مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       4619 
  •    ئىنكاس 
       26 

بەخىت ! سەن قانچىلىك يىراقتا ؟

قەۋەت ئاتلاش
tabassvm
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.19860

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   53 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4389 (سوم)
 ياخشى باھا:   267 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   366  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 827
 سائەت
دەرىجىسى:
827 سائەت 73 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-01
ئاخــىرقىسى:2011-10-25

      ئىرىم ئەۋەتكەن ئاجىرشىش خىتىنى كۆرۈپ بىشىمدا چاقماق چىقىلغاندەك بولدى . پۇت - قوللىرىمغا تىتىرەك ئولىشىپ ،كۆزلىرىم قاراڭغۇلاشتى . شۇنداقتىمۇ خەتنى ئىچىپ تەپسىلى كۆرۈپ بىقىشىم ، ئۇنىڭ نىمە سەۋەپتىن ماڭا تۇيۇقسىزلا ئاجىرشىش تەلىۋىنى قويغانلىقىنى بىلىپ بىقىشىم كىرەك ئىدى. ئۆزەمنى تەستە بىسىپ خەتنى ئاچتىم .كونۋىرتنىڭ ئىچىدىن  يەنە بىر پارچە خەت سىرىلىپ چۈشتى . بۇ نىمە ئەمدى ؟ تىتىرەپ تۇرغان قوللىرىم بىلەن خەتنى ئالدىم : ?s _q|d_  
4frZ .r;V  
    « مىنىڭ ئوماق پەرىشتەم ، شۇ تاپتا قانچىلىك ئازاپلىنىۋاتقانلىقىڭنى  بىلىپ تۇرۇۋاتىمەن ، شۇ ئازاپلىرىڭنى ، كۆز ياشلىرىڭنى كۆرۈپ يۈرىكىمنىڭ چىدىماي قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ساڭا يۈز تۇرانە ئىيتىشقا جۈرئەت قىلالماي مۇشۇ خەتنى يازدىم . پەرىشتەم ، بىلەمسەن ، ئىككىمىز  مۇھەببەتنىڭ نىمىلىكىنى تولۇق چۈشەنمەي تۇرۇپلا ، چوڭلارنىڭ گىپىگە كىرىپ بەكلا ئالدىراپ توي قىلغان ئىكەنمىز . سەن بىلەن توي قىلىپ مۇھەببەت دىگەن ، ياخشى كۆرۈش دىگەن مۇشۇ ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان ھەم سىنى بىر ئۆمۈر بەخىتلىك قىلىمەن دەپ ئۆزەمگە ۋەدە بەرگەن ئىدىم . ئەپسۇس .......ئۇدىگەن باللارچە خىيال ئىكەن ، ساڭا بولغان ھىسىياتىممۇ پەقەت بىر قىزىقىشلا ئىكەن .  مانا ئەمدى بىر ئائىلە قۇرۇپ بولغاندا يەنە كىلىپ سەندەك مىھىربان ئايالىم بار بولغاندا باشقا بىرىسىنى ياخشى كۆرۈپ قالدىم .ئۆزەمنى قاچۇرۇشقا شۇنچە تىرىشقان بولساممۇ بۇ مۇھەببەتتىن ۋاز كىچەلمىدىم ، ئۇنتۇيالمىدىم ،شۇنداق قىلىپ ئۆزەمنى قىيناپ،ساڭا چاندۇرماي  بىر يىلنى ئۆتكۈزدۈم ،ئۆز-ئۆزەمگە بۇ بىر ۋاقىتلىق قىزىقىش ئۇزۇنغا قالماي ئۇنتۇپ كىتىمەن دەپ ئويلىغان بولساممۇ ئۇنداق قىلالمىدىم ، ئۇنىىڭغا بولغان مۇھەببىتىم بارغانچە كۈچەيدى . بۇ گەپنى ساڭا ۋاقتىدا دەپ سەندىن ئايرىلىشنى ، سىنىمۇ ، ئۆزەمنىمۇ قىيناشنى راۋا كۆرمىدىم ،ئارىمىزدا بالا يوق بولغانكىن ، ھەم سەنمۇ كىچىك بولغانكىن سىنىڭمۇ ئۆز بەختىڭنى تاپالايدىغىنىڭغا ئىشىنىمەن .ئەسىلىدە بىزمۇ يىشىمىز ئازىراق چوڭىيىپ ھەقىقى بىر مۇھەببەتنى ، بىر ئائىلىنى چۈشىنىپ يەتكىدەك بولغاندا توي قىلىشنى ئويلاشقان بولساق بۇ بەخىتسىزلىكمۇ يۈز بەرمىگەن بولاتتى . مىنى كەچۈر پەرىشتەم ، سەن مىنىڭ قەلبىمدە يەنىلا شۇنداق ئاق كۆڭۈل ، پەرىشتە سۈپەت بىر قىز ، قەدىرىڭنى بىلمىگەنلىكىمنى ، ئالقىنىمدىكى گۆھەردىن قاراپ تۇرۇپ ۋاز كەچكەنلىكىمنى بىلىمەن . لىكىن كۆڭۈلگە ئامال يوق ئىكەن .  سەندىن ئەپۇ سورايمەن .سىنىڭ ئازاپلىق ھالىتىڭنى كۆرۈشنى خالىمىغانلىقىم ئۈچۈن ساڭا كۆرۈنمەسلىكنى قارار قىلدىم . قولۇڭدىكى ئاجىرشىش خىتىگە ئىمزا قويۇپ بولساڭ بىرسى ئالغىلى بارىدۇ . ئۇنىڭغا بىرىپلا قويساڭ بولىدۇ . ئۆيدىكى مال - مۆلۈكنىڭ ھەممىسى ۋە ئۆي قوشۇلۇپ ساڭا سوۋغىتىم بولسۇن » _R8-Hj E  
'uPqe.#?  
    ھەي توۋا ، نىمە ئىشلار بولۇپ كىتىۋاتىدۇ ؟ ئىرىمنىڭ باشقا بىرسىنى ياخشى كۆرۈپ يۈرگىنىگە بىر يىل بولاي  دەپتۇ . شۇ چاغقىچە مەن بىلمەي نىمە ئىش  قىلىپ يۈرگەندىمەن ؟ئەمدى 23 ياشنىڭ قارىسىنى ئىلىپ بۇنداق بەخىتسىزلىككە ئۇچىرغىلى تۇرسام قالغان ھايات مۇساپەمدە يەنە نىمە كۈنلەرنى كۆرەرمەن ؟...........    
تىببى مەكتەپنى پۈتكۈزگەن چىغىمدا ئەمدىلا 19 ياشقا كىرگەن ئىدىم . مەكتەپ پۈتكۈزۈپ 2 ئاي بولمايلا ئاپام : G N{.R7  
N .Ssz Zh  
    -- ئۆيگە ئەلچى كىلىپ تۇرۇۋىلىۋاتىدۇ ، بالام كىچىك دەپ گەپ يىگۈزەلمىدىم ، تويۇڭنى قىلىۋەتسەكمىكىن ،-دىدى .  
EoY570PN  
    -- مەن تىخى كىچىك تۇرسام ، نىمىگە بۇنچە ئالدىرايمىز ،-دىدىم مەن . lc'Jn$O@  
)qxL@w.  
     -- ئۇغۇ شۇنداقتى ،لىكىن يىقىن بىر دوستۇم ئەلچى قويۇپ بەك ئالدىرتىۋەتتى ، مەنمۇ ئامالسىز قالدىم DLz~$TF^  
ئاپامنىڭ دىيىشىچە ئۇ دوستىنىڭ ئوغىلى مۇقىم خىزمىتى بار ، قائىدە يوسۇنلۇق ، چىراي -شەكىلى قاملاشقان يىگىت ئىكەن ، ئاپىسىمۇ ناھايتى ئوڭلۇق ، ئاق كۆڭۈل ئايال بولغاچقا مىنى ئۆز قىزىدەك كۆرەرمىش . شۇڭا ئاپام بۇنداق ياخشى لايىقنى قايتۇرۋەتكىسى كەلمەپتۇ . شۇنداق قىلىپ ئاپام مىنى قايىل قىلدى ، ئۇ قاملاشقان يىگىتنى مەنمۇ تونۇيدىغان  ،ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆڭلۈمگە بىرسىنى پۈكۈشكە ئۈلگۈرمىگەن بولغاچقا ھىچ تارتىشمايلا ماقۇل دىدىم . ئۇ يىگىتنىڭ دادىسى راك كىسلى بولۇپ قىلىپ ئاخىرقى باسقۇچىدا ئىكەن ، شۇڭاكۆزىنىڭ ئوچۇق ۋاقتىدا ئوغىلىنىڭ تويىنى قىلىۋلىشقا ئالدىراپ كەتكەچكە ئۇزۇن ئۆتمەيلا توي قىلدۇق . شۇنداق قىلىپ 19 ياشتىن ئازىراق ئىشىپلا بىر ئائىلىگە ئىگە بولۇپ قالدىم ، يولدىشىممۇ ، قىيىنئاناممۇ بەك ياخشى بولغاچقا ئاپام دىگەندەك ھىچقانداق ئازار يىمەي ،قىيىنئاپامغا، يولدىشىمغا  ئەركىلەپ 3 يىلنى ئۆتكۈزدۈم ،ئۇنى دىسە قەيسەرمۇ (يولدىشىم )مەندىن بىر ياشلا چوڭ بولغاچقا ئۇمۇ كىچىك بالا مىجەزىنى تاشلىمىغان ،بىز بۇ ئۆينىڭ ئەركە بالىسىدەك تەييارنى يەپ ،خىزمىتىمىزنى قىلىپ ،كەچتە ئويۇن تاماشىدىن بىرى كەلمەي يۈرەتتۇق .چوڭلارمۇ بىزدىن خاتىرجەم ئىدى . شۇنداق ئۆتىۋىرىپ قەيسەرنى بەكلا ياخشى كۆرۈپ قالدىم ، ئۇنىڭغا ئۆز قولۇم بىلەن تاماق ئىتىپ بىرىدىغان بولدۇم . ئەتكەن تامىقىم مەيلى ئوخشىسۇن ياكى ئوخشىمىسۇن ئۇ ئىشتىھا بىلەن يەيتتى . شۇنداق قىلىپ ئاستا -ئاستا ئائىلە ئىشلىرىغا پىشىشقا باشلىدىم ، بۇرۇنقىدەك كەچكىچە سىرتلاردا ئويناپ يۈرۈشتىن قول ئۈزۈپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلدىغان بولدۇم . لىكىن ئۇ بارغانچە كەمسۆزلىشىپ ،كۆڭىلىدە بىر ئىش باردەك ماڭا ئوچۇق چىراي ئاچمايدىغان ،سىرتقا چىقىپ كەتسە يىرىم كىچىگىچە كىرمەيدىغان بولۇۋالدى . بەزىدە ماڭا  ھىسداشلىق قىلغاندەك ، ئىچ ئاغىرىتقاندەك قاراپ كىتەتتى . مەن ئۇنىڭدىن نىمە بولغانلىقىنى سورىسام ئۇ :ھىچ ئىش يوق ،-دەپ كۈلۈپ قوياتتى . 9EH%[wfv  
    ئەسلى  سىرتتىكى مۇھەببەت ئۇنى مۇشۇنداق قىلىپ قويغانكەن ئەمەسمۇ ، مەن نىمانچە ساددا ،ئەخمەق ؟مەن بارلىقىم بىلەن ئۇنى خوشال قىلىشقا تىرىشۋاتسام ئۇنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشىنى كۆرمەمدىغان ............ @ 8SYV}0 H  
خىياللار قاينىمىدا قانچە ئۇزۇن ئولتۇرغىنىمنى بىلمەيمەن ، بىر چاغدا ئىشىك ئىچىلىپ ئاپام بىلەن قىيىنئاپام كىرىپ كەلدى ، ئۇلار  قولۇمدىكى خەتلەرنى كۆرۈپ ماڭا تەسەللى بىرىشتى ، يەنە نىمىلەرنى دىيىشتىكىن كاللامغا كىرمىدى ، پەقەت قىيىنئاپامنىڭ قەيسەرنىڭ ئۆزىگە تىلىفۇن بىرىپ مىنىڭ يالغۇز قالغانلىقىمنى ، ماڭا ھەمىراھ بولۇشى كىرەكلىكىنى ، ئۆزىنىڭ مەڭگۇ قايتىپ كەلمەيدىغانلىقىنى دەپلا تىلىفۇننى ئىتىۋالغانلىقىنى ،شۇنىڭ بىلەن ئاپامنى ئىلىپ يىنىمغا كەلگەنلىكىنى دىگەنلىكى ئىسىمدە . ئاپامغا ئىسىلىپ قانغۇچە يىغلىدىم .يىغلاۋىرىپ كۆز ياشلىرىممۇ قۇرۇپ كەتتى . شۇنداق قىلىپ 23 ياشقا كىرىپلا تۇل قالدىم . كۈنلەر ،ئايلار ئۆتتى ، ئۆزەمنى شۇنچىلىك تاشلىۋەتتىمكى چاچلىرىم ، كىيىم -كىچەكلىرىم رەتسىز .....بىر قارىغان ئادەمگە ئۇزۇن يىل كىسەل تارتقان ئادەمدەك كۆرۈنەتتىم ، ئاپام ئۆزەمنى روھلۇق تۇتۇش ھەققىدە تولا گەپ قىلىپ ئاخىرى ئىختىيارىمغا قويۇۋەتتى.
RLIugz{IH  
   sNNt0q(  
      ئارىدىن 2 يىل ئۆتكەندە ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ خىزمىتىم ناھىيەگە يۈتكەلدى ،ناھىيەگە كەلگەندىن كىيىن خىزمەت  تىخىمۇ ئالدىراش بولۇپ كەتتى ، ئۆزەممۇ دەرت - ھەسىرتىمنى ئۇنتۇش ئۈچۈن خىزمەتكە ئۆزەمنى بەكلا ئۇراتتىم ،ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ دوختۇرخانىدىمۇ خىلى كۆزگە كۆرۈنۈپ قالدىم . ئىشتىن چۈشكەندە زىرىكىپ كىتىمەن دەپ كومپىيۇتىردىن بىرنى سىتىۋىلىپ تورغا ئۇلىدىم ، مانا ئەمدى كۈندۈزى خىزمەت ، كەچتە كومپىيۇتىر بىلەن ھەپىلىشىپ ۋاقىتنىڭ ئۆتكىننى تۇيماي قالىدىغان ، ئارتۇقچە خىياللارنى قىلمايدىغان بولدۇم . p2cKtk+  
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ كەيپىياتممۇ ئەسلىگە كەلدى ، ياتاقدىشىمنىڭ زورى بىلەن بازارغا چىقىپ ، نەرسە -كىرەك سىتىۋالدىغان ، ئۆزەمنى ئانچە مۇنچە تۈزەشتۇرىدىغان بولدۇم ، تىخى دوستلىرىممۇ كۆپەيدى ، ياتاقدىشىم بىلەنمۇ بەكلا يىقىن دوست بولۇپ كەتتىم ، ئۇ ئوچۇق -يورۇق ، تۈز كۆڭۈل ئىدى ، كىشىلەر بىلەن ئاسانلا چىقىشىپ كىتەتتى ،ئۇنىڭ بۇ مىجەزى بىلەن  مىنىڭ جىمغۇر مىجەزىم زادىلا ماس كەلمىسىمۇ ئىككىمىز يەنىلا ناھايتى چىقىشىپ كەتتۇق .ئۇ ھەم چىرايلىق ھەم كىيىنىشنى بىلىدىغان قىز بولغاچقا  مىنىڭ كىيىم ئىلىشىمدىن تارتىپ چاچ پاسۇنىمغىچە ئارلىشىپ يۈرۈپ مىنىمۇ ياسىنىشقا ئامىراق قىلىپ قويدى . مىنىڭ بۇ ھالىتىمدىن ئاپاممۇ خۇشال ئىدى .  ھەر كۈنى كەچتەئارزىگۈل ( ياتاقدىشىم ) بىلەن ئىككىمىز ئىككى كومپىيۇتىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۋىلپ تورغا چىقاتتۇق . ئۇ تولاراق QQدا پاراڭلىشاتتى ، مەن مۇنبەر كۆرەتتىم ، ئەسەر يازاتتىم .بەزىدە تۈگىمەس پاراڭلار قاينىمىغا چۈشۈپ كىتەتتۇق ..... بىر كۈنى مۇنبەر كۆرىۋاتسام ئۇ يىنىمغا كەلدى:   +tOV+6Uz  
ABx0IdOcI  
    -- نىمە قىلىۋاتىسىز ؟   }F\0Bl&  
  
~Ipl'cE  
   -- مۇنبەر كۆرىۋاتىمەن ، قاراڭ بۇ ھىكايىنى شۇنداق ياخشى يىزىپتۇ ،-دىدىم ئوقۇۋاتقان ھىكايىنى كۆرسىتىپ . 2'/ ip@  
^ 6obxwVG  
    -- قارىسام كومپىيۇتىرنىڭ ئىچىگە كىرىپلا كىتىپسىز ، مەن تىخى بىرەر يىگىت بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپتىمەن ،--چاخچاق قىلدى ئۇ bhFzu[B  
gB&'MA!  
    -- يىگىتلەر سىزدىن ئايلانسۇن ، ماڭا نەدە تۇرۇپتۇ. 2avSsN{^  
G<>`O;i  
    -- قاراڭ سىزنى ،كەچكىچە مۇشۇنداق رومان ،ھىكايە ئوقۇيسىز ، يازىسىز ، ئىچىڭىز پۇشمامدۇ ؟--ئۇ  يىنىمغا كىلىپ ئولتۇردى ،--مەن سىزگە QQئىلىپ بىرەي ، باشقىلار بىلەن پاراڭلاشسىڭىز كۆڭلىڭىز ئىچىلىپ قالىدۇ ،-- ئۇ  شۇنداق دەپ مىنىڭ ماقۇللىمنى كۈتمەيلا ، بىردەمدىلا  QQنومۇرىدىن بىرنى ئالدى ، -قاراڭ ، باشقىلار سىزنى قوشۇۋىلىشقا ئىجازەت سوراۋاتىدۇ ، قوشۇپ قوياي ھە ،ۋاي- ۋۇي ، يولىڭىز بەك ئوچۇقمۇ نىمە ، ئۇ ياقتىن QQئىلىپلا بۇ  ياقتىن خەق ئۆچىرەت بولۇپ كەتتى ، -ئەمدى خالىغىنىڭىز بىلەن پاراڭلاشسىڭىز بولىدۇ . 2N>:GwN  
sl`\g1<{`  
     شۇنداق قىلىپ QQدا پاراڭلاشقىلى ئامىراق بولۇپ قالدىم ، قەيسەر تاشلاپ كەتكەندىن كىيىن بۇرۇنقى شوخلۇقلىرىم يوقاپ ناھايتى كەمسۆز بولۇپ قالغان ئىدىم . خىزمەتداشلىرىمغىمۇ ئارتۇقچە گەپ قىلمايتتىم ،ئارزىگۈلدىن باشقا بۇ يەردىكى ھىچكىمگە كۆڭلۈمدىكى گىپىمنى دىمەيتتىم . لىكىن چ چ دا ناتۇنۇش ئادەملەر بىلەن ئوچۇق يورۇق پاراڭلىشىدىغان ھەتتا چاقچاقلىشىدىغان بولۇپ قالدىم . كەيپىياتىممۇ ياخشىلىنىپ قالدى . شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە  ئارزىگۈل لايىق تىپىۋالدى ، شۇنىڭ بىلەن تور دۇنياسىغا تىخىمۇ مەستانە بولۇپ كەتتىم، ئارزىگۈلنىڭ يىگىتى مىنى بىر نەچچىسىگە تونۇشتۇرماقچى بولىۋىدى رەت قىلدىم . چۇنكى يىشىم كىچىك بولسىمۇ مەن يەنىلا بىر قىتىم توي قىلغان دە. خىزمەتداش يىگىتلەر ۋە مىنى قوغلاشماقچى بولغانلار بۇنى بىلمىگەچكە مىنى غەلىتە مىجەزلىك قىز دەيدىغان بولۇپ قالدى، مەن توردىنلا خۇشاللىق تاپىدىغان بۇ كۈنلەردە چ چ دا بىرسى بىلەن ئوبدانلا چىقىشىپ قالدىم . ئۇ بەك شوق ۋە گەپتان ئىدى ، بەزىدە مىنى كۈلدۈرۈپ تىلىقتۇرسا بەزىدە مىنى گەپ قىلدۇرۇپ  ماڭا تەسەللى بىرەتتى ،ئۇنىڭ ئۈستىگە  ئۇمۇ دوختۇرخانىدا ئىشلىگەچكە گەپلىرىمىز بىر يەردىن چىقىپ  ئۇزۇندىن ئۇزۇن پاراڭلىشىپ ۋاقىتنىڭ ئۆتكىننى تۇيمايلا قالاتتۇق . ھەش -پەش دىگۈچە بىر يىلغا يىقىن ۋاقىت ئۆتتى . بۇ جەريانىدا دىيىشمىگەن گىپىمىز قالمىدى دىسەممۇ بولىدۇ . ئۇ  بىر قىتىم توي قىلغان ، لىكىن توي قىلىپ 4 ئاي بولغاندا ئايالى ئەمدىلا 3 ئايلىق بولغان ھامىلە بىلەن قاتناش ۋەقەسىدە قازا قىلغان ئىكەن . ئۇ شۇ ئازاپتا  يۇرتتا تۇرغۇسى كەلمەي بىيجىڭغا2 يىللىق  بىلىم ئاشۇرۇشقا  كىتىپ تىخى يىڭىلا قايتىپ كەلگەن ئىدى . <ئىسمىم  ئەنىۋەر ، ئوبلاستلىق دوختۇرخانىدا ئىشلەيمەن . 30 ياش > دەپ تونۇشتۇرغان ئىدى  يىڭى تونۇشقاندا . ئىككىمىزنىڭ  بەخىتسىز كەچۈرمىشى ئاساسەن ئوخشاپ كەتكەچكە بىر - بىرىمىزگە تەسەللى بىرىپ ، قىزىقارلىق پاراڭلار بىلەن غەم قايغۇمىزنى ئۇنتۇيتتۇق . چ چ نى پەقەت ئۇنىڭ ئۈچۈنلا ئاچاتتىم . ئۇ بولمىسا تىزىراق تورغا چىقىشىنى مەن بىلەن كۆپىرەك پاراڭلىششنى ئارزۇلايدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم . بەزىدە ئۇنىڭغا قىزىقىپ قالدىممۇ نىمە دەپ ئويلاپ يەنە ئۆز خىيالىمدىن ئۆزەم قورقۇپ كىتەتتىم .< ئۇ مەيلى چىراي ، مەيلى بىلىم جەھەتتىن مەندىن يۇقىرى تۇرسا قانداقمۇ ئۇنىڭغا  ماس كىلەي > دەپ ئۆز -ئۆزەمگە ئاگاھلاندۇرۇش بىرەتتىم .( ئۇ رەسىم ئەۋەتكەن ، لىكىن مەن ئەۋەتمىگەن ئىدىم ) .   ) |*HkdF`  
$n>.;CV  
    كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ  تۇيۇقسىزلا < سىزنى ياخشى كۆرسەم بولامدۇ > دەپ سورىدى . )x8Izn  
l'mgjv~  
    -- كىمنى ياخشى كۆرۈش ئۆزىڭىزنىڭ ئىشى ، لىكىن مەن بىلەن مۇناسۋەتسىز ،-دىدىم . شۇنداق دىگىنىم بىلەن يۈرىكىم رىتىمسىز سوقۇپ ، ھۇدۇقۇپلا قالدىم ، چۇنكى مەنمۇ ئۇزۇندىن بۇيان ئۇنىلا ئويلايدىغان ، ئۇنىڭ ئۈچۈن تورغا چىقىپ ، ئۇ بولغانلىقى ئۈچۈنلا خوشال يۈرىدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم . لىكىن بۇ بىر تور دۇنياسى ، ئۇمۇ مىنىڭ بىر توردىشىم خالاس . بىرىنچى قىتىمغۇ كىچىكلىكتە ،ھەم ئاپامنىڭ كۆڭلى ئۈچۈن توي قىلىپ ئازار يىدىم ، ئەمدىلىكتە توردا تونۇشقان  بىر سى بىلەن ياخشى كۆرۈشۈپ ، مۇھەببەتلىشىپ يۈرسەم خەق ئاڭلىسىمۇ نىمە سەتچىلىك .كىملا بىلسە < بىر توي قىلىپ ئاجىراشقان تۇرۇپ  يەنە بۇرنىغا سۇ كىرمەپتۇ >دىمەمدۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇشۇنداق توردا تونۇشۇپ ئالدىنىپ قالغان قىزلارنى پات-پاتلا ئاڭلاپ تۇرىۋاتىمەن .......ھەي ، لىكىن  مۇشۇ كۆڭلۈم ....بولدىلا،  ئەمدى  ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشماي ، بەلكىم بىر مەزگىلدىن كىيىن ئۇنى ئۇنتۇپ كىتەرمەن . ,US]  
1?Wk qQ  
     شۇ كۈندىن كىيىن چ چ نى ئاچمىدىم ، ياق ئاچتىم ، ئاچىمەن ، ئىچىپلا مۆكۈۋىلىپ ، ئۇنىڭ قالدۇرۇپ قويغان خەتلىرىنى ئوقۇيمەن ، ئۇ ھەر قىتىمدا بىر دەستە ئەتىرگۈل بىلەن  سىزنى ياخشى كۆرىمەن دىگەن خەتنى بىللە ئەۋەتىدۇ ، ئاندىن ئۆزىنىڭ نىمىنى خاتا قىلغانلىقىنى ، مىنىڭ نىمىشقا خەت يازماس بولۇپ قالغانلىقىمنى سورايدۇ . < پەرىشتەم ،سىزنىڭ توردا بار ئىكەنلىكىڭىزنى يازغان خەتلىرىمنى كۆرىۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىمەن > دەپتۇ  ئۇ بىر كۈنى قالدۇرغان خىتىدە ( ئۇ  مىنى دائىم پەرىشتەم دەيتتى )،< سىز ماڭا ئالدىنىپ قىلىشتىن ئەنسىرەۋاتىسىز ، لىكىن مەن سىزنى ئالدارمەنمۇ ، سىزدەك يىقىملىق ، پەرىشتىدەك بىر قىزنى ئالداشقا قانداقمۇ كۆڭلۈم ئۇنايدۇ مىنىڭ ، سىزنىڭ دەردىڭىزنى ، تارتقان ئازابىڭىزنى بىلىمەن ، شۇ ئازاپلىرىڭىزنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ماڭا پۇرسەت بىرىڭ بولامدۇ ؟> qm8[ ^jO&  
بۇ خەتلەرنى كۆرۈپ تىخىمۇ بەك ئازاپلاندىم ، مۇشۇ كۈنلەردە ئاسان يىغلايدىغان ، ھەم جىمغۇر بولۇپ قالغان ئىدىم ، ئاران ئوڭشالغان كەيپىياتىم يەنە ناچارلاشقان ئىدى .   LzP+l>m  
F"~uu9u  
    -- ئۆزەڭنى بۇنداق قىيناۋەرمىگىن ، ساڭا قاراپ مەنمۇ بەك ئازاپلىنىۋاتىمەن ،-دىدى ئارزىگۈل بىر كۈنى ،- ئۇ  ھەممە ئىشنى بىلگەچكە ماڭا ئىچ ئاغىرتاتتى ، - ئەسلى مۇشۇ يەردىكى كەينىڭگە كىرىۋالغان يىگىتلەردىن بىرەرسىنى تاللاپ يۈرگەن بولساڭمۇ بوپتىكەن ، مۇشۇ ئازاپلارغىمۇ قالمايتتىڭ . ھازىرمۇ كىچىكمەيسەن بىر قارارغا كىلەلىسەڭلا . ub7|'+5  
?%#3p[  
    -- بولدى ، ئۇ گەپلەرنى قىلمىغىنا ، -مۇشۇنداق ئازاپلىنىش پىشانەمگە پۈتۈلۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ،- مۇشۇ گەپلەرنى قىلىۋىتىپ كۆزلىرىمگە يىغا ئولاشتى . y/Paq^Hd  
    -- قارا ،قارا ، يەنە يىغلىغىلى  تۇردۇڭ ، بولدى دوستۇم ، بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ ، سەندەك ئاق كۆڭۈل ، ئۇماق ، مىھىرى ئىسسىق قىزنىڭ چوقۇم بەختى چىقىدۇ ، بۇ بەلكىم سىنىڭ بىشىڭغا كەلگەن بىر تۇرمۇش سىنىقىدۇ ، ياكى  بەختىڭنىڭ باشلىنىشىدۇ . 4h|sbB"t  
AEp|#H' >  
<"X\~  
     شۇنداق ئازاپىلىنىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوبلاستلىق تىببى مەكتەپتە ئۈچ ئايلىق ئومۇمى  كەسپلەر بويىچە  تەربىيلەش كورسى ئىچىلىپ ، بىزنىڭ دوختۇرخانىدىن مىنى بۇ كورسقا قاتنىشىشقا ئورۇنلاشتۇردى . مۇشۇنداق چاغدا بۇ ئۆگىنىشكە قاتنىشىش مەن ئۈچۈن خىزمەت ياكى تۇرمۇش جەھەتتىن بولسۇن ياخشى بىر پۇرسەت ئىدى ، موھىت ئالماشسام كەيپىياتىممۇ ياخشىلىنىپ قىلىشى مومكىن ئىدى ، شۇنداق قىلىپ ئاپام ۋە ئارزىگۈل بىلەن خوشلىشىپ ئانا مەكتىپىم يەنى ئوبلاستلىق تىببى مەكتەپكە كەلدىم ،مەكتەپكە كىلىپ ،ئورۇنلىشىپ ئەتىسى سىنىپقا يىغىلدۇق ، بۇ سىنىپتا شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بار ئىدى ، ئەمىلىيەتتە بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزلىرى پىشقەدەم دوختۇرلار ، بەزلىرى يىڭى ئوقۇش پۈتكۈزگەنلەر ....ئىشقىلىپ ھەر خىل ياشتىكى ، ھەرخىل سەۋىيەدىكى تىببى خادىملار يىغىلغان ئىدۇق . p0>W}+8fF  
    شۇنداق قىلىپ دەرسىمىز باشلىنىپ كەتتى . دەرس باشلىنىپ 3- كۈنى سىنىپقا ئىگىز بويلۇق ، قاملاشقان  ، يەنە كىلىپ مىنى كىچە -كۈندۈز ئازاپلىغان ، كۆڭلۈمدە دائىم ياد ئىتىپ لىكىن پاراڭلىشىشقا پىتىنالمىغان ئوبلاستلىق سۆڭەك تاشقى كىسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى ئەنىۋەر كىرىپ كەلدى . fH}#.vy  
&,JrhMr\  
     -- ياخشىمۇ سىلەر ساۋاقلداشلار ،-دىدى ئۇ ناھايتى ئوچۇق يورۇق ھالدا ، - سىنىپتىكى بەزىلەر مەندىن چوڭ ئاكا ، ھەدە ئورنىدا ، شۇنداقتىمۇ سىنىپتىكى مۇناسۋىتىمىز ئىھتىياجىدىن ساۋاقداشلار دەپ ئاتاي ، مەن سىلەرنىڭ سۆڭەك تاشقى كىسەللىك دەرسى ئوقۇتقۇچۇڭلار ئەنىۋەر ...... \u9l4  
ئۇ يەنە نىملەرنى دىدى كاللامغا چۈشمىدى ، پەقەت ئۇنىڭ كۈلۈمسىرەپ سۆزلەۋاتقان سىماسىلا كۆز ئالدىمدا ئىدى ، نىمىلەرنى ئويلىغانلىقىم ئىسىمدە يوق ،بىر چاغدا < رەنا > دىگەن ئىسىم ئىككى قىتىم ئاڭلانغاندىلا ئورنۇمدىن تۇردۇم . >;:235'(M  
(_Ph{IN  
    -- ساۋاقداشلار بىلەن تونۇشىۋالاي دىدىم ،- دىدى ئۇ سىپايىلىك بىلەن ،-رەنا ، Aناھىيلىك دوختۇرخانىدىن ، شۇنداقمۇ ؟ #{-B`FAQ  
qT5q3A(8  
     --  شۇنداق ،-  دىيەلىدىم avxr|uk  
ئۇ يەنە باشقا ساۋاقداشلار بىلەن بىرمۇ -بىر تونۇشۇپ بولغاندىن كىيىن دەرسنى باشلاپ كەتتى . ئۇنىڭ دەرس سۆزلەش ئۇسۇلى ئۆزگىچە ، ناھايتى جەلىپ قىلارلىق ئىدى ، ھەمىمىزلا ئۇنىڭغا قول  قولماي تۇرالمىدۇق ، دەرستىن چۈشكەندىن كىيىن ياتاقتىكى قىزلارنىڭ < ئەنىۋەر مۇئەللىم > دەپ ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ كىتىشىگە چىدىيالمايلا قالدىم ، يۈرىكىمنىڭ بىر يەرلىرىنى كۈندەشلىك تۇيغۇسى ئىگەللىگەن ئىدى . ئۇ ھەر كۈنى دىگۈدەك ئىككى سائەت دەرس سۆزلەيتتى ، ئۇنىڭدىن كىيىن ئىشلىگلى كەتكەچكە دەرستىن سىرىتقى ۋاقىتتا ئۇنى كۆرگىلى بولمايتتى ، بۇ ئەھۋال بىزنىڭ ياتاقتىكى بەزى شوق قىزلارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تونۇشىۋىلىش بولسا كەلتۈرىۋىلىش خىيالىغا پۇرسەت بەرمەيۋاتقاچقا مەن خوشال ئىدىم . `n)e] dn  
     توۋا دەيمەن ، سىزنى ياخشى كۆرىمەن دەپ تۇرسا ئۆزەمنى قاچۇرۇپ ، باشقا قىزلاردىن كۈنلەپ يۈرگىنىم قىزىقتە . QM wrt  
بىر كۈنى كەچتە چىملىقتا خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ بىرسىنىڭ يىنىمغا كىلىپ توختىغانلىقىنى سەزمەيلا قاپتىمەن .< ياخشىمۇ سىز > دىگەن ئاۋازدىن چۆچۈپ بىشىمنى كۆتۈرۈپ يىنىمدا كۈلۈمسىرەپ تۇرغان ئۇنى كۆرۈپ ھۇدۇقۇپ كەتتىم . AWo\u!j  
v'=$K[_  
    -- سىزنى چۆچۈتۈپ قويدۇممۇ ؟ تۇيۇقسىزلا كىلىپ ،-دىدى ئۇ PuO5@SP~  
> oh7f|  
    -- ياقەي ، دىدىم  يەرگە قاراپ .  r`-=<@[  
DL 
    -- ئايلىنىپ چىققان ،- قارىسام ئولتۇرۇپسىز ، بىردەم پاراڭلىشاي دىدىم ، بولامدۇ يا ؟ (r*"}"ZG  
f(S9>c2  
   -- بولىدۇ. l/xpAx  
ئۇ بىردەم جىمىپ كەتتى }vK8P r%  
-sqd?L.p  
    -- سىزنى بىر يەردە كۆرگەندەكلا ، ماڭا بەكلا تونۇشتەكلا تۇرۇسىز ،- دىدى ئۇ خىلى جىمجىتلىقتىن كىيىن . v]h^0WU  
9z#z9|hj)3  
     -- ئەلىۋەتتە تونۇيسىز ، مەن سىزنىڭ ئوقۇغۇچىڭىز رەنا ،-دىدىم چاقچاق قىلىپ . RoFoEp  
ئۇمۇ ، مەنمۇ كۈلۈشۈپ كەتتۇق . S\M+*:7  
L_`D  
    -- توغىرا ، سىز مىنىڭ ئوقۇغۇچىم رەنا ،- يەنە جىمىپ قالدى ،- سىزنىڭ گەپ سۆزلىرىڭىز ، ئىسمىڭىز ، يۇرتىڭىز  ماڭا مەن كۆرۈپ باقمىغان ، ئەمما داۋاملىق ئەسلەپ تۇرىدىغان بىرسىنى ئەسلەتتى . R :*1Y\o(  
F FtB#  
     --كۆرۈپ باقمىغان بىرسىنى دەمسىز ؟- ھەيران بولغان قىياپەتتە سورىدىم ،- مۇمكىنمۇ ئەنىۋەر مۇئەللىم ، مەن ئەزەلدىن  مىنى تونۇمايدىغان بىرىگە ئۆزەمنى ئەسلىتىپ باقمىدىم جۇمۇڭ ،- ئۇنىڭغا چاقچاق ئارقىلىق جاۋاپ قايتۇرمىسام چاندۇرۇپ قويۇشۇم مومكىن ئىدى kxCN0e#_  
شۇ چاغدا تەلىيىمگە ئۇنىڭ  يان تىلفۇنى جىرىڭلاپ قالدى   ]bP1gV(b-  
  
@rP#ktz]  
    -- ۋەي ، ئاپا ..........ماقۇل ھازىرلا باراي ،- ئۇ تىلفۇننى قويۇپ ماڭا قاراپ دىدى : ماقۇل ئەمسە كىيىن پاراڭلىشارمىز ، مەن قايتاي <5!)5+G  
ئۇ كەتتى ، ئۇنىڭ قارىسى يۈتكىچە كەينىدىن قاراپ تۇردۇم ، كۆزلىرىمدىن يەنە ياشلار تۆكۈلدى ، ھەي ، مۇشۇ كۆزۈمگىمۇ بەك ئۆچ بولدۇم ،قاچانلا قارىسا ياش تۆكۈپلا  تۇرغان ، نىمىشقا ئۇنىڭغا تونۇشلۇق بەرمەيمەن دەپ ئۆزەمنى ئەيىپلىدىم ، تونۇشلۇق بىرىش تۈگۈل ئازىراق بولسىمۇ ئىمكانىيەت قالدۇرىماي گەپنى كىسىپلا قىلىۋەتكىنىمنى قارىمامدىغان .................... يەنە بىر تەرەپتىن  قىلغىنىم  توغىرا ، كىم بىلىدۇ شۇنداق ساختا قىياپەتكە كىرىۋالدىمۇ تىخى  دەپ ئۆز - ئۆزەمگە تەسەللى بەردىم ........ K-b`KcX  
kO/YO)g  
       كۈنلەر بىر -بىرىنى قوغلىشىپ ئۈچ ئاي ۋاقىت توشۇپ قالدى . ئەتە قايتىمىز دىگەن كۈنى كەچتە سىنىپتىكى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلار يىغىلىپ ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدۈق .مۇراسىمغا  ماڭىدىغان چاغدا كۆڭۈل قويۇپ گىرىم قىلدىم ، ئۆزەم ياخشى كۆرىدىغان قىپ -قىزىل ئۇزۇن كۆينىكىمنى كىيدىم شۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇپ زىننەت بويۇنلىرىمنى تاقاپ ئەينەككە قارىدىم ، زىلۋا بەدەنگە ناھايتى ياراشقان مۆرەمدىن ئىشىپ تۇرغان دولقۇنسىمان چاچ ، قاپ -قارا قوي كۆز ، مۇلايىملىق يىغىپ تۇرغان يۈز ........كەچتىكى سورۇندا ئۇمۇ بولغانلىقى ئۈچۈنلا چىرايلىق ياساندىم . Df@b;-E  
     ئولتۇرۇش باشلاندى ،  مەكتەپ مۇدىرىنىڭ  تەبىرىك سۆزىدىن كىيىن سىنىپتىكى قىز -ئوغۇللار تانسىغا چۈشتى ، قىزلارنىڭ بەزىلىرى ئەنىۋەر مۇئەللىم بىلەن تانسا ئوينايمىز دەپ ئۇنى تانسىغا تارتىپمۇ ئۈلگۈردى ، مىنىڭ بارلىق ئىس يادىم ئۇنىڭدا ئىدى ، ئۇنى كۈزىتەتتىم ، ئۇنىڭ ئاشۇ تانسىغا تەكلىپ قىلغان قىزلارغا قانداقىراق پوزىتسىيەدە بولدىغىنىغا دىققەت قىلاتتم ..........<تانسا ئوينايلى > ئالدىمدا مىنى تانسىغا تەكلىپ قىلىپ تۇرغان ئۇنى كۆرۈپ باياتىن بىرى باشقىلارنى ھىرىپ قالدىم دەپ رەت قىلغانلىقىمغا قارىماي ئورنۇمدىن تۇردۇم ، بۇ مەن ياخشى كۆرىدىغان ۋالىس مۇزىكىسى ئىدى ، قوللىرىمىز بىر-بىرىنى تۇتۇشتى ، تىنىقلىرى يۈزۈمگە ئۇرۇلدى ....بۇ ھالەتتىن  پۈتۈن بەدىنىمگە تىتىرەك ئولاشقان ئىدى ، چۇنكى مەن ئۇنى ياخشى كۆرەتتىم ، ئۇ مىنىڭ توردىشىم ئەمەس مىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان تەلپۈنۈپ كەلگەن ئاق ئاتلىق شاھزادەم ئىدى ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ياش تۆككەن ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئاھ ئۇرغان ھەم يەنە ئۇ بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزەمنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ، مۇھەببەتكە مۇھتاج ئىكەنلىكىمنى ھىس قىلغان  ئۇنتۇلۇپ كەتكەن خۇشاللىقىمنى ئۇنىڭدىن تاپقان ، سىغىنش ئارقىلىق بولسىمۇ بەخىت تۇيغۇسىغا چۈمۈلگەن ئىدىم ...... 6 \?GY  
     ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ۋالىسقا پىقىرىدىم ، باشتا سەل تەمتىرگەندەك بولۇپ بىر دەمدىلا  ئۆزەمنى ئوڭشىۋالدىم ئۇنىڭ قولى قولۇمنى چىڭ تۇتقان ئىدى ، بىز پىقىرايتتۇق ، قەدەملىرىمىز شۇ قەدەر ماسلاشقان ، ئۇزۇن ۋاقىت تانسا ئويناپ باقمىغىنىمغا قارىماي پۇتلىرىم شۇنچىلىك يىنىك ، ئۆزەمنى ئۇنىڭ بىلەن بىللە سامادا ئۇچىۋاتقاندەك ، پەرۋاز قىلىۋاتقاندەك ...........ۋاقىت مۇشۇ جايىدىلا توختاپ قالسا ھە ...............مۇزىكا تۈگىدى ، شۇ چاغدىلا مەيداندا پەقەت ئىككىمىزلا قالغانلىقىمىزنى بىلدىم ، ئەسىلىدە  مۇزىكا تۈگىسىمۇ مۇزىكانىت بىز ئۈچۈنلا ئۇزارتىپ چالغان ، باشقىلارمۇ مەيداننى بىزگە بىكارلاپ بەرگەن ئىكەن . گۈلدۈراس چاۋاك ئاۋازىدىن ناھايتى ئوڭايسىزلاندىم ، ئورنۇمغا قايتىشىمغا يىنىمدىكى قىزلار ۋالىسنى بەك پەيزى ئوينىۋەتتىڭلار دەپ چوقۇرىشىپلا كەتتى . مۇشۇ مىنۇتتىكى شىرىن تۇيغۇلىرىمنى ساقلاش ئۈچۈن قايتماقچى بولۇپ سىرتقا چىقتىم .ئاۋغۇسىتنىڭ ئاخىرى بولغاچقا سىرت ناھايتى سالقىن ، ھاۋالىق ئىدى ، شەھەرنىڭ كىچىلىك مەنزىرىسى ناھايتى گۆزەل كۆرۈندى ، بۇرۇنمۇ شۇنداق گۆزەلمۇ ياكى بۈگۈن باشقىچە كۆرۈنىۋاتامدۇ  بۇنىسى نامەلۇم ، چۇنكى مەن ئىلگىرى سىرتقا ئانچە كۆپ چىقمايدىغان بولغاچقا ئانچە دىققەت قىلمىغان ئىكەنمەن ،  ئاشۇ گۆزەل تۇيغۇدىن ۋە مەنزىرىدىن ھوزۇر ئالغاچ مەكتەپكە پىيادە قايتماقچى بولدۇم ، ئاستا قەدەملەر بىلەن كىتىۋىتىپ ئالدىمدا  كىتىۋاتقان تونۇش گەۋدىگە كۆزۈم چۈشتى ، ئۇمۇ ئاستا كىتىپ باراتتى ، ئارلىقىمىز بىر نەچچە قەدەملا كىلەتتى ، دەل شۇ چاغدا ئۇ كەينىگە بۇرۇلدى :
0nPg`@e.  
GdM|?u&s"  
     -- سىزمۇ قايتىپ چىقىپسىزدە ،- دىدى ئۇ مەن يىتىشكەندىن كىيىن . =4uO"o  
,f~)CXNT?  
     -- ھەئە ، ئەتە قايتىدىغان بولغانكىن بالدۇرراق قايتىپ نەرسە كىرەكلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ قوياي دەيمەن ،- دىدىم. Ip0`R+8  
06 an(& a9  
    -- يولدىشىڭىز يولىڭىزغا قاراپ كۆزى تۆت بولغاندۇ شۇ تاپتا... I@kMM12>c  
#Cb~-2:+7  
   -- ياقەي ، مىنىڭ يولدىشىم يوق ، ئاجىرىشىپ كەتكەن ،- شۇنداق دىدىم يو < ئاجىرىشىپ كەتكەن > دىگەن گەپنى ئاغزىمدىن چىقىرۋەتكەنلىكىمگە پۇشايمان قىلدىم . )_kU,RvZ  
jA3xDbM  
    --ھە ، كەچۈرۈڭ B$G9#G6pZ  
* Na8w'Q  
    -- كىرەك يوق ، سىزمۇ مەكتەپكە قايتامسىز ؟- سورىدىم ئۇنىڭ مەكتەپتە ياتىقى يوق ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە . #iT3 aou  
g6h=Q3@  
   -- ئىشخانىدابىر نەرسىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن سىزنى  ئاپىرىپ قويغاچ  ئىلىۋالاي دىدىم. :m0 pm@  
brdY97s4  
    -- بەك كەچ قالسىڭىز ئايالىڭىز ساقلاپ قالمىسۇن يەنە ،- ئۇنى نىمە دەيدىكىن دەپ قەستەن سورىدىم . 6n^vG/.M  
o;v_vCLO  
    -- مەن بىر بويتاق ،  يولۇمغا قارايدىغان ھىچكىم يوق ، يەنە كىلىپ سىزنى مۇشۇنداق يالغۇز  يولغا سىلىپ قويسام بولماس؟ X CHN'l'  
جاۋاپ قايتۇرمىدىم ، بۈگۈننى ئۆتۆۈزىۋەتسەم ئەتە كىتىمەن ، ئۇنى ئۇنتۇشقا تىرىشىمەن دىگەن قارارغا كىلىپ جىممىدە ماڭدىم . p@3 <{kLm  
AQs_(LR  
    -- ۋالىسنى بەك ياخشى ئوينايدىكەنسىز رەنا ،- دىدى ئۇ جىمجىتلىقنى بۇزۇپ #VuiY  
+2m\Sv V  
    -- نەدىكىنى ، سىز ياخشى ئىلىپ ماڭغاچقا شۇنداق ئوينىيالىدىم :&m0eZZ%  
}^PdW3O*m,  
    -- توۋا دەيمەن رەنا ، سىزنىڭ گەپ سۆزلىرىڭىز ، قىزىقىشىڭىز ، ھەتتا كىيىنىشڭىزگىچە مەن دائىم ئويلايدىغان بىرسىگە ئوخشايدىكەن @}tk/7-E  
ئۇنىڭغا قانداق كىيىم ، قانداق رەڭنى ، قايسى تاماقنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىم ، ھەتتا بەدەن شەكلىمنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگىچە دەپ بەرگەنلىكىم ئۇنىڭ ئىسىدە بار ئىكەن. - P'c0I9z  
9]|G-cyt  
    -- شۇنداقمۇ ؟ ئۇ قىزنى كۆرۈپ باقمىغان دىگەندەك قىلىۋىدىڭىز ،لىكىن  مىجەز - خاراكتىرىنى بەك ياخشى چۈشىنىدىكەنسىز nn/_>%Y  
okD7!)cr=  
    --  شۇنداق ، ئۇنى بەك ياخشى چۈشىنىمەن دەپ ئويلىغان ، ئەمدى ئويلىسام ئۇنداق ئەمەس ئوخشايدۇ ، بىلەمسىز رەنا ، مەن بىر ئەخمەق ئاشىق ، ئۆزەم كۆرۈپ باقمىغان بىرسىگە غايىبانە ئاشىق بولۇپ يۈرگەن ئەخمەق ئاشىقمەن 0GnbE2&  
EYU3Pl%  
     -- بەلكىم ئۇ قىزمۇ سىزنى ياخشى كۆرىدىغاندۇ ،-- دىدىم مەن بىردەملىك جىمجىتلىقتىن كىيىن ،-  لىكىن قىسىلۋاتقان يەرلىرى باردۇ ، ياكى توردا ئالدامچىلار كۆپ دەپ ئۆزىنى قاچۇرۋاتقاندۇ . ,IG?(CK|  
شۇ گەپلەرنى قىلىپ بولغىچە يۈزۈم ئوت ئىلىپ كەتكەندەك بولدى ، ئۇ ماڭا بىردەم تىكىلىپ تۇرغاندىن كىيىن ئوھ تارتقىنىچە <بەلكىم  شۇنداقتۇ > دىدى . 1{bsh?zd  
مەكتەپكىمۇ كىلىپ قالغان ئىدۇق ، ياتاق بىناسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۇ : #VM-\02o  
a\v@^4   
   -- خوش رەنا ،- دىدى ۋە بىر نەچچە قەدەم ماڭغاندىن كىيىن كەينىگە بۇرۇلۇپ، -  مىنىڭچە توردىكى ھەممە ئادەملا ئالدامچى بولۇشى مومكىن ئەمەس ،- دىدى . ~f] I0FK  
     WAp#[mW.fx  
      قايتىپ كىلىپ ئارزىگۈلنىڭ بوينىغا ئىسىلىپ ھىچنىمە دىمەستىنلا ئىچ -ئىچىمدىن ئېزىلىپ يىغلاپ كەتتىم ، قەيەردىن چىقىۋاتىدىكىن بۇ ياش ...شۇنچىلىك ئېزىلىپ يىغلىدىمكى ھەرقانداق ئادەم ئاڭلىسا ياشاشتىن پۈتۈنللەي ئۈمۈدىنى ئۈزگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ قالاتتى . ئارزىگۈل نىمە قىلىشنى بىلەلمەي : <بولدى يىغلىما ، نىمە بولدى ، بىرسى بوزەك قىلدىمۇ > دەپ ياشلىرىمنى سۈرۈتۈپ ئۈلگۈرەلمەي قالدى ..... 2bt2h.a  
يىغلىۋىلىپ ئىچىم خىلى بوشاپ قالغاندىن كىيىن ئىشلارنى يىپىدىن يىڭنىسىغىچە سۆزلەپ بەردىم . O$ ;:5zT  
%-~T;_.  
    -- توۋا ، توۋا ، ئۇنىڭ بىلەن كۈندە كۆرۈشۈپ تۇردۇم دىگىن ، تىخى ئايرىم پاراڭلىشىپسەن ،- شۇنداق تۇرۇپ نىمىشقا ئۆزەڭنى ئاشكارلىمىدىڭ ، يەنە كىلىپ ئۇ سەندىن سوراپتىغۇ ، مەن شۇ ، سىزنىڭ ئوتىڭىزدا كۆيۈپ ساراڭ بولاي دىگەن رەنا مەن بولىمەن دەۋەتسەڭلا بولمىدىمۇ ؟ 3}X;WE `  
Y7 `i~K;  
    -- شۇنداق دىگىنىڭ بىلەن ئۇ مىنىڭ ئالدىمدا ساختىلىق قىلغان بولسىچۇ ؟ _sp/RU,J-3  
WjvD C"  
    -- ھەي ، ئۆزۈڭ دىدىڭغۇ ، ناھايتى ئەخلاقلىق ئىكەن دەپ ،- ئۇ  بىر نەرسە ئىسىگە كەلگەندەك توختاپ قالدى ،- مەن سىنى ئىزدەپ بارغاندا بۇ گەپلەرنى قىلمىغانغۇ سەن؟ LVp*YOq7  
     -- ئۇ چاغدا دىسەم سىەن مۇشۇنداق ۋاقىراپ - جاقىراپ ھەممە ئىشنى ئاشكارلايمەن دەپ تۇرىۋالساڭ قانداق قىلىمەن ؟ \~bE|jWbj  
ئۇ كۈلۈپ كەتتى ، - خاپا بولما ئاداش ، شۇ مەنمۇ  سىنى ئازىراق ئازاپلانسۇن دەيمەن شۇ ، ھەي ،چ چ  نى ئىچىپ باقە ، ئۇ نىمە دەپ خەت قالدۇردىكىن ؟ JOJ? .H&su  
چ چ نى ئاچتىم ، دىگەندەك ئۇ  مەكتەپتە رەنا ئىسىملىك بىر قىزنىڭ ماڭا بەك ئوخشايدىغانلىقى ، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقانلىقى ، ۋالىس ئوينىغانلىقى ، ئۇ قىزنى كۆرسىلا مەن ئىسىگە كىلىدىغىنى ،ئۇ قىزنىڭ ئۆزىگە گەپ قىلغان ۋاقىتتىكى جىددىلىشپ كىتىشلىرىگە قاراپ چوقۇم  مەن  بولۇشۇم مومكىنلىكىنى يىزىپتۇ ، < رەنا ، سىزنى زورلىمايمەن ، مەن بىلەن پاراڭلاشقىڭىز كەلمىسە مەيلى ، بەلكىم كۆڭلىڭىزدە باشقا بىرسى باردۇ . شەخسى تۇرمۇشىڭىزغا قىسىلىپ كىرىۋىلىشنى خالىمايمەن > دەپتۇ ئۇ خەتنىڭ ئاخىرىدا . D$ +"n  
f,}]h~w\  
    -- كۆردۈڭمۇ ؟ سىنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرمىسە سىنىڭ ھەر- بىر ئىغىز سۆزۈڭ ئۇنىڭ ئىسىدە شۇنچە ئىنىق قالامتى ؟ نىمانچە قىلىدىغانسەن ، ئۇ شۇنچە ئىشەنچىسىز بولسا ئۈچ ئاي جەريانىدا سەزمەمتىڭ ؟ G6L /Ny3>_  
مەن ئارزىگۈلگە جاۋاپ بىرىپ بولغۇچە تىلفۇنۇم جىرىڭلىدى : K@z zseQ}=  
< l%3P6|  
     -- ئاپامنىڭ بەك مىجەزى يوق ، ئوبلاستلىق دوختۇرخانىغا ئىلىپ ماڭدىم ،- دىدى ئاكام ،- رۇخسەت سورىيالساڭ بارارسەن . &18CCp\3)c  
+\a`:QET  
    --  نىمە ، بايا مەن  بىلەن خوشلاشقاندا ساپ -ساق تۇراتتىغۇ ، - دىدىم جىددىلىشىپ .- ئۆتى يەنە ئاغىرىپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ ؟ RjS&^u aP  
N{<=s]I%x  
    -- شۇنداق ،- ئۆتتە تاش بولغانكىن بەك ئاغىرىپ كىتىپتۇ ،ئوپىراتسىيە قىلغۇدەك بولسا قىلدۇرۋىتەيلى ،مەن يىنىدا بولغانكىن  سەنمۇ بەك جىددىلىشىپ كەتمە ،- دىدى ئاكام . w3=Bj  
تىلىفۇننى قويۇپ  نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئارزىگۈلگە ئىيتىپ مىڭىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلدىم. t%n3~i4X:  
{^xp?zpV  
    -- سەن خاتىرجەم  مىڭىۋەر ، مەن رۇخسەت سوراپ قوياي ، - دىدى ئۇ . 6NV- &0 _  
<|s9@;(I  
8h#/b1\  
داۋامى داۋاملىق يېزىلىدۇ . qdB@P  
تەھرىر :xiwas1- &\$l%icuo  
[ بۇ يازما xiwas1- تەرپىدىن 2011-07-30 10:05 PM دە ق ]

تېما تەستىقلىغۇچى : xiwas1-
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-30, 22:07
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
xiwas1-
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13794

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   983 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   167 (سوم)
 ياخشى باھا:   1193 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1454  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 678
 سائەت
دەرىجىسى:
678 سائەت 92 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-13
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-30

دوستىمىز تەبەسسۇم خاننىڭ ئەسىرىنى ئىزچىل ئوقۇپ كىلىۋاتىمەن ،ھەم بۇجەھەتتىكى قەلەم ئىستىداتىغا قايىلمەن ،لىكىن ئۆزۈم ھىسقىلغان بەزى يىتەرسىزلىكلەرنى تەكلىپ يۈزىسىدىن ئىيتماق زۆرۆردۇر دەپ ئويلىدىم . cj@Ygc)n  
بۇبەلكىم ئەسەرنىڭ ئەڭ ئازبولغان بىرقىسمى بولساكىرەك ،ئەگەر ئۇنداق بولمىغىنىدا مەن   بۇ مەزمۇنلاردىن مىنى قىزىقتۇرغىدەك مىنى ئەسەرگە چۆكتۈرگىدەك ئىستىتىك ئېڭىمدا سۇئاللارنى قالدۇرغىدەك بىرە تۇرمۇش كارتىنىسى مەزمۇنىنى ھىسقىلمىدىم.بولسائاپتوردىن كۈتىدىغىنىم مەزمۇن بىرئاز مۈرەككەپ لەشتۈرۈلسە ئوقۇرمەن ئەسەرداۋامىغا ئەجەپلىنىش ۋەياكى كاللىسىدا پەيدابولغان سوئاللارغا جاۋاپ ئىزدەش ئىستىگىدە ئەسەرداۋامىغا ئىنتىلسە، ۋە كۈتسە دىمەكچىمەن ئەسەر شەكلىگە  ھىكايە دەپ ئىسىم قويۇلغان ئىكەن ،بۇھىكايە ئوقۇرمەن ئىستىتىك ئېڭىنى غىدىقلاپ ئوقۇرمەنگە مەلۇم نىسبەتتە روھى جەھەتتىن بەزى ھىسسىي تۇيغىلارنى بەخىش ئەتمىكى زۆرۆر، ئەگەر ئەسەر  قۇرۇق گەپلەربىلەن تولغان بىراۋشەخىسنىڭ  كۈندىلىك خاتىرسىگە ئوخشاپ قالسا تولىمۇ ئاددىي بولغان بۇ مەزمۇنلار كىشىگە زىكىشلىك تۇيغۇسىنى بىرىپ قويىدىكەن ....... VS 
ئاپتۇرنىڭ تەكلىپىمنى ئېلىك ئېلىش ئالماسلىقى ئىختىيار ،ئەلۋەتتە بۇمىنىڭ شەخسەن قارىشىم خالاس . ئۈمۈدۈم شۇكى ئاپتورنىڭ مەزكۇر ئىنكاسىمغانىسبەتەن قەتئى باشقىچە ئويلاردا بولماسلىقى ئۈمۈت قىلىمەن .
 
0998.erpane
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.26436

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2185 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   22136 (سوم)
 ياخشى باھا:   1532 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1840  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5299
 سائەت
دەرىجىسى:
5299 سائەت 301 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-16
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-30

بۇ ئۆزىڭىزنىڭ كەچۈرمىشىمۇ ؟؟؟ ياكى توقۇلمىمۇ ؟؟؟؟
 
ئىبراھىىمجان ئىرپانى
Aychin
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6322

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   188 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2083 (سوم)
 ياخشى باھا:   509 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   603  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1012
 سائەت
دەرىجىسى:
1012 سائەت 28 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-14
ئاخــىرقىسى:2011-10-19
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-30

داۋامىنى كۆرۈشكە تەقەززامەن. بۇ ئەسەر مەيلى توقۇلما بولسۇن ياكى ھەقىقى ۋەقەلىك بولسۇن، تېمىدىكى رەنانىڭ بەخىتلىك بولۇشقا ھەققى بار!
 
ھېچنىمە دىگۈم يوق!
tarhamak
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.5550

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   627 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   835 (سوم)
 ياخشى باھا:   539 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   716  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4687
 سائەت
دەرىجىسى:
4687 سائەت 263 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-03
ئاخــىرقىسى:2011-10-17
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-30

بەخىتنىڭ قانچىلىك يىراقتا ئىكەنلىكىنى بىلىشتىن ئىلگىرى ... بەخىتنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش زۆرۈر ... بەلكىم بەخىتنىڭ نېمىلىكىنى ھەقىقى رەۋىشتە بىلگىنىمىزدە  ئۇنىڭ قېشىمىزدىلا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىشىمىز مۇمكىن ...
 
ئىنسانلىقىمنى ئۇنتۇپ قالغاندا تەرخەمەككە ئوخشاپ قالىمەن ...
DILNAZI
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.2976

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   962 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8490 (سوم)
 ياخشى باھا:   200 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   290  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3343
 سائەت
دەرىجىسى:
3343 سائەت 157 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-24
ئاخــىرقىسى:2011-11-01
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-30

ئەگەر بەخىتنى ھىس قىلالىساق ئۇ يېنىمىزدىلا. ئەگەر ھىس قىلالمىساق،ئۇ تولىمۇ يىراقتا...............
 
قەدىرلە.قەدرىڭنى قىلغانلارنى.
kokatirgol
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.44007

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   80 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   477 (سوم)
 ياخشى باھا:   111 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1039
 سائەت
دەرىجىسى:
1039 سائەت 1 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-03
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-31

بەخت ھەممە ئادەمنىڭ قەلبىدە ،گەپ،سىزنىڭ ئۇنى ھىس قىلىش قىلماسلىقىڭىزدا . ] T<#bNK\1  
قانداقتۇ بەخت دەيدىغان ئابىستىراكىت بىر نەرسە يۇق .ئۇ پەقەت كىشلەر مەنىۋى ئىھتىياجىنىڭ قاندۇرلىشىغا قاراپ ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ.شۇڭا ھەر بىر ئادەمنىڭ بەختكە بەرگەن تەدبىرى ئۇخشاش ئەمەس. IuY4R0Go  

 
akyupurmak
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.41260

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   232 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   976 (سوم)
 ياخشى باھا:   223 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   52  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3481
 سائەت
دەرىجىسى:
3481 سائەت 19 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-18
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-31

بۇ تېمىنى ئۇقىۋېتىپ سەل كۆڭلۈم بۇزۇلدى. nwMq~I*1  
M~n./wyC  
ئاخىرىنى ساقلاۋاتىمەن
 
mahliya
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.1873

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   283 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1898 (سوم)
 ياخشى باھا:   575 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   215  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6889
 سائەت
دەرىجىسى:
6889 سائەت 131 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-06-01
ئاخــىرقىسى:2011-10-14
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-31

ئىنكاس ئارقىلىق ساقلىۋالاي،كىيىن تاپالماي قالماي يەنە............... @K+gh#  
داۋامىنى تىزرەك يوللىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
 
herzaman
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.44311

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   361 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1584 (سوم)
 ياخشى باھا:   348 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   51  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1367
 سائەت
دەرىجىسى:
1367 سائەت 153 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-14
ئاخــىرقىسى:2011-09-05
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-31

بەخىت مەندىن 520مىتىر يىراقلىقتا . [A/2 Ms  
pCrm `hy(  
1(dKb  
مىنىڭچە بىر توقۇلمىدەك تۇرىدۇ .ئامما ياخشى چىقىپتۇ X,_K )f  

 
كۆيمەكتىمەن تىرىك پىتى .
sabikiz
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.35253

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   195 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1292 (سوم)
 ياخشى باھا:   380 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   352  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 716
 سائەت
دەرىجىسى:
716 سائەت 54 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-26
ئاخــىرقىسى:2011-09-26
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-31

بەخىت ھەممە ئادەم ئارزۇلايدىغا ،  ھەممە ئادەم كېچە-كۈندۇز بەخىتلىك بولۇشنى ئويلايدىغان مەڭگۈلۇك تېما ،تولىمۇ ئەپسۇس بۇ تېما بىزدىن شۇنچىلىك يىراق   . بىراق بۇتېماغايېتىش ئۇچۇن تىرشساقلا   بەخىت بىزنىڭ يېنىمىزدە خالاس ..........     ...........  بۇتېمىڭىزغا رەھمەت  !!!!   داۋامىغا   تەشنامەن ...........
 
ھاياتقا سەن كۈلۈپ قارىساڭ ھاياتمۇ ساڭا كۈلۈپ قارايدۇ ....
tabassvm
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.19860

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   53 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4389 (سوم)
 ياخشى باھا:   267 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   366  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 827
 سائەت
دەرىجىسى:
827 سائەت 73 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-01
ئاخــىرقىسى:2011-10-25
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-31

يىتەرسىزلىكىمنى كۆرسىتىپ بەرگىنىڭىزگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئىيتىمەن . ئادەم ئۆز كەمچىلىكىنى ئۆزى ھىس قىلىپ يىتەلمەيدىكەن . باشقىلار توغىرا پىكىر بەرگەندىلا كىيىنكى قىتىملىق يولىمىزنى تىخىمۇ توغىرا تاپالايدىكەنمىز .  مىنىڭ شۇنچە جاپالار بىلەن ، ۋاقىتنىڭ ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ مۇنبەرگە ئەسەر يوللىشىمدىكى مەقسىدىممۇ مۇنبەرداشلارنىڭ مىنىڭ قەلمىمگە توغىرا باھا بىرىشىنى ، كەمچىلىكمنى كۆرسىتىپ بىرىشنى ، شۇ ئارقىلىق يىزىقچىلىق ئىقتىدارىمنى قەدەممۇ -قەدەم يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت .
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى