ھازىر بىر خىل غەلىتە يېزىقچىلىق ئىستىلى يامراپ كەتكىنى تۇردى.ئاساسى تېما بىلەن زۇرۇرى ئالاقىسى بولمىغان دىتاللارنى زۇمۇ-زۇ يازما ئىچىگە تىقىپ،يازمىنىڭ قۇرولمىسىنىڭ سۇپىتىگە تەسىر يەتكۆزۆش _ بۇنداق«غەلىتى»يېزىقچىلىقنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى.مۇشۇ تېمىنى ئالساق ئۇنىڭ ماۋزۇسىمۇ،ئاساسى تېمىسىمۇ «توك ۋە دۇنياۋى بۇلغۇنۇش».شۇنداق ئىكەن ئىلىم-پەن ۋە دىندىن زۇرۇر بولغان مۇناسىۋەتلىك دەلىل -ئىستاتا،نەقىللەرنى كەلتۈرۈش ئارقىلىقلا ئۇز تەشەببۇسىنى ئىسپاتلىشى كېرەك ئىدى.تېما ئىگىسى ئۇنداق قىلمىغان،تەشەببۇسلىرىغا ئاساس كۇرسۇتۇپ بېرەلمىگەن.
بۇنداق يېزىقچىلىقنىڭ مەھسولى بولغان يازمىلارنىڭ قايىل قىلىش كۈچى تۇۋەن بولىدۇ.كىشىلەردە دەلىللەردىن قالايمىقان پايدىلانغان،سۇيئىستىمالچىلىق قىلغان دىگەن تەسىراتنى پەيدا قىلىپ قويىدۇ.كىشىلەرنى قايمۇقتۇرۇدۇ.تورداشلارنىڭ مۇشۇنداق نۇقتىلارغا دىققەت قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
مۇبادا بۇنداق يېزىقچلىق سەھۋەنلىك ۋە ئاپتۇرنىڭ بىلىم چەكلىمىسىدىن يۆز بەرمەي،قەستەنلىكتىن ئىلىپ بىرىلغان بولسا،ئۇ جەزمەن"سۈيىئستىمال يېزىقچىلىغى"ھىساپلىنىدۇ.بۇنداق يېزىقچىلىقتا ئاپتۇرنىڭ تەشەببۇسى ،كۇزقارىشى مەقسەت،قالغان تەپسىلاتلار پەقەت ۋاستە قىلىنغان بولىدۇ.
"توك ۋە دۇنياۋىي بۇلغۇنۇش"دىگەن بۇ تېمىدا ئاپتۇرنىڭ كۇز قارىشىنى قوللايدىغان دىنغا ياكى پەنگە ئالاقىدار بىرەرمۇ دەلىلنى تاپقىلى بولمايدۇ.شۇنداق تۇرۇقلۇق بۇتېما بىلەن ئالاقىسىز "دەلىل"لەرنى بۇ تېمىغا قىستۇرۇشنىڭ نىمە زۇرۇرىيىتى بار؟.بۇ خىل يېزىقچىلىق ماھىيەتتە ئاپتۇرنىڭ بىلىپ-بىلمەي قىلىشىدىن قەتئى نەزەر يۇقۇرقىلارنىڭ كۈلەڭگىسىدە ئۇز كۇزقارىشىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىۋىلىش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت.
تېما ئىگىسىنىڭ نۇرغۇن نەرسىلەرگە قىزىقىدىغانلىغىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ.لىكىن ئاپتۇر بۇنىڭدىن كىيىنكى يېزىقچىلىق ئەمىليىتىدە مۇشۇندا ئىشلاردىن قاتتىق ھەزەر قىلسا دىگەن تەكلىپنى بىرىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-18 01:16 PM