-
تىزىم نۇمۇرى:53
-
- تىزىم ۋاقتى:2010-05-20
- ئاخىرقى كىرگىنى2011-11-06
- تور ۋاقتى:4528سائەت
-
-
بىلوگدوستلاشقورال
|
|
|
|
|
بۇ تېمىدىكى مەزمۇنلارنى ئەسلى ئابدۇقەييۇم (مەجنۇن) ئەسەرلىرىدىن دىگەن تېمىغا چاپلىغاندىم، بۇ ئاشۇ تېمىنىڭ ئادرىسى 29z+ /read.php?tid-52058.shtml W=&\d`> ئەمما ئۇنىڭ مۇشۇ مەزمۇن ئاساس قىلىنغان. مەڭگۈ تاش لايىھە ئەسەرلىرى ناملىق يەنە بىر تېمىسىنى كۆرۇپ قالدىم. مانا بۇ تېمىنىڭ ئارىسى L:IaJ?+? /read.php?tid-52052.shtml OvX z+C, . ئالدىنقى شېئرنىڭ ئادەتتىكى شەكلى ئىككىنچىسى شېئرنىڭ لايىھە شەكلى. شېئردا ئەكس ئەتتۇرۇلگىنى ئاپا دىگەن سۆزنىڭ تاتارلارنىڭ سۆزى ئىكەنلىكى شۇڭا ئاپا دىمەي ئانا دىيىش ئىكەنلىكى ئاسماندىكى كۈندەكلا روشەن ئىكەن. ئەمما مەن بۇنىڭغا قارىشى، ئاپا سۆزى ھەرگىزمۇ تاتارلاردىن كىرگەن ئەمەس. ئۇ ھەتتا مەڭگۇ تاش ئابىدىلىرىدىمۇ بار. تۈركى تىللار دىۋانىدىمۇ بار سۆز. تۆۋەندە مەن ئىسپات تەرىقىسىدە ئىككى ماقالىنى سىلەرگە سۇناي. m%m/#\J E vo-n9Bj ”ئاتا، دادا، ئانا، ئاپا “سۆزلىرى توغرىسىدا xqmP/1=NO RvZi %) H|tbwU)J 'M=(5p v:PNt#Ta غەيرەتجان ئابدۇللا كالدىر yyPkjUy[ 1 9$ufod /FJAI QKL5!
L9` ”ئاتا، دادا، ئاپا، ئانا “سۆزلېرى بىزنى تۇغۇپ ، تەربىيلەپ ، قەلبىمىزنى مېھرى- مۇھەببەتكە تولدۇرغان ۋە مىڭ بىر جاپا بىلەن قاتارغا قوشقان قەھرىمان ئەرلەر ۋە خوتۇنلارغا ئېيتىلىدىغان، يۈكسەك ھۆرمەت مەنىسىدىكى سۆزلەردۇر. HTao)`. خەلقىمىزنىڭ تارىختا ياشىغان يەرلېرىنىڭ ناھايىتى كەڭلىكى، قەدىمقى ئايرىم ئۇرۇق قەبىلىلەرگە خاس بولغان تىل ۋە تۇرمۇش ئادەتلېرىنىڭ ھەر قايسى يەرلەردە ئوخشىمىغان دەرىجىدە ساقلىنىشى، تارىختىكى ھەرقايسى يەرلەردە ئولتۇراقلاشقان قېرىنداشلېرىمىزغا تۇغقان ۋە يات مىللەتلەر مەدەنىيىتىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەسىر قىلىشى تۈپەيلىدىن تىلىمىزدا”ئاتا دادا، ئانا، ئاپا “دېگەن بۇ تۆت سۆز ھەرقايسى يەرلەردە تۈرلۈك مەنىلەردە ساقلاندى. شۇ سەۋەبتىن ئەدەبىي تىلىمىزدىمۇ بۇ سۆزلەر شېۋە ۋە ئادەت تەسىرى بىلەن گاھىدا تەڭداش، گاھىدا مەلۇم دەرىجىدىكى پەرقلىق مەنىلەردە ئىشلىتىپ كەلدى. ئالايلى، تۇرپان شېۋىسىدە”دادا “ئۆزىنى تاپقان ئەرنىڭ ئاتىسىنى ،”ئانا“ ئۆزىنى تاپقان خوتۇننىڭ ئانىسىنى كۆرسەتسە،”ئاتا“ ئۆزىنى تاپقان ئەرنى،”ئاپا“ ئۆزىنى تاپقان خوتۇننى كۆرسىتىدۇ.قەشقەر شېۋىسىدە ئۆزىنى تاپقان ئەر- خوتۇننى ”دادا، ئانا“دېيىش ئوموملاشقان. ئىلى تەۋەسىدە بۇ تۆت سۆز خېلىلا ئارىلاش ئىشلىتىلسىمۇ ، لېكىن”دادا، ئاپا“ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. باشقا يەرلەردە، ئالايلى، ئۈرۈمچىنىڭ شەھەر ئەتراپى رايونلېرى، بايىنغولۇن ئوبلاستىنىڭ چەرچەن ، چاقىلىقتىن باشقا ناھىيىلېرى، ئاقسۇ ۋېلايىتى تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلاردا تۇرپان شېۋىسىدىكى ئاتىلىشى بىلەن ئوخشاش بولسا، قېزىلسۇ ئوبلاستى، قۇمۇل ۋېلايىتى، خوتەن ۋېلايىتى ۋەچەرچەن چاقىلىق ناھىيىلېرىدە قەشقەر شېۋىسى بىلەن ئوخشاشلىق بار. ئالتاي، تارباغاتاي، قاراماي، مايتاغ ، بۆرتالا ئەتراپلېرىدا ئىلى شېۋىسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىگە. بۇ ئۈچ چوڭ شېۋىنىڭ تۈرتىكىسىدە شەكىللەنگەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي يېزىق ۋە جانلىق تىلىنىڭ مەركىزى شېۋىسى بولغان ئۈرۈمچى شېۋىسى قەشقەر ، خوتەن، ئىلى، قۇمۇل ئاتۇش شېۋىلېرىنىڭ ئالاھىدىلىك بولغان ”دادا “دەپ ئاتاش بىلەن، تۇرپان ئىلى، ئاقسۇ شېۋىلېرىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولغان”ئاپا“دەپ ئاتاشنى بىرلەشتۈردى ۋە ئۆزىنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ مەركىزى شېۋىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن گېزىت، ژورنال، رادىئو ، تېلىۋىزور، دەرسلىك كىتاب ۋە ھەر خىل ئەسەرلەر، شۇنىڭدەك جامائەت يىغىلىشلېرىدا ئىشلىتىپ كەلدى. E}-Y@( [ ئاددىيسىنى ئالايلى، ئاپتونۇم رايونلۇق تېلىۋېزىيە فېلىملېرىنى تەرجىمە قىلىش ئورۇنلېرى ۋەسەنئەت ئورۇنلېرى تەرجىمە قىلغان ۋە ئورۇندىغان تېلىۋېزىيە فېلىملېرى ۋە نومۇرلېرىدا”دادا“ ”ئاپا“ سۆزىنى ئىشلىتىپ كەلدى. شۇنداق قىلىپ، يەرلىك شېۋىدە قانداق ئىستىمال قىلىپ ئادەتلەنگەن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ،ئەدەبىي تىلدا دىيىلىۋاتقان بۇ سۆزلەرنى ئامما توغراچۈشىنىدىغان بولدى. ھەتتا خوتەن، قەشقەر، ئاتۇش تەرەپتە ”ئاپا“ لىشىش، تۇرپان ، كورلا، ئاقسۇ تەرەپتە ”دادا“ لىشىش يۈزلىنىشى بارلىققا كەلدى. مەتبۇئاتلېرىمىزدا بولسا بۇ سۆزلەرئارىلاش ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. مەسىلەن ”ئانىسى ھەم دادىسى دەرقەمدە تۇرۇپ@ تۆت ياشتا دادىسىدىن@ 16ياشتا ئاپىسىدىن يېتىم قالغان @ سان- ساناقسىز يوللار ئىچىدىن ئاتا- ئانىڭىز باشلايدىغان يولنى ئىلغا قىلىپ تېپىپ@بىز ئانىلارنى@ھەرقانداق ئانا بولغۇچىغا@پەرزەنتنىڭ ئانا ئۈمۈدىنى ئادا قىلىشىنى “(غەلىبەمۇھەممەت، ”ئادىلجانغا ئوچۇق خەت“ ”شىنجاڭ ئاياللېرى“1997-يىللىق 5-سان) =SA@3)kHH بۇ جۈملىلەردا”ئاتا، دادا، ئانا، ئاپا“ سۆزلېرىنى جۈملىنىڭ مەنە ئېھتىياجىغا قاراپ، يۇقىرىقىدەك ئىشلەتكەن. لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن بۇ سۆزلەرنى بىرخىللاشتۇرۇش تولۇق ئورۇندىلىپ كەتتى دېگىلى بولمايدۇ. بولۇپمۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ مۇھىم مەنبەسىنى ۋە بۈگۈنكى ئۇيغۇر مىللىتى نوپۇسىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى تەشكىل قىلىدىغان قەشقەر ، قىزىلسۇ، خوتەن ئۇيغۇرلىرى ئۆزلېرىنىڭ ”دادا“ ”ئانا“ دەپ قوللىنىش ئادىتىنى ئىستىخىيلىك ھالدا ئۆزلېرىدە تەرجىمە قىلىپ، ئاۋاز بېرىلگەن فېلىملېرىدە قوللىنىپ،”ئاتا“”ئاپا“دەپ تەرجىمە قىلماسلىقتا چىڭ تۇردى.جەمئىيەتتىكى تىل ئىستىمالىدا بەزىلەر n,hHh=.Fu ”ئاپا“دەپ ئاتاش توغرا ھەم يىقىملىق دەپ قارىسا، بەزىلەر ”دادا“ دەپ ئاتاش توغرا، ”ئاتا“ توغرا ئەمەس دەپ قارىماقتا. ئەمەلىيەتتە، ھازىرچە بۇلاردىن خالىغان بىرىنى توغرا ياكى خاتا دەپ ئېيتقىلى بولمايدۇ. سەۋەبى، بۇ سۆزلەر يېقىندا پەيدا بولغان سۆزلەر بولماستىن، ناھايىتى ئۇزاق زامانلارنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئەل ئىچىگە چوڭقۇر سىڭگەن قەدىمقى سۆزلەردۇر. بۇ سۆزلەرنىڭ قايسى زامانلاردىن باشلاپ ئەجدادلېرىمىزدا قوللانغىنى ئېنىق بولمىسىمۇ. ئەمما، بىزگىچە يېتىپ كەلگەن يازما يادىكارلىقلېرىمىزغا قارىغاندا، بۇ سۆزلەربىرىنچىدىن بىزنىڭ ئانا تىلىمىزغا مەنسۇپ. ئىككىنچىدىن، ناھايىتى قەدىمقى سۆزلەر بولۇپ، 7G.IGXK$
بەلكىم نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي جەرياننى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىن. 3o9`Ko0 مەسىلەن،”كۆلتېگىن مەڭگۈ تېشى“ نىڭ شەرق تەرەپ25-26 - قۇرلېرىدا” تۈرك خەلقىنىڭ نام- ئابرويىنىڭ يوقاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئاتامنى قاغان، ئانامنى خاتۇن قىلىپ كۆتۈرگەن“دېگەن سۆزلەر ئۇچرايدۇ، ۋە پۈتۈن مەڭگۈ تاشتا”ئاتا “ سۆزى 14يەردە، ”ئانا“ )TnxsFC سۆزى 2يەردە كۆرۈلىدۇ. ”مويۇنچۇر (بايانچۇر) مەڭگۈ تېشى“ دا بولسا ”دادا“سۆزى 2 يەردە كۆرۈلىدۇ. ”بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى“دا ”ئاتا“ سۆزى 20يەردە،”ئانا“سۆزى 3يەردە تىلغا ئېلىنىدۇ. (شەرپىدىن ئۆمەر”ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىن ئوچېركلەر“ ) ”ئالتۇن يارۇق“ 1/c7((]7(, تىمۇ ئاتا سۆزى تىلغا ئېلىنغان. (”قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى لوغىتى“ 3- بەت) ئاتاقلىق تىلشۇناس مەھمۇد قەشقەرى ئۆزىنىڭ ”تۈركىي تىللار دىۋانى“دېگەن ئەسىرىدە ”ئاتا“ سۆزىگە ”ئاتا، دادا“ دەپ (”دىۋان“1-توم،117- بەت) ”ئانا“ سۆزىگە ”ئانا“ دەپ (”دىۋان“1- توم125- بەت) W&q]bi@C قىسقىلا ئىزاھات بەرگەن. ”ئوغۇزنامە“ داستانىنىڭ342- 350 - قۇرلېرىدا ”ئاتا“سۆزى تىلغا ئېلىنىدۇ. 14- 15- ئەسىرلەرگە مەنسۇپ بولغان ”ئىدىقۇت مەھكىمىسى سۆزلۈكى“دىمۇ ”ئاتا“ ”ئانا“دېگەن سۆزلەر ئۇچرايدۇ. (شۇ كىتاب 69-بەت)لېكىن ”دادا“ۋە ”ئاپا“دېگەن سۆزلەر ئۇچرىمايدۇ. 19 - ئەسىرگە تالىق ئۆلمەس يادىكارلىق ”تارىخىي مۇسقىيۇن“دېمۇ ”ئاتا، ئانا“ دەپ تىلغا ئېلىنىدۇ. (26-بەت) ۋە باشقىلار. يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا”ئاتا“ ۋە ”ئانا“سۆزلېرى مەيلى كۆك تۈرك، ئۇيغۇر ئورخۇن قاغانلېرى دەۋرىدە بولسۇن، مەيلى قوچۇدىكى ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلى ، گەنجۇ ئۇيغۇر ئېلى، قاراخانىلار دەۋرىدە بولسۇن، مەيلى چاغاتاي خانلىقىدىن مانجۇ، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىگىچە بولسۇن، ھەرقايسى جايلېرىمىزد ا ياشىغان ئەجدادلېرىمىزنىڭ جانلىق ۋە ئەدەبىي تىلىدا ھازىر بىلەن ئوخشاش تەلەپپۇز ۋە مەنىدە ناھايىتى كەڭ ۋە ئوموميۈزلۈك ئىشلىتىلگەن. dy-m9fc6% ”دادا“،”ئاپا“ سۆزلېرىگە كەلسەك ”دادا“سۆزى”بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى“دا 2يەردە تىلغا ئېلىنغان.(باشقا ئىككى مەڭگۈ تاشتا بۇ سۆز ئۇچرىمايدۇ)بولسىمۇ، بىراق مەنىسى ”ئاتا“بىلەن ئوخشىمىغان . يەنى تاغىسىنى كۆرسىتىپ”كىچىك دادا“دېگەن مەنىسىدە ئىشلىتىلگەن .7-8-ئەسىرلەردە بارلىققا كەلگەن دەپ قارىلىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك خەلقلېرىنىڭ (جۈملىنىڭ ئۇيغۇرخەلقىنىڭ)قەھرىمانلىق داستانى”دەدە قورقۇت“تىمۇ قورقۇت ئىسىملىق بۇ باش قەھرىمان ”دەدە“(دادا)دەپ تىلغا ئېلىنغان.مەنىسىمۇ ئاتا بىلەن ئوخشاش بولۇپ،”دەدە(دادا)قورقۇت“بەزىدە يەنە”قورقۇت ئاتا“دەپمۇ ئېلىنماقتا.يۇقىرىقى ئىككى ماتىريالدىن قارىغاندا ، 6- 9 -ئەسىردىكى بۈگۈنكى موڭغۇلىيەدە قۇرۇلغان تۈرك، ئۇيغۇر قاغانلىقلېرىدا ”دادا“ ئاتالغۇسى ”تاغا“مەنىسىنى بەرگەن بولۇپ،ئاتىسىنىڭ ئىنىسىنىڭ”كىچىك دادا“دەپ ئاتىلىشىدىن، ئاتىسىنىڭ ئاكىسىنى ”چوڭ دادا“دەپ ئاتىلىدىغانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. تۇرپان شېۋىسىدە ھازىرمۇ ئاتىسىنىڭ ئاكىسىنى”چوڭ ئاتا“ ۋە ئاتىسىنىڭ ئىنىسىنى ”كىچىك ئاتا“دەپ ئاتاش ئەنە شۇ خىل ئاتاشنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئەل ئىچىدە ساقلىنىشى بولۇشى مۇمكىن. (باشقا جايلاردا، بولۇپمۇخوتەن، قەشقەر تەرەپلەردە”چوڭ دادا“ بوۋېسىنى كۆرسىتىدۇ،ئەمما ”كىچىك دادا“سۆزى ئىشلىتىلمەيدۇ.) قەدىمقى ”كىچىك دادا“ سۆزى بىلەن ھازىرقى”كىچىك ئاتا“سۆزنىڭ ئوخشاش ئوخشاش مەنىدە ئىكەنلىكىدىن قارىغاندا ئۇلاردا تارىخىي مەنىداشلىق ياكى مەنبەداشلىق مۇناسىۋەت بولۇشى مۇمكىن.لېكىن ئورخۇن- يېنسەي مەڭگۈ تاشلېرىدا”ئاتا“سۆزىنىڭ شۇنچە كۆپ يەردە تىلغا ئېلىنىپ، ”دادا“سۆزىنىڭ تىلغا ئېلىنمىغانلىقى،”بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى“دا ئىككى يەردە تىلغا ئېلىنغان ”دادا“سۆزىنىڭ مەنىسى ئاتا سۆزىدىن پەرقلىق بولۇشى ، قوچۇ، قاراخانىلار تۈركلېرى(ئۇيغۇرلېرى)ۋە چاغاتاي خانلىقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرچە يازما، باسما ماتىرياللاردا ”دادا“سۆزىنىڭ ئۇچرىماسلىقى ۋە تۇپاندا ھېلىھەم ”دادا“”ئاتا“سۆزلېرىنىڭ بەرگەن مەنىسىنىڭ ھېلىھەم ئوخشىماسلىقى سەل غەلىتىرەك تۇيۇلىدۇ. ھالبۇكى، كۆك تۈرك قاغانلىقىنىڭ غەربىي قىسمىدا –ئون ئوق تۈركلېرى ۋەئوغۇزلار ئارىسىدا ”دادا“ سۆزى بەرگەن مەنا ”خاقانىيە تۈركلېرى“ ۋە ”ئىدىقۇت ئۇيغۇرلېرى(گەنجۇ ئۇيغۇرلېرى)“ تىلىدىكى ”ئاتا“ سۆزىنىڭ مەنىسىگە پۈتۈنلەي ئوخشاش.”دەدە قورقۇت“ داستانىدىن سىرت ئۇيغۇرلانىڭ قەدىمقى ئەڭ چوڭ تارماق قەبىلىلەر ئىتتىپاقى بولغان، كېيىن سەلچۇق، غەزنەۋى، خارەزىم ۋە ئوسمان خانلىقى ،سۇلتانلىقلېرىنى قۇرغان ئوغۇزلارنىڭ ”دادا“نى” ئاتا“ مەنىسىدە چۈشىنىشى (”دىۋان“3-توم304- بەت) پاكىت، مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ”ئاتا“نى”ئاتا،دادا“دەپ ئىزاھلاپ،”دادا“نى”ئاتا“ ئىزاھلىغىنىغا قارىغاندا،قاراخانىلار تەۋەسىدىن (شەرقىي ۋە zGHP{a1O7 غەربىي قاراخانىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.) گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقىغىچە (كېيىن بولسا تاڭغۇت خانلىقىغىچە) بولغان كەڭ زېمىندا ”ئاتا“سۆزى،ئۇنىڭ غەربىدە بولسا ”دادا“سۆزى بەكرەك ئوموملاشقان بولۇشى مۇمكىن.”ئاپا“سۆزىگە كەلسەك”مويۇنچۇر مەڭگۈ تېشى“ ”تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى“ ۋە ”بىلگە قاغان مەڭگۈ تېشى“نىڭ ھەر بىرىدە بىردىن يەردە تىلغا ئېلىنىدۇ. ئەمما، بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ”ئاپا“سۆزى ھەرگىزمۇ ھازىرقى مەنىدىكى ”ئاپا“ بولماستىن ، بەلكى ”ئاپا“ ئاتلىق تارخان يەنى ئاپا تارخاننىڭ ئېتى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىدۇ. (ئۇيغۇر كېلاسسىك ئەدەبىياتى تارىخىدىن ئوچېركلەر“ گە قاراڭ) ”ئاپا“ سۆزىنىڭ خوتۇن- قىزلارغا قارىتا ئېيتىلغانلىقى ھەققىدىكى تۇنجى ماتېريال ”قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى“(گەنجۇ ئۇيغۇر خانلىقى )ۋە قاراخانلار خانلىقلېرى دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ. ئەمما، گەنجۇ ، قوچۇ ئۇيغۇرلېرى بىلەن ئوغۇزلارنىڭ بۇ ئاتالغۇنى قوللىنىشى ، مەنىسى ۋە تەلەپپۇزى پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمىغان. مەسىلەن،”ئاپا“سۆزى ”قوچۇ“دا ”ئاچا، ھەدە، ئېگىچە ۋە بىر تۇغقان قىز قېرىندىشى“ (”قوچۇدىن تپىلغان مانى دېنى يادىكارلىقلېرى“ ، ”قەدىمقى ئۇيغۇر تىلى لوغىتى“3-بەت)مەنىسىنى بەرسە ،ئوغۇزلاردا ”ئاپا“”ئانا“(”دىۋان“1-توم116-117-بەتلەر)مەنىسىنى بەرگەن ۋە ”پ“ تاۋۇشى قاتتىق تەلەپپۇز قىلىنغان. مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ”ئابا- ئاپا، ئانا“دەپ ئىزاھلىشىدىن
y2gI]A قارىغاندا ، قاراخانىلار تېرىتورىيىسىنىڭ ھېچ بولمىغاندا بىر قىسىم جايلېرىدا ”ئاپا“سۆزى ”ئانا“مەنىسىنى ئاڭلاتقان.لېكىن ئوغۇزچە دەپ ئىزاھلاپ قويۇشىدىن قارىغاندا ، بۇ پەقەت ئوغۇزلارغىلا خاس بولغان بولۇپ، قاراخانلار تەۋەسىدە ئانچە كۆپ ئىشلىتىلمىگەن. گەنجۇ، ئېدىقۇت ۋە قاراخانىلار زېمىنلېرىدا كۆپ ھاللاردا ”ئاچا، ھەدە، ئېگىچە، بىرتۇغقان قىز “مەنىسىدە ئىشلىتىلگەندەك قىلىدۇ. ھازىرمۇ قۇمۇلدا (غۇلام غوپۇرى”ئۇيغۇر شېۋىلېرى سۆزلۈكى“1-بەت) چىرا ناھىيىسىنىڭ گۇلاخما ۋە دامىكۇ يېزىلېرىدا ، چەرچەن ناھىيىسىدە ئاپا سۆزىنىڭ ”ئاپا ھەدە، ئېگىچە“مەنىسىدە ئىشلىتىلىشى بۇنىڭ پاكىتى. ^s\(2lB\F ئەمدى ”دادا“ۋە ”ئاپا“سۆزلېرىنىڭ قاچان، قانداق قىلىپ ئەدەبىي تىلىمىز، ۋە ھەرقايسى دېئالېكىت ۋە شېۋىلەردە بۇ دەرىجىدە ئوموملاشقانلىقىغا كەلسەك، ھازىرچە، بۇنىڭغا ئېنىق بىرنىمە دېمەك تەس. لېكىن بەزى تارىخىي تىل پاكىتلېرىدىن شۇنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىشقا بولىدۇ. ئۇيغۇرلانىڭ ئۆزىمۇ قەدىمدە ئاشۇ ئوغۇزلار ئائىلىسىدىن(توققۇز ئوغۇز ۋە ئوغۇزلار) بولغاچقا ، گەرچە ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئوغۇز تىلى قاراخانىلار خانلىقىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللېرىدىلا (بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنراق بولۇشى مۇمكىن)بۆلۈنۈپ چىقىپ كەتكەن بولسىمۇ ئەممائوغۇزچىمۇ يات تىل بولمىغانلىقتىن قىسمەن جايلاردىكى ئۇيغۇر جانلىق تىلىدا ئوغۇزچىغا خاس ،ئەمما ئۇيغۇرچىغىمۇ ئورتاق سۆزلەرنىڭ ساقلانغانلىقى پاكىت. مەسىلەن: ”مەن “سۆزىئوغۇزچىدا”بەن“،”مىز“ئوغۇزچىدا”بىز“،”قىلدى“ئوغۇزچىدا”ئەتتى“ ”تامغاق“ئوغۇزچىدا ”تاماق“ دېيىلگەن. ھازىرمۇ” بىز“،”بىزنىڭ“،” ئەتتى“،”تاماق ئەتتى“ بولۇپمۇ خوتەن ،قەشقەر تەرەپلەردە”تاماق“”بوغۇز“دېگەندەك مەھمۇد قەشقەرى ئوغۇزچە قاتارىدا سانىغان نۇرغۇن سۆزلەرنىڭ تىلىمىزدا يەنىلا بارلىقى يۇقىرىقى قارىشىمىزغا ئىسپات بولالايدۇ. شۇڭا، بەلكىم ،”دادا“”ئاپا“سۆزلېرى ئۆز دەۋرىدىكى ئورتاق ئەدەبىي تىلىمىزدا كۆپ ئىشلىتىلگەن بولسا، مەھمۇد قەشقەرى ئالاھىدە توختىلىپ ئۆتكەندەك پەقەت ئەڭ ئاساسلىق ۋە ئەڭ ئومومىي بولغانلېرىنىلا تىلغا ئېلىپ،ئايرىم شېۋە ،دېئالېكىتلارغا تەۋە مەزكۇر }` E5I&r4 سۆزلەرگە ئوخشاش سۆزلەرنى خاتىرلەپ قالدۇرمىغان بولۇشى مۇمكىن.ئىككىنچىدىن مەھمۇد قەشقەرىنىڭ يازغانلېرى ۋە ن.ئا،باسكاكوۋنىڭ تەتقىقاتىغا قارىغاندا،ئۇيغۇرلار تەركىبىدە k(+EY% بولۇپمۇ قاراخانىلارنىڭ غەربىي قىسىملېرىدا ئوغۇزچە سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇرلار بىلەن ئارىلاش ئولتۇراقلاشقان ئەھۋاللار بولۇپ،ئۇلارنىڭ تىل ئالاھىدىلىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە تەدرىجىي ئۆز كۈچىنى كۆرسەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئۈچىنچىدىن، قەدىمقى ئۇيغۇر – ئوغۇز تىلىنىڭ ھەرقايسى يەرلىك شېۋىلەردە كېلىپ چېقىش مەنبەسى بىر، ئاتىلىشىمۇ ئوخشاش (ياكى ئاساسەن ئوخشاش) لېكىن ئوخشاش بولمىغان مەنىلەرنى بەرگەن سۆزلەر بولغان بولۇشى مۇمكىن. تۆتىنچىدىن، قەدىمىي تۈركىي تىللارنىڭ بولۇپمۇ ئۇيغۇر- ئوغۇز گۇرۇپپىسىغا تەۋە ياكى ئالاقىدار تىللارنىڭ ، ھەتتا، ھون، ئالتاي دەۋرىدىن كېيىن تۈرك ۋە باشقا خەلقلەرگە مىراس قالغان ، ھازىرغىچە ئېنىقلانمىغان ، ياكى، دىققەت-نەزەرىمىزدىن ساقىت بولۇپ كېلىۋاتقان تاۋۇشلارنىڭ ئالمىشىشى ياكى تەتۈر ئاسسىملاتسىيە ھادىسىلېرى بولۇشى مۇمكىن ۋە باشقىلار. ;XNe:g.CR ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى خەلقىمىزنىڭ نەچچە يۈز يىللىق جانلىق تىلى ئاساسىدا مۇشۇ ئەسىرنىڭ 20- يىللېرىدىن باشلاپ شەكىللىنىشكە باشلىغان بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە ”ئانا“سۆزى بىلەن ”ئاپا“ سۆزى يەنە تەڭ ئىستىمال قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمما ”ئانا“ سۆزى ئۆزىنىڭ خەلقىمىز قەلبىدىكى ئالاھىدە ئورنىنى يوقاتماي، ”ئاپا“ سۆزىدىن چوڭقۇر مەنىلەردە، بولۇپمۇ، ئەل-ۋەتەن، مىللەت قاتارلىق كەڭ دائىرىدىكى مەنىلەردە، يېزىق تىلىمىزدا كۆپ ئىشلىتىلمەكتە. مەسىلەن، ئانا ۋەتەن، ئانا يۇرت، ئانا تىل، ئانا ماكان، ئانا مېھرى، ئانا دىيار ، ئانا تۇپراق، ئاتا- ئانا، ئانا- بالا دېگەندەك. ”ئانا “سۆزى ھەتتا ئۈرۈمچى، ئىلى رايونلېرىدىمۇ، تۇرپاننى مەركەز قىلغان ”ئاپا“ تىل رايونلېرىدىمۇ ئەل ئىچىگە شۇنچىلىك چوڭقۇر سىڭگەنكى، ھېچكىممۇ مەزكۇر سۆزلەرنى ”ئاپا“ لاشتۇرۇپ ئاتىمايدۇ،”ئاپا“ سۆزى پەقەت ئۆزىنى تۇغقان خوتۇنغىلا خاس سۆز بولۇپ، ئۇنىڭ ”ئانا“ دەك ئۇنچەچوڭقۇر مەنىسى يوق.”ئانا يۇرتۇڭ ئامان بوسا، رەڭگي رويۇڭ سامان بولماس“ ”ئانىلىق ئوق، ئاتىلىق پوق“ bq/m?; لار ئەنە شۇنىڭ جۈملىسى، ۋەھاكازالار. ”ئاتا“ سۆزىگە كەلسەك، ئۇمۇ كۈندىلىك تۇرمۇشتا ”دادا“سۆزى بىلەن بەسلىشىپ، نۇرغۇن جەھەتلەردە خۇددى ”ئانا“سۆزى”ئاپا“سۆزىدىن ئۈستۈن تۇرغاندەك چوڭقۇر ۋە كەڭ يىلتىزغا ئىگە بولۇپ تۇرماقتا.بولۇپمۇ يېزىق تىلىمىزدا ئاتا سۆزى تېخىمۇ كەڭ ئىشلىتىلىدۇ. مەسىلەن: ئاتا- بالا، ئاتا مىراس، ئاتا- ئانا، ئاتا –بوۋا، ئاتا-جان، ئاتا زامانىدىن ... بۇلاردىن ”ئاتا-بالا“نى ”دادا-بالا“ دەپ ئاتىغاندا، ئاتا بىلەن دادا ئورۇن ئالماشتۇرالىسىمۇ ، ئەمما باشقىلېرىدا ”ئاتا“دەپ ئاتاش ۋە يېزىش ئادەتكە ئايلانغان. 3%{A"^S=} يىغىپ ئېيتقاندا بۇ تۆت سۆز مەھمۇد قەشقەرىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا تۈرك- ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئوغۇز تىلىنىڭ ئارىلىشىشى بولۇپ، ئۈرۈمچى تىلىدا ”ئوغۇز“چە بولغان ”دادا،ئاپا“ دىن ئىبارەت ئىككى سۆز،ئەدەبىي جانلىق تىلىمىزغا ۋە يېزىق تىلىمىزغا تاللاپ ئىشلىتىلگەن، ئەسلى ئۇيغۇرچە بولغان”ئاتا،ئانا“دىن ئىبارەت ئىككى سۆز لوغىتىمىزدىكى تىل بايلىقىمىزدا ,
#hS#?t ئىككىنچى ئورۇنغا چۈشۈرۈلۈپ، تەڭداش مەنىدىكى سۆزلا بولۇپ قالدى.ئەمما، باشقا زور كۆپ سانلىق تۈرك خەلقلېرى يەنىلا”ئاتا“ۋە ”ئانا“ئاتالغۇسىغا ئېتىبار بىلەن قارىماقتا. شۇڭا، مەنمۇ ماقالەمنىڭ ئاخىرىدا يۇقىرىقى تارىخى پاكىت ئىزچىللىقىغا تېخىمۇ ھۆرمەت قىلىپ، ”ئاتا“ۋە ”ئانا“سۆزلېرىنى زاپاس سۆزلۈك ئورنىدىن ئەسلى ئورنىغا قايتۇرۇپ كېلىشنى، ھېچ بولمىغاندا، ئۇنى ئەدەبىي يېزىق تىلىمىزدا ئىشلىتىپ، تارىخىي ئەدەبىي تىلىمىزدىكى بۇ ئىزچىللىقنى قوغداپ قېلىش تەكلىپىنى كەڭ تىلچىلار ۋە ئالاقىدار مۇتەخەسىسلېرىمىزنى سەمىگە سۇنىمەن. X P+ONQN| /6jt
5N&, Pz7{dQqjk# مەنبە:”تىل ۋە تەرجىمە“ {R%v4#nk 1997-يىللىق5-سان =)5O(
h rCU f,) ئەمدى يەنە بىرىنى كۆرۇپ بىقىڭلار. OFJ49X QH@?.Kb_qU « ئانا » دەمدۇ ، « ئاپا » دەمدۇ ؟ … FDBj | |