r
`dU
(T! k;5}@3iQ ئەسسالامۇ ئەلەيكىم، قېرىندىشىم ئۇكام (ئەمىلى يېشىمىزدىن قارىغاندىمۇ مەن سىزگە ئاچا يوللۇق)،
lv*uXg.k^ vM/v}6;_K2 يۇقۇرىقى ئىنكاسلىرىڭىزدىن، سىزنىڭ ئىسلامغا بولغان چوڭقۇر سۆيگۈڭىزنى ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمەن. ئاللاھنىڭ رەھمىتى سىزگە ۋە سىزگە ئوخشاش ئىسلامنى قىزغىن سۆيگەنلەرگە بولسۇن، ئامىن. بۇ جەھەتتىن سىز بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا ھېچقانداق پەرىق يوق.
H@'
@xHv XD }_9p ئەمدى، پەرىق نەدە دىسىڭىز، سىز << ئىسلام>> بىلەن << مۇسۇلمان>> دىگەننى ئارىلاشتۇرۇپ قويىۋاتىسىز. <<مۇسۇلمان>> دىگەنلىك، ھەرگىزمۇ << ئىسلام >> غا تەڭداش ئەمەس. مۇسۇلمان بولغانلىكى ئادەمنىڭ، ئىسلامغا ۋەكىللىك قىلالىشى ناتايىن.
5FI>T=QF 0pa^O$?p << ئىسلام>> ، ئۇ جانابى ئاللاھ تەرىپىدىن بىزلەرگە رەھمەت قىلىپ چۈشۈرۈلگەن، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى << مۇسۇلمان >> دەپ تونۇيدىغان ھەر قانداق بىر ئىنسان، قەتئى بويسۇنۇشى لازىم بولغان، بۈيۈك ئىلاھى قانۇن. ئۇ مۇتلەق، بۈيۈك ۋە مۇكەممەلدۇر.
~+yo;[1Yc 0\@|M @X= << مۇسۇلمان>> بولسا، ئاللاھنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە بىرلىكىنى ، تىلى ھەم دىلى بىلەن تەستىق قىلغۇچى، جانابى ئاللاھنىڭ << ئىسلام>> دىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك قانۇنىغا بويسۇنغۇچى ۋە ئۇنى ئىجرا قىلغۇچىلاردۇر. ئۇلار، يارىتىلغۇچى، ئاجىز بەندە بولۇپ، مۇكەممەل ئەمەستۇر.
ZS]f+}0/} &Ld8Z9IeFp بۇ بۈيۈك قانۇننىڭ ئىجرا قىلىش ۋاستىسى بولسا، قانداقتۇر ساقچى، ئارمىيە دىگەندەك زورلۇق كۈچى بولماستىن، بەلكى بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ئاڭلىقلىقىمىزدۇر. ئەمدى بۇ ئاڭلىقلىق نەدىن كېلىدۇ؟ دىگەندە، بۇ ئاڭلىقلىق، ئاللاھ دىلىمزغا سالغان ھىدايەتتىن كۆكلىگەن ئىمانىمىزدىن كېلىدۇ. ئىمانىمىز كۈچلۈك بولسا، بۇ خىل ئاڭلىقلىقمۇ كۈچلۈك بولىدۇ، ئىمانىمىز ئاجىز بولسا، بۇ خىل ئاڭلىقلىقمۇ ئاجىز بولىدۇ.
4 GW[
GT a&Du5(r;! << ئىسلام>> دىن ئىبارەت بۇ ئىلاھى قانۇننى ئىجرا قىلىشنىڭ يولىغا كەلسەك،ئۇ مۇنداق ئىككى خىل بولۇپ، بىرى، ئىسلامى ئىبادەت، يەنى، << قۇرئان>> دىن ئىبارەت بۈيۈك ئىلاھى دەستۇردا بەلگىلەنگەن بەش پەرىزنى ئادا قىلىش ۋە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ سۈننىتىگە ئەگىشىش. بۇ مۇسۇلمانلىقىمىزنىڭ ھۇلى بولۇپ، ئۇنىڭ دائىملىق ئورنى قەلبىمىزدە، ئىچكى دۇنيارىمىزدا بولىدۇ.
DW&')gfQ v=1S يەنە بىرى، ئىسلامى ئەخلاقى پەزىلەت، يەنى، ئىسلامى ئىبادەتنى تەستىقلايدىغان، راۋانلاشتۇرىدىغان ۋە تولۇقلايدىغان ئىسلامى ئىش – ئەمەللەرنى ئۆز ئەمىليىتىمىزدە كۆرسۈتۈش. بۇ مۇسۇلمانلىقنىڭ بېزىكى بولۇپ، ئۇنىڭ دائىملىق ئورنى سىرتىمىزدا، تاشقى دۇنيارىمىزدا بولىدۇ. بۇ ئىبادىتىمىزنىڭ سىرتىدىكى كۈندىلىك ئىش ھەركەتلىرىمىز، يۈرۈش تۇرۇش ۋە ئادەتلىرىمىزدە ئىپادىلىنىدۇ.
b
CUh^#]x (Gc`3jJ شۇڭا، ئىسلامنى چۈشەنمەيدىغانلار، بولۇپمۇ غەيرى مۇسۇلمانلار ئۈچۈن، ئەڭ ئاۋال ۋە بىۋاستە كۆزگە چېلىقىدىغىنى، بىزنىڭ روھى دۇ نيارىمىز بولماستىن، بەلكى تاشقى دۇنيارىمىز بولغان بولىدۇ. تاشقى دۇنيارىمىز، ئۇلارنىڭ ئىسلامنى چۈشۈنۈشى ياكى ئىسلامغا باھا بېرىشى ئۈچۈن دەسلەپكى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئاقىبەتتە، مۇسۇلمانلىقنى ياخشى قىلىۋاتىمەن، دەپ تۇرۇپ، ئىسلامى ئىش ئەمەللىرىمىزدىكى بىپەرۋالىقىمىز تۈپەيلى، بىلىپ بىلمەي، ئۇلارنى خاتا يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەپ، ئۆزىمىز چىن قەلبىمىزدىن سۆيىۋاتقان <<ئىسلام>> نىڭ ئوبرازىغا داغ تەككۈزۈپ قويىدىغان ئىشلارنى قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنالمايمىز.
1e&b;l'*= dt&Lwf/ 00a<(sS;
-G#@BtB2+ L00;rTs> يۇقۇرىقى تېمىدا، ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتقان مەسىلىمۇ، دەل مۇشۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئەڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسى بولۇپ، ئىسلامى ئىبادەتنىلا ئالاھىدە تەكىتلەپ، ئىسلامى ئىش ئەمەلگە كەلگەندە، بەزىدە ئۆز خاھىشىمىزغا بېرىلىپ كېتىپ، ئىش ئەمەللىرىمىزدە تولۇق تەدبىقلاشقا سەل قاراش، بىپەرۋالىق قىلىش ۋە مۇشۇ بىپەرۋالىقىمىزنىڭ، << ئىسلام >> نىڭ ئوبرازىغا كەلتۈرىدىغان سەلبى تەسىرىنى ئويلاشماسلىق، مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتىدۇ.
udI:]:,P بۇ يەردە ھېچكىم، بىركىملەرنى كەمسىتىۋاتقان ياكى ئۇلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلىۋاتقان ئىش يوق. ئۇلارنى ھەم << مەينەت>> دەۋاتقان گەپمۇ يوق. پەقەت << بىپەرۋا>> لىق قىلىۋاتقىنىمىز تەكىتلىنىۋاتىدۇ. ( << مەينەت >> دىگەن ئۇقۇم بىلەن، << بىپەرۋا >> نىڭ پەرقى بار ) .
,xe@G)a G:C6`uiy` ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىزنىڭ بىرىنىچى كىملىكىمىز،<<مۇسۇلمان>>، ئىككىنچى كىملىكىمىز، << پالانچى مىللەت ياكى پۇكۇنى دۆلەتتىن...>>. شۇڭا، بۇ يەردە مۇسۇلمانلار ئۆز ئىچىمىزدىكى گەپنى دىيىشاۋىتىمىز. پەقەت ئاجىز بەندە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، كەمچىلىكلەردىن خالى ئەمەسلىكىمىزنى، لېكىن، ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەن << مۇسۇلمان >> بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھەقنى بىر بىرىمىزگە تەۋسىيە قىلىش، ئۆزىمىزگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئىمانسىزلارغا قارىغاندا ھەر جەھەتتىن ئۈستۈنراق ئورۇندا تۇرۇش، ئىسلامنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى قوغداش مەجبۇرىيىتىمىزنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەۋاتىمىز، خالاس. بۇ تەكىتلەۋاتقان سورۇن ھەم، ئىمانسىزلارنىڭ سورۇنى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى راۋۇرۇس مۇسۇلمان سانايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنبىرى. مەن ئۆزۈممۇ شۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىر ئەزاسى. شۇنداق ئىكەن، ئەگەر مەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئېيىپىنى ئاچقان بولسام، ئۆزۈمنىڭ ئېيىپىنى ئاچقان، مەن مۇسۇلماننىڭ غەيۋىتىنى قىلغان بولسام، ئۆزۈمنىڭ غەيۋىتىنى قىلغان بولمامدىمەن؟!! ئاللاھ ھەممىمىزنى بۇنداق گۇناھتىن يىراق قىلغاي...
^I~T$YjC ' @3TkD_B& S Y>,kwHO K(KP3Q بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ، << ....ئۇنداقلارنى مەنمۇ كۆرگەن،.... ئۇنداقلار....قىلىدۇ...>> دىگەندەك تەپەككۇر قىلماي، مەنمۇ بىر مۇسۇلمان، شۇ خىل ئەھۋال مەندە ۋە بىزدىمۇ بارمۇ؟ بىز نىمە ئۈچۈن دىققەت قىلمايمىز؟ قانداق قىلىپ، ئەمىلى ئىش ھەركىتىمدىن باشلايمەن؟ دەپ تەپەككۇر قىلايلى. چۈنكى، تېمىدا دىيىلىۋاتقىنى، << ئۇلار... ئۇنداقلار...>> ئەمەس، بەلكى، << مەن...، سىز...، ۋە بىز...>> لەردىن ئىبارەت مۇسۇلمانلار.
m<,G:?RM cc(r,ij~4 ئىسمىمغا كەلسەك، << قاپاق خېنىم >> دىگەن بۇ ئىسمىم بىلەن، تېمىنىڭ قىلچە مۇناسىۋىتى يوق. مەن بۇ ئىسمنى ئۆزگەرتىمەن، ئىنشائاللاھ.
o7a6 )2JK +6M+hO] بۇ يەردە ئەپۇ سوراش ياكى سورىماسلىق مەسىلىسى ھەم مۇھىم ئەمەس. مۇھىمى، مەن بۇ تېمىنى يالغاندىن توقۇمۇدۇم ھەم قانداقتۇر فىتنە تارقىتىش، بىركىملەرنى مۇنازىرىدە ئۇتۇپ، كۆڭلۈمنى خوش قىلىش مەقسىتىدە يازمىدىم ۋە يوللاپ خاتا قىلمىدىم. پەقەت، ئۇيغۇر ھەم مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئۇيغۇرلىرىمغا، ھەقنى سۆزلەش مەجبۇرىيىتىم بولغاچقا ۋە يۇقۇرىقىدەك ئەھۋال بىزلەردىمۇ (رېستۇرانلاردا، ئاشخانىلىرىمىزدا، يوللىرىمىزدا، ئەتراپىمىزدا...) بولغاچقا، تەپەككۇر نېرۋىلىرىمىزنى غىدىقلاشقا بولسىمۇ پايدىسى بولار، دىگەن مەقسەتتە يازدىم ھەم يوللىدىم. قالغىنىنى بىلگۈچى ئاللاھ. پەقەت قىممىتىنى بىلگەنلەر ئاز تولا ئەمىلى نەپ ئېلىپ قالسا، مەن شۇنىڭغا رازى.
/xm#:+Sc pM'IQ3N G9y12HV r~G]2
*3 مەن بۇ تېما تۈپەيلى، ھەرقانداق فىتنەگە سەۋەپ بولۇپ قېلىشىمنى، ئۆزۈمنىڭ ھەم باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ قويۇشنى خالىمايمەن. ئىسلامنى سۆيگۈچى بىر ئاددى مۇسۇلمان، ئاجىز بەندە بولۇش سۈپىتىم بىلەن، چەكسىز رەھىمدىل ۋە رەھمەتلىك ئېگەمگە تۆۋەنچىلىك بىلەن سېغىنىپ، ھەممىمىزنىڭ گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلىشىنى، بىزگە ھىدايەت، كامىل ئىمان ئاتا قىلىشىنى، رامازاننىڭ شاراپىتىدىن تولۇق بەھرىمان بولۇشقا نېسىپ ئېتىشىنى تىلەيمەن، ئامىن.
/mBBeg^a azDC'.3{p خەيىر، ئامان بولغايسىلەر. مۇشۇنىڭ بىلەن، مېنىڭ بۇ تېمىغا يازىدىغان ئىنكاسىم ئاخىرلاشتى.
9<(K6Q YK?*7 