مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       10878 
  •    ئىنكاس 
       131 

ئەڭ ياخشىسى بۇ دورىنى كېچىكتۈرمەي ئىشلىتىشنى باشلايلى!!!

قەۋەت ئاتلاش
Qapaqhenim
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.41019

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   473 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   15089 (سوم)
 ياخشى باھا:   3874 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   5921  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5287
 سائەت
دەرىجىسى:
5287 سائەت 313 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-17
ئاخــىرقىسى:2011-11-01

bf1Tky=/  
ئەڭ ياخشىسى بۇ دورىنى كېچىكتۈرمەي ئىشلىتىشنى باشلايلى!!!
W5C8$Bqm  
يېقىندىن بۇيان، مۇنبەردە قىز ئاياللىرىمىزنىڭ يولدىن چىقىپ كېتىشى، ئەرلىرىمىزنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىشىپ كېتىشى، بالىلىرىمىزنىڭ شالغۇت تىل ۋە يىمەكلەر بىلەن تەربىيىلىنىشى... دىگەندەك مەزمۇنلاردا تېمىلار يوللاندى.  نۇرغۇن ئىنكاسلاردىن قارىسام، بۇ ''ئايرىم شەخىسلەرنىڭ ئىللىتى، مىللەتنىڭ ئەمەس'' دەيدىغان  خۇلاسە ياكى بۇ، ''بىر ئىككى ئادەم بىلەن تۈزۈتۈپ بولغىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس'' دەيدىغان خۇلاسە ، ئاساسى سالماقنى ئىگەللەيدىكەن.  ھەر ئىككى خىل قاراشتىكىلەر، گەرچە شۇ خىل ئىللەتنىڭ بىزدە مەۋجۇتلىقىنى مەلۇم دەرىجىدە ئېتىراپ قىلساقمۇ، لېكىن، بۇ مەسىلىلەرگە ھەقىقى رەۋىشتە يۈزلىنىپ، ھەل قىلىش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدىنىدىغان ۋە ئۇنى ئەمىليىتىگە تەدبىقلاش ئۈچۈن ھەركەت قىلىدىغانلار بەكلا ئاز ، ۋاقتىدا دورا  قىلىشقا قارىغاندا، جاننى ھۇلقۇمىغا يەتكۈزۈپ ئاندىن ياسىن ئوقۇيدىغانلار، كۆپرەك سالماقنى ئىگەللەيدىغاندەك تۇرىدۇ. لېكىن، جاننى ساقلاپ قالىمەن دەيدىكەنمىز، بۇنداق قىلماستىن، ۋاقتىدا كېسەلنىڭ دورىسىنى تېپىشىمىز ە كېچىكتۈرمەي يىيىشىمىز لازىم. چۈنكى ھەرقانداق ئۈنۈملۈك دورىنىمۇ، كېسەلنى بەك ئېغىرلاشتۇرىۋېتىپ ئاندىن يىگەندە، كۆزلىگەن ئۈنۈمگە يەتكىلى بولماسلىقى، يەتكەن تەقدىردىمۇ ۋاقىت جەھەتتىن بەك كېچىكىپ  كېتىشى مۈمكىن. 6T-h("t  
B4tC3r  
گېپىمىزگە كەلسەك، بىز مىڭ  يىللىق ئىسلام تارىخىغا، چوڭقۇر مەدىنىيەت ئاساسىغا ئىگە << ئۇيغۇر>> ئاتلىق بىر مىللەت بولىمىز.  تارىخمىزنى ۋاراقلايدىغان بولساق، مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلشىر ناۋايى ....دەك دۇنياغا داڭلىق ئالىم، پەيلاسوپ ۋە شائىرلىرىمىز، ئۆزلىرىنىڭ ئىلىم ۋە پەزىلەت جەھەتتىكى راستچىللىقى بىلەن، ھېلىھەممۇ دۇنيا جامائەتچىلىكى ئالدىدا، ئۇيغۇر ئاتلىق كىملىكىمىزنى ۋە مۇسۇلمان ئاتلىق شەرىپىمىزنى تونۇتۇپ، يۈزىمىزنى نۇرلۇق قىلىپ تۇرۇپتۇ.  لېكىن، بىزچۇ؟   ئۆزىمىزنىڭ يۈزىگە، ئۆزىمىز بىلىپ تۇرۇپ قارىنى سۇۋاپ، مانا ئەمدى ئاقىراي، دەپمۇ، ئاقىرىشنىڭ يولىنى تېپىپ بولالماي، گاڭگىراپ تۇرۇپتىمىز.... nV/8u_  
b&q!uFP  
  80-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ،  ئىسلاھات ئىشىكنى سىرىتقا چوڭ ئېچىۋېتىش چاقىرىقى ئاستىدا، ئۆزىمىزنى ‹‹ئىسلاھ ›› قىلغىمىز كېلىپ كېتىپ، ئۇيغۇرغا خاس كىيىنىشىمىزدىن، يۈرۈش تۇرۇشىمىزدىن چېنىپ <<ياۋروپا>>لىشىشنى، ھېچكىم،  ئاچ !!! دىمەستە، ئاچقىمىز  كېلىپ كېتىپ، ئاچقىلى بولىدىغانلىكى ھەممە يېرىمىزنى ئېچىشنى ئوڭۇشلۇق باشلىۋالدۇق. شۇندىن تارتىپ، دوپپىلىرىمىز بىر يەرلەردە پۇرلىشىپ تاشلىنىپ قالدى...  ئۇزۇن چاچلىرىمىز ساتراشخانىلاردا، ئەخلەت يىغىدىغانلارنىڭ خالتىلىرىدا  خارلىنىپ قالدى. ... يارىشىملىق ئۇزۇن كىيىملىرىمىز، مودىدىن قالغان كىيىملەر قاتارىدا شاللىۋېتىلدى. ... ھاراق ھېچبىر توسالغۇسىزلا خىزمىتىمىزنىڭ ۋە تۇرمۇشىمىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندى.... ساقاللىرىمىز كوسىلىشىپ، مىجەزلىرىمىز خېنىملاشتى....   قىز ئاياللىرىمىز ‹‹ مۇۋاپىق ئېچىلىپ››، كوچا كويلاردا يۈرمەكتە، ‹‹خىزمەت ›› لەرگە يولغا سېلىنماقتا.... E}^np[u7  
ie 
پەرزەنتلىرىمىزنىڭ <<ئىستىقباللىق >> بولۇشى ئۈچۈن، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنى قالاق، مەينەت، ....دەپ ياراتماي، ئۆز ئانا تىلىدىنمۇ << ئىستىقباللىق>> تەربىيەلەيدىغان مەكتەپلەرنى ئىزدەشنى 80-يىللاردىلا ئىككىلەنمەي باشلىۋالغان ئىدۇق.. . ھېلىھەممۇ، سەندىن مەن قالامتىم، دىگەن مۇشۇ ‹‹رىقابەت›› روھىمىز بىلەن، ئاغزىدىن ئانىسىنىڭ سۈتى كەتمىگەن بالىلىرىمىزنى، تېخى << يول مېڭىپ >> يۈرۈپ، بىر يەرلەرگە يولغا سېلىۋاتىمىز....ئىككى ئېغىز باشقىلارنىڭ تىلىنى بىلىۋالساق، ئانا تىلىمىزنى ئەبجەشلەشتۈرۈپ، بۇنى ئۆزىمىزنى بىلىملىك كۆرسىتىشنىڭ، ئۆسۈشنىڭ كوزىرى قىلىشقا ئاران تۇرىۋاتىمىز. تاس قېلىۋاتىمىز نومۇس قىلمىساق، كىملىكىمىزنى ئۆزگەرتىۋالغىلى. ... 8 $5 y]%!  
Z;=h=  
شۇنداق ئوبدان ئۇيغۇر ئاشخانىلىرى تۇرۇپ، ھالال ھاراملىقى بىلەن ھېساپلاشماي، ھېچكىم زورلىمىسىمۇ، ئاتالمىش <<تۇڭگان ئاشخانىسى>>، << كېندېجى>>،  <<ھانبۇرىگ بولكىسى>>..... غا ئۆگۈنۈپ كەتتۇق.  ھەتتا بىز تېتىمىغان توخۇنىڭ تىرناقلىرى (鸡爪子)،  ....غىچە قالمىدى. ( ئۈرۈمچىدىكى ساۋاقداشلار يىغىلىشىدا، تۇڭگان ئاشخانىسىدا، شىرەگە تىزىلغان قورۇمىلاردىن چىققان توخۇنىڭ تىرنىقى ۋە ئاللانىمىلەرنىڭدۇر قۇلىقىغا ئوخشايدىغان نەرسىلەر، نەچچە كۈنگىچە كۆڭلۈمنى غەش قىلغان شۇ مىنۇتلار ھېلىمۇ ئېسىمدە). /l.:GH36f  
AN193o   
شۇنداق تۇرۇپ، تورغا چىقىۋېلىپ، قىزلىرىمىز ئۇنداق بۇزۇلۇپ كەتتى يەي، ئاياللىرىمىز بۇنداق تاپتىن چىكەتتىيەي، ئەرلىرىمىز مەسئۇلىيەتسىزلىشىپ كەتتى يەي...دەپ  توختىماي قاقشاۋاتىمىز.  ئەجىبا شۇ قىز ئاياللارنىڭ ئىگىلىرى يوقمىدى؟ بولسا كىم ئىدى؟   شۇ رېستۇرانلاردا، بەزمىخانىلاردا، ھەر خىل ناتوغرا يوللاردا پۇل تېپىۋاتقانلارنى، ئۇنداقچى ، بۇنداقچى... دەيمىزيۇ، ئاياللىرىمىزنىڭ ئاتالمىش << خىزمەت>> ئۈچۈن << مۇۋاپىق ئېچىلىشى>> نى توغرا تېپىۋاتىمىز .... (D at`:  
BZJ\tPSR  
بۇنداق دىسەك، ''جاننى باقماق تەس''' بوپ كەتتى، دىيىشىڭىز مۈمكىن . ئۇنداقتا، ئاشۇ بىزلەر دەۋاتقان <<بۇزۇق>> لارمۇ جاننى باقالماي، شۇنداق قىلغان بولسا كېرەك،  چۈنكى، توي قىلىدىغان يىگىتلەر، خىزمىتى بارلارنى ئېلىۋاتقاندىكىن، خىزمىتى يوقتىن قېچىۋاتقاندىكىن، قىزلارنىڭ ھەقىقى ئىنسانىلىق، قىزلىق قىممىتى بىلەن ھېساپلاشمىغاندىكىن،  شۇنداقمۇ!؟   قايسى بىر تورداش، << سومالىدىكى بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بالىلار>> دىگەن تېمىدا، << بۇلار ئاچ يالىڭاچ بولسىمۇ، كىيىمنى پۈتۈن كىيىپ قويىدىكەن، جۇمۇ!>> دەپ ئىنكاس يېزىپتىكەن. ئەجىبا، بىزلەرنىڭ ئەھۋالىمىز، ئاشۇ سومالىدىكىدىنمۇ ناچار ئەھۋالدىمۇ؟ !  ئەجىبا، <<بۇزۇق>> لار ئوچۇق ئاشكارە يالىڭاچ ياكى يېرىم يالىڭاچ ھالەتتە پۇل تاپقاچقا، بۇ <<ھارام>>، بىزنىڭ خوتۇن قىزلىرىمىز << خىزمەت >>  ئۈچۈن، ئۇچىسىغا ئاز تولا بىر نىمىلەرنى ئارتىۋېلىپلا، ئىگىسىز پادىدەك يۈرۈپ، پۇل تاپسا <<ھالال>> بولۇپ قالامدۇ؟! $,Eb(j  
C8{bqmlm@  
شۇ ئەرلەردىن ئاغرىنىۋاتقان قىز ئاياللىرىمىزمۇ ئويلىنىپ باقايلى. ئەجىبا شۇ ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغۇچىلىكى يوقمىدى؟ ئۇلار نىمە ئۈچۈن بىلىپ بىلمەي، بۇ مەسئۇلىيەتلەردىن قاچتى؟  قىز ئاياللىرىمىز ئۇلارنىڭ ئەرلىك غۇرۇرىغا قىلىنىۋاتقان ئاشكارە ۋە يوشۇرۇن ھاقارەتلەرگە نىسبەتەن، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش ۋە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇش پوزىتسىيەسىدە بولىۋاتامدۇق ياكى ئاتالمىش ‹‹ئەر ئايال باراۋەر›› كېچىلىكىدىكى ‹‹ سەندىن مەن نوچى بۇ زامانىۋى جاھاندا›› ناخشىسىنى كارنىيىمىزلا ئەمەس، ھەتتا قەلىبلەر يىرتىلغۇدەك دەرىجىدە توۋلاۋاتامدۇق؟!.... mS$9D{  
;s*   
باللىلىرىمىزنىڭ تىلىغا كەلسەك، تىل ئۆگۈنۈپ باققانلار بىلىدۇكى، ئادەمنىڭ تەپەككۇرى، قايسى تىل بىلەن ئۇچرۇشۇش مۇھىتى كۆپ بولسا، شۇ تىل بويىچە ماڭىدۇ. بالىلىرىمىز كۈن بويى يەسلىدە، مەكتەپتە، باشقا تىل مۇھىتىدا چوڭ بولىۋاتسا، ئۇلارنىڭ گەرچە ئانا تىلدا سۆزلىگۈسى بولسىمۇ، ئۇنداق مۇھىت كەم بولىۋاتقاچ ھەمدە ئانا تىلدا سۆزلەشتىن  باشقا تىلىدا سۆزلەش  ئاسان توختىغاچ، شۇ تىلدا سۆزلەشكە تەبىئى ھالدا مەجبۇر بولىدۇ.   ئۇلاردا نىمە گۇناھ؟ [Sr^CY P(  
قېنى بىز ئۇلارغا ئانا تىل مۇھىتى يارىتىش ئۈچۈن قانچىلىك كاللا قاتۇردۇق؟  شۇ ئەھمىيەتسىز قاتار چاي، رېستۇران، قاۋاقلارنىڭ سورۇنلىرىدىن، باللىرىمىز ئۈچۈن بولسىمۇ، ئۆزىمىزنى تارتىپ باقتۇقمۇ؟  ئاتا ئانىلار بىرلىشىپ، ئۇلارغا شۇنداق سورۇن ئورۇنلاشتۇرۇپ باقتۇقمۇ؟  ھېكايە، چۆچەكلەرنى بىللە ئوقۇپ، مۇلاھىزە قىلىشىپ،  بالىلارنىڭ ئانا تىلغا بولغان قىزىقىشىنى قوزغاپ باقتۇقمۇ؟ بىر بىرىمىزنىڭ باللىرىغا ئانا تىل  جەھەتتىن نۆۋەتلىشىپ يېتەكچىلىك قىلىش،....تەك ئىشلارنى ئويلاپ باقتۇقمۇ؟ eeVDU$*e=  
m&PfZ%'[  
باللىرىمىزنىڭ يىمىكىگە كەلسەك، بىز ئۆزىمىز نىمىنىڭ ھالال، نىمنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتقان يەردە، ئۇلار غا بۇنى كىم بىلدۈرىدۇ؟ مەكتەپمۇ؟؟؟ شۇنداق تۇرۇپ، بالىلىرىمىز، ئۇنداق نەرسىلەرنى يەپ كېتىپ بارىدۇ يەي، بۇنداق نەرسىلەرنى يىمىسە بولتتىيەي....دەپ  جار سالىمىز. #!0=I s^  
بىز ئۆگەتمىگەندىكىن، ئۇلار بىلمىگەندىكىن يەيدۇ - دە! o*k.je1  
~mF^t7n]  
قىسقىسى، بىز ئۇيغۇرلار بارغانسېرى تۈرلۈك شەكىلدىكى، كىملىك كىرزىسلىرىنىڭ سىنىقىغا دۇچ كەلمەكتىمىز. بۇنىڭ ھەل قىلىش چارىسىنى تاپالماي ھەم گاڭگىراپ قالماقتىمىز. مېنىڭچە، بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن چوقۇم ئۆزىمىزنى ھەقىقى رەۋىشتە تونۇشىمىز لازىم. ._E 6?  
  ئۇنداقتا بىز كىم؟   ]Cc3}+(s  
بىز ئالدى بىلەن ئىمان ئېيىتقان مۇسۇلمان، ئاندىن قالسا ئۇيغۇر.  شۇنداق ئىكەن، بىرىنچى كىملىكىمىزنىڭ مەۋجۇدىيىتى ئىنتايىن مۇھىم. بۇ كىملىك ساقلانماي تۇرۇپ، باشقىسىدىن ئېغىز ئېچىش تەس. چۈنكى بۇ كىملىكنىڭ ئورنى تولىمۇ مۇقەددەس بولۇپ، ئۇ ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزگە بېرىلگەن ئەڭ شەرەپلىك كىملىك. ئىنسانلار بېرىشكە قادىر بولالمايدىغان،  بۇ دۇنيادىلا ئەمەس، ئۇ دۇنيادىمۇ بىزلەرنى تونۇتىدىغان ئىلاھى كىملىك. بۇ كىملىك ئادەم بىلەن ھايۋاننىڭ چەك چېگرىسىنى كەسكىن ئاجىرتىپ، بىزگە ھەقىقى ئىنساندەك، بەخىتلىك ياشاش يولىنى كۆرسىتىپ بەرگەن كىملىك.  شۇڭا بۇ كىملىكتىن ھەر قانچە بەدەل تۆلىسەكمۇ كېچىشكە بولمايدۇ. 12i<b  
3u 'VPF2  
كىملىكىمىزنىغۇ چۈشەندۇق، ئىككىنچى قەدەمدە قانداق قىلىش كېرەك ؟ QkF B \v  
بىزگە خىرىس قىلىپ كېلىۋاتقان تۈرلۈك كىملىك كىرزىسلىرىنىڭ، تاقابىل تۇرۇش دورىسىنى تېپىپ چىقىش كېرەك.  ئەمىليەتتە، بۇنىڭ دورىسى تولىمۇ ئاددى ھەم بىر خىل.  ئۇ بولسىمۇ، مۇشۇ كىملىكىمىزدە راستچىل بولۇش، يەنى، ھەقىقى مۇسۇلماندەك ياشاش.   m >Rdsn~l  
ئۇنۇتمايلىكى، مۇسۇلمان ئەر بولۇش  سۈپىتىمىز بىلەن، ئايال ۋە پەرزەنت ئۈچۈن يىقىلماس ئىمانى تۈۋرۈك،  ھەر زامان كۆكلەپ، سايە تاشلاپ تۇرىدىغان نىمەت ۋە ساخاۋەت دەرىخى،  تۈرلۈك ھۇجۇملاردىن قوغدايدىغان تېشىلمەس جاسارەت قالقىنى، نومۇس ۋە ھايادىن ساۋۇت كەيگەن كۆڭۈل تەختىنىڭ شاھى بولالىغان ۋاقتىمىزدىلا، ئاللاھنىڭ ھەرقانداق بىر ئىنساننى، ئۇنىڭ رىسقى بىلەن بىللە يارىتىدىغانلىقىغا  شەكسىز ئىشىنىپ، ھەرقانداق بانا سەۋەپ بىلەن سىرىتقا چىقىرىپ قويىۋاتقان قىز ئاياللىرىمىزنى، ئۆزىمىزنىڭ ھىمايىمىزگە ئالالايمىز.  مۇسۇلمان ئايال بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئەر ۋە پەرزەنت ئۈچۈن يايلايدىغان ئىمان بېغى، چارچىغاندا قۇۋۋەت ۋە ئىلھام ئالىدىغان شۈكۈر ۋە قانائەت بۇلىقى، نومۇس ۋە ھايادىن  لىباس كەيگەن قەلىپ پەرىشتىسى بولالىغان ۋاقتىمىزدىلا، مەسئۇلىيەتسىزلىك پاتقاقلىرىغا چوڭقۇر پېتىپ كېتىۋاتقان ئەركەكلىرىمىزنىڭ جىسمىغا ۋە دىلىغا سىڭىپ كىرىپ، ئۇلارنى ئۆزىمىزگە ھەقىقى ھىمايىچى قىلالايمىز. 8|LU=p`y'  
A'tv[T d8,  
قىسقىسى، ‹‹ دوست يىغلىتىپ ئېيتىدۇ، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ›› دەپتىكەن كونىلار.  ئەگەر سىز، بىز ، ھەممىمىز، مۇسۇلمانلىق دەۋايىمىزدا راستچىل بولۇپ، ھەقىقى مۇسۇلماندەك ياشىيالىساقلا، ‹‹جان ھۇلقۇمغا يەتكەندە، خۇدا دىيىشتىن››، ئۆمرىمىزنى ئورۇنسىز ۋايساش ، ئاغرىنىشلار بىلەن ئۆتكۈزىۋېتىشتىن ساقلىنالايمىز. شۇڭا بۇ دورىنى ۋاقتىدا يەيلى.  لېكىن، بۇ دورىنى يىيىشمۇ ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس.  بۇنى يىيىش ھەم ئۈنۈمىنى كۆرۈش ئۈچۈن، زور بەدەل تۆلەشكە، ھەتتا قايتىدىن تۇغۇلۇشقا  توغرا كېلىدۇ....  لېكىن، يەۋاتقانلار بىلىدۇكى، ھەر قانچە بەدەل تۆلەشمۇ بۇ دورىنىڭ ئۈنۈمىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا ئەرزىيدۇ.  بولۇپمۇ ھازىرقىدەك، كىملىكىمىز ناھايىتى خەتەرلىك ئەھۋالدا تۇرىۋاتقان بىر پەيىتتە، بۇ دورىنى ھەر قانچە بەدەل تۆلەپمۇ بولسا، قانچە تېز يىسەك، شۇنچە ياخشى. شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى بۇ دورىنى كېچىكتۈرمەي ئىشلىتىشنى باشلايلى!!! :@RX}rKG  
]')  
مەنبە: ئۆز قەلىمىم M =M~M$K  
o5E5s9n  
ئەسكەرتىش: بۇ دورىنى ئاللىقاچان يىيىشنى باشلىغانلار ۋە سىجىل يەۋاتقانلار، ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە چەكسىز ھەمدۇ سانا ۋە شۈكۈرلەر ئېيتايلى. تېخى /;5/7Bvj  
بۇ دورىنى ئاڭلاپ باقمىغان ياكى ئاڭلىسىمۇ يىيىشكە ئالدىرىماي،  بانا ئىزلەپ يۈرگەنلەر، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، دەرھال ئىشلىتىشنى باشلايلى. چۈنكى كېيىنكى پۇشمان ئۆزگە دۈشمەن. ئەگەر يىسەم يىمىسەم ئۆزەمنىڭ ئىشى، دىگۈچىلەر بولسا، ئۇمۇ مەيلى. چۈنكى بۇ دورا بەكلا ‹‹قىممەت››، باھاسىغا چىقىشماقمۇ تەس...
~eZ]LW])  
d4m@u$^1B  
R0#'t+7^  
!DM GAt\  
G@3Jw[t  
a)8;P7  
V}MRdt7  

تېما تەستىقلىغۇچى : Azizim
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-09-16, 20:06
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 20 پارچە مۇنبەر پۇلى +2727
kaysar008 مۇنبەر پۇلى +100 10-31 -
xahida223 مۇنبەر پۇلى +100 10-27 نادىر تېما
xabnam010 مۇنبەر پۇلى +1 10-19 ئىسىل تىما ..رەھمەت..
biparwa0997 مۇنبەر پۇلى +99 10-19 بەك ياخشى تېما يوللاپسىز!!!
laylinilka مۇنبەر پۇلى +20 10-17 تارام - تارام كۆل بولار!!!
subhiy مۇنبەر پۇلى +20 10-11 كىملىكىمىزنى تېپىشىمىز لازىم!
hamisa مۇنبەر پۇلى +20 10-06 -
alturuk007 مۇنبەر پۇلى +1 09-28 ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك ياخشى بىر تىما
篮球美女 مۇنبەر پۇلى +1000 09-24 ئەھمىيەتلىك ئېسىل تىما
altumari مۇنبەر پۇلى +100 09-23 بەرھەق!
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
ھاياتنىڭ مەنىسى سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشيۇر!
يەنى ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈلۈشتۇر !
nima︿japa
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.43372

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   324 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3968 (سوم)
 ياخشى باھا:   1029 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1241  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1017
 سائەت
دەرىجىسى:
1017 سائەت 23 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-06
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-16

تاماقنى خەنزۇنىڭ ئاشخانسىدىن يەش ئازىر مۇدا بۇلۇپ كىتىپتۇ . {mB!mbr  

 
مۇھەببەت شەخسنى ئۆزگەرتەلەيدۇ
sarwan0991
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.56050

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1412 (سوم)
 ياخشى باھا:   184 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   299  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 824
 سائەت
دەرىجىسى:
824 سائەت 76 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-09-11
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-16

بۇنى ھەربىر مانا مەن مۇسۇلمان مانا مەن ئۇيغۇر دىگەن ئادەم چۇقۇم ئۇقۇش لازىم.
 
altun-xamxar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5113

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   47 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5285 (سوم)
 ياخشى باھا:   189 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   257  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1200
 سائەت
دەرىجىسى:
1200 سائەت 150 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-29
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-16

بۇ ھەقىقەتەنمۇ ياخشى دورا ئىكەن ......ھەممىمىز ئەستايىدىل ئۇقۇپ ياخشى ئويلىنىپ باقايلى قىرىنداشلار.......
 
natik
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.49057

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   523 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4566 (سوم)
 ياخشى باھا:   1173 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1093  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 822
 سائەت
دەرىجىسى:
822 سائەت 78 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-25
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-16

تۇخۇنىڭ  پۇتى دگەننى  ئۇقۇمۇشلۇق ئالى مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن  .ۇقۇغۇچىلار نۇمۇسمۇ قىلماي كۈتۈرۋلىشىپ يەپ كىتىدكەن ئادەمنىڭ كۆڭلنى ئىلىشتۈرۈپ L)1\=[Ov  
تۇلا ھازىر بۇنداق ئىشلار بۇ تىمنى كۈرۈپ نىمە دەپ قاكار قۇلدكى تۇخۇ پۇتنى تارتىۋالغاندەكلا تىما بوپتۇ
 
hazniqi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.47298

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   416 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1222 (سوم)
 ياخشى باھا:   540 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   148  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2474
 سائەت
دەرىجىسى:
2474 سائەت 46 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-16

تېمىدىكى گەپلەر توغرا ،لېكىن« ئىللەت مىللەتتە ئەمەس ،شەخستە» دېگەن سۆزمۇ توغرا، بىر گەپ قىلىسىلا «بىز ئۇيغۇرلار.....»دەپ ئاغرىنىشتىن بىزارمەن ،،،،ئۇيغۇلارغا باھا بەرگەندە ئالدىراپ يەكۈن چىقىرىشقا بولمايدۇ ،،،،بۇ توغرىسدا ماۋۇ تېمىدا بەزى زىياليىلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى يوللىغان ئىدىم o)x&|0_  
$b2~H+u(  
/read.php?tid=60043&displayMode=1&page=1#792872 &GvSgdttv  
ئارىمىزدا  بەزى كىشىلەر ئۇيغۇرنىڭ ئەيىپلىرىنىلا كۆرىۋىرىپ ئۇيغۇرلىقىدىن تېنىش دەرىجىسگە باردى ھازىر،كىچىككىنە شەخىسي ماجرا،قانداقتۇر كوچىدا كۆرۈپ قالغان ناچار قىلىق -ھادسىلەرنىڭ ھەممىسىنى مىللەتنىڭ ئەيىپى دەرىجىسگە كۆتۈرۋىلىپ ئۇھىسنىشلارنى،ئاغرىنشلارنى  كۆرسەم شۇنداق بىئارام بولىمەن   ،شۇڭلاشقىمۇ تەنقىدچىلىكتىن سەل بىزىپ قاپتىكەنمەن (ئەلۋەتتە بۇ تېمىدىكىدەك جايىدا قىلىنغانلىرىنى قوبۇل قىلىدىغان گەپ) ..تېمىدا دېيىلگەن دورىدىن سىرت، يۇقىرىدا دېيىلگەندەك ئايرىم كىشىلەردە بار بولغان  مىللەتتىن ئۈمىدسزلىنىش كېسلىگەنۆۋەتتە گۈلەن ئەپەندىنىڭ جەمئىيەت تەكشۈرۈشلىرىگە ئوخشاش ئۇيغۇرنىڭ  ئۆزىنىڭ مىللىي كىملىكىدىن ،ئۆزلۈكىدىن پەخىرلىنىشتەك ھېسياتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان ھەقىقىي ئىش -ھادىسىلەر،ئوخشاش ياكى ئوخشىمايدىغان  ئىجتىمائىي مۇھىىتىن ئېلىنغان ئۇيغۇر باشقا مىللەت سېلىشتۇرما قىلىنغان ئەسەرلەرمۇ  ئوخشاشلا مۇھىم دورا...( بۇ دورىنى ئوخشاش ئىللەتلەردىن مۇستەسنا بولمىغان  قازاق ،خەنزۇ ،ئۆزبەك ..دەك مىللەتلەرمۇ ئىستىمال قىلىۋاتقىلى ئون يىللار بولۇپ قالدى،قالتىس ئۈنۈم بەردى دەپ قارايمەن ) p~""1m01,D  
http://jeckblog.com/netijilik-uyghurlar/ Aayd3Ph0%  
دۆلەت ئىچى -سىرتىدىكى  نەتىجىلىك ئۇيغۇر تەتققاتچى ،ئالىم ،دوكتۇر خانىم -قىزلىرىنىڭ ،ئەپەندىلىرىنىڭ تەرجىمىھالى يۇقىرىقى بلۇگتا بار،خالىساق مۇشۇلارنى ئۈلگە قىلىساقمۇ بولىدۇ.... |W@Ko%om  
(ئويلىغانلىرىم كۆپ ،ۋاقىت قىس بولغاچ گەپلىرىم سەل تاققا -تۇققا چىقىپ قالدى ،تېمىغا قارشى چىقىپتۇ دەپ چۈشىنۋىلىش بولمىغاي دېگەن ئۈمىدتىمەن )
[ بۇ يازما hazniqi تەرپىدىن 2011-09-16 11:03 PM دە ق ]

مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 2 پارچە مۇنبەر پۇلى +120
avam0507 مۇنبەر پۇلى +100 09-24 ئوخشاش ئويدا
alimibrayim مۇنبەر پۇلى +20 09-24 ئېسىل
 
Kunduz^_^ay
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3630

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1424 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   17878 (سوم)
 ياخشى باھا:   1386 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   3604  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5181
 سائەت
دەرىجىسى:
5181 سائەت 89 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-09
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-16

ناھايتى ياخشى يېزىلىپتۇ. كاللىسى ئويغاق، ۋىجدانلىق كىشى بولسا بۇنىڭدا نىمە دىيىلگىنىنى ۋە بۇ ھەقتە قاتتىق ئويلايدۇ.  ھازىر بىز قىلىشقا تىگىشلىك ئىش ھەرگىزمۇ بىر بىرىمىزدىن قاقشاش  ۋە قانداقتۇر بىرىنى تىللاش ئەمەس بەلكى ئۆزىمىز ھەققىدە ئويلىنىش، ئۆزىڭىزنى ئوڭشىماي تۇرۇپ باشقىلارنى ئوڭشايمەن ۋە باشقىلارغا نەسىھەت قىلىمەن دىمەڭ. چۈنكى سىزدە ئۇنداق ھوقۇق يوق ۋە سالاھىيەتمۇ يوق! xS+xUi  
|UQ [pas  
رىئاللىقتىن بېشىمنى كۆتۈرۈپ، تارىخنىڭ نۇرلۇق ئاسمىنىغا نەزەر سالدىم. ئاسمىنىمىزدا قىز - ئاياللارنىڭ يۇلتۇزى خىرەلىشىپ قاپتۇ. ئائىلە گۈلۈستانىنىڭ مېھىرلىك پەرۋىشكارلىرى سولۇشىقا باشلاپتۇ. شۇ سەۋەپتىن بىر ئەلگە باش ، بىر قوشۇنغا سەركە بولغۇدەك يىگىتلىرىمىز ھەم سۆلىتىدىن ئايرىلاي دەپ قاپتۇ. بېغىمىز خازان بولمىسۇن، ئاسمىنىمىز يۇلتۇزسىز قالمىسۇن. ;'Z"CbS+  
rwh 4/h^S  
توپىلىق يولدا كەتمىنىنى مۈرىسىگە ئېلىپ كېتىۋاتقان يالاڭ ئاياغ پۇتلىرى چاك چاك يېرىلغان تارىملىق دېھقاننىڭ غېرىبلىقى بەكمۇ چوڭقۇر، ئۇ ھوسۇلسىز ئېتىزىغا قاراپ قۇرۇق خىيالغا پاتتى. خوشياقماسلىق بىلەن ئاسمانغا قارىدى. كۈن ئېگىلگەن ، ناماز دىگەر ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەن، ئۇ بېشىدىلا ساڭگىلاپ تۇرغان كۈن ، ئايلىنىۋاتقان يەر شارى، زىرائەتلىرىنى سۇغارغۇچى يامغۇرنىڭ كارامەتلىك ئىگىسىگە ئەمەس، ئېتىز بويىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا شۇنچىرالا ماي باكىنى بېسىپ ئۇچقاندەك كىتىۋاتقان ماشىنا شوپىرىغا ھەيران. كۆز ئالدىمدىكى يەنە بىر كۆرنۈش، ھوسۇلسىز خورمىلىق بېغىدىن ئالدىراش يېنىپ چىقىۋاتقان ساقاللىق ، ئاپئاق تونلۇق دېھقان، كۈن ئىگىلگەن ، ئاپئاق داچىلار ئالدىدا سايىلار ئىككى باراۋەر ئۇزارغان. ئۇ ماشىنىسىنى قۇيۇندەك ھەيدەپ يۇقىرى سۈرئەتلىك يولغا چىقتى، ئاندىن ئايلانمىدىن ئۆتۈپ ، مەسجىد ئالدىدا توختىدى. دەل شۇ چاغدا مەزىننىڭ ناماز دىگەرگە توۋلىغان مۇڭلۇق ئاۋازى ياڭرىدى. h4Arg~Or  
ـــــــ نەزىرە مۇھەممەد سالىھ ـــــــــ

 
سېنى بويسۇندۇرغان كىشنىڭ ساڭا قىلغان ۋەدىسى ۋە تەسەللىسى، غەلبىدىن كېيىن سىنىڭ ئالدىڭدا كۆرەڭلىگىنىدۇر!
ئارقۇ
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.15755

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   352 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6887 (سوم)
 ياخشى باھا:   409 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   484  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6100
 سائەت
دەرىجىسى:
6100 سائەت 190 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-30
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-16

بۇ ياخشى دورىنى ھەممىز يەيلى،يەۋاتقانلار ئۈزۈپ قويمايلى،داۋاملاشتۇرايلى.باشقىلارنىمۇ يىيىشكە دالالەت قىلاليلى
 
ئاددىي ئادەم دائىم ياش تۇرۇدۇ.ياخشىچاق ئادەم ئاسانلا قېرىپ كىتىدۇ.
قاباھەتكە خەيرىلىك قىلىش مۈمكىن ئەمەس.ئەڭ موھىمى قاباھەتكە قانداق مۇئامىلە قىلىش.
alabag
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.39646

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   136 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   883 (سوم)
 ياخشى باھا:   147 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 347
 سائەت
دەرىجىسى:
347 سائەت 3 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-04
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-16

مەن بۇ پىكىرنى قۇللايمەن .كىتاپ ئۇقۇش كىرەك ،تەربىيلىنىش كىرەك .
 
مەن تىنىچلىق ئەلچىسى، مەن تىنىچلىقنى سۇيىمەن .
esma0999
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.16129

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1321 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   14343 (سوم)
 ياخشى باھا:   1326 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   900  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 8380
 سائەت
دەرىجىسى:
8380 سائەت 220 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-03
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-16

ھەممىسى ئاڭلىغان گەپلەركەنغۇ؟ چاپاق خىنىم سىزنىڭچە قانداق قىلساق بولار؟ بالىلارنى ئوقۇتمىساق، ئاياللار ئىشلىمىسە بولامدا؟ ئۆزىڭىزنى كۇۋەيت ياكى ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىگىدە دەپ ئويلاپ قالدىڭىزما؟
 
mostafa
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36697

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   77 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   322 (سوم)
 ياخشى باھا:   71 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2487
 سائەت
دەرىجىسى:
2487 سائەت 33 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-07
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-16

ھەقىقەتەن ئېسىل تېمكەن، ھازىرقى بىزنىڭ كۆپ ساندىكى قېرىنداشلىرىمىز رۇزا رامزاننى ئەمەلى ئادا قىمماي ھىت ئوينايدۇ، ناماز ئۇقۇماي قۇربانلىق قىلىدۇ، چۇشقا گۈشىدىن يىرگىنىپ ھاراققا چىلىنۋالدۇ، ئۆزى ئۈلۈپ قالغان قۇي كالا تۇخۇي گۆشلىردىن قاچىدۇ يۇ ئۇغۇرلاپ يەيدۇ X0LC:0+  
قىلچىلىك ھىيىقماي نۇمۇس قىمماي مەن مۇسۇلمان مەن دەپ مۇسۇلمان داۋاسى قىلدۇ
 
سۇقۇلدىغان ساندال بۇلغۇچە، ئۇرىدىغان بازغان بۇل
toxkanjan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.18610

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   796 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2763 (سوم)
 ياخشى باھا:   471 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   210  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4548
 سائەت
دەرىجىسى:
4548 سائەت 92 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-23
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-16

ئېسىل تىما ئىكەن.ھەق گەپ بەزىلەرنىڭ قۇلقىغا ياقماسلىق مومكىن،لىكىن كۆپ ساندىكى تورداشلار مۇشۇنداق تىمىنى قوللايدۇ. p+b$jKWQ  
تىما ئىگىسگە رەخمەت.
 
ئنساننىڭ ئاساسى ھوقۇقى كۆز يېشى بىلەن ئەمەس،ئىسسىق قېنى بىلەن قولغا كېلىدۇ.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى