مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       9503 
  •    ئىنكاس 
       124 

«سىيىت نوچى» داستانى توغرىسىدا قايتا ئويلىنىش

قەۋەت ئاتلاش
pasil
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36113

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   159 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4600 (سوم)
 ياخشى باھا:   77 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   78  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2056
 سائەت
دەرىجىسى:
2056 سائەت 34 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-02
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
— تېما باشقۇرغۇچى jahanger تەرپىدىن نادىرلاندى. (2011-09-22) —

                                   «سىيىت نوچى» داستانى توغرىسىدا قايتا ئويلىنىش Pi|WOE2  
                                                         پاسىل .f)&;Af^  
ئەدەبىيات تارىخىمىزغا نەزەر سالغىنىمىزدا بىرەر يازغۇچى مەلۇم بىر تېمىدا ئەسەر يازسا باشقىلارمۇ شۇ تېمىدا يازىدىغان، ئالدىنقىلار يازغان تېمىنى كېيىنكىلەر قايتا يازىدىغان ئەنئەنىۋى ئادەتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بايقايمىز. مەسىلەن، «گېرمانىيىدە 1775- يىلدىن1808- يىلغىچە 29 يازغۇچى فائۇست ① توغرىسىدا رومان يازغان». ② ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزغا قارايدىغان بولساق «پەرھات- شېرىن» ھەققىدە ئەسەر يېزىش ناۋايىدىن نىمشىھتقىچە، ھەتتا بۈگۈنگىچە ③داۋاملىشىۋاتىدۇ. dq d:V$o  
يۇقارقى پاكىتلار مېنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن خېلى بۇرۇنلا قەلەم تەۋرىتىلىپ، كۆز قاراشلار ئاساسەن مۇقىمدىلىپ قالغان «سىيىت نوچى» داستانى توغرىسىدىكى مۇلاھىزىنى قايتا ئەزۋەيلىشىمگە ئىلھام بولدى. i*-[-hn-V  
سىيىت نوچى خەلقىمىزدىن چىققان كۈچتۈنگۈر پالۋان بولۇپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىدە دىيارىمىزدا قوزغالغان دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تونۇلىدۇ. زۇلۇم، ئىكىسپىلاتسىيەگە قارشى كۈرەش مەغلۇب بولغاندىن كېيىن ئەكسىيەتچى ھۆكۈمەتنىڭ زىيانكەشلىكىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ جاھانكەزدىچىلىكىنى باشلايدۇ. ئۆزىنىڭ كۈچتۈنگۈر باتۇرلىقى، ئادالەتپەرۋەرلىكى، مەرتلىكى بىلەن نەدە تەڭسىزلىك، زۇلۇم بولسا شۇ يەردە پايدا بولۇپ، كۆكرەك كىرىپ چىقىپ ئادالەتنى قوغداپ پەقىرلەرگە باش- پاناھ بولىدۇ. ئۇ قايسى يۇرتقا بارسا خەلق بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرىدۇ. يەرلىك ئەمەلدارلار ئۇنىڭ نامىنى ئاڭلىسا تەشۋىشلىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ. سىيىت نوچى يۇرت كېزىپ ئۈچتۇرپانغا كەلگەندە زۇلۇم ئىكىسپلاتسىيەنىڭ ئېغىرلىقىدىن يۈرىكى ئىزىلىپ كەتكەن خەلقنىڭ پالۋاندىن ئايرىلغۇسى كەلمەي، پالۋان ئۈچتۇرپاندا ئۇزۇنراق تۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. سىيىت نوچىنىڭ ئۈچتۇرپاندا پەيدا بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ماشىياۋۋۇ④ ئۇنى كۆزدىن يوقۇتۇپ مىرادىغا يەتمەك بولىدۇ. ئەمما پالۋاننىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئابرويىنىڭ ئۈستۈنلىكىنى سەزگەندىن كېيىن، ئۈچتۇرپاندا ئۇنىڭغا بىۋاستە قول سېلىشقا پېتىنالماي« ھىيلە ئىشلىتىپ،سىيىت نوچى ئارقىلىق ماتىتەي(5)نى،ما تىتەينىڭ قولى ئارقىلىق سىيىت نوچىنى يوقاتماقچى بولىدۇ ۋە سىيىت نوچى بىلەن قۇرئان تۇتۇشۇپ ئاغا –ئىنى بولۇشىدۇ .سىيىت نوچىنىڭ قولىغا بىر پارچە خەت تۇتقۇزۇپ،يول خىراجىتى بېرىپ ئۇنى قەشقەرگە يولغاسالىدۇ.ئاغزى چاپلانمىغان خەتنى ئاخكۆڭۈل سىيىت نوچى ئوقۇتۇپ كۆرمەيدۇ.جۇدوتەي) 6(خەتنى ئېلىپ ئوقۇپ ھەيران بولۇپ ، :تۇڭچىسىغا:<ئۇ تولىمۇ ئاخكۆڭۈل ،ساددا ئادەمكەن .بۇخەتنىڭ ئۇنىڭ ئۆلۈم خېتى ئىكەنلىگىنى ئۇختۇرۇپ قويۇڭلار،قېچىپ كەتسۇن! >دەيدۇ.سىيىت نوچى ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن :<    قاچسام باشقىلارنىڭ سىيىت نوچى ئۆلۈمدىن قورقۇپ قاچقان،دىگەن ئۆسەك سۆزىگە قالىمەن!>دەپ قېچىپ كەتكىلى ئۇنىمايدۇ.كىشىلە  جاللاتنى سېتىۋېلىپ،ئۇنىڭ ئۆلمەيدىغان يېرىگە ئاتقۇزغان بولسىمۇ،لېكىن سىيىت نوچى ئۆزىنى ئېتىۋېتىش توغرىسىدا چىڭ تۇرىۋالىدۇ.ئاخىرى ئېتىپ ئۆلتۈرلىدۇ»7)).بۇ قانلىق پاجىەنىڭ شاھىدى بولمىش ئەقىللىق ئەجداتلىرىمىز ئەۋلاتلىرىنىڭ مەڭگۈلۈك ئبرەت ئېلىشى ئۈچۈن،قانلىق ياشلىرى ئارقىلىق«سىيىت نوچى»داستانىدىن ئبارەت تەۋەرۈكنى قالدۇرۇپ كەتكەن. 8 nCw1   
گەرچە سىيىت نوچى بىزدىن ۋاقىتسىز ئايرىلغانغا يۈز يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ، خەلقىمىز ئۇنىڭ باتۇرلىقىنى، زۇلۇمغا، خورلۇققا تەڭسىزلىككە قارشى تۇرىدىغان، ناھەقچىلىقنى كۆرگەندە سۈكۈت قىلىشنى نومۇس دەپ بىلىدىغان ئېسىل خىسلەتلىرىنى ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا سېغىنىپ ئۇدۇم قىلىپ، ئەۋلات تەربىيەسىنىڭ خېمىرتۇرۇچى قىلىپ كەلدى. داستاندىن باشقا  بىر قىسىم تارىخى مەنبەلەر( 8)مۇ ئسپات بېرىپ تۇرۇپتىكى، سىيىت نوچى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ «باتۇر، ئەقىل- پاراسەتلىك مىللەت» دېگەن نامىغا مۇناسىپ قەھرىمان. ئۇنىڭ قەھرىمانلىق تارىخىنى، خەلقىمىز قەلبىدىكى بۈيۈك ئوبرازىنى ھەر قانداق ۋاستە بىلەن بۇرمىلاش ياكى چىقىرىپ تاشلاش مۇمكىن ئەمەس. -3-*T)  
ئەپسۇس، بىزنىڭ بىر قسىم مەتبۇئاتلىرىمىزدا سىيىت نوچىدىن ئىبارەت مەشھۇر خەلق قەھرىمانى، جامائەت ئەربابىنىڭ نۇرلۇق ئوبرازىنى خىرەلەشتۈرىدىغان، بولۇپمۇ ساددا كىتابخانلار قەلبىدە سىيىت نوچى ئوبرازىغا نسىبەتەن، داۋالغۇش پەيدا قىلىپ قويىدىغان ئايرىم قاراشلار ئوتتۇرىغا چىقتى.  مەسىلەن:ئىسلاھاتتىن بۇرۇن تۈزۈلگەن تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل- ئەدەبىيات دەرسلىكىنىڭ 3-قىسمىغا «سىيىت نوچى» داستانىدىن پارچە بېرىلگەن بولۇپ،ئۇنىڭدا:«بىرى،ساۋاتسىزلىق، نادانلىق سىيىت نوچى پاجىەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەڭ مۇھىم ئامىل.يەنە بىرى،ھاياتلىق.ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ھاياتىنى قەدىرلىمەي،دۈشمەننىڭ ھىلى-نەيرەڭلىرى ئالدىدا خۇدىنى يوقۇتۇپ،ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىش -تولىمۇ ئەخمەقلىق.سىيىت نوچى دەل بۇ ئىككى نوختىدىكى ئاجىزلىقى تۈپەيلىدىن بىھۇدە ئۆلۈپ كەتتى،ئۆز ئۆلۈمىگە ئېچىنىپمۇ قويمىدى»(9)دىيىلىپ،گۈدەكلەرگە سىيىت نوچى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈلدى. 1995- يىلى 4- ئاينىڭ 1- كۈنىدىكى «ئىشچىلار ۋاقىت گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «ئىجادىيەتنىڭ قىممىتى ۋە ئىجاتكارنىڭ قىسمىتى» ناملىق ماقالىدە: «..... سىيىت نوچىدەك ئەخمەق، مۇناپىقسىمان ئادەملەرنى يۈز يىللاپ سېغىنىپ، ئۇلۇغلاپ، شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىپ ماختىشىدۇ، «مىللىي قەھرىمان» دەپ تەرىپلىشىدۇ. سىيىت نوچى ھاياتىدا خەلقنىڭ شىللىسىگە مىنگەن زالىملاردىن بىرەرسىنى ئۆلتۈرگەنمۇ؟ بىرەر ئىش تەۋرەتكەنمۇ..... دېگەنلەرنى ئويلاپ باقمايدۇ. ئەجىبا ئۇ، ئۈچتۇرپان ھاكىمىنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، ئۈچتۇرپان خەلقىنىڭ قېنىنى شوراۋاتقان بىر زالىمنىڭ يېنىدا دوست بولۇپ تۇرۇشقا ماقۇل بولدىغۇ؟ شۇنىڭغا راۋاپ چېلىپ بېرىپ، شۇنىڭ كۆڭلىنى ئاچتىغۇ؟ مۇشۇغۇ بىزنىڭ مىللىي قەھرىمانىمىز؟! تىللاردا داستان قىلىدىغان نوچىمىز......» دېيىلدى. ئەينى ۋاقىتتا بۇ ماقالىنى ئوقۇغاندىن كېيىن، تەپەككۇرۇم خېلى بىر مەزگىلگىچە غىدىقلىنىشتىن توختىمىدى. مەن بۇ ماقالىگە چوقۇم كىتابخانىلار ئىنكاس قايتۇرىدۇ دەپ ئويلىدىم. ئەمما ھېچكىم ئىنكاس قايتۇرمىدى. ئارىدىن 8 يىل ئۆتۈپ  «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىنىڭ 2003- يىللىق6- سانىغا «سىيىت نوچىنىڭ ئەرزى» ناملىق فىليەتۇن بېرىلدى. فىليەتۇندا گەرچە سىيىت نوچىنى نادان، ساۋاتسىز بولغانلىقى تۈپەيلىدىن ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەن دېگەن ھۆكۈمگە رەدىيە بېرىلگەن بولسىمۇ، بۇ ئەسەر مېنى تازا قانائەتلەندۇرەلمىدى. ئۈمۈت بىلەن يەنە بىر مەزگىل كۈتتۈم، ئەمما بۇ ھەقتە قايتا بىرەر ئىنكاس بولمىدى.ئاخىردا بىر قسىم پىكرى ئويغاق كەسىپداشلىرىمنىڭ ئىلھام ۋە مەدەت بېرىشى بىلەن پىكرىمنىڭ چولتا، قەلىمىمنىڭ گاللىقىغا باقماي «سىيىت نوچى» داستانى توغرىسىدا كۆڭلۈمدە ئويلىغانلىرىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى مۇھىم دەپ قارىدىم. &/XRiK1"0  
قەھرىماننى مۇئەييەن بىر تارىخى دەۋىر يارىتىدۇ. ئالاھىدە شارائىتتا ئالاھىدە ئادەملەر مەيدانغا كېلىدۇ. سىيىت نوچىنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇ ئالدنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى جەنۇبىي شىنجاڭ ئالاھىدە شارائىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن. بىز سىيىت نوچىغا باھا بەرمەكچى بولىدىكەنمىز ئەينى دەۋىردىكى سىيىت نوچىنى ئۆستۈرگەن مۇھىت ۋە شارائىت، ماكان ۋە زامان بىلەن تونۇشۇپ چىقىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ناۋادا بىز بۇ مەقسەتكە يىتەلىسەك ئاندىن سىيىت نوچىغا ئادىل، كىشىلەر قايىل بولغىدەك باھانى بېرەلەيمىز.«مۇئەييەن بىر تەتقىقات شۇ تەتقىقاتچى ياشاۋاتقان دەۋىرنىڭ ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈلمىسە، سېلىشتۇرۇلمىسا ئۇنىڭ ھېچ بىر ئەھمىيىتى بولمايدۇ» شۇنداقلا ئەسلىي ماكان ۋە زامان بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغان تەتقىقاتمۇ ئۆز ئەھمىيىتىنى يوقاتقان بولىدۇ. oSd TQ$U!D  
ئىمان، ئېتىقاد، ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاق يوسۇنلىرىمىز كرزىسقا دۇچ كەلگەن. ئىناقلىق، بىرلىك، مەرتلىك، ۋاپادارلىق، ئىنسانىي مېھرى- مۇھەببەت سۇسلاپ كېتىۋاتقان دەۋرىمىزدىكى سىيىت نوچىلارغا نىسبەتەن «ئامانەتكە خىيانەت قىلىش» ھېچ گەپ ئەمەس بولۇپ قالدى.لېكىن، بۇنىڭدىن 100 يىل بۇرۇن ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خېتىنى ئۆز قولى بىلەن جاللاتقا تاپشۇرۇپ بەرگەن سىيىت نوچى بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئايرىم كىشىلەر تەرىپىدىن «ساۋاتسىزلىق»، «نادانلىقنىڭ تىمىسالى بولۇپ قالغان بولۇپ، ھەققانىيەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا بۇ سىيىت نوچىغا قىلىنغان ھاقارەت، خەلق قەھرىمانىغا قىلىنغان تۆھمەت. دىنىي ئېتىقاد، ئەنئەنىۋى ئەخلاق يوسۇنلارنىڭ ئەينى دەۋىردىكى تەسىر كۈچى شۇنداق كاپالەت بېرەلەيدۇكى، ئەينى دەۋىر مۇھىتىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن سىيىت نوچى ھەرگىزمۇ «ئامانەتكە خىيانەت» قىلمايدۇ. ناۋادا ئۇ «ئامانەتكە خىيانەت» قىلىش غەرىزىدە بولغان بولسا، ساۋاتسىزلىق ئۇنى توسۇپ قالالارمىدى؟ چۈنكى ئەينى ۋاقتىدا سىيىت نوچىنى چىرىكلەر يالاپ ماڭمىغان ياكى پايلاقچىلار ئىزىغا چۈشىۋالمىغان، بىر ئەركىن يولۇچى سۈپىتىدە ماڭغان تۇرسا! FDfLPCQm  
ماقۇل بىز ئۇنى ساۋاتسىزلىقنىڭ كاساپىتىدىن شۇنداق قىسمەتكە دۇچ كەلگەنمۇ دەيلى. بۇنىڭدىن 100 يىل بۇرۇن خەنزۇ تىلىدىكى قول يازمىنى ئوقۇپ چۈشىنەلمىگەن بىر ئۇيغۇرنى بۈگۈنكى كۈندە ساۋاتسىزلار قاتارىغا چىقىرۋېتىشنىڭ ئۆزى ئىلمىيلىك ئەمەس. خۇيزۇلار خەنزۇ تىل- يېزىقنى قوللىنىدۇ. ئەينى چاغدا سىيىت نوچىغا خەت يېزىپ بەرگىنىمۇ، خەتنى تاپشۇرۇپ ئالغۇچىمۇ خۇيزۇ. دېمەك خەتنىڭ خەنزۇتىلىدا يېزىلغانلىقىدا شەك يوق.ھالبۇكى بىز بىر ئەسىر بۇرۇن ياشاپ ئۆتكەن ئۇيغۇرنى خەنزۇتىلىدىكى قول يازمىنى «ئوقۇيالمىغان» لىقى ئۈچۈن ساۋاتسىز، دەپ ئەيىپلەۋاتىمىز. ھازىر بىزنىڭ مائارىپىمىزدا خەنزۇتىلى ئوقۇتۇشى قانچىلىك دەرىجىدە چىڭ تۇتۇلىدىغانلىقى، ئۇنى يولغا قويغىلى قانچىلىك ۋاقىت بولغانلىقى ھەممىمىزگە ئايدىڭ. ناۋادا سىيىت نوچىغا قويغان ئۆلچەمنى 100 يىل كەينىگە سۈرۈپ بۈگۈنكى ئادەملىرىمىزگە قويساق، خەنزۇ تىلىدىكى قول يازمىنى ئوقۇيالماي قانچىلىكىمىز «ساۋاتسىز» بولۇپ قالارمىز؟! c8uFLM j  
ھەممىمىزگە شۇ نوختا ئېنىق بولۇشى لازىمكى،سىيىت نوچى بۇنىڭدىن بىر ئەسىر ئاۋۋالقى زاماننىڭ نوچىسى، تەڭسىزلىككە، زۇلۇمغا قارشى تۇرۇپ، ئادالەتنى ياقلايدىغان پالۋان، خەلق قەلبىدە يۈكسەك ئوبراز تىكلىگەن جامائەت ئەربابى بولۇپ، ئۈچتۇرپاندەك بىر يۇرتنى ئالقىنىدا ئوينىتىۋاتقان كاتتا ئامبالنىڭ ئۇنىڭغاچېقىلىشقا پېتىنالماي دوتەينىڭ ئالدىغا ماڭدۇرىشى، تۆھمەت قىلىپ بوينىغا تاقاق، پۇتىغا ئىشكال سېلىپ، تۆت چىرىككە ھەيدىتىپ يولغا سېلىشقا پېتىنالماي ئۇستىلىق بىلەن ھىيلە ئىشلىتىشلىرى،قىسقىسى، ئامبالنىڭ شۇنچىۋالا ئېھتىيات قىلىشلىرى بىزنىڭ سىيىت نوچىنى چۈشىنىۋېلىشىمىزغا يېتەرلىك ئاساس بولالايدۇ. ناۋادا بەزىلەر ئېيىتقاندەك سىيىت نوچى «مۇناپىقسىمان» ، «قۇل مىجەز» ئادەم بولسا، شۇ چاغدىكى خەلق ئۇنى بېشىدا كۆتۈرەرمىدى؟ ناۋادا خەلق ئارسىدا سىيىت نوچىنىڭ شۇنچە ھۆرمىتى بولمىغان بولسا ئامبال ئۇنىڭدىن تەپ تارتىپ يۈرەرمىدى؟! تارىخ شۇنىڭغا كاپالەت بىرىدۇكى، مۇناپىق ھىچقاچان ئاۋامنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشەلىگەن ئەمەس. 5q 
داستاندا ھەقىقەتەن ساۋاتسىزلىق ___ سىيىت نوچى پاجىئەسىنىڭ مەنبەسى دېگەن ئىدىيە ئالغا سۈرۈلگەن، ھەم داستان ۋەقەلىكىدە قىسىمەن زىددىيەتلىك تەركىبلەر ساقلانغان. مەسىلەن، داستاننىڭ باش قىسىمىدا سىيىت نوچى ئۆز زامانىسىنىڭ ئەقىل- پاراسەتلىك، تەڭداشسىز باتۇرى، خەلق قەھرىمانى، سەزگۈرلىكى، ھۇشيارلىقى بىلەن ئۆزىنى ۋە خەلقنى قوغداپ كەلگەن ئەزىمەت قىلىپ تەسىۋىرلەنگەن بولسا، ئاخىرىدا نادان، ساۋاتسىز، قىلىپ تەسىۋىرلەپ قويغان. ئىش قىلىپ ئىككى خىل تەسۋىر ئارىلىشىپ كەتكەن بولۇپ، بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب، داستان خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا تەۋە ئەسەر بولۇپ، ئېغىزدىن- ئېغىزغا، دەۋىردىن- دەۋىرگە، زاماندىن- زامانغا كۆچۈش جەريانىدا دەۋىرنىڭ تامغىسى بېسىلغان، مەدداھلارنىڭ، رەتلىگۈچىلەرنىڭ، قەلەمگە ئالغۇچىلارنىڭ ئىدىيە ۋە دۇنيا قارشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.بۇ ئەھۋالنى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى مۇتەخەسسلىرىنىڭ نەزىرىدىن يىراقتا قالغان دىيىشكە بولىدۇ. Tp vq5Cz  
ئەمدى بىز سىيىت نوچىنى «نادان» دەپ تۇرايلى. b$7p`Ay  
«نادان» دېگەن سۆز- «ئىلىم- پەندىن خەۋەرسىز، ئاڭ چۈشەنچىسى نىسبەتەن تۆۋەن، تەربىيە كۆرمىگەن، زېھىنى ئىقتىدارى تۆۋەن، دۆت، گالۋاڭ»(10)... دېگەندەك مەنىنى بىلدۈرىدىغان سۆز بولۇپ، سىيىت نوچى خاراكتېرىگە ھەرگىزمۇ ماسلاشمايدۇ. يەنى «نادان» بىلەن «سىيىت نوچى» ئۆز ئارا سىغىشالمايدىغان قارىمۇ- قارشى ئىككى ئۇقۇم خالاس! ['~E _z  
بىزدە ئىسلام دىنىي ئارقىلىق كىرىپ ئېڭىمىزغا سىڭىپ كەتكەن. يالغان سۆزلەشتىن چەكلەپ راستچىل، سەمىمىي بولۇشقا ئەسكەرتىپ تۇرىدىغان «لەۋزى ھالال» دەيدىغان پەرھىز سۆزىمىز بار. شۇ سەۋەبتىن بىز باشقىلارنىڭ ئېغىزىدىن چىققانلىكى سۆزىگە شەكسىز ئىشىنىمىز، ھەرگىزمۇ گۇمانلىنىپ باقمايمىز. =K#5I 
ئازاتلىقتىن ئىلگىرىكى تارىخىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق شۇ نەرسە ئېنىقكى، باشقىلار بىزنى «لەۋزى ھالال» دېگەندىن ئىبارەت پىسخىك ئاجىزلىقىمىزدىن تۇتىۋېلىپ، تارىختىن بۇيان، «لەۋىز»__ گەپ بىلەن ئالداپ «بۆكىمىزگە چىگدە سېلىپ» كەلگەن. بىز تارىختا ئۆتكەن باتۇرلىرىمىز، پالۋانلىرىمىز، سەركەردەلىرىمىز يول باشچىلىرىمىزنىڭ قىسمەتلىرىگە قارايدىغان بولساق، تراگېدىيسىنىڭ بىر خىل شەكىلدە ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تارىخ ۋە ئىدىيىۋى چەكلىمىلىك تۈپەيلىدىن، بىر قېلىپتا نادانلىقنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز. ئەمما بۇ يەردە دېيىلگەن «نادانلىق» ئاق كۆڭۈللۈك، سەمىمىيلىك، ساددىيلىق باشقىلارغا ئاسانلا ئىشىنىپ كېتىشتەك ئاجىزلىقىمىزغا قارىتىلغان. ناۋادا بۈگۈنكى كۈندە بىز ئەشۇ قەھرىمانلىرىمىزدىن بىرگىنە سىيىت نوچىغا ئېسىلىۋېلىپ، سەن «ساۋاتسىز»، «نادان»، «مۇناپىق» قەھرىمانىمىز ئەمەس، دېسەك، ئەينى دەۋىردىكى ئەجداتلىرىمىزنى نادانلار قاتارىغا چىقىرىۋەتكەن بولىمىز خالاس! \#)|6w-  
مەن ھەر قېتىم «سىيىت نوچى» داستانىدىن سىيىت نوچىنىڭ ئانىسىغا توغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرت- مەھەللىسىگە بولغان ئوتلۇق مۇھەببىتىنى ھېچقانداق بىر كۈچنىڭ توسۇپ قالالمايدىغانلىقى، ئانىسى ئۈچۈن ھەممىدىن ۋاز كىچەلەيدىغان ئىنسانىي خسلىتى ھەققىدىكى تەسىۋىرلەرنى ئوقۇۋاتقان چېغىمدا قاتتىق ھاياجانلىنىمەن. نۆۋەتتىكى رىئاللىقىمىزدىن ئېلىپ ئېيتىدىغان بولساق، ئازراقلا راھەتكە ئېرىشىپ قالسا تۇققان ئانىسىدىن، يۇرتىدىن ھەتتا مىللىتىدىن ۋاز كىچىدىغان، ئانىسىنىڭ پەرزەنت كۈيىكىگە چىدىيالماي قاغان چاغدىكى «بالام، جان– چىگرىم، ياشىنىپ قالدىم كۆزۈمنىڭ يۇرۇق ۋاقتىدا سېنى بىر كۆرۈۋالاي...»دىگەندەك زارلاشلىرىغا خىلمۇ-خىل باھانىلەرنى كۆرسۈتۈپ ئانىسىنى يوقلاپ بارمايدىغان، ھەتتا خىجىلمۇ بولماستىن ، ئانىسىغا ئۆزىنىڭ «كاتتا» ئەرباب بولۇپ كەتكەنلىكى، ئوغلىدىن غەم قىلماسلىقى لازىملىقى ھەققىدە پونى بولۇشىغا ئاتقاندىن كېيىن «...ئانا ،خېنىم ئانا! چايغا ناننى جىق سېلىپ ئىچ ئانا، مېنىڭ بەختىم ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇر...» (11) دەپ ئۇچۇر قايتۇرۇپ قويىدىغان بىر قىسىم ئىمانى يىگىلەپ كەتكەن ياشلىرىمىز كۆز ئالدىمغا كېلىۋېلىپ، ئىچىمگە ئۈششۈك ھەرىسى كىرىۋالغاندەكلا بولۇپ كىتىمەن .ئويلابباقسام بىز ئەجداتلىرىمىز ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا ئۇدۇم قىلىپ،مەنىۋى ئۇزۇق ئېلىپ كېلىۋاتقان مىللى روھنى 80(Olf@PE  
قەدىرلىمىگەن ئۇلۇغلىمىغان،ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىغانلىغىمىز ئۈچۈن ،ئۇ بىباھا ئەڭگۈشتەرلىرىمىز بىزنى تۇلىمۇ يىراققا r{+P2MPW  
تاشلاپ كىتىپتۇ.بۈگۈنكى كۈندە مەنىۋى جەھەتتىن ئېچىرقاپ شۇدەرىجىگەبېرىپتىمىزكى،بىزنىڭ دەستىمىزدىن ئۇلۇغلىرىمىز پانىي ئالەمدىلا ئەمەس،گۈرىدىمۇ خاتىرجەم ياتالمايدىغان بوپتۇ. tVI6GXH  
سىيىت نوچى قانداقلا بولمىسۇن راھەت- پاراغەتلىك تۇرمۇشتىن ۋاز كىچىپ «ئانامنىڭ قېشىغا بارىمەن» دىيەلىدىغۇ، قەشقەرگە بارغاندىن كېيىن بىرىنچى بولۇپ دوتەي يامۇلىغا ئەمەس، ئانىسىنىڭ قېشىغا كىردىغۇ، يۇرت مەھەللە كوي بىلەن جەم بولۇپ ھال- مۇڭ بولدىغۇ، ئۇنىڭ قەلبىدە ھەر زامان ئانا مۇھەببىتى، يۇرت سۆيگۈسى ئۈستۈن ئورۇندا تۇردىغۇ... \mK;BWg)  
ئۇنىڭ مەرىتلىك بىلەن جاكارلىغان مۇنۇ كەلىمىسىنى .ئوقۇرمەنلەرگەئەسلىتىپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ: <'y}y}%  
ئامانەتكە خىيانەت |DUW B;  
نامەرت ئىشىدۇر. '{>R-}o[3  
پالاكەتنىڭ ئامرىقى qdW"g$fW  
قورققان كىشىدۇر. ey/{Z<D  
ھاياتىمدا نامەرتلىك :P'M|U  
قىلغان ئەمەسمەن. +,g3Xqs}X  
جاننى ئالتۇن- كۈمۈشكە mJU1n  
ساتقان ئەمەسمەن. ,1K`w:uhS  
قاراڭ ،بۇ يۈرەك سۆزلەر ئۇنىڭ ئىشەنچ ۋە ئىتىقات جەھەتتەمۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى،ئېسىل ئەنئەنىۋى ئەخلاق- يوسۇنلارغا ساداقەتمەنلىكىنى، ئامانەتكە خىيانەت قىلىشتەك نامەرتلىكتىن ھەزەر ئەيلەيدىغانلىغىنى ،ناھەقچىلىكىنى كۆرۈپ تۇرۇپ سۈكۈت قىلىشنى نومۇس دەپ بىلىدىغان مەردانە پالۋان ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ! مۇشۇنىڭ ئۆزىلا بىزنىڭ سىيىت نوچىنى قەھرىمانىمىز، نوچىمىز دېيىشىمىز ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟! }Fq~!D Ee  
   ئىزاھات: : ① فائۇست  __ (1541- 1488) گېرمانىيىدە ئۆتكەن تارىخى شەخس. R:+cumHr  
② مۇھەممەت ئىمىن «چەتئەل ئەدەبىياتى» شىنجاڭ مائارىپ نەشىرىياتى. 1998- يىلى 10- ئاي 1- نەشىرى. 3< 'bi}{  
③ نورمۇھەممەت توختى «تەڭرىتاغ» ژورنىلىنىڭ 2007- يىللىك 3- سانى «پەرھات- شېرىن» <5 )F9.$  
④ ماشىياۋۋۇ __ ئەينى دەۋىردىكى ئۈچتۇرپان ئامبىلى 6 *&$ha}X  
(5)  ماتىتەي__ئەسلىئسمى مافۇشىڭ بولۇپ،ئۇ ئەينى دەۋىردىكى قەشقەرنىڭ تىتەي(ھەربى ئەمەلدار)ى ''Y'ZsQ;  
(6)  جۇدوتەي__ئەينى دەۋىردىكى قەشقەرنىڭ دوتىيى *)Us   
(7)(8)  شىرىپ خۇشتار «شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مەشھۇر شەخىسلەر» شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى M!Ua/g=u  
2000-يىلى9-ئاي1- نەشرى 309 -،310-،311-بەتلەر. vojXo|c  
(9)ئازات «ئوقۇتۇش ئۈنۈمى ۋە ساپا مائارىپى» شىنجاڭ خەلىق نەشىر ياتى 2002-يىلى8-ئاي1-نەشرى. |Vo{ {)  
(10)غەنزات غەيۇرانى قاتارلىقلار «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لوغىتى» شىنجاڭ خەلق نەشىرىياتى 1999- يىلى 8- ئاي 1- نەشىرى1093-بەت . Y*QoD9 
(11) مەرھۇم ھەسەن يۈسۈپ  قاتارلىق ئارتىسلىرىمىز  ئورۇنلىشىدىكى «سەھنە ئىتوتى» دىن ئېلىندى. ^wIg|Gc  
مەنبە :ئۆزۈم ZLZh$eZZ  
/ 207FD  

تېما تەستىقلىغۇچى : Misranim2
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-09-21, 21:04
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 9 پارچە مۇنبەر پۇلى +2433
koktash مۇنبەر پۇلى +100 10-11 سىيىت نوچىدەك بولۇشقا تىرىشايلى!
mahbusman مۇنبەر پۇلى +100 10-11 نەق كۆڭۈلدىكى گەپلەر!!!
boran114 مۇنبەر پۇلى +100 09-28 ھەق گەپ
parwin مۇنبەر پۇلى +333 09-22 -
hokumran مۇنبەر پۇلى +500 09-22 پىكرىڭىز ناھايىتى ئورۇنلۇق.
barnakiz886 مۇنبەر پۇلى +100 09-22 بەك ئىسىلكەن
alzaman مۇنبەر پۇلى +500 09-22 قەلبىمىزنىڭ قىتىدىكى گەپ
qartekin مۇنبەر پۇلى +200 09-21 ياخشى ماقالە!~
xiwas1- مۇنبەر پۇلى +500 09-21 رەھمەت
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
Aytugh
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9369

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   155 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   16306 (سوم)
 ياخشى باھا:   963 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1417  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3049
 سائەت
دەرىجىسى:
3049 سائەت 191 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-06
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا چوققۇلانغان  كەلگەن مەنبە:29قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-22
— (Aytugh) ئىجرا قىلىشتېما چوققىلاش مەشغۇلات (2011-09-22 02:34 PM) —

مۇنازىرە مۇنبەرلىرى بولىدىكەن ھەرقانداق مۇنازىرەلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ۋە مەلۇم دەرىجىدە زىددىيەت، كەسكىن تالاش-تارتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىشى تەبىئىي ئەھۋال. بەزىلەرنىڭ مۇنازىرەنى كۆرسىلا( يەنىلا تاتالاش-تارتىش باشلىنىپتۇ. مۇنبەر دىگەن مۇشۇنداق ئۇرۇشىدىغان يەر بولسا ئەمدى كىرمەسمەن....›› دەپ كىتىشلىرىنىڭ ئورنى يوق دەپ قارايمەن. مۇنبەرگە نىمە ئۈچۈن كىرىمىز؟ بىلمىگەننى ئوتتۇرىغا تاشلاپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش، بىلىدىغانلارنىڭ يوللۇق ئىزاھاتلىرىنى تەھلىل قىلىش، قۇبۇل قىلغۇدەك يېڭىلىقلارنى قۇبۇل قىلىش، كاللىمىزدا تۈگۈن پەيدا قىلغان چىگىشلارنى مۇنازىرە ئارقىلىق يىشىش ئۈچۈن! بۇنداق مۇنازىرە خاتا ئىش ئەمەس! }9 ]7 V<  
‹‹سىيىت نوچى›› زادى نوچىمۇ؟ نادانمۇ؟ دەپ ئوتتۇرىغا تاشلانغان سۇئالدىن باشلاپ مۇناسىۋەتلىك بىرقانچە تېمىغا ئىزچىل دېققەت قىلىپ كىلىۋاتىمەن. خېلى ئەتراپلىق مۇلاھىزە، پىكىرلەر ۋە خېلى چوڭقۇر كۆز-قاراشلار ئوتتۇرىغا چۈشتى‹‹ بەزى قەستەن ئىنكاس سانىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن يىزىلغان پۇچەك، قىممىتى يوق ئىنكاسلارمۇ بار ئەلۋەتتە››. لېكىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى: بۇ تېمىلاردىكى ئىنكاسلار خېلى ئەتراپلىق ، سەمىمىيلىك بىلەن يىزىلغان ئىنكاسلاردۇر. كۆپچىلىكىمىزنىڭ كاللىسىدا خېلى ئۇزۇن تۇمان بېسىپ تۇرغان بەزى قاراشلار تورداشلارنىڭ ئارقىمۇ-ئارقا ئىزاھاتىدىن كىيىن مېڭىمىزدە بىرەر مۇقىم ئۇقۇمنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ مۇشۇنداق مۇنازىرەلەردىن قۇسۇر ئىزدىمەي دادىللىق بىلەن يۈزلىنىشىنى، قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
 
ئادەم بولساڭ بولغىن شەمشەر قېلىچتەك. بولما ھەرگىز ئىچى كاۋاك قۇمۇشتەك!.
ۋاقىت ھەممىنى ئۆتمۈشكەئايلاندۇرىدۇ. ئۇنتۇلدۇرىدۇ، ئېرىشتۈرىدۇ. بىر كۈنلەردە كەچمىشىڭدە يىغلىغىنىڭ ئۈچۈن كۈلىسەن. كۈلگىنىڭ ئۈچۈن يىغلايسەن....
http://saadat.blogbus.com
arkinjan110
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.59873

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   20 (سوم)
 ياخشى باھا:   4 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 51
 سائەت
دەرىجىسى:
51 سائەت 39 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-10-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-01
ئاپتورنىڭلا 124- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-01

ناھايتى   ياخشى تىما بولۇپتۇ
 
gurza
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.47818

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   16 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   180 (سوم)
 ياخشى باھا:   16 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 358
 سائەت
دەرىجىسى:
358 سائەت 82 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-14
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
ئاپتورنىڭلا 123- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-31

بولدى.مېنىڭچە بۇ تېما توغرىلىق كۆپ مۇنازىرە ۋە باھا يېزىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى.بولمىسا يەنە ئەخمەقلىق قىلىپ،«نوچى»مىزغا داغ تېگىپ كەتمىسۇن.بەزىلەرگە قارىسام يەنە پوق يەپ چىققاندەك تۇرىدۇ.بۇ تېما ئەقلى بار ئادەمنىڭ تەسەۋۋۇرىنى ئويغاتماي قالمايدۇ.مەنمۇ ياشاپ بۈگۈنگە كەلگۈچە سىيىت نوچىنىڭ ئۆز كاللىسىنى ئەخمەقلەرچە دۈشمەنگە يەتكۈزۈپ بەرگەنلىكىدەك ھېكايە ۋە ساۋاتسىزلىقنىڭ تىپىك ۋەكىلى بولۇپ قالغانلىقىغا ئازابلىنىپ كەلگەنتىم.مۇشۇنداق بىر چىگىك بۇ تېما ئارقىلىق ھەل بولدى.بۇ تېمىنىڭ ئاپتورىغا رەھمەت!«نوچى»نى «ئەخمەق»«نادان»قىلىپ تەسۋىرلىگەن يازغۇچى ۋە «مەدداھ»لارغا چەكسىز لەنەت!
 
ھەممەيلەن بەختلىك بولغان بولسا،دۇنيادا ئەسكى ئادەم قالمايتتى.شۇڭا،ھەممەيلەنگە بەخت-ئامەت يار بولسۇن!
kugun.pilike
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.62796

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   26 (سوم)
 ياخشى باھا:   5 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5
 سائەت
دەرىجىسى:
5 سائەت 15 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-10-30
ئاخــىرقىسى:2011-11-01
ئاپتورنىڭلا 122- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-31

بىر نادان لەقۋانى باتۇر ئەزىمەتلە قاتارىدىن ئورۇن بەرگىنىنڭ ئاساسى بار....شۇدەۋىردە ئۆتكەن ئاتالمىش نۇرغۇن باتۇرلا ئۇزىنىڭ كالىسىنى دۇشمەنگە قوشقۇللا سۇنغان ئەمەسمۇ .....يىقىنقى نەچچە يۈز يىل ئىچىدە قەشقەر دىيارىدا خەلىق ئېتراپ قىلغۇدەك پالۋان چىقمۇغان شۇڭا سىيىت ‹نۇچى› نى قەشقەر ئەزىمەتلىرىگە ۋەكىل قىلغان بۇلىشى مۇمكىن.......لېكىن بۇ ئوچۇقتىن ئوچۇق ھاقارەتتە .....
[ بۇ يازما kugun.pilike تەرپىدىن 2011-10-31 04:03 PM ]

 
kugun.pilike
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.62796

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   26 (سوم)
 ياخشى باھا:   5 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5
 سائەت
دەرىجىسى:
5 سائەت 15 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-10-30
ئاخــىرقىسى:2011-11-01
ئاپتورنىڭلا 121- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-31


 
nurmuhammat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4700

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   372 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7028 (سوم)
 ياخشى باھا:   485 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   723  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 847
 سائەت
دەرىجىسى:
847 سائەت 53 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-25
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 120- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-31

ئارتۇق گەپ ھاجەتسىز ، سىيىت نوچى ئىسمى جىسمىغا لايىق نوچى، گاڭگۇڭ ،قەھرىمان ، ئۇنى ئۇنداق بۇنداق دەيدىغانلار ھەرگىزمۇ ئۇنى چۈشىنىپ، ئىش ئىزلىرىنى بىلىپ سۆزلىگەنلەر ئەمەس، پەقەت ئابدۇكېرىم ئابلىزنى ياقتۇرمايدىغانلار .ئەگەر ئاشۇ ئېتوتنى باشقا بىرى ئوينىغان بولسا بۇنچىۋالا چىچاڭشىماس ئىدى !~~!راس رسا رساس pU 

 
نۇرمۇھەممەت
makkar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.60810

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   10 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   250 (سوم)
 ياخشى باھا:   69 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   100  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4
 سائەت
دەرىجىسى:
4 سائەت 16 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-10-16
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 119- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-28

ياخشى يىزىپسىز ،ئۇنداق يىزىپسىز ،بۇنداق يىزىپسىز دىيىش مەنچە ئانچە توغرا بولمىغان باھا بولسا كىرەك .مەنچە بولسا سىيىت نوچىنى ئىسمى جىسمىغا لايىق قەھرىمان دىيىشكە تامامەن بولىدۇ { pQJ.QI  
بىز ئۇنى پەقەتلا خەت تونۇمىغاچقا ساۋاتسىز دەپ قاراپ كەلدۇق(يەنى خەنزۇتىلىنى )ئۇنداق بولسا ھازىرقى 100يىلدىن كىيىنكى مۇشۇ كۈنلەردە قانچىلىك ئادەملىرىمىز ساۋاتلىق ،ئابدۇكىرەم ئابلىز ئىلىپ كەلگەن خەت خىەنزۇچە يىزىقىدا يەنى ئۇ خەتنى بەرگەن كىشىمۇ نىمىشقا تەرجىمان لازىم قىلىدۇ دىمەككى شۇ ئەمەلدار ئىنىقكى خەنزۇ تىلىنى قوللىنىپ كەلگەن سىيىت نوچى خىەلىقنىڭ بىشىدىكى غەملەرنى ئويلاۋتقاندا خەنزۇچە ئۈگىنىشكە نەدىمۇ ۋاقىت ئاجراتسۇن.ئۇنىڭ  ئۆزى ئىلىپ ماڭغان ئۆلۈم خىتىنى كۆرمەسلىكى ئۇنىڭ دۆتلىكىدىن ئەمەس بەلكى ئاقكۆڭۈلۈللىكى ۋە باشقىلاردىن گۇمان قىلمايدىغان گۇمانخۇرلۇق خاراكتىرىنىڭ يوقلۇقىنى چۈشەندىرىدۇ.
 
moyden
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.44928

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   15 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   98 (سوم)
 ياخشى باھا:   15 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 22
 سائەت
دەرىجىسى:
22 سائەت 28 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-19
ئاخــىرقىسى:2011-10-27
ئاپتورنىڭلا 118- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-24

بۇ پالۋاننى مەڭگۇ ياد ئىتىمىز،،،!!
 
umityar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8709

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5142 (سوم)
 ياخشى باھا:   184 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   255  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2
 سائەت
دەرىجىسى:
2 سائەت 18 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-31
ئاخــىرقىسى:2011-10-22
ئاپتورنىڭلا 117- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-22

مېنڭچە سىيىت نوچى ئوبرازى بىر مۇنەۋۋەر تىپ.لىكىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شۇ چاغدىكى ھالىتى بۇيىچە تەھلىل قىلغاندا ‹‹سىيىت نوچىنى بىر نوچى ››دەپ قاراشقا بۇلىدۇ.لىكىن ئۇنىڭ ساۋاتسىزلىقى نوچىلىقىغا قارىغاندا ھىچقانچە ئەمەس.ئېزىز مۇئەللىمنىڭ بۇ ماقالىسى خوتەن پىداگۇگىكائالى تېخنىكۇم ئىلىمى  ژورنىلىدا ئېلان  قىلىنغان بۇلۇپ مەن ئۇقۇپ خېلىلا ھاياجانلانغان.قەلەملىرى ھارمىغاي....
 
babur99
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.18979

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   263 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5451 (سوم)
 ياخشى باھا:   428 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   310  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1654
 سائەت
دەرىجىسى:
1654 سائەت 46 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-25
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 116- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-20

سىيىت نوچى يۈز يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ياشاپ ئۆتكەن ئادالەتپەرۋەر خەلق قەھرىمانى. ئۇنىڭ مەرتلىك ،ئەركەكلىكنى جېنىدىن ئەزىز بىلىدىغان ،ناھەقچىلىقنى كۆرگەندە كۆكرەك كېرىپ ئۇتتۇرىغا چىقىدىغان ،ئۆلۈمنى مەنسىتمەيدىغان خاراكتىرى شۇ چاغدىلا ئەمەس بەلكى ھازىرقىدەك ئەركەكلىكىمىز بارغانسىرى سۇيۇلۇپ كېتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندىمۇ ،بىز ئۇيغۇر ئەرلىرى ئۈچۈن ئۆرنەك بولالايدۇ!ئۇنىڭ ھىيلىگەر زالىملارنىڭ قىلتىقىغا چۈشكەن نادانلىقى بىزنىڭ ئىبرەت ئېلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. OJkiTs{  
ئوتتۇرا مەكتەپتە سىيىت نوچى داستانى بىلەن تونۇشقاندىن تارتىپ ھازىرغىچە ، ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ۋە باشقىلار سىيت نوچى ساۋاتسىز نادانلىقىدىن ئۆزىنىڭ ئۆلۈم خېتىنى ئېلىپ بارغان دەپ يۈرسە ، يۈز يىل بۇرۇن خەنزۇ يېزىقىدا يېزىلغان خەتنى سىيتاخۇن قانداق ئوقۇيدۇ؟ دىگەن خىيال كۆپىنچىمىزنىڭ ،شەخسەن مېنىڭ خىيالىمغا كىرپ چىقماپتۇ!؟ شۇنچىلىك ئاددىي مەسىلىنى بۈگۈن توردىكى پاراڭلاردىن ئاندىن ئاڭقىرمىغان بولسام ،ھازىرغىچە سىيىت نوچى ساۋاتسىزلىقىدىن ئۆلۈم خېتىنى كۆتۈرۈپ بارغان دەپ يۈرىمەنكەن. ئويلاپ باقايلى :ھازىرمۇ ئارىمىزدىكى  بىرسىگە  خەنزۇچە ئۆلۈمنامىدىن بىرنى تۇتقۇزۇپ، بۇ ھۆججەتنى ئېلىپ پالان يەرگە بارساڭ ، ساڭا مۇنداق پايدا ياكى خىزمەت بېرىلىدۇ دىسە ، قانچىمىز سىيتاخۇننىڭ پاجىئەسىنى تەكرارلارمىز؟ مۇھىمى ئۆلۈم ئالدىدا سىيت نوچىدەك مەغرۇر تۇرالارمىزمۇ ياكى ھايات قېلىش ئۈچۈن باش ئۇرۇپ يالۋۇرمىزمۇ؟ rM sd)  
ھەممەيلەن يۈرىكىمىزنى تۇتۇپ بېقىپ ئاندىن سۆزلەيلى، زادى كىم ھەقىقىي نادان ؟ كىم ھەقىقى نان كۈچۈكى مۇناپىق ؟  
 
تىرەن
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36679

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   656 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3197 (سوم)
 ياخشى باھا:   531 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   51  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3488
 سائەت
دەرىجىسى:
3488 سائەت 12 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-06
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 115- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-19


 
كىشلەرنىمە كويدا
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى