ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 25قەۋەت hazniqi كە 2011-09-17 02:33 PMئەۋەتىلدى :
_'P!>C! ئۇنۇتمايلىكى، مۇسۇلمان ئەر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئايال ۋە پەرزەنت ئۈچۈن يىقىلماس ئىمانى تۈۋرۈك، ھەر زامان كۆكلەپ، سايە تاشلاپ تۇرىدىغان نىمەت ۋە ساخاۋەت دەرىخى، تۈرلۈك ھۇجۇملاردىن قوغدايدىغان تېشىلمەس جاسارەت قالقىنى، نومۇس ۋە ھايادىن ساۋۇت كەيگەن كۆڭۈل تەختىنىڭ شاھى بولالىغان ۋاقتىمىزدىلا، ئاللاھنىڭ ھەرقانداق بىر ئىنساننى، ئۇنىڭ رىسقى بىلەن بىللە يارىتىدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىپ،
ھەرقانداق بانا سەۋەپ بىلەن سىرىتقا چىقىرىپ قويىۋاتقان قىز ئاياللىرىمىزنى، ئۆزىمىزنىڭ ھىمايىمىزگە ئالالايمىز !qJ|`o Y ئەسما ھەدەم تېىمدا يېزىلغان يۇقارقى قۇرلانى سىلەردەك چۈشەنمەي ،باشقىچە چۈشىنۋالغان چىغىۋا،،،،
!{4bC ھەقىقىي مۇسۇلماندەك ياشاش كېرەك ،ئۇيغۇرلىقىنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك ،نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان كىرىزسىكە ھېچقانداق بىر دۆلەت ياكى كىشىلەر توپىنى نەقىل قىلماي ئاكتىپىلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىش كېرەك ،بولمىسا ھەرقانچە شوئار توۋلىسىمۇ ئەتراپتىكى رېئاللىق تەسىرىگە ئۇچرايدىغان بىر تۈركۈم كىشىلەر ئىجابىي ياكى سەلبىي يوللار ئارقىلىق يەنىلا رېئاللىققا پوزىتسيسنى بىلدۈرۈىۋەرگۈسى ...
mTZgvPJ! ئوتتۇرا ئەسىردە ياشىغان قىسمەن موللام سوپىلارنىڭ بۇ دۇنيالىقنى تاشلاپ ئۇ دۇنيالىققا ئۆزىنى ئاتاپ ،ئۆزلىرىگە «جەننەت» تەييارلاش ئۈچۈن پۈتۈن بىر مىللەتنى جاھالەتكە،قالاقلىققا مەھكۈم قىلىپ ئاخىرى جۇڭغارلانى باشلاپ كېلىپ مۇنقەرزلىكنىڭ ،دىندىن ،ئۆزلۈكدىن يىراقلىششىنىڭ دەسلەپكى ئۇرۇقىنى تېرىغانلىقىنى بىلىمىز،بۈگۈنكى كۈندە بىز ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى خاتا دەيمىز ،چۈنكى تارىخ ئىسپاتلىدى ،لېكىن شۇ دەۋردە شۇلارغا ئەگەشكەن خەلقىمىزچۇ؟ ئۇلار ئۆزلىرىنى توغرا مۇسۇلمانلىق يولىدا مېڭىۋاتىمىز دەپ ئويلايتتى،چۈنكى ئافاق غوجا دىنىدىن تولۇق دېگۈدەك خەۋەردار بىر ناتىق ، ئۇنىڭ ناتىقىلىقى شۇ دەرىجىدىكى يولدا ھاراق ئىچىپ ئولتۇرغان ئىككى زابوينى سوفىلىق يولدا ماڭدۇرالىغان ،ئۆزگە يۇرتتا نۇرغۇن تۇڭگان ،قىرغىزنى ئىسلامغا كىرگۈزگەن..، قىز -ئاياللارنىڭ ئوقۇشىغا ،خىزمەت قىلىشغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن مەمتىلى ئەپەندىنىڭ ئاقارتىش ئشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىپ ،مەھمۇد شىجاڭنى ئۇلارنى قوراللىق قوغداشقا مەجبۇر قىلغان خەلقىمىزچۇ؟ئۇلارمۇ ئەينى دەۋردەبىز ئىسلام ئۈچۈن توغرا ئىش قىلىۋاتىمز دەپ قارىغانلارغۇ؟ بۇ سۆزلەر ئارقىلىق ئەلۋەتتە ئاپتورغا قارشى چىقماقچى ئەمەسمەن ،دەيدىغىنىم ھەر دەۋرلەرنىڭ ئېھتياجى ،دەۋركىرىزىسى ئوخشاش بولمايدۇ ،خەلقتە ھەقىقىي مۇسۇلمانلىقنىڭ ئۆلچىمى قانداق دېگەن ئۇقۇمغا ئېنىق جاۋاب چىقمىغان ئەھۋال ئاستىدا ( بۇ سوئال چىقىپ بولغىچە قۇرئان كەرىم ھەدىستە ئېنىق جاۋاب بار دەيمىز ،توغرا جاۋاب بار،مەسىلە ئۇنى قانداق تەدبىقلاشتا،تەبىر بېرسشتا ،بۇنىڭدا ئالىم، يولباشقچىلارغا مۇھتاجمىز،لېكىن يولباشچىنىڭ ئىت ،ئارسلانلىقى ھەممىدىن مۇھىم،شۇڭا مەن ئىسلام يولىدا مېڭىۋاتىمەن دەپ خاماسمۇ ، ،تالىبانمۇ ،شۇنداقلا ئۇلارغا ئىدىيە جەھەتتىن تۈپ قارشى مۇسۇلمانلارمۇ توۋلىيالايدۇ .... ) بەزى مەسىلەرنى ھەل قىلماق ھەقىقەتەن قىيىن ،ئاددىي بىر مسال ئالاي ،مۇسۇلمانلىقنىڭ ئۆلچىمىنى كامالەتكە يەتكۈزدۇق دەپ قىز -ئاياللانى ئۆيگە سولىۋالدۇق ،خەنزۇچە بىلمەيدىغان ئانىڭىزغا ساغرا ئوكۇلىنى ئەر ئۇيغۇر دوختۇر كىرىپ سالدۇرسۇنمۇ ؟ تۇغۇتنىڭ گېپنى قىلماي تۇرماي ، ئاھالىلەر كومىتىدا پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتىنى ئىشلىگۈچى ئەر بولسا كىرىپ سورايدىغان نەرسىلىرىڭىزنى سورىيالارسزمۇ؟ ئاياللار ھوقۇقى توغرىلىق مەسلىھەتنچۇ،خەنزۇنىڭ ئالدىدا كېكەچلەپ چىرايىغا قاراپ تۇراسزمۇ ؟بالىڭىزنى ئوقۇتقاندىچۇ ؟....................مەن بۇنداق مىساللارنى ساناپ تۈگىتەلمەيمەن ،قىسىقى مەن ئىشلەۋاتقان دوختۇرخانىغا كۈندە دېگۈدەك ئۇيغۇرلارنى ئىزدەپ بويۇنداۋاتقانلار كېلىپ تۇرىدۇ ، مەن مانا شۇلارغا ياردەم قىلالىغانلىقىم ئۈچۈن خۇش بولۇپمۇ قالىمەن ،ھەرگىز ئۆيدىن سىرتقا چىقىپ ئىشلگەنلىكىمىدىن نومۇس ھېس قىلىپ باقمىدىم ،«جەننەت»نىڭلا غېمىنى قىلىپ ئۆيگە بېكىنىۋىلىشنى ئەكسچە بىزنىڭ ھازىرقى جەمئىيىتىمىزگە،رېئالىيتىمىزگە نىسبەتەن شەخسيەتچىلىك ،ئىنكارچىلىق،غايىۋىزمىچىلىك دەپ قارايمەن ..
"3VMjF\
} mEsb? g/ x\#W ھۆرمەتلىك دوختۇر ،سىز ئىنكاسىڭىزدا مىسال ئالغان ئەشۇ ‹‹
ئوتتۇرا ئەسىردە ياشىغان قىسمەن موللام سوپىلارنىڭ....›› ئىسلامغا، ھەقىقى ئىمانلىق مۆمىن مۇسۇلمانلارغا، ئىسلام ئۆلىما-موللىلىرىغا ۋەكىللىك قىلمايدىغانلىغى، ئەكسىچە قۇرئان ۋە پەيغەمبىرىمىزنىڭ يولىغا،جانابى اللا بۇيرىغان توغرا يولغا پۈتۈنلەي زىت بولغان جاھىلىيەتلىك، ئاللاھ قا شىرىكلىك، ئاسىلىق يولىغا ماڭغان مۇناپىقلارغا تەۋە ئىكەنلىگى ھارقانداق ئۇيغۇر مۇسۇلمان قېرىنداشلارغا ئايان. ئەگەر ئىسلامنى ھەقىقى چۈشەنسىڭىز ئەشۇنداق ئاپپاق خوجىغا ئوخشاش مۇناپىقلارنى مىسالغا ئېلىپ ئاللاھنىڭ مۇقەددەس كالامى قۇرئان كېرىمگە، مۇقەددەس ئىسلام دىنىغا ۋە تارىختىن بۇيانقى ھەقىقى ئىسلام ئۆلىما، رەھبەرلىرىگە تۆھمەت قىلماڭ ۋە ئىسلامنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنماڭ...
9h'klaE( qGKQrb,K ئىنكاسىڭىزدىن چىقىپ تۇرۇپتۇكى، سىز نە ئىسلامنى، نە مەزكۇر تېمىدىكى ئاپتورنىڭ نىمە دىمەكچى ئىكەنلىگىنى چۈشەنمەيدىكەنسىز...غەرىپلىكلەر ئاتالمىش ئىلغار پەن-تېخنىكىغا ئىگە بولغاچقا ماددى تۇرمۇش جەھەتتە تويۇنغان بولىشى مۈمكىن (بىزلەرگە نىسبەتەن)، ئەمما روھى جەھەتتە راستىنلا بەختلىكمىدۇ؟ بەلكىم سىز چەتئەلگە چىقىپ ئەشۇ غەرپلىكلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆرمىگەن بولىشىڭىز مۈمكىن، ئەمەلىيەتتە ئۇلاردا نۇرغۇن بەختسىزلىكلەر بار، ئەشۇ غەرپ ئىجتىمائى جەمىيىتى ھەل قىلالمىغان نۇرغۇن ئىجتىمائى مەسىلىلەر بار... شۇنى بىلىپ قېلىڭكى، ماددى تۇرمۇشنىلا كۆزلەپ ياشاش، بەختكە ئېرىشىشنىڭ يولى ئەمەس، بۇنداق ياشاش ئاخىرى سىزنى چۈشكۈنلۈككە ئېلىپ بارىدۇ...
m_r_4BP 0x8aKq\' ‹‹خەلقتە ھەقىقىي مۇسۇلمانلىقنىڭ ئۆلچىمى قانداق دېگەن ئۇقۇمغا ئېنىق جاۋاب چىقمىغان ئەھۋال ئاستىدا...›› ،
dtUt2r)6L; سىزنىڭچە ھەقىقى مۇسۇلمانچىلىقنىڭ ئۆلچىمى قانداق دىگەن ئۇقۇمغا ‹‹خەلق›› جاۋاپ بېرىشى كېرەكمۇ؟ ھەم جاۋاپ بەرسە توغرا بولامدۇ؟ ھەم جاۋاپ بېرىشكە لايىقمۇ؟....
kDr0D$iE سىزنىڭچە مۇسۇلمان دىگەن نىمە؟ بۇ سوئالغا توغراجاۋاپ بېرەلىسڭىز ،ئۆىڭىزنىڭ ئىنكاسىڭىزدىكى ئاۋۇ گەپلىرىڭىز لوگىكىغا پەقەت چۈشمىگەن ، بىمەنە، تېتىقسىز گەپ بوپ قالغانلىنى دەرھال چۈشىنىسىز.
-(+/u . +BE_K_56 مەزكۇر تېما ئىگىسى، ئاياللارنى ئوقۇتمايلى، ئاياللىرىمىز خەنچە ئۈگەنسە بولمايدۇ، دەپتىمۇ؟ ياكى ئىنكاسىڭىزدا دىگىنىڭىزدەك ئاياللارنى ئۆيگە سوىلۋېلىش(
ئاددىي بىر مسال ئالاي ،مۇسۇلمانلىقنىڭ ئۆلچىمىنى كامالەتكە يەتكۈزدۇق دەپ قىز -ئاياللانى ئۆيگە سولىۋالدۇق) مۇسۇلمانلىقنىڭ ئۆلچىمىنى ‹‹كامالەتكە›› يەتكۈزۈش بولامدىكەن؟....كىم شۇنداق قىپتۇ ۋە قۇرئان ياكى ھەدىسنىڭ قايسى يېرىدە شۇنداق دەپ بار ئىكەن؟.... شۇڭا بۇنداق قالايمىقان گەپلەرنى قىلماڭ.
7nL3+Pq ئاپتور پەقەت، ھەقىقى كۈچلۈك ئىمان بولغاندىلا ياخشى ئەخلاق بولىدۇ، ياخشى ئەخلاق شەرمى ھايالىق بولۇشتۇر، شەرمى ھايالىق بولۇش ئۈچۈن، قىز ئاياللىرىمىزنى خىزمەتنىڭ ئېھتىياجى دەپلا كالتا كۇسار، كالتا يوپكا-كۆينەكلەرنى ياكى دىنىمىز، ئەنئەنىمىزگە يات بولغان كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىۋەرسە ئۇنى توسماستىن ،پۇلنى كۈزلەپلا ھەممىنى توغرا چۈشىنىدىغان بىپەرۋالىق ،مەسئۇلىيەتسىزلىك خاھىشىدىن ساقلىنىشنى، ئەر-ئاياللاردا كۈچلۈك ئىمان، چوڭقۇر ئەقىدە بولغاندىلا ھەرخىل ناچار ئىجتىمائى مەسىلىلەردىن ساقلانغىلى بولىدىغانلىغىنى.....دەپتۇ. بۇ كۆزقاراشنىڭ قەيىرى خاتا؟
(@1*-4l #35@YMF ھەقىقەتەنمۇ كۈچلۈك دىنى ئېتىقاد بولمىسا، كۈچلۈك ئىماندىن، يۈكسەك ئەخلاق پەزىلەتتىن سۆز ئېچىش مۈمكىن ئەمەس، ماددى تۇرمۇشقا قارىغۇلارچە بەك چوقۇنۇپ پۇلنىلا كۆزلەپ، نەپس-خاھىشىغا چەك قويماسلىق، ئىمانسىزلىققا ئېلىپ بارىدۇ، ئاخىرىدا ھەرخىل گۇناھ لارنىڭ ،ئېغىر ئىجتىمائى بۇزۇلۇشنىڭ يامراپ كېتىشىگە سەۋەپ بولىدۇ.....
0`dMT>&I 4`#3p@- مۇسۇلمان ئاياللار ئىشلەش توغرا كەلسە، چوقۇم بىر مۇسۇلمان ئايالنىڭ ئۆلچىمىگە لايىق كىيىنىپ ئىشلىسە بولىدۇ. سىرتقى تەبىئى ۋە ئىجتىمائى شارائىت يار بەرمىسە،ئەرنىڭ تاپقنىغا شۈكرى قىلسا بولىدۇ، ئەرنىڭ تاپقىنى تۇرمۇش ئېھتىياجىغا يەتمىسە،مۇسۇلمان ئايالنىڭ ئۆلچىمىگە لايىق كىيىنىپ ئىشلىيەلەيدىغان باشقا تۇرمۇش يوللىرى ئۈستىدە ئىزدەنسە بولىدۇ. ئەگەر چىن ئىخلاسى بىلەن اللا يولىنى تۇتۇپ ياشايمەن دىسە ، جانابى اللا ھامان مەلۇم بىر تۇرمۇش يولى ياكى سەۋەپ بىلەن ھەرقانداق مۇسۇلماننىڭ رىسقىنى ھەرگىز كېمەيتىۋەتمەيدۇ... ھەربىر مۇسۇلمان بۇ نۇقتىنى ھەرگىز ئېسىدىن چىقارماسلىقى كېرەك.
_oJq32 {Jl W1;Jc7 يەنە نۇرغۇن گەپلىرىم بار ئىدى، ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ھازىرچە مۇشۇنچىلىك ئىنكاس يازاي...
Ii9@ j1-g aj<=]=hr شۇڭا ئىنكاس يازغاندا تېمىنى ياخشى ئوقۇپ، ئەتراپلىق ئويلىنىپ يازايلى....بولمىسىا يولۇچىدەكلا ئىنكاس يازماي ئۆتۈپ كەتسەكمۇ ھىچكىمنىڭ كۆڭلىگە كەلمەيدۇ...