مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 4565|ئىنكاس: 45

توك ۋە دۇنياۋىي بۇلغۇنۇش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92006
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3747
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2013-2-21
ئاخىرقى: 2013-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 05:20:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |



بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم


توك ۋە دۇنياۋىي بۇلغۇنۇش


(يازمامنى ساقلىۋىلىپئوقۇڭ، نەشرى مەن تەرەپتىن چەكلەنمەيدۇ )


يەر شارىدا يۈزبىرىۋاتقان تۈرلۈك نورمالسىز ئاپەتلەر، تۈرلۈك ناچار كىلىمات ئۆزگۈرۈشلىرى، ئاتموسفىراغاقويۇپ بىرىلىۋاتقان تۈرلۈك زىيانلىق گازلار ۋە چاڭ-توزاڭلار تەسىرىدە يۈزبىرىۋاتقان قۇياش نۇرىنىڭ يەر شارىغا يىتىپ كىلىش مىقدارىنىڭ يىلدىن يىلغا ئازىيىپ بىرىشىدىن تارىيىۋاتقان مەشىئىتىمىز، تىببىي ئىلىمغا ۋە ئىنسانىيەت سالامەتلىگىگە يىڭىدىن-يىڭىتەھدىت شەكىللەندۈرۈۋاتقان تۈرلۈك ساقايماس كىسەللىكلەر ، ۋە سۇنىڭ، ھاۋانىڭ، تۇپراقنىڭ بۇلغۇنىشى بىلەن بۇلغىنىۋاتقان يىمەكلىكلىرىمىزدىن ئازار يىگەن جىسمىمىز، كىلىماتنىڭ سۈنئىي ئىللىپ كىتىشى بىلەن مۇزلۇقلارنىڭ ئىرىپ كىتىشىدىن سۇغا چۆكۈپ بىرىۋاتقان زېمىنلىرىمىز، چەكلىمىسىز قىلمىشىمىز سەۋەبىدە يەر يۈزىدە بار بولغان ئىلاھىي تەڭپۇڭلۇق-ئىكىلوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ بۇزۇلۇشى بىلەن بىر تەرەپتە قۇرغاقچىلىق ئاپىتى ۋە يەنە بىر تەرەپتە ھۆلچىلىك ئاپىتىنىڭ زىيىنىدا ئىڭراۋاتقان ئاچ-يالىڭاچئ ىنسانلىرىمىز، كاساتلىق ۋە كىرىزىستا قالغان دۆلەت ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن توختاۋسىز ئىلىپ بىرىلغان دۆلەتلەر ئارا كۈندىن-كۈنگە كەسكىنلىشىۋاتقان تىنىمسىز رىقابەتلەر ،بۇ رىقابەتلەر سەۋەبىدە رەقىبىدىن ئىشىپ كىتىش ئۈچۈن يىڭىدىن-يىڭى سانائەت تەرەققىياتىغا كۆپلەپ مەبلەغ سىلىشلار ، كەڭ كۆلەمدە سانائەتلىشىش- شەھەرلىشىش سەۋەبىدە ئورمان ۋە تىرىلغۇ يەرنىڭ ئازىيىشى ۋە شۇنىڭغا ماس ھالدا يىشىللىقنىڭ يوقۇلۇپ بىرىشى ، سانائەتلىشىش پەيدا قىلىۋاتقان يىڭىدىن- يىڭى كىرىزىس ۋە دۇنياۋىي يامان تەسىرلەر....يۇقارقىدەك تۈرلۈك كىرىزىس ۋە كاساتچىلىقلارنىڭ بىسىمدا ئايانچلىق ھالغا چۈشۈپ قالغان تىنچسىز دۇنيا جانلىقلىرى قۇتقۇزۇڭلار!... دەپ ئىچىنىشلىق ئىڭرىماقتا...

بۈگۈنكى سانائەتلىشىش غالجىرلىقىغا غەرق بولغان دۇنيادىكى 200 نەچچە دۆلەت ئارا مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن بولۇۋاتقان رىقابەتلەر سورۇنىنى ھازىرلىغان يەر شارى- مىسالى بىر-بىرىگە قارشى مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن جىددىي ھايات-ماماتلىق جېڭىگە چۈشكەن 200  نەچچە غالجىر يولۋاسقا مىنگەن گىلادىياتورلارنىڭ مەغلۇبىيەت سورۇنىدۇر!...

ئۇلارتەرەققىياتتىن تۇغۇلغان قىرغىنچىلىق قوراللىرى بىلەن ئەڭ يۇقۇرى ساپادا جابدۇشقان غالجىريولۋاسلىرىنى بىر-بىرىگە قارشى تالاشقا سالماقتا، ئاقىۋەتتە بۇ سورۇندىك ىمەغلۇپلارنى غالىپلار يالماپ يوقاتسا، غالىپلارنى جاسىيە يالماپ يوقىتىدۇ!...

بۈگۈنكى دۇنيا ئۆزىنىڭ ئۆتمۈشىنى تۇترۇق قىلىپ ئازاپلىق بۈگۈنى ئۈچۈن ۋاقىتلىق ئاراملىق ئىزلەپ گۈزەل كىلەچىگىنى كۆيدۈرۈپ دەبدەبىلىك گۈلخان مەشرىپى ئۆتكۈزىۋاتقان ئەقىلسىز بىر توپ تەلۋىگە ئوخشايدۇ!.....

دۇنيانىڭ نىمە سەۋەپتىن بۈگۈنكىدەك ئىچىنىشلىق ھالغا كىلىپ قىلىشىنى جەمىيەت تەرەپتىن ، ئەخلاق تەرەپتىن، سىياسەت تەرەپتىن، تەرەققىيات تەرەپتىن، ئىلىم-پەن تەرەپتىن شەرھىلەشلەر بولۇپ ئۆتتى،  شۇ  شەرھىلەشلەرگە كۆرە ھەرقايسى دۆلەت ھۆكىمەتلىرى ئۆز قۇربىغا لايىق  تۈرلۈك ئاپەتلەرگە قارشىتەبىر تۈزۈشكەن بولدى. ئۇلار قارانىيەتكە يانداشقان سىياسەتكە ، قارغۇلارچەتەرەققىياتقا يانداشقان ئاپەتكە، ئاچكۆزلەرچە ئىچىشقا يانداشقان بۇزغۇنچىلىققا،چەكلىمىسىز ئىسراپخورلۇققا يانداشقان يۇقۇرى سەرپىياتقا،ئاخىرى يوق ئاچۆكزلۈككەيانداشقان شەخسىيەتچىلىككە، ئادالەتسىز تەقسىماتقا يانداشقان تەبىقەلەر ئارا دۈشمەنلىككە...قارشى تۇرۇش مەسلەكلىرىدە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ، ئىناق جەمىيەت، گۈزەل كەلگۈسى، يىشىل يەر شارى...ھەققىدە ئىزلىنىشتى. ئەپسۇسكى دىنسىزلىققايانداشقان ئازغۇنلۇققا ، ئىمانسىزلىققا يانداشقان قانائەتسىزلىككە،ئەخلاقسىزلىققايانداشقان روھىي بۆھرانغا قارشى تەدبىر تۈزۈشكە ئالدىراپ كەتمىدى، شۇنىسى ھەقىقەتكى ،بۈگۈنكى دۇنيانىڭ كىسىلىگە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەۋقەسى بويىچە توغرا دىئاگنۇر قويۇلمايدىكەن ،دۇنيانىڭ ھالاكەتلىك كىسىلىگە تەل-تۆكۈس شىپا بولىدىغان توغراداۋالاش ئۇسۇلىنى  تاپقىلى بولمايدۇ، بۇقارىشىمىز مۇسۇلمانلىقىمىزنى داۋراڭ قىلغان ساددا ئاشقۇنلۇقىمىزدىن ئەمەس بەلكى بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى تارىخي باسقۇچلىرىدىن ئىرىشىلگەن ئىچىنىشلىق تارىخىي يەكۈنلەرنى ھەزىم قىلىشتىن تۇغۇلغان ئىنسانىي مەسئۇلىيەتتىن شەكىللەندى .

تۆۋەندىكى يازمىمىز ئىنسانىيەتنىڭ تىنچ-ئامانلىقى ۋە 2 دۇنيالىق بەختىنى كۆزلەپ بۇ ھەقتە ئىزلىنىشتەداۋام قىلىدۇ . سۆزنى ئالدى بىلەن بۈگۈنكى دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ جېنى بولغان توكتىن باشلىماي تۇرۇپ بۇ تىما ھەقىقەت پايانىغا يىتەلمەيدۇ، شۇڭا ئالدى بىلەن توكنىڭ تارىخىدىن قىسقىچە سۆز باشلىماقچىمىز .

ئىنسانىيەتتەرەققىياتىدىكى زور بۆسۈش توغرىسىدا گەپ بولۇنغاندا، تارىخچىلار بۇ تىمىنى پارماشىنىسىنىڭ كەشىپ قىلىنىشىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ بايان قىلىشىۋاتقان بولسىمۇ،مەنچە بولغاندا پار ماشىنىسىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۆمرى قىسقا بولۇپ بۈگۈنك ىئىلكترون-ئۇچۇر ئىنقىلاۋى سىپىگە كىرىشكە سالاھىيىتى توشماي تۇرۇپلا بۇ سەپتىن شاللانغان، ھالبۇكى توك بولسا تا ھازىرغىچە جانغا ئوخشاش قانداق نەرسىلىگى بىلىنمىگەن بولۇشىغا قارىماي ، ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ جېنى بولۇپ ھالقىلىق رول ئويناپ كەلمەكتە ، شۇڭلاشقا تۆۋەندە توكنىڭ ئەمىلىي قوللۇنۇلۇش باسقۇچى ھەققىدىلا قىسقىچەسۆزلەپ ئۆتمەكچىمەن.


1820-يىلى دانىيە كوپىنھاگىن ئۇنىۋىرىسىتىتىنىڭ تەبىئەت پەلەسەپىسى پەنلىرى پىروفىسورى ئېرستېد ئىلىكتىر بىلەن ماگنىتنىڭ مۇناسىۋىتىنى بايقىدى. 1820-يىلى ئۇ توك ئۆتۈۋاتقان بارلىق ئۆتكۈزگۈچ سىملارنىڭ ئەتراپىدىكى ماگنىت ئىستىرىلكىسىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئايلىنىش يۈز بىرىدىغانلىقىنى بايقىدى ۋە شۇ يىلى 21-ئىيۇلدا ئۆزىنىڭ بۇھەقتىكى تەتقىقات دوكلاتىنى لاتىن يىزىقىدا ئىلان قىلدى .

1820-يىلى18-سىنتەبىر، 25-سىنتەبىر، ۋە 9-ئۆكتەبىرلەردىكى فىرانسىيە پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ قەرەللىك يىغىنىدا ئامپىر 3 پارچە تەتقىقات دوكلاتى تاپشۇردى، دوكلاتتا ؛كاتۇشكىدىن توك ئۆتكەندە توكنىڭ ماگنىت ئىستىرىلكىسىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ماگنىت بىلەن ئوخشىشىپ كىتىدۇ ، ماگنىتنىڭ ماگىنىت ئىستىرىلكىسىنى ھەركەتلەندۈرىدىغانلىقىدىكى سەۋەپ ، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھالقىسىمان توك مەۋجۇتب ولىدىغانلىقىدىن ئىبارەت، ماگنىت ئىستىرىلكىسىنىڭ جەنۇپ ۋە شىمالنى كۆرسىتىدىغانلىقىدىكى سەۋەپ ، يەر شارىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىكۋاتور يۆلۈنۈشى بىلەن ئۆز ئارا بىردەك بولغان ھالقىسىمان توك مەۋجۇت بولغانلىقىدا، ماگنىت ماھىيەت جەھەتتىن ئالغاندا زەررىلەر ھەركىتىنىڭ نەتىجىسىدۇر دەپ كۆرسەتتى. ئامپىر يەنە توك ئۆتۆۈزۈلگەن يۆنىلىشى ئوخشاش بولغان سىملارنىڭ ئۆز ئارا تارتىشىدىغانلىقىنى، يۆنىلىشى ئەكسىچە بولسا ئۆ ئارا تىپىشىدىغانلىقىنى بايقىدى.

1820-يىلى 30-ئۆكتەبىر فىرانسىيە پەنلەر ئاكادىمىيەسىنىڭ قەرەللىك يىغىنىدا بىيو بىلەن ساۋارت ئۆزلىرىنىڭ توك ئۆتكۈزۈلگەن ئۆتكۈزگۈچ سىمنىڭ ماگنىت ئىستىرىلكىسىغا بولغان تەسىرى توغرىسىدىكى قانۇنىيەتنى بايقىغانلىقىنى ، توك ئۆتۈۋاتقان ئۆتكۈزگۈچ سىمنىڭ ماگنىت ئىستىرىلكىسىغا بولغان تەسىر كۈچىنىڭ توك بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدىغانلىقىنى ،ئارىلىق بىلەن تەتۈر تاناسىپ بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. ماتىماتىك لاپلاس دىففېرېنسال بەلگىلىرى ئارقىلىق بۇ قانۇننىڭ يەنە بىر خىل ئىپادىلىنىش شەكلىنى يىزىپ چىقتى .

1820-يىلى فارادىي ئۆتكۈزگۈچنىڭ ماگنىت مەيدانىدىكى كۈچكە ئۇچراش ئەھۋالىنى تەھلىل قىلدى ھەمدە سىماپنى سۈركىلىش قارشىلىقىنى كىمەيتىدىغان ئۆتكۈزۈشچان مۇھىت قىلىپ ،ئىلىكتىرماتور ھەققىدىكى بۇ كەشپىياتنى تاماملىدى.

1820-يىلى بىرقانچەياۋروپالىق ئالىم ئوخشاش بولمىغان جايلاردىكى ئىلىكتىر ئىلمى تەجىربەخانىسىدا كىلىشىۋالغاندەك تەڭلا كاتوشكا بىلەن ماگنىت ئىستىرىلكىسىدىن پايدىلىنىپ توكنى ئۆلچەش ئۇسۇلىنى تەجىربە قىلدى،  بۇ خىل تەجىربىلەر نەتىجىسىدە ، ئىنسانىيەتنىڭ كۆرەلىشى مۈمكىن بولمايدىغان زەرەت ھەركىتى،كۆرۈش سەزگۈسى ئارقىلىق پەرق ئەتكىلى بولىدىغان مۇناسىپ ماگىنىت ئىستىرىلكىسىنىڭ بوشلۇق ئورنىدىكى ئۆزگۈرۈشىگە ئايلاندى، شۇ ئارقىلىق توكنى ئۆلچەش مەسىلىسى ئاسانلا ھەل قىلىندى، بۇ كەشپىيات ئىلىكتىروماگىنىت ئىلمى  تەتقىقاتى ۋە كىيىنكى كۈنلەردىكى ئىلىكتىرتىخنىكىسىنىڭ قوللۇنۇلىشى ئۈچۈن مۇھىم ئاساس سىلىپ بەردى.


يۇقارقى بايقاشلارنىڭ ھەممىسى بۈگۈنكى دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا ئاساس سالغان توكنىڭ تونۇلۇشى ۋە قوللۇنۇلىشىغا يول ئاچتى  ، شۇنداقلا يۇقارقى بايقاشلارنىڭ ھەممىسى مىلادىيەنىڭ 1820-يىلىدا تاماملاندى .شۇندىن بىرى ئىنسانىيەت توك دەۋرىگە كىرىپ كەلدى، ھەمدە توكتىن پايدىلىنىش دەۋرى باشلانغاندىن كىيىنلا ئىنسانىيەت تەبىئەتنى بۇزۇش كۈرىشىدە غالىپلىق ئورنىغا چىقتى!....

شۇنىسى ھەقىقەتكى ،توك كۆرۈنمەس قاتىل بولۇپ، ئۇ ئۆزىنى تۇتقۇچىنى ھالاك قىلىپلا قالماستىن بەلكى ئاخىرقى ھىساپتا ئۆزىنى ئىشلەتكۈچى يەر شارىنىمۇ ھالاك قىلىدۇ!....

بۇ ھالاكەتتىن ساقلاپ قالغۇچى ئاللاھ تەئەلادۇركى، بەلكىم ئىسا ئەلەيھىسسالام چۈشكەندە ئىنسانىيەت سانائەتلىشىشنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ  ئەمىن يەر شارىغا ئىگە بولار؟...چۈنكى ئازاپنىڭ ۋاقىتلىق كۆتۈرۈلۈشى ھەققىدىكى 44-سۈرە دۇخاننىڭ ئالاقىدار ئايىتى ۋە ئالاقىدارھەدىسلەردە بۇ ھەقتە بىشارەتلەر باردۇر، ئاللاھ جانابىلىرى خالىمايدىكەن بىزھىچنىمىنى خالىيالمايمىز.

توكنىڭ قوللۇنۇلۇش تارىخىدىن شۇ ئايانكى ، ئىنسانىيەتنىڭ بىشىغا كىلىۋاتقان تۈرلۈك ئاپەتلەر دەل شۇ 1820-يىلى توكنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ تونۇلۇپ ، تۈرلۈك ئىھتياجلار ئۈچۈن كۆپلەپ ئىشلىتىلىشكەباشلانغانلىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىكتۇر!...

قۇرئانى كەرىمدەجانابى ئاللاھ بۇ ۋەقەنىڭ ئىنسانىيەتكە كەلتۈرىدىغان يامان تەسىرىنى ئىنسانىيەت توكنى چۈشىدىمۇ كۆرمەيدىغان بۇندىن 1400 يىل بۇرۇنقى زاماندا بايان قىلغان بولۇپ ،تۈتۈن مەنىسىدە دۇخان دەپ ناملانغان 44-سۈرەنىڭ 10- ئايىتىدە بۇ ھەقتە مۇنداقبايان بار:

(ئى مۇھەممەد!)سەن ئاسمان (ھەممە ئادەم) ئوچۇق (كۆرۈدىغان ) تۈتۈننى كەلتۈرىدىغان كۈندە (ئۇلارغابولىدىغان ئازابنى) كۈتكىن [10].44-سۈرە دۇخان.10-ئايەت .

يۇقارقى ئايەت قۇرئانى كەرىمدە ئاياغدىن باشقا سانىغاندا دەل 1820-ئايەتتۇر!...

ئىنسانىيەتنىڭ بىشىغا ئىغىر مۇسىبەتلەرنى سىلىۋاتقان كاربون 4 ئوكسىد ، پارنىك ئىففىكتى،ئىللىنىو ھادىسىسى، ۋە ھاۋانىڭ سانائەت بۇلغانمىلىرىدا بۇلغۇنۇشىدىن شەكىللەنگەن تۈرلۈك كىسەللىك ۋە تۈرلۈك تەبىئ ئاپەتلەرنىڭ باش قاتىلى دەل سانائەتلىشىشنىڭ جىنى بولغان توكتۇر، ھالبۇكى توكنىڭ ئەمىلىي ئىشلىتىلىشى ئۈچۈن ئاساس سالغان كەشپىياتلار مىلادىيەنىڭ 1820-يىلى ئارقا-ئارقىدىن بايقالغاندۇر، توكقا ئالاقىدارئاتالغۇلاردىن بولغان ۋات، ئامپىر...دىگەن سۆزلەر شۇ كەشپىياتچىلارنىڭ نامىدىن بىزگە قالغاندۇر .

بۈگۈنكى ئىنسانىيەتنىڭ توكقا بولغان بىقىندىچىلىقى ئاللىقاچان بەڭگىنىڭ ھىروئىنغا بولغان بىقىندىچىلىقىدىنمۇ ئىشىپ كەتتى!... ھىچكىممۇ توكسىز تۇرمۇشنى تەسەۋۋۇرقىلالمايدىغان ھالغا كەلدى!..ھالبۇكى دەل ئاشۇ توك ئىنسانىيەتنى زور بىر قىتىملىق تەل-تۆكۈس ھالاكەتكە باشلاپ كىتىۋاتماقتا!...كەمىنە بەلكىم بۇ ھالاكەتنىڭ شەپىسىنى تۇنجى ھىس قىلغۇچى ئەمەستۇرمەن .

ئىلاھىي ھەقىقەتلەرنى ئىنسانىي سەپسەتەلەر بىلەن ئەبجەشلەشتۇرۇشلەردە مەيدانغا كەلگەن خىرىستىيانلىق تۇغقان خىرىستىيانلىققا قارشى ھارام بالا بولمىش پەنگە چوقۇنۇش مەسلىكى پەيدا قىلغان دەھرىيلىك ،ئاخىرقى ھىساپتا خىرىستىيانلىققا قارشى تۇرۇش مەۋقەسىدە بىردىن بىر ھەقىقەت جانابى ئاللاھنىمۇ ئىنكار قىلىپ، مەنسۇخ قىلىنغان ناسارالىقنى ئىنكار قىلىپلا توختاپ قالماستىن يەنىمۇ ھەدىدىن ئىشىپ جانابى ئاللاھنىڭ يەرشارىدا يۈرگۈزۈلۈش ئۈچۈن چۈشۈرۈلگەن رەھمەت قانۇنى بولغان توغرا دېن ئىسلامنىمۇ ئىنكار قىلىپ ، بۈگۈنكى دۇنيادىكى بارلىق مەخلۇقات-مەۋجۇداتنىڭ تەڭپۇڭ ياشاش ھوقۇقىغا تەھدىت سىلىۋاتقان زور ئاپەت بولۇپ قالدى. دۇنيا ھەممە مەخلۇقات-مەۋجۇداتنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغان بىر قانۇننىڭ تىزگىنلىشىسىز بۇ ئاپەتتىن ئەمىن بولالمايدۇ ، ھالبۇكى بۈگۈنگىچە ئادالىتى مەدھىيىلىنىۋاتقان ئىنسانىي قانۇنلارنىڭ ئىنسانلار ھەركىتىنى تىزگىنلىشىدە بارلىق مەۋجۇدات-مەخلۇقاتنىڭ ھەق-ھوقۇقى ئادالەت ۋە مىھرىبانلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان قانۇن-تۈزۈم ئارقىلىق قوغدىلىدىغان مۇپەسسەل بىرجەمىيەت تىخىچە شەكىللىنەلمىدى، شۇنىسى ئىنىقكى ، دۇنيا مىقياسىدا داۋراڭ قىلىنىۋاتقان "يىشىل يەر شارى بەرپا قىلىش" قۇرۇلۇشى، قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش داۋراڭلىرى... توكنىڭ زور ھالاك قىلىش كۈچى ئالدىدا ئەرزىمەر بىرقۇرۇق گەپتۇر. دۇنيا پەقەت توغرا بىر ئىېتىقات ۋە توغرا بىر قانۇن بىلەن بىرلەشمىگۈچە ھەققانىيەت،ئەركىنلىك،ئەمىنلىك ۋە ئادالەت تاپالمايدۇ، شۇنىسى يېقىن بىر ھەقىقەتكى ،باتىل ھامان ھەق ئالدىدا مەغلۇپتۇر، تەكەببۇر ئىنسانىيەتنىڭ جانابى ئاللاھ ئالدىدا خار ھالدا مەغلۇپ بولۇپ سەجدىگە بارىدىغان زامانىغا كۆپ قالمىدى، شۇكۈن كەلگىچە مەن مۆئمىن دىگەن كىشىلەرگە ئىمانى سەۋەبىدىن يۈزلەنگۈسى نامراتلىق،مۇشەققەت، ئېزىلىش، يەكلىنىش، تەقىپلىنىش، بوزەك قىلىنىش... قاتارلىق تۈرلۈك پىتنىلەرنىڭ قىستاقلىرىدىن سالامەت ئۆتۈشكە ، جانابى ئاللاھ سەبىر ،چىدام ۋەئىشەنچ بەرگەي،ئامىن! ...يا ۋەلىيۇل مۆئمىنىن.

بىز شۇنى قورققان ۋە ئىچىنغان ھالدا ئىنسانىيەتنىڭ سەمىگە سالىمىزكى، ئىنسانىيەت مىلادىيەنىڭ1820-يىلى توكتىن ئىبارەت بالايى-ئاپەتلىك پاندورا قۇتىسىنىڭ ئاغزىنى ئىچىپ دۇنيانى ھالاكەتگە ئىلىپ بارىدىغان پەلەمپەينىڭ 44-بالدىقىغا قەدەم ئالدى . بىزھازىر بۇ پەلەمپەينىڭ 45-بالدىقىغا ئاللىقاچان قەدەم ئەپبولغان بولۇشىمىز مۈمكىن!...چۈنكى پەلەمپەينىڭ 44-بالدىقىنىڭ نامى قۇرئانى كەرىمدە 1820 گە باغلانغان دۇخان يەنى تۈتۈن بىلەن ئاتالغاندۇر، ھالبۇكى يەر شارى مۇھىتى تۈتۈن تەرىپىدىن بۇزۇلىۋاتقىلى خىلى ئۇزۇن يىللار بولدى، پەلەمپەينىڭ 45-بالدىقىنىڭ نامى بولسا قۇرئانى كەرىمدىكى 45-سۈرىنىڭ نامىغا باغلانغان جاسىيە-قىيامەتتە تىزلىنىپ ھىساپ بىرىۋاتقان گۇناھكار ئىنساننىڭ ھالىتىدىن نام ئىلىنغاندۇر .

قۇرئانى مۇقەددەستە باشتىن سانىغاندا 44-سۈرەنىڭ نامى دۇخان بولغىنىدەك ، ئاياغدىن باشقا سانىغاندا44-سۈرە بولغان، ئايەتلىرىمۇ 44 بولغان سۈرە 70-سۈرە مائارىج دۇر، خەنزۇلارداقەدىمدىن بار بولغان 4 تىن ۋە 7 دىن قورقۇش ئۇدۇمى خۇراپاتلىق بولماستىن، بەلكى ئۇلارغا قەدىمدە نازىل قىلىنغان ۋەھىيلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىدىن قالغان ساقىندىلاردۇر ، بىلىمىزكى دەۋزەخ 7 دۇر، 4 بولسا قۇرئانى كەرىمدە ئازاپ ۋەقىيامەتكە زىچ باغلانغان ھالدا بايان قىلىنغان ئايەتلەرنىڭ نۇمۇرى بولۇپ كىلىدۇ،  44-سۈرە دۇخاننىڭ 10-ئايىتىدە ئىنسانىيەتنى ئورۇۋالىدىغان تۈتۈن ئىچىدىكى ئازاپ بايان قىلىنسا، 70-سۈرىدە قىيامەتتىكى ئازاپ بايان قىلىنغان :


ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

(ئى مۇھەممەد!) سەنئاسمان (ھەممە ئادەم) ئوچۇق (كۆرۈدىغان ) تۈتۈننى كەلتۈرىدىغان كۈندە (ئۇلارغا بولىدىغان ئازابنى) كۈتكىن [10]. (ئۇ تۈتۈن) كىشىلەرنى ئورىۋالىدۇ، بۇ قاتتىق ئازابتۇر [11].(ئۇلار) «پەرۋەردىگارىمىز! بىزدىن ئازابنى كۆتۈرۈۋەتكىن، بىز ھەقىقەتەن ئىمان كەلتۈرگۈچىدۇرمىز»(دەيدۇ) [12]. (ئازاب كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندە) ئۇلار قانداقمۇ ئىبرەت ئالسۇن، ھالبۇكى،ئۇلارغا روشەن پەيغەمبەر كەلدى (شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇلار ئىمان ئېيتمىدى) [13]. ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈدى ۋە: «ئۇ ئۆگىتىلگەن (يەنى قۇرئاننى كىشىلەردىن ئۆگەنگەن)دۇر، مەجنۇندۇر» دېدى [14]. بىز ھەقىقەتەن ئازابنى (سىلەردىن) ئازغىنە ۋاقىت كۆتۈرۈۋېتىمىز،(ئاندىن) سىلەر ھەقىقەتەن (ئىلگىرىكى كاپىرلىق ھالىتىڭلارغا) قايتىۋالىسىلەر [15].ئۇلارنى قاتتىق تۇتقان كۈنىمىزدە چوقۇم جازالايمىز [16].

44 ـ سۈرە دۇخان ، 59 ئايەت.

يۇقارقى ئايەتتەباشتىلا تۈتۈندىن ئىبارەت ئازاپ ھەققىدە خىتاپ قىلىنغۇچى پۈتكۈل ئىنسانىيەتتۇر،مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نامىنىڭ قوش تىرناق ئىچىدە خىتاپ قىلىنغۇچى شەكلىدەبىرىلىشى قۇرئانى كەرىمنى تەپسىر قىلغۇچىلارنىڭ  "ئىجادىيىتى"دۇر . ئىسلامىي ئالىملارنىڭ ئاز بىر قىسمى بۇ ۋەقەنى رەسۇلۇللاھ زامانىدا ئۆتۈپ بولغان دەپ قاراشتى، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى دەلىلى پەقەتلا ئەينى زامان قۇرەيش كىشىلىرىنىڭ ئاچلىق ۋە قورقۇنۇچت اكۆزلىرىگە تۈتۈن تولغاندەك بولۇپ قالغان روھىي ھالىتىنى  كۆرسىتىش بولدى، ھالبۇكى قۇرئانى كەرىمدە بۇۋەقەنىڭ خىيالىي تۇيغۇ ئەمەس بەلكى ئەمىلىي يۈز بەرگۈسى ئىشلىقى بايان قىلىنغان ،كۆپلىگەن ئالىملار ۋە ساھابىلەر بۇ ۋەقەنى قىيامەت يىقىنلاپ قالغان مەھەلدە يۈزبىرىدۇ دەپ قارايدۇ، ھەتتا رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇھىم سىرلىرىنى ئەيتىدىغان بىردىن-بىر كىشىسى ھۈزەيفە رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن يەتكەن ھەدىسكە كۆرە ، ئالىملارنىڭ كۆپى يۇقارقى دۇخان ۋەقەسىنى قىيامەت يىقىنلاشقاندا يۈز بىرىدىغان ئىشلار جۈملىسىدىن دەپ قارىغان ئىدى.

ھۈزەيفە رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى :

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆينىڭ پەنجىرىسىدىن قاراپ تۇراتتى،بىزبولساق قىيامەت توغرىسىدا مۇنازىرە قىلىشىۋاتاتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇنداق دىدى:" سىلەر 10 ئالامەتنى كۆرمىگۈچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ، ئۇلاربولسا كۈننىڭ غەرىپتىن چىقىشى، ئاسماننىڭ تۈتۈن كەلتۈرۈشى، غەلىتە ھايۋاننىڭچىقىشى، يەجۈجى-مەجۈجىنىڭ چىقىشى،مەريەمنىڭ ئوغلى ئېسانىڭ چۈشۈشى، دەججالنىڭچىقىشى، بىر قىتىملىقى شەرقتە، يەنە بىر قىتىملىقى غەرپتە، يەنە بىر قىتىملىقىئەرەپ يىرىم ئارىلىدا بولىدىغان يەر يۇتۇش ھادىسىسى ، ۋە ئادەن شەھرىىدن بىرئوتنىڭ چىقىپ ئىنسانلار نەدە قونسا ۋە نەدە چۈشلۈك ئىستىراھەت ئۈچۈن قونسا شۇيەردە توختاپ  ئۇلارنى ھەيدەپ بىر مەيدانغاتوپلىشى..قاتارلىقلاردىن ئىبارەت .

تەپسىرى ئىبنى كەسىر ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى 5-توم 442-بەت .

يۇقارقى قىيامەتتىن بۇرۇن يۈز بىرىدىغان 10 تۈرلۈك ئالامەت چوقۇم يۈزبىرىدۇ، ئەمما يۈز بىرىش تەرتىپى يۇقارقى باياندا ئالمىشىپ قالغان بولۇشى مۈمكىن،چۈنكى قۇياشنىڭ غەرپتىن چىقىشى قىيامەتننىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئالامىتىدۇر ، بۇخاتالىق يا رىۋايەت قىلغۇچىدا ياكى تەرجىمە قىلغۇچىدا بولۇشى مۈمكىن، كەمىنە بۇۋەقەلەرنىڭ رەت تەرتىپىنى مۇنداق رەتلىدىم:


1-ئاسماننىڭ ھەممە ئادەم ئىنىق كۆرىدىغان تۈتۈن كەلتۈرۈشى. (بۇھەقتە  قۇرئاندا ۋە ھەدىستە دەلىل بار ).

2-دەججالنىڭ چىقىشى . (بۇ ھەقتە ھەدىستە دەلىل بار ).

3-يەجۇجى-مەجۇجىنىڭ دۇنياغا تارقىلىشى . (بۇ ھەقتە  قۇرئاندا ۋە ھەدىستە دەلىل بار ).

4- غەلىتە ھايۋان-دەببەتۇل ئەرزنىڭ چىقىشى. (بۇ ھەقتە  قۇرئاندا ۋە ھەدىستە دەلىل بار ).

5-شەرقتە بولىدىغان زور يەر يۇتۇش-يەر تەۋرەش بالاسى،(بۇ ھەقتەھەدىستە دەلىل بار ). يەر يۇتۇش بالاسىنىڭ بىر قىسمى يۈز بىرىپ بولغان بولۇشى مۈمكىن.

6- يەنە بىر قىتىملىقى غەرپتە بولىدىغان زور يەر يۇتۇش-يەرتەۋرەش بالاسى،(بۇ ھەقتە ھەدىستە دەلىل بار ).

7-يەنە بىر قىتىملىقى ئەرەپ يىرىم ئارىلىدا بولىدىغان  زور يەر يۇتۇش-يەرتەۋرەش بالاسى،(بۇ ھەقتە ھەدىستە دەلىل بار ).

8- بۈگۈنگى يەمەن دۆلىتىگە تەۋە بولغان ئادەن شەھرىدن بىر ئوتنىڭ چىقىپ ئىنسانلار نەدە قونسا ۋە نەدە چۈشلۈك ئىستىراھەت ئۈچۈن قونسا شۇ يەردە توختاپ  ئۇلارنى ھەيدەپ بىر مەيدانغا توپلىشى . (بۇ ھەقتە ھەدىستە دەلىلبار ).

9-مەريەمنىڭ ئوغلى ئېسا ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشۈشى . (بۇ ھەقتە قۇرئانداۋە ھەدىستە دەلىل بار ).ھەيران قالارلىقى شۇكى، ئىسا ئەلەيھىسسالام 33 يىشىدائاسمانغا چىقىپ كەتكەندۇر، ئۇ قايتىپ چۈشىدىغان جاي بۈگۈن ئۇرۇش ئوتى ئىچىدەقالغان سۈرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشىقتۇر، دەمەشىق شەھرى بولسا شىمالىي ئۇزۇنلۇق 33گىرادۇسقا جايلاشقاندۇر .

10-كۈننىڭ غەرىپتىن چىقىشى . (بۇ ھەقتە ھەدىستە دەلىل بار ).


ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

بىر تىلىگۈچى (يەنى نەزر ئىبن ھارىس) كاپىرلارغا چوقۇم بولىدىغانئازابنىڭ (چۈشۈشىنى) تىلىدى [1]. ئۇ (ئازاب) نى ھېچ ئادەم قايتۇرالمايدۇ [2]. ئۇ(ئازاب) ئاسمان شوتىلىرىنىڭ ئىگىسى اﷲ تەرىپىدىن بولغان [3]. پەرىشتىلەر ۋە روھ(يەنى جىبرىئىل) اﷲ قا شۇنداق بىر كۈندە ئۆرلەيدۇكى، ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 50 مىڭ يىلكېلىدۇ [4]. (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ يەتكۈزگەن ئەزىيەتلىرىگە) چىرايلىقچە سەۋرقىلغىن [5]. ئۇلار ئۇ ئازابنى يىراق دەپ قارايدۇ [6]. بىز ئۇنى يېقىن دەپ قارايمىز[7]. ئۇ كۈندە ئاسمان ئېرىتىلگەن مىستەك بولۇپ قالىدۇ [8]. تاغلار ئېتىلغان رەڭلىكيۇڭدەك بولۇپ قالىدۇ [9]. (ھەر ئادەم ئۆز ھالى بىلەن بولۇپ قالىدىغانلىقى ئۈچۈن)دوست دوستىدىن كۆرۈپ تۇرۇپ (ھال) سورىمايدۇ، گۇناھكار ئادەم ئۆز ئورنىغائوغۇللىرىنى، ئايالىنى، قېرىندىشىنى ۋە ئۆزى مەنسۇپ بولغان قەۋم ـ قېرىنداشلىرىنىۋە يەر يۈزىدىكى جىمى ئادەمنى بېرىپ بولسىمۇ، بۇ كۈندىكى ئازابتىن قۇتۇلۇشنى ئارزۇقىلىدۇ [10ـ14]. ياق، ئۇ مۇقەررەر دوزاختۇر [15]. 70ـ سۈرە مائارىج .

....................................................

توكنىڭ نىمە ئۈچۈن ھالاكەتنىڭ ئاساسلىق جاۋاپكارى ئىكەنلىگى ھەققىدە ئىككى ئىغىز ئىلمىي گەپ ساتمىغاندا نۇرغۇن زىيالىيلىرىمىز يۇقارقى دەلىلىمىزدىن قانائەت تاپماسلىقى مۈمكىن. بۈگۈنكى ئىلىم-پەن مۇتلەق ھەقىقەت دەپ تونۇغان مۇنداق بىر فىزىكىلىق قانۇنىيەت بار:

ئىسسىقلىق ھەرزامان تىمپۇراتۇراسى ئۆزىدىن تۆۋەن جايغا قاراپ ئاقىدۇ .

دەل شۇ قانۇنىيەت بولغاچقا ئىسسىقلىق يىراق جايدىكى ئىسسىقلىق شىركەتلىرىدىن بىسىمدا ئۆيىمىزگەكىلىپ، ئۆيىمىزدىىكى پارۋاينىڭ ئىسسىقلىقنى تارقىتىشى بىلەن بىزنىڭ سوغۇق ئۆيىمىزنى ئىسسىتىدۇ.خۇددى شۇنىڭدەك يەر شارىدا توكنىڭ ياردىمىدە كۆيدۈرۈلۈۋاتقان تۈرلۈك ھاسىلىي بايلىقلارنىڭ تارقاتقان ئىسسىقلىقىنىڭ يەر شارىدا توپلىنىشى نەتىجىسىدە ھامان بىر كۈنى ئىنسانىيەت ياشاۋاتقان يەر شارىنىڭ تىمپۇراتۇرىسى يۇقۇرىچەككە چىقىپ قۇياش بىلەن يەر شارىنىڭ تىمپۇراتۇرا پەرقى تەڭپۇڭلاشقان نۇقتىغايىتىپ بارىدۇ . ھالبۇكى بۇ تەڭپۇڭلۇق ئىنسانىيەتنىڭ بەرداشلىق بىرىش چىكىدىن ھالقىپ كىتىدىغان يۇقۇرى تىمپۇراتۇرا بولۇشى ئىنقتۇر.

سىزچە  شۇ ئەھۋال بولۇپلا قالسادۇنيانىڭ ھالى نىمە بولار؟

سىزگە يەنە بىر فىزىكىلىق قانۇنىيەتنىمۇ بايان قىلاي :

مۇبادا ماگنىت ئوتتا قىزىتىلسا ئۇنىڭ ماگنىتلىق خۇسۇسىيىتى يوقىلىدۇ ،ئىشەنمىسىڭىز تۆمۈرنى ئۆزىگە تارتىۋاتقان نورمال بىر ماگنىت پارچىسىنى قىزدۇرپ سىناپ كۆرۈڭ،قىزدۇرۇلغان ماگىنىتىڭىز تۆمۈرنى يەنە تارتامدىكىن؟....

پەننىي ئىسپاتلاشلار يەر شارى ماگىنىت مەيدانىنىڭ ئاللىقاچاندا ئۆزگۈرۈۋاتقانلقىنى دەلىللىدى!..

بۈگۈنكى كۈندىن-كۈنگە ئىسسىپ كىتىۋاتقان يەر شارىدىكى ئىنسانىيەت ئىشلىتىۋاتقان توكنىڭ تۈرلۈك تۇغۇندىسىدىن شەكىللەنگەن پايدىسىز ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن بولغان مۇھىتنى بۇلغاشلارنىڭ نەتىجىسىدە ، ھامان بىر كۈنى يەر شارى ئۆزىنىڭ ماگنىت مەيدانىنى يوق قىلىپ تاشلايدىغان يۇقۇرى تىمپۇراتۇراغا دۇچ كەلمەيدۇ دەپ كىسىپ ئەيتالامسىز؟...

قايسى فىزىك بۇ ھەقتە ئىلمىي دەلىل كەلتۈرەلەيدۇ؟!...

مۇبادا يەر شارىنىڭ ماگنىت مەيدانى يوقالسا نىمە ئاقىبەت كىلىپ چىقار؟...

چوقۇمكى بىر-بىرىنى ھەم تارتىشىۋاتقان ھەم ئىتتىرىشىۋاتقان ماگنىت مەيدانى تەسىر كۈچىنىڭ تەڭپۇڭ نۇقتىسىدا ماكانلاشقان بارلىق يۇلتۇزلارنىڭ ئوربىتاسىدا جىددىي ئۆزگۈرۈش يۈز بىرىدۇ!....

يۇلتۇزلار تۆكۈلىدۇ!...

يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىدىن قۇتۇلغان ئاي شارى قۇياشقا قاراپ ئۇچۇپ قۇياشقا قاتتىق سوقىلىدۇ، بۇ زور زەربىدە قۇياشنىڭ نۇرى ئۆچىدۇ!...

شۇنىڭغا ئوخشىغان زەنجىرسىمان پارتلاشلار تەسىرىدە چەكسىز ئالەم ھالاك بولىدۇ. ھالبۇكى بۇنىڭدەك دەھشەتلىك ۋەقەلەرنىڭ قىيامەتنىڭ قوپقانلىقىنىڭ ئاقىۋىتى جۈملىسىدە قۇرئانى مۇقەددەستە تەكرار بايان قىلىنغانلىقىنى ئىنسانىيەتنىڭ كۆرۈۋاتقىنىغا 1400 يىللارچە بولۇپ قالدى!...

قايسى ھۆكىمەت بۇ ھالاكەتنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ؟!....

ئاللاھ جانابىلىرىدىن باشقا ھىچبىر مەخلۇقاتتا ئۇنداق ئىقتىداريوق!...

ھەركىشى ئۆيىگە ئوت قالاۋەرسە چوقۇم ئىسسىپ كىتىدىغانلىقىنى بىلىدۇ،يەر شارىمۇ بىر ئۆيدۇر، ئۇنىڭ ئۆگزىسى ئوزۇن قاتلىمى، ئاتموسفىرا قاتلىمى،بىوئاتموسفىرا قاتلىمى...دىگەندەك يەتتە قەۋەتتىن تۈزۈلگەن . بىز بۇ ئۆينىڭ ئىچىگە"پىرومتى زىۋىسنىڭ ھوزۇرىدىن ئوغۇرلاپ كەلدى" دەپ ئەپسانە توقۇشقان ئوت بىلەن ، شۇنداقلا توك بىلەن، نىفىت بىلەن،گاز بىلان ، كۆمۈر بىلەن ۋە بىز كۆيدۈرۈشنى بىلگەن تۈرلۈك يىقىلغۇلار بىلەن ئوت قالاۋاتقىلى ئۇزۇن يىللار بولدى، ئەڭ شىددەتلىك يانغىننى يەر شارىغا تۇتاشتۇرۇشىمىز 1820-يىلىدىن كىيىنكى توك دەۋرىدىن باشلانغان، ھالبۇكى بۇ يانغىن كۈندىن-كۈنگە ھەرقايسى ئەل ھۆكىمەتلىرىگە مودا بولۇۋاتقان  "تەرەققىيات" دىگەن يىقىشلىق شۇئارنى پەرداز قىلىپ كۈچەيسە كۈچەيدىكى ئاجىزلىمىدى!..ھەرقايسى ھاكىمىيەتلەرنىڭ ئەڭ بۈيۈك سىياسىتىمۇ ماھىيەتتىن ئالغاندا تەرەققىياتنى دەۋا قىلىپ ئۆزىمۇ سەزمەستىن بۇ يانغىننى كۈچەيتىش بولدى!..مانا بۈگۈن دۇخان دەۋرىگەيەتتۇق!...ئەمدىكى مەجبۇرىي بارىدىغان مەنزىلىمىز نەق جاسىيەدۇر!...

توك - ئىنسانىيەت ئۆزى ياخشى كۆرۈپ ئاچكۆزلەرچە يەۋاتقان جان ئالغۇچ زەھەردۇر!...                     

توك - يەر شارىنىڭ ياقتۇرمىغىنىغا قارىماي ئىنسانىيەت تەرىپىدىن ئۇنىڭغا مەجبۇرىي يىگۈزۈلگەن جان ئالغۇچ زەھەردۇر!...

رەھمەت رەھبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قەدىردان ئۇستازىمىز مۇنداق دەيدۇ:

بىرىڭلار قىيامەتنىڭ قايىم بولغىنىنى كۆرسىمۇ قولىدىكى كۆچەتنىتىكىۋەتسۇن .


يۇقارقى ھەدىس نوقۇل ھالدا كۆچەت تىكىشنىڭ ساۋاپلىق ئىكەنلىگىنى تەكىتلىگەنلا بولماستىن، بەلكى بۇ مۆجىزىلىك ھەدىس ئىنسانىيەتنىڭ قىيامەتكە يىتىپ بىرىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتىشىنىڭ كۆچەت تىكىش بىلەن ئوڭ تاناسىپ ئىكەنلىگىنى،ئەكسىچە قىيامەتكە يىتىپ بىرىش سۈرئىتىنى تىزلىتىشىنىڭ كۆچەت كىسىش بىلەن ئوڭ تاناسىپ ئىكەنلىگى نىبايان قىلغاندۇر!...بۇ ھەدىسنىڭ تىگىدە ياتقان ئىلاھىي رەھمەت ۋە مۆجىزىنى باتىلدا ئەزۋەيلەشكەن غاپىل دۇنيا تىخىچە ھەقىقىي رەۋىشتە تونۇشقا مۇشەررەپ بولالمىدى.

شۇنداق، ئاخىرقى مەنزىلىمىز بولغان جاسىيەگە ھامان يىتىپ بارىمىز، ئىسراپخورلۇق ۋە راھەتپەرەسلىكنى نىشان قىلغان تەرەققىيات بىزنى مەنزىلىمىزگە تىز سۈرئەتتەيېقىنلاشتۇرىدۇ، قانائەت ۋە نامراتلارچە ياشاش ۋە باغ-ئورماننى كۆپلەپ تىكىش، دىخانچىلىقنى ئاساس قىلغان ئەنئەنىۋىي يىشىللىقنى سۆيگەن تۇرمۇش ئۇسۇلى... بىزنىڭ جاسىيەگە قاراپ ماڭغان سەپىرىمىزنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىشى مۈمكىن، ھالبۇكى بۈگۈنكى دۇنيادا ئەنئەنىۋىي يىشىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئىنسانىيەت توپى، ئەنئەنىۋىي يىشىل كەسىپنى ۋەيران قىلىش بەدىلىگە كۈچەيگەن ئىنسان توپى تەرىپىدىن قالاق ۋە نادان دەپ كەمسىتىلمەكتە،بوزەك قىلىنماقتا!..ھالبۇكى ئاشۇ قالاق ئىنسان توپى ئۆزى بىلىپ-بىلمەي يەر شارىنى جاسىيەدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن دۇنيا راھىتىدىن ۋاز كەچكەنلەردۇر!...ھەتتا ئۇلار60-70 يىللىق ئۆمرىدە تەخمىنەن 2 يىل يىمەي-ئىچمەي روزا تۇتۇشىدۇ، بۈگۈنكى دۇنيادىكى روزا تۇتىدىغان ئىنسانىيەتنىڭ دۇنيادىن بەھرىمان بولۇشنى رامىزان سەۋەبىدە ئۆزىدىن چەكلەپ ، يەر شارىغا تىجەپ بەرگەن ماددىي بايلىقىنىڭ سانىنى ئالىدىغان ئىنساندىن ئارىمىزدا قانچىسى باردۇ؟...ئەمما شۇنىسى رىياللىقكى، بۇئۈممەتنىڭ قانچىسىنىڭ روزا تۇتقانلىقىنى ئۆچمەنلىك بىلەن سانايدىغانلار ئارىمىزدانۇرغۇن!....روزىنىڭ ماھىيىتى -ئاللاھ رىزالىقىنى كۆزلەپ ئۆز نەپسىدىن ۋاز كىچىپ ئۆزگىلەرگە ياشاش پۇرسىتى كۆپەيتىپ بىرىش دىمەكتۇر!...

ئىھ بۈيۈك دىن!..

ئىھ ئالىجاناپ تەسلىم بولغانلار!...

ئىھ مۇبارەك غېرىپلار!...

سىلەر مەخلۇقاتقا بىرىلگەن ئەڭ ئىسىل نىئمەتنىڭ ئىگىسىدۇرسىلەر!....

بۇ نىئمەتنى قەدىرلەڭلار ۋە ھەممىنى بەدەل قىلىپ بولسىمۇ بۇ نىئمەتنى ساقلاپ قىلىڭلار!...

چۈنكى باتىل تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنغان دۇنيانىڭ يۈرىگىدىكى جاراھەتنى سىلەرنىڭ قەلبىڭلاردىكى ئىسلامىي سۆيگۈلا  ساقايتالايدۇ!...

بۈگۈنكى غەرپچە پەلەسەپىدە يىتىلگەن ئاتالمىش بىلىملىك ۋە تەرەققىي قىلغان يۇقۇرى ساپالىق ئىنسان توپى، يەر شارىدا 30 يىلدا ئاران ھاسىل بولالايدىغان ئىنىرگىيەنى 1 يىلدا كۆيدۈرۈپ تۈتۈن ۋە ئىسسىقلىققا ئايلاندۇرۇپ  دۇنيانى جاسىيەگە قاراپ تىزراق مىڭىشقا ئىتتەرمەكتە!...شۇنىسى مۇقەرەرلىككى، پۇلدىن باشقىنى چۈشەنمەيدىغان ئاق ياقىلىق ئىسىلزادە ماگناتلار مەيلىگە قويۇۋىتىلسە ، بۇ سۈرئەت 50-100 يىللىق بايلىقنى بىر ئايدا كۆيدۈرۈدىغان يۇقۇرى تىزلىككىمۇ پات يىقىندا يىتپ بولىدۇ.

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بۇرۇنلا ئالدىن خەۋەر بەرگىنىدەك تەرەققىياتتا ئارقىدا قالغان ئىنسان توپى بولمىش مۇسۇلمانلارنىڭ شىئە نامىدائاتالغان بىر قىسمى ئالاقىدار ھەدىستە پارىسلارغا تەققاسلانغان ئېراننىڭ ئارقىسىدىن سوكۇلدىسا، سۈنئى نامىدا ئاتالغان بىر قىسمى ئالاقىدار ھەدىستە رۇمغا تەققاسلانغان غەرپنىڭ ئارقىسىدىن سوكۇلدىماقتا!..ھەتتا ئۇلار بىزنى كىلەنىڭ ئۇۋىسىغا تەكلىپ قىلسىمۇ شەرەپ ھىس قىلىپ كىرىشكە دەرھال ماڭىمىز ، چۈنكى بۈگۈنكى دۇنيادا سانائەتتە كۈچلۈكلەرنىڭ تۇتقان يولى ئەڭ توغرا دەپ تونۇلماقتا. بىزنىڭ توكنى سەلبىي تەرەپتىن بايان قىلىشىمىز يىشىل ئەقىدىلىك ئىنسان توپىنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ توكنىڭ رولىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى نۇرغۇن ئىشلاردا پاسسىپ ئورۇنغاچۈشۈرۈپ قويغانلىقىدا بولماستىن، بەلكى توكنىڭ سەۋەبىدە رىياللىققا ئايلانغان سانائەتلىشىشنىڭ پۈتكۈل يەر شارى مەخلۇقات-مەۋجۇداتلىرىنى تۇيدۇرماي ھالاكەت  يولىغا جەلىپ قىلىۋالغانلىقىدادۇر!...

شۇنىسى ھەقىقەتكى ، بىز يىشىل چۆپنى قۇۋۋەت قىلىدىغان ئىشەككە مىنىپ سەپەر قىلساق جاسىيەگە ئالدىرىماي يىتىپ بىرىشىمىز مۈمكىن، مۇبادا سېرىق يالقۇننى قۇۋۋەت قىلىدىغان ئالەم كىمىسى بىلەن سەپەر قىلساق جاسىيەگە ئۇزۇنغا قالماي يىتىپ بارىمىز ، ئەپسۇسكى ھەممىگە سەپسەتىدەك ئاڭلىنىدىغان بۇ ھەق سۆزنى ياقتۇرىدىغان ئىنسان بۈگۈنكى يەر يۈزىدە يوق ھىساپتا، ھەتتا مۇشۇ يۇسۇندا ياشاشقا بۇيرۇلغان مۇسۇلمانلارنىڭ سانىمۇ كۆپ قالمىدى. راھەت تۇرمۇشقا بولغان ھىرىسمەنلىك تەپەككۈرىمىزنى سىراتىل مۇستەقىمنىڭ داغدام يولىدىن چىقىرىپ ، ھالاكەتنىڭ قارا ئۆڭكۈرى ئالەمنى يالمايدىغان ئوربىتاغا  بىزنى ئاللىقاچاندا ئىتتىرىۋەتكەن.قىسقىسى بىز ئىنتايىن خەتەرلىك دۇنياپەرەسلىكنىڭ ھالاكەت ئوربىتاسىدا ، تاللاشقاباشقا ئىمكانىمىز يوق ھالەتتە جاسىيەنىڭ دەرۋازىسى بولغان قارا ئۆڭكۈرگە قاراپ جىددىي ئۇچماقتىمىز!..


رەھمەت رەھبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ :

ھەرقانداق ئۈممەتكە پىتنە كىلىدۇ، مىنىڭ ئۈممۈتىمنىڭ پىتنىسى مال-دۇنيادۇر .

رىيازۇس سالىھىن 55-باپ 482-ھەدىس .

رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام، مىنىڭدىن كىيىن سىلەرگە دۇنيانىڭ گۈزەللىكى ۋە زىننەتلىرىنىڭ ئىچىلىپ كىتىشىدىن قورقىمەن، دىدى .

رىيازۇس سالىھىن 55-باپ 458-ھەدىس .

.............

ئەلبەتتە ھالال پۇل-مال ئىسلامدا ياخشى كۆرۈلىدۇ، ئەمما بىزنىڭ ئۆچ كۆرىدىغىنىمىز پۇل-مالنىڭ دۇنيادىكى ئىلاھىي رەھمەت -ئىكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇدىغان ھەرقانداق بىر ئۇسۇلدا ھاسىل قىلىنىشى ۋە كىشىلىك ھاياتنىڭ بىردىن-بىرئالىي نىشانى بايلىق توپلاش دەپ قارىلىشىدۇر .

ھوزۇرلۇق تۇرمۇشنى قوغلىشىپ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان ئى بەخىتسىز ئىنسان ،پات يېقىندا كۆچەت تىكىش مەۋسۇمى يىتىپ كىلىدۇ، ئەتەڭ ئۈچۈن بىرەر تۈپ بولسىمۇ كۆچەتنى ئارتۇق تىكىپ قوي.

بىر تەڭگىلىك ھوزۇر ئۈچۈن مىڭ پاتمان ئازاپنى چىللاۋاتقان ئى نادان ئىنسان ، بىر تۈپ دەرەخنى كىسىشتىن  بۇرۇن21 تۈپنى تىك ، چۈنكى بىر تۈپ دەرەخ 20 يىلدا ئاران كەسكۈدەك بولىدۇ .

ماشىنىلاردا گىدىيىپ كىتىۋاتقان ئى نادان ئىنسان، شۇنى بىلگىنكى ،ئاستڭدا ئىسسىقلىققا ۋە تۈتۈنگە ئايلىنىۋاتقان بىنزىن ئەجدادىڭنىڭ جەسىدىدىن ھاسىل بولغان مايدۇر . سەنمۇ ئۇزۇنغا قالماي ئۇلار كىرگەن يەرگە كىرىپ ،ئۇلار ئايلانغان نىفىتقا ئايلىنىسەن، ياكى جاسىيەگە بىرىپ يىقىلغۇغا ئايلىنىسەن، ئاخىرقى مەنزىلىڭنى ئەستىن چىقارماي ياشا ، مۇبادا مەن قايتا تىرىلمەيمەن دەپ ئېتىقاد قىلساڭ، گىنشۇناس ئالىملىرىڭدىن سوراپ باققىنكى ،ئۇلار كىلونلاپ چىقىۋاتقان 3000يىل بۇرۇنقى جەسەتنى ئۆلتۈرگۈچى زات ئەلبەتتە كىلونشۇناسلار ئىگىلىگەن كىلونلاش تىخنىكىسىزمۇ ئۇ جەسەتنى تىرىلدۈرەلەيدۇ.

ئى شۆھرەت قايغۇسىدا توم-توم كىتاپلارنى يازغان ئايپاڭباش پەيلاسوپلار!...مۇتەپەككۇرلارچە دادىل قاراشلىرىڭلار ياراتقان تەڭداشسىز پەلەسەپەۋىي قىممەتلەر ئوسرۇققىمۇ تەڭ بولالمايدىغان دەملەر مۇخلىسلىرىڭلارغا قاراپ مەسخىرىلىك ھىجىيىپ كىلىۋاتىدۇ!...

ئى دۇنيا غىمىدە پاينەكباش بولۇپ كەتكەن سىياسىيۇنلار!....ئۇلۇغۋارپىلانىڭلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پۇرسەت تۇغۇپ بىرىدىغان ئەلۋەك ۋە سىخىي يەر شارى ئايىغى چىقماس سىياسىي ئارزۇيۇڭلاردەكلا يوق بولۇش ئالدىدا تۇرۇپتۇ....

ئى ئاخىرەت غىمىدە دوقاباش بولۇپ كەتكەن زاكىرلار!....يوقۇلۇش ئالدىدىكى يۇلتۇزلارنى تەسبىھىڭلەرگە ئۇرۇق قىلىپ ، جانابى ئاللاھقا چەكسىز ئالەمدىكى پىلانىتلاردا ماكانلاشقان ئاتوملارنىڭ جەمئى سانىچە ھەمدۇ-ساناھلار ۋەتەۋبە-ئىستىغپارلار ئېيتىۋالغايسىزلەر!...

سۇبھانەللاھى ۋەبى ھەمدىھى، سۇبھانەللاھىل ئەزىم!......

ۋەئفۇئەننا، ۋەغفىرلەنا ۋەرھەمنا، ئەنتە مەۋلەنا فەنسۇرنا ئەلەلقەۋمىل كافىرىن!....

ئامىن!...يا رەببىل دۇنيا!...

ئامىن!...يا رەببىل ئىنسان!...

ئامىن!... يا رەببىل ئاخىرەت!...


2013-يىلى 2-ئاينىڭ 27-كۈنى .


شەپەرەڭ



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   shepereng تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-1 06:00 PM  


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
orhunogli + 100 دەلىللەر يېتەرلىك
زاغرا + 200 دەلىللەر يېتەرلىك
ANWAR425 + 200 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى ت.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 500   باھا خاتىرىسى

پادىشاھ ئەيتار:
شەپەرەڭ نۇردىن قورققاچقا تۈندە ئۇچار.
پاشا ئەيتار:
شەپەرەڭ مەندەكلەرنى تۈندە تۇتار.
شەپەرەڭ ئەيتار:
جاھالەتتەك تۈننىڭ ماھىيىتىنى ھىدايەتلىك قەلبىمدە كۆرەلىگەچكە تۈندە ئۇچارمەن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72418
يازما سانى: 931
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1336
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 613 سائەت
تىزىم: 2012-1-1
ئاخىرقى: 2015-4-5
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-1 11:08:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماگىنىت مەيدانى ئىلىكتىرو ماگىنت تەسىرىدە ئىسسىقلىقتىن يوقالمايدۇ ھەركەت يوقالسا ماگىنىتلىق خۇسىيەت يوقىلىدۇ  ئالدى بىلەن يەرشارى ھەركەتتىن توختىسا ئاندىن قىزدۇر سىڭىز 1000گىرادىستىن ئاشسا ئاندىن ئۆزگىرىش بولىشى مۆمكىن نىمشكە دىسىڭىز يەرشارىنىڭ يادىروسىنىڭ ھازىرقى تېمپىراتۇراسى تەخمىنە 30مىڭ گىرادۇستىن ئوشۇق يەنىلا ماگىنىت مەيدانى مەۋجۇت سىز دەۋاتقان قېزدۇرۇشتا پەقەت سۆننى مىتالىنىڭ ماگىنىتلىنىش خۇسۇسىيىتىدە ئۆزگىرىش بولىشىمۆمكىن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75733
يازما سانى: 460
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4812
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 568 سائەت
تىزىم: 2012-2-14
ئاخىرقى: 2015-3-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-2 12:16:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئايروپىلان چۈشۈپ كەتسە،  -يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىنى سەن بايقىغان . دەپ نىوۋتونغا ئارتىپ قويغىلى بولمىغاندەك،يەر شارىنىڭ ئىللىپ كېتىشىنى توكقا ئاتىپ قويساق بولماس.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92382
يازما سانى: 150
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 352
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 47 سائەت
تىزىم: 2013-2-27
ئاخىرقى: 2013-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-9 09:04:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شۇ ئەمەسمۇ  ھاۋانىڭ ئىسسىپ كىتىشىنى پۈتۈنلەي توكقا ئارتىپ قويساقمۇ توغرا بولماس قىرىنداشلا  بۇ سىزنى ئەيىپلىگىنىم ئەمەس قىرىندىشىم ھەرگىز مەيۇسلەنەڭ قەلىمىڭىز توختاپ قالمىسۇن

مۇنبەردىكى بارلىق دوسلارغا مەندىن ئوتلۇق سالام

ئۈچ مىتىر چوڭقۇرلۇقتىكى سۇ

ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76177
يازما سانى: 661
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6911
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 462 سائەت
تىزىم: 2012-2-18
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-9 10:05:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئويلىغان بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش،   

توك چىقارغان ئىسسىقلىق ھىچقاچان ئىسراپ بولمايدۇ.  يەنى توك ئىشلىتىلگەنىكەن چوقۇم ئىسسىقلىق چىقىرىدۇ.




سەن مىنڭ ھەققىمگە ئاللاھتىن نىمە تىلىگەن بولساڭ ئاللاھ ساڭا شۇنىڭ ئىككى ھەسسىنى بەرسۇن!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 90698
يازما سانى: 112
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 300
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 51 سائەت
تىزىم: 2013-1-27
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 01:54:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىزىمنى يۇقاتقان تورداشلىرىم.ئۇنى نىمىشكە ئەيىپلەيسىلەر.يۇرتىمىزنىڭ كۆمۈرىنى قاتىق پىتى يۆتكەش مۇمكىن بولماي،توككا ئايلاندۇرۇپ ئەكەتسە،يۇرتىمىز دا قانداقتەرەققىيات بولىدۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ھەي،سۆز ئىچىدىكى سۆزنى يۇقاتقان سىزىمنى يۇقاتقا مىللىتىم...............

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 38489
يازما سانى: 0
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2015-4-4
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 04:29:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن!!!
تەرەققىيات  قانچە تىز بولسا ،ھالاكەتمۇ (زامانە ئاخىرمۇ )شۇنچە تىز بولىدۇ!
موھىتنى ئاسىراشقا چوقۇم ئەھمىيەت بىرىشىمىز كىرەك!چۈنكى:يەر شارىدا باللىرىمىز،نەۋرىللىرىمىز......نىڭمۇ ھەققى بار!!!!

نىجات ئەكبەر

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57244
يازما سانى: 1198
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7103
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 358 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 05:30:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پاھ پاھ... ئالامەت يېزىلىپتۇ. پاكىت- دەلىللەرنى كۆرۈپ مەنمۇ ئاغزىمنى ئېچىپ تۇرۇپلا قالدىم
دەرھەقىقەت، قۇرئاننىڭ مۆجىزىلىرى ئۇنىڭ ئىنسان سۆزى ئەمەسلىكىنى، ئۇنىڭ تەڭداشسىز خاسىيىتىنى كۈنسېرى ئوچۇق ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.

بۇ ئوت ئاپىتىنى كۆڭلۈمدە بۇزۇقچىلىق، تەكەببۇرلۇق، مەنمەنچىلىك قاتارلىق يامان ئىشلار ئەۋج ئالغان قاراماي خەلقىگە قارىتا ئاللاھنىڭ قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشى بولسا كېرەك، دەپ ئويلىدىم. قارامايدىكى قېرىنداشلىرىمىزنى ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91725
يازما سانى: 764
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2366
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 553 سائەت
تىزىم: 2013-2-15
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 07:58:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ساقلىۋالدىم  ،  تېما ئىگىسىگە رەھمەت  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 80802
يازما سانى: 610
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6061
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 804 سائەت
تىزىم: 2012-5-30
ئاخىرقى: 2015-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-10 08:24:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توك بولمىغان دەۋىرنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىن ئەمەس .توك بولمىسا يەر شارى ئادەملا بولىدىكەن  بۇلغىندۇ ئەگەر يەنە بىر تەرەپتىن ئويلىساق توك موھىت ئاسراشتا كەم بولسا بولمايدۇ چۈنكى توك بولمىسا دەرەخ كىسىپ ئىسسىنىشقا توغرا كىلىدۇ يورۇتۇشقا توغرا كىلىدۇ مانا بۇ موھىت بۇلغايدۇ ئەمەسمۇ ؟ توك بولغاچقا تۆۋەندە ئىقىۋاتقان دەريانىڭ سۈيىنى يۇقىرغا تارتىپ چىقىرىپ دەرەخلەرنى سۇغىرىمىز، تۇرمۇشىمىزدا توك بولمىغان كۈننى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز  توك بولغاچقا سىز بەھوزۇر ئولتۇرۇپ مۇشۇ تىمىنى يازغانسىز؟ سىزنىڭ كاللىڭىزدا چوقۇم چاتاق بار سىز بىر ئۆتۈپ كەتكەن رادىكال ياكى بولمىسا بىر ساراڭ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش