ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار، _BCT.ual بىزدە پەرزەنت تەربىيىسىنىڭ پالەچ ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشى، ئېتىقات چۈشەنچىسىنىڭ سۇسلىشىشى، ...قاتارلىق بىر قاتار سەۋەپلەر تۈپەيلى، ياشلىرىمىزدا غەرىپ مەدىنيىتىگە قارىغۇلارچە چوقۇنىدىغان خاھىش باش كۆتۈرمەكتە. شۇنداقلا چەت ئەلدە ئوقۇپ كەلگەن بەزى كىشىلىرىمىزنىڭ غەرىپ ۋە ئۇيغۇرلۇق ھەققىدىكى بىر قىسىم يۈزەكى يازمىلىرىمۇ، ياشلىرىمىزنى قايمۇقتۇرۇپ قويىۋاتماقتا. شۇڭا ياشلىرىمىزنىڭ غەرىپ مەدەنىيىتى ھەققىدە ئاز تولا چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشى ۋە تەپەككۇر قىلىپ كۆرۈشىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن مەلۇم قىممىتى بار دەپ قارىغان تۆۋەندىكى ماقالىنى، بۇ مۇنبەرگە يوللاپ قويدۇم. مۇۋاپىق مەنپەتلەنگەيسىلەر. %0Vc\M@"G Q)93
69 gFgcxe6
=I{S;md )8\Z=uC MEDskvBG غەرىپ دۇنياسىدىكى ئەخلاقى يىمىرىلىش oF`-cyj" << شەيىخ سەئىدنىڭ نەي ئۈنى يارىقتىن ياخشىدۇر پەقەت>> دىگىنىدەك، غەرىپ دۇنياسى ئاڭلىماققا شۇنداق جەزبىلىك، شۇنداق ھۆر...چوڭقۇرلاپ كىرگەندە شۇنى كۆرىمىزكى، بۇ جەمىيەتنىڭ تۈزۈلۈشى، ئادەمنى تەتۈر قىيناشتا ئاجايىپ ئۇستۇلۇق بىلەن تۈزۈلگەن بولۇپ، ناھايىتى غۇۋا ھېس قىلىنىدىغان بۇ تۈزۈلمىنى توغرىراق تەسۋىرلەشمۇ تەس. ئەركىنلىك توغرىسىدىكى داۋراڭلارنى بەك يالغان دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، كىشىلەر غايىسىزلەشتۈرۈلگەن، پۇلنىڭ قۇلىغا ئايلاندۇرۇلغان، ماشىنا ئادەملەردەك بىر تۈرلۈك پېروگراممىلانغان ھالەتكە كەلگىنى ئۈچۈن، دىيىلىۋاتقان ئەركىنلىكتىن پايدىلىنىدىغان كىشىنىڭ تايىنى يوق ياكى پايدىلنىش ھەققىدە ئويلىغىدەك ھالى يوق. ]IL3 $eR مەنىۋى قەدىريەتلەر تامامەن يوقالغان بولۇپ، بىر دەۋىرلەر<<ۋەتەن>> دەپ جان بەرگەنلەر مۇشۇلارنىڭ ئەجدادىمىدى؟ دەپ ئويلاپ قالغىدەك ھالغا چۈشۈپ قالغان. بۇنداق مەنىۋى قىممەتلەر ئۈچۈن، ئۇلار مىت قىلىپ قويىدىغاندەك ئەمەس. ھەممە پۇلنى مەركەز قىلغان بولۇپ، ئەڭ كۆپ سۆز تېمىسى، ئەڭ كۆپ خىيال تېمىسى، ئەڭ كۆپ ھەرىكەت ئوبېكتى...ھەممىسى پۇل. fdvi}SS8 دىنى تۇيغۇلار تامامەن ئۆچكەنلىكى، ئەخلاققا ئۈندىگۈچى ۋە ئىچكى چەكلىگۈچىدىن تامامەن <<ئازات>> بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئۈچۈن ھەممە ئىش جائىز كېلىدىغان بىر ھالەتتە. ئۇلار ئېتىقات قىلىدىغان خىرىستىيانلىقنىڭ جەزبىدارلىقى كۈنسېرى ئاجىزلاپ، كۈلكە ئوبېكتىغا ئايلىنىپ قالغاچقا، چېركاۋلارغا قاتنايدىغانلار يوق دىيەرلىك. پەقەت بۇنى بىر خىل غەرىپ مەدىنىيىتىنىڭ سىموۋۇللۇق ئىپادە شەكلى سۈپىتىدە ھاكىمىيەتلەر كۈچ بىلەن تۇتۇپ تۇرىۋاتقان، كېرەكلىك بارلىق ئىمكانىيەتلەر يارىتىلىپ تەشۋىق قىلىنىۋاتقان ، كۈنسېرى چۆلدەرەۋاتقان چېركاۋلارغا ئادەم جەلىپ قىلىش ئۈچۈن، چېركاۋدا شەھۋانى ناخشىلارنى ئېيتىش، ئاشىق مەشۇقلار تېپىشىش،... ھەر ئىشقا يول قويۇلىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا كۆزلىگەن ئۈنۈم قازىنىلماي، ئەكسىچە بۇ دىننىڭ نوپۇزىنىڭ چۈشۈشىگە،ئۇنىڭ ئىلاھلىق تۈسىدىن گۇمانلىنىشقا ئېلىپ بېرىپ،تېخىمۇ بەك دىنسىزلىققا سەۋەپ بولىۋاتىدۇ. H74NU_ ئۇنىڭ ئۈستىگە كېيىنكى يىللاردا << كىشىلىك ھوقۇق>> سەپسەتىسىدىن پايدىلىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئازغۇن قىلمىشلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇھەببىتى مۇخلىسلىرى، قانۇننىڭ بۇ خىل بوشلۇقىدىن پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەتلەرگە بېسىم ئىشلىتىۋەرگەنلىكتىن،بەزى دۆلەتلەر ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ توي قىلىشىنى قانۇنلاشتۇرۇشقىچە بېرىپ يەتتى. باشلىنىشتا قارشى تۇرغاندەك قىلغان چېركاۋلار، تەدرىجى دىنى پىرىنسىپلىرىنى<< ئىسلاھ قىلىپ>> ، <<كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش>> نىقاۋى ئاستىدا بۇ خىل، ئاللاھنىڭ يارىتىش قانۇنىيەتلىرىگە مۇخالىپ، چەكتىن ئاشقان شەقى قىلمىشقا دىنى جەھەتتىن يول قويۇپ، ئوخشاش جىنىسلىقلارنىڭ نىكاھلىنىشىنى توغرا تونۇشقا باشلىدى، ھەتتا چېركاۋدا نىكاھ مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشكىچە بېرىپ يەتتى. F&-5&'6G+ بۇنداق تاپتىن چىققان قىلمىش خىرىستىيانلىقنىڭ نوپۇزىنى تېخىمۇ سۇندۇرى. خىرىستىيان مىللەتلەرنىڭ بۈگۈنكى ئەۋلادىنى خىرىستىيان دىيىشكە بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار غەرىپ مەدەنىيىتىنىڭ بىر تۈرلۈك بەلگىسى بولۇپ قالغان. ئۇلارنىڭ سىموۋۇللۇق ئىسىمدىن ئىبارەت ھالغا چۈشۈپ قالغان خىرىستىيانلىققا ھىچقانداق ھۆرمىتى يوق. بۇ ھال ئۇلارنىڭ ئەخلاقى نۇقتىدىن چەكسىز بىر بوشلۇققا چىقىشىغا، ھەر قانداق نومۇسسىز ئىش- ھەرىكەتلەرنى تارتىنماستىن قىلىۋېرىشىگە يول ئېچىپ بەردى. ئۇلار گەرچە خىرىستىيانلىق ھەققىدە ھېچنىمە بىلمىسىمۇ، ئۆمرىدە بىرەر قېتىم چېركاۋغا بېرىپ باقمىسىمۇ، دىنى ئۇقۇملار ھەققىدە چىدىغۇسىز بىمەنە چاخچاق ئارلاشتۇرۇشتىنمۇ يانمايدىغان ھالغا كەلگەن بولسىمۇ، بۇلار ئىسلام دۈشمەنلىكى تۈپەيلىدىنلا، ئۆزلىرىنى خىرىستىيان ھېساپلايدۇ. ئەمما بۇ شەرىق مەدىنىيىتىگە قارشى ئېيتىلغان غەرىپ ئۇقۇمىدىن باشقا ھېچ نەرسە ئەمەس، بۇنىڭ دىن بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋېتى يوق. `,<>){c| خىرىستىيانلىقنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھالى يەنە شۇنىڭدىنمۇ ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇكى، نۇرغۇن چېركاۋلار يەر مۈلۈك ھېساۋىدا سېتىلماقتا. بۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى مۇسۇلمان تەشكىلاتلىرى، جامائىتى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنىپ، مەسجىد قىلىپ ئۆزگەرتىلمەكتە. خىرىستىيانلىقنىڭ گېرمانىيەدىكى ئەھۋالى مەلۇم قىلىنغان بىر خەۋەردە دىيىلىشىچە، يەنە كېلەركى يىللاردا 10 مىڭ چېركاۋنىڭ تاقىلىش ئېھتىمالى بارلىقى يېزىلىش بىلەن ، بۇنىڭ ئەكسىچە ، مۇسۇلمان ئىبادەتخانىلىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە كۆپىيىۋاتقانلىقى يېزىلغان. گېرمانىيەدە 159 مەسجىد بار ئىكەن. يەنە 128 ى ئېچىلىش ئالدىدا ئىكەن. بېرلىندا 8 مىڭ 500 نېمىسنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى، بىر مەزگىل پروتىستانت دىنىنىڭ (خىرىستىيانلىق ئىچىدىكى بىر تۈر) دىنى زاتلىرىدىن بولغان ۋە كېيىن مۇسۇلمان بولغان نېمىس _ مۇھەممەد ھېرزۇگ _ نىڭ دىيىشىچە، بېرلىندا ئوتتۇرىچە ھەر ئايدا 15 نېمىس مۇسۇلمان بولىۋېتىپتۇ. بۇ ھالنى ئېتىراپ قىلىپ، سەيمىل ھاننىڭتۇن ئۆزىنىڭ << مەدىنيەتلەر توقۇنۇشى ۋە دۇنيا تەرتىۋىنىڭ قايتا ئورنۇتۇلۇشى>> دىگەن كىتابىدا شۇنداق دەيدۇ: ياۋرۇپادا ياۋرۇپا مەدەنىيىتى ئۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولغان خىرىستىيان دىنىنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەن ۋەيران بولىدۇ. ئەمىليەتتىمۇ ياۋروپادا دىنى ئېتىقاتنى ئۇلۇغلايدىغان، دىنى ئۆرىپ- ئادەتلەرگە رايە قىلىدىغان، دىنى پالىيەتلەرگە قاتنىشىدىغانلارنىڭ سانى ئازايماقتا. دىمەك، مەنىۋى تۈۋرۈكىدىن ئايرىلىشى سەۋەبىدىن، خىرىستىيانلارنىڭ بۈگۈنكى ئەۋلادى ئەخلاقى يىمىرىلىش ھالىتىدە تۇرماقتا. \=TWYj_Ah
ئىنسانى مېھىر- شەپقەتنىڭ تۈگىشى D}3cW2!9 +G>aj'\M| غەرىپتە ئىنسانلار ئارىسىدا ھەقىقى دوستلۇق يوق. بۇنداق دوستلۇق پەقەت ئىپتىدائى جەمىيەتكە خاس چۆچەكلەردىلا بولىدىغان خىيالى توقۇلمىدەك بىر نەرسە ھالىغا كېلىپ قالغان. ھەممە نەرسىنىڭ پەقەت پۇل بىلەنلا ئۆلچىنىشى، پۇل بىلەنلا قىممەتلەندۈرۈلۈشى تۈپەيلى، دوستلۇق تەكلىپىمۇ گۇمان بىلەن قارشى ئېلىنىدىغان بولغاچقا، بۇنداق بىر دوستلۇقنىڭ مەيدانغا كېلىشى مۈمكىن بولماس ھالغا كەلگەن. Qq6%53 خىزمەتداشلار ئارىسىدا 25 تىيىنلىق تەڭگىلەرنىڭمۇ ئۆتنە قىلىنىشى تولىمۇ نورمال بولۇپ، ھەتتا ئاشىق - مەشۇقلارنىڭ رېستۇراندا بىللە تاماق يەپ، ھېساباتنى ئايرىم قىلىشىمۇ ئەيىپ ھېساپلانماس يوسۇنغا ئايلانغانلىقى، ئەركەكچىلىك، مەرتلىك دىگەنلەرنىڭ بۈگۈنكى دەۋىرگە يات ساددىلىق ھېساپلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇڭا بىرەر شەرىقلىقنىڭ بىر نەچچە دوللارغا قىلىدىغان مەرتلىكى، ئۇلاردا گۇمان، سۇئال تۇغدۇرىشى، ئەجىبا ئۇ پۇلنى كوچىدىن تېپىۋالغانمىدۇ ياكى ئۇ مېنى بىرەر ئىش ئۈچۈن سېتىۋالماقچىمۇ ؟ دىگەندەك ھەيرانلىق نەزىرى بىلەن قارىشى، ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس. :z}~U3,JE KH
iYV
ئائىلە بېغىنىڭ بوشاپ ئاخىرقى چەككە يەتكەنلىكى غەرىپلىكلەردە ئائىلە بېغىنىڭ ئېچىنارلىق دەرىجىدە بوشاپ كەتكەنلىكى كۆرۈلمەكتە. بىر ئانا ۋە دادىنىڭ بىردىن بىر ئوغلى ياكى قىزى، بويىغا يەتكەندىن كېيىن، ئۆيىدىن ئايرىلىپ ئۆز ئالدىغا ياشاشقا باشلايدۇ. بىر شەھەرنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرۇۋاتقىنىغا قارىماي، ئاتا – ئانىسىنى ھەتتا يىلدا بىرەر قېتىم يوقلاپ كېلىشكە چولىسى تەگمەيدىغانلىقى تولىمۇ ئېچىنىشلىقتۇر. ئەگەر بىرەر قېرىندىشى ئاغرىپ قالغان تەقدىردىمۇ، ئۇنى يوقلايدىغان يېقىنلىرىنىڭ بەكلا ئاز بولۇشى، بەزىلىرى پەقەت تېلېفۇن ئارقىلىق ئەھۋال سوراپ قويۇش بىلەنلا چەكلىنىشى، بەزىلەرنىڭ ئىش ياكى ئارىلىق باھانىلىرى بىلەن پەقەتلا كەلمەسلىكى،... نىڭ نورمال بىر يوسۇنغا ئايلىنىشى، مېھرىبانلىقنىڭ تۈگەپ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ بىر ئىپادىسىىنى تەشكىل قىلىدۇ. #0#V$AA> t2`X!` j.e`i
p
تۇرمۇشنىڭ ھەممە ساھەسىدە ھۆكۈمران ئورۇنغا چىققان پۇل ئۇقۇمى ~%::r_hQ پاراڭلىشىپ تۇرغان ئىككى ئادەمنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېىتپ، ئۇلارنىڭ پارىڭىغا ئىختىيارسىز قۇلاق سېلىپ قالسىڭىز، ئۆتۈپ كەتكۈچىلىك بولغان ئاشۇ پەيىتتىلا، <<پۇل>> دىگەن سۆزنىڭ پاراڭ ئارىسىدا كېچىۋاتقانلىقى ئۇقۇلماي قالمايدۇ. مەكتەپتە دەرىس مىساللىرىدا مۇئەللىم پۇل ياكى پۇلغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلاردىن نېرى كېتەلمەيدۇ. شۇنىسى تېخىمۇ ئوچۇق دەلىللىگۈچى بولالايدۇكى، ھەتتا ھاجەتخانىدا ئولتۇرغانلار ھاجەتخانا توسمىسى ۋە ھاجەتخانا تېمىغايېزىپ قويىدىغان ئەپسانە سۆزلەر ئىچىدىمۇ، ئۈچتىن ئىككى قىسمىنىڭ <<پۇل>> مەزمۇنىدا ئىكەنلىكى دىققەتنى تارتىدۇ. GNj/jU bTI&#Hu ھېچقانداق بىر مەنىۋى غايىلىرىنىڭ بولماسلىقى ئادەملەردە مەنىۋىيەت پەقەت شەخسى ھوزۇرىنى تەمىن ئەتكۈچى نەرسىلەرلا بولۇپ قالغان. دۆلەتكە، مىللەتكە، ئىنسانىيەتكە ئائىت بىرەر مەنىۋى قەدىريەتكە باغلىنىشنى كۈلكىلىك ھېساپلايدىغان ھالەتكە كەلگەن. ھېلىمۇ مىللەتنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان چېچېنلەر ۋە ياكى ئىراقلىقلار،... مەسخىرە ئوبېكتى بولۇنماقتا. ئەگەر ئۇلار بىلىدىغان، ئۇلارنىڭ تارىخىدىكى قەھرىمانلارنى مىسال قىلىپ، ئۇلار نىمىشقا ئۆلگەن؟ دەپ سورىسىڭىزمۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپمۇ قويماستىن ، بەزى يۈزى قېلىنلىرى: ئۇ بىر ساراڭ ئىدى، دەيدۇ. <'+R%6
}*{\)7g كۆرۈنۈشتىكى ئىنسانىلىق، مەدەنىلىك ۋە ئەمىليەتتىكى ئىنسانغا يات قىلمىشلار MWp\D#H J,& |