1. سىز شىۋىت دىن تارقاتقۇچىلىرنىڭ كەلتۈرگەن زىيىنى مۆلچەرلىگۈسىز دەپسىز قانداق بىلدىڭىز؟ نېمىشقا مۆلچەرلىيەلمەيسىز؟
:`>tCYy; 2. قەشقەردە ئەسينى چاغدا نەشىر قىلىنغان كىتابلارنى سىز سىتاتىستىكا قىلىپ باققانمۇ؟ قانچە پىرسەتنى خىرىستىيان دىنىغا دائىر قانچە پىرسەنتى ئىلىم، مائارىپقا ئائىت؟
kt kS$ 3. سىزچە جاۋاپكار دىن تارقاتقۇچىلارمۇ ياكى دىن تارقاتقۇچىلارنى چىگرىدىن كىرگۈزگەن، باشقۇرمىغان، چەكلىمىگەنلەردىمۇ؟ دوتەيگە چېقىلسا باش كېتىدۇ، شۇڭا ئىشەكتىن ئالالمىغان دەرتنى توقۇمىغا دۆڭگەش توغرىمۇ؟
Y6T{/
! 4. دىننى ماشىنا تارقىتامدۇ ئادەممۇ؟ شىۋىتلار دىن تاقىتىش ئۈچۈن، مەكتەپ، دوختۇرخانا سالغان، ئەينى چاغدا يەرلىك ئۇيغۇرلار باج تۆلەپ سەمرىتكەن ھۆكۈمەت نېمە سالغان؟ قايسىغا نارازى بولۇش ئەقىلگە بەكرەك ئۇيغۇن؟ شۇ چاغدا مادوتەي، ئانارخان پاجىيەسى دەپ ئاتىلىدىغان پاجىيەنى پەيدا قىلغان، بۇ پاجىيە نېمىشقا قارشىلىققا دۇچ كەلمەي، ۋاستىلىق زىددىيەت بىۋاستە زىىدىيەتكە ئايلىنىپ قالدى؟ نېمىشقا ئۆلىمالار ئاساسلىق زىددىيەتنى، خەۋپنى كۆرمەسكە سېلىپ قوشۇمچە زىددىيەتنى خەلققە جان ئالغۇچى قىلىپ تەشۋىق قىلىدۇ؟ سىزچە شۇ چاغدا ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە خىرىسىتىيان مىسسيونىلىرىغا قارشى تۇرۇشمىدى؟ ئۇنداقتا نېمىشقا ئانارخان پاجىيەسى كېلىپ چىقتى؟ خەق كىتاب باسسا چەكلەيمىز، ئۇيغۇر قىزىنىڭ نومۇسى خورلانسا مەيلىمىدى؟
^Rtxef 5. ئابدۇقادىر دومۇللامنى قەستلەپ ئۆلتۈرگىنى دوتەينىڭ قول چومىقى، "مۇسۇلمان" ئەمەت مەزىن ئەمەسمىدى؟
@yj~5Gf(j سىزگە بىر ئىشنى سۆزلەپ بېرەي. مەلۇم مەكتەپتىكى بالىلار بىر غەرپلىكتىن ئېنگىلىزچە ئۆگىنىپتۇ، ئۇزاققا قالماي، بۇ مۇئەللىمنىڭ ئەسلى "دىن تارقاتقۇچى" ئىكەنلىكى پاش قىلىنىپتۇ. نەتىجىدە ئوقۇغۇچىلار تېگىنى سۈرۈشتۈرمەيلا ئۆگىنىشنى توختۇتۇپتۇ. ھازىرمۇ ئىنگىلىزچە بىلىدىغان بالىلار ۋەتەندە "خىرىسىتىيان"،"غەرپپەرەس" دېگەن قالپاقلارنى كېيىپ يۈرىشىدۇ. مەن قېرىنداشلارنىڭ نېمىشقا ئىماننى تون قىلىپ ياشاش بىلەن ئىماننى جان بىلىپ ياشاشنى ئارىلاشتۇرۇپ قويىدىغانلىقىغا ھەيرانمەن.
&Xc=PQ:I 4|4 *rhwp سىزنىڭ ئەستايىدىللىقىڭىزدىن كۆپ مەمنۇن بولدۇم. بۇ جاۋابنى سىزنىڭ سەمىمىيىتىڭىز ۋە ئەستايىدىللىقىڭىزنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن يازدىم. مەن سۇئاللىرىمنىڭ جاۋابىنى بىلەتتىم، لېكىن بۇ ھەقتە سىز بىلەن تالىشىشنى خالىمايمەن. ياررىڭ دەپ لاتىنچە كىرگۈزسىڭىز، شىۋىت باسمىخانىسى باسقان، گېزىت، دەرسلىك، لۇغەت، ئىملا قائىدىسى، خەرىتە، ھەپتىيەك ۋە پۇللارنى كۆرەلەيسىز. ئادىللىق ئاللاھ بىزدىن تەلەپ قىلغان مۇسۇلمانلىق سۈپەتلىرىمىزدۇر. شىۋىت باسمىغانىسىنىڭ باسقان خىرىستىيانلىققا ئائىت كىتابلار 10%، قالغىنى سىز بىزگە ئائىت كىتابلار. مەنچە سىز شۇلار باسقان كىتابلارنىڭ پەقەت بولمىغاندا مۇندەرىجىسىنى ئوقۇپ بېقىڭ. ئەسئەت مۇئەللىمنىڭ كىتابىدا بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىلگەن، ئۇ كىتابلارنى خەق سايىلاپ تورغا ھەقسز قويۇپ قويدى، خەقنى تىللاشقا ئاساس تېپىش ئۈچۈن بولسىمۇ ئوقۇپ باقايلى. ئۇلارنىڭ توپلغانلىرى غەزىنە، باسقانلىرى بايلىق(ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلىنغان ئون پىرسەنت خىرىستىيانلىققا دائىر كىتابمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، چۈنكى ئىنگىلىز تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغان قىلىنىدىغان تەرجىمنىڭ قېلىپ ۋە ئۈلگىلىرىنى تەتقىق قىلىشتا بۇ تېپىلغۇسىز ماتىرىيال). 1900-1938 يىللاردىكى ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ۋە ئۇيغۇر مائارىپىنى شۇ ماتىرىياللارسىز بىلىشكە بىز قادىر ئەمەس. شىۋىتلار توپلاپ ئېلىپ كەتكەن قول يازمىلىرىمىزمۇ ھەقسىز تورغا قويۇلدى. ئويلاپ بېقىڭ، شۇلار بىزدە قالغان بولسا مەدەنىيەت ئىنقىلابى ۋە شۇ تىپتىكى ھەركەتلەردە تەقدىرى نېمە بولار ئېدى؟
O`I}Lg]~q مەسىلىگە ئىسلام نوقتىسىدىن باھا بەردىم دەيسىز بىر قەۋمنىڭ تاللىغان ئەركىگە ئۇنداق مۇنداق دېيىشنى دىنىمىز بويرىغانمۇ؟ خەققە بەھا بەرگەندە مەلۇم مەتبۇئاتنىڭ دېگىنى بويىچە باھا بېرىشىنى دىنىمىز بۇيرىغانمۇ؟ ئادالەتسىزلىكنى قوللاشنى، مۇستەبىتلىكنى ياقىلاشنى، تەرەپپبازلىقنى دىنىمىز بۇيرىغانمۇ؟
%
سىزگە دېگەن ھېلىقى ئىش مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن، كېيىن باشقىلارنىڭ بېشىدىن ئۆتكەنگە گۇۋاھ بولدۇم. ئۈرۈمچىدە مەن بۇنداق خىرىستىيان دەپ سېسىتىشنىڭ كەينىگە قانداق نومۇسسزىلىق يوشۇنغانلىقىدىن خەۋىرىم بار. مېنىمۇ شۇنداق دېگەن، ھەم دەۋاتىدۇ. كاللىمىزغا خىرىستىيان دۈشمەنلىكى، غەرپ دۈشمەنلىكى سىستېمىلىق سىڭدى ۋە تېخىمۇ سىڭمەكتە. بۇ بىزنىڭ شەخسكە ۋە دۇنياغا باھا بېرىشىمىزنىڭ ئاساسىغا ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. 1!yd(p=cL
ئۇكام دۇنيادىكى ئىنسانلار بىر بىرىگە شۇ قەدەر ئوخشايدۇكى، ئاللاھنىڭ كارامەتلىرىدىن تاڭ قالىسىز. سىز دۈشمەن دەۋاتقان شۇ كىشىلەر بىلەن، تۈزۈم بىلەن ۋە ئىددىيە بىلەن ئۇچراشسىڭىز، چۈشەنسىڭىز ئۇنچىۋالا ۋەھىمىگە چۈشكىنىڭىزگە كۈلۈپ كېتىسىز. سىزنىڭ ۋە بىزنىڭ قۇرۇق قېلىۋاتقىنىمىز شۇلار بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىش پۇرسىتى. بۇنىڭ نىسىپ بولۇشى تەس ئوخشايدۇ. بۇنداق خەقنىڭ كۆزى، كۆزەينىكى بىلەن دۇنيانى كۆزىتىش بىزنىڭ كۆزىمىزنى كاردىن چىقىرىۋاتىدۇ. RN}joKV
يۇقارقىلار مەلۇم تور بەتتىكى مۇشۇ مەزمۇن ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان مۇنازىرىدىكى ئىنكاس ئىدى ،كۆچۈرىۋالغان ،،،،، .gif)