مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       4692 
  •    ئىنكاس 
       42 

بىز نىمە ئىشنى خاتا قىلىۋاتىمىز؟

قەۋەت ئاتلاش
Qapaqhenim
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.41019

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   473 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   15074 (سوم)
 ياخشى باھا:   3874 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   5921  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5287
 سائەت
دەرىجىسى:
5287 سائەت 313 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-17
ئاخــىرقىسى:2011-11-01
— بۇ تېمىنى hokumran بەس مۇنازىرە دىن بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدى (2011-08-13) —

lyx p:  
بىز نىمە ئىشنى خاتا قىلىۋاتىمىز؟
z_< 7T4  
iR(A ^  
 `qSNS->  
     بۇندىن ئىككى يىل بۇرۇن، ئوتتۇرا شەرىقتىكى مەلۇم بىر مۇسۇلمان دۆلىتىگە بېرىشقا توغرا كەلدى. مەن تىزىملاتقان ئايرۇپىلان، قاتارنىڭ ئايرۇپىلانى بولۇپ، بىۋاستە بارىدىغىنى بولماستىن، ئارىلىقتا، قاتاردا بەش سائەت توختاپ، ئاندىن ئۇچىدىغان ئايرۇپىلان ئىدى.  ئايرۇپىلان كۈتكۈچى خادىملىرىنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك چەت ئەللىكلەردىن، مەسىلەن، ئەنگىلىيەلىك، ئىرانلىق، بېنگاللىق...   لاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئېنگىلىز تىلىدا راۋان سۆزلەيتى. مۇئامىلىسمى  ۋە مۇلازىمەت سۈپىتىگە گەپ كەتمەيتى.   n4ce) N@  
2:/'  
     بىر چاغدا، يولدۇشۇم بىلەن پاراڭلىشىپ ئولتۇرساق، بىر كۈتكۈچى قىز ئىتتىك قېشىمىزغا كېلىپ، سىلەر ئىرانلىقمۇ؟ دەپ سورىدى. بىز ، ياق، بىز ئۇيغۇر، بولىمىز، دەپ جاۋاپ بەردۇق.  ئۇ قىز، بىزنىڭ پارىڭىمىزدىن شۇنداق ھېس قىلىپ قالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئىرانلىق ئىكەنلىكىنى ئېيىتتى. بىز ئۆزىمىزنىڭ يۇرتىنىڭ جايلاشقان ئورنىنى كومپۇتېردىن كۆرسىتىپ قويدۇق ۋە تارىختا ئىران بىلەن ئارىمىزدا،  تىل  ۋە مەدىنىيەت ئالماشتۇرۇش بولغانلىقىدەك تارىخىمىزنىمۇ قىسقىچە  قوشۇپ قويدۇق. ئۇ قىز كۈلۈپ تۇرۇپ، چوڭ ئوغلۇمنى ئەركىلىتىپ، ئىرانلىققا بەك ئوخشايدىكەن دەپ، ئەركىلىتىپ قويۇپ كېتىپ قالدى.  بىزمۇ ساناقلىقلا مۇسۇلمان بولغان بۇ ئايرۇپىلاندا، بىزنى ئۆزىگە يېقىن كۆرگەن بۇ قىزدىن سۆيۈنۈپ، سەپىرىمىزنى داۋام قىلدۇق. xK0VWi  
= M 7FD  
     مانا قاتار ئايرۇدۇرۇمىغا چۈشتۇق. بۇ ئايرۇدۇرۇم خېلى چوڭ ھەم زامانىۋى سېلىنغان بولۇپ، باشقا ئەرەپ دۆلەتلىرىنىڭكىگە قارىغاندا، خېلى ئىلغار دەپ قاراشقا بولاتتى.  ھەر خىل سودا سارايلار ۋە دەم ئېلىش ئورۇنلىرى،  يەنى، تاماقلانغاچ دەم ئالىدىغان ئاشخانا، سوغۇق ئىچىملىك ئىچىش ئورنى، تورخانا، دىگەندەك جايلارنىڭ ھەممىسى تېپىلاتتى. مۇشۇ جايلارنى ئارىلاش بىلەن، بۇ بەش سائەتمۇ، ھەش پەش دىگۈچە ئۆتۈپ كەتتى.  ۋاقىت توشۇپ ئايرۇپىلانمۇ قوزغالدى.   @k,u xe-  
#v')iR"  
     بۇ قېتىم نۇرغۇن يولۇچىلار قاتاردا چۈشۈپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا، ئۆمرە ھەجگە ماڭغان مۇسۇلمانلار چىقىشقان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئايرۇپىلاندا، 99%  دىگۈدەك مۇسۇلمان بولۇپ كەتتى.  ساقاللىرىنى قويۇۋەتكەن،  بەزىلىرى چېچىغا خېنە قويغان، ئاپپاق كىيىم ۋە ياكى ئاق رەخت بىلەن بەدىنىنى ئورىۋېلىشقان ئەر مۇسۇلمانلار، يۈزلىرىنى تولۇق چۈمكىگەن ئەرەپ ئاياللار، بۇرنىغا ئۈزۈك تاقىۋېلىشقان، ئۆزلىرىنىڭ يەرلىك كىيىملىرىنى كىيىشكەن ھىندىستانلىق، پاكىستانلىق، بېنگاللىق ئايال مۇسۇلمانلار، ... ئىشقىلىپ دۇنيانىڭ ھەريەرلىرىدىن كەلگەن مۇسۇلمانلار بار ئىدى. يۇرتۇمدا كۆرۈش نېسىپ بولمىغان ، بۇ ھەر خىل مۇسۇلمانلارنى كۆرۈپ، خۇددى يېقىن قېرىنداشلىرىمنى كۆرگەندەك تولىمۇ سۆيۈندۈم.  بىزلەرنى مۇشۇنداق مۇقەددەس ئىبادەت ئۈچۈن كېتىۋاتقان مۇسۇلمانلار بىلەن سەپەرداش قىلغان رەببىمگە، چىن كۆڭلۈمدىن  سېغىنىپ ھەمدىلەر ئېيىتتىم.... 91%+Bf()J6  
-^$CGRE6A  
     لېكىن بۇ خوشاللىقىم ئۇزۇنغا بارمىدى.  ئايرۇپىلان قوزغىلىپ،-30 20 مىنۇتلاردىن كېيىن، ئايرۇپىلان خادىملىرى ھەر خىل مىۋە شەربەتلىرى ، قەھۋە ۋە مىنېرال سۇ قاچىلانغان ھارۋىسىنى ئىتتىرىشىپ،  بىزدىن  نىمە ئىچىدىغانلىقىمىزنى سورىغىلى تۇردى.  ئۇلار ھەر بىر يولۇچىدىن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ، ناھايىتى ئەدەپ بىلەن سورايتى.  بۇ مېنىڭ ئىلگىرىكى بىرقانچە قېتىملىق ئايرۇپىلان سەپەرلىرىمدىكى ئورتاق ئىش ئىدى. بىراق، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلار بىلەن تولغان بۇ ئايرۇپىلاندىكى مۇئامىلىسى ، ئۇنداق سىلىق، ئەدەپلىك  ھەم خوشال ئەمەس ئىدى.  خۇددى بىر نەرسىدىن بىزار بولغان ئادەمدەك، ئېرەڭسىز تۇيغۇ بېرەتتى. ھەتتا ئۇلارنىڭ، قاتارغا كېلىشتىن بۇرۇنقى مۇئامىلىسىدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. گەرچە بىز بىر ئائىلە كىشىلىرىگە ئۇنداق مۇئامىلە قىلمىغان بولسىمۇ، لېكىن، باشقا مۇسۇلمانلارغا ياخىشى مۇئامىلە قىلماسلىقى، كۆڭلۈمنى سەل يېرىم قىلدى. مەسىلەن، ئاددى بىر مىسالنى ئالسام، مەن بىلەن بىر رەت ياندىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان، يۈزىنى تولۇق چۈمكىگەن بىر ئەرەپ مۇسۇلمان ئايال، ئەسلى بىر ئستاكان مىۋە شەربىتىنى تېخى ئىچىپ بولالماپتىكەن، ئۇنى كۈتكۈچى قىز گەپ سۆز قىلماستىن ئېلىپلا، ئەخلەت يىغىدىغان خالتىغا سېلىۋېتىپ مېڭىشقا تەمشىلىۋىدى، ئۇ مۇسۇلمان ئايال، ئوزىنىڭ تېخى ئىچىپ بولالمىغانلىقىنى ئېيىتتى بولغاي، بىر نىمىلەر دىۋىدى، كۈتكۈچى قىز، گەپمۇ قىلماي كېتىۋەردى. بۇلاردىكى ئۆزگىرىشكە بەك ھەيران قالدىم.  ئەسلى، بىر نەسىلەرنى يىغىدىغان چاغدا، ئۇلار ، ئېلىۋەتسەم بولامدۇ دەپ سورايتى ، ناۋادا بىلمەي ئېلىۋېتىپ قالغان تەقدىردىمۇ، ئەپۇ سورىشى كېرەك ئىدى. لېكىن، ئۇ قىز، ئۇنداق قىلمىدى.  توۋا، بۇلار مۇسۇلمانلارنى نىمانچە يامان كۆرىدىغاندۇ؟ نىمىشقا مەن باشقا ئايرۇپىلانلاردا كۆرگەن مۇئامىلە بۇ مۇسۇلمانلارغا قىلىنمايدۇ؟ دەپ ئاچچىقىم كەلدى. ئۇ كۈتكۈچى قىزغا يوغان بىرنى ئالىيىۋەتتىم .  لېكىن، قانچە ئويلىساممۇ، سەۋەبىنى تاپالماي، ئۇ كۈتكۈچى قىزنى چاقىرتىپ، بىر نەرسە دىمەكچى بولدۇم، لېكىن،   يولدىشىم مېنى بۇنداق قىلىشتىن توسۇپ قويدى. |RwD]2H  
s>"=6gb  
     ئارىلىقتا، تاماق تارتىلدى. ھەممىمىز ئۆزىمىز خالىغان تاماقلىرىمىزنى بۇيرۇتۇپ، يىيىشكە باشلىدۇق. شۇ چاغدا ھېلىقى يېنىمدىكى ئايالغا ئىختىيارسىز، كۆزۈم چۈشۈپ قالدى.  ئالدىمىزدىكى تاماق شىرەسى ئۆيىمىزدىكىدەك چوڭ بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. شۇ سەۋەپتىنمۇ ياكى دىققەت قىلمىدىمۇ، ئۇ ئايالنىڭ يىگەن نەرسىلىرىنىڭ سولىياۋ قاپلىرى ۋە بەزى يىمىگەن، يەپ بولالمىغان نەرسىلىرى ئۇدۇللۇق يەرگە چۈشۈشكە باشلىدى. ئۇ ئايال يا تېرىۋېتەي دىمىدى. يا تارقىتىپ بەرگەن ئەخلەت خالتىسىغا سېلىپ قويمىدى. بۇنى كۆرۈپ سەل باشقىچە بولۇپ قالدىم. توۋا، ئەخلەتنى تېرىپلاۋەتتىۇ ، دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. \h :Rw|  
~DPg):cZ  
       بىر چاغدا يولدىشىم ، ھاجەتخانىغا بېرىپ كېلەي دەپ،  كېتىپ قالدى. قايتىپ كېلىپ ماڭا، سىزنىڭ بايا ماڭا دىگەن گەپلىرىڭىزنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندىم، سىزمۇ بېرىپ، كۆزىڭىز بىلەن كۆرۈپ كېلىڭ، دىدى.  ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ھاجەتخانىغا ماڭغاچ، ھەر بىر رەتتىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمغا سەپ سالغاچ ماڭدىم. يا ئەييۇھەنناس، ھەممە ئورۇندۇقلارنىڭ ئەتراپى ، تېگى پۇتۇنلەي ئەخلەت بىلەن تولۇپ كېتىپتۇ. لېكىن بۇ قېرىنداشلىرىم، خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك، ئۆزلىرىنىڭ پاراڭلىرىنى قىلىپ، گاھىلىرى كومپىيۇتېر كۆرۈپ، گاھىلىرى دۇرۇت ئوقۇپ ئولتۇرىشاتتى. ئالدىنقى ئەڭ قىممەت بۆلمىچىسىگىمۇ سەپ سېلىپ باقسام، ئۇ يەرنىڭمۇ كۆپ پەرقى يوق. ~VUNN[  
*2 4P T7  
     توۋا، دىدىم ياقامنى تۇتۇپ.  مەن ھازىر مۇشۇ مۇقەددەس ئىبادەت ئۈچۈن نىيەت قىلىپ كېتىپ بارغان مۇسۇلمانبلار بىلەن بىللە كېتىۋاتىمەن، ھە؟  لېكىن بۇ مۇھىت نىمە ئەمدى؟ بىر قىغخانىنىڭ ئۆزىلا بوپتىغۇ، دىدىم ئىچىمدە. نومۇستىن يۈزلىرىم چىمىلداپ كەتتى. ھېلىقى كۈتكۈچى قىزلارغىمۇ، قاراشقا پېتىنالماي، ئاستا ئورنۇمغا كېلىپ ئولتۇرىۋالدىم.  كۆز ئالدىمغا، ئايرۇپىلاننى خۇددى ئۆزىنىڭ ئۆيىدەك پاكىز تۇتۇپ، بىرەر تال ئەخلەتنى يەرگە تاشلىماي، چۈشۈپ كەتسە ئاتايىتەن ئەخلەت خالتىسىغا سېلىپ، ئەدەپ قائىدە بىلەن ، باشقىلارغا دەخلى قىپ قويماسلىق ئۈچۈن يەڭگىل ئاۋازدا پاراڭلىشىپ، كۈتكۈچى قىزلارمۇ ئۇلاردىن رازى، ئۇلارمۇ كۈتكۈچىلەردىن رازى بولۇپ، سەپىرىنى ئاياقلاشتۇرغان، شۇ ئىمانسىزلار كەلدى. .. >?b/_O  
ئى رەببىم، بىزدە زادى نىمە كەمدۇ؟  بىزنى تەپەككۈر قىلسۇن دەپ ئەقىل بەردىڭ. ھەقىقى ئىنساندەك ياشىسۇن، دەپ مۇقەددەس قۇرئاننى يول كۆرسەتكۈچ قىلدىڭ. بىلمىگىنى ئۆگەنسۇن، دەپ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئۇستاز قىلىپ ئەۋەتتىڭ.  بىز نىمە ئۈچۈن، ئۆزىمىزنى باشقىلارنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ كۈزۈتۈپ باقمايمىز؟ نىمە ئۈچۈن مۇقەددەس ئىسلامنى ھەر بىر ئىش ھەركىتىمىزگىچە سىڭدۈرمەيمىز؟ ئادەتتىغۇ شۇنداق قىلايلى، مۇقەددەس ئىبادەت ئۈچۈن كېتىۋېتىپمۇ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئوبرازىغا دىققەت قىلمىساق، باشقىلار مۇسۇلمان دىگەن مۇشۇنداق مەينەت بولىدۇ، ئىسلام دىگەن مۇشۇنداق قالاق دىن، دەپ ئاغزىغا كەلگەننى بىلجىرلىمامدۇ؟ بۇنى دىمىگەندىمۇ، بىزنىڭ مۇقەددەس ئىسلام دىنىمىز، پاكىزلىقنى تەكىتلەيدىغان دىن. يەنى، پاكىزلىقمۇ ئىماننىڭ جۈملىسىدىن. شۇڭا، بىر كۈندە بەش ۋاق تاھارەت ئېلىپ، پاكىز يۈرۈش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.  ئەجىبا، بۇ پاكىزلىق پەقەت بەدىنىمىزگىلا قارىتىلغانمۇ؟  ئەتراپىمىزدىكى مۇھىت، بۇنىڭ جۈملىسىگە كىرمەمدۇ؟ مەينەت جايغا، پەرىشتە كەلمەيدۇ دەيمىز، يۇ، نىمە ئۈچۈن، بۇنىڭغا دىققەت قىلالمايمىز؟ 9 o-T#~i  
mv SNKS  
     نومۇس ۋە ئېچىنىشتىن ، كۆزۈمگە ياش كېلىپ كەتتى. جانابى ئاللاھتىن، ئۇلارنىڭ سەپەرلىرىگە ئاق يول ھەم بەرىكەت تىلەش بىلەن بىرگە،  پۈتكۈل مۇسۇلمانلارغا ئىسلامنى ھەقىقى جۇلالاندۇرالايدىغان مۇستەھكەم ئىمان تىلەپ دۇئا قىلدىم.... T!pWU*aB  
h}z^NX  
i{T0[\4  
مەنبە: ئۆز قەلىمىم
                    
    
[ بۇ يازما hokumran تەرپىدىن 2011-08-13 12:09 PM دە ]

تېما تەستىقلىغۇچى : hokumran
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-08-13, 12:11
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 4 پارچە مۇنبەر پۇلى +230
pusat2 مۇنبەر پۇلى +100 08-15 ئەجىرىڭىزگە تەشەككۈر
蓝狼331 مۇنبەر پۇلى +100 08-14 -
kamran مۇنبەر پۇلى +10 08-13 -
ayrilmas مۇنبەر پۇلى +20 08-13 ھەممە ئويلۇنۇشقا تېگىشلىك تېمىكەن
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
ھاياتنىڭ مەنىسى سۆيۈش ۋە سۆيۈلۈشيۇر!
يەنى ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈش ۋە ئاللاھ ئۈچۈن سۆيۈلۈشتۇر !
mahbusman
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1550

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   290 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5350 (سوم)
 ياخشى باھا:   454 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   461  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 134
 سائەت
دەرىجىسى:
134 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-30
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-13

ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز،ئەمما  ئۇ  قاچانقى ئىشلار ئىدى.سىز  دىگەندەك بولسا مۇسۇلمانلاردا پاسكىنىچىلىق ئۇمۇملىشىپ قاپتۇ  دىمەكچىمۇ  يا....................؟
 
مۇنارلار نەيزە،قۇببىلەر قالقان،
مەسجىدلەر گازارما،مۇئمىنلەر ئەسكەر،
بۇ ئىلاھى قۇشۇن دىنىمنى قوغدار،
ئاللاھۇ ئەكبەر! ئاللاھۇ ئەكبەر!!!

بىز ھەممىمىز كۆرۈنمەس قورغاندىكى مەھبۇس.........!!!
Kunduz^_^ay
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3630

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1424 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   17878 (سوم)
 ياخشى باھا:   1386 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   3604  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5181
 سائەت
دەرىجىسى:
5181 سائەت 89 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-09
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-13

E2LpQNvN%g  
بىز ئىبادەتنى ھەممىدىن مۇھىم بىلىمىز، شۇڭا بۇنداق ئىشلارغا ئەھمىيەت بەرمەيمىز ئەمەسمۇ! پۇل تۆلەپ چىققاندىكىن كۈتكۈچىلەر تازلىماي نىمىش قىلىدۇ دەيدىغان بىر ئاڭ بولسا كىرەك. B3c rms['  
w/~,mzM"  
لىكىن مەن يەنىلا ئويلاپ، بۇ ماقالە سەل بىر تەرەپلىمە يېزىلىپ قالغاندەك ھىس قىلدىم.
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +10
mawjud_ مۇنبەر پۇلى +10 08-13 مەنمۇ شۇنداقتەك ھىس قىلدىم
 
سېنى بويسۇندۇرغان كىشنىڭ ساڭا قىلغان ۋەدىسى ۋە تەسەللىسى، غەلبىدىن كېيىن سىنىڭ ئالدىڭدا كۆرەڭلىگىنىدۇر!
uygurbilig
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.22573

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   47 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3428 (سوم)
 ياخشى باھا:   224 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   260  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1833
 سائەت
دەرىجىسى:
1833 سائەت 57 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-16
ئاخــىرقىسى:2011-10-27
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-13

ئەدەسسىز نۇچى تىمىكەنيا بۇ .ئەمدى بۇمۇ ئۈزگىرەپ قالا .چاۋاك بىر قۇلدىن چىقمايتۇ بىزلىدىما با ئەمدى
 
soygum
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.37634

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   140 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4171 (سوم)
 ياخشى باھا:   614 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   925  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1565
 سائەت
دەرىجىسى:
1565 سائەت 135 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-15
ئاخــىرقىسى:2011-11-02
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-13

راست، ھەقىقەتەن ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز. تەپسلى ئوقۇپ كۆڭلۈمنى غەش قىلىۋالغان بولساممۇ لىكىن بۇ ئەمەلىيەت ئادەمنى ئويغا سالىدۇ. بۇ يەردە كەم بولىۋاتقنى دەل مەدەنىيەت تەربىيسىدۇر.  ساپالىق بىر مۇسۇلمان بىلەن قاراتۇرۇك مۇسۇلمان ئارىسدا خېلى پەرىق بار. تەقۋادرلىقنىڭ دەرىجسىمۇ شۇنىڭغا بېقىپ ئايرلسا كېرەك. لىكىن بۇلار كۆپچلىك مۇسۇلمانلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
 
كۈچلەن ئىجادىيەت بىلوگى(سۆيگۇم ئامبىرى).  ئادىرىسى:http://kuxlan.blogbus.com/
adiladil
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.50173

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   65 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   505 (سوم)
 ياخشى باھا:   68 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 899
 سائەت
دەرىجىسى:
899 سائەت 1 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-02
ئاخــىرقىسى:2011-10-23
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-13

ئۇزەم كورگەن ئشلار دىمگەن بولسا ئشەنمەيتىم .ئەدەپ-ئەخلاق،پاكىزلىق قا بىز مۈسۈلمانلار ئۈلگە بۈلاتتىققۇ ئەسلى!
 
ئاللاھ تەۋبە قىلغۇچلارنى پاكلانغۇچلارنى ياخشى كۈردۇ .
خوندەك
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6489

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1102 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   16215 (سوم)
 ياخشى باھا:   903 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1429  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5092
 سائەت
دەرىجىسى:
5092 سائەت 178 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-16
ئاخــىرقىسى:2011-10-28
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-13

سەن ئۆزەڭنى تۈزەت ،پاك ساقلا، 9Lus,l\  
سەندىن ئۈگەمسۇن جىمى ئالەم. G]]"J c  
سەندىن گەر كۈرۈلسە بىر سەھۋەن، `~w|Xz  
ئەشۇ -شۇنداق ،دەيدۇ قىلىپ مالەم. "D\>oFu  
ئۈلگە بول ياخشىلىقنى تارات داۋام، sL Kk1A  
مۇھەببەتتىن كۈلسۇن جىمى ئالەم. uTShz 3  
ئۆزگىلەرگە بەرسەڭ بىرەر خۇشتەم، 8Y]% S9.  
بۇلار ھەممىدە تۈگىمەس ئايەم....
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +10
pusat2 مۇنبەر پۇلى +10 08-15 ياخشى يىزىلغان شېئر ئىكەن
 
hiyali920
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.15148

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   39 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5571 (سوم)
 ياخشى باھا:   277 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   350  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 90
 سائەت
دەرىجىسى:
90 سائەت 50 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-25
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-13

يوللاردا كىتىۋاتقاندا ساۋاقداشلىرىمغا گازىر شۈپەكلىرىنى، تاماكا قالدۇقلىرىنى يەرگە تاشلىماڭلار دىسەم، بەزى ساۋاقداشلىرىم :«مۇھىت قوغدىساق شىنجاڭنىڭكىنى قوغدىساق بولىدۇ، ئىچكىرىنىڭكىنى قوغداپ نىمە كەپتۇ» دىيىشىدۇ، مۇشۇنداق قىلغاچقا بىزنى چەنتو، ئوغرى، قالاق دىمەي نىمە دە ئۇلار؟
 
ئوخشاش ئادەم ، ئۆزگىچە ئىدىيە ، غايەت ئۈنۈم ، باشقىچە مەنزىرە
sapardax
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6207

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   50 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5579 (سوم)
 ياخشى باھا:   253 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   304  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2245
 سائەت
دەرىجىسى:
2245 سائەت 55 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-12
ئاخــىرقىسى:2011-10-23
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-13

بەلكىم بۇمۇ ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كەمسىتىلىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنىڭ ،راۋاج تاپماۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرسى بولسا كېرەك!
 
ياخشىلار ياشنىسۇن!
;;;;;ot
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.45665

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   38 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   200 (سوم)
 ياخشى باھا:   40 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 13
 سائەت
دەرىجىسى:
13 سائەت 7 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-25
ئاخــىرقىسى:2011-10-15
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-13

پاكىزلىك ئىماننىڭ جۇملىسىدىن .
 
musilina
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.120

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   4313 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   55313 (سوم)
 ياخشى باھا:   2670 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2586  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1675
 سائەت
دەرىجىسى:
1675 سائەت 25 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-13

بۇ ساپا ،ئاڭ -سەۋىيەدىكى مەسىلە.... AD^I1 ]2f  
بۇنداق دېسەم ‹‹سەن قانچىلىك ساپالىقتىڭ ؟››دەپ كەتمەڭلار، بىر قىسىم مۇسۇلمانلىرىمىز شەخسىي تازىلىققا ئېتىۋار بەرگەن بىلەن ئاممىۋى مۇھىت تازىلىقىغا ئېتىۋار قىلمايدۇ،بۇ  بىر ھەقىقەت.... Ef?hkq7X<  
شۇ سەۋەبتىن باشقىلارنىڭ بىزگە بولغان كۆزقارىشى ياخشى ئەمەس...
 
مەيلى ئادەم بار چاغدا بولسۇن ياكى يالغۇز قالغان  ۋاقىتتا بولسۇن،ئازىراقمۇ يامان ئىش قىلما،ئۆز ئىززىتىنى بىلىش ھەممىدىن مۇھىم.
miskinyurak
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1733

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   85 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6341 (سوم)
 ياخشى باھا:   397 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   557  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 17
 سائەت
دەرىجىسى:
17 سائەت 3 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-31
ئاخــىرقىسى:2011-10-01
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 08-13

راست، ھەقىقەتەن ياخشى تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز. تەپسلى ئوقۇپ كۆڭلۈمنى غەش قىلىۋالدىم  ........
 
مىسكىن  يۇرەك
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى