مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       4151 
  •    ئىنكاس 
       24 

بىلىدىغانلار ياردەم قىلىڭلار ،بىلمىگەنلەر بىلۋېلىڭلار

قەۋەت ئاتلاش
nawkeran
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.14852

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   247 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7430 (سوم)
 ياخشى باھا:   292 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   426  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4302
 سائەت
دەرىجىسى:
4302 سائەت 38 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-22
ئاخــىرقىسى:2011-11-07

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىسرانم مۇنبىردىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار ، رامزان ئاخىرلاشقان مۇشۇ كۇنلەردە ھەج تاۋاپ قىىشقا دائىر مۇنۇ مەسىلنى ئاڭلاپ تازا چۇشۇنەلمىدىم ، بىلدىغانلار ئىسپات بىلەن سوزلەپ ياردەم قىلساڭلار ، بىلمەيدىغانلار بىلۋالساڭلار ، رەھمەت سىلەرگە. @;"|@!l|  
   1 ) ھايات بولغانلار ئۈلۈپ كەتكەن قېرىندىشى ياكى ئۇلۇپ كەتكەن ئاتا- ئانىسى ئۇچۇن ئۆمۈر ھەجىسى قىلغۇزۇش  يەنى ئۇزى ھىەج قىلغىلى بارغاندا ئۇلۇپ كەتكەنلەر ئۇچۇن ئۇمۇر ھەجىسى قىلغۇزۇش ياكى ھەجىگە ماڭغانلارغا پۇل بىرىپ قۇيۇش ئارقىلىق ئۈلۈپ كەتكەن قېرىندىشى ، ئۇلۇپ كەتكەن ئاتا- ئانىسى ئۇچۇن ئۆمۈر ھەجىسى قىلغۇزۇپ قۇيۇش  . jyCXJa-!-  
   2 ) ئۇزى ھايات تۇرۇپ كىسەل ياكى باشقا سەۋەپ تۇپەيلىدىن ھەج قىلىپ كىلىشكە قۇربى يەتمىگەنلەر ياكى ھەج قىلىپ كىلىشكە كۇزى يەتمىەيدىغانلار ھەجىگە ماڭغانلارغا پۇل بىرىپ قۇيۇش ئارقىلىق ئۈزى ئۇچۇن ئۆمۈر ھەجىسى قىلغۇزۇپ قۇيۇش  . 5 sX+~Q  
    يۇقارقى ئىككى خىل مەسىلگە  ئىسلامدا قانداق قارايدۇ ؟  بۇخىل ئۇسۇلدا ھەج قىلىش ئىسلامغا ئۇيغۇنمۇ ؟ ئۆمغر ھەجىسى ئارقىلىق ئۈزى قىلغان ھەجىگە ئوخشاش ساۋاپقا ئىرشەمدۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
تېما تەستىقلىغۇچى : سەھرا ئوغلى
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-09-12, 14:01
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
مېنىڭ تېرەمنى سويسىمۇ ، ئاللاھنىڭ دۈشمىنى بىلەن دوسىت بۇلالمايمەن .
پۈتۈن جاھاننىڭ سەلتەنىتى يەرگە تامچىلىغان بىر تامچە قانغا ئەرزىمەيدۇ .
1561060900
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.54771

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   34 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   172 (سوم)
 ياخشى باھا:   34 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 375
 سائەت
دەرىجىسى:
375 سائەت 65 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-09-05
ئاخــىرقىسى:2011-10-15
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-12

مەن بۇ توغۇرلۇق تازا ئىنىق بىلمەيدىكەنمەن
 
xahidin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.55897

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   19 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   194 (سوم)
 ياخشى باھا:   48 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 56
 سائەت
دەرىجىسى:
56 سائەت 34 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-09-11
ئاخــىرقىسى:2011-10-14
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-12

ناھايىتى ئەھمىيەتلىك سۇئالنى ئوتتۇرغا قۇيۇپسىز ،مۇنبەردە بۇ سۇئالغا  قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بىرىدىغانلار چۇقۇم چىقىدۇ . بىزمۇ مۇھىم بولغان بىلىمگە ئىگە بۇلىدىغان بولدۇق .
 
ئىللىق بول ،سىلىق بول تەبەسۇمىڭ چىرايىڭدىن كەتمىسۇن
مەخرۇزە
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.31141

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   272 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5246 (سوم)
 ياخشى باھا:   462 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   462  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2342
 سائەت
دەرىجىسى:
2342 سائەت 178 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-20
ئاخــىرقىسى:2011-10-02
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-12

مېنىڭ چوڭ ئاپاممۇ ئون يىل بۇرۇن تۈگەپ كەتكەن مومامنى ۋە5يىل بۇرۇن تۈگەپ كەتكەن  چوڭ دادامنى ئۆمرە ھاجى قىلىپ كەلگەن ئىدى ،بۇنىڭ زادى شەرىئەتكە دۇرۇس بولامدۇ يوق ،توغرىسىنى بىلمەيدىكەنمەن .ئاللا خالىسا مەنمۇ ئاپامنى ھايات ۋاقتىدا ئاپىرىپ ئارزۇلىىغا يەتكۈزگۈم بار .....
 
بىر كۈنلەر كىلۇر،گۈللەر ئاچىلۇر،ئويغۇر ئەيىۋى ،شۇندا ياپىلۇر.
maytag
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.31213

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   50 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1362 (سوم)
 ياخشى باھا:   174 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   200  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1424
 سائەت
دەرىجىسى:
1424 سائەت 96 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-21
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-12

مەن بىلمەيدىكەنمەن بىلىدىغانلار   ياردەم قىلىڭلار
 
ئۇيغۇرا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.53958

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   38 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1170 (سوم)
 ياخشى باھا:   307 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   450  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 16
 سائەت
دەرىجىسى:
16 سائەت 4 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-30
ئاخــىرقىسى:2011-09-21
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-12
ئاپتور(nawkeran) نىڭ تېمىسىغا

قانائەتلىك جاۋاپىقا ئىرىشمەكچى بولسىڭىز ، تەخىرقىلىڭ 8D~Dd!~P  
       مەن بىرنەچچە كۈن ئىچىدە ، مۇشۇ ئىشنى تۇلۇق پاكىت 5K(n3?1z)  
بىلەن چۈشەندۈرۈپ ، جاۋاپ بىرىمەن gLCz]D.'  
    جاۋاپ مەندىن ، ساقلاش سىزدىن
 
كىمكى قىلىشنىڭ قارا دەستىسنى تۇتۇشنى خالىمايدىكەن ، ئۆتكۈر تىغىغا دۇچ كىلىدۇ .
aysiman
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2385

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   1160 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8323 (سوم)
 ياخشى باھا:   398 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   443  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 7321
 سائەت
دەرىجىسى:
7321 سائەت 79 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-12

اللە تائاللا مۇنداق دەيدۇ:« ھەر بىر جان ئىگىسى ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىغۇچىدۇر،سىلەرنىڭ ئەجرىڭلار قىيامەت كۈنى تۇلۇق بېرىلىدۇ. كىمكى دوزاختىن يىراق قىلىنغان ۋە جەننەتكە كىرگۈزۈلگەنىكەن، ئۇ مۇرادىغا يەتكەن بولىدۇ. دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئالدايدىغان مالدىنلا ئىبارەتتۇر(يەنى ئالدايدىغان نەرسە بولۇپ،ئازغىنا بەھرىمان بولغاندىن كېيىن تۈگەيدۇ.» -قۇرئان كەرىم سۈرە ئال ئىمران 185-سۈرە s_` V*`n&  
A@ { !:_55  
اللە تائاللا يەنە مۇنداق دېگەن:« ھېچ ئادەم ئەتە نېمىلەرنى قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ھېچ ئادەم ئۆزىنىڭ قەيەردە ئۆلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ.» -قۇرئان كەرىم سۈرە لوقمان 34-ئايەتنىڭ بىر قىسمى D99N#36PU  
x_pMG!2  
اللە تائالا يەنە مۇنداق دېگەن :« ئۇلارنىڭ (ھالاك بولۇش) ۋاقتى كەلگەندە، قىلچە ۋاقتىمۇ كېچىكتۈرۈلمەيدۇ. (ۋاقىت كەلمىسە) قىلچە ۋاقتىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ.» - قۇرئان كەرىم نەھل 61- ئايەتنىڭ بىر قىسمى 1uj05aZh}  
1o)=GV1  
اللە تائاللا مۇنداق دەيدۇ: « ئى مۆئمېنلەر! ماللىرىڭلار ۋە بالىلىرىڭلار سىلەرنى اللە نىڭ زىكرىدىن غەپلەتتە قالدۇرمىسۇن، كىملەركى شۇنداق قىلىدىكەن، ئۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر، بىرىڭلارغا ئۆلۈم كېلىپ :« پەرۋەردىگارىم، نېمىشقا مېنى (يەنى ئەجىلىمنى) بىر ئاز كېچىكتۈرمىدىڭ،سەدىقە قىلىپ ياخشىلاردىن بولار ئىدىم» دېيىشتىن بۇرۇن ، ئۆزۈڭلارغا رىزىق قىلىپ بېرىلگەن نەرسىلەرنى سەدىقە قىلىڭلار، اللە ھېچ ئادەمنى ئەجىلى كەلگەندە ھەرگىز كېچىكتۈرمەيدۇ، اللە قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭلاردىن تۇلۇق خەۋەرداردۇر.» قۇئان كەرىم سۈرە مۇنافىقۇن 11- ئايەت nvwDx*[qN  
kt5YgW  
اللە تائالا مۇنداق دەيدۇ:« ئۇلارنىڭ (يەنى كۇففارلارنىڭ ) بىرىگە ئۆلۈم كەلسە، ئېيتىدۇركى: «پەرۋەردىگارىم، مېنى (دۇنياغا ) قايتۇرغىن، مەن قويۇپ كەلگەن مال-مۈلكۈم بىلەن ياخشىلىق قىلىشىم مۇمكىن.» (ئۇلارنىڭ دۇنياغا قايتىشى )مۇمكىن ئەمەس، ئۇ چوقۇم شۇ سۆزنى قىلغۇچىدۇر. ئۇلار قەبرىلىرىدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنگە قەدەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا (ئۇلارنى دۇنياغا قايتىشتىن توسىغان) بىر توسما بولىدۇ. سۈر چېلىنغان كۈندە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى تۇغقاندارچىلىق مەۋجۈت بولماي قالىدۇ، بىر -بىرىنىڭ (ئەھۋالىنىمۇ )سوراشمايدۇ.» دېگەن ئايەتتىن «ئى ئىنسانلار! بىزنى سىلەر ئۆزۈڭلارنى بىكار ياراتتى(يەنى سىلەر بىزنى ھايۋانلارنى ياراتقىنىمىزدەك بىز ھېچقانداق ساۋابمۇ بەرمەيدىغان، جازامۇ بەرمەيدىغان قىلىپ ياراتتى) ئۆزۈڭلارنى بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلمايمىز ،دەپ ئويلامسىلەر؟» - قۇرئان كەرىم سۈرە مۆئمېنۇن 99-115-ئايەتلەر GHqBnE{B  
Hm 
اللە تائاللا مۇنداق دەيدۇ:« مۆئمېنلەرگە ئۇلارنىڭ دىللىرى اللە نىڭ زىكرىگە ۋە نازىل بولغان ھەقىقەتكە( يەنى قۇرئان ئايەتلىرىگە) ئېرىيدىغان ۋاقىت يەتمىدىمۇ؟ ئىلگىرى كىتاب بېرىلگەنلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار ) دەك بولمىسۇن، (ئۇلار بىلەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئارىلىقىدىكى) زاماننىڭ ئۇزۇرىشى بىلەن ئۇلارنىڭ دىللىرى قېتىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ نۇرغۇنى اللە نىڭ ئىتائىتىدىن چىققۇچىلاردۇر.» -قۇرئان كەرىم سۈرە ھەدىد 16-ئايەت ]qF<Zw7  
N)Qlkz$X  
ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇركى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۆرەمنى تۇتۇپ تۇرۇپ:«دۇنيادا خۇددى مۇساپىر ياكى يولۇچىدەك بولغىن.» دېگەنىدى. nEuct4BcL}  
S@;&U1@h  
ئىبن ئۇمەر مۇنداق دەيتتى:« كەچقۇرۇنلىقى ئەتىگەنلىكىڭنى كۈتمىگىن،ئەتىگەنلىكى كەچقۇرۇنلىقىڭنى كۈتمىگىن.ساق ۋاقتىڭنى غەنىمەت بىلىپ، كېسەل ۋاقتىڭدا قىلالمايدىغان ئىشلىرىڭنى قىلىۋال، ھاياتلىقىڭنى غەنىمەت بىلىپ، ئۆلگەندىن كېيىن قىلالمايدىغان ئىشلىرىڭنى قىلىۋال.» -بۇخارى رىۋايەت قىلغان "&s9cO.H  
HK=CP0H  
ئىبن ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام مۇنداق دېگەن:« ھەر قانداق بىر مۇسۇلماننىڭ ۋەسىيەت قالدۇرغۇدەك بىر نەرسىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەسىيەت قالدۇرماي ئىككى كېچىنى ئۆتكۈزۋېتىشى توغرا بولمايدۇ» -بۇخارى مۇسلىم رىۋايەت قىلغان Zt7hzW  
o4U]lK$  
ئىبن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇركى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام تۆت چاسا كاتەكچە سىزىپ ئۇ كاتەكچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر مۇنچە ئۇششاق سىزىقلارنى سىزدى.شۇنىڭ بىلەن يەنە كاتەكچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا يەنە بىر مۇنچە ئۇششاق سىزىقچىلارنى سىزدى ۋە:« بۇ ئوتتۇرىدىكى سىزىق ئىنسان، ئۇنى ئوراپ تۇرغۇچى بۇ كاتەكچە بولسا ئۇنىڭ ئەجىلى، كاتەكچىدىن چىقىپ تۇرغىنى بولسا، ئۇنىڭ ئارزۇسى. بۇ كىچىك سىزىقلار بولسا دۇنيادىكى دۇنيادىكى پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر. ئەگەر كىشى بىر كىچىك سىزىقتىن قۇتۇلسا، يەنە بىر كىچىك سىزىق چىرمىۋالىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭدىنمۇ قۇتۇلسا، يەنە بىر كىچىك سىزىق چىرمىۋالىدۇ. ئەگەر ئۇنىڭدىنمۇ قۇتۇلسا يەنە بىرى چىرمىۋالىدۇ.» دېدى . -بۇخارى رىۋايەت قىلغان s-Q7uohK  
m.|qVN  
ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان:« بېشىڭلارغا مۇنداق يەتتە تۈرلۈك ئىش كەلگۈچە ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا ئالدىراڭلار. سىلەرنى كۈتۈپ تۇرىدىغىنى :ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرغۇچى نامراتلىق، يولدىن چىقارغۇچى بايلىق، بەدەننى كاردىن چىقارغۇچى كېسەللىك، ئەقىلنى ئاجىزلاتقۇچى قېرىلىق، تېز كەلگۈچى ئۆلۈم، يولدىن چىقارغۇچى، ئازدۇرغۇچى دەججال ياكى سىلەرنى كۈتۈپ تۇرغۇچى قىيامەتتۇر، قىيامەت بولسا ئەڭ قاتتىق ۋە دەھشەتلىكتۇر.» - تىرمىزى رىۋايەت قىلغان LJ:mJ #  
{EZFx,@t  
ئۇبەي ئىبن كەئب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىندۇركى ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆتسە، ئورنىدىن تۇرۇپ:« ئى ئىنسانلار! اللە نى كۆپ ياد ئېتىڭلار! بىرىنچى سۈر چېلىنىدىغان ۋاقت يېتىپ كېلىپ قالدى. ئۇنىڭغا ئىككىنچى سۈر ئەگىشىدۇ،ئۆلۈم دەھشەت بىلەن كېلىدۇ.» دەيتتى. مەن :«ئى اللە نىڭ ئەلچىسى! مەن ساڭا كۆپ دۇرۇد ئېيتاي دەيمەن، دۇئايىمنىڭ قانچىلىكىنى ساڭا دۇرۇد ئېيتىشقا قاراتسام بولار؟ » دېدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام :«خالىغىنىڭچە» دېدى. مەن:« تۆتتىن بىرى بولارمۇ؟» دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام :«خالىغىنىڭچە» دېدى . مەن "«يېرىمنى قىلايمۇ؟» دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام :« خالىغىنىڭچە » دېدى.مەن :«ئۈچتىن ئىككىسىنى قىلايمۇ؟» دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام:« خالىغىنىڭچە قىلغىن ،ئەگەر كۆپەيتسەڭ ئۆزۈڭ ئۈچۈن ياخشى » دېدى . مەن :« بارلىق دۇئالىرىمنى ساڭا دۇرۇد ئوقۇشقا قاراتسامچۇ؟» دېدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام :«ئۇ چاغدا غەم- قايغۇڭنىڭ كۆتۈرۈلىشىگە كۇپايە قىلىدۇ، گۇناھلىرىڭ مەغفىرەت قىلىنىدۇ» دېدى. -تېرمىزىي رىۋايەت قىلغان B=r]_&u-u  
oR!n b m  
مەنبە: ياخشىلار باغچىسىدىن مۇھەممەد سالىھ مۇتەرجىم 7/[TE  
iDyMWlV  
مەرىپەت كونا مۇنبەردىن ئېلىندى dVjcK/T<  
!4DG P28  
   j=!(F`/  
^\Ue 7,H-  

 
ياشانغان ئانىسىنى يىتىلەپ بازارغا ئىچىققان يىگىتلەرگە ئاللاھنىڭ سالىمى ھەم رەخمىتى بولسۇن (ئىنشاھ ئاللاھ )
فىزىك
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1705

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   304 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10359 (سوم)
 ياخشى باھا:   449 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   564  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 205
 سائەت
دەرىجىسى:
205 سائەت 65 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-31
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-12

ئاشۇ ھەجە سەپىرىگە چىقىم قىلغان پۇللارنى مائارىپقا ، يول ياساشقا ،،،، ئىشلەتسە تېخىمۇ ساۋابلىق ۋە ئەھمىيەتلىك بۇلارمىكىن دەپ ئويلايمەن . xIq"[?m  
(شەخسىي قارىشىم)
 
nawkeran
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.14852

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   247 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   7430 (سوم)
 ياخشى باھا:   292 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   426  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4302
 سائەت
دەرىجىسى:
4302 سائەت 38 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-22
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-12
5قەۋەتتىكى(ئۇيغۇرا) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش

ئەڭ توغرا جاۋاپقا ئىرشىش ئۇچۇن ساقلايمەن ، ھەم تىزراق ئاڭلاشقا تەقەززامەن
 
مېنىڭ تېرەمنى سويسىمۇ ، ئاللاھنىڭ دۈشمىنى بىلەن دوسىت بۇلالمايمەن .
پۈتۈن جاھاننىڭ سەلتەنىتى يەرگە تامچىلىغان بىر تامچە قانغا ئەرزىمەيدۇ .
pazilat2004
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.49804

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   365 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   11497 (سوم)
 ياخشى باھا:   2533 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   3688  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1936
 سائەت
دەرىجىسى:
1936 سائەت 154 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-31
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-12

ھەج ۋە ئۆمرە ھەققىدە ساۋات 0tm "kzy  
#o |&MV_j  
تەييارلىغۇچى: ئەبۇلفاتىھ y2ws* IZ"  
j &[WE7wf  
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم ZK_@.O+]  
'jlXLb  
مۇقەددىمە XTXo xZ#w  
4a50w:Jy]  
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: X\)KVn`  
oHFDg?Z`  
«إِنَّ أَوَّلَ بَيْتٍ وُضِعَ لِلنَّاسِ لَلَّذِي بِبَكَّەَ مُبَارَكاً وَەُدًى لِّلْعَالَمِينَ {96} فِيەِ آيَاتٌ بَيِّـنَاتٌ مَّقَامُ إِبْرَاەِيمَ وَمَن دَخَلَەُ كَانَ آمِناً وَلِلّەِ عَلَى النَّاسِ حِجُّ الْبَيْتِ مَنِ اسْتَطَاعَ إِلَيْەِ سَبِيلاً وَمَن كَفَرَ فَإِنَّ اللە غَنِيٌّ عَنِ الْعَالَمِينَ {97}» b0x0CMf  
7D_kkhN  
«ئىنسانلار ئۈچۈن سېلىنغان تۇنجى ئىبادەتگاھ مەككىدىكى كەبىدۇر. ئۇ مۇبارەكتۇر، ئالەملەر ئۈچۈن ھىدايەتتۇر. ئۇ يەردە روشەن ئايەتلەر بار. ئىبراھىمنىڭ ماقامى بار. كىم ئۇ يەرگە كىرسە ئامانلىققا ئېرىشىدۇ. ئۇ يەرگە بېرىشقا كۈچى يەتكەنلەرگە ھەج قىلىش پەرز قىلىندى. كىم كافىر بولسا بىلىپ قويسۇنكى، ئاللاھنىڭ ئالەملەرگە ئېھتىياجى يوقتۇر»- ئال ئىمران 3/96-97. K1{nxw!`  
eeTaF!W  
ئاللاھ تەئالا بۇ ئايەتتە مەككىگە بېرىشقا كۈچى يەتكەن مۇسۇلمانلارغا، ئۇ يەرگە بېرىپ ھەج قىلىشلىرىنىڭ پەرز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. "?(Fb_}i  
nVA'O  
ھەج ئىبادىتىنىڭ باشقا ئىبادەتلەرگە ئوخشىمايدىغان تەرىپى، ئۇ ئىبادەتنى ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان يەردە ئادا قىلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىدە كۆرىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ھەج قىلماقچى بولغان مۇسۇلمانلارنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا مەككىگە بېرىپ، شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن پائالىيەتلەرنى، بەلگىلەنگەن يەرلەردە ئىجرا قىلىشى لازىم. YhK/pt43C  
0guc00IN  
ھەج ئىبادىتىنىڭ شەكلى 'Mhdw}  
f]65iE?x  
1- بۇ ئىبادەتنى ئادا قىلماقچى بولغان كىشى زۇلھەججە ئېيىنىڭ 8 – كۈنى ھەجگە نىيەت قىلىپ ئىھرام باغلايدۇ ۋە «لەببەيك…» ئوقۇپ مىناغا چىقىدۇ. مىنادا نامازلارنى ئۆز ۋاقتىدا قەسرى قىلىپ ئوقۇيدۇ. كېچىنى مىنادا ئۆتكۈزىدۇ. بامدات نامازنى مىنادا ئوقۇپ بولۇپ، كۈن چىققاندىن كېيىن (زۇلھەججە ئېيىنىڭ 9 – كۈنى ئەتىگەن) ئەرەپاتقا ماڭىدۇ. ئەرەپاتقا كېتىۋېتىپ تەكبىر، تەھلىل ۋە لەببەيك ئوقۇيدۇ. n\al}KG  
;4#8#;  
2- ئەرەپاتقا يېتىپ كېلىپ، شۇ كۈنى كۈن پاتقىچە ئەرەپاتتا تۇرىدۇ. پېشىن بىلەن ئەسىر نامىزىنى قەسرى قىلپ، پېشىننىڭ ئاۋۋالقى ۋاقىتىدا بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇيدۇ. ئەرەپاتقا كەلگەندىن باشلاپ قايتقىچە بولغان ئارىلىقتا دۇئا بىلەنلا مەشغۇل بولىدۇ. كۈن پاتقاندىن كېيىن مۇزدەلىفىگە قاراپ ماڭىدۇ. eZkz 1j~  
_rh.z_a7w  
3- مۇزدەلىفىگە كېلىپ، ناماز شام بىلەن خۇپتەننى، خۇپتەننىڭ ۋاقتىدا بىرلەشتۈرۈپ ئوقۇيدۇ. خۇپتەن نامىزى قەسرى ئوقۇلىدۇ. ئۇ كېچىنى مۇزدەلىفىدە ئۆتكۈزىدۇ. بامدات نامىزىنى مۇزدەلىفىدە ئوقۇپ، كۈن چىقىشتىن بۇرۇن (يەنى زۇلھەججە ئېيىنىڭ 10 – كۈنى ئەتىگەندە) مىناغا قاراپ ماڭىدۇ. مۇزدەلىفىدىمۇ دۇئالار بىلەن مەشغۇل بولىدۇ. zd]L9 _  
,/U 9v~  
4- مىناغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن چوڭ شەيتانغا يەتتە دانە تاش ئاتىدۇ. ھەر بىر تاشنى ئاتقاندا «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەيدۇ. تاش ئېتىشقا باشلاش بىلەن تەڭ «لەببەيكە…» ئېيتىشنى توختىتىدۇ. t[ocp;Q  
UimZ/\r  
5– شەيتانغا تاش ئېتىپ بولغاندىن كېيىن قۇربانلىق قىلىدۇ. ئاندىن كېيىن چېچىنى چۈشۈرۈپ ياكى كەستۈرۈپ بولۇپ ئىھرامدىن چىقىدۇ. ئىھرامدىن چىقىش بىلەن ئىھرامدىكى چېغىدا قىلىش چەكلەنگەن ئىشلاردىن ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتىن باشقا ھەممە ئىشلارنى قىلالايدۇ. y+x>{!pw  
KA2B3\  
6- ئاندىن مەككىگە كىرىپ كەئبىنى تاۋاپ قىلىدۇ. تاۋاپ جەريانىدا ھەجەرۇل ئەسۋەدنى سۆيۈش ۋە سىلاش، رۇكنۇل يەمانىينى (كەئبىنىڭ تاۋاپ قىلغۇچىغا نىسبەتەن ھەجەرۇل ئەسۋەد ئورنىتىلغان بۇرجىكىدىن ئىلگىرىكى بۇرجىكىنى) سىلاش ياخشى ئىش. بۇنى ھىچكىمگە زىيان – زەخمەت يەتكۈزمەستىن قىلالىسا ياخشى بولىدۇ. تاۋاپ قىلغۇچى مەخسۇس بىر دۇئاغا باغلىنىپ قالماستىن خالىغان دۇئالارنى تاللاپ ئوقۇيدۇ. لېكىن رۇكنۇليەمانىي بىلەن ھەجەرۇلئەسۋەدنىڭ ئارىسىدا «رەببەنا… » نى ئوقۇسا ياخشى بولىدۇ. تاۋاپ جەريانىدا ئايەت ئوقۇشقىمۇ بولىدۇ. w' >v@`y  
nQVBHL>  
7– تاۋاپتىن كېيىن «ماقامى ئىراھىم» دا، ئەگەر مۇمكىن بولمىسا، ھەرەمنىڭ ئىچىدە ھەرقانداق بىر يەردە ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇپ، سافا – مەرۋە ئارىسىدا يەتتە قېتىم سەئيى قىلىدۇ. سەئيى سافادىن باشلىنىدۇ. مەرۋىدە ئاخىرلىشىدۇ. ts$UC $  
->{WO+6(  
سافادىن مەرۋىگە بېرىش بىر قېتىم، مەرۋىدىن سافاغا كېلىش بىر قېتىم ھېساپلىنىدۇ. سەئيى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مەرۋىدە تۇرۇپ، قىبلىگە قاراپ دۇئا قىلىش ناھايىتى ياخشى. سەئيى قىلىش جەريانىدا ئىككى يېشىل بەلگە ئارىسىدا ئەرلەرنىڭ يۈگىرىشى ياخشى. سەئيى قىلىش جەريانىدا بىلگەن دۇئالىرىنى ئوقۇيدۇ. x"T^> Q  
l'f!za0  
8- سەئيى قىلىپ بولغاندىن كېيىن يەنە مىناغا چىقىدۇ. كېچىنى مىنادا ئۆتكۈزىدۇ. ئەتىسىدىن باشلاپ، ئىككى كۈن (يەنى زۇلھەججىنىڭ 11 ۋە 12 – كۈنى) ياكى خالىسا ئۈچ كۈن (يەنى 11، 12 ۋە 13 – كۈنلىرى) مىنادا قالىدۇ. xq*yZ5:5Jo  
O, 6!`\ND  
9- مىنادا كۆپلەپ تەكبىر ئوقۇلىدۇ. ھەركۈنى پېشىن نامىزىدىن كېيىن كىچىك شەيتاندىن باشلاپ، ئۈچ شەيتاننىڭ ھەر بىرىگە يەتتە دانىدىن تاش ئېتىلىدۇ. ھەر تاشنى ئاتقاندا «ئاللاھۇ ئەكبەر» دەيدۇ. تاشلارنى بىراقلا ئەمەس، ئايرىم – ئايرىم ئاتىدۇ. كىچىك شەيتانغا تاش ئېتىپ بولغاندىن كېىيىن قىبلىگە قاراپ تۇرۇپ دۇئا قىلىش ياخشى. بۇ ئىش ئوتتۇرانچى شەيتەنغا تاش ئېتىپ بولغاندىن كېيىنمۇ قىلىنىدۇ. لېكىن چوڭ شەيتانغا تاش ئېتىپ بولغاندىن كېيىن قىلىنمايدۇ. مىنادا قالغان كۈننىڭ ئىككىنچى كۈنى ياكى خالىغان كىشى ئۈچىنچى كۈنى پېشىن نامىزىدىن كېيىن شەيتانلارغا يۇقىرىدىكىدەك تاش ئېتىش پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ھەج پائالىيتىنى ئاخىرلاشتۇرغان بولىدۇ. 5E|2 S_)G  
!!>G{  
ھەجدە ئىھرام باغلاش، تاۋاپ قىلىش، سافا – مەرۋە ئارىسىدا سەئيى قىلىش ۋە ئەرەپە كۈنىسى ئەرەپات تەۋەسىدە تۇرۇش قاتارلىق ئىشلار ھەج ئىبادىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بولۇپ، بۇلاردىن بىرى تەرك ئېتىلسە، ھەج ئىبادىتى ئادا قىلىنمىغان بولىدۇ. c:TP7"vG  
@ U|u _S@  
ھەجدە تۆۋەندىكى ئىشلاردىن بىرى يۈز بەرسە جازا كېلىدۇ: Rw% KEUDm  
>fQN"(tf  
1– مىيقاتتىن ئىھرامسىز كىرىش. WKML#U]5T  
x N)Ck76  
2– ئەرلەر بېشىنى يېپىش. #\QC%"%f  
]Hq%Q~cE  
3– چېچىنى چۈشۈرۈش، كېسىش ياكى ۋۇجۇدىنىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدىن تۈك ئېلىش. WH*&MIjAr/  
k9]n/  
4– تىرناق ئېلىش. Sa5y7   
dZ Z/(oE>  
5– تىكىلگەن بىر نەرسە كىيىش. DK;-2K  
j*}x e'#  
6– خۇشپۇراق نەرسە ئىستېمال قىلىش zT8K})#  
iDr0_y*t  
7– پەلەي كېيىش. u#<]>EtbB  
2z:9^a/]Na  
8– ياۋا ھايۋانلارنى ئۆلتۈرۈش. R}F N6cH  
t)h3GM  
يۇقىرىدىكى ئىشلاردىن بىرىنى قىلغان كىشىنىڭ بىر قان قىلىشى لازىم. قان قىلىش، بىر قوي ياكى بىر ئۆچكە بۇغۇزلاپ گۆشىنى مەككىنىڭ پېقىرلىرىغا تارقىتىش بىلەن بولىدۇ. qM'5cxe  
PQ" Dl=,  
ئەرەپاتتىن قايتىپ كېچىنى مۇزدەلىفىدە ئۆتكۈزمەسلىك، تەشرىق كۈنلىرىدە مىنادا قونماسلىق ۋە شەيتانلارغا تاش ئاتماسلىقتەك ئىشلارنى قىلغانلارغىمۇ بىر قان كېلىدۇ. '4EJ_Vhztc  
QMP:}   
ھەجنىڭ ئادا قىلىنىش شەكىللىرى f|!zjX`  
Gwe9< y  
ھەج ئىبادەتلىرى ئۈچ خىل بولىدۇ. بىرىنچىسى: تەمەتتۇ ھەججى، ئىككىنچىسى: ئىفرات ھەججى، ئۈچىنچىسى: قىران ھەججى. 3 }XS| Y  
(Q&Z/Fe  
بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئەۋزىلى «تەمەتتۇ ھەججى» دۇر. ;IyQqP#,<  
1QThAFN  
1- تەمەتتۇ ھەججى _:J! |'  
K\#+;\V  
بۇنىڭ شەكىلى مۇنداق: ==& =3  
8WMC ~  
ھەج ئايلىرىدا ئۆيدىن چىقىپ، مىيقاتتا ئۆمرىگە ئىھرام باغلاپ ھەرەمگە بارىدۇ. ئۆمرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئىھرامدىن چىقىپ، ھەج ۋاقتىغىچە مەككىدە ساقلايدۇ. ھەج ۋاقتى يېتىپ كەلگەندە مەككىدە تۇرۇۋاتقان يېرىدىن ھەجگە يېڭىدىن ئىھرام باغلاپ مىناغا چىقىدۇ. بۇ شەكىلدە ھەج قىلغانلارنىڭ بىر قۇربانلىق قىلىشى لازىمدۇر. IIzdCa{l  
+]G;_/[2  
2- ئىفرات ھەججى &W1c#]q@r  
r>V go):s  
كىشى ھەج ئايلىرىدا مىيقاتتىن ھەجگە ئىھرام باغلاپ، مەككىگە بارغاندىن كېيىن كەئىبىنى تاۋاپ قىلىدۇ. بۇ تاۋاپ «تاۋاپى قۇدۇم» دېيىلىدۇ (بۇ ھەجنىڭ تاۋپىغا ھېساپ بولمايدۇ). ئاندىن كېيىن ھەج ئۈچۈن سەئيى قىلىدۇ. بۇ ھەجنىڭ سەئيىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ھەجنىڭ پەرز تاۋاپىدىن كېيىن قىلىشقىمۇ بولىدۇ. سەئىيى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئىھرامدىن چىقمايدۇ. يەنى ھەج ۋاقتىغىچىلىك ئىھرام بىلەن قالىدۇ ۋە ھەجنى مۇشۇ ئىھرام بىلەن قىلىدۇ. سەئيىنى قىلماي ھەجنىڭ پەرز بولغان تاۋاپىدىن كېيىن قىلسىمۇ بولىدۇ. بۇ شەكىلدە قىلنغان ھەج «ئىفرات ھەججى» بولىدۇ. بۇنداق ھەجگە قۇربانلىق كەلمەيدۇ. :%R3( &  
HghNI  
3- قىران ھەججى 9i n&\  
JVRK\A|R  
بۇ خىل ھەجدە ھەج قىلغۇچى ھەج بىلەن ئۆمرىگە بىرلىكتە ئىھرام باغلايدۇ. قىلىدىغان پائالىيىتى ئىفرات ھەججىنىڭ پائالىيەلىرىگە ئوخشايدۇ. لېكىن قىران ھەججى قىلغۇچى كىشى، ھەرەمدە قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ئۆزى بىلەن بىللە مال ئېلىپ كېلىدۇ. > #SQDVFf  
J*.qiUAgW  
ئۆمرە R4{2+q=0  
Lf3:' n  
بۇ ئىبادەتنى ئادا قىلماقچى بولغان كىشى يىلنىڭ ھەرقانداق بىر كۈنىدە ئۆمرىگە نىيەت قىلىپ ئھىرام باغلايدۇ ۋە لەببەيكە ئوقۇپ ھەرەم مەسجىدىگە كىرىپ كەئبىنى تاۋاپ قىلىدۇ. تاۋاپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئىككى رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇپ سافا – مەرۋىنىڭ ئارىسىدا سەئيى قىلىدۇ. تاۋاپ ۋە سەئيى ھەجدىكىگە ئوخشايدۇ. سەئيى ئاخىرلارشقاندىن كېيىن چېچىنى چۈشۈرۈپ ياكى كەستۈرۈپ ئىھرامدىن چىقىدۇ. ئۆمرىگە ئىھرام باغلاشمۇ ھەجگە ئىھرام باغلاش بىلەن ئوخشاش. ھەجگە ئىھرام باغلىغان كىشى ئۈچۈن چەكلەنگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۆمرىگە ئىھرام باغلىغان كىشى ئۈچۈنمۇ چەكلىنىدۇ. .hU ndg  
0e&Vvl4DK  
ھەج ۋە ئۆمرىگە ئالاقىدار بەزى مەسىلىلەر DJhi>!xJ  
rk `x81  
1– ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا قۇبۇل قىلىنغان ھەجنىڭ مۇكاپاتى جەننەتتۇر. UW!!!  
S Bs_rhe  
2– ھەجدە خەجلەنگەن پۇل، ئاللاھنىڭ يولىدا خەجلەنگەن پۇل بىلەن ئوخشاش بىرگە يەتتە يۈز ھەسسە ساۋاب بولىدۇ. U]O7RH  
IWX%6*Zz  
3– شارائىتى توشىدىغان كىشىنىڭ ھەج ئىبادىتىنى كېچىكتۈرمەسلىكى لازىم. lIz"mk  
p \1-.  
4– نارەسىدە بالىغا ھەج پەرز ئەمەس، لېكىن ھەج قىلسا توغرا بولىدۇ. بۇ ھەج پەرز ھەجنىڭ ئورنىنى تولدۇرمايدۇ. y]yp8 Bs+  
pPUKx =d  
5– قەرز ئېلىپ ھەج قىلىشقا بولمايدۇ. ZBi|B D  
Vv#|% ^0  
6– ھارام پۇل بىلەن قىلىنغان ھەج، ھەج ھېساپلانمايدۇ. s0WI93+z  
 1)U%p  
7– ھەج ئىبادىتى جەريانىدا تىجارەت قىلىپ ياكى كىراكەشلىك قىلىپ پۇل تېپىشقا بولىدۇ. \hoYQK j  
 `C9/=  
8– لەببەيكىنى يۇقۇرى ئاۋاز بىلەن ئوقۇش ياخشى. |hk?'WGc`0  
XDRw![H,~  
9– ئىھرام كىيىمىنى ئالماشتۇرۇشقا بولىدۇ. )OpB\k  
 !*5vXN  
10– ئىھرامدىكى كىشى خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىستېمال قىلماستىن يۇيۇنسا بولىدۇ. *z&m=G\  
KF(N=?KO  
11– ھەج قىلغۇچى ياكى ئۆمرە قىلغۇچى ئىشلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ۋەتىنىگە قايتىدىغان چاغدا ۋىدالىشىش تاۋاپى قىلىدۇ. e:#c\Ay+  
m WN9/+!  
12– قۇدۇم تاۋاپىنىڭ ئاۋۋالقى ئۈچ قېتىمىدا ئەرلەرنىڭ ئوڭ مۈرىسىنى ئوچۇق قويۇپ، قەدەمنى كىچىك ئېلىپ يۈگىرىشى ياخشى. V/"P};n  
OFH!z {*  
دەلىللەر: HE6 kt6  
&i Yy  
بەقەر سۈرىسى 125، 158، 189، 196، 197، 198، 203 – ئايەتلەر؛ مائىدە سۈرىسى 2، 95،97؛ ھەج سۈرىسى29 ۋە 36 – ئايەت؛ فەتىھ سۈرىسى 25 ۋە27 – ئايەت؛ ئال ئىمران سۈرىسى 97 – ئايەت؛ كەۋسەر سۈرىسى 2 – ئايەت. apFY//(yu  
tgz  
بۇخارىي، مۇسلىم، نەسەئىي، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزىي، ئىبنى ماجە، مۇسنەد ئەھمەد، مۇۋاتتا مالىك، ھاكىم، تەبەرانىي، بەيھەقىي قاتارلىق كىتابلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك بۆلۈملىرى. N{rC#A3  
1HPYW7jk@"  
بەدەل ھەج (^,4{;YQ5  
;]/>n:[ E  
ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ: ^6c=[N$aW  
&\[3m^L  
«إِنَّ أَوَّلَ بَيْتٍ وُضِعَ لِلنَّاسِ لَلَّذِي بِبَكَّەَ مُبَارَكاً وَەُدًى لِّلْعَالَمِينَ {96} فِيەِ آيَاتٌ بَيِّـنَاتٌ مَّقَامُ إِبْرَاەِيمَ وَمَن دَخَلَەُ كَانَ آمِناً وَلِلّەِ عَلَى النَّاسِ حِجُّ الْبَيْتِ مَنِ اسْتَطَاعَ إِلَيْەِ سَبِيلاً وَمَن كَفَرَ فَإِنَّ اللە غَنِيٌّ عَنِ الْعَالَمِينَ {97}» $d:>(_p=A  
=gG_ %]``R  
«ئىنسانلار ئۈچۈن سېلىنغان تۇنجى ئىبادەتگاھ مەككىدىكى كەبىدۇر. ئۇ مۇبارەكتۇر، ئالەملەر ئۈچۈن ھىدايەتتۇر. ئۇ يەردە روشەن ئايەتلەر بار. ئىبراھىمنىڭ ماقامى بار. كىم ئۇ يەرگە كىرسە، ئامانلىققا ئېرىشىدۇ. ئۇ يەرگە بېرىشقا كۈچى يەتكەنلەرگە ھەج قىلىش پەرز قىلىندى. كىم كافىر بولسا بىلىپ قويسۇنكى، ئاللاھنىڭ ئالەملەرگە ئېھتىياجى يوقتۇر»- ئال ئىمران 3/96-97. [ QHSCF5  
~_|OGp_a  
يۇقىرىدىكى ئايەتنىڭ يەنى ئال ئىمران سۈرىسىنىڭ 97- ئايىتىنىڭ ئاستى سىزىلغان قىسمىنىڭ مەزمۇنى ھەرەمگە بېرىشقا كۈچى يەتمىگەنلەرگە ھەج ئىبادىتىنىڭ پەرز قىلىنمىغانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ياكى ھەرەمگە بارالمايدىغان كىشى ھەرەمگە بېرىشقا كۈچى يەتمىگەن كىشىدۇر، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ھەج قىلىش پەرز ئەمەستۇر. =6o,{taZ.~  
UM ?{ba9  
ئاللاھ تەئالا يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دەيدۇ: ah1DuTT/G  
io8c[#"uU  
«وَأَن لَّيْسَ لِلْإِنسَانِ إِلَّا مَا سَعَى» Av3qoH)[<  
w"p,6Ew  
«ئىنسان پەقەت ئۆزى قىلغان ئىشنىڭلا نەتىجىسىنى كۆرىدۇ»- نەجم 53/39. 3>jL7sh%|  
Mwm=r//  
باشقىسى قىلغان ھەج شۇ باشقىسى قىلغان ئىشتۇر. بۇ ئىشنىڭ نەتىجىسىنى يەنە بىر باشقىسى كۆرمەيدۇ. 7hQf T76h  
G|WO  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دەيدۇ: z?a<&`W  
lP9XqQ(  
«ئىنسان ئۆلسە، ئۇنىڭ بارلىق ئەمەلى توختايدۇ. پەقەت تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەمەلىنىڭ ساۋابى توختىمايدۇ: بىرىنچى، ئىنسانلارغا مەنپەئەتى ئۈزۈلمەي بولۇپ تۇرىدىغان سەدىقە (مەسجىد، مەدرىسە سالغانغا ئوخشاش) . ئىككىنچى، پايدىلىق ئىلىم (باشقىلارغا ئۆگىتىلگەن ئىلىم ۋە يېزىلغان ئىلمىي ئەسەرلەر). ئۈچىنچى، ئارقىسىدىن ئاتا – ئانىسى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرىدىغان ياخشى پەرزەنت»- مۇسلىم، ۋەسىيەت 14 ھەدىس نومۇرى 1631. تىرمىزى، ئەھكام 1297. نەسەئى، ۋەسايا 3591. ئەبۇ داۋۇد، ۋەسايا 2494. -85]x)JE  
J?Y1G<&  
يۇقىرىدىكى ئايەتلەرنىڭ ۋە ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بىر كىشى قىلغان ئەمەلنىڭ يەنە بىر كىشىگە پايدىسى بولمايدىغانلىقىغا ئېنىق بىر شەكىلدە دالالەت قىلىدۇ. شۇڭا ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈن، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئاللاھ ئالدىدىكى قۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن قىلىدىغان ئىبادەتنى باشقا بىر كىشى ئۈچۈن نىيەت قىلىپ ئادا قىلىشقا بولمايدۇ. بولۇپمۇ ھەج ئىبادىتى بەدەن بىلەن قىلىنىدىغان ئىبادەتتۇر. ئۇنىڭ پۇل كېتىدىغان قىسمى ھەج ئىبادىتىنىڭ سىرتىدىكى ئىشلاردۇر. K]0Q=HY{.  
n9qO;X4&  
ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ئىبادەتنى قىلغان بىر مۇسۇلمان، ئۇنى ئۆزىنىڭ ئاللاھ تەئالا ئالدىدىكى قۇللۇق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، شۇنداقلا ئاللاھ تەئالانىڭ ئىمتىھانىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن قىلىدۇ ۋە قىلىشى لازىم. ئاللاھ تەئالا بۇنداق ئەمەلنى كىم قىلغان بولسا، ئەجىرنى شۇ قىلغۇچىغا بېرىدىغانلىقىنى نۇرغۇنلىغان ئايەتتە بايان قىلىدۇ. Sk*-B@!S  
I(i/|S&^  
ئال ئىمران 57، نىسا 152 ۋە 173، فاتىر 30 قاتارلىق ئايەتلەردىكى «ئۇجۇرەھۇم»، بەقەرە 62، 274، 277، ئال ئىمران 199، نەھل 97، ھەدىد 19- ئايەت قاتارلىق ئايەتلەردىكى «ئەجرەھۇم» ئەمەلنى كىم قىلسا، ئەجىر (ساۋاب) نى شۇنىڭ ئالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. 8XwZJ\5  
$6&P 69<  
بۇ ھەقتە يەنە بىر گەپ، ئىككى نەرسىنىڭ بىرلەشمىسىدىن ئىنسان ھاسىل بولىدۇ؛ بىرى تەن، يەنە بىرى روھ. ئىنسان ئۆزى ئىستېمال قىلغان يېمەك – ئىچمەكلەر بىلەن تېنىنى (بەدەنىنى) غىزالاندۇرىدۇ؛ ئۆزى قىلغان ئەمەل – ئىبادەت بىلەن روھىنى غىزالاندۇرىدۇ. بىر كىشىنىڭ باشقىسى يەپ – ئىچكەن نەرسە بىلەن قورسىقى تويمىغاندەك، باشقىسى قىلغان ئىبادەت بىلەنمۇ روھى غىزالانمايدۇ. tcovMn '  
\,U#^Vr  
بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندىمۇ ھەجنى باشقىسى ئۈچۈن قىلغان «نىمكار» نىڭ: «مەن بۇ ھەجنى پالانى ئۈچۈن قىلىمەن» دېگەن سۆزى ياكى شۇنداق نىيىتى: «مەن ماۋۇ تاماقنى پالانى ئۈچۈن يەيمەن، شۇ پالانىنىڭ قورسىقى تويسۇن» دېگەندەك گەپ بولىدۇ. ھەج ئىبادىتىگە نىمكار سالغۇچى كىشىنىڭ: «ماۋۇ پۇلنى ئېلىپ دادام ئۈچۈن ھەج قىلىپ بەرسىلە» دېگەن سۆزى، «ماۋۇ پۇلغا دادام ئۈچۈن تاماق يەپ بەرسىلە، دادامنىڭ قورسىقى تويسۇن» دېگەندەك گەپ بولىدۇ. q T16th[D  
Jd].e=]pN  
بەدەل ھەج قىلدۇرۇشنىڭ توغرا بولدىغانلىقىغا دەلىل قىلىنىۋاتقان ھەدىسلەر سەنەد ئېتىبارى بىلەن خەبىرى ۋاھىددۇر، مەنا ئېتىبارى بىلەن يۇقىرىدىكى ئايەتلەرگە، يۇقىرىدىكى ھەدىسقا ۋە ئىسلام دىنىنىڭ روھىغا خىلاپتۇر. OokBi 02b  
_`Ojh0@00  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋىدالىشىش نۇتقى A5d(L4Q]a(  
;n-)4b]\  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام زۇلھەججە ئېيىنىڭ 9 – كۈنى ئەرەپاتقا چىقتى ۋە بۇ يەردە ئىسلام دىنىنىڭ تۈپ يىلتىزى ۋە شاخچىلىرى بايان قىلىنغان ئۇلۇغ نۇتقىنى سۆزلىدى. نۇتۇقنىڭ تېكىستى تۆۋەندىكىچە: /F>\-    
IEi E6z]L(  
"ھەممە مەدھىيە ئاللاھقا خاس. ئاللاھنى مەدھىيەلەيمىز، ئاللاھتىن كەچۈرۈم سورايمىز، ئاللاھقا تەۋبە قىلىمىز، ئاللاھقا سېغىنىپ، نەپسىمىزنىڭ يامانلىقىدىن ۋە يامان ئىشلاردىن پانا تىلەيمىز. ئاللاھ ھىدايەت قىلغان ئادەمنى ھېچكىم ئازدۇرالمايدۇ. ئاللاھ ئازدۇرغان ئادەمنى ھېچكىم ھىدايەت قىلالمايدۇ. شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمەنكى يالغۇز بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچقانداق ئىلاھ يوق. ئاللاھنىڭ شېرىكى يوق. يەنە گۇۋاھلىق بېرىمەنكى مۇھەممەد ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسىدۇر. ?DAW~+,!7o  
F TB@70  
ئى ئاللاھنىڭ بەندىلىرى! سىلەرنى ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىشقا تەۋسىيە قىلىمەن، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشىڭلارنى تەرغىب قىلىمەن، سۆزۈمنى خەيرلىك ئىشلاردىن باشلايمەن. 9J "Y   
R~z@voM*<  
ئى خالايىق، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! بۇ يىلدىن كېيىن مۇشۇ جايىمدا سىلەر بىلەن ئۇچىرشالماسلىقىم مۇمكىن دەپ ئويلايمەن، ئى خالايىق! تاكى رەببىڭلارنىڭ دەرگاھىغا بارغىنىڭلارغا قەدەر بىر – بىرىڭلارنىڭ جېنىغا، مېلىغا چېقىلىش، خۇددى مۇشۇ ئاينىڭ، مۇشۇ كۈننىڭ، مۇشۇ جاينىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىققا ئوخشاشلا ھارامدۇر. سىلەرگە شۇنى يەتكۈزىمەنكى، ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن. lX)RG*FlTC  
,n')3r   
قۇلىدا كىشىلەرنىڭ ئامانەتلىرى بار ئادەملەر ئامانەتنى ئۆز ئىگىلىرىگە قايتۇرسۇن؛ جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلىنغان جازانە بىكار قىلىنىدۇ. ئالدى بىلەن تاغام ئابباس ئىبنى ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ جازانىسىنى بىكار قىلشتىن باشلايمەن. جاھىلىيەت دەۋرىدىكى قان قەرز بىكار قىلىنىدۇ. ئالدى بىلەن ئامىر ئىبنى رەبىئە ئىبنى ھارىسنىڭ قان قەرزىنى بىكار قىلىشتىن باشلايمەن. جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ئادەتلەردىن كەئبىنى، زەمزەم سۈيىنى باشقۇرۇشتىن باشقىلىرى بىكار قىلىنىدۇ. @$5!  
C:$12{I?*  
قەستەن ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئەگەر ئۇ، بىر كىشىنى تاياق بىلەن ياكى تاش بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرسە قىسمەن قەستەنلىك ھېساپلىنىپ، قىساسىغا 100 تۆگە تۆلىتىۋېلىنىدۇ. بۇنىڭدىن ئارتۇق تۆلىتىش جاھىلىيەت كىشىلىرىنىڭ ئىشى. G4!$48  
GJ>vL  
ئى خالايىق! شەيتان سىلەرنىڭ زېمىنىڭلاردا ئىبادەت قىلىنىشتىن ئۇمىدىنى ئۈزدى. لېكىن ئۇ سىلەر كىچىك سانايدىغان ئىشلىرىڭلاردا سىلەرنى ئۆزىگە بوي سۇندۇرماقچى بولىدۇ. $,vZX u|Qw  
"}uPz4  
ئى خالايىق! نەسى[1] دېگەننى قوللىنىش كۇفرىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ. كاپىرلارنى ئازدۇرىدۇ. ئاللاھ ھارام قىلغان ئاينى ئۆزلىرىچە ھالال قىلىش ئۈچۈن ئۇنى بىر يىل ھالال قىلسا، يەنە بىر يىلى ھارام قىلىشىدۇ. ئاللاھ ئاسمان زېمىننى ياراتقا ۋاقىتتىن تارتىپ، زامان ئۆز پېتىچە دەۋر قىلىپ كەلدى. قۇرئاندا ئاللاھنىڭ ھۆكمىدە ئاسمان – زېمىن يارىتىلغاندىن تارتىپ، ئايلارنىڭ سانى ئون ئىككى. بۇلارنىڭ ئىچىدە تۆت ئاينىڭ ھۆرمىتىنى ساقلىماسلىق ھارام قىلىنغان. بۇ ئايلارنىڭ ئۈچى – زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم بىر – بىرىگە ئۇلىنىپ كېلىدۇ. جۇمادىيەل ئاخىر ئېيى بىلەن شەئبان ئېيىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى رەجەپ ئېيى بولسا، يالغۇز كېلىدۇ. سىلەرگە تەبلىغ قىلدىممۇ (سىلەرگە ئاللاھنىڭ ھۆكمىنى يەتكۈزدۈممۇ)؟ ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن! Vt_NvPB`  
{C=d9z~:  
ئى خالايىق! زىممىڭلاردا ئاياللىرىڭلارنىڭ سىلەر رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ھەققى بار. ئاياللىرىڭلارنىڭ زىممىسىدىمۇ ئۇلار رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك سىلەرنىڭ ھەققىڭلار بار. سىلەرنىڭ ھەققىڭلار شۇكى، ئاياللىرىڭلار تۆشەكلىرىگە سىلەردىن غەيرى ئادەملەرنى يولاتماسلىقى، سىلەر خوپ كۆرمەيدىغان ئادەملەرنى سىلەردىن رۇخسەتسىز ئۆيگە كىرگۈزمەسلىكى ۋە پاھىشە قىلماسلىقى لازىم. ئەگەر ئۇلار شۇنداق قىلسا، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۇلارنى چىڭ تۇتۇشۇڭلارغا، ئۇلارنى ئۆيدىن چىقارماسلىقىڭلارغا، ئۇلار بىلەن بىر تۆشەكتە ياتماسلىقىڭلارغا، ئۇلارنى ئاستىراق ئۇرۇشڭلارغا رۇخسەت بېرىدۇ. ئەگەر ئۇلار چەكلىنىپ سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى چىرايلىقچە ئاش – نان، كېىيىم – كېچەك بىلەن تەمىنلەڭلار. سىلەرنىڭ ئەمرىڭلاردىكى ئاياللار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى ئىگە ئەمەس. ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئامانىتى قىلىپ ئالدىڭلار، ئۇلارنى نىكاھ ئارقىلىق ئۆزۈڭلارغا ھالال قىلدىڭلار. ئاياللار توغرىسىدا ئاللاھتىن قورقۇڭلار. ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش توغرىسىدىكى ۋەسىيەتلەرنى قوبۇل قىلىڭلار. سىلەرگە تەبىلىغ قىلدىممۇ؟ ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن. ~I0I#_$'P  
.x__X3P>\  
ئى خالايىق! مۇئمىنلار بىر – بىرىگە قېرىنداش. قېرىندىشىنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن بەرمىگەن مېلى ھېچكىمگە ھالال ئەمەس. سىلەرگە تەبىلىغ قىلدىممۇ؟ ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن. sje}E+{[  
3r=IO#  
مەندىن كېيىن مۇرتەد بولۇپ بىر – بىرىڭلارنى قىرىدىغان كاپىر بولماڭلار! سىلەرگە مەن ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان قۇرئاننى قويۇپ كەتتىم. قۇرئاننى مەھكەم تۇتساڭلار، ئازمايسىلەر. تەبىلىغ قىلدىممۇ؟ ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن. Ga\E`J$c  
4m%RD&ZN  
ئى خالايىق! سىلەرنىڭ رەببىڭلار بىر، ئاتاڭلار بىر، ھەممىڭلار ئادەم ئاتىدىن بولغان. ئادەم ئاتا تۇپراقتىن يارىتىلغان. كىم ئەڭ مۇتتەقى (ئاللاھنىڭ بۇيرۇغانلىرىنى قىلىپ، ئۇنىڭ تۇسقان ئىشلىرىدىن چەكلەنگەن ئادەم) بولسا، شۇ ئادەم ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ئەڭ ھۆرمەتلىكتۇر. ئەرەب بولغان ئادەم بىلەن غەيرى ئەرەب بولغان ئادەمنىڭ قايسىسى تەقۋادار بولسا، شۇ ئەۋزەل. تەبىلىغ قىلدىممۇ؟ ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن. cw 3JSz9  
xUYUOyV  
سۆزۈمنى بۇ يەرگە ھازىر بولغانلار ھازىر بولمىغانلارغا يەتكۈزسۇن. 'C6 K\E  
YaTJKgi"0  
ئى خالايىق! ئاللاھ ھەر بىر ۋارىسقا مىراس نەسىۋىسىنى بەلگىلىدى. مىراسنى بىرلا ۋارىسقا ۋەسىيەت قىلىش دۇرۇس ئەمەس. مىراسنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كۆپرەكىنى ۋەسىيەت قىلىش دۇرۇس ئەمەس. بالا ئەرنىڭ بولىدۇ. زىنا قىلغۇچىنىڭ بولمايدۇ. كىمكى، ئاتىسىدىن باشقا بىرىنى ئاتا دەپ، خوجايىنىدىن باشقا بىرىنى خوجايىن دەپ دەۋا قىلسا، ئۇ ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە ھەممە كىشىلەرنىڭ لەنىتىگە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ بەرگەن نەرسىسى ۋە گۇۋالىقى قۇبۇل قلىنمايدۇ. سىلەرگە ئامانلىق ۋە ئاللاھنىڭ رەھمىتى بولسۇن M9MfO*  
dMsX}=EI<  

 
marziyam
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.40561

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   46 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   197 (سوم)
 ياخشى باھا:   27 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 845
 سائەت
دەرىجىسى:
845 سائەت 55 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-13
ئاخــىرقىسى:2011-11-02
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-12

يۇقارقى سۇۋالنىڭ جاۋابىنى ئەڭ توغرا جاۋاپقا ئىرشىش ئۇچۇن ساقلايمەن.
 
gulnazi0998
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.52140

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   120 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2351 (سوم)
 ياخشى باھا:   288 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   297  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1281
 سائەت
دەرىجىسى:
1281 سائەت 69 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-18
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 09-12

جاۋابى ئىنىق بوپتىغۇ ؟ y/rmxQtP  
كىشى ئۆزى قىلغان گۇناھنىڭ جازاسىنى ئۆزى تارىتقاندەك ،ئۆزى قىلغان ياخشىلىقنىڭ ساۋابىمۇ ئۆزىگە بولىدۇ . Epsc2TuH7  
  
 
كىبىر لىك بەندىگە ياراشماس
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى