|
-- سىنى دەيمەن ، ھەي ، سىنى ،- ئايال ئالدىمغا كىلىپ ئۇرىۋىتىدىغاندەك ئەلپازدا ۋاقىردى ،- قىلىدىغاننى قىلىپ قويۇپ يەنە خىيالىڭدا يوق كىتىپ بارسىنا ؟ &[kFl\ بىشىمدىن بىر قاپاق سۇ قويۇلغاندەك ئەندىكىپ كەتتىم ،- مىنى دەمسىز ؟ خاتا تونۇپ قالمىغانسىز ؟ af|x(:!H t"X^|!hKIF -- نىمىنى خاتا تونۇپ قالىدۇ ؟ - ئايال دىمىقىنى قاقتى ،- خەقنىڭ ئىرىنى ئازدۇرۇپ كىچە - كىچىلەپ ياتىقىڭدىن چىقارمايدىغان سەندەك بۇزۇقنى كىم تونۇمايدۇ ؟ قارا خۇپسەنلىكىنى .
?fQ8Ff H.&"~eH
-- نىمە دەيدىغانسىز ،- كىمنىڭ ئىرىنى ئازدۇرۇپتىمەن ،- جىلى بولۇپ تىتىرەپ كەتتىم ، يۈرىكىم سىلىپ پۇت - قولۇمدا جانمۇ قالمىدى . W('V2Z-q l{hO"fzy --بوش تۇرۇپ بەرسەم ، مىنى ئەخمەق كۆرۈپ گەپكە سالاي دەمسەن ؟- ئايال سوقۇشىدىغان ئەلپازدا ئالدىمغا دىۋەيلەپ كەلدى ،- ئۈچ يىل باغىرىڭغا تىڭىپ تويماي يەنە يىپىشۋالدىڭما قەيسەرگە ؟ يۈزى قىلىن رەسۋا ، بىلىپ قوي ، قەيسەرنى ساڭا تاشلاپ بىرىدىغانغا ساڭا ئوخشاش ئەخمەق ئەمەسمەن . +$#
ytvDy ئەسىلىدە قەيسەرنىڭ ئايالى ئىكەندە . 6`Diz_( $j/#IzD1D -- ئاڭلاپ تۇرۇڭ ،- دىدىم زەئىپ ئاۋازدا ، قەيسەرنى مەن ئاللا بۇرۇن سىزگە بىرىۋەتكەن ، تالاشمايمەن ، ئۆزىڭىزگە ئىشەنچىڭىز بولسا خەققە تارتقۇزۇپ قويمايسىز . SDko# x57O.WdN -- نىمە ؟ ئىشەنچىڭىز بولسا دىدىڭما ،- كىمىڭنى ئانى تاپىسەن ؟- ئۇ شۇنداق دىگنچە مىنى قاتتىق ئىتتەردى ، ئەسىلدىنلا كۈچسىز تۇرغان ئادەم سەنتۇرلۇپ يىقىلغىلى ئاز قالغاندا بىرسىنىڭ قۇچىقىغىلا چۈشتۈم ......... 3 V$
\s8 synueg -- رەنا قورقماڭ ، مەن بار ،- دىگەن تونۇش ئاۋازدىن بىر ئاز ئەسلىمگە كەلدىم ، بىشىمنى كۆتۈرۈپ مىنى يۆلەپ تۇرغان ئەنىۋەرنى كۆردۈم . قەيسەرنىڭ ئايالى مەسخىرىلىك ئاھاڭدا ئاۋازىنى بولۇشىغا قويۇۋىتىپ دىدى : d^I:{Ii' ^tI4 FQ>Y --ئوھۇي ، يەنە بىرسى بار ئىكەنغۇ بۇ يەردە ، سىز كىم ؟ ئەڭ ياخشىسى بىزنىڭ ئىشىمىزغا ئارلاشماي يولۇڭىزغا مىڭىڭ . d)L,kzN ئەنىۋەر ۋاقىردى : 9!s)52qt 7$Lt5rn"} --مەن ئۇنىڭ لايىقى . ئەمدى بۇ قىزنى يەنە بۇزەك قىلساڭ ساقچىخانىغا سولىتىۋىتىمەن ، دەرھال يوقال! E=t^I
/f)E Gk!CU"`sP ئۇ ئايال بىر نەرسىلەرنى دەپ بىلجىرلىغىنچە كىتىپ قالدى ، پۇت - قولۇمدا قىلچىلىك كۈچ يوق ، كۆزلىرىمدىن تاراملاپ ياش قۇيۇلاتتى . تۇغۇلۇپ تا ھازىرغىچە بۇنچىلىك شەرمەندە بولۇپ باقمىغان ئىدىم . مانا ئەمدى تۈگەشتىم ، يەنە كىلىپ خىزمەتداشلىرىم ، تونۇشلىرىم بولۇپمۇ ياخشى كۆرگەن ئادىمىم ئالدىدا . 5EL&?\e يۈرىكىمنى قىسماقتا قىسقاندەك ئاغىرىيتتى . بەدەنلىرىم بوشاشقان ، ھازىرلا يىقىلىپ قالدىغاندەك ................. /@0 ئەنىۋەر مىنى بىر دەمدىلا توپلاشقان كىشىلەرنىڭ ئارىسىدىن يۆلەپ ئىپ چقىپ ماشىنىغا چىقاردى . مەن يىنىدا يىغلاۋاتىمەن ، ئۇ ماڭا تەسەللى بەرگەچ ماشىنا ھەيدەۋاتىدۇ .... [uFv_G{H jm,:jkr -- كىم ئايالدۇ ئۇ ؟ سىزنى خاتا تونۇپ قالغان ئوخشىمامدۇ ؟- دىدى ئۇ مىنى بەزلىگەچ . }[]1`2qD ~{q;
-& -- قەيسەرنىڭ ئايالى ئىكەن ، - مەن يىغلاپ تۇرۇپ جاۋاپ بەردىم ،- قەيسەر ئاخشام مىنى ئىزدەپ كەپتىكەن ......... 56H~MnX 0[Z wtfL1 -- نىمىگە ئىزدەپ كەپتىكەن ؟ `/9&o;qM
bM"d$tl$?' -- يىنىشىپ قالايلى دەپ ،ئۇنىڭغا بىر قىتىم يولۇقسام بىر قىتىم ئازار يەپلا تۇرىمەن دىسە .......... 3q.HZfN~ CykvTV Q كۆز ياشلىرىم توختايدىغاندەك ئەمەس . ھىلىقى ئايالنىڭ ھاقارەتلىرىنى ، ئەتىراپىمىزدا تاماشا كۆرۈپ تۇرغان كىشىلەرنى ئويلىساملا يۈرىكىم پىچاق تىققاندەك ئاغىرىپ كۆز ياشلىرىمنى تۇتالماي قالىمەن . ئەنىۋەر بىر قولىدا رولىنى باشقۇرۇپ ، بىر قولىدا مىنىڭ كۆز ياشلىرىمنى سۈرتتى .دەل شۇ چاغدا قارىشى تەرەپتىن چىقىپ كەلگەن بىر يۈك ماشىنىسى كۆزۈمگە كۆرۈنۈپ ، ئەنىۋەرنىڭ جىددى ھالدا رولنى بۇرغان ھالىتىنى كۆرگەندەك بولدۇم دە ،ئاچچىق بىر ئاغىرىقتىن پۈتۈن جاھاننى قاراڭغۇلۇق باستى .................... #xt-65^ +d=8 /3O% كۆز ئالدىمدا ئاپپاق كىيىم كىيىۋالغان دادام بىلەن يىغلاپ تۇرغان ئاپام دەممۇ -دەم ئالمىشىپ تۇرىدۇ . دادام قولىنى ماڭا سۇنغان ھامان ئاپامنىڭ يىغلىغان ئاۋازى بىزنى ئايرىۋىتىدۇ ......... كۆزۈمنى ئاچاي دەپ ئاچالمايمەن ، تۇراي دەپ تۇرالمايمەن . گاھىدا بىرنۇر ئىچىدە تۇرسام ، گاھىدا قاراڭغۇلۇق قوينىغا مەھكۇم بولىمەن ......بارا - بارا دادامنىڭ سىماسى زادىلا كۆرۈنمەس بولدى ، يىنىمدا ئاپامنىڭ ، ئەنىۋەرنىڭ ، خىزمەتداشلىرىمنىڭ ۋە يەنە باشقا تونۇش ئاۋازلارنى ئاڭلىغاندەك قىلىمەن يو نىمە دىگەنلىكىنى بىلمەيمەن ، كۆزۈمنى ئىچىشقا ، مىدىرلاشقا ماغدۇرۇم يوق ، پۇت - قوللىرىم تىڭىۋىتىلگەندەك ، ئۈستۈمدە ناھايتى ئىغىر بىر نەرسە باردەك .................. }ssL;q ئاپامنىڭ يىغا ئارىلاش ئىسمىمنى چاقىرغان ئاۋازىدىن ئىسىمگە كىلىپ ناھايتى تەستە كۆزۈمنى ئاچتىم ، ھەممە نەرسە ئاپپاق ، ھەم ناھايتى تۇمانلىق ، قولۇمنى مىدىراتتىم ، تۇراي دىدىم يو تۇرالمىدىم ، بارغانچە ئەتىراپىمدىكىلەر ئىنىق كۆرۈندى ،ئاپام ، ئاكام ،ئاچام ۋە يەنە ئارزىگۈل ، قەيسەر ..... ئەنىۋەرنى بايا غۇۋا كۆرگەندەك قىلىۋىدىم ،ئەمدى غايىپ بولدى ، بلكىم خىيالى تۇيغۇم ئوخشايدۇ ، ھە راسىت ، ئۇ قانداق بولۇپ كەتكەندۇ ؟ WTwura, ئاپام كۆزۈمنى ئاچقىنىمنى كۆرۈپ < رەنا ، رەنا قىزىم ،ھەرنىمە بولسا كۆزۈڭنى ئاچتىڭ > دەپ كۆز ياشلىرىنى تۆكتى ، باشقىلارمۇ بىر دەمدە پايپىتەك بولۇپ يىنىمغا كىلىپ ئامانلىق سوراپ ئاللاغا شۈكىرىلەر ئىيتىشتى ..............كۈندىن - كۈنگە ياخشى بولىۋاتقان بولساممۇ بىر پۇتۇم گىپىستا قاتۇرۇلغاچقا ماڭالمايتتىم ، بىشىم يەنىلا قىيىپ ، ئاغىرىپ تۇراتتى .ياخشىلىنىشقا قاراپ ماڭغانلىقىمنى كۆرگەن تۇققانلار بىر - بىرلەپ قايتىشىپ يىنىمدا ئاچاملا قالدى ، قەيسەرمۇ پات-پات كىلىپ يوقلاپ تۇرغاچقا ئۇنىڭغا بولغان ئۆچمەنلىكىممۇ يوقاپ دوستانە مۇئاملە قىلىدىغان بولدۇم .تاماقنى ئۆزەم يىيەلەيدىغان ، چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ماڭالايدىغان بولغاندىن كىيىن ئەنىۋەرنى كۆرۈش ئارزۇيۇم بارغانچە كۈچىيىپ باراتتى . QQQN}!xPj ئۇ كۈنى ئاچام ماڭا ئالماشتۇرىدىغان كىيىم ئەكىرگىل بازارغا ماڭدى ، ئۆزەمنىڭ ھالىدىن ئۆزەم خەۋەر ئالالايدىغان بولغاچقا ياتاقتا يالغۇز قالدىم ، ھەر قىتىم ئۇخلاپ قالغان چاغلىرىمدا ئەنىۋەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندەك بولاتتىم لىكىن كۆزۈمنى ئاچساملا ئۇ يوقاپ كىتەتتى . بەلكىم ئۇ بەك ئېغىر ئەھۋالدا بولغاچقا مىنىڭ يىنىغا كىرىشىمنى ئارزۇ قىلىپ شۇڭا چۈشۈمگە كىرىدىغاندۇ دەپ ئويلاپ ئۇنىڭ قىشىغا چىقالمىغانلىقىمدىن ئىچىم تىت -تىت بولاتتى. مانا بۈگۈن ياخشى پۇرسەت ، يالغۇز قالىغنىمدىن پايدىلىنىپ ئۇنى كۆرۈپ چىقسام بولىدىغۇ دىگەن خىيال بىلەن ئوكۇلنى تارتىۋەتكىلى كىرگەن سېستىرادىن سورىدىم : !XT2'6nu 8!qzG4F/ -- ئەنىۋەر قانچىنچى ياتاقتا ؟ :Kk+wp}f# 4*?i!<N9 -- بىزنىڭ ئەنىۋەر مۇدىرنى دەمسىز ؟ 6dKJt "T~A*a^ --ھەئە . =[YjIWr#o `bjPOA(g -- ئۇ ياندىكى ياتاقتا ، ئۇنىڭ يىنىغا كىرمەكچى بولسىڭىز سەل تۇرۇپ كىرىڭ ،ھازىر تېڭىق ئالماشتۇرۋاتىدۇ ،- سىستىرا شۇنداق دىگىنچە قۇرۇق ئوكۇل قۇتىلىرىنى كۆتۈرۈپ ئىشىك تۈۋىگە بارغاندا كەينىگە بۇرۇلدى ،- بولمىسا تېڭىقنى ئالماشتۇرۇپ بولغاندا سىزگە خەۋەر قىلاي ، شۇ چاغدا كىرەرسىز . 7?qRz يېرىم سائەتلەر ئۆتكەندىن كىيىن بايىقى سېستىرانىڭ چاقلىق ئورۇندۇقنى ئىتتىرىپ ماڭدۇرۇشى بىلەن ئەنىۋەرنىڭ ياتىقىغا كىردىم . ئاھ ، مەن نىمە كۆرۈۋاتىمەن ؟ .............ئۇنىڭ باش -كۆزىدىن باشقا يەنە پۈتۈن بەدەنلىرى ئاپپاق داكا بىلەن ئورالغاندى . بۇرۇن ،ئىغىزلىرىدىكى ۋە كۆكىرەك قىسىمىدىكى نەيچىلەردىنلا ئۇنىڭ ئەھۋالىنىڭ قانچىلىك ئىغىرلىقىنى بىلگىلى بولاتتى .ئۇنىڭغا قاراپ نىمە قىلىشىمنى ۋە نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي تۇرۇپلا قالدىم ، پۈتۈن ئۈمۈدۈم ئۇنىڭ يىنىدا تۇرغان دوختۇردىن ئازىراق بولسىمۇ ئۈمىتلىك سۆزلەرنى ، يەنى < ئەنىۋەر ئۇزۇنغا قالماي ياخشى بولۇپ كىتىدۇ > دىگەن گەپنى ئاڭلاش ئىدى .دوختۇر ماڭا بوش ئاۋاز بىلەن : < ئۆزىڭىزنى بىسىۋىلىڭ رەنا ،سىزمۇ كۆرۈپ تۇرۇپسىز ، ئەنىۋەرنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ، ھازىر غىچە ھوشسىز ياتىدۇ ، بەلكىم ئۆسۈملۈك ئادەمگە ئايلىنىپ قىلىشى مومكىن > دىدى . 8 G:f[\^ H+ 7Fw'u -- بۇ مومكىنمۇ ؟ نىمىشقا ئۇنداق بولۇپ قالىدۇ ، نىمىشقا شۇنچە چوڭ دوختۇرخانا تۇرۇپ ئۇنى ساقايتالمايسىلەر ، - كۆز ياشلىرىم يەنە ئىقىشقا باشلىدى ،ئۆزەمنى تۇتۇۋىلىشقا ئامالسىز ئىدىم ، دىمىسىمۇ چىن كۆڭلۈمدىن سۆيگەن ئادىمىم ئاشۇ ھالەتتە ياتسا قانداقمۇ ئۆزەمنى تۇتۇۋالاي ،- نىمىشقا ئۆرۈمچىدىن ، بىيجىڭدىن دوختۇر تەكلىپ قىلمايسىلەر ، ئۇمۇ مۇشۇ دوختۇرخانىنىڭ يەنە تىخى مۇشۇ بۆلۈمنىڭ بىر ئەزاسىغۇ ، ئۇنى قۇتقۇزۇشقا نىمىشقا تىرىشمايسىلەر ؟ نىمىشقا ؟....... sEcg;LFp \' >d.'d -- بولدى ، رەنا ، بىزمۇ كۆپ تىرىشتۇق ، چوڭ دوختۇرخانىدىن مۇتەخەسىسىلەرنى تەكلىپ قىلغاچقا ئۇنىڭ ھاياتى ساقلىنىپ قالدى ، بەلكىم بىر مەزگىلدىن كىيىن ئەسلىگە كىلىشى مومكىن ،- دوختۇر شۇنداق دىگەچ تېڭىق سايمانلىرىنى يىغىشتۇردى ،- ھە توغىرا ، سىز ئۇنىڭ يىنىدا كۆپىرەك ھەمىراھ بولۇپ ،ئۆتكەن ئىشلارنى ئىسىگە سىلىپ تۇرسىڭىز ئەنىۋەرنىڭ ئەسلىگە كىلىشى ئۈچۈن كۆپ پايدىسى بولىدۇ . 6yedl0@wa! دوختۇر چىقىپ كەتتى ، مەن ئۆزەمنى تۇتۇۋىلىپ ئۇنىڭ يىنىغا كىلىپ ئولتۇردۇم ، ئۇنىڭ گىپىستا قاتۇرۇلغان قوللىرىنى سىلىدىم . FXFyF*w2 شۇنداق ئولتۇرۇپ ئۇنىڭغا نەچچە ۋاقىتتىن بىرى يىغىلىپ قالغان كۆڭۈل سىرلىرىمنىڭ ھەممىسىنىلا تۆكۈۋەتتىم . قىسقىسى ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قىلىپ قانچىلىك ئازاپلانغانلىقمنى ، نىمىلەرنى ئويلاپ ئۇنىڭدىن قاچقىنىمنى ، ئۇنى قانچىلىك سىغىنغىنىمنى .......ئىشقىلىپ ئۇنىڭغا كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلماس بولۇپ قالغان بىر يىلدىن كۆپىرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى گەپلىرىمنىڭ ھەممىنى ھەممىنى دىدىم،ۋە ئۇنىڭ توي قىلىش تەلىۋىگە ھازىرلا قوشۇلغانلىقىمنى ،ئۇ خالىسىلا دوختۇرخانىدىن چىقىپلا توي قىلساق بولىدىغانلىقىنى دىدىم . ..................بىر چاغدا ئۇنىڭ مەن تۇتۇپ تۇرغان قولى ھەركەتكە كىلىپ قولۇمنى چىڭ تۇتۇۋالدى ۋە< دىگەنلىرىڭىز راسىتمۇ Wrs6t رەنا ؟ راستلا مىنى شۇنداق ياخشى كۆرەمسىز ، مەن بىلەن توي قىلىشنى خالامسىز ؟> دىدى ، تۇيۇقسىز ئاڭلانغان بۇ ئاۋازدىن چۆچۈپ كەتتىم ، ئۇ يەنە بىر قولىدا بەدىنىدىكى نەيچىلەرنى تارتىپ چىقاردى ۋە تىڭىقلارنى يىشىپ ئىلىپ پەقەت بىر قولىدىكى گىپىسنىلا قالدۇرۇپ قويۇپ ئۆرە ئولتۇردى . كۆز ئالدىمدا تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن بۇ ئىشتىن كىنۇ كۆرۈۋاتقاندەك تۇيغۇغا كىلىپ !.[H!-V. قالغان ئىدىم . ئەنىۋەرنىڭ كۈلگەن ئاۋازىدىن كىيىنلا ئىسىمگە كىلىپ نە ئاچچىقلاشنى ، نە كۈلۈشنى ، يا چىقىپ كىتىشنى بىلمەي تۇرۇپلا قالدىم .ئۇ مىنىڭ ئالدىمدا ئويۇن قويۇپ مىنى گەپكە سالغان ، ئۇلا ئەمەس ، ھىلىقى دوختۇرمۇ ، سېستىرامۇ يەنە تىخى ئاچاممۇ ئۇلارغا ماسلشىپ ئويۇن قويغان ئىكەن ، ئەسلى مىنىڭ ئۇخلاپ قالغان ۋاقىتتا ئەنىۋەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغىنىم ، ئۇنى يىنىمدا باردەك تۇيغۇدا بولغىنىم راست تۇيغۇ ئىكەن ، ئۇنىڭ قولى سۇنۇپ ، بىشى ئازىراق يارلانغان بولغاچقا مەندىن بۇرۇن ئوڭشىلىپ مىنىڭ يىنىمغا كۈندە كىرىپ تۇرغان ، بۇ ئەھۋالنى مەندىن سىر تۇتۇپ ، مىنىڭ ئۆزىگە قانداق پوزتسىيەدە بولدىغانلىقمنى ، ئۆزىنى زادى قانچىلىك دەرىجىدە ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى بىلمەكچى ئىكەن ، ئۇ ئەسىلدىمۇ قىزىقچى بولغاچقا مۇشۇ ئىشقىمۇ قىزىقچىلىقنى ئارلاشتۇرۋالغان ئىدى . ئۇنىڭغا ئاچچىقلاشنى ئويلىغان بولساممۇ ئاچچىقىمنى كەلتۈرەلمىدىم ،چۇنكى بايىلا ئۇنىڭ ساقىيىشنى ، مەن ئۈچۈن بولسىمۇ ئۆرە تۇرۇشىنى خۇدادىن تىلىگەن تۇرسام، ئەمدى راستلا شۇنداق ئالدىمدا كۈلۈپ قاراپ تۇرسا ئاچچىقلىشىم مومكىنمۇ ؟ ئۇنىڭغا بر دەم قېيدىغاننى دوراپ بىقىپ ئاخىرى ئۇنىڭ ماڭا كەڭ ئىچىلغان قۇچىقىغا ئۆزەمنى ئاتتىم . W|V
9:A *&$2us0%% ئازاپلىرىم مۇشۇنىڭ بىلەن ئەخىرلاشتى ، بەخىتلىك كۈنلىرىم باشلاندى دەپ ئويلىغان ئىدىم ، ئەپسۇس ، بۇ شىرىن خىياللىرىم ئىككى كۈنمۇ ئۆتمەيلا بەربات بولدى . پۇتۇمدىكى گىپىسنى ئىلىۋەتسىلا ياتاقتىن چىقىپ كىتىمەن دەپ يۈرگەن كۈنلەردە تۇيۇقسىزلا سول قۇلىقىمنىڭ تۇرۇپ - تۇرۇپ ئىتىلىپ قالغاندەك ،ئىنىق ئاڭلىيالمايۋاتقانلىقىمنى ھىس قىلدىم . بۇ ئەھۋالدىن بىئاراملىق ھىس قىلىپ مەسئول دوختۇرۇمغا ئىنكاس قىلدىم ، ئۇ كىرىپ كۆرۈپ چىقىپ كەتكەندىن كىيىن بۆلۈم مۇدىرى تەكشۈرۈپ بەش ئەزا بۆلۈمىگە چىقىپ تەكشۈيتۈپ چىقىشىمنى ئىيتتى . ئەنىۋەر بۇ ئەھۋالنى ئۇقۇپ مىنى ئۆزى ئەچىقىپ تەكشۈرتۈپ كىردى . تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە بۇ ماشىنا ھادىسىدە مىڭەمنىڭ ئېغىر دەرىجىدە سىلكىنگەنلىكى سەۋەبىدىن ئاڭلاش نىرۋا سىستىمىسنىڭ ئىقتىدارى توسالغۇغا ئۇچىرغان دىگەندەك بىر قاتار دىئاگىنۇز قويدى ، دوختۇرلارنىڭ دىيىشىچە ياخشىراق داۋالانسام ئازىراق ۋاقىتتىن كىيىن ئوڭشىلىپ قىلىشى مومكىن ئىكەن ، لىكىن ھىچكىم چوقۇم ساقىيىپ كىتىدۇ دەپ كىسىپ ئىيتالمىدى . ئايىقى ئۈزۈلمەي كىلىۋاتقان بۇ ئېغىر قىسمەتتىن تىڭىرقاپلا قالدىم ، يىغلاۋىرىپ كۆز يىشىممۇ قۇرۇپ كەتتى . ئەنىۋەر بىر تەرەپتىن ماڭا تەسەللى بەرسە يەنە بىر تەرەپتىن قولىنىڭ ساقايمىغىنىغا قارىماي ھەر تەرەپتىن ئالاقىلىشىپ مۇتەخەسىسلەردىن پىكىر ئىلىپ مىنى تىزىرەك ساقايتىش ئۈچۈن كۈچىمەكتە ئىدى . ياتاقتىن سىرتقىمۇ چىقماس بولدۇم ، خۇددى ئەتىراپىمدىكى كىشلەرنىڭ ھەممىسى مىنى <گاس > دەۋاتقاندەك ، مىنى مەسخىرە قىلىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى . ئەنىۋەر ئۈچۈن يۈك بولۇپ قالغانلىقىمنى ئويلاپ تىخىمۇ ئازاپلىناتتىم . ئەنىۋەرنىڭ ئاپىسىنىڭ نەچچە كۈندىن بۇيانقى مىنى يوقلاپ كىرىپ ئۆز قىزىدەك كۆيۈنۈپ كىتىشلىرى بىراقلا ئۆزگىرىپ ، ماڭا قاراپمۇ قويماس بولدى ،دىمىسىمۇ ئوغىلىنڭ بىر مىيىپ قىز بىلەن توي قىلىشىنى قانداق ئانا خالايدۇ ؟ بەلكىم ئەنىۋەرگىمۇ قاتتىق بىسىم قىلدىمۇ ياكى بەك چارچاپ كەتتىمۇ روھى چىقىپ كەتكەن ئادەمدەك يۈرۈيدىغان بولۇپ قالدى ، لىكىن ماڭا ئىزچىل كۆيۈنەتتى ، مەن ئۈچۈن ئىزدىنەتتى . ئۇنىڭ ئولتۇرۇشۇپ قىزارغان كۆزلىرىگە قاراپ ئىچ -ئىچىمدىن ئازاپلىناتتىم . 3/EJ^C v6O5n(5,, -- رەنا ، دىدى ئۇ بىر كۈنى ياتىقىمغا كىرىپ ،- بىز باشقا يەرگە كىتەيلى ، شۇ يەردە توي قىلايلى ، كىسىلىڭىزنى تويدىن كىيىن ئۆزەم داۋالىتىمەن بولامدۇ ؟ jDCf]NvOPM ]DLs'W;) -- نىمىشقا ؟ نىمىشقا كىتىمىز ؟ بۇ يەردىكى خىزمىتىڭىز بىر ئوبدان تۇرسا ، يەنە ئاتا -ئانىڭىزنى تاشلاپ قەيەرگە كىتەلەيسىز ؟ I$JyAj s1
(UOd7} --ئاتا -ئانام ؟ ئۇلار ھازىر ياش ،ئۆزىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالايدۇ ،-ئۇ ئاچچىق كۈلدى ،- ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاپامغا مىنىڭ كىرىكىم يوق ئىكەن ، ئۇنىڭغا نام -ئابىرۇي بولسىلا بولىدىكەن . 3'6by!N,d پەرىزىم توغىرا چىققان ئىدى ، ئاپىسىنىڭ ماڭا تۇتقان پوزتىيەسىدىنلا ئۇنىڭ بىزگە قوشۇلماسلىقى ئىنىقلا ئىدى ،ئەنىۋەرنىڭ بۇ گەپلىرىدىن ئانا -بالا ئىككىسى قاتتىق تالاش - تارتىش قىلغانلىقى چىقىپ تۇراتتى . Hzojv<c M
nDaag -- كىتەيلى رەنا ، بۇ كەسپىمىز بىلەن ھەرگىز يەردە قالمايمىز ، ۋاقتى كەلسە ناھىيەدە ياكى يىزىدا ئىشلىسەكمۇ بولىدۇ .مۇتەخەسىسىلەر بىلەن ئالاقىلاشتىم ، ئۇلار قۇلىقىڭىزنى ئوڭشىلىپ كىتىدۇ دەيدۇ ، پەقەت كەيپىياتىڭىزنى ياخشى تۇتۇپ داۋالاشقا ماسلىشىپ بەرسىڭىزلا بولىدىكەن . u~\
NL{ 2 D!$x+| -- سىزگە يۈك بولدۇم ئەنىۋەر ، يەنە يۈك بولۇپ كەينىڭىزدىن كىتەلمەيمەن ،- يەنە يىغلاپ تاشلىدىم ،- ئاپىڭىزنىڭ مەندىن بىر ئۆمۈر نەپىرەتلىنىشىنى خالىمايمەن . t[X,m]SX ~Ut?'}L(
d -- ئەمسە قانداق قىلىمىز ؟ ئاپامنى خوشال بولسۇن دىسەك بىز توي قىلماي بىر ئۆمۈر بەخىتسىز ئۆتسەك بولىدۇ . يۈك بولدۇم دىگەن گەپنى قىلماڭ ، بۇنچىلىك كىسەلگە بۇزەك بولساق نەرىمىز دوختۇر بىزنىڭ ؟ g/`
z.? كەتمەيلى ،- دىدىم ئۇنىڭغا قاراپ ، - يەنىلا مۇشۇ يەردە داۋالىناي ، بەلكىم ساقىيىپ قالسام ئاپىڭىز ئېرىپ قالار ........ uEDvdd#V. `;z;=A* --ماقۇل ، رەنا ، ماقۇل ئەمسە كەتمەيلى ،- ئۇ مىنى باغىرىغا باستى ،- ئەمسە ياش تۆكمەڭ بولامدۇ ؟ ./Wi(p{F تۆكۈلىۋاتقان كۆز ياشلىرىمنى سۈرتۈپ ، باش لىڭىشىتتىم . Tizjh&*^ n/Dk~Q) ئەتىسىدىن باشلاپ سىرتتىن تەكلىپ قىلنغان مۇتەخەسىسى كىلىپ داۋالاشنى باشلىدى . بىر كۈندە بىر قانچە بۆلۈمنىڭ تەكشۈرۈشىىدىن ئۆتەتتىم . پۇتۇم ساقىيىپ ئاستا قەدەملەر بىلەن ماڭالايدىغان بولدۇم ، لىكىن قۇلىقىم يەنىلا ئوخشاش ئىدى . ?CZ*MMV شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە قەيسەرنىڭ بۇ دوختۇرخانىنىڭ بەش ئەزا بۆلۈمىگە يۈتكىلىپ كىلىشى بىزنى ھەيران قالدۇردى . ئۇ بۇرۇنمۇ دوختۇر ئىدى ، لىكىن بازارلىق دوختۇرخانىدا ئونۋىرىسال كىسەل كۆرەتتى ، بىز ئاجىرىشىپ كەتكەندىن كىيىن باشقا ناھىيىگە يۆتكىلىپ كەتكەچكە ئۇنىڭ ئەھۋالىنى بىلمىگەن ئىدىم ،نەچچە ۋاقىتتىن بىرى يوقلاپ كىرىپ تۇرسىمۇ ئۇنىڭ ئەھېالىنى سورىمىغان ئىدىم .ئۇ خالات كىيىپ يەنە بىر دوختۇر بىلەن مىنى تەكشۇرگىلى كىرگەندە ھەيرانلا قالدىم . شۇنىڭدىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن ئۇچىرشىشىمىز كۆپەيدى ، دوختۇربىلەن بىمار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت بولسىمۇ بۇ ئىش ئەنىۋەرنى ئانچە خوشال قىلمىدى . ئۇ دەسلەپتە چاندۇرمىغان بولسىمۇ ، قەيسەرنىڭ قىشىمغا كىرىش قىتىم سانى كۆپەيگەنسىرى قەيسەرگە سوغۇق مۇئاملە قىلدىغان بولۇپ قالدى . & 6~AY:0r بۇ ئىشتىن مەن ناھايتى خىجىل ئىدىم . :hUt7/3c 2jH&@g$cl; -- قەيسەر ، بۇنىڭدىن كىيىن تەكشۇرەشكە مومكىن بولسا باشقا دوختۇرلار كىرسە بوپتىكەن ،-دىدىم بىر كۈنى ئۇ يالغۇز كىرگەندە . J_
>nn _43 :1!os -- نىمىشقا ؟- ئۇ سەل تۇرۇۋالغاندىن كىيىن دىدى ،- ئەنىۋەر مۇدىر خالىماپتۇ-دە ؟ 02~GT_)$^ -- ياق ،ياق ..........ئۇنداق ئەمەس ، مەن شۇ ، سەل بى ئەپ ھىس قىلدىم ،- گىپىمنى تاپالماي دۇدۇقلاپ قالغىنىمنى كۆرۈپ ئۇ ئىتتىكلا : e%.|PZ) Nzel^~ -- بۇ بۆلۈم ئورۇنلاشتۇرغان ئىش ، مەن يىڭى بولغاچقا سەن تونۇيدىغان ھىلىقى 王دوختۇر بىلەن بىللە ئىشلەيمەن ، ئۆزۈڭمۇ كۆردۈڭغۇ داۋاملىق بىللە كىرىمىزغۇ . mKhlYVn 5=9gH -- ئۇنى بىلىمەن ..........شۇ ..... =Ye I,KbA) گىپىمنى تىپىپ دىيەلمەي قالدىم ،شۇنىڭدىن كىيىن قەيسەرنىڭ كىرىشى سەل ئازلاپ قالدى . ئەنىۋەر يەنىلا توي قىلىش پىكىرىدە چىڭ تۇراتتى ، ئۇنىڭ دىيىشىچە مۇتەخەسىسلەر قۇلىقىمنىڭ ساقىيىشى ئۈچۈن بىر مەزگىل ۋاقىت كىتىدۇ دەپتۇ .داۋالاشتىن باشقا كۈتۈشلا ئەڭ ياخشى چارە ئىكەن . لىكىن ئۇنىڭ ئاپىسىنىڭ مىنى كۆرسە دۈشمەندەك ئالىيىپ ئۆتشلىرى ئىسىمگە كىلىپ ئۇنىڭغا قوشۇلمىدىم . $_b^p= 6sl2vHzA -- ئاپىڭىز قوشۇلمىسا قانداق توي قىلىمىز ؟ ئۆز ئالدىمىزغىلا قىلماسمىز ھەر قانچە بولسىمۇ ؟-دىدىم . WU DF~{i{ -- ئىشنى ئۆزەم توغۇرلايمەن ، پەقەت سىز قوشۇلسىڭىزلا ، ئاپاممۇ بىر مەزگىلدىن كىيىن ئوڭشىلىپ قالىدۇ . %<
Kw ">NPp\t>/Z -- ياق ، ئەنىۋەر ، سىزنىمۇ ئۆزۈمنىمۇ قىيناپ مۇشۇنداق ئەھۋالدا توي قىلغۇم يوق ، مىنى دەپ ئانا بالا ئىككىڭلارنىڭ ئارازلىشىپ قىلىشىڭلارنى خالىمايمەن ......... ?ZlN$h^ 'Z ,T,zW -- ھىلىمۇ بىز كۆپ ئارازلىشىپ بولدۇق رەنا ،ئەمدى مىنىڭ چىدىغۇچىلىكىم قالمىدى ، كىتەيلى رەنا كىتەيلى . I85bzzZB نىمە دىيىشىمنى بىلمىدىم ،ئۇنىڭ بۇ كەيپىياتىغا قاراپ يەنە رەت قىلىشقا كۆڭلۈم ئۇنىمىدى ، لىكىن كىتەي دىسەم ئەھۋالىم مۇشۇ تۇرسا ، يا دوختۇرخانىدا ئىشلىيەلمىسەم ، ئۆزەمنى دەپ ئەنىۋەرنى قىيناپ قويسام قانداق بولىدۇ ؟ M8iI e:{ c ئەنىۋەر بىلەن پات -پاتلا مۇشۇ توغىرسدا تالىشىپ قالدىدىغان بولدۇق . بىر كۈنى ئۇ ناھايتى روھسىز ھالدا ياتاققا كىرىپ كەلدى : wf=M|
#
}_ H`X>
-- بىلىمەن ،رەنا سىزگىمۇ تەس ، ئىككى ئوتتۇرىدا قىسىلۋاتىسىز ، قەيسەرمۇ ياخشى ئىكەن ، مۇشۇ نەچچە ئايدىن بىرى سىز ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقاردى . دوختۇرخانىدىن مىنى ئىچكىرىگە بىلىم ئاشۇرۇشقا ماڭغۇزماقچى ، دەسلەپتە سىزنى دەپ قوشۇلمىغان ئىدىم ، لىكىن ئاپام توي قىلسەن دەپ لايىق تىپىپ مىنى بەك قىينىۋەتتى ، شۇڭا مەن كەتمەكچى . رەنا ، قەيسەر بىلەن ئىككىمىزدىن كىمنى تاللىشىڭىز ئۈچۈن بۇ بىر ياخشى پۇرسەت . p:q?8+W-r r2; )VS -- بىراق ئەنىۋەر ، قەيسەر بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتىم يوق ............ @E@5/N6M ئۇ گىپىمنى توختىتىپ قويدى : #{oGmzG! Mk$Pt -- بولدى ، مەن بىلمەن ..............خوش ;fnE"} ئۇ ئىغىر قەدەم تاشلاپ چىقىپ كەتتى ، ھەتتا كەينىگە قايرىلىپمۇ قويمىدى . { WW!P,w ------ئەنىۋەر ............دەپ چاقىرغان ئاۋازىم ئەكىس سادا يىنىپ ئۆزەمگە قايتىپ كەلدى . U6Ws#e Zn9ecN ئۇ كەتتى ، مىنى دەرت - ھەسىرەت قاينىمىغا تاشلاپ قويۇپ كىتىپ قالدى ، كىسىلىم ئاز كەلگەندەك ، ئۈستى -ئۈستىلەپ كەلگەن بۇ قىسمەتلەردىن تىڭىرقاپ ، ئولتۇرغان يىرىمدە خىيالغا پىتىپ ئولتۇرۇپلا قالىدىغان ، بىرەرسى گەپ سورىسىمۇ ھە ياكى ياق تىن باشقا جاۋاپ بەرمەيدىغان بولۇپ قالدىم . قەيسەر كۈندە ئىشتىن چۈشۈپ كىرىپ مىنى سىرتقا ئىلىپ چىقىپ ئايلاندۇرغاچ قىزىق پاراڭلارنى سىلىپ مىنى كۈلدۈرمەكچى بولاتتى ، بىراق مىنىڭ ئىپادىسىز تۇرغان چىرايىمغا قاراپ يەنە جىمىپ قالاتتى ، شۇنداقتىمۇ ئۇ زىرىكمەي تىرىكمەي مىنىڭ ھالىمدىن خەۋەر ئالاتتى ، يىڭى - يىڭى كىتاپلارنى ئەكىلىپ مىنىڭ ئوقۇشۇمغا بىرەتتى . مۇشۇ كۈنلەردە مۇشۇنداق رومان كىتاپلارلا مىنىڭ كۆڭلۈمگە تەسەللى بىرىپ ، غەم قايغۇمنى ئازىراق بولسىمۇ يەڭگىلىتەتتى . KOM]7%ys1H ئەنىۋەر كىتىپ ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەيلا مەسئول دوختۇرۇم يىڭى بىر خىل دورىنى مىنىڭ ئىچىشىم ئۈچۈن ئەكىرىپ بەردى ، ئۇنىڭ دىيىشىچە بۇ ئىمپورت قىلىنغان دورىنى ئەنىۋەر ئىچكىرىدە تۇرۇپ مۇتەخەسسلەرنىڭ پىكىرى بويىچە ماڭا ئەۋەتكەن ئىكەن . دورىنى ئىچىۋىتىپ يەنە كۆڭلۈم بۇزۇلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن قەيسەر چىچىلدى : ?g\SF}2 Ko|p&-Z; -- رەنا ،ھەي رەنا ، سىزگە نىمە دىسەم بولار ، نىمىشقا بۇنچە قىلىسىز ، بۇنچىلىك ياش تۆككىدەك ،ئازاپلانغىدەك ئىش يوققۇ بۇ يەردە ؟ سىزمۇ بىر تىببى خادىم تۇرۇپ بۇنچىلىك كىسەلگە توغىرا قارىيالمىسىڭىز قانداق بولىدۇ ؟-- ئۇ ئۇلۇق كىچىك تىنىپ توختاپ قالدى ، w~I;4p~(N v -- ئويلاپ باقمامسىز رەنا ، شۇ تاپتا ئاپىڭىز سىز دىن غەم قىلىپ مىجەزى يوق يىتىپ قاپتۇ ، ئاچىڭىزغا قاراپ بىقىڭە ، ئۆي ، خىزمەت ، بالىلىرىدىن ئىشىپ يەنە سىز ئۈچۈن سەكپارە بولۇپ سىزگە قاراۋاتىدۇ ، ئەنىۋەرچۇ ، ئۇ ئىچكىرىگە كەتكەن بىلەن بىر كۈنمۇ خاتىرجەم تۇرغىنى يوق ،سىزنىڭ كىسىلىڭىز ئۈچۈن تەرەپمۇ تەرەپ ئىزدىنىپ ،كىسىلىڭىز ئۈچۈن داۋا ئىزدەۋاتىدۇ .................. سىزمۇ بىلىسىز ، كۆزى كۆرەلمەيدىغان ، قۇلىقى ئاڭلىيالمايدىغان ، سۆزلىيەلمەيدىغان ھەتتا ئۆز ھاجىتىدىن ئۆزى چىقالماي باشقىلارغا بىقىنپ ياشاۋاتقان كىسەللەرمۇ بارغۇ ، شۇلارمۇ بىر كۈن بولسىمۇ كۈننىڭ سىرىقىنى كۆرۈش ، ئائىلىسىدىكلىرى بىلەن بىر كۈن بولسىمۇ بىللە تۇرۇۋىلىش ئۈچۈن ياشاۋاتمامدۇ ؟ ئۇلارغا قارىغاندا سىزنىڭ كىسىلىڭىز ھىچ گەپ ئەمەسقۇ ، ساقىيىپ كىتىدىغىنىڭىز ئىنىق بولدىغۇ ، شۇنداق تۇرۇپ نىمىشقا بۇنچە ياش تۆكىسىز ؟ ئاشۇ سىز ئۈچۈن سەكپارە بولىۋاتقانلار ئۈچۈن بولسىمۇ تىتىكىرەك تۇرسىڭىز ، ھاياتقا كۈلۈپ باقسىڭىز بولمامدۇ ؟؟؟ Kgw_c:/' `zZGL&9m` قەيسەر بىلەن ئۈچ يىل بىللە ياشاش جەريانىدا ئۇنىڭ بالىلارچە مىجەزىنىلا كۆرۈپ ،ئۇنىڭ تۇرمۇشنى بۇنچە ئىنچىكە كۈزىتىدىغانلىقىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدىم . ئۇنىڭ ماڭا نەسىھەت ئورنىدا ،كۆيىنىش ئاھاڭىدا ئىيىتقان بۇ مىقتەك گەپلىرى يۈرىكىمگىلا بىرىپ تەگدى . 3"XS#~l% قايتىدىن ئورنۇمدىن تۇردۇم ، قەيسەر ئەكىلىپ بەرگەن كىتاپلارنى ئوقۇش ،ئوقۇغانلىرىمدىن خاتىرە يىزىشتىن باشقا يەنە ئانچە -مۇنچە ھىكايە ،نەسىر لەرنى يازىدىغان ، يازغانلىرىمنى قەيسەرگە كۆرسىتىپ ئۇنىڭ پىكىرىنى ئالىدىغان بولدۇم ، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قۇلىقىممۇ ئاستا -ئاستا ئەسلىگە كىلىشكە باشلاپ بالنىستىن چىقسام بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى .يىنىمدا ئەنىۋەر يوقلۇقىنى ھىساپقا ئالمىغاندا مەن خوشال ئىدىم ، چۇنكى كىسىلىم ساقىيىشقا قاراپ يۈزلەنگەندىن سىرت يازغان ئەسەرلىرىم ژورنالدا ئىلان قىلىنىشقا باشلىغان ئىدى . 7w]NG`7 ئاپامنىڭ ھويلىسى ئالدىدىكى كىچىككىنە باغقا قويۇلغان ئۇزۇن ئورۇندۇق مىنىڭ ئوقۇش ، يىزىش ، خىيال سۈرۈش ۋە يەنە تەبىئەت مەنزىرىسىدىن ھوزۇرلىنىدىغان جايىم . بۇ يەردە ئولتۇرۇپ باھاردىكى ئاپپاق چىچەكلەردىن ، يازدىكى رەڭدار گۈللەردىن ،كۈزدىكى ئالتۇن رەڭ يوپۇرماقلاردىن قىشتىكى كۆمۈش كەبى چاقناپ ، لەيلەپ چۈشكەن قاردىن ھوزۇرلىنىمەن . A(#4$}!n5 ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ زىرىككەندە خۇددى كىچىك ۋاقتىمدىكىدەك ئاپامنىڭ قۇچىقىغا باش قويۇپ ئاپام ئىيىتقان ھىكايە -چۆچەكلەرنى ئاڭلايمەن . ئاپام كۆپ چۆچەك بىلگەچكە كۈندە يىڭى مەزمۇندىكىلىرىنى ھىسىياتلىق ئاھاڭدا ئىيىتىپ بەرسە ئۆزەمنى بالىلىق ۋاقتىمغا ،ئاپامنى ياشلىق چاغلىرىغا قايتقاندەك ھىس قىلىمەن . بەزىدە ئاپامنىڭ ئاۋازى تىتىرەپ ، ياش تامچىسى يۈزۈمگە سىرغىپ چۈشكەندە مىنىڭمۇ يىغلىغىلى ئامىراق كۆزلىرىمگە ياش كىلىدۇ . لىكىن ھەر ئىككىمىز بىر-بىرىمىزگە چاندۇرماي ناھايتى تىزلا ئۆزىمىزنى ئوڭشىۋالىمىز . |zaYIVE[ )Ap0" ?q -- ئاپا ،- < چىۋىن بوز ئات > بىلەن < ئاق بىكەش> نى ئىيتىپ بەرگىنە ،- دىدىم ئاپامنىڭ مۇڭ باسقان چىرايىغا قاراپ . q
IIl,!&}A [)&(zJHX --كىچىك ۋاقتىڭدىمۇ بەك ئامىراق ئىدىڭ ، قايتا - قايتا ئىيتقۇزۇپ ئاڭلايتتىڭ ،- ئاپام يىرىكلەشكەن قوللىرى بىلەن بىشىمنى سىلىدى ،- ماقۇل ، قىنى ئەمسە جىم ئولتۇرۇپ ئاڭلا ھە ،- ئاپام بۇرنۇمنى چىمدىپ ئەركىلىتىپ قويدى ،- قىنى ئەمسە قوزام <چىۋىن بوز ئات > باشلاندى ........ 6q!smM بۇ كۈنلەردە قەيسەرنىڭ ئاپىسىنى يوقلاپ كىلىش قىتىم سانى كۆپىيىپ قالغان ئىدى . ھەر قىتىم ئاپىسىنى كۆرگىلى كەلگەندە ماڭا كىتاپ ئەكەلگەچ مىنىڭ ئەھۋالىمنى خاتىرلەپ كىتەتتى . قەيسەر نىىڭ ئاپىسىمۇ بىزنىڭ ئۆيگە كىلىپ ئاپام بىلەن ئۇزۇندىن ئۇزۇنغا پاراڭلىشىپ ئولتۇرىدىغان بولىۋالدى ، بۇنداق چاغلاردا مەن باغقا ياكى ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپ بىكىنۋىلىپ كىتاپ ئوقۇيمەن ، ياكى ئەنىۋەرگە بولغان سىغىنىشلىرىمنى كۆز ياشلىرىم بىلەن قوشۇپ قەغەز يۈزىگە تىزىمەن . E5y\t_H بىر كۈنى ئاپام بىشمنى سىلاپ ھىكايە ئىيتىۋىتىپ تۇيۇقسىز توختاپ قالدى ۋە ناھايتى بوش ئاۋاز بىلەن : yj+HU5L4 T)QT_ST.9 -- ساڭا قەيسەرنىڭ ئاپىسى ئەلچى ئەۋەتىپتۇ ،- دىدى . 4}\Dr
%US %bs~%6) -- نىمە ؟ قەيسەرنىڭ نىمە قىلغىنى بۇ ؟ - ياتقان يىرىمدىن تۇرۇپ كەتتىم ،- بىز دوستلارچە ئۆتىدىغانغا دىيىشكەن تۇرساق ، يەنە نىمىگە گىپىدە تۇرمايدۇ ئۇ . 5yhfCe m| HYkZMVH{ -- بۇ ئىشتا قەيسەرنى ئەيىپلىسەڭ بولمايدۇ قىزىم ، ئاپىسى ئوغىلىنىڭ داۋاملىق ئازاپلىنىۋىرىشىگە چىدىماي شۇنداق قىلغان گەپ ،- ئاپام قولۇمدىن تارتىپ يىنىغا ئولتۇرغۇزدى ،- قەيسەرنىڭ ئاپىسىمۇ كۆپ ئازار يىدى ، بولۇپمۇ يىڭى كىلىن ئايدا -يىلدا بىر كىلىپمۇ بەك ئەسكىلىك قىلدى ئۇلارغا ، تىخى قەيسەر ئاجىرىشىمەن دىسە ،كىلىپ ئاپىسى بىلەن ئۇرۇشۇپ بەك قوساق كۆپۈكى قىلدى ئۇلارغا ،- ئاپام ئۇلۇق -كىچىك تىندى ،- بۇ جاھان كىملەردىن قالمىغان ، ھىچكىم ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلىيەلمەيدۇ دە ، ئۆز ۋاقتىدا سىنى قەيسەر كۆپ ئازاپلىغان بىلەن ئاپىسى يامانلىق قىلمىغان ، ھازىرغىچە سىنىڭ پۇشايمىنىڭنى يەپ يۈرىدۇ . قەيسەرمۇ بەك پۇشايمان قىلغان ئوخشايدۇ . #ir~v>J|| Lb>UraUvL -- سەن نىمە دىدىڭ ئاپا ؟- يۈركىم ئەنسىز سالغان ھالدا سورىدىم ،- ماقۇل دىمىگەنسەن ؟ GGY WvGE+ @zH
TKi` -- قانداقمۇ ماقۇل دەي ، قىزىم نىمە دىسە شۇ دىدىم ، يەنە نىمە دىيەلەيتتىم ؟ y,`SLgBID 6tBh`nYB= -- ئاپا ، - دەۋرەپ كەلگەن ياشلىرىمنى توختىتالماي ئاپامغا ئىسىلدىم ،- بىلىمەن ، مەن ئۈچۈن كۆپ ئازار يىدىڭ ، كىچىكىمدىن تا ھازىرغىچە غىمىمنى يەپلا كەلدىڭ ، ئەسلى بىرسىنىڭ پىشىنى تۇتۇپ سىنى خاتىرجەم قىلىشىم كىرەك ئىدى ، لىكىن .....لىكىن .....ئۇنداق قىلالمىدىم ، سىنى خاتىرجەم ياشىغىلى قويمىدىم ئاپا ، مىنى كەچۈر ......... =[$zR>o*% pd[?TyVK; -- ياق قىزىم ياق ،- ئاپام تىتىرىگەن قوللىرى بىلەن يۈزۈمنى سىلىدى ،- ھىلىمۇ مىنىڭ كۆڭلۈمنى ئاياپ كىچىك تۇرۇپلا تۇرمۇشتىن ئازار يىدىڭ ، ھەممىسى مىنىڭ كاساپىتىم ، شۇنداق مۇلايىم ،كۆيۈمچان ئىدىڭ ، شۇ مۇلايىملىقىڭ بىلەن گىپىمگە كىرىپ مۇشۇ كۈنگە قالدىڭ قىزىم ........ *k]izWsV* كىچىكىمدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ئالدىمدا ئەزەلدىن ياش تۆكۈپ باقمىغان ئاپامنىڭ يىغىسى يۈرىكىمنى تىخىمۇ ئىزىۋەتتى ......... jd&kak m R3km1T -- توي ئىشىڭنى يەنىلا ئۆزەڭ ئوبدان ئويلاشقىن ، سەنمۇ ھازىر 27 ياشتىن ئاشتىڭ ، تۇرمۇشنىڭ ئىسسىق -سوغۇقىنىمۇ كۆردۈڭ ، ئۇنداق بولغانكىن ياخشى بىر تەرەپ قىلالايسەن ، سەن ئۆزەڭ تاللىۋالغاندىن كىيىن تويۇڭنى قىلىپ قويساملا بولدى . Q0}Sju+HX 5 GP,J,J قۇلىقىم تولۇق ساقىيىپ ئىشقا چۈشىدىغان ۋاقتىممۇ توشۇپ قالدى . ئاپام بىلەن خوشلىشىپ خىزمەت ئورنۇمغا قايتىپ كەلدىم . خىزمەتداشلىرىم ۋە تونۇش بىلىشلەرنىڭ قىزغىن ھال سوراشلىرىغا سۇسلا جاۋاپ قايتۇرۇپ ياتىقىمغا كىردىم . ياتاق پاكىز تازلانغان ، ئۇزۇن ۋاقىت ئادەم تۇرمىغىنغا قارىماي قىلچە توپا باسمىغان ئىدى ، ئارزىگۈلنىڭ مىنىڭ قايتىپ كىلىدىغانلىقىمدىن خەۋەر تىپىپ ياتىقىمنى تازلاپ قويغانلىقىدىن كۆڭلۈم سۆيۈندى ، تاتلىق ئاچچىق ئەسلىمىلىرىم قالغان بۇ ياتاقتىكى ھەممە نەرسىلىرىمنى بىر-بىرلەپ سىلاۋىتىپ چىرايلىق ياپقۇچ بىلەن يىپىپ قويۇلغان كومپىيۇتىرنىڭ ئالدىغا كەلگەندە يۈرىكىم ئىختىيارسىز سىلىپ ، تىتىرەپ تۇرغان قوللىرىم بىلەن ياپقۇچنى ئىچىپ كومپىيۇتىرنى قوزغاتتىم ۋە ئەنىۋەرنىڭ خەت قالدۇرۇپ قويغان بولۇشىنى تىلىگەن ھالدا QQنى ئاچتىم .ئەپسۇس...............ئەنىۋەر بىلەن ئالاقىشالمىغان بىر يىلدەك ۋاقىتتكى جىن چىراقتەك پىلىلداپ تۇرغان ئاخىرقى ئالاقىلىشىش ئۈمۈدۈممۇ يوققا چىققان ئىدى. مىنىڭ ئۈمىت بىلەن ئىزدىگەن ئۇنىڭ QQرى ئۆچۈك ھالەتتە بولۇپ ھىچقانداق خەت خەۋەرمۇ يوق ئىدى . روھىم چىقىپ كەتكەندەك كومپىيۇتىر ئالدىدا لەسسىدە ئولتۇرۇپ قالدىم . !/6`<eQ
` ئەتىسىدىن باشلاپ ئىشقا چۈشتۈم . روھى ھالىتم يەنە بۇ دوختۇرخانىغا يىڭى كەلگەن ۋاقتىمدىكىدەك ئىدى . كىشىلەرگە ئارتۇق گەپ قىلمايتتىم ، پەقەت ئۆزگەرگىنى ئارزىگۈلنىڭ تەنقىد بىرىپ تۇرۇشى ئاستىدا ئانچە -مۇنچە ياسىنىپ يۈرگىنىم ۋە يىزىقچىلىققا كىرىشكىنىم ئىدى . دوختۇرخانىنىڭ ئالدىدىكى ئاستى چىم ياتقۇزۇلغان دەرەخزارلىق مىنىڭ ئىشتىن چۈشۈپ كەچلىك تامىقىمنى چالا -بۇلا يەپلا يۈگۈرىدىغان ، تا ئۇيقۇم كىلىپ ئەسنەپ كەتكەنگە قەدەر ئوقۇپ ، يىزىپ ، خىيال سۈرۈپ ئولتۇرىدىغان ماكانىمغا ئايلانغان ئىدى. !H5r+%Oo| ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ قىشنىڭ قەھىرتان سوغاقلىرىدا ، يازنىڭ پىژغىرىم ئىسىقلىرىدا ۋە بوران چاپقۇن ،جۇدۇنلاردا ئۆزگىچە گۆزەللىك بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان دەرەخلەرگە قاراپ ئۇلاردىن قەيسەرلىكنى ،چىدامچانلىقنى ئۆگەنگەندەك بولىمەن ، تەبئەتنىڭ گۆزەللىكىدىن ئالغان زوقلىرىم بىلەن ئەنىۋەرگە بولغان سىغىنىشىمنى ، مۇھەببىتىمنى ، ياشلىق باھارىمنىڭ يىغلاپلا ئۆتۈپ كەتكەن نەچچە يىلىنى ، ۋەيران بولغان ئارزۇ -ئىستەكلىرىمنى كۆز ياشلىرىم بىلەن قوشۇپ يازغان ئەسەرلىرىم ژۇرنال يۈزىدە كۆرۈنۈش بىلەن يىراق -يىقىندىكى ئوقۇرمەنلەردىن كەلگەن خەتلەرنى تاوشۇرىۋالىمەن ، ئۇلارنىڭ يىزىشىچە مەن ئۇلارنىڭ تارتقان دەرتلىرىنى تەڭ تارتقاندەك ، چەككەن ئاھلىرىنى ، ھەسىرەتلىك يىغىسىنى ئاڭلىغاندەك ، قايغۇ ئازاپتا پارە -پارە بولغان يۈرىكىنى كۆرۈپ تۇرغاندەك ،ئۇلارنىڭ كۆڭىلىدىكنى تىپىپ يازغاچقا مىنىڭ ئەسەرلىرىم ئۇلارنى بەك جەلىپ قىلارمىش . مۇشۇ خەتلەردىن ھاياتتا دەرت تارتقان مەنلا ئەمەسلىكىمنى ، ئالدىمدىكى يولنىڭ تىخى ئۇزۇن ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ ھاياتقا ،ياشاشقا بولغان قىزغىنلىقىم ھەسسىلەپ ئاشىدۇ ، شۇنداقلا ئەنىۋەرنىڭ كۆز ئالدىمدا تۇيۇقسىزلا پەيدا بولۇپ ،ماڭا چاقچاق قىلىپ قويغانلىقىنى ، مەندىن ئايرىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى دىيىشىنى ئارزۇ قىلىپ قالىمەن ، بەزىدە ئۇنىڭ قىزىق -قىزىق پارڭلىرى ، يومۇرلۇق قىلىقلىرى ئىسىمگە كىلىپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ تاشلايمەن ۋە ئۇنىڭغا غايىبانىسىگە قىيداپمۇ قالىمەن .بەزىدە تىلىفۇنۇمنى ئىلىپ ئۇنىڭ ئاللا بۇرۇن ئىشىلىتىشتىن توختىغان تىلىفۇن نومۇرىغا ياكى دائىملا ئۆچۈك ھالەتتە تۇرغان QQغا قاراپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن ئولتۇرۇپ كىتىمەن ........... RK*ZlD< M]+FTz كۈننىڭ كەينىدىن ئاي قوغلىشىپ ئۆتۈپ ئايىقىم ئاستىدا غىچىرلاپ ،كۆزنى چاقنىتىپ ،ماڭا يىقىملىق تۇيغۇ بىغىشلايدىغان قارلار ئىرىپ ،ھەش -پەش دىگۈچە ئۆرۈكلەر ئاپپاق چىچەكلەپ ئەتىراپنى باھارنىڭ خۇشبۇي ھىدى قاپلىدى . دائىملىق ماكانىمدىكى ئۇزۇن ئورۇندۇقتا مەيىن شامالدا بەرگىدىن ئۈزۈلۈپ چۈشۈپ ئايىقىم ئاستىغا ئۇچۇپ چۈشكەن ئاپپاق چىچەكلەرگە قاراپ سۈرۈۋاتقان خىياللىرىمنى تۇيۇقسىز جىرىڭلىغان تىلىفۇن خىياللىرىمنى ئۈزۈۋەتتى . !1:364 `xO9xo#
--ۋەي ، ئاپا .......تىچلىقمۇ ؟ 9Okb)K95 k-v@sb24_ -- تىچلىق قىزىم ،ئۆزۈڭچۇ ؟ J&xH"U قىزغىن ھال سوراشلاردىن كىيىن ئاپام ئۇزۇنغىچە زۇۋان سۈرمەي ، ئىغىر تىنىپ تۇرۇپ قالدى . 0<{+M` G/ :\+;5Se+l -- نىمە بولدى ئاپا ،مىجەزىڭ يوقمۇ ؟ _pXy}D u
|hT1l -- ئۇندق ئەمەس ، ساڭا بىر گەپنى ئىيتاي دىگەن ، ئۆيگە يەنە ئەلچى كەپتۇ . SWX;sM
Lh%>>
Ht{ -- نىمە ؟ ۋاي -ۋۇي ئاپا ، مۇشۇ گەپنى پەقەت ئاڭلىغۇم يوق مىنىڭ . 2BU%4IG YGBVGpE9 -- لىكىن قىزىم ، بۇ قىتىم ....... 7*e7P[LQU ئاپامنىڭ گىپىنىڭ داۋامنى ئاڭلىمايلا تىلىفۇننى ئەتتىم . -ئەلچى ،ئەلچى ...نىمە تۈگىمەيدىغان ئەلچى بۇ ، ھىلىمۇ بىرىنچى قىتىمدىلا شۇ ئەلچىنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئاز دەرد تارتتممۇ مەن ،- ئۆز -ئۆزەمگە كوتۇلداپ ، يەنە ئۆزەمگە تەسەللى بىرىپ ، بايا چاچىراپ تۇرۇپ كەتكەن ئورنۇمغا بىرىپ ئولتۇردۇم . o%+8.Tx6wT 4uW}.7R' ئايىقىم ئاستىدىكى تۆكۈلىۋاتقان چىچەكلەرگە قاراپ قانچە ئۇزاق ئولتۇرغىنىمنى بىلمەيمەن ، تۇيۇقسىز چىچەكلەر ئارىسىدىن ئاستا قەدەملەر بىلەن مىڭىپ كىلىپ ئالدىمدا توختىغان بىر جۇپ ئاياققا كۆزۈم چۈشۈپ چۆچۈپ بىشىمنى كۆتۈردۈم . fIo7R-XP .=WsB@+ -- ياخشىمۇ سىز ؟ N7=L^] ئالدىمدا مىنى كىچە -كۈندۈز سىغىندۇرغان ، تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ تىپ تىچ تۇرغان قەلبىمنى داۋالغۇتۇپ قويۇپ ، يەنە يوقاپ كىتىپ مىنى ئازاپ دەرياسىغا غەرق قىلغان ئەنىۋەر مۇغامبەرلەرچە كۈلۈپ قاراپ تۇراتتى . C F2*W).+ ;%r#pv~ -- سىز ؟ - ئورنۇمدىن قانداقلارچە تۇرۇپ ،ئۇنىڭ ئالدىغا كىلىپ قالغىنىمنى سەزمەيلا قالدىم . |O
XufV?I P
+U=/$o -- ھە ، مەن ، قانداق مىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىڭىزغۇ ؟ CU3[{a ئۇنىڭ كۈندە كۆرۈپ تۇرغان ئادەتتىكى بىر تونۇشىغا گەپ قىلغاندەك تەلەپپۇزى ۋە مۇئاملىسىدىن تەمتىرەپلا قالدىم ، ئۇنىڭ قويۇق قارا قاشلىرى ئاستىدىكى قىزلارنى ھەر كويغا سالىدىغان ئوتلۇق كۆزلىردىن مىنى سىغىنغانلىق ئالامىتى كۆرۈنمەيتتى ، ئۇنىڭ قاراشلىرى دوختۇرنىڭ بىمارىغا بولغان ياكى يولدا ئۇچۇرشۇپ قالغان تونۇشلارنىڭ بىر- بىرىگە بولغان قارىشىدىن ھىچ پەرىقلەنمەيدىغان ئادەتتىكى بىر قاراش ئىدى . ئۇنى كۆرگەندىكى ھاياجانلىق ھىسلىرىم يوقاپ ئاستا جايىمغا قايتىپ ئولتۇرۇپ قالدىم . K)|#FRPM u ?@"B:#l -- قانداق ؟ مىنىڭ كەلگىنىمدىن خوش بولمىدىڭىز ھە ؟ 9kcp( 8y!d ^EQ -- ياق ...ئۇنداق ئەمەس ......،-ئۇنىڭغا قاراپ قاملاشمىغان بىر ئىپادە بىلەن كۈلۈپ قويدۇم . Fg8i}
>w *@J -- ئەلچى ئەۋەتسەم نىمانچە ئاچچىقلايسىز ، تىخى ئۆزىڭىزگە سۆزلەپ ،كوتۇلداپ تاس قالدىڭىز تىلىفۇنىڭىزنى چاققىلى . =W1`FbR YYFJJ,7? -- نىمە ؟ - ھەيرانلىق بىلەن چەكچەيدىم ،- قاچان كىمگە ئەلچى ئەۋەتكەن ؟ سىز باياتىن بىرى نەدە ئىدىڭىز ؟ مىنىڭ ئاچچىقلانغىنىمنى نەدە يۈرۈپ كۆرىسىز ؟ - ھەيرانلىقىمدىن بىر مۇنچە سۇئالنى بىراقلا سورىۋەتتىم . `3!ERQU _ukKzY -- ھەي ، ھەي ،بىر - بىرلەپ جاۋاپ بىرىشكە رۇخسەتمۇ ؟ زىھىن سىناش سۇئاللىرىدەك سۇئاللارنى ياغدۇرۇپلاۋەتتىڭىزغۇ ؟ \BC|`)0h OM!CP'u#{ -- ئەمسە ؟ Zfyr&]" ئۇ يەنە شۇ مۇغامبەرلەرچە كۈلكىسى بىلەن يىنىمغا كىلىپ ئولتۇردى : t.m65 K29]B~0%E -- مىنىڭ قاچان قايتىپ كەلگەنلىكىمنى سوراپمۇ قويمامسىز ؟ @; ayl Q7O8']~n -- ھە ... كەچۇرۇڭ ، قاچان قايتىپ كەلدىڭىز ؟ LGq}wxq X$w ,zb\ -- يىرىم سائەتنىڭ ئالدىدا ئايرۇپىلاندىن چۈشۈپ ئۇدۇل يىنىڭىزغا كەلدىم ، باياتىن بىرى بۇ باغدا تۇرۇپ بەزىلەرنى ئازىراق نازارەت قىلدىم . x0wy3+GZc aF4vNUeG -- بۇ گەپچە ئۆيىڭىزگە بارماپسىزدە ؟ !h&A^
sAc #"%=7( -- بارمىدىم . VJ P]Jy_ 6R% I
) -- نىمىشقا ؟ 7>`QX% rkW*C'2fz -- ئاپامغا شەرت قويغان ئىدىم . Kl~jcq&z SLRQ3<0W_ -- قانداق شەرت ؟ iF2/:iP nb0V~W -- ئاپامغا سىز بىلەن توي قىلىشىمغا قوشۇلسا قايتىپ كىلىدىغانلىقىمنى بولمىسا ئىچكىرىدە مەڭگۈلۈك تۇرۇپ قالدىغانلىقىمنى ئىيتتىم . bWAhK@epI -- ئۇ قوشۇلدىمۇ ؟ "Q]`~u': x]6OE]]8L -- قوشۇلدى . مەن يەنە ئۇنىڭغا ئۇ قاچان سىلەرنىڭ ئۆيگە ئەلچى بولۇپ ماڭسا شۇ ۋاقىتتا ئايرۇپىلانغا چىقىدىغانلىقىمنى ، سىلەرنىڭ ماقۇللىقىڭلارنى ئالغاندىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىدىغىنىمنى دىدىم . شۇنىڭ بىلەن ئاپام بىلەن تەڭ يول تەييارلىقى قىلىپ ئاپام سىلەرنىڭ ئۆيگە،مەن سىزنىڭ يىنىڭىزغا كەلدىم . DWZ!B7Ts >[B[Q_}) -- ساراڭ ، ئەخمەق ،- ئۇنىڭغا يىقىملىق ئالايدىم ،- ئاپىڭىزغا مۇشۇنداقمۇ شەرت قويامسىز ؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە مىنى قوشۇلمىسا قانداق قىلارمەن دەپمۇ ئويلىمىدڭىزمۇ ؟ WP7*Q:5 k8w }2Vw -- شۇنداقمۇ قىلارسىزمۇ رەنا ؟- ئۇنىڭ باياتىن بىرى مۇغامبەرلىك ، ياسالمىلىق چىقىپ تۇرغان چىرايى بىردىنلا ئۆزگىرىپ جىددى تۈس ئالدى . iqURlI);P k2muHKBlk -- ئەلىۋەتتە شۇنداق قىلىمەن ،مىنى كىسەل بىلەن تاشلاپ قويۇپ قىچىپ] كەتكەن ئادەمگە قانداقمۇ ماقۇل دىيەلەيمەن ،- شۇنداق دىگەچ ئۇنىڭ جىددىلەشكەن كەيپىياتىنى تاماشا قىلىشقا باشلىدىم ، گەپكە سىلىپ ئەخمەق قىلسا قانداق بولىدىغانلىقىنىڭ تەمىنى تىتىپ قويماقچى ئىدىم .ھەم يەنە ئۇنىڭ ماڭا مەسلىھەتمۇ سالماي ئۆز ئالدىغىلا قارار چىقىرىپ ئاپىسىنى ماڭغۇزغىنىغا بىر ئاز ئاچچىقىممۇ كەلگەن ،ئىككى يىلدىن بۇيان ئالاقە قىلماي تۇرۇپ تۇيۇقسىزلا توينىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ كەلگىنى غورۇرىمغا تەككەن ئىدى . -L(F:
4M'y9 ( -- راسىتلا مەندىن رەنجىدىڭىزما رەنا ؟- ئۇ جىددىلەشكەن ھالدا سورىدى . !},_,J~(| 77"'? -- راست ، رەنجىدىم ...........ھەم مىنى تاشلاپ قويۇپ كەتكىنىڭىزدىن ھەم مىنىڭ نىمە دىيىشىم بىلەن ھىساپلاشمايلا ئەلچى ئەۋەتكىنىڭزدىن ھەم ..................... <[Ae0UK .4pWyqU)! -- يەنىچۇ ؟ توختاپ قالدىڭىزغۇ ؟ Zoh[tO -- ھەم يەنە ......... I|]
~f[xI ئۇنىڭ ماڭا تەلمۈرۈپ تۇرغان ئوتلۇق كۆزلىرىگە قاراپ ياسالمىلىىق قىلىشنى داۋام قىلالمىدىم ،- ھەم يەنە ئىككى يىل ماڭا ھىچقانداق خەۋەر بەرمەي ، مىنى ئازاپلىغانلىقىڭىز ئۈچۈن ................... }stc]L{79 gnF]m0LR -- رەنا ،- ئۇنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزىگە تارتىپ كۈچلۈك قوللىرى بىلەن باغىرىغا بىسىشىدىن گىپىمنى دىيەلمەيلا قالدىم . ys|a ^VnN jh\L)a* -- مىنى كەچۈرۈڭ رەنا ، ئەينى چاغدا ئاپامنىڭ قارشىلىقى ، سىزنىڭ ئۆز ئالدىمىزغا توي قىلىشقا قوشۇلماسلىقىڭىز مىنى بەك ئازاپلىۋەتتى ،ئۇنىڭ ئۈستىگە قەيسەر بىلەن مۇناسۋىتىڭىزنى توغىرا چۈشىنەي دىسەممۇ ئۆزەمنى كونتىرۇل قىلالمىدىم ، كۈندەشلىك مىنى بەك قىينىۋەتتى رەنا ، لىكىن كىتىپ بولۇپ پۇشايمان قىلدىم ، سىزدىن بەك ئەنسىرىدىم ، لىكىن قايتىپ كىلەي دىسەم ئىشىمىز يەنە بىر باشقا چىقمىسا ، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزگە پۇرسەت بىرەي دەپ ئويلىغان ،- ئۇ مىنى ئۆزىگە قارىتىپ يۈزۈمنى سىلىدى ،- بىلەمسىز رەنا ، بۇ ئىككى يىلدا سىزنى بەك سىغىندىم ، سىزسىز ياشىغىنىمنىڭ ماڭا ھىچقانداق ئەھمىيتى يوق ئىكەن . E!w%oTx{OR Xl^=&!S>me ئۇنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بولغىچە تاراملاپ تۆكۈلگەن كۆز ياشلىرىمنى توختىتالماي قالدىم ، ئۇنىڭغا بولغان ئۈنسىز سىغىنىشلىرىم بىراقلا پارتىلاپ كۆز ياشلىرىم ئارقىلىق ئىقىپ تۈگىمەكچى بولغاندەك توختىماي يىغلايتتىم . ئۇ ياشلىرىمنى سۈرتكەچ دىدى : 1:5jUUL8 d[ (
KgX9 --سىزنى ياخشى كۆرىمەن ، سىزنى سۆيىمەن ، سىز بىلەن توي قىلىشنى خالايمەن ، ماڭا تىگىشنى خالامسىز رەنا ؟
;L(2Ffk8 ئۇنىڭ ئۈنلۈك ئاۋازدا قىلغان گىپىنى كىم ئاڭلاپ قالدىكىن دەپ ئەتىراپقا ئەنسىزلىك بىلەن قارىدىم ، تەلىيىمگە ھىچكىم يوق ئىدى . K9h{sC ^\:"o --خالامسىز رەنا ؟ CU'$JF ئۇنىڭ ئوتلۇق كۆزلىرىنىڭ تىكىلىشىگە بەرداشلىق بىرەلمەي بوش ئاۋازدا خالايمەن دىدىم . >sk vg (F9U`1~4 -- ئاڭلىمىدىم ، ئۈنلۈكىرەك دەڭ ، - دىدى ئۇ شوقلۇق بىلەن . S{_i1' ئاستا ئىڭىشىپ ئۇنىڭ قۇلىقىغا پىچىرلىدىم : H CYD+o -- ئەنىۋەر دىگەن ئەسكى بىلەن توي قىلىشنى خالايمەن . Kppi
N+ || uR#aO'' ئۇنىڭ تاتلىق پىچىرلاشلىرى ۋە ئوتلۇق تىنىقلىرىدىن مەس بولۇپ ئۇنىڭ باغىرىغا سىڭىپلا كەتتىم . دەرەخ شاخلىرى ئارسىدىن سىرغىپ چۈشكەن نۇر تالالىرى ۋە لەيلەپ چۈشكەن ئۆرۈك چىچەكلىرى خۇددى توي چاچقۇلىرىدەك ئەتىراپىمىزنى ئاجايىپ گۆزەل تۈسكە كىرگۈزگەن ئىدى .......... }cUq1r-bW .;#Wf@V تۈگىدى . [/
|
|