مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       3362 
  •    ئىنكاس 
       29 

ئۇيغۇر ئىسلام ئالىمى مەرىپەتچى ئابدۇقادىر داموللام

قەۋەت ئاتلاش
ordakbay
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.38580

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   38 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2136 (سوم)
 ياخشى باھا:   304 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   706  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2459
 سائەت
دەرىجىسى:
2459 سائەت 61 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-24
ئاخــىرقىسى:2011-11-09

\,fa"^8  
ئابدۇقادىر داموللام ئۇيغۇرلار ئاريسىدىن چىققان مەشھۇر ئىسلام ئالىمى، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ ئاساسچىسى. خەلقپەرۋەر، مەرىپەتچى شائىر ئابدۇقادىر داموللا 1862-يىلى قەشقەر ئاتۇشنىڭ مەشھەت يېزىسىدا تۇغۇلۇپ ،1924-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن . ئابدۇقادىر داموللا بالىلىق ۋە ئۆسمۈرلۈك يىللىرىنى ئۆز يۇرتىدىكى مەكتەپلەردە ئوقۇش بىلەن ئۆتكۈزۈپ ، ئۇنىڭدىن كېيىن قەشقەر ۋە بۇخارا مەدرىسىلىرىدە ئۇزاق مۇددەت ئىلىم تەھسىل قىلغان . ئىلىم – پەن بىلەن خەلقنى ئاقارتىش ، ۋەتەننى قۇتقۇزۇش شۇئارى ئاستىدا بارلىق ئەقىل – پاراسىتى ۋە كۈچ – قۇدرىتىنى مىللىي مائارىپنى ئىسلاھ قىلىش ، يېڭىچە ئىلىم – پەن ۋھ مەدەنىيەتنى گۈللەندۇرۈشكە سەرپ قىلىپ ، «ئاممىغا نەسىھەت»،«زۆرۈر ئەقىدىلەر»، «گۆدەكلەرگە تەلىم»، «ھەقىقەت جەۋھىرى»، «ئەدەبىياتنىڭ ئاچقۇچى»، «ئىلمىي ھېساپ» قاتارلىق كۆپلىگەن ئىلمىي ئەسەرلەرنى ۋە ئىلغار دېموكراتىك خاھىش سىڭدۈرۈلگەن يۇقىرى سەۋىيىلىك شېئىرلارنى يېزىپ قالدۇرغان . ! B92W  
8{i O#C  
يېتىملارنىڭ غەمگۈزارى ZS%W/.?  
$H)Q UFyC  
سوغۇق راسا ئەۋجىگە چىققان قىش كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ، ئابدۇقادىر داموللام ھاممام كوچىسىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ ، ھاممامنىڭ (مونچا) ئوچىقى ئەتراپىدا كۈلگە كۆمۈلۈپ ياتقان بىر توپ سەرگەردان بالىلارنى كۆرۈپ قالىدۇ . بۇ بالىلارنىڭ باش – كۆزلىرى كۈل بىلەن بۇلغىنىپ قاپقارا بولۇپ كەتكەن ، ئۆسۈپ – چىگىشلىشىپ كەتكەن چاچلىرى گەدىنىگە چۈشكەن ، يېلىڭ – يىرتىق كىيىملىرىدىن قورايدەك ئورۇق بەدەنلىرى كۆرۈنۈپ قالغان بولۇپ ، ئۇلار كۈندۈزى ناۋايخانا ۋە ئاشپۇزۇللارنىڭ ئالدىدا تىلەمچىلىك بىلەن قورسىقىنى تويغۇزغاندىن كېيىن ، ئاخشىمى سوغۇقتىن پاناھلىنىش ئۈچۈن مۇشۇ يەردە تۈنەيتتى . : 0 ,yq?M  
DJ DQH\&  
كۆزلىرى قۇمچاقتەك ئويناپ تۇرىدىغان بۇ ئىگە – چاقىسىز نارەسىدىلەرنىڭ ھالىنى كۆرۈپ ، يۈرەك – باغرى ئېزىلگەن داموللام : _ جېنىم بالىلىرىم ، قەشقەردەك بىر چوڭ شەھەردە ھالىڭلار مۇشۇ كۈنگە قالدىمۇ ؟ يۈرۈڭلار ، مەن سىلەرنىڭ قورسىقىڭلارنى تويغۇزۇپ ، مۇزلىغان بەدىنىڭلارنى ئىسسىتاي ! _ دەپ ، بالىلارنى ئەگەشتۈرۈپ ئەكىتىدۇ . ئابدۇقادىر داموللامنىڭ ئايالى نائىلە خېنىم يېتىم بالىلارنى بۇ ھالدا كۆرۈپ ، كۆز يېشىنى توختىتالماي قالىدۇ ۋە ئانىلىق مېھرى بىلەن ئۇلارنى ئىسسىندۇرۇپ يۇيۇندۇرىدۇ . ئاندىن تاماق تەييارلاپ ، ئېچىرقاپ كەتكەن بالىلارنىڭ قورسىقىنى تويغۇزىدۇ . داموللام بۇ باشپاناھسىز بالىلارنى ئۆزى مۇددەرسلىك قىلىدىغان مەدرىسنىڭ بىكار ھۇجرىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغاندىن كېيىن ، ئۆز خىراجىتى بىلەن ئۇلارنى بېقىپ ، ئۆز شاگىرتلىرى قاتارىدا بىلىم ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ . }h=PW'M{  
uIbAlE  
ئاممىغا نەسىھەت Rpv[rvK'  
0QT:@v2R  
بىر مۇنچە تالىپ بالىلار قەشقەر كوچىلىرىدا كىشىلەرگە تەشۋىق ۋەرەقى تارقىتىپ يۈرەتتى . ئۆتكۈنچىلەر يولدىن توختاپ : < ماڭا بىرنى !> ، < ماڭا بىرنى !> دىيىشىپ ، بالىلارنىڭ قولىدىكى قەغەز پارچىلىرىنى يۇلۇۋېلىشاتتى . ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى خەت ئوقۇيالايدىغانلىرى ھۆسنخەت شەكلىدە دانىمۇ دانە يېزىلغان ۋە كىشىنىڭ دىققەت نەزىرىنى ماگىنىتتەك ئۆزىگە تارتىدىغان مۇنۇ قۇرلارنى ھاياجان بىلەن ئۈنلۈك ئوقۇشاتتى .: < …………بۇ دەۋر ئىلىم مەرىپەت دەۋرىدۇر ، جاھالەت ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەستۇر . سەئى ۋە غەيرەت ۋاقتىدۇر ، سۇسلۇق -بىكارچىلىق دەۋرى ئەمەستۇر . باشقا خەلقلەر ئىلىم – مەرىپەت كۆكىدە ئۇچماقتا ، سۇ تەكتىدە ئۈزمەكتە . بىزلەر بولساق ھامان غەپلەت ئۇيقۇسىدادۇرمىز . ئۇيقۇ _ ئۆلۈمنىڭ مۇقەددىمىسىدۇر . بۇ تەرزدە داۋاملىق ئۇخلىماق زاۋاللىق ۋە ھالاكەتتۇر . ئۇيقۇدىن بىدار بولايلى ، ھېلىھەم ۋاقىت ۋە پۇرسەت باردۇر ……….> تەشۋىق ۋەرەقىسىگە يېزىلغىنى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ < نەسىھەتى ئامما > ( ئاممىغا نەسىھەت) دىگەن ئەسىرى بولۇپ ، داموللامنىڭ شاگىرتلىرى ئۇنى بىر نەچچە يۈز نۇسخا كۆچۈرۈپ چىققانىدى . ئابدۇقادىر داموللامنىڭ < نەسىھەتى > گويا قاراڭغۇ روجەكلەردىن بۆسۈپ كىرگەن قۇياش نۇرىدەك خەلق ئاممىسىنىڭ كۆڭۈل قەسىرىنى نۇرلاندۇردى . ئۇلارنى غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغىتىپ ، كۈرەشچانلىق ئېڭىنى ئۆستۈردى . شۇنىڭ بىلەن ئابدۇقادىر داموللامنىڭ باشچىلىقىدا چەتئەل جاھانگىر كۈچلىرىنىڭ مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقىغا قارشى خەلق كۈرىشىنىڭ يېڭى دولقۇنى كۆتۈرۈلدى . b"Q8[k |d  
4g"%?xN  
ئالىمنىڭ ئۆلۈمى Ix6\5}.c9  
^Fh*9[Zf$  
1924-يىلىنىڭ يەر -جاھاننى زۈلمەت قاپلىغان بىر كېچىسى ئابدۇقادىر داموللام ئۆز كۈتۈپخانىسىدا ئولتۇرۇپ ، ئىلمىي مۇتائىلە قوينىغا چۆكۈپ كەتكەنىدى . توساتتىن بىر شەپە ئاڭلانغاندەك بولدى – دە ، داموللام : < كىم ؟> دىگەن سۇئال بىلەن ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ ئۈلگۈرمەستىنلا شام يورۇقىدا ۋال -ۋۇل قىلغان بىر زەھەرلىك پىچاق ئالىمنىڭ كۆكسىگە سانجىلدى . داموللام سۇسقىنا ئىڭراپ ، ئوتقاشتەك گىلەم ئۈستىگە يىقىلدى . ۋەتەن – مىللەت ئىشقىدا ئوت بولۇپ كۆيگەن يالقۇنلۇق يۈرەك بۇ ئەجەللىك زەربىدىن قانسىراپ ، ئاستا – ئاستا سوقۇشتىن توختىدى ! ……… 'Y#'ozSQv  
I8YUq   
بۇ _ چەتئەل تاجاۋۇزچى كۈچلىرى ، مۇتەئەسىپ روھانىيلار ۋە ئەكسىيەتچى ھۆكۈمران دائىرىلىرى بىرلىكتە پىلانلىغان رەزىل سۇيقەستنىڭ ئۇلارغا ياللانغان ئىت يۈرەك خائىن تەرىپىدىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى ئىدى . بۇ شۇم خەۋەر بىر پەستىلا شەھەر – يېزىلارغا پۇر كەتتى . قەشقەردىكى مۇددەرس – ئالىملار ، ياش تالىپلار ، ھۇنەرۋەن -كاسىپلار ۋە يېقىن ئەتراپتىكى يېزىلاردىن كىرگەن دېھقانلار ۋە يېتىم – يېسىرلارنىڭ ھەممىسى چەكسىز قايغۇ – ھەسرەتكە چۆكتى .خەلقنىڭ يىغا – زارى ئاسمان – پەلەككە كۆتۈرۈلدى . ھېيتگاھ مەيدانى ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى .پۈتۈن ئەل- يۇرت مەرىپەت ئاسمىنىدىن بىۋاقىت ئېقىپ كەتكەن بۇ يولچى يۇلتۇز( قۇتۇپ يۇلتۇزى) غا ماتەم بىلدۇردى !……. Uns%6o  
yKoZj   
خەلق ئاممىسى ئۆزلىرىنىڭ بۇ دانىشمەن ئالىمىنى يادلاپ ، ئۇنىڭ شەنىگە مۇنداق قوشاقلارنى توقۇپ چىقاردى :  0U@#&pUc  
Uffwzd!  
تاغۇ تاشلار تەۋرىنىپ ، Sz@z 0'  
VaY#_80$s  
قاتتىق چاقماق چاققانمۇ ؟ BLy V~   
`VKFA 
تۈمەن دەريا سۇلىرى X'jyR:ut#  
Yr/$92(  
بۇگۈن تەتۈر ئاققانمۇ؟ o 2 Nu@^+  
v*?8:>:}  
ئاي تۇتۇلماس دەپتىمىز ، lG\uJxV  
q* p  
كۈن تۇتۇلماس دەپتىمىز . Qdq;C,}Ai.  
~ tA ^K  
داموللامغا دەيۈزلەر N:)x67,  
z3uR1vF'  
قەست قىلالماس دەپتىمىز . A7Ql%$v7^  
bW6| &P}X  
داموللام شېھىت بولدى ، 3p=X v%xd  
?Fl}@EA#M  
ياتار جايى بېھىش بولدى . fWmc$r5n](  
x vs=T  
داموللامغا قەشقەرلىك !0,q[|m  
fEZuv?@  
كۆپ يىغلاپ بىھۇش بولدى….. $Q/@5f'T`9  
+& B?f  
بۇ قوشاقلار مەيدانغا كېلىپ ئارىدىن ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا قۇشتەك قانات چىقىرىپ تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا كەڭ تارقىلىپ كەتتى . hI:.Qp`r  
]3O&8,  
7%Y`j/  
D5lQ0_IeW  
ئابدۇقادىر داموللا ھېكمەتلىرىدىن تاللانما i/ /H5D3  
efXnF*Z  
1. ئىنساننىڭ قەدىر-قىممىتى مەيلى ئۇ ياخشى ئەمەلنى ئاز قىلسۇن ياكى كۆپ قىلسۇن، گۈزەل ئەمەلىيتىگە باغلىق. _eKO:Y[e  
xsH1)  
2. زاماننىڭ ھاتەلىرى سانىلىدىغان ئەرلەر مۇھتاجلارنىڭ ھاجىتىنى راۋا قىلغان، دەردمەنلەرنىڭ دەردىگە يەتكەن، بىناۋالارنىڭ كۆڭلىنى ئالغان، ھەق mXRkR.zu+  
سۆزنى ئېيتقان كىشلەرنى ھىمايە قىلالىغان ئەرلەردۇر. r^~+ <"  
<,M"kF:  
3. ئالىملار ئۆز ئىلمىنى ئەتراپقا رىياسىز تارقاتسا، ئۇلارنىڭ ھەربىر لەۋزىدىن قەنت-شېكەر تامسا، ئالەم نۇرغا تولۇپ زاماننىڭ قاراڭغۇسىمۇ يورۇيتتى. 5s[nE\oaG  
5%I3eL%s  
4. ئەقىل ئىگىسى بولساڭ، قۇرۇق دېمەي بۇ سۆزگە قۇلاق سال:غەيرەت ئەھلى دائىم قانائەتچان بولسا نېمىدىگەن ياخشى؟ بىر مىسال باركى، كىشىدىن تەمە قىلماق گويا ئۆكۈزدىن سۈت، مۇزدىن ئوت تەمە قىلغان بىلەن باراۋەر. QOB^U-cW  
B->AY.&j  
5. ئەگەر ئادەم ئۆزىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئۆزى ئاشكارىلاپ بولۇپ، ئۇنى “يېيىۋەتتى” دەپ باشقىلارنى ئەيىپلىسە، ئۇ ئەخمەقتۇر. چۈنكى، ئۆزىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئۆز قەلبى سىغدۇرالمىسا باشقىلارنىڭ قەلبى قانداق سىغدۇرالىسۇن؟! h$02#(RHJ  
[~9UsHfH  
6. توغرا سۆزگە ئىشەنمەي، خاتا سۆزگە ئىشىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى پۈتۈنلەي يوقاتقان قەۋم ئەھۋالىنىڭ ياخشىلىنىشىدىن ئۈمىد كۈتۈش قىيىن. DG;7+2U  
cXb*d|-|N  
7. گەرچە لاياقەتسىز يەر بولسىمۇ ياخشىلىق تېرىغىن، ياخشىلار قەيەرگىلا تېرىلسۇن، زايە كەتمەيدۇ. ياخشى ئىشقا گەرچە ئۇزۇن زامان بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھۇسۇلىنى پەقەت تېرىغان كىشىلا كۆرىدۇ. +x2JC' -H  
J'%i?cuV  
8. كىتاپ ئوقۇغان كىشى تەپەككۇرنى ھەمراھ قىلماي، كىتاپنىڭ شەرھ-ئىزاھلىرىغىلائېسىلىۋالسا، گويا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. XO <0;9|  
K7RAmX  
9. كىشىلەرنى ھۆرمەت قىل، سەن باشقىلارغا ھۆرمەت قىلساڭلا، ئاندىن باشقىلاردىن ھۆرمەت كۆرەلەيسەن. L2XhrLK.|  
t /+;#-  
10. چىراينىڭ ھۆسنىگە تولمىقى بىلەن تۆمۈرنىڭ پارقىراق بولمىقى بىلەن +bznKy!  
يىگىتنىڭ پەزىلەت شەرتى تولامدۇ؟ يەمەندىن چىققانغا دەلىل بولامدۇ؟ ? "I %K%  
es)^^kGj6f  
11. كىچەيۇ-كۈندۈز مېھنەت بىلەن بولۇپ، ئۆز ئابرويىنى ساقلىسا، مۇنداق كىشى ئەلدىن ئازار كۆرمەيدۇ، ھېچ زامان خار بولمايدۇ. >5FTB e[D  
MltO.K!  
12. پەسەندىلەرگە ھەرگىزمۇ مېھرىبانلىق كۆرسەتمە، ئۇنى ھەددىدىن ئاشۇرۇپ قويىسەن. قوپاللىق قىل، ئىتائەت قىلىپ باش ئەگكەن ھالدا ئالدىڭغا كىلىدۇ. شۈبھىسىزكى، تۆمۈرنى پەقەت ئوتلا يۇمشىتىدۇ، ئەمما ئۇنىڭغا پۈتۈن دېڭىز سۈيىنى قۇيساڭمۇ يۇمشىمايدۇ. G[k3`  
P(shbi@  
13. ئەگەر سەن سۈيۈڭنى 《ئەخلەت چۈشكەن》 دەپ ئىچمىسەڭ، ئۇسسۇز قالىسەن. قانداق كىشىنىڭ سۈيىنىڭ ھەممىسى ساپ بولغان؟ يەنە قانداق كىشىنىڭ ھەممە ئىشى دۇرۇس دەپ قارالغان؟ كىشىنىڭ ئەيىپلىرىنىڭ سانالغانلىقى ئاشۇ كىشىنىڭ پەزىلەتلىك ئىكەنلىكىنىڭ يېتەرلىك ئىسپاتىدۇر: \bARp z?a  
ھەرقانداق كېسەلگە تېپىلسىمۇ ئەم، p":u]Xgb  
يوق ھەرگىز ئەخمەقنى ساقايتار مەلھەم. zH]oAu=H  
5MnP6(3$  
14. نەپس شۇنداق بالادۇركى، ئەگەر ئەقىل ئۇنىڭغا شاھلىق قىلالمىسا، ئۇ ئادەمنى ئىتتىنمۇ پەسلەشتۈرۋېتىدۇ. خۇدا، نەپس بالاسىدىن ساقلىغايسەن.!!! 'ZF6Z9  
d0>U-.  
15. بارلىق نەرسىلەرنىڭ تەمىنى قايتا-قايتا تېتىپ كۆردۈم.لېكىن، مەن تېتىغان نەرسىلەر ئىچىدە گادايلىقتىنمۇ تەمى ئاچچىق نەرسە يوقكەن. مېنى قايغۇغا سالغان نەرسىلەر ئىچىدە دۈشمەننىڭ شادلىقىدىن باشقىسنى تاپالمىدىم. CP7Fe{P  
lUu0AZQmG  
16. ئالىم شاگىرتلىرىغا ئىلىم ئۆگەتكەندە، غەرەزدىن خالىي بولۇپ، ئۇلارغا ھەقىقىي كۆڭۈل قاراتسا، زامان ئەھلى نەزىرى تار موللىلاردىن قۇتۇلىدۇ. B'yjMY![  
Q4cCg7|0  
17. ئىلىم-مەرىپەتنىڭ قەدىر-قىممىتى بولمىغان جايدا مەرىپەت ئەھلى شۆھرىتى يوقىلىپ، خارۇ-زارلىققا يۈزلىنىدۇ. `H! (hMMV  
"KIY+7@S}  
18. غەپلەتتە دائىم ئۇخلىماق- يوقىلىش ۋە ئۆلۈم يولىدۇر. !)]/?&uo  
3RtVFDIZA"  
19. كىشلەرنىڭ ياخشى خىسلەتلىرىنى دائىم ھەجۋىي قىلىدىغان كىشى پەزىلەت ئىگىلىرىنىڭ يۈرىكىنى ھەجۋىي بىلەن يارا قىلىدىغانلاردۇر. بۇنداقلارنىڭ ھەجۋىيسىگە تۈكۈرمەك كېرەك. 5=?P 6I_$G  
_m9k2[N!  
20. ياخشىلىققا يات، مال-دۇنياغا مايىل بولۇپ، ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى كۆزىگە سۈرتۈپ ئۆتكەن غېنىلەر ياخشى يولدا مېڭىشتىن باش تارتقان جىنايەتكارلاردۇر. ئۆز مېلىدىن ئۆشرە-زاكات ئايرىمىغان بايلار خىيانەتكارلاردۇر. بۇنداقلارنىڭ قولىدىكى مال ئامانەتدارنىڭ قولىدىكى مالغا ئوخشاش ئۆزىگە ئەسقاتمايدۇ. ئۇلار ئۆلىدۇ. مېلى قالىدۇ. "&={E{pQ  
N?qETp-:  
21. دۇنيادا نىيەت-ئىقبالى دۇرۇس، كۈچ-قۇۋۋىتىمۇ يېتەرلىك نۇرغۇن ئادەملەر ئۆتكەن. ئەمما ئۇلار دائىم ئارزۇلىرىغا يېتەلمىگەن. يەنە نۇرغۇن زەئىپ، ئاجىز كىشىلەرمۇ ئۆتكەن. ئۇلار ئارزۇ-ئىستەكلىرىگە قېنىپ، مۇرادى دېگۈدەك ھاسىل بولۇپ ئۆتكەن. 0T`Qoo>u  
#f#6u2nF\  
22. سۆز زىننەتتۇر، سۈكۈت بولسا خاتىرجەملىكتۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ سۆزلىمە. مەن سۈكۈت قىلغىنىمغا بىر قېتىممۇ پۇشايمان يېمىدىم. ئەمما، سۆزلىگىنىمگە كۆپ قېتىم پۇشايمان يېدىم. Y~}MfRE3z  
6,=Z4>  
23. ھازىر ۋە كەلگۈسىنىڭ بەخت-سائادەت ۋە شاراپەتلىرى ياخشى نىيەت ۋە ياخشى ئەمەللەر بىلەن ھاسىل بولىدۇ. .s<0}  
VZqCFE3  
24. بىلىڭلاركى، بۇ زامان غەپلەت ۋە بىپەرۋالىقنىڭ زامانىسى ئەمەس، ئويغىنىش ۋە سەزگۈرلۈك زامانىسىدۇر. جاھىللىق ۋە نادانلىق دەۋرى ئەمەس، ئىلىم-مەرىپەت دەۋرىدۇر؛ سۇسلۇق ۋە بىكارچىلىق ۋاقتى ئەمەس، تىرىشىش ۋە غەيرەت-ئىجتىھات ۋاقتىدۇر. |5vJ:'`I  
('7?"npd  
25. گۈل شۇنچە باراقسان ھەم خۇش پۇراق ئېچىلغان بولسىمۇ، ئاخىرى تۇزۇپ چېچىلىشتىن خالىي بۇلالمىدى. ئادەمنىڭ ئۆمرى شۇ گۈلنىڭ ئېچىلىشىدن توزۇغانچىلىك ۋاقىتتۇر. مۇشۇنچىلىك ۋاقىتنى غەنىيمەت بىلمەي، كۆڭۈللەرنى ئورۇنسىز رەشىك-ھەسرەت زەردابلىرى بىلەن ئۇپرىتىشتىن بىزگە نېمە پايدا بار؟ `/WxEu3  
] |3hK/  
26. ئىلىم بىلەن نىجات تاپ، مەڭگۈ ياشنايسەن. PY.HZ/ #d  
YIk@{V  
27. ئىنسانلارنىڭ ياخشىسى كىشلەر ئۈستىدىكى ئېغىرچىلىقنى ئىرغىتىپ تاشلاپ، مەنپەئەت يەتكۈزگەن كىشىدۇر. ئەگەر قادىر بۇلالىساڭ، كىشىلەر ئارىسىدا ياخشى ئىشلاردىن باشقىنى قىلما، بارلىق يىراق ئىشلاردىن يامان بول. .f$2-5q  
CNRSc 4Le  
28. ھەركىمنىڭ يامان ئاقىۋەتكە قېلىشىغا ئۆزىنىڭ پېئىل-ئېتىبارى سەۋەپچىدۇر. % i?  
j*QdD\)  
29. ئىتتىپاق-بۆلۈنمەسلىكتۇر. ئىلگىرىلەش-چېكىنمەسلىكتۇر. :0@0muo  
q#j[0,^ $  
30. سۇئال: ئىنساننىڭ بەخت-سائادىتى ۋە ئولۇغلۇقى نېمە بىلەن بولىدۇ؟ "vk]y  
جاۋاپ: ھەقىقەت ۋە راستچىنلىققا ئەگىشىپ ئەمەل قىلماق بىلەن بولىدۇ. 551_;,t  
fOMaTnm'  
31. كىشىلەرنىڭ قولىدىكى نەرسىلەرنى تەلەپ قىلغۇچى بولما. دوستلار سەن بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىشتىن قورقىدۇ. شۈبھىىسزكى، خارلىق دېگەن كىشىلەردىن بىر نەرسە سورىماقتۇر. گەرچە سېنىڭ سورىغىنىڭ 《يول نەدە؟》دېگەن سۇئال بولسىمۇ. D<v< :  
3\Amj}RJ  
32. تەبىئەت دۇنياسىنىڭ پۈتمەس-تۈگىمەس بايلىقلىرى ھىممەتلىك ئىنسانلارنىڭ ئەمگەكچان قوللىرى ئارقىلىق دۇنيانىڭ گۈزەللىكى ئۈچۈن سەرپ قىلىنغان. شۇڭا، بىزنىڭ قىلىۋاتقان ۋە قىلماقچى بولغان ئىشلىرىمىزمۇ دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈزەللىكى ئۈچۈن بولىشى كېرەك. uyEk1)HC  
npeL1zO-$  
33. ھەرقانداق بىر ئىش ياخشى نىيەت بىلەن بولمىسا، ئۇ قىلچە پايدا بەرمەيلا قالماستىن، بەلكى يامان ئاقىۋەتكە گىرىپتار قىلىدۇ. G>pedE\  
{#+K+!SvDX  
34. سۇئال: مىللەتنىڭ خار ۋە زەبۇن بولمىقىغا سەۋەپ نېمىدۇر؟ %x#S?GMV<  
جاۋاپ: ئىككى نەرسىدۇر: بىرى، بىلىمسىزلىك ۋە نادانلىق؛ يەنە بىرى، تەپرىقىچىلىك ھەم ئىختىلاپتۇر. Yjo$vQi  
VP< zOk7  
35. نىيەت قانچە ياخشى بولسىمۇ، پايدىلىق ئەمەلىيەت بىلەن بىرلەشتۈرۈلمىسە، كامالەتكە يېتەلمەيدۇ. >W+,(kAS  
-0a3eg)Z*  
36. قانائەت ئەھلى ئەل ئىچىدە كىشىلەرنىڭ ئەلالىرىدىن سانىلىدۇ. ھەرقانچە ئىززەتلىك، ئېسىلزادە كىشى بولسىمۇ تەمەخور بولسا، ئىززىتى نابۇت بولىدۇ. ئېتى 《ئەنقا》ئاتىلىدىغانلارنى زامانداشلىرىمىزدىن كىم كۆرۈپتۇ؟!… دېمەك، قانائەت ئەھلى ئەنقا كەبى يۈكسەك ئىززەت-ھۆرمەتكە سازاۋەردۇر. At>e4t2@  
fV9+FOZn  
37. ئەقىل، بىلىم ۋە ئەخلاق خارلانغان جايدا نەپس نادانلىقنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىشى مۇقەررەر. #l>r9Z71  
bZSt<cH3  
38. بىز ئۈچۈن قىممەتلىك نەق بايلىق ھېسابلىنىدىغان ئۆمرىمىز ئەتتىگەندىن كەچكىچە ئايىغى چىقمايدىغان رەشىك-خۇسۇمەتلەر ئىچىدە ئېقىن سۇدەك ئۆتۈپ كەتتى. بىز بولساق، بۇنىڭدىن ئاگاھلاندۇرغۇچىلارغا پىسەنت قىلماي، غەپلەت ئىچىدە ياشاۋاتىمىز. h_X'O3r  
[*K9V/  
39. دۈشمىنىڭدىن بىر قېتىم ئېھتىيات قىلساڭ، دوستۇڭدىن مىڭ قېتىم ئېھتىيات قىل. كۈنلەرنىڭ بىرىدە دوستۇڭ دۈشمەنگە ئايلىنىپ قالسا، زىيان سېلىشتا دۈشمەندىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ چۈشىدۇ. %Lx#7bR U  
&hVf=We  
40. مېنىڭ يۇرتۇم ماڭا زۇلۇم قىلغان تەقدىردىمۇ سۆيۈملۈكتۇر. مېنىڭ خەلقىم ماڭا بېخىللىق قىلغان تەقدىردىمۇ سېخىيدۇر. DFfh!KKR$  
TH>uL;?=  
41. ئەگەر كۆزۈڭ باشقىلارنىڭ ئەيىبىنى كۆرسەتسە، سەن كۆزۈڭگە 《باشقىلارنىڭمۇ كۆزىنى بار》دېگىن. ئەگەر ئەقىل ئىگىسى بولساڭ، باشقىلارنى ئەيىبلىمەيتتىڭ. ئەگەر ئۆزۈڭدىكى ئەيىپنى كۆرەلىسەڭ جىم بۇلاتتىڭ. z__{6"^  
XR=ebl  
42. مۇھەببەت ۋاپادارلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. مۇھەببەت ئەھلىگە گۈزەل ئەخلاقلىق، ئېسىل تەبىئەتلىك كىشىلەردىن باشقىسى كېرەك ئەمەس. ='I2&I,)  
E08!a  
43. ھەربىر ئىش تىرىشچانلىق ۋە ئىجتىھات بىلەن بەرپا بولىدۇ. P2>_qyX  
t`6~ ud>  
44. قوشنىلارغا پىشكەللىك يەتسە، ياردەم بەرمەسلىك قوشنا ھەققىنى ئادا قىلمىغانلىقتۇر: (<`> B  
دوست دېگەندەك ساماندەك سەيلىدە، باغدا 4,`t9f^:  
ئايرىلۇر دوست-دۈشمەن ئەڭ قىيىن چاغدا.  &mJm'Ks  
z/o&r`no  
45. بۇۋاقلارنىڭ تۇغۇلغان چاغدىكى يىغىىسى دۇنيانىڭ ئۇنىڭغا ئۆزىدىكى نەرسىلەرنى بىلدۈرگەنلىكىدىن بولىدۇ. ئۇنداق بولمىسا، بۇۋاقنىڭ قورساقتىن كەڭرى جايغا چىقىپمۇ يىغلىغىنىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ بالا دۇنيانى كۆرۈپلا دۇچ كېلىدىغان ئازاپلارنىڭ تەھدىتىنى ھېس قىلغاندەك يىغلاپ كېتىدۇ. 3cqc<  
RXO}mu]Iu  
46. دەۋر بىرخىل ھالەتتە تۇرمايدۇ، بەزىدە ئارقىسىنى قىلىدۇ. ئەگەر ئۇ سېنى سەن ياقتۇرمايدىغان ئىشلارغا ئۇچراشتۇرسىمۇ سەۋر قىل. چۈنكى دەۋر سەۋر قىلمايدۇ. P`CQ)o  
R-Tf9?)  
47. قەلەم ئەھلىنىڭ ئاچكۆز بولغىنى ھەممىدىن يامان. ئۇنداقلار نەپىسنىڭ خاھىشى بىلەن بىرنى يىغلاتسا، بىرىنى كۈلدۈرىدۇ. بۇنداقلاردىن قايتا-قايتا ھەزەر قىلماق كېرەك. lR ZuXo9<  
uq!d8{IMu  
48. قەلەم ئەھلىنىڭ ئەدل-ئىنساپلىق بولغىنى (بۇلارنىڭ سەۋەبىدىن ھېچكىمگە ئەلەم يەتمىسە) ھەممىدىن ئەلا. i1qmFvksl  
 =VSUE Pq  
49. بىراۋنىڭ ۋەسفىنى قىلغان شائىر شۇ كىىشنىڭ ئۆزىدە بار بولغان ھەقىقىي سۈپەتلىرىنى مەدھىيلىگەن بولسا، شۇ شائىر دوستلۇققا يارايدۇ.بۇ خىلدىكى شائىرلار ھەقىقىي ئەقىل ئىگىلىرىدۇركى، ئۆزىنىڭ يازغانلىرىدا ئەيىپ-نۇقسان بار-يوقلۇقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئەيىپ-نۇقسانلىرىنى تۈگىتىشنىڭ كويىدا بولىدۇ. od/Q"5t[p  
HvG~bZN  
50. سۇئال: ئىززەت-ئابروي ۋە كۈچ-قۇۋۋەت نېمە بىلەن بولىدۇ؟ Wh?3vZ^  
جاۋاپ: ئىلىم-مەرىپەت ئۆگىنىش ۋە ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىق بىلەن بولىدۇ: 8(@(G_skp  
تەڭرىنىڭ ئىنسانغا كۆپتۇر تارتۇقى، ئىلىمدۇر بىباھا، قازسا پۈتمەس كان. ynq^ztBVe  
ئەقىل ۋە ئەدەپتىن يوقتۇر ئارتۇقى. ئىلىمدىن باشقىسى كىمگە ئەسقاتقان. covK6SH  
ئەقىل ۋە ئەدەپ ھەر ياشنىڭ جامالى، ئىلىملار نىجادلىق بىرەر مەڭگۈلۈك، ibuoq X `  
ئۇنىڭسىز بولماس ھاياتنىڭ كامالى. بىلىملىك ھاياتتۇر، جاھىللار ئۆلۈك. C/z0/mk  
پەزىلەت كۆپ ئىرۇر بۇ ئالەم ئارا، ئى ياش بىل، جاھىللىق نۇمۇستۇر بىشەك. PAjH*5I A  
ئىلىمدۇر ھەممىدىن ئەلىيۇلئەلا. نادانلىق زۇلمىغا رازىدۇر ئىشەك. fXx !_Z  
Z-'xJq  
51. كىمكى ئۆزىنى خۇشال قىلىدىغان ئىشلار ئۈچۈن دۇنيانى ماختىسا، قەسەم قىلىمەنكى، ئۇ ھېچقانچە ئۆتمەيلا ئۆزىنى ئەيىپلەيدۇ. ئەگەر دۇنيانىڭ قولدىن كەتكەنلىكى ئۇنىڭ ھەسرىتى بولسا، كەلگەنلىكى ئۇنىڭ غېمىنى كۆپەيتىدۇ: 3B ;aoejHm  
8| S}!P"  
بەزىلەر بار 《گەرچە گۇناھ مەندە تورۇپ، خورجۇننىڭ ئالدىنىلا كۆرۈپ، لېكىن X=X  
قاپ كۆتۈرۈپ نەگە باراي؟》دېمەيدىغان. 《ئارقا كۆز نە بار؟》 دەپ غەم يېمەيدىغان. II}3w#r4  
@O&;%IZMY  
52. ئەمالارنى 《دۆت》 دەپ ئەيىپلىمە. بۇ مەسىلىدە دانالارنىڭ سۈكۈت قىلىشى توغرىدۇر. سەن قارىغۇلاردىن ھايا كۈتمە. چۈنكى، ئۇنىڭدىكى ھايانىڭ ئورنى خاراپتۇر. sxn^1|O;m  
:LMLY<8>9  
53. خار ھاياتتىن ئۆلۈم گۈزەلرەك. چۈنكى، بەزى نومۇسسىز ئىشلارنى ھېچقانداق كىشى ئۆچۈرەلمەيدۇ: GPU,.s"&(  
پەيتى كەلسە ياخشى مالدىن كەچسەڭ بىراق، r| 0wIpi6Q  
ئابرويۇڭ مەڭگۈ سېنىڭدىن كەتمەس يىراق. $n9Bp'<  
]=T-C v=t  
54. ئەگەر مەن بىرەر نەرسىدىن ھەيران قالدىم دېسەم، ياشلارنىڭ قەدىر-قىممەتسىز ئىش ھەرىكەتلىرى مېنى ھەيران قالدۇرغان بولىدۇ. ~_hn{Ou s  
CUZ ; 
55. بۇۋاقنىڭ تۇغۇلغاندا ئالقىنىنى يۇمۇۋالغانلىقى ھاياتلىقتىكى ھېرىسمەنلىكنىڭ بېشارىتىدۇر. ئۆلەر ۋاقتىدا ئالقىنىنى ئېچىپ قويغانلىقى بولسا، 《ئاگاھ بولۇڭلار مەن دۇنيادىن ھېچ نەرسە ئالماي كەتتىم》دېگىنىنىڭ بېشارىتىدۇر: ~"#[ 
w4\g]\  
باق ئوغلۇم خەلقىڭگە ئىللىق كۆز بىلەن، كىچىككە رەھىم قىل، چوڭىغا ئىززەت، 0fQMOTpOp  
ھەم كۆرسەت مېھرىڭدىن لۇتفى ئىنايەت. خەلق ئەتكەن ھەققىگە قىلما خىنايەت. ~jn~M_}K  
3!0~/8!f@  
56. ئەگەر سەن ئەقلىڭنى توغرا ئىشلەتسەڭ، ياتقان ئورنۇڭ كېچىدىمۇ ئەقىل نۇرى بىلەن دائىم يورۇپ تۇرىدۇ. YO`V'6\  
H m Z *  
57. بىر قەۋمدا ئۇلۇغ ئىتتىپاقلىققا يېتەكلىگۈچى مەنىۋى رەھبەر بولمىسا، بۇ قەۋم كىشىلىرىنىڭ چېچىلغىنى چېچىلغان. 7C@%1kL  
3zuYN-;  
58. ئەيىبلىك كىشىلەرنىڭ ئەيىبى بىلەن پەزىلەت ئىگىلىرىنىڭ پەزىلىتىنى خەلق بىلمەمدىكىن دەپ قالما. چۈنكى، خەلق ئەڭ ئادىل نازارەت قىلغۇچى(كۆزەتكۈچى)دۇر. kB $?A8Olu  
JUlCj #%  
59. ئىنساننىڭ ئەڭ يامان ئىشى ئۆزىنىڭ ئەيىبىنى ئۇنتۇپ قېلىش ۋە قېرىندىشىدىكى يېپىلىپ قالغان ئەيىبلەرنى تىلغا ئېلىپ يۈرۈشتۇر. ئەگەر ئىنسان ئەقىل ئىگىسى بولغان بولسا، ئۆزىگە قارىسا يېتەرلىك ئەيىبلىرى تۇرغان يەردە باشقىلارنى ئەيىبلىمىگەن بولاتتى. /#xx,?~xx0  
?0k4l8R  
60. دۇنيادا ئىتتىپاقلىشىپ، بىر ياقىدىن باش چىقارغان ئەل كۆزلىگەن مەقسەتكە مۇقەررەر يېتىدۇ. EHqcQx`K_  
nN$aZSb`  
61. مۇشەققەتلەردىن كېيىن ئارزۇغا يېتىش مۇقەررەردۇر. W$ag |WV  
xY94v  
62. تارىخ قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا، بەدەۋىيەتتىن مەدەنىيەتكە، قالاقلىقتىن تەرەققىياتقا، قاباھەتتىن گۈزەللىككە قاراپ راۋاج تاپقان. =9y&j-F  
/7[X_)OG  
63. داۋالاش قىىين بولغان كېسەلگە سەۋر داۋا بولىدۇ. Qv l3=[S  
Qy_! +q  
64. ئۆمرىدە مېلىغا ئاپەت تەگمىگەن، دۆلىتى زىيادە بولغان سودىگەرلەر ئۆز مېلىدىن ۋاقتىدا ئۆشرە-زاكات ئايرىيالىغان، غېرىبلارنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ تۇرالىغان، ئاچلارنى ۋاقتىدا تويغۇزالىغان، يالىڭاچلارغا تون ياپالىغانلاردۇر. 8ZPjzN>c6  
5}MjS$2og  
65. زامان ئەھلى ھەرقاچان ئاگاھ بولمىقى لازىمدۇر، كىشىنىڭ تېنىدە ئەقىل بىلەن نەپس دائىم ئېلىشش ئۈستىدىدۇر. نەپس ئادەمنى ھۇزۇر-ھالاۋەتلەر، ئەيش-ئىشرەت، كەيپ-ساپالار قىززىپ تۇرغان غاپىللىق يولىغا تارتسا، ئەقىل ئادەمنى زاماننىڭ ناشايان ھالاۋەتلىرىگە بېرىلمەسلىككە، ھەرقاچان غاپىللىقتىن ھۇشيار تۇرۇشقا تارتىدۇ. كىمدە ئەقىل غالىپ بولسا، ئۆمۈر بويى پۇشايمان نادامىتىدىن خالىي ھالدا شاد-خۇراملىققا ھەمراھ بولۇپ ئۆتىدۇ. نەپسى غالىپ بولغان كىشى ئاخىرىغىچە تەمە خارلىقى بىلەن ئۆتىدۇ. ;'~GuZ#I  
[OK(  
66. ياخشىلىقنى ئادەت قىلىش ئۈچۈن ئوچۇق قول بولۇش كېرەك. ئوچۇق قول كىشى ئىززەتتىن نېرى بولالمايدۇ. AIX?840V  
)$oboAv#  
67. ئەقلىڭدىن مەسلىھەت سورا. ئەقىلدىن باشقىسىنى كېرەكسىز ھېساپلا. {]V+C=`  
w9Z,3J6r  
68. خارلارنىڭ خار تۇرمۇشىغا رازى بولۇشى ئۇلارنى تېخىمۇ خارلاشتۇرىدۇ. W_%@nm\y  
&2\^S+4  
69. دۇنيادىكى بىردىنبىر ئۇلۇغ كىشى دۇنيادا باشقىلارغا تايانمايدىغان كىشىدۇر. ])3(@ .  
vn Ol-`Z ~  
70. دانىشمەنلەر شۇنداق كىشىلەركى، ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بىلىدۇ. ئولتۇرۇشلارنىڭ تۆرى ئۇلارنىڭ تىلى بىلەن زىننەتلەنگەن بولىدۇ. كۈنلەرنىڭ بىرىدە مەسىلىلەرنىڭ يۈزى غۇۋالىشىپ قالسا، ھەق يولنىڭ يۈزى ئۇلار بەرگەن جاۋاپ بىلەن نۇرلىنىدۇ. ئۇلار سۈكۈتتە تۇرسا، باشقىلارنىڭ سۈكۈتتە تۇرىشىغا ئورۇن قالمايدۇ. گەپ قىلسىمۇ باشقا گەپ قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئورۇن قالمايدۇ. Hu-Y[~9^L:  
MQvk& AX  
71. مەن قەيەردە بولۇشۇمدىن قەتئىينەزەر كۆڭلۈم خۇشال ياشايمەن. قانداقلا بولسۇن ئاپەت، زىيانلاردىن قورقۇپ قالمايمەن. K 0Gm ?(  
yZcnky  
72. مۇھەببەت ئەھلى بولمىغان كۆپ كىشىلەر مۇھەببەت دەۋاسى قىلىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئۇلار مۇھەببەتتىن بەكمۇ يىراق. مۇھەببەت دېگەن قورقۇنچاق ۋە ئەخمەقلەرگە نەدە تۇرۇپتۇ. سېيماسى تولۇن ئايدەك مەھبۇبقا پەم-پاراسىتى يۇقىرى، ئۆتكۈر پىكىرلىك كىشىلەر ئاشىق بولۇپ، مۇھەببەت دەردىدە ئۆرتىنىدۇ. $ -ICTp  
v| Yh]y  
73. ئاي ئۆزىنىڭ سەۋرچانلىقى بىلەنلا ئۇلۇغلۇققا، ئالىي مەنزىلگە ۋە گۈزەللىككە ئىگە تولۇن ئايغا ئايلانغان. Q$lgC v^M  
q\]"}M 8  
74. سۆزنى گرامماتىكا بىلەن گۈزەللەشتۈر. چۈنكى، سۆز قائىدىسىدىن مەھرۇم بولغان كىشى سۆزنى بۇزىدۇ. fs,]%g^  
])t UXU>  
75. سۆزلەيدىغان ئورۇننى تاپساڭ، چوقۇم كەڭتاشا سۆزلە. ئەگەر سۆزلەيدىغان ياخشى سۆزنى تاپساڭ، ئايىماي سۆزلە. چۈنكى، كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئىلىم ۋە قابىلىيتىگە يارىشا ئۇ سۆزلەردىن توغرا چۈشەنچە ئالىدۇ. )p!.V( ,  
-J' 0qN!  
76. ناۋادا رازى بولسام، دوستلىرىمنىڭ ئەيىبىنىڭ ھەممىسىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئاز بىر قىسىم ئەيىبلىرىنىمۇ كۆرمەيمەن. خۇددى نەپرەت كۆزى ئەيبتىن باشقىنى كۆرمىگەندەك. دوستلۇق كۆزى ئەيبلەرنى كۆرۈشكە ئاجىزدۇر. Z;M th#  
}8&?  
77. ئۇ ئاشىقلارغا تەبەسسۇم قىلغان پېتى كۆرۈنىۋېدى، پۈتۈن ئىنسانلار ئۇنىڭ گۈزەل جامالىغا ھەيرانۇ-ھەس بولدى. مەن ئۇلارغا زىلەيخانىڭ ئۆزىنى ئەيبلىگۈچىلەرگە قارىتا ئېيتقان:《سىلەر مېنىڭ ئاشۇنداق گۈزەل ئالدىدا ئېزىققانلىقىمنى ئەيىبلىدىڭلار》دېگەن سۆزنى دېدىم. (mOL 
-Wm'@4bH  
78. ئېرىنىڭ پەرمانىدىن چىقماي ھەم مۇسۇلمانچىلىق، ھەم روزىغار خوتۇنلۇق بۇرچىنى ئادا قىلىش بىلەن بولغان ئاياللارنى ئىنسان ئەمەس، بېھىشنىڭ ھۆرى دەپ بىلمەك كېرەك. بۇ خىلدىكى خوتۇنلارغا ئەر بولغانلارنىڭ ئىقبالى ھەرقاچان يورۇقتۇر. e~P4>3  
e]DuV)k&  
79. قاچانكى، كىشىلەرنىڭ ئەخلاقلىرى بوزۇلسا، ياخشى ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا نۇقسان يېتىدۇ. ئىتتىپاقلىق يۇقىلىدۇ. ھۇرۇنلۇق، بىكارچىلىقلار، زۇلۇم ۋە خىيانەتچىلىكلەر كۆپىيىدۇ. ئىلىم-مەرىپەت كېمىيىپ، شان-شۆھرەت خارۇ-زارلىققا ئالمىشىدۇ. {v>8Kp7_R  
f[fH1cu&`  
80. قايغۇ-ھەسرەت يېقىنقى خۇشاللىقتىن بېشارەت بېرىدۇ. ;>*Pwz`~jT  
Rv)*Wo!L  
81. بەزىلەر مېنىڭ ئۇ مەھبۇبنى ياخشى كۆرگىنىمنى ئەيىبلەشتى. بۇ مالامەتلەر مېنىڭ ئۇنىڭغا بولغان ئىشىق-مۇھەببىتىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى. مېنى مالامەت قىلغۇچىلار ئۇ مەھبۇبنىڭ تال-چىۋىقتەك قەددى-قامىتىنى كۆرگەندە، ماڭا ئۆزرە ئېيتقۇچىلاردىن بولۇپ قالىدۇ. چۈنكى، ئۇ تەبىئىتى نازۇكلۇقتا ۋە ئەخلاقى ئېسىللىكتە زاماننىڭ تەڭداشسىزىدۇر. vTsMq>%,<  
WG]`Sy  
82. مەن شۇنداق كىشىمەنكى، سەمىمىيلىك ۋە ئەدەپ-ئەخلاق مېنىڭ تەبئىتىمدۇر. ئارتۇقچىلىق، ئەخلاق ۋە ھىممەتلەر مەندە باردۇر. سېخىيلىقىم كاتتىلىق شەرىپىمنىڭ دەلىلىدۇر. خىسلەتلىرىمنىڭ ئەڭ ئەقەللىيسى خەير-ئېھسان ۋە سېخىيلىق قىلىشتۇر. دانالىق، ئېھتىياتچانلىق، ئىشەنچ، بىلىم ۋە ئىشتىياق، ئىلىم-ئېرپان ۋە ھېكمەتلەرمۇ مېنى تونۇيدۇ. AkAQ%)6qV  
*4OB 88$  
ئەسلى مەنزىل____بۇلاق ژورنىلى 2007-يىللىق 4- سان
[ بۇ يازما Asman تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]

مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 2 پارچە
alafasy مۇنبەر پۇلى +1000 04-30 -
kulpat مۇنبەر پۇلى +99 04-30 -
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
^_^مەيلى قانداقلا  كۈچلۈك دۈشمەن بولسۇن ، خەلقلا  قارشى تۇرىدىكەن ئۇ ھامان مەغلۇپ بولىدۇ^_^
yvgan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.30435

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   76 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1584 (سوم)
 ياخشى باھا:   180 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   204  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 675
 سائەت
دەرىجىسى:
675 سائەت 95 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-14
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-29

    ئەزىز قېرىندىشىمنىڭ ئابدۇقادىر داموللا ئاتىمىزدەك ئۇلۇغ ئالىم بۇۋىمىزنى قايتا ئەسلىشىمىزگە سەۋەپ بولغىنىغا كۆپ تەشەككۇر..كەرەملىك اللە بۇۋىمىزنىڭ ئىمانىنى سالامەت قىلغاي!..قەبرە ئازابىدىن ساقلىغاي!..مەرھۇم ئاتىمىز ئۆز زامانىسىدا كاتتا ئالىم ئىدى. ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا قاتارلىق يىراق يۇرتلاردىنمۇ مۇشۇ زاتىمىزنىڭ ئىلمىنى ئىزلەپ كەلگەنلەر ناھايىتى كۆپ..خۇلاسە كالام، تۆۋەندىكىسى ئابدۇقادىر داموللا (اللە رەھمەت قىلسۇن) بۇۋىمىزنىڭ بىر زىياپەتتە سۆزلىگەن نۇتىقى.   Y?AvcY.  
G * =>  
<< مەن ئەسلىدە ئۆز مۇددايىمنى ئەزىر قىلىش ئۈچۈن ھەربىرلىرىنىڭ ئۆيىگە بىر بىرلەپ بارسام بولاتتى .ئەپسۇسكى بارالماي قالدىم.ئەپۇ قىلىشالا! ھالا بۈگۈن،ئۇشبۇ سورۇنغا جەم بولىدىغانلىقىمىزنى غەنىمەت بىلىپ بۇيان كەلدىم.مۇددىئا نىمە ؟دەپ سورالسا،شۇنداق جاۋاپ بېرىمەنكى ،مۇشۇنداق ھەشەمەتلىك چاي-زىياپەتلەر ئىچىدە ،مەست-مۇستەغرەق بولۇپ ئۆتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلىرىمىزگە زادىلد رازى ئەمەسمەن!چۈنكى مەدت-مۇستەغرەقلىق ئارقىسىدا ،ۋەتەن ،مىللەتنىڭ كۈنى ئېغىر،ھالى تەس ۋە نەس ئۆتمەكتىدۇر.خەلىق نادانلىق ،جاھالەت ئىچىدە ئازاب چەكمەكتە .ھەممە ئىش كونا قېلىپ،كونا ئىزغا چۈشۈپ،يىڭىلىققا يول بەرمەي،ھالاكەتكە قاراپ ماڭماقتا.ۋاقتىمىز،دەۋرىمىز،ئوبدان پۇرسەتلىرىمىز قولدىن كەتمەكتە .بۇ ياخشى ھادىسە ئەمەس.بۇ مىللى خارابەت،مىللى مۇنقەرزىلىكتىن بىشارەت بىرىدىغان خەۋىپلىك ھادىسە.ھەربىر ۋىجدان ئىگىسىنىڭ مۇنداق خەۋىپلىك ۋەزىيەتتە قانداقمۇ جىم تۇرغۇسى كەلسۇن!بۈگۈنكى داستىخاندا جەم بولغان قازى-مۇددەرىسلىرىمىز،داموللىلىرىمىز،ساخاۋەتلىك بايلىرىمىز بۇ خەۋىپلىك ئەھۋالغا كۆزىنى ئەما،قۇلىقىنى گاس قىلىپ ،قانداقمۇ بىپەرۋالىق قىلالىسۇن!شۇنى چۈشىنىشىمىز لازىمكى،ۋەتەن،مىللەتنىڭ غىمىنى يىيىش،خەلىقنىڭ بىشىنى ئوڭشاپ،بەخىت-سائادەتكە باشلاپ مېڭىش مۇشۇ دەستىخاندا جەم بولغان ھەممە كىشىنىڭ گەدىنىدىكى پەرز ھەم قەرزدۇر.ئىنساپ تارازىمىز بىلەن ئۆلچەپ كۆرىدىغان بولساق،بولۇپمۇ بىز ئۇلۇغلارنىڭ خەلىقنى نادانلىق،جاھالەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ ،سائادەتلىك كۈنلەرگە يىتىشتۈرىشتەك مۇقەددەس ۋەزىپىمىز باردۇر.ئەگەر ئۇشبۇ ۋەزىپىمىزنىڭ بارلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان بولساق،ئۇ چاغدا بىز زادى نىمە ئۈچۈن ئوقۇدۇق؟دىگەن سوئالغا ھېچقانداق جاۋاپ بېرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن.ئىككىنجى تۈرلۈك قىلىپ ئېيتقاندا،خەلىق ئۈچۈن ،ۋەتەن،مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلمىغان ئىلىمنىڭ يەنە قانداق پەزىلىتى ھەم ئەھمىيىتى بولسۇن!بۇ تەرەپلىرىنى ھەربىر ئۆلىما ئوبدان ئويلىنىپ ،مۇھاكىمە قىلىپ كۆرىشى كىرەك!......بىز ھەممىمىز قانچە يىللار غۇربەتچىلىكتە رىيازەت چىكىپ ،ئىلىم تەھسىل قىلغانلارمىز.نىمە ئۈچۈن ئوقۇدۇق؟خەلىقنى قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلىققا،جاھالەتتىن مەرىپەتكە باشلايمىز دەپ ئوقۇدۇق.خۇداغا شۈكرى،ئوقىغانغا يارىشا ،بىرىمىز قازى،بىرىمىز داموللا،بىرىمىز مۇددەرىس كەبى ئۇنۋان دەرىجىلەرگە تەيىنلىنىپ ،يۇرت-خەلىقنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدۇق.ئەپسۇسكى بىز بۇ ئىززەت-ھۆرمەتلەرگە ئىگە بولىۋىلىپلا ،ئەسلىدىكى مەقسەت-مۇددىئالىرىمىزغا ئاسىيلىق قىلىپ،نوقۇل ھالداھوزۇر-ھالاۋەت،راھەت-پاراغەتكا بىرىلىپ،مەسىت-مۇستەغرەق بولۇپ يېتىۋالدۇق.يۇرت بولسا نادانلىق ،جاھالەتتە،خەلىقىمىز خار-مۇزەللەتتە قالدى.يۇرتىمىزنىڭ ئاقىۋىتى،خەلقىمىزنىڭ ئىستىقپالى توغرىسىدا قايغۇرمىدۇق.يۇت ۋە خەلىقىنىڭ غېمىنى قىلش،يۇرتنى تەرەقىياتقا،خەلىقنى ئىلىم-مەرىپەتكە باشلاشتەك ئۇلۇغ ۋەزىپىمىز بارلىقىنى بىز ئۆلىمالار ئېسىمىزدىن چىقاردۇق.تۆر-ئابرۇي تالىشىشتەك قېلىپلاشقان ئادەت ئىجراسىدىن باشقا ،ياخشى ئەمەللىرىمىز بارلىقنى ئىنكار قىلدۇق.بىز نىمە ئۈچۈن بۇقەدەر بۇزۇلۇپ كەتتۇق؟نىمە ئۈچۈن ئىنساپ قىلمايمىز؟نىمە ئۈچۈن بۇ ھەقتە ئازراق ئويلىنىپ،ئۆز خاتالىقىمىزنى تۈزەتمەيمىز!بۇ توغرىسىدا بىر ئاز سۆز قىلساق ،چېچىلغانلىق بولامدىكەن؟......نىمىشقا قاينىمايدىكەنمەن؟ئۆلىمالارنىڭ خۇددى شاپاققا ئولاشقان چىۋىندەك،مەدرىسلەردىكى ئەۋقاپقا،مۆھۈر ھەققىگە ،نەزىر-چىراقتىكى سەدىقە-ئىھسانغا،ئىش قىلىپ قەيەردە نەپ بولسا،شۇ يەرگە توپلىنىۋالغانلىقىغا،ئىنساپ ھەۋزىنى قۇرۇتۇپ،تەمەخورلۇقنىڭ سېسىق پاتقاقلىرىغا بوغۇزى بىلەن تەڭ چۆكىۋالغانلىقىغا،ۋەتەن،مىللەتنىڭ،خەلىقنىڭ داد-پەريادى،نالە-پىغانلىرىغا قۇلاق سالماي،كۆز يۇمۇپ گاس-ئەما بولىۋالغانلىقىغا قانچە قاينىسام شۇنچە ياخشى ئەمەسمۇ!قېنى نىمە ئۈچۈن قاينىمايدىكەنمەن؟ھازىرقى ئەھۋال قانداق بولىۋاتىدۇ،قېنى؟.....بىز بۇ يەردە پولۇ يەپ،تاۋاق بىكارلاپ ئولتۇرۇپتىمىز.بىزنىڭ ئەزىز باللىرىمىز گۈلەختە كۈلگە بۇلغىنىپ،ئاچ-يالاڭاچلىق ئازابىنى تارماقتا.بىز كۈندە داستىخان ئۈستىدەمەئىشەت قىلىپ،توقلۇقتىن كارىلداپ يۈرىمىز.ئۇنىڭ ھىسابىغا،كوچىدىكى تىلەمچى سائىللار شۇنچە كۆپەيمەكتە.ھالبۇكى بىز ئۇلارغا قانچىلىك خەيرىخاھلىق كۆرسەتتۇق؟ئۇلارنىڭ بىشىنى قانچىلىك سىيلىدۇق؟ياق ھېچنىمە قىلمىدۇق،بەلكى ئۆشرە-زاكات ۋە ئەۋقاپ كىرىملىرىنى ئۆز نەپسىمىزگە تارتىپ كەتتۇق.شۇ سەۋەپتىن،يىتىم-يىسىر،تۇل خوتۇن،يىتىم ئوغۇللار خەيرىخاھسىز قالماقتا.نىمە ئۈچۈن ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلمايمىز؟مەكتەپلەر ئېچىپ،دارىلىتام-دارىلئاجىزىلەرنى قۇرۇپ،كوچىدا ئاچ-يالاڭاچ،خارۇ-زارلىقتا قالغان بالىلارنى،ئاجىز-مىسكىنلەرنى نىمە ئۈچۈن تەربىيە قوينىغا ئالمايمىز؟ئۇلارنىڭ بېشىنى سيلاپ،غەمخورلۇق قىلساق بۇنىڭ نىمە يامىنى؟ئۆزىمىز يۇرتنىڭ كۆزى،خەلىقنىڭ بېشى بولۇپ تۇرۇقلۇق،خەلىقنى بەخىت0سائادەتكە باشلاپ ماڭماستىن،پۈتۈن ئىشتىياقىمىز بىلەن شەخسى تاپاۋەت يولىغا ماڭساق،قولغا كىرگەن تىللا-تەڭگىلەرنى ئەۋرەزگە كۆمۈپخاتىرجەم ياتساق،ئىستىقبالىمىز توغرىسىدا زەررىچە قايغۇرمىساق،كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزغا نىمە دەپ جاۋاپ بېرىمىز؟قېنى،ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئاسىي گۇناھكار بولۇپ قالماسمىزمۇ!....ئەپسۇسكى بىز غەمخورلۇق قىلماي كوچىغا تاشلىۋەتكەن بالىلىرىمىزنى ياۋرۇپادىن كەلگەن مۇخالىپەتچىلەر ئۆز قوينىغا تارتماقتا.ئىنگىلىز-شىۋىتلار قانداقتۇر شىپاخانا قۇرۇپ،داۋالاش يوللىرى بىلەن ئەقىدە ئوغرىلىماقتا .ئۇلار بىزنىڭ بالىلىرىمىزغا بىر مىسقاك تەسىر كۆرسىتىشكە كۆزى يەتسە،ئايانماستىن يۈز سەرلەپ تەڭگە سەرپ قىلماقتا.بىز بولساق ،بالىلىرىمىزنى كوچىلارغا تاشلاپ ئۆزىمىزدىن يىراقلاشتۇرماقتىمىز .ھە دىسە دەررە ئۇرۇپ،ئۇلارنىڭ دىلىنى جاراھەتلەندۈرمەكتىمىز،ئەل رايىنى چىكىندۈرمەكتىمىز.بۇ ئىشلىرىمىز مۇلاھىزە قىلىپ كۆرۈشكە ئەرزىمەسمۇ؟ھېلىمىۇ كەچ ئەمەس،پۇرسەت بار،ئەگەر ۋاقتىدا قايغۇرۇپ،قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلىرىمىزنى قىلمايدىغان بولساق،كەلگۈسى ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ لەنەت-نەپرەتلىرىگە كۆمۈلۈپ كېتىشىمىز مۇقەررەر!....ئىنگىلىز،شىۋىتلار قانداق يول بىلەن بىزگە مېھمان بولۇپ قالدى؟ئۇلارنى كىم چىللاپ كەپتۇ؟ئۇلار ھېچ ۋاقتىدا بىزگە مېھمان ئەمەس،مېھمان بولىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.ئۇلار جاھانگىر،تاجاۋۇزچى،ئۇلار ئوغرى،بۇلاڭچى.باشتا قۇيرۇق ئوينىتىپ كەلگەن بىلەن،ئاستا-ئاستاپېيىمىزنى قىرقىپ،بايلىقىمىزنى ئوغۇرلايدىغان،گىلەملىرىمىزنى ئېلىپ،بىزنى داقبورىغا تاشلاپ داغدا قويىدىغان بۇلاڭچىلاردۇر.بۇ مۇخالىپەتچىلەر بەلكى بېشىمىزغا چۈشكەن بالايىئاپەت!ئۇلار بىزنى خۇراپاتلىقنىڭ قارا خالتىلىرىغا قاچىلاپ،ئەخلەت دۆۋىسىگە چۆرىۋەتكۈچى ۋاپاسىزلاردۇر.ئۇلار بىزگە ئىتتىپاقسىزلىق ۋاباسىنى چېچىپ،ئۆز قولىمىز بىلەن قېنىمىزنى تۆككۈچى خۇنخۇرلاردۇر.ئۇلار بىزنى غەپلەت ئۇيقۇسىدا بىھۇش قىلىپ ھالاك قىلغۇچى قارا نىيەتلىك ياۋۇزلاردۇر.... d+p^fBz  
قېرىنداشلار،ۋەتەنداشلار!بىز ئەزەلدىن قابىل،باتۇر خەلىق ئىدۇق،تاكى پامىردىن ئۇزاق ئالتايغىچە چىدىر-بارىگاھ تىكىپ،سەلتەنەتلىك ئوردا-تەخىتلەرنى قۇرۇپ،دەۋران سۈرگەن ئەل ئىدۇق. قاچانكى، بىزگە جاھالەت،نادانلىق،خۇراپاتلىق،ئىتىپاقسىزلىق،ھەسەتخورلۇق،مەنمەنلىك،شەخسىيەتچىلىك ئىللەتلىرى چاپلاشتى،شۇ كۈندىن باشلاپ زاۋاللىققا،خار-زەبۇنلىققا يۈزلەندۇق. ھازىرقى ئەھۋالىمىز بۇنىڭ جانلىق دەلىلى.قېرىنداشلار،ۋەتەنداشلار،ئويلاپ كۆرەيلى،مۇلاھىزە قىلايلى ھازىرمۇ ۋاقىت كەچ ئەمەس،غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئىرغىپ تۇرۇپ،كۆزىمىزنى ئاچساق،ئىتتىپاقلىشىپ بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئاسارەت كىشەنلىرىنى پاچاقلاپ تاشلىساق،پەلەكنىڭ چاقىنى ئوڭغا بۇراپ،ئىستىقپالىمىزنى يورۇتىشقا،ۋەتەن ،مىللەتنى سائادەتلىك كۈنلەرگە يىتىشتۈرۈشكە ھېلىمۇ كىچىكمەيمىز!!!!.........>>
[ بۇ يازما yvgan تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]

مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 2 پارچە
kulpat مۇنبەر پۇلى +99 04-30 -
xaxalim مۇنبەر پۇلى +50 04-29 -
 
دۇنيادا ئەسكى ئادەم بولمايدۇ، پەقەت مەلۇم ھەركىتى ئەسكى بولىدۇ. -يۈگەن
تارىم
دەرىجە:ئالىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.155

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   4874 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   906746 (سوم)
 ياخشى باھا:   3053 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   32944  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 11887
 سائەت
دەرىجىسى:
11887 سائەت 353 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-29
ئوقۇدى ،ئاشتى

(مەمتىلى ئەپەندى‹‹تەۋپىق››) i,rX. K}X  
Js^(mRv =  
gHFQs](G.  
ئوقۇدى ، ئاشتى باشقىلار بىزدىن ، ئەي قېرىنداشلار ، ~=9S AJr]  
كۆرگەچكە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىتىنى قاينار ۋجدانلار . WLiFD.  
_na/&J 6  
*JAC+<~d  
ھاۋادا لاچىندەك جەۋلان قىلار باشقا مىللەتلەر ، Awr(}){  
قالدۇق ئۇلاردىن بەكمۇ ئارقىدا ، ئويلا ئۈممەتلەر . Eqi;m,)  
3p]\l ]=  
E{}J-_oS45  
ئۆگەتمەس بىزلەرگە ھەق كالامنى بىلگەن ئالىملار ، !?lvmq  
ئەخلاقنى پۈچەك پۇلغا ساتقاي بىزنىڭ زالىملار . Wiw~oXo  
WVz2 bzj  
C~pQJ@bF0  
رىشۋە بار يەرگە ئاچ قاشقىر كەبى دەمسىز جاپالەر ، ^ ]Q.V  
بېشىدا سەللە، قولىدا تەسۋى ، ھەقتىن قاچارلەر . ""Oir!4  
=uEpeL~d;+  
gYbcBb%z  
ئويلاڭلار! زاكات–ئىسقات كىملەرنىڭ ھەققى، كىملەر ئالۇرلەر ؟ 1 ^30]2'_  
نى-نى خىيانەتلەر ھەيۋەت تۈن ئىچرە پىنھان قالۇرلەر . #XG3{MGX[  
=yoR>llbBC  
 
مۇيەسسەر بولدىلەر باشقا ئەللەرگە ئانچە ھېكمەتلەر ، 9EY`j,{4  
ئەمىلىگە قارىتا بەردى ئاللاھ شانۇ شەۋكەتلەر . \En"=)A  
gXU(0(Gq  
Ep:hObWG)  
ئوقۇيمىز – بىلمەيمىز،لىسانۇ ئەرەب مۈشكۈل تىلى بىزگە ، y4$$*oai&  
يادىكار قالغان يوق بىر نوچكا ھېكمەت ئۇلاردىن بىزگە . C+"c^9[  
U$3DIJVI  
>P:U9 b  
قەشقەردە يېتىملەر ھامام ئاستىدا كۈلدە ياتۇرلەر ، pzaU'y#PM  
تەربىيىسىز ،ھوشۇق ئويناپ، نەشە تاتۇرلەر . G e5Yz.Q v  
E'98JZ5ga  
)WW*X6[k  
مەرھۇمى داموللا ئابدۇقادىرى ناھەق كەتتىلەر ، %d *0" 
گۇناھى نېمە ؟ پەقەت بىزگە ھەقنى ئۆگەتتىلەر .
m*CW3y{n)  
pzoh9}bue  
‹‹مەمتىلى ئەپەندى شېئىرلىرى››ناملىق كىتاپتىن ئېلىندى

 

←★ئەزىز قېرىندىشىم،سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتماڭ دەپتىكەن.
‹‹مىسرانىم››دا كۆرۈنگەن خەنزۇچە(ئىنگلىزچە)خەتلىك ئېلانلارنى كۈندە بىر قېتىم چىكىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمايلى!
ئەلدىن ئەلگە نەپ! بۇ بىزنىڭ‹‹مىسرانىم››نى قوللىغانلىقىمىزنىڭ كىچىككىنە ئىپادىسى...
hakekat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.30695

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   691 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6818 (سوم)
 ياخشى باھا:   1418 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2218  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2096
 سائەت
دەرىجىسى:
2096 سائەت 204 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-17
ئاخــىرقىسى:2011-11-01
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-29

                                        ھايات شامى ئوچىدۇ تۇرمايدۇيىنق ، m%[/w wL  
                                     دۇنياغا كەلدىڭمۇ كەتمىكىڭ ئىننق. @R%qP>_  
                                   شۇكىلىپ كىتىشىڭ  ئوزى بىر سۇئال ، -P|claO0  
                                  جاۋاپقا تەييار بول پۇت كۇچە تىنىق . 0L8fpGJ  
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن .....بىز ئۇچۇن ناھايىتى ياخشى   پايدىلىنىش  ھەم ئويغۇنۇش ماتىر يالىرىنى يولىغىنىنىڭز غا  ..ئا لدى بىلەن سېزنى مۇشۇنداق ئىلھامغا سالغان مىھرىبان  كەرىملىك  ئۇلۇغ ئاللاھ قا   كوپ ھەمدىلەر بولسۇن........ئاندىن سېز گىمۇ مىنىڭدىن  كوپ تەشەككۇر لە ر............ئاللاھ  خالىسا مەن مۇ    .................  ................ تىرىشىمەن              
 
tewelgha
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.18902

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   626 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8716 (سوم)
 ياخشى باھا:   442 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   310  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6020
 سائەت
دەرىجىسى:
6020 سائەت 270 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-24
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-29

مەرھۇم قالدۇرۇپ كەتكەن ھېكمەتلەرلا مەرھۇمنىڭ ئەينى زاماندا تەڭداشسىز ئىستىبدات ئېگىسى ئىكەنلىگىنى چۈشەندۇرۇپ بېرىدۇ .مەرھۇمغا ئىبلىس قولىنى سۇنغان قاتىللارنىڭ ئەينى زاماندا جازالانمىغانلىغى ھەممىگە ئىنىق .بۈگۈنكى كۈندە قاتىللارنىڭ ئۇرۇق پۇشتىلرى ئۆزلىرىنى قانداق سېزەر؟
 
ماتېماتىكا ئىنسان تەپەككۈرىنىڭ گېمناستىكىسى
kimina
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.35975

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   238 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1563 (سوم)
 ياخشى باھا:   63 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   9  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 521
 سائەت
دەرىجىسى:
521 سائەت 19 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-01
ئاخــىرقىسى:2011-11-09
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-29
1-قەۋەت (yvgan) نىڭ يازمىسىغا

ئىملا خاتالىقى: بۇۋىمىزنىڭ--بوۋىمىزنىڭ rm3/R<  
                    نۇتىقى--نۇتقى 8r+u!$i!H  
      مەدت-مۇستەغرەق--مەست مۇستەغرەق 9%NsW3|  
      زادىلد--زادىلا Yq|_6zbYf  
      خەلىق--خەلق jG{?>^  
      بەخىت--بەخت )=K8mt0qob  
      پاراغەتكا--پاراغەتكە @#W4?L*D  
      خەلىقىمىز--خەلقىمىز ,@;|+C  
      ئىستىقپالى--ئىستىقبالى &53,8r  
     تەرەقىياتقا--تەرەققىياتقا psIo[.$rTk  
     دارىلىتام--دارىلتام k -R"e  
    يالاڭاچ--يالىڭاچ qP; 1LAX  
    خۇنخۇر--خۇنخور ZaY|v-  
    ئىتىپاقسىزلىق--ئىتتىپاقسىزلىق  Hk4k  
    ئىستىقپالىمىزنى--ئىستىقبالىمىزنى
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە
ياخشىلىق مۇنبەر پۇلى +100 05-01 -
 
سۆز كۈمۈشتۇر،سۈكۈت ئالتۇن.....
yvgan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.30435

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   76 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1584 (سوم)
 ياخشى باھا:   180 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   204  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 675
 سائەت
دەرىجىسى:
675 سائەت 95 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-14
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-29
Re:1-قەۋەت (yvgan) نىڭ يازمىسىغا

ئىشلىتىش
ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ 5قەۋەت  kimina كە 2011-04-29 11:41 PMئەۋەتىلدى 1-قەۋەت (yvgan) نىڭ يازمىسىغا : Jo;&~/ V   
ئىملا خاتالىقى: بۇۋىمىزنىڭ--بوۋىمىزنىڭ 4=y&}3om(0  
                    نۇتىقى--نۇتقى 6 q`)%"4k  
      مەدت-مۇستەغرەق--مەست مۇستەغرەق .dxELSV  
      زادىلد--زادىلا %}~(%@qB>+  
      خەلىق--خەلق {=&( { cS  
....... Us# /#-hJ  
x}WP1YyT~  
   ئەزىز قېرىنداشنىڭ ئىنكاسنى  تەپسىلى ئوقىغىنىدىن بەكمۇ خۇرسەن بولدۇم. ئۇ نەچچە يىل بۇرۇن شەبنەم مۇنبىرىگە يوللانغان تىمام ئىدى. شۇ چاغدا ئىملانىڭ ناھايىتى توغرىلىقىنى جەزىم قىلالايتتىم. ئەمما ساقلىنىپ قالغاندىن كىيىنكى ھالىتىنىڭ بۇنچە ئۆزگىرىپ كەتكىنىنى نەزەرگە ئالماي كۆچۈرۈپ چاپلاپتىمەن. بۇنىڭدىن ئوقۇغۇچىلارغا ھۆزۈر تىلەيمەن. يۇقارقى قېرىندىشىمنىڭ ئەسكەرتكىنىنى تولۇق ئىلىك ئالدىم.
 
دۇنيادا ئەسكى ئادەم بولمايدۇ، پەقەت مەلۇم ھەركىتى ئەسكى بولىدۇ. -يۈگەن
OZTURK02
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3117

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1611 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5195 (سوم)
 ياخشى باھا:   780 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1094  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2931
 سائەت
دەرىجىسى:
2931 سائەت 59 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-01
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-30

دىندىمۇ پەندىمۇ يىتىشكەن ئىسيانكار ھەقىقى ئۇيغۇر ئالىمى . 3qH1\  
مەرھۇم ئابدۇقادىر دامۇللامىنڭ ياتقان يىرىنى جەننەتتە قىلسۇن ئامىن .
 
بۈگۈن تىرىشمىساڭ ئەتە يۈگىرەيسەن .
inaqliq
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.38776

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   69 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   436 (سوم)
 ياخشى باھا:   7 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   9  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 102
 سائەت
دەرىجىسى:
102 سائەت 38 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-26
ئاخــىرقىسى:2011-05-09
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-30

ئــــــــــــەزا چــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــەكلەنـــدى!!!
 
tiwep
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.34992

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   180 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1588 (سوم)
 ياخشى باھا:   112 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   118  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3598
 سائەت
دەرىجىسى:
3598 سائەت 172 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-23
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-30

  大 +بازا=دابازا #d/T7c#  
  大+موللام=داموللام

 
دىنىمنىڭ ئۇستۇنلىكى  -مىنىڭ شان-شەرپىم
coolbala
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12072

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   211 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6989 (سوم)
 ياخشى باھا:   286 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   365  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 3862
 سائەت
دەرىجىسى:
3862 سائەت 188 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-29
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-30

شەك شۇبھىسىزكى ئۇلۇغ ئىستىداتلىق ئالىم ، چەلپەكچى موللىلار ۋە رەزىل ھاكىمىيەتنىڭ دۈشمىنى، كۆزگە قادالغان مىخ ...لېكىن  ئۇ يىراقنى كۆرەر سىياسىئون ئەمەس .ئەپسۇس ، ... ،شېۋىتلەر جاھاندىن بىخەۋەر ،ئۇخلاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا مەيلى دىن تارقىتىش سەۋەبىدىن بولسۇن ،ياۋرۇپانىڭ بىرقىسىم ئىلغار مەرىپەتلىرىنى ئېلىپ كىردى ، لېكىن ئەينى دەۋردىكى رەزىل ھاكىمىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ پەن مائارىپ جەھەتتە تەرەققىي قىلىشىنى ،كۆزىنىڭ ئېچىلىپ كېتىشىنى خالىمايتتى  ،ھەرۋاقىت ئۇيغۇر ئىچىدىكى مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەرنى كۆزدىن يوقتىشنى ئويلايتتى ،ئەمما شېۋىتلەر بولسا خەلقئارا جەمىيەتنىڭ شىنجاڭدىكى كۆزى ئىدى ،ئەگەر ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى مەرىپەتپەرۋەر كىشىلەرنى يوقاتسا ، ئىلىم -مەرىپەتكە قارشى ،مائارىپقا قارشى تۇرغان بولاتتى ،شۇڭا بۇ ھىلىمىكىرلىك ئەبلەخلەر ئۆزىنىڭ قولى بىلەن باپلاش ھىلىسىنى ئىشلىتىپ ،ئالدى بىلەن ئابدىقادىر داموللىدەك ھۆرمەتكە سازاۋەر دىنىي ئۆلىمالارنىڭ  شىۋىتلارغا قارشى جامائەت پىكرىدىن پايدىلىنىپ،شىۋىتلەرنى قوغلىدى،ۋە خەلقئارا جەمىيەتكە <يەرلىك خەلق ئۇلارنى قارشى ئالمايدۇ ، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن ئۈچۈن بۇنى توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز> دەپ ۋەز ئېيتتى . شېۋىتلەر كەتكەندىن كېيىن خەلقئارانىڭ شىنجاڭدىكى كۆزى پۈتۈنلەي ئېتىۋىتىلدى ،ئاندىن پۇلغا سېتىلغان مۇناپىقلاردىن پايدىلىنىپ ،كۆزى ئوچۇق زىيالىيلارنى  زور دەرىجىدە يوشۇرۇن قەتلى قىلىشقا باشلىدى ...... 7wPI)]$  
ئۇيغۇلار ئىچىدە شۇ چاغدا ئۆلۈپ كەتكەن ،قان يۇتقان زىيالىيلارنىڭ قان قەرزى تېخى ھىساب كۈتمەكتە ...ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەن ياڭ زېنشىن ،شىڭ شىسەي دىگەن ئەبلەخلەر خەلقئارا سوت مەيدانىغا چىقمىدى ،دارغا ئېسىلغىنى يوق. ..بەزىلەر نۇمۇس قىلماي بۇ جىنايەتچىلەرنى ئاقلىماقتا ..مەن يەھۇدىيلارنىڭ مىللەتنى سۆيۈش روھىغا ئاپىرىن ئوقۇيمەن . ئۇلار تا بۈگۈنگىچە 2- دۇنيا ئۇرۇشىدا يەھۇدىيلارنى قىرغان ،توردىن چۈشۈپ قالغان قاتىل كاتىۋاشلارنى  ئىز قوغلاپ دۇنيانىڭ بۇلۇڭ پۇشقاقلىرىدىن سۆرەپ چىقىپ جازا ئىجرا قىلىۋاتىدۇ ... .تارىخنىڭ مىڭ يىلدىن كېيىنمۇ سورىقى بار ....
 
مېنىڭ ئەڭ زور خۇشاللىقىم تەڭرىم ۋە گىتارىمدا............
larzan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6404

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   2746 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   37551 (سوم)
 ياخشى باھا:   954 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   275  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 6472
 سائەت
دەرىجىسى:
6472 سائەت 178 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-15
ئاخــىرقىسى:2011-11-02
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 04-30
11-قەۋەت (coolbala) نىڭ يازمىسىغا

نادىر ئىنكاس،دىگەنلىرىڭىزنىڭ بەكمۇ ئۇرۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم.
 
بۇ ھاياتىنىڭ يۇلى ئېگىز -پەس،
مەڭگۇ بەردەم- تىك تۇرماقمۇ تەس،
چىن ئنسانغا غۇرۇر مۇقەددەس،
مىزانى شۇ ئادىمىيلىكنىڭ............
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى