلمان ئاياللارغا بۆﻫتان چاپلاشنى يەتتە خىل ﻫالاكەتلىك گۈناﻫ قاتارىدا سانىغان. ﻫالبۇكى ئارىمىزدا ئاياللارغا ﻫەتتا ئۆزىنىڭ ئايالى بولغان تەقدىردىمۇ قارا چاپلاش تۈسىنى ئالغان سەت تىللار بىلەن ﻫاقارەتلەيدىغان ئەﻫۋاللار ئاز ئەمەس. بىر مۇنچە ﻫەدىسلەردە ئىناقلىق، ﻫەمكارلىق، مىﻬرىبانلىق روﻫى تەكىتلىنىدۇ. ئۇنىڭغا زىت كىلىدىغان تەپرىقچىلىك، ﻫەسەتخورلۇق، كۆرەلمەسلىك ، ئىككى يۈزلىمىچىلىك، چېقىمچىلىق، غەيۋەت-شىكايەت قاتارلىق ئىللەتلەرگە لەنەت ئوقۇدى. پەيغەمبەر ئەلەيﻬسسالامنىڭ: «گۇمانخورلۇقتىن ساقلىنىڭلار، كىشىلەرنىڭ ئەيىۋىنى كولىماڭلار. تىڭ-تىڭلاپ يۈرمەڭلار. ئۆزئارا دۈشمەنلەشمەڭلار. ئۆزئارا قىرىنداشلارچە بولۇڭلار»، «كىمىكى بىر قىرىندىشىنىڭ غەيۋىتى قىلىنغان يەردە ئۇنىڭ ئابرۇيىنى ساقلاپ قالسا ئاللاﻫ ئۇنى قىيامەت كۈنى دوزاختىن ساقلاپ قالىدۇ»، «ساﻫابىلىرىمدىن ﻫېچبىر ئادەم ماڭا بىراۋ ئۈستىدىن سۇخەنچىلىك قىلمىسۇن»، «سۇخەنچى ئادەم جەننەتكە كىرمەيدۇ»، «كىشىلەرنىڭ ئەيىۋىنى ئېچىش بىلەن ئەمەس بەلكى ئۆز ئەيىۋىنى تۈزەش بىلەن بولغان ئادەم چوڭ ساۋاپقا ئېرىشىدۇ»، «ئىككى يۈزلىمىچى ئادەم قىيامەت كۈنى ئاللاﻫنىڭ دەرگاﻫىدا ئادەملەرنىڭ ئەڭ يامىنى بولۇپ قالىدۇ»، «ﻫەسەتتىن ساقلىنىڭلار، ﻫەسەت قىلىش ياخشىلىقلارنى خۇددى ئوت ئوتۇننى يىگەندەك يەيدۇ» قاتارلىق دانا سۆزلىرىنى مۇلاﻫىزە قىلغىنىمىزدا ئۆم-ئىناقلىقنىڭ ﻫوزۇر بەخىش كۆرۇنۇشلىرى كۆز ئالدىمىزغا كىلىدۇ. ئۆزئارا قىزغىن، سەمىمىي، خالىس ﻫېسسىياتتا بولۇش دىللارنى سۆيۈندۇرىدۇ. چىقىمچىلىق، غەيۋەتخورلۇق، ﻫەسەتخورلۇقلار مۇسۇلمانچىلىق بىلەن زادى كىلىشەلمەيدۇ. قەيەرە بولمىسۇن بىشىغا كۈن چۈشكەنلەرگە ﻫەقىقىي ﻫىسداشلىق قىلىنسا، مۇﻫتاجلارغا ﻫاجىتى راۋا بولغۇدەك ياردەم قىلىدىغان ساخاۋەتلىك قوللار سونۇلسا ئارىمىزدا تەبىئىي ﻫالدا بەرگۈچىنى رىيا-كىبىردىن خالى قىلىدىغان، ئالغۇچىنى خورلۇق-ئىزادىن خالاس قىلىدىغان ساغلام ئىجتىمائىي كاپالەت تۈزۈمى شەكىللەنگەن بولاتتى. كىشىلىك مۇناسىۋەتتە تۈرلۈك كۆڭۈلىسىزلىكلەر، ئۇقۇشماسلىقلار بۇلۇپ تۇرىدۇ. كىشى ﻫەرقاچان ئەزىيەت، ئازار-كۈلپەتلەرگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. مۇنداق چاغلاردا مۇسۇلمان ئادەم پەيغەمبىرىمىزنىڭ: «مۇسۇلمانغا كەلگەن ﻫەرقانداق كۆڭۇلسزلىكنى ئاللاﻫ ئۇنىڭ گۇناﻫىغا كەففارەت قىلىدۇ، ﻫەتتا ئۇنىڭ پۇتىغا بىر تىكەن كىرىپ كەتسىمۇ، ئۇ گۇناﻫىغا كەففارەت بولىدۇ»، «ئاللاﻫ كىمگە بىرەر ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا، ئۇنى ئوڭۇشسىزلىققا دۇچار قىلىدۇ»، «ﻫېچ كىشگە سەۋرىدىن ئەۋزەل ۋە چوڭ سوۋغا بىرىلىگىنى يوق» دىگەن سۆزلىرىگە ئەمەل قىلسا، ئۇنىڭغا ئۇمىدۋارلىق ۋە ئەقىل ﻫەمراﻫ بۇلۇپ، قىيىن ئۆتكەلدىن غەيرەت-پاراسەت بىلەن ئۆتىۋالىدۇ، شۇنداقلا قارنى-كۆكسىنى كەڭ تۇتقانلىقى، چىداملىقلىقى ئۈچۈن دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ياخشىلىقلارغا ئېرىشىدۇ. باشقىلارغا قوپال، سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان، ئەرزىمەس ئىشلار ئۈستىدە خاپا بولۇشۇپ، قىزىرىشپ چاپان سىلىشىدىغان، ياقا سىقىشىدىغان قىلمىشلار بىزگە دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ. ﻫالبۇكى پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالام «ئۇرۇشقاندا ئىغىز بۇزۇشنى مۇناپىقلىقنىڭ ئالامەتلىرىدىن»
دەپ سانىغان. پەيغەمبەرئەلەيﻬىسالام ئۆزىنىڭ مۇلايىملىق، ئەپۇچانلىق، مىﻬىرىبانلىق، سەۋرىچانلىق، چىدامچانلىق، ئۆچ ئېلىشقا قادىر تورۇقلۇق كەچۈرۈم قىلىش قاتارلىق خىسلەتلىرى بىلەن ئۆز ئۈممىتىگە ناﻫايىتى ئىسل ئۈلگە ياراتقان.
بۇ مەزمۇنلار پەيغەمبەرئەلەيﻬىسىسالام:
«مۇلايىملىقتىن مەﻫرۇم قىلىنغان ئادەم پۈتۈن ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا ئۇلار ئىچىدە مۇلايىملىقنى ئومۇملاشتۇرىدۇ»، «كىشىلەرگە رەﻫمى قىلىمىغان ئادەمگە ئاللاﻫ رەﻫىم قىلمايدۇ»، «كىشىلەر ئارىسدا ئاللاﻫ يامان كۆرىدىغان ئادەم دۇشمەنلىكى قاتتىق، خۇسۇمەتچى ئادەمدۇر»، «بىر ئادەمنىڭ بىر دىنىي قىرىندىشىغا ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ئاداۋەت تۇتۇپ بىر-بىرىگە تەتۈر قاراپ يۈرۈشى دۇرۇس ئەمەس»، «روزىدىنمۇ، سەدىقىدىنمۇ، نامازدىنمۇ ئارتۇق ئىش كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى تۈزەشتۇر، ئارىىنىڭ بۇزۇلۇشى دىللارنى خاتىرجەمسىزلەندۇرىدۇ»، «كىشىلەرنىڭ ئارىسىنى تۈزەش ئۈچۈن يالغان سۆزلەش گۇناﻫ ﻫىساپلانمايدۇ» قاتارلىق ﻫەدىسلىرىدە قەلىبنىڭ چوڭقۇر ئىپادىسىنى، كىشىلەرنى ئاسراشتا، ئۇلارغا ئاسانلىق توغدۇرۇپ بىرىشتە رەسۇلۇللاﻫ نەمۇنىلىك رول ئويىنىغان. ئۇ «نامازدا تۇرۇپ بالىسىنىڭ يىغلىغانلىقىنى ئاڭلىسام، ئانىسىنى بىئارام قىلىپ قويماي دەپ نامازنى قىسقارتىپ ئوقۇيمەن» دىگەن. ياشانغانلارنى ﻫۆرمەتلەش، كىچىكلەرنى ئاسىراشتا پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالامنىڭ: «ياشتا چوڭلىرىمىزنى ﻫۆرمەتلىمىگەن، كىچىكىلىرىمىزگە كۆيۇنمىگەن ئادەم بىزگە مەنسۇپ ئەمەس» دىگەن دانا سۆزى بار. تۈرلۈك سورۇنلىرىمىزنىڭ يالغان-ياۋىداق پتنە-پاسات، سۆز-چۆچەكلەر تارقىتىش ئۇۋىسى بولىۋاتقانلىقى ﻫەممىگە ئايان بولۇپ، پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالامنىڭ: «كىشىنىڭ ئاڭلىغانلىكى نەرسىنى سۆزلەپ يۇرۇشىنىڭ ئۆزى كىشى ئۈچۈن يىتەرلىك يالغانچىلىقتۇر» دىگەن سۆزى مۇسۇلماننى ﻫەر ۋاقىت ئېغىزىغا ﻫېزى بولۇشقا ئاگاﻫلاندۇرىدۇ. ساﻫابىلاردىن بىرى رەسۇلۇللاﻫتىن مۇنداق سورىغان: بەندىنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە سەۋەپ بولىدىغان ئەمەل قايسى؟ رەسۇلۇللاﻫ شۇنداق دىگەن: «تەقۋالىق بىلەن گۈزەل ئەخلاق». ئەمىسە دوزاققا كىرىشگە سەۋەپ بولىدىغان ئەمەلچۇ؟ «ئېغىزى بىلەن ئەۋرەت». ئادەمنىڭ ياخشى يامىنى ئەمەلىيەتتە كىشلەر بىلەن بولغان مۇئامىلىدە سىنىلىدۇ. بۇلۇپمۇ ئىقتىسادىي مۇئامىلە كىشىنى سىناشنىڭ ﻫالقىلىق ئمتىﻬانىدۇر. سەمىمىيلىك، توغرىلىق، راسچىللىق، خالىسلىق، ئىنساپ، تەۋپىق، ئىشەنچ، ﻫەققانىيەتلەر ﻫەدىسلەردە مەدﻫىيەلىنىپ، مەككارلىق، ئالدامچىلىق، ﻫىيلىگەرلىك، يالغانچىلىق، نامەردلىك، خىيانەتچىلىك، جازانىخورلۇق، پاراخورلۇق، ۋىجدانسىزلىق، ۋاپاسىزلىق، كىشىنىڭ ﻫەققىنى يىيىش قاتارلىق رەزىللىكلەر قاتتىق ئەيىپلىدۇ.

ﻫەدىستە يالغان گەپ قىلىش، ئامانەتكە خىيانەت قىلىش، ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماسلىق مۇناپىقلىقنىڭ ئۈچ تۈرلۈك بەلگىسى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ، «كىمكى ئۆزىدە بىراۋنىڭ مەنىۋى ياكى ماددى ﻫەققى قالغان بولسا ئۇنى قىيامەت كۇنىگە قالدۇرماي مۇشۇ دۇنيادا رازى قىلۋەتسۇن. زۇلۇم قىلغۇچى ئادەم ﻫەق ئىگىسىنى بۇ دۇنيادا رازى قىلىۋەتمەي ئاخىرەتكە قالدۇرسا زۇلۇم قىلغۇچىنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن ﻫەق ئگىسىنىڭ قانچىلىك ﻫەققى بولسا شۇنچىلىك ئېلىپ بېرىدۇ. زۇلۇم قىلغۇچىنىڭ ياخشى ئەمەللىرى بولمىسا، ﻫەق ئىگىسىنىڭ گۇناﻫلىرىدىن ئېلىنىپ زۇلۇم قىلغۇچىغا يۇكلىندۇ». ﻫەدىسلەردىن مەيلى قايسى رەۋىش قايسى ئۇسۇلدا بولۇشىدىن قەتئىنەزەر كىشىنىڭ (مىسقالچىلىق ياغاچ چاغلىق نەرسە بولسىمۇ) ﻫەققىنى يەۋىلىشنىڭ ئۇ دۇنيادا بولسىمۇ ئىگسىگە قايتۇرۇلمىسا بولمايدىغان قورقونچلۇق ﻫەق ئىكەنلىكىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۇرەلەيمىز. يەنە بىر ﻫەدىستە: «خىيانەت قىلماسلىق، راسىت سۆزلۈك بولۇش، گۈزەل-خۇلۇقلۇق ۋە بىتەمە بولۇپ ﻫالال كەسىپ قىلىشتىن ئىبارەت 4 خىسلەت» ئۈستىدە توختالغان. بىر ﻫەدىستە: «جازانىنى يىگۈزگۈچى، يېزىپ بەرگۈچى ۋە ئۇنىڭغا گۇۋاﻫ بولغۇچىغا لەنەت قىلىنغان». يەنە بىر ﻫەدسىتە: «ئىشلەمچىنىڭ ﻫەققىنى بەرمەسلىك چوڭ گۇناﻫقا ياتىدۇ» دىيىلسە، باشقا بىر ﻫەدىستە: «ياللاپ ئىشلىتىلگەن ئادەمنىڭ بەدىنىدىن چىققان تەر قۇرۇپ بولغۇچە ئۇنىڭ ﻫەققىنى بىرىپ بولۇشنىڭ لازىملىقى» تەكىتلىنىدۇ. قەرزنى ۋاقتىدا قايتۇرماي ئارقىغا سۈرۈش زۇلۇم ﻫىساپلىنىش بىلەن قىينچىلىق بار قەرزدارنىڭ مۆﻫلىتىنى ئۇزارتىپ بىرىش ساۋابلىق ئىش سانىلىدۇ. «كىمىكى ساختىلىق قىلىدىكەن، ئۇ بىزگە مەنسۇپ ئەمەس» دىگەن ﻫەدىستە ئېلىم-بېرىمدە ساختىپەزلىك قىلىش، يالغان قەسەم قىلش، ساختا ماللارنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئۇلارنى سېتىشمۇ ئوخشاشلا ﻫارام قىلىنغان. ئىسلامدا بىرلىشىپ تىجارەت قىلشقا رىغبەتلەندۈرىلىدۇ، ﻫەدىستە «شىرىك بولۇپ تىجارەت قىلىش بەركەتلىك ئۈچ ئىشنىڭ بىرى» قىلىپ كۆرسىتىلىدۇ. ﻫەدىسى قۇددىسىدا ئاللاﻫ تەئالا تەرىپىدىن مۇنداق دىيىلىدۇ: «مادامىكى بىر-بىرىگە خىيانەت قىلشمايدىغان، مەن ئىككى شىرىكنىڭ ئۈچىنچىسى بۇلىمەن، قاچانكى ئۇلارنىڭ بىرى خيانەت قىلىدىكەن، مەن چىقىپ كىتىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا شەيتان كىرىۋالىدۇ».
بىزنىڭ ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىمىز شركەت بولۇپ ئۇيۇشۇپ مەبلەغ ئۈستۇنلىكنى قولغا كەلتۈرۈپ ئەقىل بۇلىغىنى ئېچىپ بازار قانۇنىيىتى بويىچە سودا قىلىشنى ۋە ئوبراز تىكلەشنىڭ، زۆرۈرلىكىنى تىخى دىگەندەك تۇنۇپ يىتەلمىگەندەك قىلىدۇ. بىزنىڭ روﻫانىيىتىمىزگە تەپرىقىچىلىق ﻫەسەتخورلۇق سىڭىپ كەتكەنلىگى ئۈچۈن، سودا-تىجارەت ئىشلىرىمىزدىمۇ بىرلىك، ئويۇشقاقلىق، ئۆزئارا يۆلەشتىن يىراقمىز. بىرمۇنچە كىشىلىرىمىز سودا ساﻫەسىدە ئۆزلىرنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە چىۋەرلىكى بىلەن ئۈزۈپ چىقىپ ياقا يۇرتلاردا كۆزگە كۆرىنىۋاتقان بولسىمۇ، تەشكللىنىپ بىرەر قانۇنلۇق شركەت شەكلىنى ئالمىغانلىقى ئۈچۈن سودا رىقابىتىدە «يالغۇز ئاتنىڭ چىڭى چىقماس، چىڭى چىقسىمۇ دىڭى چىقماس» دىگەندەك چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ ئۈستۈنلۈك قازىنىشىغا قۇربى يەتمەيۋاتىدۇ، ﻫەممىدىن يامىنى «ئايرىلغاننى بۆرە يەر» دەپ ئۇلار بۇلاڭ-تالاڭ، سۇيقەستلەرگە ئۇچراپ ﻫەم جىنىدىن ئايرىلىۋاتىدۇ، «ئىش ئۆملۈكتە، كۈچ بىرلىكتە» دىگەن ئاتىلار سۆزىمۇ يۇقىرىقى ﻫەدىس روﻫىغا ماس ﻫالدا ﻫەممە بىرنىيەتتە بىر ياقىدىن باش بىر يەڭدىن قول چىقىرىپ ئىش كۆرۈشىمىز لازىملىقىنى تەكىتلەپ تۇرۇپتۇ.
«قۇرئان كەرىم»دىكى:
«(ئۆلچەم ۋە تارازىدا) كەم بەرگۈچىلەرگە ۋاي، ئۇلار كىشىلەردىن ئۆلچەپ ئالغان چاغدا تولۇق ئالىدۇ، كىشىلەرگە ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەن چاغدا كەم بىرىدۇ» دىگەن ئايەتلەردە تارازا-ئۆلچەمدە ئادىل بولۇش ئالاﻫىدە تەكتلىنىشتىن تاشىقىرى ﻫەدىستە: «ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ تارازا-ئۆلچەمدە ساختىلىق قىلغانلىرى تۈپەيلىدىن ﻫالاك بولغانلىقى» ئەسلىتىپ ئۆتىلىدۇ .
ﻫەدىسلەردە ﻫالال كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشنىڭ، ﻫالال يەپ ﻫالال ياشاشنىڭ يوللىرى كۆرسىتىلىدۇ، ئەﻫىمىيتى سۆزلىنىدۇ.
«ﻫالال رىزىق ئىزدەش ﻫەر مۇسۇلمان ئۈچۈن ۋاجىپۇر»، «كىمكى ﻫالال كەسىپ قىلىش يۈزىسىدىن ئاغرىپ قالسا گۇناﻫلىرى ئەپۇ قىلىنىدۇ »، «رىزىقنى زىمىننىڭ يوشۇرۇن جايلىرىدىن تەلەپ قىلىڭلار»، «كىشىنىڭ ئۆز ئەمگىكىگە يۆلىنىپ يىگەن تامىقى ئەڭ ﻫالال تاماقتۇر، ئاللاﻫنىڭ پەيغەمبىرى داۋۇت ئەلەيﻬىسالام ئۆز ئەمگىكىگە تايىنىپ ياشايتتى»، «كىمىكى ﻫالال يىسە، سۈننەتكە ئەمەل قىلسا، كىشىلەرگە يامانلىق قىلمىسا ئۇ جەننەتكە كىرىدۇ». مانا بۇ ﻫەدىسلەردە يۇقىرى-تۆۋەن، پاكىز-مەينەت، جاپالىق-يېنىك دېمەي بىرەر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، ﻫالال-ﻫارامنى پەرق قىلىدىغان، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاشنى شەرەپ بىلىدىغان، تۇتقان ئىشىدا نەتىجە قازىنىپ باشقىلارغا ئۈلگە بولىدىغان، مىﻬنەتسۆيەر، ئەمگەكچان كىشىلەرنىڭ تىپى سۈرەتلەپ بىرىلىدۇ. داۋۇت ئەلەيﻬىسسالام ئۆزىنىڭ شۇنچە كاتتا پادىشاﻫلىقى، سەلتەنىتى بىلەن يەنىلا قول ئەمگىكىدىن يالتايمىغان. ئۆزى ئىشلەپ يېگەن ﻫالال ناننىڭ تەمى باشقىچە بولىدۇ. ئەمگەكچان ئادەم چىداملىق ۋە ساغلام كىلىدۇ، ئەمگەكچانلار قانچە كۆپ بولسا ئىشلەپچىقىرىش يۈكسىلىپ، يۇرتى روناق تاپىدۇ. ﻫورۇنلۇق، تىلەمچىلىك، تەييارتاپلىق كىشىنى چۈشكۈنلەشتۈرىدۇ، تەمەخورلۇق، تىلەمچىلىك، پىخسىقلىق مۇسۇلمان ئادەمگە ياراشمايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالام تىلەمچىلىك توغرىسىدا مۇنۇلارنى دېگەن: «سىلەرنىڭ بىرىڭلار تىلەمچىلىك دەرۋازىسىنى ئاچسا، ئاللاﻫ ئۇنىڭغا پېقىرلىقنىڭ دەرۋازىسىنى ئاچىدۇ»، «كىشى تىلەمچىلىك قىلىۋەرسە، قىيامەت كۈنى يۈزىدە گۆش دىدارى بولمىغان ﻫالدا ﻫازىر بولىدۇ»، «كىمىكى ماڭا كىشىلەردىن بىر نەرسىنى تىلىمەسلىككە كىپىللىك قىلىدىكەن، ئۇنىڭ جەننىتى بولىشىغا كېپىللىك قىلىمەن». كوچىلاردا دوقمۇش-دوقمۇشتا تىلەمچىلەر كۆزىمىزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ. ئۇلارغا 30~40 تىيىن بېرىش بىلەن قارىماي ئۆتۈپ كېتىش ياكى ئۇلارنى تەنبىﻬ بېرىپ ئەيىپلەش بىلەن ئىش پۈتەمدۇ؟ مەسىلىنى تۈپ يىلتىزىدىن ﻫەل قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى قۇتقۇزۇشقا، جان بېقىش يوللىرىنى كۆرسىتىپ قويۇشقا توغرا كېلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالامنىڭ قېشىغا ئەنسارىيلاردىن بىر ئادەم نەرسە تىلەپ كەلگەن. رۇسۇلۇللاﻫ ئۇنىڭدىن ئۆيىدە بىرەر نەرسىسى بار يوقلىقىنى سورىغان. ئەنسارىي ئۆيىدە پەقەت يىرىمىنى ئاستىغا سېلىپ، يېرىمىنى ئۈستىگە يىپىنىدىغان بىر يېپىنچىسى ۋە بىر دانە سۇ ئىچىدىغان ياغاچ تاۋىقى بارلىقىنى ئېيتقان. رەسۇلۇللاﻫ ئۇ ئىككىسىنى ئالدۇرۇپ كېلىپ ئۇ نەرسىلەرنى كىمنىڭ سىتىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتقاندا، بىر تەڭگىگە خېرىدار چىققان. پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالام ئىككى-ئۈچ قېتىم كىمنىڭ ئېشىپ ئالىدىغانلىقىنى سورىغاندا، بىرەيلەن ئىككى تەڭگە بېرىپ ئۇلارنى سېتىۋالغان. پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالام پۇلنى ئەنسارىيغا بىرىپ: «بۇ پۇلنىڭ يېرىمىغا ئائىلەڭدىكىلەرگە يېمەكلىك بەرگىن، يېرىمىغا بىر پالتا سېتىۋېلىپ، مېنىڭ يېنىمغا كەلگىن» دېگەن، ئەنسارىي پالتىنى ئېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالامنىڭ يېنىغا كەلگەندە پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالام پالتىغا ساپ ئورنىتىپ بېرىپ: «بۇنىڭ بىلەن جاڭگالدىن ئوتۇن كېسىپ كىلىپ بازاردا ساتقىن، 15 كۈنگىچە ماڭا كۆرۈنمىگىن» دېگەن، شۇنىڭ بىلەن ئەنسارىي ئوتۇنچىلىق قىلىپ ئون تەڭگە تېپىپ ئۇنىڭ بىر قىسىمىغا يىمەكلىك، بىر قىسىمىغا بولسا كىيىم- كېچەك سېتىۋالغان. پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالام ئۇنىڭغا: «مانا بۇ تىلەمچىلىكتىن ياخشى، تىلەمچىلىك قىلساڭ بۇ قىيامەت كۈنى يۈزىگە داغ بولۇپ قالىدۇ» دېگەن.

تەن دۇرۇس، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ياشاش ئىمكانىيىتى بارلارمۇ پۇل يىغىپ پارازىنتلارچە ياشاش مەقسىتىدە دىۋانە قىياپىتىگە كىرىۋىلىپ «سەدىقە بالانى يەر، تۆۋبە گۇناﻫنى» دەپ تىلەيدۇ. تىلەمچىلىك قىلىش پەس تەبىئەتلىكلەرنىڭ ئىشى بولۇپ، تۆۋەن بولسىمۇ، بىرەر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىپ جان يېقىش ئەلۋەتتە شەرەپلىكتۇر. كىشىلىك جەمئىيەتتە ئائىلە مۇﻫىم ئورۇن تۇتىدۇ، ئائىلە جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ چوڭ گەۋدىنى تەشكىل قىلغۇچى كىچىك ﻫۈجەيرە. ئائىلە تۈزەلسە جەمئىيەت تۈزىلىدۇ، شۇڭلاشقا ئىشنى ئالدى بىلەن ئائىلىنى تۈزەشتىن باشلاش كېرەك. ﻫەر ئادەم ئائىلىگە نىسبەتەن ئەقىدىلىك، تەربىيىلىك، ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان، جىددى پوزىتسىيىدە بولىشى لازىم. ﻫەدىستە خۇددى پادىچى ئۆز پادىسى ئۈستىدە مەسئۇل بولغاندەك قىيامەتتە ئەر- ئايالنىڭ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر ئۈستىدە سوئال- سوراق قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىنىغان. بالىنىڭ ئەقىدىسىنىڭ، ئەخلاقىنىڭ ياخشى-يامان بولىشىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ پۈتۈنلەي ئاتا- ئانىسىدا ئىكەنلىگى بايان قىلىنغان. ﻫەدستە: «ئادەم بالىسى ‹ﻫەر نۇقسان ئىللەتلەردىن خالى ﻫالدا› ساپ ﻫالەت بىلەن دۇنياغا كېلىدۇ. ئاتا-ئانىسى ئۇنى يا خىرىستىيان، يا يەﻫۇدى، يا مەجۇسى قىلىپ چىقىدۇ، قۇلىقى كىسىك تۇغۇلغان بىرەر ﻫايۋاننى كۆرگىنىڭ يوقتۇر!» دېيىلگەن. بۇ ﻫەدىسنىڭ مەنىسى نېمە دېگەن چوڭقۇر! ئاتا-ئانا پەرزەنتلىرىنى كىچىكىدىنلا توغرا ئەقىدە ئاساسىدا ئىتىقادلىق، سەمىمىي، تىرىشچان، پەزىلەتلىك قىلىپ تەربىيىلەش لازىم. قورامىغا يەتمىگەنلەرگە قانچىلىك ئەخلاق تەربىيىسى بېرىۋاتىمىز. ئۇلارغا تەلقىن قىلىنىۋاتقان، سىڭدۈرىلىۋاتقان تەربىيىنى سەگەكلىك بىلەن قانچىلىك كۈزىتىۋاتىمىز. مۇقەررەركى، پەرزەنتلەرگە ئەجداتلارنىڭ ساپ ئەقىدىسىنى سىڭدۈرۈپ، ئۇلارنى دىيانەتلىك، ئەخلاق-ﻫايالىق قىلىپ تەربىيىلىمىگەنلىكى ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ. تەربىيىسىزلىكىتىن تاپتىن چىققان پەرزەنتلىرىنىڭ دەردىدە پۇچۇلۇنۇپ يۈرگەنلەر ئازمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئۇۋالى ئاتا-ئانا بولغۇچىلارغىمۇ ياكى پەرزەنتكىمۇ؟ ئاتا-ئانا بولغۇچى پەرزەنىتلەردىن تەلەپ قىلىدىغان ئىشلارنى ئالدى بىلەن ئۆز ئەمەلىيىتىدە ئۆزى كۆرسىتىش لازىم. ئاتا-ئانسنىڭ ئەقىدىسى گەپ سۆزى، يۈرۈش-تۇرۇشى، كىيىنىشى، ئالاقە-مۇناسۋەتلىرى بالىغا ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ﻫالدا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
ئاتا- ئانا قانداق بولسا پەرزەنتىلىرىنىڭمۇ شۇنداق بولۇشىنى چۇشەندۇرۇشتە «ئالا ئىنەكنىڭ بالسى چالا قۇيرۇق» دىگەن ماقال ناﻫايىتى جايىدا ئىيتىلغان. بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى رىئاللىق تەلىم-تەربىيە ئىشلىرىدا ئائىلە تەربىيەسىنى يادرۇلۇق ئورۇنغا قويۇشمىزنىڭ زۆرۇلىكىنى تەقەززا قىلماقتا. لىكىن ئۆزىنىڭ بىردەك راﻫىتى ئۈچۈن ئائىلىنى بۇزۇپ باغرىنى يېرىپ چىققان باللىرىنىڭ بەختىنى قۇربان قىلىۋاتقان ئاتا-ئانىلاردا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، ئىمانى بۇرچى نېمە ئىش قىلسۇن؟ ئائىلە گۈزەل ئەخلاقى ئەر-خوتۇننىڭ ئىناق ئۆتۇشى ئاساسىدا تىخمۇ مۇكەممەللىشدۇ. ئىجتىىمائىيەتتە ئەڭ كىچىك ﻫۇجەيرە بولغان ئائىلىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئىناقلىقى جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ چوڭ گەۋدىنىڭ بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ﻫاياتى كۇچىنى ئاشۇرىدۇ. ئەر-ئايالنىڭ بىر-بىرىگە بولغان ساداقىتى، ئۆرىنى ئەمەس قارشى تەرەپنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ ئائىلە مۇﻫەببىتىنى پەرۋىش قىلىشى، ئىككىلا تەرەپ ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئىش كۆرۇشى بىلەن ئائىلە گۈللىنىدۇ، ئائىلىگە بەرىكەت ياغىدۇ، ئەر-خۇتۇنىڭ ئىناق ئۆتۈشى ئۈچۈن يالغۇز ﻫېسىسىيات بىرلىكى كۇپايە قىلمايدۇ، ئىتىىقاد بىرلىكى، مەسىلەك بىرلىكى ئاساسىغا قۇرۇلغان ئائىلىنىڭ ئۇلى مۇستەﻫكەم، تەربىيىلىگەن پەرزەنتلىرى ساپالىق بولىدۇ. ﻫەدىسلەردە ئاياللارنىڭ ﻫەققىگە رىئايە قىلش، ئۇلارغا ﻫەر تەرەپتىن ئىتىبار بىرىش ئالاﻫىدە تەكىتلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسىسالام:
«سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلىرىڭلاردۇر»، «ئاراڭلاردا ياخشى ئادەم ئايالىغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغان ئادەمدۇر. ئايالىغا ﻫەممىدىن ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەم مەن بولىمەن» دىگەن. ئەر-ئايال جىدەللىشىپ ئۆتكەن تۇرمۇشتا ئائىلىۋى بەختتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. مۇنداق ئائىلىدە نە ياخشى پەرزەنت، نە ياخشى ئائىلە مۇﻫىتى يىتلىدۇرۇش بەك مۇشكۈل. يەنە پەيغەمبەرئەلەيﻬسىسالام ئاياللارﻫەققىدە ئىيتقان: «دۇنيا پايدىلىنىدىغان جايدۇر. دۇنيادىكى پايدىلىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ياخشى ئايالدۇر»، «ئى ئاللاﻫ، شۇبىﻬىسىزكى مەن يىتىم بىلەن ئايالدىن ئىبارەت ئىككى ئاجىزنىڭ ﻫەققىگە رىئايە قىلمىغان ئادەمنى گۇناﻫكار ﻫىسابلايمەن» (ئەلۋەتتە بۇ يەردە دېيىلىگەن ﻫەق مەنىۋى ﻫەقىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قاتارلىق ﻫىكمەتلىك سۆزلىرىمۇ بار. ئاللاﻫ تائالا «سۈرە نىسا»دا: «... ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار (سەۋىر قىلىڭلار) چۈنكى سىلەر ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا ئاللاﻫ كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن» دىگەن. ئەپسۇس، ئايالىنى كەمستىدىغا يولسىزلىقلارنى، زورلۇق- زۇمبۇلۇقلارنى، قىلدىن قىڭغىر كەتسە ئايالىنى «گەپ ياندۇردۇڭ» دەپ تىل ئاﻫانەتكە كۆمۇشلىرىنى، كىشىلەر ئالدىدا سەتلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ «ئەرلىكىنى» نامايەن قىلشلىرىنى، ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن ئاغزىدىن گەپ چىقىرىۋېتىپ، پەتىۋا ئىزدەپ يۇرتمۇ-يۇرت كىزىشلىرىنى، ئىشىكمۇ-ئىشك دوقورۇپ يۈرۈشلىرىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۇرگىنىمىزدە، ﻫەدىس روﻫىدىن تولىمۇ يىراقلاپ كەتكەنلىكىمىزنى ﻫىس قىلىمىز.
ئىمانلىق، ئىنسابلىق، پەزىلەتلىك، مەسئۇلىيەتچان ئاتا-ئانا قولىدا تەربىيىلەنگەن بالىلار ئىتىقادلىق، ﻫايالىق، تىرىشچان، ئەخلاقلىق پەزىلەتلىك بولۇپ ئۆسىدۇ. ئىجتىمائى رىئاللىقىمىزغا قارايدىغان بولساق ياش-ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا ئەخلاق جەﻫەتتىن بۇزۇلۇۋاتقان مۇسۇلمانلار جامائەسىنىڭ رىئال ﻫاياتىغا قارايدىغان بولساق ئىسلام ئەقىدىلىرىگە، ئىبادەتلىرىگە،ئەﻫلى ئىسلامنىڭ ئۆرپ-ئادەت، قائىدە-يوسۇنلىرىغا دىن نامى بىلەن قوشۇلۇپ قالغان كۆپلىگەن بىدئەت، خۇداپاتلارنى كۆرىمىز، كىشىلەر ئويدۇرۇپ چىقىرىپ شەرىئەتكە تاڭغان بۇ بىدئەتلەر ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ. «قۇرئان كەرىم»دە ئاللاﻫ تائالا:
«بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنڭلارنى پۈتۇن قىلدىم، سلەرگە نېئمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم» (سۈرە مائىدە 3-ئايەت) دەۋاتسا ئۇلار قانداقتۇر ئاللاﻫنىڭ شەرىئىتىدە يىتەرسىز بوشلۇقلار بولۇپ، ئۇنى تولدۇماقچى بولغانمىدۇ؟ «كىمكى بىرەر بىدئەت ئىشنى پەيدا قىلىدىكەن، بۇ بىدئەتكە ئەگەشكەنلەرنىڭ گۇناﻫىدىن ﻫېچ نەرسە كىمەيتىلمەستىن پەيدا قىلغۇچىغا ئوخشاش گۇناﻫ يۈكلىنىدۇ» (ﻫەدىس). ئۇلارنىڭ بىدئەتچىلىك يولىدىن: «ﻫىدايەتنىڭ ئەۋزىلى مۇﻫەممەد ئەلەيﻬىسىسالامنىڭ ﻫىدايىتىدۇر. ئىشلارنىڭ يامىنى دىندا ئەسلى يوق بولۇپ كېيىن پەيدا بولغان ئىشلاردۇر. بىدئەتنىڭ ﻫەممىسى گۈمراﻫلىقتۇر» دىگەن سۆزىمۇ توسۇپ قالالمىغان. «كىكمى ئىسلامدا بولمىغان ئىشنى پەيدا قىلسا، ئۇ نەرسە قۇبۇل قىلىنمايدۇ» دىگەن ﻫەدىسنىڭ روﻫى بۇيىچە چوڭ-كىچىك بىدئەتلەرنىڭ ﻫەممىسى رەت قىلىنىدۇ. نۇرغۇن ﻫەدىسلەردە ئاللاﻫنىڭ كىتابى، رەسۇللاﻫنىڭ سۈنىنىتى بويىچە ئىش قىلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئابدۇللاﻫ ئبن ئۇمەر رەزىيەللاﻫۇ ئەنﻬۇمانىڭ بىر ئادەم چۇشكۈرۇپ: «الچمد للﻬ والپلاە والسلام ىلۈ رسول اللﻬ» دىگەندە ئابدۇللاﻫ ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاﻫۇ ئەنﻬۇما ئۇنىڭغا: «رەسۇلۇللاﻫ بىزگە چۈشكۈرگىنىمىزدە سەن ئېيتقاندەك تەلىم بەرگىنى يوق. بىرگە چۈشكۈرگەندە پەقەت ‹الچمد للﻬ› (ﻫەمدۇ-سانا ئاللاﻫقىلا خاس) دېيىشىمىزنى تەلىم بەرگەن» دىگەن. دېمەك، ئابدۇللاﻫ ئبن ئۇمەر رەزىيەللاﻫۇ ئەنﻬۇما بىدئەتنى كۆرۇپ تۇرۇپ سۈكۈت قىلىپ تۇرۇشنى خوپ كۆرمىگەن. ئابدۇللاﻫ ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاﻫۇ ئەنﻬۇما: «كىشىلەر بىرەر بىدئەتنى پەيدا قىلىدىكەن، ئۇنىڭ بەدىلىگە بىرەر سۈننەتنى يوقاتقان بولىدۇ» دىگەن. رەسۇلۇللاﻫنىڭ ساﻫابىلىرى رەسۇلۇللاﻫنىڭ سۈننىتىگە يېقىندىن ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ بىدئەت ئىشلارغا يولىماسلىقىنى تەۋسىيە قىلغان. ئەبۇ بەكرى سىددىق رەزىيەللاﻫۇ ئەنﻬۇ بىر نۇتىقىدا: «مەن رەسۇلۇللاﻫنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىمەن. بىدئەتتىن يىراقمەن» دىگەن. ئبن مەسئۇد، ئىبن ئابباس، ﻫۇزەيفە رەزىيەللاﻫۇ ئەنﻬۇم قاتارلىق ساﻫابىلەرمۇ سۈننەت بويىچە ئىش قىلىشنى، بىدئەت پەيدا قلىماسلىقنى، بىدئەتكە ئەگەشمەسلىكىنى تەكىتلىگەن.
كېيىنكى دەۋرلەرگە كەلگەندە بىدئەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا سەل قارالغانلىقتىن، مەيلى ئەقىدە، مەيلى ئىبادەت، مەيلى ئادەت جەﻫەتلەردە بولمىسۇن نۇرغۇن بىدئەتلەر مەيدانغا كىلىپ، تارىلىشقا باشلىغان. ئالايلۇق پالچىلىق، رامچىلىق، قۇرچىلىقلار خېلى باش كۆتىرىپ قالغان. «قۇرئان كەرىم»دە، ﻫەدىسلەردە غەيبنى بىلىش ئاللاﻫقىلا خاس بولۇپ، ئۇلارنى ئاللاﻫ تەئالادىن باشقا ﻫېچكىمنىڭ بىلمەيدىغانلىقى توغرىسىىدىكى بايانلار كۆپ.
«كىمىكى بىر كاﻫىنىغا (يەنى رەمچىگە) كىلىپ، ئۇنىڭ ئيتىقانلىرىغا ئىشەنسە، ئۇ مۇﻫەممەد ئەلەيﻬسىسالامغا نازىل قىلىنغان ۋەﻫىيىنى ئىنكار قىلغان بولىدۇ» (ﻫەدىس). «كىمىكى بىر پالچىنىڭ ئالىدىغا كىلىپ ئۇنىڭدىن بىرەر نەرسە ئۇستىدە سوراپ (ئۇنىڭ سۆزىگە ئىشەنسە) ئۇنىڭ قىرىق كۈنلۈك نامىزى قوبۇل بولمايدۇ» (ﻫەدىس). بىر قىسم ئالدامچىلارنىڭ پال سلىش، رام بىقىش ئارقىلىق غەيىبتىن خەۋەر بىرىمەن دەپ جۆيلۇشلىرى قىپقىزىل ئالدامچىلىقتۇر. ﻫەدىس روﻫى بويىچە ئىيتىقاندا بەزىلەرنىڭ پالچىلارنىڭ ئالىدىغا بىرىپ ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىشى كۇفرىغا ئېلىپ بارىدىغان يامان قىلىقتۇر. كىسەل داۋالاش مەقسىتىدە باخشىلارغا پىر ئوينىتىش، داخانلارنىڭ ئالدىغا بىرىپ چۈشىنىكىسىز بىمەنە نەرسلەرنى ئوقۇتۇپ رەم سالدۇرۇش، ئەپسۇن ئوقۇتۇش، رەدنامە ئوقۇتۇش؟ ئىسلام شەرىئىتىدە چەكلەنگەن ﻫارام ئىشلاردۇر. شۇنداقلا كۆز تىگىش، بالا-قازالاردىن ساقلىنىش مەقسىتىدە تۇمار، كۆزمۇنچاق، ﻫەرخىل مارجان، تاش، بۆرە ﻫوشۇقى، بۈركۈت تىزىقى... قاتارلىقلارنى ئېسىۋېلىشمۇ «كىمكى (پايدا ئېلىپ كىلىدۇ ياكى زىيان-زەخمەتنى دەفئى قىلىدۇ، دەيدىغان ئىتىقاد بىلەن تۇمارغا ئوخشاش) بىرەر نەرسە ئېسىۋالىدىكەن، ئۇنىڭ قەلبى ئاللاﻫتىن شۇ نەرسىگە بۇرۇلۇپ كىتىدۇ» بويىچە گۈناﻫلىق ئىشلاردۇر. سەلەف ئالىملاردىن بەزىلەر «ئايەتلەر ۋە ئاللاﻫنىڭ نامى زىكرى يىزىلغان تۇمارلار بۇنىڭىدىن مۇستەسىنا بولۇپ بۇنىڭ كارايىنى يوق» دەپ قارايدۇ، شۇنىڭدەك «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى ۋە رسۇلۇللاﻫتىن ئوقۇلغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان دۇئالارنى ئوقۇپ دەم سالسا دۇرۇس بولىدۇ.
مۇسۇلمان بەندە مۇمكىن قەدەر قەسەم ئىچىشتىن ساقلىنىشى، ﻫەرقانداق ئىشقا قەسەم ئىچىۋەرمەسلىگى كېرەك. قەسەم ئىچىشكە توغرا كەلگەندە ئاللاﻫ تەئالانىڭ ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى بىلەن قەسەم ئىچىش كېرەك. ﻫەدىستە: «كىمىكى ئاللاﻫنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم ئىچىدىكەن ئاللاﻫقا شىرىك كەلتۈرگەن بولىدۇ» دېيىلگەن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ، مازارى-ماشايىخلارنىڭ نامىنى تىلغا ئىلىپ قەسەم قىلىشقا، نان ﻫەققى، تۇز ﻫەققى، نان ئۇرسۇن، تۇز كور قىلسۇن ۋەﻫاكازا دەپ قەسەم قىلشىقا بولمايدۇ.
شۇم پال ئالماسلىق توغرسىدىكى ﻫەدسلەردە «پەيغەمبەر ئەلەيﻬىسسالام شۇم پال ئالمايتتى» دېيىلىدۇ. ﻫۇقۇشنىڭ ﻫۇۋلىشى، سول قاپاقنىڭ تارتىشى شۇملۇقنى چىللايدۇ...، ئايىغى ياراشمىدى، ئارا ئايدا توي قىلسا بولمايدۇ، پوكۇنى ئىشنى پوكۇنى ۋاقتىدا قىلسا بولمايدۇ قاتارلىق قاراشلارنىڭ ﻫەممىسى ئاساسىسز، خۇراپىي قاراشلاردۇر. كىشىنىڭ تەقدىرىنى يۇلتۇزلارغا باغلاش، جادۇ-سىﻬىر قىلىش، ئىسىستقۇ، سوۋۇتقۇ، ئىسرىق سېلىش، نوكچا قاداش، كۆچ-كۆچ قىلىش، ئاشلاش، ئوت كۆچۈرۈش، مىيىت بولغان ئۆيدە 40 كۈنگىچە چىراق ئۆچۈرمەسلىكلەر بىدئەت، خۇراپاتلىقنىڭ تىپىك ئىپادىلىرىدۇر. ئىسلام دىنىنىڭ كۆرسەتمىسى دەپ قاراپ مىيىتنىڭ ئۈچ نەزىرىنى، يەتتە نەزىرىنى، 40 نەزىرىنى، يىل نەزىرىنى ئۆتكۈزۇشنى، مۇسبەتنىڭ بەلگىسى دەپ قارىلىق تۇتۇش، بەلگە ئاق باغلاش، ئاق سېلىشلارنى ئىسلام دىنىنىڭ قائىدىسى دېيىشكە بولمايدۇ. مىيىت ئۈچۈن ئۈن سېلىپ يىغلاش، نوغۇچقا تايىنىپ ﻫازا قوشاقلىرىنى قۇشۇپ يىغلاش، ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ﻫازا تۇتۇش (پەقەت ئېرى قازا قىلغان ئايال كىشىلا ئېرى ئۈچۈن تۆت ئاي ئون كۈن ﻫازا تۇتۇشى كېرەك) دۇرۇس بولمايدۇ.
ﻫەدىسلەردە قەبرە قاتۇرۇش، گۈمبەز ياساش، قەبرىگە گەج ئىشلىتىش، قۇرۇلۇش قىلىش، قەبرە ئۇستىدە ئولتۇرۇش، قەبرە يىنىغا مەسجىد سېلىش قاتارلىق ئىشلار مەنئىي قىلىنغان، ﻫەنەفى، شافىئى، مالىكى، ﻫەنىبەلى مەزﻫەپلىرىنىڭ ﻫەممىسىدە قەبرە ياساشنىڭ دۇرۇس ئەمەسلىكى بىردەك تەكىتىلىنىدۇ، ئىمام ئەبۇ ﻫەنىفە رەﻫىمەللاﻫنىڭ شاگىرتى ئىمام مۇﻫەممەد رەﻫىمەﻫۇللاﻫ «ئاسار» ناملىق كىتابىدا: «قەبرىگە گەج ئىشلىتىش، قەبرە قاتۇرۇش، قەبرە يىنىغا مەسجىد سېلىشلارنى يامان كۆرىمىز» دىگەن. ئبن ئابىدىن «دۇررولموختار» كىتابىنىڭ شەرﻫىسىدە «قەبرە ياساشنى دۇرۇس دەيدىغان ئادەمنى كۆرمىدىم» دەيدۇ. مىيتنى دەپنە قىلىپ بولۇپ قەبرە ئۇستىگە زېمىندىن بىرغىرىچچە ئىگىز توپا دۆۋىلەپ قويۇش مانا بۇ سۇننەتتۇر. بۇ دۇنيا بىلەن خۇشلىشىپ قاراڭغۇ گوردا ياتقانلارنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ ئەسلەيدىغان جايى ئىبرەت بولغان قەبرىستانلىق ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرىدىغان،ياسىداق قەبرىلەر ئەقىدە نامراتلىقىنىڭ ئىزناسى، سۈننەتتىن يىراقلاپ بىدئەتكە بىرىلىپ كەتكەتلىكىمىزنىڭ شاﻫىدى سۇپىتىدە كۆز ئالدىمىزدا چوقچۇيۇپ تۇرماقتا.
باشقىلىرى ئاز كەلگەندەك بىﻬۇدە ﻫەشەمەتچىلىك، سۆلەتۋازلىقلىرىمىزنى قەبرىستانلىققا كۆچۈرۇپ بېرىپ دەي-دەيگە سلىۋاتىمىز، مىسىرلىق ئالىم باقۇرى: «ئىسلام دىنى تىرىكلەر ئارىسىدا باراۋەرلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان دىن تۇرسا، ئۆلۈكلەر ئارىسىدا ئايرىمىچىلىق قىلىشقا قانداقمۇ قاراپ تۇرسۇن» دېگەن. ئىسراپچىلىق ﻫارام تۇرسا نۇرغۇن ئىقتىسادنى سەرپ قىلىپ مىيىت ئۇچۈن قىلچە پايدىسى يوق بىدئەت ئىش –– قەبرە ياساشقا بۇنچە ئەﻫمىيەت بەرگەندىن كۆرە، شۇ پۇلنى مىيىت روﻫىغا ئاتاپ سەدىقە، خەير-ئىﻬسان ئىشلىرىغا ئىشلەتسەك، مىيىت ئۈچۈن ساۋابى بولىدۇ ئەمەسمۇ.
ئەﻫلى ئىسلامنىڭ قەلبى ﻫەدىس روﻫى بىلەن سۇغۇرۇلۇپ ئۇلارنىڭ ئىش-ﻫەرىكىتى سۈننەت مىزانى بىلەن ئۆلچىنىپ، قىلپلاشتۇرۇلغاندا، بىدئەتلەرگە بەرﻫەم بىرىلىپ، سۈننەتنىڭ راۋاجىغا يولى ئېچىلغان بولىدۇ.

كىتابنىڭ رەسىملىك سۈرىتى !
"ياخشىلار باغچىسى "ھەدىس بىزگە نىمەدەيدۇ بۆلىكى 14-بەت ئۇتتۇرى

"ياخشىلار باغچىسى "ھەدىس بىزگە نىمەدەيدۇ 15-بەت ئۈستى


"ياخشىلار باغچىسى "ھەدىس بىزگە نىمەدەيدۇ 15-بەت ئاستى

مانا بۇ يۇقىرىدىكى  ئۇيغۇر ئىسلام ئالىمىمىز مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ  3-7-40-يىل نەزىرى دىگەندەك مىيىت نەزىرىنى ئىسلامدا ئۇيغۇن بولمىغان بىر بىدئەت دەپ يازغان يازما پەتىۋا دەلىلى !



2.دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئىتراپ قىلغان ،بۈيۈك ئىسلام سەلەپىييە پىشۋاسى ئۇستاز  مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋەھھاب ۋە شاگىرتى ئىبنى قەييۇم  نىڭ تۈزگەن "بىدئەت ۋە سۈننەت" دىگەن كىتابتىكى 3-7-40-يىل نەزىرى دىگەندەك مىيىت نەزىرىگە بىدئەت دەپ پەتىۋا ھۆكمى بىرىلگەن دۇنيا ئىسلام ئالىملىرى چىقارغان پەتىۋا دەلىلى  !  
بىدئەت ۋە سۈننەت دىگەن كىتابنىڭ 27-بەتلىرىدە 3-7-40-يىل نەزىرى دىيىلگەندەك مىيىت نەزىرى نى بىدئەت دەپ بۇھەقتە بىرىلگەن پەتىۋا ھۆكمى تۆۋەندىكىچە:
نەزىر دىگەن نىمە ؟ئۆلۈكلەر گە ئاتاپ نەزىر بىرىش توغرىمۇ؟
ج: نەزىر دىگەنلىك ئەھدى قىلىش ياكى نىيەت قىلىش دىگەنلىك .



نەزىرنىڭ قانداق ئىكەنلىكى توغرىسىدا  ئاللاھ مۇنداق دىگەن:"ئۆز ۋاقتىدا ئىمراننىڭ ئايالى ئېيىتتى : پەرۋەردىگارىم مەن قورسىقىمدىكى بالىنى (دۇنيا ئىشلىرىدىن)ئازات قىلىنغان ھالدا  چوقۇم سىنىڭ خىزمىتىڭگە ئاتىدىم. بۇ نەزىرىمنى قۇبۇل قىلغىن  سەن ھەقىقەتەن  ئاڭلاپ تۇرغۇچىسەن  بىلىپ تۇرغۇچىسەن ". سۈرە ئال ئىمران 35-ئايەت.

نەزىر دىگەنلىك يۇقارقىغا  ئوخشاش ياخشى ئىشلارغا نىيەت قىلىش نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش  نەزىر دەپ ئاتىلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  نەزىر قىلىشنى چەكلەپ مۇنداق دىگەن:"نەزىر دىگەن تەقدىر نى ئۆزگەرتەلمەيدۇ ،ئۇپەقەت بىخىللارنى بىخىللىقتىن قۇتقۇزىدۇ".ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم خاتىرلىگەن.

ئۆلۈكلەر گە ئاتاپ نەزىر بىرىش ۋە  ئاق باغلاپ قارلىق تۇتۇش  3-7-20-40-كۈنى  ۋە  يىلى  بولدى  دىگەنگە ئوخشاش ئاتالغۇلار بىلەن  نەزىر بىرىش بۇددا دىنىنىڭ ئادىتى .پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  مۇنداق دىگەن؛"كىمكى كاپىر قەۋىملەرگە ئوخشاش بىر ئەمەلنى قىلسا  ئۇ كىشى شۇ  قەۋىمدىن بولىدۇ ."ئىمام ئەھمەد خاتىرلىگەن.

بۇ پەتىۋا مەزكۇر كىتابنىڭ 27-28بىتىدە بىرىلگەن  !  شۇڭا   دەلىل بولسۇن دەپ شۇ بەتلەرنى رەسىمگە تارتىپ يوللۇدۇم !

-بەتتىن رەسىم

1 سائەت ئالدىدا چىقىرىش
چۈشۈرۈش (185.55 KB)



   28-بەتتىن رەسىم





ئۇيغۇر ۋە دۇنيا ئالىملرىدىن بولغان مۇھەممەد سالھ دامولا ھاجىم ۋە  مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلۋاھاب نىڭ بۇ 3-7-40-يىل نەزىرى دىگەندەك مىيىت نەزىرىگە  بىدئەت دەپ بەرگەن پەتىۋاسى يۇقىرىدىكىدەك بىردەكتۇر  !

شۇڭا 3-7-40-يىل نەزىرى  دىيىلگەن بۇ مىيىت نەزىرىنى قىلىش بىدئەت ۋە گۇمراھلىقتۇر  !

تۆۋەندىكىى ھەدىسلەر بولسا پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىسلام ۋە پەيغەمبەر ئاللاھنىڭ كۆرسەتمىلىرىدىن سىرت بىدئەت ۋە بىدئەت  ئىشلارنى قىلغۇچىلارغابەرگەن ھۆكمى :

  بىدئەت ھەققىدە چۈشەنچە


ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن
«بىدئەت» سۆزىنىڭ لۇغەتتىكى مەنىسى «ئىجاد»، «ئىختىرا» ۋە «پەيدا قىلىش» دېمەكتۇر. لۇغەت ئېتىبارى بىلەن بىدئەت ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:
1. ھاياتلىق ئىشلىرىدا يېڭىلىقلارنى ئىختىرا قىلىش بولۇپ، بۇ، ھازىرقى تېخنىكا يېڭىلىقلىرى ۋە باشقا كەشىپىياتلاردۇر. بۇ خىل بىدئەت يەنى ئىختىرا دىنىمىزدا تەشەببۇس قىلىنغان ياخشى ئىشلاردۇر.
2. دىنى مەسىلىلەردە يېڭىلىق پەيدا قىلىش بولۇپ، بۇ خىل بىدئەت قەتئىي ھارامدۇر. چۈنكى دىنىمىزنىڭ ئىبادەت، ئېتىقاد ۋە باشقىلارنىڭ پۈتۈن نىزام - سىستېمىسى پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات ۋاقتىدىلا تاكامۇللىشىپ بولغان. مۇسۇلمانلار شۇ نىزام ۋە سىستېمىلەرگە ئەگىشىشكە بۇيرۇلغان. شۇ سەۋەبتىن ئۇنىڭغا بېرەر شەيئىنى زىيادە قىلىپ قوشۇۋېلىش، ياكى باشقىسىنى ئىختىرا قىلىش چەكلەنگەندۇر. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى بىزنىڭ مۇشۇ دىنىمىزغا بېرەر يېڭىلىق پەيدا قىلىدىكەن، ئۇ قەتئىي رەت قىلىنىدۇ» (بۇخارىي رىۋايىتى).
مەنئى قىلىنغان بىدئەتلەرنىڭ تۈرلىرى:
1. ئىتىقاد جەھەتتىكى بىدئەتلەر بولۇپ، بۇ ئىسلام نامى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان جەھمىييە، رافىزە، خاۋارىج ۋە بەزى شىئەلەرنىڭ ئېتىقادلىرىدۇر.
2. ئەمەل - ئىبادەت جەھەتتىكى بىدئەتلەر بولۇپ، ئىبادەتنى ئاللاھ تائالا كۆرسەتكەن بويىچە ئادا قىلماسلىق ياكى يېڭى ئىبادەت شەكىللىرىنى ئويدۇرۇپ چىقىش. بۇلار تۆۋەندىكى تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ:
(1) مەلۇم بىر ئىبادەتنىڭ ئەسلى بۇيرۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا ئەگەشمەستىن شەرىئەتتىن دەلىلسىز ھالدا ئىبادەت شەكىللىرىنى بەلگىلىۋېلىش. مەسىلەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى چۈشىدە كۆرۈش نامىزى ۋە باشقىلار قاتارلىق شەرىئەتتىن دەلىلى بولمىغان نامازلار.
(2) بۇيرۇلغان ئەسلى ئىبادەتلەرگە بىر نەرسە زىيادە قىلىپ قوشۇۋېلىش. مەسىلەن: رامىزان رۇزىسىغا شەك كۈنىنى قوشۇۋالغانغا ئوخشاش.
(3) ئىبادەتلەرنى بۇيرۇلغان قائىدە - سىستېما بويىچە ئادا قىلماستىن، يېڭى قائىدە تەرتىپلەرنى پەيدا قىلىۋېلىش. مەسىلەن: ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، تەركىدۇنيا بولىۋېلىش، تەسبىھ بىلەن ساناشنى زىكىرنىڭ قائېدىسى ياكى شەرتى قىلىۋېلىش.
(4) بۇيرۇلغان ئەسلى ئىبادەتلەرگە ئۆزلىگىدىن ۋاقىت بەلگىلىۋېلىش. مەسىلەن: بارات كېچىسىنىلا كېچە نامىزىغا مەخسۇسس قىلىۋېلىش. چۈنكى كېچە نامىزى مەخسۇس بىر كېچە ئۈچۈنلا بەلگىلەنگەن ئىبادەت بولماستىن، بەلكى يىلنىڭ قايسى كېچىلىرىدە بولمىسۇن ئوقۇسا بولىدىغان نەفلە ئىبادەتلەردىندۇر. شۇڭا ئۇنى بارات كېچىسىگىلا مەخسۇس قىلىۋېلىش بىدئەت سانىلىدۇ. يۈقىرىقى بىدئەتلەرنىڭ ھەممىسى شەرىئەت ھۆكمى بويىچە ھارامدۇر. ئۇنىڭدىن بېرەرنى سادىر قىلغان كىشى خاتالاشقان بولىدۇ. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «دىندا پەيدا قىلىۋېلىنغان ھەرقانداق يېڭى ئىش بىدئەتتۇر، بىدئەتنىڭ ھەرقاندىقى ئازغۇنلۇقتۇر» (ئەبۇ داۋۇد رىۋايىتى).
(5) ئىسلام دىنىدا خاس مۇئەييەنلەشتۇرۇلمىگەن، ھېيت-بايرام ۋە يېغىلىشلار. مەسىلەن: يىڭى يىلنى تەبرىكلەش، ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىنى قۇتلۇقلاش، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش، رەبىيئەل ئەۋۋەلنىڭ 12-كۈنىنى ئۇلۇغلاش ۋە بۇ ئارقىلىق پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا سادىقلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن توپلنىپ پائالىيەت ئۆتكۈزۈشگە ئۆخشىغان ئىشلارنىڭ دىندا ھېچقانداق ئاساسى يوق بىدئەت ئىشلاردىن
.

بىدئەت ئىشلارنى سادىر قىلغۇچىلارنى مۇسۇلمان دىيىشىمىزگە بولامدۇ ؟
مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
بۇ سۇئال ئىككى مەسىلىگە تاقىلىدۇ :

بىرىنچى مەسىلە : بىدئەت .
بۇ مەسىلە ئۈچ تىمىغا بۆلىنىدۇ :
1) بىدئەتنىڭ ئىنىقلىمىسى . 2) ئۇنىڭ تۈرلىرى . 3) بىدئەتنى قىلغۇچىنىڭ ھۆكمى - كاپىر بولامدۇ-يوق ؟
بىرىنچى تىما : بىدئەتنىڭ ئىنىقلىمىسى
پېشىۋا مۇھەممەد بىن ئۇسەيمىين مۇنداق دىگەن : بىدئەتنىڭ شەرىئەتتىكى ئىنىقلىمىسى : ئاللاھ بەلگىلىمىگەن نەرسە بىلەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش ، ئەگەر خالىساڭ مۇنداق دىگىن : پەيغەمبەر ، ياكى ئۇنىڭ توغرىغا يىتەكلەنگەن خەلىپىلىرى قىلمىغان نەرسە بىلەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش .
بىرىنچى چۈشەندۈرۈش ئاللاھنىڭ مۇنۇ سۆزىدىن ئىلىنغان : « ئۇلارنىڭ اللە رۇخسەت قىلمىغان نەرسىلەرنى دىن قىلىپ بېكەتكەن مەبۇدلىرى بارمۇ؟ »
ئىككىنچى چۈشەندۈرۈش پەيغەمبەرنىڭ مۇنۇ سۆزىدىن ئىلىنغان : سىلەر مىنىڭ يولۇم(سۈننىتىم) ۋە مىنىڭدىن كىيىن كىلىدىغان توغرىغا يىتەكلەنگەن خەلىپىلەرنىڭ يولىغا يىپىشىڭلار . ئۇنى چىڭ تۇتۇڭلار ھەمدە ئۇنى ئىزىق چىشىڭلار بىلەن چىشلەڭلار ، ھەمدە يىڭىدىن پەيدا قىلىنغان ئىشلاردىن ھوشيار بولۇڭلار .
شۇڭا ئاللاھ بەلگىلىمىگەن نەرسە بىلەن ، ياكى پەيغەمبەر ، ۋە ئۇنىڭ توغرىغا يىتەكلەنگەن خەلىپىلىرى قىلمىغان نەرسە بىلەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلغۇچى ھەرقانداق كىشى - بىدئەتچىدۇر ، مەيلى ئۇ ئىبادەت قىلىش ئاللاھنىڭ ئىسىم-سۈپەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسۇن ياكى ئۇنىڭ ئەھكاملىرى ۋە قانۇنلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسۇن .
ئادەت ۋە قائىدە-يۇسۇنغا ئەگىشىپ كىلىدىغان ئادەتتىكى ئىشلار كەلسەك ،گەرچە بۇلار لۇغەتتە بىدئەت(يىڭىلىق) دەپ ئاتالسىمۇ ، دىندا بىدئەت( يىڭىلىق) دەپ ئاتالمايدۇ . بىراق بۇلار دىندا بىدئەت بولمايدۇ ھەمدە ئۇلار پەيغەمبەر ئاگاھلاندۇرغان نەرسە ئەمەس .
ھەمدە دىندا مەڭگۈ ياخشى بىدئەت تىپىلمايدۇ . [ ئىبنۇ ئۇسەيمىين فەتىۋالار توپلىمى ، 2 . ج ، 291. ب ]
ئىككىنچى تىما : بىدئەتنىڭ تۈرلىرى .
بىدئەت ئىككى تۈرگە بۆلىنىدۇ :
بىرىنچى : كاپىر قىلىدىغان بىدئەت . ئىككىنچى : كاپىر قىلمايدىغان بىدئەت .
ئەگەر سىز : كاپىر قىلىدىغان بىدئەت ۋە كاپىر قىلمايدىغان بىدئەتنىڭ ئىنىقلىمىسى نىمە ؟ دىسىڭىز .
جاۋاپ : پېشىۋا ھافىز ھەكەمىي مۇنداق دىگەن: كىشىنى كاپىر قىلىدىغان بىدئەت بولسا پەرىزلىكى ھەممىگە مەلۇم بولغان ، ئالىملارنىڭ ئورتاق قارىشى بار ھەمدە ھىچقانداق مۇسۇلماننىڭ بىلمەسلىككە ھىچ بانا تاپالمايدىغان بىر مەسىلىنى ئىنكار قىلىشتۇر ، مەسىلەن ، پەرىز قىلىنغان بىر نەرسىنى ئىنكار قىلىش ، ۋاجىپ بىر نەرسىنى ۋاجىپ ئەمەس قىلىش ، ياكى ھارام بىر نەرسىنى ھالال قىلىش ، ھالال بىر نەرسىنى ھارام قىلىش ؛ ياكى ئاللاھ ، ئۇنىڭ ئەلچىسى ۋە كىتابى ھەققىدە ئۇلار ئۇنىڭدىن يىراق بولغان نەرسىگە، مەيلى ئىنكار قىلىش ياكى ئىتراپ قىلىش بىلەن بولسۇن ئىشىنىش ، چۈنكى ئۇ ، كىتاپنى ۋە ئاللاھ ئەلچىسى بىلەن ئەۋەتكەن نەرسىنى يالغانغا چىقىرىشتۇر .
جۇھەمىييەلەرنىڭ بىدئېتىگە ئوخشاش ئەزىز ۋە ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ سۈپەتلىرىنى ئىنكار قىلىش ، قۇرئاننى ، ياكى ئاللاھنىڭ قايسى بىر سۈپەتلىرىنى مەخلۇق(يارىتىلغان ) دىيىش ؛ قەدەرىييەلەرنىڭ بىدئېتىگە ئوخشاش ئاللاھنىڭ بىلىمىنى ۋە ئىش-ھەركەتلىرىنى ئىنكار قىلىش ، ۋە ياكى ئۇلۇغ ئاللاھنى مەخلۇقاتلىرىغا ئوخشىتىدىغان مۇجەسسىمەلەرنىڭ بىدئېتى .. . ۋە باشقا بىدئەتلەرگە ئوخشاش .
ئىككىنچى تۈرى : كاپىر قىلمايدىغان بىدئەتلەر ، ئۇنىڭ ئىنىقلىمىسى : كىتاب ھەمدە ئاللاھ ئەلچىلىرى بىلەن ئەۋەتكەن نەرسىدىن مەلۇم نەرسىنى يالغانغا چىقىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغان بىدئەت .
مەرۋانىييەلەرنىڭ بىدئېتىگە ئوخشاش ( ئۇلار نى ئۇلۇغ ساھابىلەر ئاشكارا ئەيىپلىگەن ھەمدە ئۇلارنى ئىتراپ قىلمىغان ، ھەمدە ئۇلارنى كاپىر دەپ ھۆكۈم قىلمىغان ياكى ئۇ سەۋەپلىك ئۇلارغا بەيئەت قىلىشنى رەت قىلمىغان ) ، ئۇلارنىڭ بەزى نامازلارنى ئاخىرقى ۋاقتىغا سۈرىشى ، ھىيىتتا خۇتبىنى نامازدىن بۇرۇن قىلىشى ، جۈمە خۇتبىسى ۋە باشقىلىرىدا ئولتۇرۇپ قىلىشى . [ « مەئارىجۇل قۇبۇل» ( 2503-504 ) . ]
ئۈچىنچى مەسىلە : بىدئەت سادىر قىلغۇچىنىڭ ھۆكمى ؟ كاپىر بولامدۇ -يوق ؟
جاۋاپ :
ئەگەر ئۇ كاپىر قىلىدىغان بىدئەت بولسا ، ئۇنى قىلغۇچى مۇنۇ ئىككى ئەھۋالدىن خالى ئەمەس :
بىرىنچى : ئۇنىڭ مەقسىتى دىننىڭ ئۇللىرىنى يىقىتىش ۋە مۇسۇلمانلاردا شەك پەيدا قىلىش ئىكەنلىكى مەلۇم بولسا ، بۇنداق ئادەم ئەلۋەتتە كاپىر ؛ ئەمەلىيەتتە ، ئۇ ئىسلامغا يات كىشى ھەمدە دىن دۈشمەنلىرىنىڭ بىرىدۇر .
ئىككىنچى : ئۇنىڭغا ئالدانغان ۋە قايمۇقتۇرۇلغان بولسا ، ئۇنىڭغا دەلىل تۇرغۇزۇلغاندىن كىيىن كاپىرلىقىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ .
ئەگەر ئۇ كاپىر قىلمايدىغان بىدئەت بولسا ، ئۇنداقتا ئۇ كاپىر بولمايدۇ ، بەلكى ئۇ مۇسۇلمانلىقىدا تۇرىۋىرىدۇ ، لىكىن ئۇ چوڭ قەبىھ ئىشنى قىلغۇچىدۇر .
ئەگەر سىز : بىدئەتچىلەر بىلەن قانداق مۇئامىلىدە بولىمىز ؟ دىسىڭىز .
جاۋاپ :
پېشىۋا مۇھەممەد بىن ئۇسەيمىين ، ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن ، مۇنداق دىگەن : ھەر ئىككىلىسىگە قارىتا ، بىز بۇ ئۆزلىرىنى مۇسۇلمان دەپ دەۋا قىلغۇچى بىراق كاپىر قىلىدىغان ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن بىدئەتلەرنى قىلغۇچى كىشىلەرنى ، ئۇلارغا دۈشمەنلىك قىلماستىن ياكى ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى سۆكمەستىن ئۇلارنى ھەقىقەتكە چاقىرىشىمىز كىرەك . لىكىن ئۇلارنىڭ ھەقىقەتنى قوبۇل قىلىشتىن ئۆزىنى چوڭ تۇتقانلىقىنى بىلسەك ، ئاللاھ دەيدۇ : « مۇشرىكلارنىڭ خۇدانى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان بۇتلىرىنى تىللىماڭلار، (ئۇنداق قىلساڭلار) ئۇلار بىلمىگەنلىكلىرىدىن ﻫەددىدىن ئېشىپ اللە نى تىللايدۇ. » [ ئەنئام( چاھارپايلار) : 108 ] . . . ئەگەر بىز ئۇلارنىڭ جاھىل ۋە ھاكاۋۇرلىقىنى بايقىساق ، ئۇنداقتا بىز ئۇلارنىڭ ناتوغرىسىنى كۆرسىتىپ قويىمىز ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ناتوغرىسىنى كۆرسىتىپ قويۇش بىزگە ۋاجىپ بولىدۇ .
ئۇلار بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشكە كەلسەك ، ئۇ بىدئەتكە باغلىق . ئەگەر ئۇ كاپىر قىلىدىغان بىدئەت بولسا ، ئۇنداقتا ئۇنىڭدىن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش ۋاجىپ ، ئەگەر ئۇنىڭدىن تۆۋەن بىدئەت بولسا ، بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي توختىلىمىز ، ئەگەر ئۇ كىشىدىن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش بىلەن بىرەر نەتىجە بولىدىغان بولسا ئۇنى قىلىمىز ، ئەگەر ئۇنىڭدا بىرەر نەتىجە بولمىسا ، ياكى ئۇ ئۇنىڭ گۇناھ قىلىشى ۋە ھەددىدىن ئېشىشىنى ئاشۇرۋەتسە ئۇنى قىلىشتىن ساقلىنىمىز ؛ چۈنكى پايدىسى يوق ، نەتىجىگە ئىرىشكىلى بولمايدىغان نەرسىنى تاشلاشنىڭ ئۆزى پايدا ۋە نەتىجە ، ۋە يەنە ئاساسى پىرىنسىپ بولسا مۇئىمىنگە نىسبەتەن ئۇنىڭدىن مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش ھارام ؛ چۈنكى پەيغەمبەر مۇنداق دىگەن : « بىر كىشىنىڭ قېرىندىشىنى ئۈچ كۈندىن ئوشۇق تاشلىۋىتىشى ( گەپ قىلماسلىقى) ھالال ئەمەس . » [ ئىبنۇ ئۇسەيمىين فەتىۋالار توپلىمى 2.ج ، 293. ب دىن ئىلىندى . ]



                   بىدئەتچىنىڭ ھۆكمى



پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دەيدۇ:«كىمكى بىدئەتچىلىك قىلسا ياكى بىدئەتچىنى قانات ئاستىغا ئالسا، ئۇ ئاللاھنىڭ، ئاللاھنىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ۋە بارلىق ئىنسانلارنىڭ لەنىتىگە دۇچار بولىدۇ.»(ئىمام بۇخارى12:41؛ ئىمام مۇسلىم9:140)
*ئەلى ئىبىن ئەبۇ تالىب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«..ئاللاھ بىدئەتچىنى قانات ئاستىغا ئالغۇچىغا لەنەت قىلدى.»(ئىمام مۇسلىم:
پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:«بىدئەتنىڭ ھەرقاندىقى ئازغۇنلۇقتۇر؛ ئازغۇنلۇقنىڭ ھەممىسىنىڭ جايى دوزاختۇر.»(تىرمىزى ۋە باشقىلار رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىس)




تامام  !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!! ئاللاھ ۋە  پەيغەمبەرگە ئەگىشىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ بىدئەت مىيىت نەزىرىدىن يىراق تۇرۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن !





مەنبە : "ياخشىلار باغچىسى" ۋە بىدئەت ۋە سۈننەت "دىگەن كىتاب   ۋە بۇخارى تورى



   
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاردا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-1 06:32 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
izqel + 200 تىمىڭىز ياىشىكەن......د.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 200   باھا خاتىرىسى

ئۇخلىغان مىللەت يا ئۆلىدۇ ياكى قۇل ھالەتتە ئويغىنىدۇ !!!-_FETIH

ۋاقىتنىڭمۇ سورى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38374
يازما سانى: 344
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5829
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1391 سائەت
تىزىم: 2011-4-22
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 07:04:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىر دىڭىزغا قۇيۇلىدىغان بىرى ئاچچىق،بىرى تاتلىق ئىككى دەريا ئاخىرقى نوقتىسىغا،ياكى قۇشۇلىدىغان ۋاقتى كەلمىگۈچە قۇشۇلمايدۇ... ھەر ئىككى دەريا ئېنىق قىلىپ كۆرسىتىلىپ بۇلۇنغان،پەقەت كىملەرنىڭ قايسى دەريانى تاللاپ،كىمنىڭ كىمىسىگە چىقىشنى تاللاش ئىختىيارلىقىغا قۇيۇلۇپ بۇلۇنغان  مەسلىنى يەنە كۆتۈرۈپ چىقىپسىز.

دۇنيادا پەقەت:مەرت باينىڭ بايلىقى بىلەن سېخى ئالىمنىڭ بىلىمىگىلا ھەسەت قىلىشقا بۇلىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80244
يازما سانى: 1083
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7066
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 535 سائەت
تىزىم: 2012-5-17
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 07:07:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بىر قارامنىڭ ئاغزدىن نەزە قىلساڭ بولمايدۇ دىگەن گەپنى ئاڭلغان
يانا بىر قارامنىڭ ئاغزىدىن بىزىگە بەرىگەن بىر تەخسە پولا ھارام بولامدۇ چوقۇم قىلمىساق بولمايدۇ دەيدۇ بۇ توغرسىدا جىق دە تالاش قىلمايلى

ئالتۇن

!!!ئويغان !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89998
يازما سانى: 1051
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3867
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 462 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 07:07:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
arman312 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-1 07:04 PM
بىر دىڭىزغا قۇيۇلىدىغان بىرى ئاچچىق،بىرى تاتلىق ئىككى ...


مۇشۇ يەردە دەلىل ۋە جاۋاب ئەڭ ئىنىق ! شۇڭا مۇشۇ يەردىن قايسى دەريا دا ئىقىشىمىز تاللانسا بولىدۇغۇ  !   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاردا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-1 07:09 PM  


ئۇخلىغان مىللەت يا ئۆلىدۇ ياكى قۇل ھالەتتە ئويغىنىدۇ !!!-_FETIH

!!!ئويغان !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89998
يازما سانى: 1051
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3867
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 462 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 07:10:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
aa0998 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-1 07:07 PM
مەن بىر قارامنىڭ ئاغزدىن نەزە قىلساڭ بولمايدۇ دىگەن گە ...

بۇنىڭدا كۆرسەتكەن نەزىرلەرنى قىلساق بولىدۇ /forum.ph ... id=98472&page=7

ئۇخلىغان مىللەت يا ئۆلىدۇ ياكى قۇل ھالەتتە ئويغىنىدۇ !!!-_FETIH

مېرۇل مەرگەن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85428
يازما سانى: 903
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 196
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 605 سائەت
تىزىم: 2012-9-26
ئاخىرقى: 2013-5-23
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 07:17:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگىسى ئاللاھ ئەجىرىڭىزنى بەرسۇن قىرىندىشىم، ياخشى تېمىلىرىڭىز توختاپ قالمىسۇن............

كۆز يېشىغا چىلىنىپ چىققان كۈلكە شىرىن بولىدۇ، غەم قايغۇدىن كېيىن ئېيتىلغان ناخشا مۇڭلۇق بولىدۇ، تېڭىرقاشتىن يۇلقۇپ چىققان روھ سەگەك بولىدۇ، يالغۇزلۇقتىن قۇتۇلغان قەلىب كۆتۈرەڭگۈ بولىدۇ. مانا بۇ تۇرمۇش.........

ۋاقىتنىڭمۇ سورى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38374
يازما سانى: 344
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5829
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1391 سائەت
تىزىم: 2011-4-22
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 07:18:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاردا يوللىغان ۋاقتى  2013-3-1 07:07 PM
مۇشۇ يەردە دەلىل ۋە جاۋاب ئەڭ ئىنىق ! شۇڭا مۇشۇ يەردىن  ...


ھازىر سىز كىملەرنىڭ دەرياسىدا ئېقىش- ئاقماسلىقنى ئەمەس،بەلكى مەن كەلتۈرگەن دەريادا ئېقىڭلار بولمىسا ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلىسلەر ؛باشقا دەريادا سۇ يوق ،شۇڭا كىمەڭلار ماڭالماي،دېڭىزغا يىتىپ بارالمايسىلەر دەۋاتىسىز.
قانداقتۇر تاللاش تاللىماسلىق ئەركىنلىكى مەۋجۇت ئەمەسكەن...
ناۋادا سىز دەۋاتقان دەرياغا چۈشۈپ تۇرۇپمۇ،يەنىلا ئۇسسۇزلۇقتىن ئۈلۈپ قالسا،ياكى دەرياغا چۈشۈپ تۇنجۇقۇپ قالسا،سىز جاۋاپكار بۇلالامسىز؟ياكى شۇلارنىڭ ئۈزىنىڭ ئىشى بۇلامدۇ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arman312 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-1 07:21 PM  


دۇنيادا پەقەت:مەرت باينىڭ بايلىقى بىلەن سېخى ئالىمنىڭ بىلىمىگىلا ھەسەت قىلىشقا بۇلىدۇ.

!!!ئويغان !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89998
يازما سانى: 1051
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3867
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 462 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 07:20:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
arman312 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-1 07:18 PM
ھازىر سىز كىملەرنىڭ دەرياسىدا ئېقىش- ئاقماسلىقنى ئەم ...


ئۇنتۇپ قالماڭ ! ئاۋۇ ھەدىسلەرنى مەن دىمىگەن پەيغەمبەر دىگەن ماڭا تۆھمەت قىلماڭ  !  مۇسۇلمان  پەيغەمبەر دىگەن دەريادا سۇ ئىچمىسە مۇسۇلمان بولماي  قالىدۇ  ! چۈشەنگەنسىز ! ئاخرى ئىقىپ بىرىپ  جەننەت كە ئەمەس دوزاققا قۇيۇلۇپ كەتمىسۇن  !  مەن پەقەت يەتكۈزۈپ قۇيدۇم  مۇسۇلمانلار تالاشسىز قۇبۇل قىلىدۇ  ! باشقىلارغا ئىختىيار !   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاردا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-1 07:23 PM  


ئۇخلىغان مىللەت يا ئۆلىدۇ ياكى قۇل ھالەتتە ئويغىنىدۇ !!!-_FETIH

ۋاقىتنىڭمۇ سورى

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38374
يازما سانى: 344
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5829
تۆھپە نۇمۇرى: 190
توردا: 1391 سائەت
تىزىم: 2011-4-22
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 07:29:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاردا يوللىغان ۋاقتى  2013-3-1 07:20 PM
ئۇنتۇپ قالماڭ ! ئاۋۇ ھەدىسلەرنى مەن دىمىگەن پەيغەمبەر ...

پەيغەمبەر دىگەنلىكىنى بىلىمەن.ئەمما ئۇنى چۈشىنىشكە كەلگەندە ئەنە ئاشۇنداق نەچچە دەريالىق بۇلۇپ كىتىپ بارىدۇ.شۇڭا سىز بەزى مەسلىلەرگە كەلگەندە،يەتكۈزۈپ قۇيۇڭكى،بۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغانلارمۇنداق مۇنداق بۇلىدۇ دەپ ھۆكۈم پىچماڭ(بۇ ھۆكۈمنى ھەقاچان مەن پىچمىدىم دەيسىز،ئەمما سىز شۇ ھۆكۈم پىچقانلارنىڭ ئەلچىلىكىنى قىلۋاتقاندىكىن بۇ ھۆكۈم ھەم سىزنىڭ ھۆكۈمىڭىز)
قالغىنى بۇ تېمىغا بىرىدىغان ئىنكاسىم،ئاللاھ خالىسا مۇشۇ يەردە توختىتىدى....
نەزىر توغىرسىدىكى تېمىغا ئوخشاش تالاش-تارتىشقا چۈشۈپ ھەر ئىككىمىزنىڭ زىھنى ۋە ۋاقتىنى ئىسراپ قىلغۇم يوق.

دۇنيادا پەقەت:مەرت باينىڭ بايلىقى بىلەن سېخى ئالىمنىڭ بىلىمىگىلا ھەسەت قىلىشقا بۇلىدۇ.

!!!ئويغان !!!

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89998
يازما سانى: 1051
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3867
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 462 سائەت
تىزىم: 2013-1-13
ئاخىرقى: 2013-5-28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 07:34:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
arman312 يوللىغان ۋاقتى  2013-3-1 07:29 PM
پەيغەمبەر دىگەنلىكىنى بىلىمەن.ئەمما ئۇنى چۈشىنىشكە ك ...


ئەلۋەتتە  بىز سىز دىگەندەك نەچچە خىل  يۇمشىتىپ چۈشىنىشتىن مۇشۇ كۈنگە قالدۇق  !  بولدى بەس !مەنمۇ   مىيىت نەزىرىنىڭ بىدئەتلىكى توغرۇلۇق  تالاش تارتىش قىلىپ تىمىدا يازغىنىمدىن باشقا چۈشەنچە بەرمەيمەن  !ئەمما سىزنىڭ بىر دىڭىزغا قۇيۇلىدىغان ئىكىكى دەريا دىگىنىڭىز  خاتا بوپ قالدى !  بىر دەريا ئىسلام يولىغا ۋەكىللىك قىلسا بىر دەريا بىدئەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ  ! ئىككى دەريا ھەرگىزمۇ بىر دىڭىزغا قۇيۇلمايدۇ  !
چۈنكى ئىسلام بىلەن ھەرقانداق بىدئەت سىغىشالمايدۇ !!
بۇنى قۇبۇل قىلغانلارنىڭ قۇبۇل قىلىشى ئۈچۈن يوللىدىم  ! قالغانلارغا ئىختىيار  ! مەۋھۇم دۇنيادا  ئارتۇق تالاش تارتىش قىلمايمەن  !  ئاللاھ غا ئامانەت  !
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئاردا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-1 11:43 PM  


ئۇخلىغان مىللەت يا ئۆلىدۇ ياكى قۇل ھالەتتە ئويغىنىدۇ !!!-_FETIH
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش