مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       13827 
  •    ئىنكاس 
       242 

مىسرانىم مۇنبىرى باشقۇرغۇچى قوبۇل قىلىدۇ

قەۋەت ئاتلاش
Misranim
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   120 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   59904 (سوم)
 ياخشى باھا:   1167 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1402  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5700
 سائەت
دەرىجىسى:
5700 سائەت 240 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-16
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
— بۇ يازما Misranim تەرىپىدىن قۇلۇبلاندى (2010-08-07) —

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانىم تور بېكىتى قوللىغۇچىلىرى.
مۇنبىرىمىز شىنجاڭ بويىچە كىيىكى قەدەمدە تۇنجى بولۇپ ئېچىلغان ئۇيغۇر مۇنازىرە مۇنبىرى بولۇپ ،تورداش دوستلارنىڭ قوللىشى نەتىجىسىدە 3 ئايغىمۇ يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە كىشىنى خوشال قىلغۇدەك تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى.  شۇنداقلا ئەزا سانىمىزنىڭ تېز سۈرەتتە كۆپىيىشى بىلەن ،يازما سانى 100000 غا يېتەي دېدى ،3 ئايدىكى بارلىق يوللانغان تىمىلار 8000 گە يېقىن،بۇنىڭ ئىچىدە سىلەرگە ئىلغاپ چىقىرىپ بەرگىنىمىز 4500 ئەتراپىدا،، دېمەك كۈندىلىك يازما بۇرۇنقى 60 دىن ،ھازىرقى 300 ئەتراپىدا(شەنبە يەكشەنبە بۇنىڭ سىرتىدا) بولىۋاتىدۇ، توراش دوستلارنىڭ تىمىلارغا بولغان كۆز قاراشلىرىمۇ ھەر ھالدا جايىدا ..
تورداشلارنىڭ مىسرانىمنى كۆز قارچۇغىدەك ئاسراپ بۈگۈنكى كۈنگە ئېلىپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمىز...بۇنىڭدىن كىيىنمۇ دۆلىتىمىزنىڭ قانۇن سىياسەتلىرىنى چىقىش قىلغان ھالدا مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز...


مەقسەتكە كەلسەك....    

مۇنبىرىمىزدىكى تىمىلارنىڭ يوللىنىش سۈرىتىنىڭ تىز بولۇپ كېتىشى سەۋەبلىك ،ھازىرقى باشقۇرغۇچىلار يېتىشىپ بولالمىدى،ياكى بۇرۇن ياخشى باشقۇرغان باشقۇرغۇچىلار بۇرۇنقىدەك كۆپ ۋاقتىنى ئاجىرتالماس بولۇپ قالدى، بىز ئالدىنقى قاراردا  بىر قىسىم باشقۇرغۇچىلارغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ باردۇق..
يەنە بىز ساپالىق ،سىياسىي ئېڭى يۇقىرى بولغان بىر قانچە نەپەر باشقۇرغۇچىغا ئېھتىياجلىقمىز،
باشقۇرغۇچى بولۇشتا ھېچقانداق باشقۇرۇش بىلىمى تەلەپ قىلىنمايدۇ..


باشقۇرغۇچى تاللاش ئىككى باسقۇچ بويىچە داۋام ئېتىدۇ..

1- باسقۇچ ،باشقۇرغۇچى نامزاتىنى كۆرستىش ياكى دادىللىق بىلەن باشقۇرغۇچى بولۇشنى تەلەپ قىلىش
2- مۇۋاپىق دېگەن باشقۇرغۇچىلارغا بېلەت تاشلاپ راي سىناش ئارقىلىق ۋەزىپىگە ئولتۇغۇزۇش.


تەلەپ:


توردىكى ۋاقتى بىر قەدەر ئۇزۇنراق بولىشى كېرەك.
يېشى 25 ياشتىن چوڭ بولىشى كېرەك.
مىسرانىمغا نىسبەتەن ئازدۇر كۆپتۇر چۈشەنچىسى ،مېھرى بولشى كېرەك.
كۆپرەك مۇنبەر ئارلايدىغان،كۆچۈرۈلمە تىمىلارنى ۋاقتىدا پاش قىلالايدىغان بولشى كېرەك.
تەمكىن،ئېغىر بېسىق بولىشى،مەسىللەرنى توغرا ھەل قىلالايدىغانلار بولىشى كېرەك..



مۇنبىرىمىز بۇرۇنقى 3 مۇنبەرنىڭ سەركەردە ئەزالىرىدىن تاللانغان ئەزالارنىڭ كۆپىنچىسىنى قوينىغا ئالدى،بىراق كۆپلىگەن كىشىلىرىمىز،قارىسىنى كۆرسەتمەي پەقەت تىما كۆرۈپلا ئولتۇردى،، بىز ئۇلارنىڭ جاسارەتلىك ھالدا مىسرانىمغا كۈچ قوشۇشىنى ئۈمۈد قىلىمىز،



باشقۇرغۇچى قوبۇل قىلىش شۇئارىمىز:


بىزگە قىسقا مۇددەتلىك باشقۇرغۇچى لازىم ئەمەس، بەلكى بەلنى چىڭ باغلىغان ،ئۇزۇن مۇددەت بىز بىلەن تەڭ ئالغا ئىلگىرلەپ ماڭىدىغان جاپاغا چىدايدىغان باشقۇرغۇچى لازىم!


تورداشلارنىڭ ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ تەلەپ بويىچە ئۆزىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتسە ... كىيىن شۇ تونۇشتۇرغان بويىچە تاللاش باسقۇچىدا تاللىنىپ چىقىدۇ..
ئەگەر ئۆزى قىلالماي قالسا ،مۇنبەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان كىشىلەرنى تەۋسىيە قىلسىمۇ بولىدۇ...ئەگەر مۇنبەردە دىيەلمەي قالسا تېلفون  13899972729 نۇمۇر ئارقىلىق دېسىمۇ بولىدۇ..  ماس كەلگەن ئەزا ياكى ئۆزىڭىزنى مۇشۇ تىمىغا ئىنكاس قىلىپ يوللاپ قويۇڭ!

قېنى جۈرەتلىك بولۇڭ ،پەقەتلا تور مۇھىيتى بولسىلا ،مۇكەممەل پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە باشقۇرۇش سۇپىسى،باشقۇرغۇچىلار پىكرى بىلەن ھەممە ئىشلارنى 0 دىن باشلاپ ئۆگىتىمىز،(پەقەتلا سىزدە ئاخىرغىچە بىللە مېڭىش نىشانىڭىز بولسىلا)!



باشقۇرغۇچى ئارخىبىنى قوبۇل قىلىش بۈگۈن 8- ئاينىڭ 5- كۈندىن 8- ئاينىڭ  8 - كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى كەچ سائەت 12 گىچە


مىسرانىم تور مۇلازىمەت ئىشخانىسى
مىسرانىم مۇنبەر باشقۇرۇش گۇرۇپپىسى
2010 - يىلى 8- ئاينىڭ 5- كۈنى

مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە
زامانى مۇنبەر پۇلى +20 2010-08-06 مىسرانىم سېستىمغايەنە قاراپ باقسىڭىز مىنىڭ 3-4 بولۇپ قالدى يانىلا 134 سائەت  ئۇنىڭ ئۇستىگە دىلسىرمۇ قايسى بىر قىزمۇ شۇنداق دەيدۇ  جۇغلانمامۇ 4600دەك قىلاتتى4169 تۇرىدۇ؟؟؟
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
مېھرىزات
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.945

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   572 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   33193 (سوم)
 ياخشى باھا:   344 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   388  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2670
 سائەت
دەرىجىسى:
2670 سائەت 80 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-26
ئاخــىرقىسى:2011-10-22
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-08-05

رويخەتكە ئالدۇرۇشنى باشلاڭلار ئەمىسە تورداشلار ...
 
ئاقارغان يۈز، قىيىلغان قاش، قۇيۇلغان ياش،
كېسىلگەن باش،چۇۋۇلغان چاچ،تۆكۈلگەن قان.
تىتىلغان تەن،تۈگۈلگەن مۇشت،كىرىشكەن چىش،
پۈتمەس غەزەپ ئىزى بولۇپ چىقتى بۇ جان!
axkar
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1854

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1250 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3041 (سوم)
 ياخشى باھا:   357 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   461  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4343
 سائەت
دەرىجىسى:
4343 سائەت 297 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-01
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-08-05

توردا كۆپ ۋاقىت تۇرىدىغانلا  لىك قوپۇپ مىسرانىمغا بىر تۆھپە قوشىۋىتىڭلا !  ئارقا بەتكە تىما توشۇپ كەتتى دەيدۇ .
ئاستىدىكى سۆزلىرىڭگە نىمە دىسەم بولار . بۇرۇنقى 3 مۇنبەرنىڭ بىرىدە مەنمۇ شۇ باشقۇرغۇچىلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان . ئەڭ كەسكىن مەزگىللەردىمۇ  ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ كەلگەن .  ئەمما ھازىر ئوخشىمايدۇ .  خىزمەتكە چىققاندىن بىرى كۈنلىرىم ئالدىراشچانلىق بىلەن ئۆتىۋاتىدۇ ،  تور ئالدىغا  2-3 كۈندە بىر قىتىم كىلەلەيمەن . ( دەم ئىلىش كۈنلىرىمدىن باشقا كۈنلەردە ) . شۇڭىغىمۇ . بۇرۇن ھەپتىسىگە بىرەر تىما يوللىمىسام كۆڭلۈم ئۇنىمايدىغان ئادەم ھازىر مىسرانىمغا ئارانلا ئەزا بولۇپ يۈرىۋاتىمەن .   قابىليەتلىك ئەزالىرىمىز نۇرغۇن .  ھەممىسى مىسرانىمنىڭ ئەتىسى ئۈچۈن.

تېما ئىگىسىگە قالدۇرۇلغان سۆز

سىزمۇ شۇنداق ياخشى نامزاتتىڭىز،مۇشۇنداق خىجىل بولۇپ ،تارتىنىپ يۈرۈپ ھەممە جاپا ماڭا قالدى، ئەسلى سورۇن راسلىغاندىكىن ساھىپخان دىگەن تالشىپ تۇرۇپ ئىش قىلغاننى كۆرگەن   ئەمسە باشقا تورداشلار تىمىغا مۇناسىۋەتىسز ئىنكاس يازمىغايسىلەر.... قېنى

[ بۇ يازما axkar تەرپىدىن 2010-08-05 02:27 AM دە قاي ]

 
دۈشمەنلىرىمگە ئۈزۈم تىتىيمەن ، دوستلىرىمنىڭ قەستىدىن ساقلا خۇدايىم!
Janpolat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1686

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1883 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   633 (سوم)
 ياخشى باھا:   264 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   292  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2259
 سائەت
دەرىجىسى:
2259 سائەت 41 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-31
ئاخــىرقىسى:2011-10-25
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-08-05

ئاۋۇ 3 مۇنبەرنىڭ سەركىللىرىنى قوينىغا ئالدى،لېكىن تېما كۆرۈپ قارىسىنى
كۆرسەتمىدى دېگەنگە بىر گەپ قىلاي.
بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇرۇن مۇنبەرلەرگە كۈچ چىقىرىپ،ئۆزىنىڭ قىلالىغىنى بويىچە
ئىش قىلىپ كەلگەنلەر.بۇرۇن شۇ 3 مۇنبەر بار ۋاقىتتىمۇ ھەرقايسى مۇنبەرنىڭ باللىرى يەنە بىر مۇنبەرگە كىرگەندە بىر يەردە بولمىسا بىر يەردە توقۇنۇشۇپ قالاتتى.يالغان دەيدىغانلار بولسا سۆزىڭىزنى قىلىڭ.بۇ مۇنبەرگە كەلگەندىن
كېيىنمۇ شۇنداق ئىشنىڭ بولۇپ قېلىشى تۇرغانلا گەپ،ھەم بىر نەچچە قېتىم شۇنداقمۇ بولدى،لېكىن كەينىدە ئىشلار لىللا بىر تەرەپ قىلىنمىدى.ھەر بىر ئادەمدە
كۆڭۈل بولىدۇ،بىر كىشىنىڭ كۆڭلى كۆڭۈل يەنە بىرسىنىڭ باشقا نېمە ئەمەس.
ھەم مۇنبەردە بەزى كاتتىلىرىمىز قىز بالىغا كەلگەندە باشقىچە ھېسىياتتا ئىش قىلىدىكەن.مانا بۇ ئەڭ چوڭ توسالغۇ.ھازىرقى زاماندا ئەر-ئايال باراۋەر دېگەن
پىرىنسىپ بار،شۇ بويىچە باراۋەر ئىش قىلساڭلار،جىمىپ قالغان ئەزالارمۇ باش كۆتۈرىشى مۇمكىن.
پىكىر-تەكلىپ تېمىسىنى 2-3 كۈندە بىر يوللايسىلەر،ئەزالار ئۆز قارىشىنى تەكلىپىنى بېرىدۇ،لېكىن بىرسىگە كاتتىدىن بىرسى چىقىپ بىر ئېغىز گەپ قىلمايدۇ.
ئىمزەك سالىدىغان ئىشلار جىق بولۇپ كەتتى،مانا ھازىرقىدەك تېما 1 ئاي بۇرۇنمۇ يوللانغان،تاللىغان،سايلىغان،قانداق بولدى ئون نەچچە كۈندە موللاق ئاتتى،نېمە سەۋەپتىن باشتا ئالدىراقسانلىق قىلغانلىقتىن.پەقەت ھېسىياتىمىز بويىچە ئەمەس سەل ئويلىنىپ ئىش قىلايلى.بىر بېكىتتۇقمۇ كاتتىنى شۇنى چىداپ
خرلى ئۇزۇنغىچە ئىشلىتەيلى.بىر ئىش چىقسا ھەممىنى بوشىتىپ،كېيىن يەنە تېما يوللاپ تاللاپ قىلىپ يۈرۈش ياخشى ئەمەس،ئەزالار ئارىسىدىمۇ باشقىچە تەسىر
بېرىپ قويىدۇ.باشقۇرغۇچى تاللاشتا شۇ كىشىنىڭ تېمىسى،ئىنكاسىغا قاراپ ئەمەس
شۇ كىشىنىڭ بەزى ئىشلاردا تۇتىدىغان پوزىتسىيسىگە قاراپ تاللاڭلار.مۇشۇنچىلىك سۆزلەي،جىق سۆزلىسەم يەنە چەكلىنىپ قالماي ھەپتە.

مەن بولۇپ باقايما باشقۇرغۇچى.مېنىڭ توردىكى ۋاقتىم ئۇزۇن ئىشقىلىپ.ۋاقتىم يەتسىلا بەز كۈنلىرى ئون نەچچە سائەت بار،ۋاقىت يەتمىگەن كۈنلىرىمۇ ئشقىلىپ نەچچە سائەت بار.

تېما ئىگىسىگە قالدۇرۇلغان سۆز

ئىچكى زىددىيەت ،گوروھۋازلىق بىلەن مۇنبەردە شۇنداق ئىشلار يۈز بەردى،بىراق تەرەققىيات يولىدا ئەگرى توقايلارنى يېڭىپ ئۆتمەك كېرەك،چۈشۈرگەن باشقۇرغۇچىلاردىن گورۇھۋازلىق قىلمىغان،جىدەل چىقارمىغانلارنى ئەسلىگە ئەكىلىپ بولدۇق،پىكرىڭىزگە رەھمەت


 
Ceddin deden neslin baban  
Hep kahraman
Türk milleti orduların pek çok zaman  
Vermiştiler dünyaya şan  
  
Türk milleti Türk milleti  
Aşk ile sev milliyeti  
Kahret vatan düşmanını
Çeksin o mel’un zilleti
√YaMaHa√
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5542

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   169 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5752 (سوم)
 ياخشى باھا:   194 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   255  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 76
 سائەت
دەرىجىسى:
76 سائەت 14 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-03
ئاخــىرقىسى:2011-06-05
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-08-05

مىنىڭ  دەرىجەم توشىمايدىكەن..............
باشقا دوسلار  سىلەر  تىزىملىتىڭلار !!!!!!!
 
ھەممە ئىش ئاللا خالىسا بولىدۇ .................
zulpukar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.57

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   322 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5360 (سوم)
 ياخشى باھا:   229 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   300  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2047
 سائەت
دەرىجىسى:
2047 سائەت 43 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-08-19
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-08-05

مىنىڭ يېشىم  دەللۇڭ  تۇشىدىكەن   مەن بولسام قانداق      
 
بۇ جاھان بىز ئۈچۈن  بىر ئۆتەڭ خالاس... www.qirah.com
Janpolat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1686

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1883 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   633 (سوم)
 ياخشى باھا:   264 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   292  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2259
 سائەت
دەرىجىسى:
2259 سائەت 41 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-31
ئاخــىرقىسى:2011-10-25
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-08-05

قارىسام گۈلسىما ھەدەم بار ئىكەن مۇنبەردە،شۇنىڭ بىلەن ئالاقىلشىپ بېقىڭ.
ۋاقتى يار بەرسە شۇ ھەدەم باشقۇرغۇچى بولسىمۇ بولىدۇ،بۇرۇنمۇ شۇنداق ياخشى
قىلغان باشقۇرغۇچىلىقنى.
يەنە ئاۋۇ 1-بولۇپ ئىنكاس يازىدىغان مىھرىزاتمۇ بولىدۇ.بۇ قىزنى چىڭ تۇتمىساڭلار قاچىدىغانغا ئاز قالدى.
ئىشەنمىسەڭلار قاراپ تۇرۇڭلار.مۇنبەردىن قاچتى ئەكىلىش تەسكە توختاپ قالىدۇ.
 
Ceddin deden neslin baban  
Hep kahraman
Türk milleti orduların pek çok zaman  
Vermiştiler dünyaya şan  
  
Türk milleti Türk milleti  
Aşk ile sev milliyeti  
Kahret vatan düşmanını
Çeksin o mel’un zilleti
kugul
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.129

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   3516 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1917 (سوم)
 ياخشى باھا:   1923 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2172  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2521
 سائەت
دەرىجىسى:
2521 سائەت 229 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-08-05

ئەڭ ياخشىسى ئەزالار سايلاپ باقايلى.مەن سۇتۇق بۇغرانى كۆرسىتىمەن.
 
بىرئاللاھ قىلا مۇھەببەت باغلايمەن!ئاللاھ قا مۇھەببەت باغلىغان ئىنسان ھەرگىزمۇ زىيان تارتمايدۇ.
مېھرىزات
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.945

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   572 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   33193 (سوم)
 ياخشى باھا:   344 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   388  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2670
 سائەت
دەرىجىسى:
2670 سائەت 80 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-26
ئاخــىرقىسى:2011-10-22
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-08-05
Janpolat نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

ئىلھام ئىزدەپ سەل يىراقلاپ قالدىم  ...

ھازىرچە ئەزالىقنى ياخشى قىلىپ تۇراي، ئاز كۈندىن كېيىنلا مەكتەپكە كېتىپ قالسام تورغا چىقىش قولايسىز بولۇپ قالىدۇ، ئۇ چاغدا تورداشلارنىڭ، مۇنبەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقالماي قالىمەن. مۇنبەردىن قېچىش مۇمكىن ئەمەستەك قىلىدۇ، ئاللىبۇرۇنلا باغلىنىپ قاپتىمەن بۇ يەرگە...  
 
ئاقارغان يۈز، قىيىلغان قاش، قۇيۇلغان ياش،
كېسىلگەن باش،چۇۋۇلغان چاچ،تۆكۈلگەن قان.
تىتىلغان تەن،تۈگۈلگەن مۇشت،كىرىشكەن چىش،
پۈتمەس غەزەپ ئىزى بولۇپ چىقتى بۇ جان!
Jidelhor
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.82

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   152 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   17739 (سوم)
 ياخشى باھا:   207 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   260  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 31
 سائەت
دەرىجىسى:
31 سائەت 19 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2010-09-16
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-08-05

ئەسلىدە مسىرانىمدا باشقۇرغۇچى كەم ئىكەندە؟مۇنازىرە تېمىرىلىغا چۈشۈۋاتقان  ۋە ھاقارەت تۈسىنى ئالغان ئىنكاسلارنىڭ،دەل ۋاقتىدا ئۈچۈرلۈپ ماڭماسلىقنىڭ سەۋەبىنى ئەمدى چۈشەندىم.

مىسرانىم ئەپەندىگە يەنە بىر تەكلىپ:
مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ بۈگۈنكى تەرەققىياتىنى،تورداشلارنىڭ قوللاپ قۇۋەتلىشىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.لىكىن ساننى قوغلۇشۇپ سۈپەتكە كاپالەتلىق قىلىنمىسا،مۇنبەرنىڭ كىيىنكى تەرەققىيات ئىستىقبالىغا تەسىر يىتىشى مۈمكىن.
تەستىقلىسىمۇ بولىدىغان تەستىقلىمىسىمۇ بولىدىغان تېمىلارنى، شەرتسىز يوسۇندا تەستىقلىماسلىق كىرەك.بىر قىسىم تېمىلار تەستىقلىنىپ،قىزغىن بەس مۇنازىرە قىلىنىۋاتقاندا،تۇيۇقسىز:<<تېمىڭىز ئۆچۈرۈلدى>>دىگەن قىسقا ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالغىنىڭىزدا،ئىسراپ بولغان ۋاقىت ۋە سەرىپ قىلىنغان زىھىنغا ھەييييييييي دەپلا قالىدىغان گەپ ئىكەن.
مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى،ئۇيغۇر تور مەدەنىيتى ئۈچۈن خالىس تۆھپە قوشقۇچىلاردۇر.ئۇلار قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ،مۇنبەرداشلارنىڭ يازمىلىرنى بىرمۇ بىر كۆرۈپ،ئىملالىرىنى تۈزۈتۈپ،تورداشلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن مۇنبەرگە يوللاپ بىرىدۇ، شۇڭا باشقۇرغۇچىلاردىن رەنجىپ يۈرۈشنىڭ ھاجىىتى يوق.
باشقۇرغۇچى بىرەر ئەمەل-مەنسەپ ئەمەس،شۇڭا مۇنبەردىكى ھەر بىر سەھىپىگە بىردىن باشقۇرغۇچى تەيىنلەش تەكلىۋنى بىرىمەن،شۇندىلا مۇنبەرگە يوللىنىۋاتقان ھەر بىر تىمىغا چۈشۈۋاتقان ئىنكاسلارنى،ۋاقتى-ۋاقتىدا كۆرۈپ، مۇۋاپىق بولمىغان ياكى تېمىدىن چەتنىگەن ئىنكاسلارنى،ۋاقتىدا تازلاپ،پاكىزە بولغان مۇنبەر موھېتىنى قوغداپ قالغىلى بولىدۇ.
[ بۇ يازما Jidelhor تەرپىدىن 2010-08-05 03:06 AM دە ]

 
ۋەتىنىم مۇنقەر بولمىسۇن دىسەڭ،ھاياتىڭنى ۋەتەن ئۈچۈن قۇربان قىل!!!
alga~nap
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5643

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   86 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1033 (سوم)
 ياخشى باھا:   216 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   268  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1176
 سائەت
دەرىجىسى:
1176 سائەت 14 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-05
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-08-05

ئالدى بىلەن مىسرانىم ئۇيغۇر مۇنازىرە مۇنبىرىنىڭ بۇندىن كىيىنكى تەرەققىياتىنىڭ يەنىمۇ ياخشى بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۇرىمەن .
بۇرۇن بىرمۇنازىرە مۇنبىرىدە نەچچە يىل باشقۇرغۇچى بولغان ئىدىم.مۇنبەرئارىلاش ،ماتىريال كۆرۈش ئارقىلىق نەزەر دائىرىم كىڭەيگەن تاشقى دۇنيا بىلەن تىخىمۇ بەك تونۇشقان ئىدىم.شۇڭىمۇ مۇنازىرە مۇنبەرلىرىگە نىسبەتەن ئالاھىدە مېھرىم بار .
بىر ياخشى مۇنبەرنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىشى ،ئاجىزلىقتىن -زورۇيىشى يالغۇز مۇنبەر قۇرغۇچىسىغىلا باغلىق ئەمەس. بەلكى شۇ مۇنبەردىكى ئىقدىدارلىق باشقۇرغۇچىلار قوشۇنىغا باغلىق.ئۇنداقتا مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى ئۆزىدە قانداق ساپا ھازىرلىشى كىرەك ؟
1. مۇنبەر باشلىقى يۇقۇردا شەرت بويىچە قويغان تورغا چىقىش ۋاقتى كۆپ بولۇش كىرەك دېگەن شەرتنى ھازىرلىشى كىرەك .بىراق بۇ ئاساسىي شەر ت بولالمايدۇ .بۇنىڭغا مەدىنيەت ساپاسى يوقىرى بولۇش كىرەك دېگەننى قوشۇش كىرەك .مۇنبەر باشقۇرغۇچىسى ھەقىقىي ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تونىسا ئۇ <يىرىم تەھرىر>. شۇنداق ئىكەن ئۆزىدە ئازراق ساپا بولمىسا قانداقمۇ باشقىلارنىڭ يازغان ئەسىرىگە باھابىرەلەيدۇ ھەم تەستىقلاپ باشقىلار ئالدىغا ئېلىپ چىقالايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۆزى مەسئۇل بولىۋاتقان شۇ سەھىپىگە نىسبەتەن تولۇق چۈشەنچىدە بولۇشى كىرەك .ھازىر چايخانىلارغا كىرسە نىمە تولا باشقۇرغۇچى تولا .نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر تور چايخانىلىرى بارا -بارا ناخشا سورىنىغا ئايلىنىپ كەتتى.سەۋەبى يەنىلا توردا تۇرۇش ۋاقتى ئۇزۇن، بىراق ساپاسىز بىر قىسىملارنىڭ شۇ يەرنى باشقۇرۇپ تۇرۋاتقانلىقىدىن بولىۋاتىدۇ. شۇنداق ياخشى بىر مۇنازىرە تېمىسى ئوتتۇرغا قويۇلسا شۇ تېمىنى ئوتتۇرغا قويغان كىشى بىلەنلا چەكلىنىپ قىلىۋاتىدۇ. باشقۇرىۋاتقان ئادەمنىڭ شۇ قويۇلغان تېمىنى قورشاپ مۇنازىرە قوزغاشقا مادارى يەتمىگەچكە كەينىدىنلا يەنە بىرى ناخشا قويۇپ بەرسە توسىماي قويۇپ بىرىپ بىر ياخشى تېمىلارنىڭ جايىدىلا تاشلىنىپ قىلىشىغا سەۋەپچى بولىۋاتىدۇ .شۇ سەۋەپتىن بىزنىڭ نۇرغۇن ئىلغار زىيالىلىرىمىز چايخانىلاردىن زىرىكتى .گەرچە ئاز بىرقىسىم ئىلغار باشقۇرغۇچىلار قوشۇنى بولسىمۇ بىراق ئۇلار يەنىلا يېتىشەلمەيۋاتىدۇ ياكى <قارىغۇنىڭ شەھىرىگە بارساڭ بىر كۆزۈڭنى قىس>تىن بولىۋاتىدۇ.دىمەك ساپا مەسىلىسى ئەڭ موھىم شەرت.
2. ئاز تولا تەھرىلاش قابىليىتى بولۇش كىرەك .بۇنىڭ ئىچىدە ئىملا خاتالىقى ئەڭ موھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ. ئۇيغۇر مۇنازىرە مۇنبەرلىدە ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان ئامىل دەل مۇشۇ ئىملا خاتالىقىدۇر .بىز بىرئادەمگە باھا بەرگەندە ئالدى بىلەن بىزنىڭ روھى دۇنيارىمىزغا تەسىر قىلىدىغىنى ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتى .باشقىلارغا ياخشى تەسىر بىرىش ئۈچۈن تاشقى قىياپەت يەنىلا  موھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ.دىمەك مۇنازىرە مۇنبەرلىرىنىڭ ئىچىلغاندىكى باش بەت دەل مۇشۇ مۇنبەرنىڭ باشقىلارغا بىرىدىغان بىرىنچى تەسىرىدۇر. تېمىلار قاتارىغا شۇنداقلا قارايدىغان بولساق بەزى تېمىلار ئۇزۇن ئاستىغا چۈشۈپ كەتكەن ياكى بىر قاراپلا نېمە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدۇ .بەزىلەر ھەددىدىن زىيادە قىسقا يوقۇرىدىن تۆۋەنگە قارىسا تېمىلار قاتارى خۇددىي ئادەم ئۈستىگە كاستۈم كىيىپ ،گالىستۈك تاقاپ ئاستىغا كالتە ئىشتان كىيگەندەكلا كۆرۈنىدۇ. ئۇندىن باشقا مەزمۇنىغا ياخشى قاراش .بۇرۇن نۇرغۇن مۇنبەرلەردە باشقۇرغۇچىلارغا ھەركۈندە مۇنبەر تېما تەستىقلەيسەن دەپ باشقۇرغۇچىلارنى مۇسابىقىگە سالىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلگەن .شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ بىر قىسىم كاللىسى قىزىپ قالغان باشقۇرغۇچىلار قارىمايلا تەستىقلاپ چىقىرىپ مۇنبەرلىرىمىزنى قالايمىغانلاشتۇرۋەتتى.تېما پاخاللىقى كېلىپ چىقتى .مۇنبەرلەرنىڭ ئۆزگىچىلىكى قالمىدى. ماۋۇ مۇنبەردە بىر ئىسىمدا ئۇچرىغان تېما باشقا مۇنبەردە يەنە بىر ئىسىمدا ئۇچرىدى. شۇنىڭ بىلەن شۇ تېمىغا مۇناسىپ ئىنكاس يوللانماي تېما ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى تالىشىپ ئىنكاس يوللىدى. گەرچە شۇ تېمىنىڭ كۆرۈلۈش قېتىم سانى نەچچە مىڭغا يەتكەن بولىسمۇ بىراق ھەقىقىي نەپ ئالغانلار نەچچە ئونغىمۇ يەتمىدى. بەزىلەر مەزمۇنىنى كۆرمەيلا ئىككى تەرەپكە بۆلۈنۈپ ئۇرۇشقا چۈشتى .بۇ يەنىلا شۇ باشقۇرغۇچىلارنىڭ سەۋەبىدۇر .
3. باشقۇرغۇچىمۇ تېما يوللاش كىرەك .ئاز يوللاش ،ساز يوللاش .ئۆز تەسىر دائىرىسىنى تۇرغۇزۇش كىرەك .
4. چوقۇم ئۆزى مەسئۇل بولغان دائىرىگە يەنى سەھىپىگە تولۇق مەسئۇل بولۇشى يوللانغان ئىنكاسلارنى تولۇق كۆرۈپ چىقىشى مۇۋاپىق كۆز قارىشىنى شەرھىيلىشى كىرەك .ئىنكاسنى< تېمىغا ئىنكاس يوللىغۇچى>غا ياكى تېما ئىگىسىگە ئەمەس شۇ تېما مەزمۇنىغا قارىتا يېزىشنى تەشۋىق قىلىشى شۇنداق ئىنكاسلارنى قوللىشى مۇۋاپىق بولمىغانلىرىنى ئۆچۈرۈشى كىرەك.
5. ئالاھىدە ئېغىر -بىسىق بولۇش ،ئوت ئۈستىگە ياغ چاچماسلىق كىرەك .بۇرۇنمۇ بۇنداق ئىشلار كۆپ كۆرۈلگەن .مۇشۇ سەۋەپتىن بىر قسىم يازغۇچىلىرىمىز ئارىسدا سوغۇقچىلىقمۇ كېلىپ چىققان .لىكىن توغرا مەيدانغا چىڭ تۇرۇش ئېغىپ كەتمەسلىك لازىم .چۈنكى كۆپلىگەن تورداشلارنىڭ بىر قىسىم باشقۇرغۇچىلارغا نىسبەتەن مېھىرى بولىدۇ ئالاھىدە چوقۇنىدۇ .مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا گۇرۇھ تەشكىللەشتىن ساقلىنىش لازىم.
6.نادىر تېمىلارنى مەيدانغا كەلتۈرۈشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كىرەك .باشقۇرغۇچى يوللىغان تېما نادىرلىنىپ ئەزالار يوللىغان تېملارنىڭ بىر چەتتە قىلىشىدىن قاتتىق ساقلىنىش ‹ئەسكى چاپا ن ئىچىدىمۇ گۆھەرگە بەرگۈسىز ئادەملارنىڭ بارلىقىنى ›ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىزلازىم.
ئۇيغۇر توربەتلىرىنىڭ خەلقىمىزگە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزىدىغان ئورۇن بولۇشى ئۈچۈن ھەربىر تورداش مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىدا بولسا ،ئېلىشنىمۇ ،بىرىشنىمۇ بىلسە ئىشىنىمەنكى بىزنىڭ تورئىشلىرىمىز يەنىمۇ گۈللەنگۈسى!!
[ بۇ يازما alga~nap تەرپىدىن 2010-08-05 03:38 AM دە ]

 
ئاددىي ئەمما تولىمۇ شەرەپلىك ئوقۇتقۇچى بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن!
ئادىلە
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2025

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1760 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   18354 (سوم)
 ياخشى باھا:   923 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   644  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4928
 سائەت
دەرىجىسى:
4928 سائەت 22 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-02
ئاخــىرقىسى:2011-10-12
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 2010-08-05

مۇنبىرىمىزدە خېلى ياراملىق ئەزالار بار ئىدى. بۈگۈن ھەممىڭلار نەگە كەتتىڭلار....