مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       5933 
  •    ئىنكاس 
       148 

چىڭگىزخان  قەھرىمان  ئەمەس

قەۋەت ئاتلاش
maykol0998
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7870

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   161 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6118 (سوم)
 ياخشى باھا:   265 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   358  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2076
 سائەت
دەرىجىسى:
2076 سائەت 14 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-25
ئاخــىرقىسى:2011-10-11
— بۇ تېمىنى ئارقۇ دۇنيادىكى ئىشلار دىن بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدى (2011-10-05) —

ئالدىنقى ھەپتە(17-چىسلا) مۇنبەرگە (ئانا ۋە چىڭگىزخان) ناملىق ئەسەر يوللانغان ئىدى.(تورداش لېمجىن يوللىغانغۇ دەيمەن) مەن ئۇ ئەسەرگە قارىتا (چىڭگىزخاننىڭ تۆھپىسىدىن گۇناھى كۆپ ) دەپ ئىنكاس يازسام ، بەزى تورداشلار  مۇشۇ توغۇرلۇق تەپسىلى توختىلىشىمنى تەۋسىيە قىلغان ئىدى. نەچچە كۇندىن بۇيان ئالدىراش بولۇپ قېلىپ ، بۇ توغۇرلۇق بىر نىمە يازالمىدىم . بۈگۈن ئاران پۇرسات چىقىپتۇ ،شۇڭا بىر ھەپتە ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ،ئۆزەمنىڭ بىلگەنلىرىنى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم . چىڭگىزخانغا قىزىقىدىغان، ئۇ ئادەمگە چوقۇنىدىغانلار كۆرۈپ باقارسىلەر .   8t--#sDy{0  
       چىڭگىزخاننىڭ تەرجىمىھالىنى يازمىساممۇ بۇلار ، چۇنكى ھەممىڭلار بىلىسىلەر بەلكىم .(ئۇنىڭ كىنوسىنى كۆرمىگەن ئادەم يوققۇ دەيمەن) مەن بۇ يەردە چىڭگىزخانغا باشقا بىر نۇقتىدىن باھا بەرمەكچى... 1wU=WE(kKZ  
    1.  چىڭگىزخان ھاياتىدا بىر ئۆمۈر جەڭ قىلىپ ئۆتكەن ئادەم . بۇ ئادەم ئىگىلىگەن زىمىن ، تارىختىكى ھەر قانداق بىر ھۆكۈمدار ئىگىلىگەن زىمىندىن كۆپ . ھاياتىدا يۈز دىن ئارتۇق شەھەر، قەبىلە، پادىشاھلارنى يوقاتقان . بىر ئاڭلىماققا بۇ ئادەم ئاجايىپ باتۇر، ئۇلۇغ زات دەك بىلىنىدۇ. ئەمىلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى بۇ ئادەم ، ئالىكساندىر ماكىدونىسكى(ئىسكەندەر زۇلقەرنەئىن)دەك، جاھانغا ئىلىم تارقىتىش ئۈچۈن، ياكى ناپالىون، گېتلېردەك جاھاننى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ، دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن جەڭ قىلغان ئەمەس. بەلكى قوي -كالا، ئات- تۆگە دېگەندەك مال- چارۋا، بايلىق ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ھارماي جەڭ قىلغان . ئۇ بارغانلىكى جايدا قورامىغا يەتكەن ئەرلەرنى تولۇق قىرۋەتكەن.(شۇنداق بولغاچقا ، چىڭگىزخاننىڭ ھاياتىدا ئۇنىڭغا قارشى چىقىدىغان دۈشمىنى بولمىغان.) ئاياللار-بالىلارنى قۇل ئورنىدا مۇڭغۇل قوشۇنلىرىغا تارتۇق قىلىپ، تەقسىملەپ بەرگەن . ئۇ ھايات قالغان ، يات قەبىلىدىكى بىرەر ئەرنىمۇ ،كەلگۈسىدە ئۆزى ئۈچۈن كۈچلۈك دۈشمەن دەپ ھېسابلىغان. شۇڭا بارغانلىكى يېرىدە ئەرلەرنى تولۇق قىرۋەتكەن.(بەزى كىچىك قەبىلىلەردە ئەر-ئايال، چوڭ-كىچىك، دەپ ئايرىپ ئولتۇرمىغان.) ئۇنىڭ بۇ سىياسىتى ، تاكى ئۇ ئۆلگۈچە ئۆزگەرمىگەن . ئۇ ئۆمىرىدە يۈز دىن ئارتۇق شەھەر، رايۇن، قەبىلىلەر بىلەن جەڭ قىلغان. لىكىن بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرەرسىمۇ، چىڭگىزخانغا ئاۋال جەڭ باشلىمىغان. (چىڭگىزخان ئۆزىنى قاخان ئاتاشتىن بۇرۇن، ھوقۇق تالىشىپ ئۆز قەبىلىلىرى ئىچىدە قىلغان كىچىك ئۇرۇشلار بۇنىڭ سىرتىدا) ھەممىسىگە چىڭگىزخان، تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش ۋاستىسىنى قوللىنىپ، ئۆزى ئاۋال جەڭ باشلىغان. نۇرغۇن كىچىك قەبىلە، شەھەرلەردە بىرمۇ ئادەمنى ھايات قويماي ، تولۇق قىرۋېتىپ مال-دۇنيا بۇلىغان. بۇنداق خارابىلىققا ئايلىنىپ قالغان قەدىمى  شەھەرلەر ، بىزنىڭ شىنجاڭدىمۇ كۆپ . يوقۇلۇپ كەتكەنلىرى قانچىلىك، باشقا مىللەت ، رايۇنلاردا قانچىلىك.. . بۇ توغۇرلۇق ، ئېنىق سانلىق مەلۇماتلار يوق. تارىخى كىتابلاردا بەزى شەھەرلەرنىڭ، تۇيۇقسىزلا ئادەمسىز خارابىلىققا ئايلىنىپ قالغانلىقى توغۇرسىدىكى مەلۇماتلار كۆپ ئۇچىرايدۇ. يېقىندا مۇڭغۇلىيەدىكى قەدىمكى ئۇيغۇرلار قۇرغان ، قەدىمى شەھەر خارابىسى بايقالدى.(بۇ خەۋەر توردىمۇ ئېلان قىلىندى. تورداشلار كۆرگەن بۇلىشى مۇمكىن.) مۇشۇ خارابىلىققا ئايلانغان شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى، ئاشۇ چىڭگىزخاننىڭ بىزگە قالدۇرغان يالدامىسى. چىڭگىزخان ھاياتىدا مال-دۇنيا بۇلاش ئۈچۈنلا جەڭ قىلغان، ھەم كەلگۈسىدە دۈشمىنى بولماسلىق ئۈچۈن ،بارغانلىكى يېرىدە ئادەملەرنى ئۆلتۈرۋەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا بىرەر ئۇلۇغ غايە-نىشان ئۈچۈن جەڭ قىلىپ ، ئادەم ئۆلتۈرگەن ئەمەس. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندا ئۇ ھەرگىزمۇ، ھۆرمەتلەپ چوقۇنغۇدەك باھادىر قەھرىمان ياكى بىر ئۇلۇغ زات ئەمەس. nxf {PbHk  
2. مەدېنىيەت نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ، بۇ ئادەم مەدېنىيەت  ياراتقۇچى ، تارقاتقۇچى ياكى بىر مەدېنىيەت قوغدىغۇچى ئەمەس. بەلكى ئەكسىچە مەدېنىيەت يوقاتقۇچى. چىڭگىزخان ھۆكۈم سۈرگەن دەۋېرلەر، ئەرەپ ۋە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى چارۋىچى ۋە يېرىم چارۋىچى يېرىم دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، كۆچمەن ۋە مۇقىم ئولتۇراقلاشقان رايۇنلاردىكى ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدا مەدېنىيەت  تازا گۈللەنگەن ۋەياكى گۈللىنىۋاتقان دەۋېر ئىدى.جۈملىدىن بىزمۇ شۇنداق ئىدۇق.(مەھمۇت قەشغەرى، نەۋائى، فارابى......قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى گۈللەنگەن ئەرەب-پارىس مەدېنىيىتىنىڭ تەسىرىدەبارلىققا كىلىپ، بىزگە ۋە باشقىلارغا مەدېنىيەت جەھەتتە زور تەسىر كۆرسەتكەن.) مۇشۇ مەدېنىيەتلەر ھەم شۇ مەدېنىيەت رايۇنلىرى، مۇشۇ چىڭگىزخاننىڭ سەۋەبىدىن ئۆچتى ھەم يوقالدى. ئەينى ۋاقىتتا ئەرەبلەر مەدېنىيەت جەھەتتە دۇنيانىڭ باشلامچىسى ئىدى. ئەرەب رايۇنىدىكى دۆلەتلەر  مەدېنىيەت بۆشۈكى ھەم ئەدىب-ئۆلىما ، پەيلاسوپلار يىغىلغان مەدېنىيەت مەركىزى ئىدى. چىڭگىزخان ئۇ يەرلەرگە تاجاۋۇز قىلىپ بېرىپ، ھەممە نەرسىنى يوق قىلدى. ئېلىپ كەتكىلى بولىدىغان بايلىق ھېسابلىنىدىغانلىكى  نەرسىنىڭ ھەممىنى ئېلىپ كەتتى. ئوخشاشلا ئاۋام-پۇخرالارنى قىرغىن قىلدى.(تارىخى خاتىرىلەردە خاتىرلىنىشىچە، ئەينى ۋاقىتتا چىڭگىزخاننىڭ قوشۇنى خارازىم، ئوترار ۋە باشقا شەھەرلەرنى ئگىلەپ بولغاندىن كىيىن، قىرىق نەچچە كۈن توختىماي خەلىقنى قىرغان.) بۇ جەرياندا قانچىلىك ئىلىم ئەھلى زاتلارنىڭ ئۆلگەنلىكى، قانچىلىك مەدېنىيەتنىڭ بۇزۇلغان، يوقالغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئۇ ئۆلتۈرۋەتكەن بىگۇناھ ئاۋام پۇخرانىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلىشمۇ ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. شۇنىڭدىن كىيىن تارىختا گۈللەنگەن ئەرەب ۋە باشقا مەدېنىيەتلەر تامامەن ئۆچتى ۋە بەزىلىرى يوقالدى. ھەتتا ئەرەبلەر ۋە بەزى رايۇن مەدېنىيىتى تا ھازىرغىچە ئەسلىگە كەلگىنى يوق. مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندىمۇ، چىڭگىزخان ھۆرمەتلەشكە تېگىشلىك قەھرىمان، ئۇلۇغ زات ئەمەس. ئەكسىچە ئىنسانىيەت مەدېنىيىتى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ جاللات دۈشمىنى .   Sn+F V+D  
      3 .  چىڭگىزخاننىڭ بىر ئادئىمىيلىك ، ئىنسانىيلىق نۇقتىسىدىن قارىغاندىمۇ، بۇ ئادەمنىڭ ھۆرمەتلەشكە تېگىشلىك، ياكى ئادەم قايىل بولغۇدەك بىرەر ئەخلاق - پەزىلىتى يوق. چىڭگىزخان ئىنتايىن گۇمانخور، ھېچكىمگە ئىشەنمەيدىغان ئادەم بۇلۇپ، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئەتىراپىدىكى ئەڭ سادىق، ئەڭ رېقىن ئادەملىرىگىمۇ شۇنداق. ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا، ئۇ ھازىرقى جۇڭگۇنىڭ جەنۇبىدىكى شەھەرلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەرنىڭ ئالتۇن ،يىپەك ۋە قول ھۈنەر بۇيۇملىرىنى ئىگەللەشنى ئويلاپ، ئوغۇللىرى ۋە نەۋىرىلىرىگە ، قول ئاستىدىكى قوشۇنلىرىدىن ياردەمگە قوشۇن چىقىرىشقا پەرمان چۈشىرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تەڭرى تاغ ئەتىراپىدىكى يايلاقلارنى بۆلۈپ بەرگەن چوڭ ئوغلى(جۇچى) ئاغىرىپ قالغانلىقى سەۋەبلىك، قوشۇن باشلاپ ياردەمگە بارالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئاتىسى چىڭگىزخانغا خەۋەر ئەۋەتىدۇ. لىكىن چىڭگىزخان بۇنىڭغا ئىشەنمەي، ئوغلىنى ئۆزىگە قارشى چىقىپ ھاكىمىيەتنى تارتىۋالماقچى دەپ ئويلاپ، جەنۇبتىكى جەڭدىن ۋاز كېچىپ، ئوغلىنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ئۆزى قۇشۇن باشلاپ كېلىدۇ.(بۇ ۋەقەلىك كىنوسىدىمۇ چىقىدۇ.) ئۇ ئۆزىنىڭ پەرمانىغا بويسۇنمىغان، ياكى باشقىچە پىكىردە بولغان ھەر قانداق ئادەمنى ، دۈشمىنىم دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇ ئەرەب دۆۋلەتلىرىگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن قۇشۇن باشلاپ ماڭغاندا، قۇشۇننىڭ يۇرۇش سۈرئىتىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن،( قۇشۇندىكىلەرنىڭ جەڭ غەلبە قىلىشتىن بۇرۇن توي قىلىش، توي قىلغانلارنىڭ بالىلىق بۇلىشى قەتئىي چەكلىنىدۇ. پەرمانغا بويسۇنماي ، خىلاپلىق قىلغۇچىلار بايقالسا بىردەك كاللىسى ئېلىنىدۇ.) دەپ پەرمان چىقارغان. ئىككى يىل ئۆتكەندىن كىيىن (بۇ چاغدا قۇشۇن ئەرەب رايۇنىغا يېقىنلاپ قالغان ئىدى. خاتىرلىنىشىچە چىڭگىزخان قوشۇنى ئۈچ يىلدىن كۆپىرەك ۋاقىتتا يىتىپ بارغان) ئۇنىڭ داڭلىق كەشتىچىسى(بۇ ئايال ئەسلى جەنۇبتىكى بىر جەڭدە ئولجا ئېلىنغان ئايال بولۇپ، كەشتىچىلىك ھۈنىرى ياخشى بولغاچقا ئۇنى ئۆلتۈرمەي، يايلاققا ئېلىپ كەلگەن. كىيىن بۇ ئايال بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت سەرىب قىلىپ،غايەت چوڭ بىر ئەجدېھا سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن بايراقنى كەشتىلەپ چىققان. ھەم ئۇ بايراقنى چىڭگىزخاننىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ سىموۋۇلى سۈپىتىدە، چىڭگىزخانغا سوۋغا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن چىڭگىزخان بۇ قۇلغا ئلتىپات كۆرسىتىپ، باشقا قۇللاردەك تېزەك تېرىپ، كالا ساغمىسىمۇ بۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.) نىڭ بىر بالا تۇغقانلىقى توغۇرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلاپ قالىدۇ. ھەم دەرھال قوشۇننى يۈرۈشتىن توختىتىپ، بۇ ئىشنى سۈرۈشتۈرۈپ ئېنىقلايدۇ. نەتىجىدە بالىنىڭ دادىسىنىڭ ، ئۆزىنىڭ سادىق، باتۇر سەركەردىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇ سەركەردىنىڭ نەچچە ئاي بۇرۇنقى بىر كىچىك جەڭدە يارلىنىپ ،ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى بىلىدۇ. لىكىن شۇنداقتىمۇ چىڭگىزخان كاللىسىنى ئېلىش پەرمانىنى ئىجرا قىلىشنى بۇيرۇيدۇ. ئەتىراپىدىكى باشقىلار ، تىزلىنىپ يالۋۇرۇپ، ئۆزىگە بىر ئۆمۈر ئەگەشكەن ئاشۇ سادىق، باتۇر سەركەردىسىنىڭ ھەم بۇ كەشتىچى قۇلنىڭ، چىڭگىزخان ھاكىمىيىتىنىڭ سىمۇۋۇلى بولغان، ئەجدېھا نەقىشلىك بايراقنى كەشتىلەپ بەرگەنلىكىنىڭ يۈز خاتىرىسىنى قىلىپ، بۇ ئانا-بالىنىڭ  جېنىدىن كىچىشنى ئۆتىنىدۇ. چىڭگىزخان ئەتىراپىدىكىلەرنىڭ تەلىپىنى رەت قىلالماي، پەرمانىنى ئۆزگەرتىپ،ئۇ ئايالغا شاپائەت قىلىپ، تېنىنى پۈتۈن قالدۇرىدىغانلىقىنى،لىكىن پەرمانغا بويسۇنمىغانلىقى ئۈچۈن چۇقۇم ئۆلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ، ئۇ ئايالنى ، بىر تەرىپىگە تاش باغلانغان ئارغامچىنى ، تۆگىنىڭ دۈمبىسىدىن ئۆتكۈزۈپ،يەنە بىر تەرىپىنى ئۇ ئايالنىڭ بوينىغا سىرتماق قىلىپ سېلىپ، تۆگىنى ئۆرە تۇرغۇزۇپ قۇيۇپ ئېسىپ ئۆلتۈرگۈزۋېتىدۇ.ئۇنىڭ بالىسىنى تىرىك كۆمدۈرۋېتىدۇ. مانا بۇ  چىڭگىزخاننىڭ  باشقىلارغا قىلغان ئاتالمىش چوڭ شاپائىتى....   jaL$LJV  
ئالدىنقى ھەپتە مۇشۇ مۇنبەرگە يوللانغان(ئانا ۋە چىڭگىزخان) ناملىق ئەسەردىمۇ شۇنداق. ئۇنىڭدا بىر ئانا ، چىڭگىزخاننىڭ قورامىغا يەتكەن ئەرلەرنى قىرىش پەرمانىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن، چىڭگىزخانغا يالۋۇرۇپ، يالغۇز نەۋرىسىنىڭ جېنىدىن كىچىشنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۆلۈشكە رازى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. چىڭگىزخان ئۆزىنى مېھرىبان، شاپائەتچى كۆرسىتىش ئۈچۈن، بۇ ئفنخنخڭ تەلىپىگە قوشۇلىدىغانلىقى، لىكىن بۇ ئانىنى ئۆلتۈرمەي پەقەت تىلىنى كېسىپ، كۆزىنى ئۇيىۋالسىلا بۇلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. )   d~vTD| Et  
      ئويلاپ بېقىڭلار ، بىر ئانىنى ئۆلتۈرمەي تىلىنى كېسىپ، كۆزىنى ئۇيىۋالسا....... كاللىسىنى ئالماي، تۆگىگە ئېسىپ بوغۇپ ئۆلتۈرسە، بۇ شۇ ئادەمگە مېھرىبانلىق، رەھىم-شەپقەت قىلغانلىق بۇلامدۇ؟....   v hR twi  
      چىڭگىزخان ھۆكۈم سۈرگەن مەزگىللەردە ھەرخىل ئۇسۇللاردا ئادەم ئۆلتۈرۈپ سىناپ باققان. مەسىلەن:  ئادەمنىڭ پۇت-قوللىرىنى تۆت ئاتقا باغلاپ تۆت تەرەپكە تارتقۇزۇپ پارچىلاش، كالا تېرىسىگە يۆگەپ تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈش، تۆگىگە ئېسىپ ئۆلتۈرۈش، ئاتقا سۆرىتىش يەنە چاناش، بۇغىزلاش، تىرىك كۆمۈش ، ئوتتا كۆيدۈرۈش، قايناۋاتقان مايغا سېلىپ ئۆلتۈرۈش، مىخ قېقىپ ئۆلتۈرۈش.......دېگەندەك . مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىدىن بۇ ئادەمنىڭ قانچىلىك قانخور ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەس. بۇ ئادەمگە ئەرەبلەر ئەڭ ئۆچ . چۈنكى ئەرەبلەرنىڭ مەدېنىيىتىنى ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىنى، چىڭگىزخان قوشۇنى يوقاتقان . بۇنىڭ ئىچىدە دۇنياغا داڭلىق ئۆسۈملۈكشۇناس، يازغۇچى، شائىر ھەم پەيلاسوپ، نۇرغۇن دورا ئۆسۈملۈكلىرى، خۇشپىراق ماتىرياللارنى بايقىغۇچى ھەم ئەمبەر، ئەتتىر ......قاتارلىق نۇرغۇن خۇشپىراق مەھسۇلاتلارنىڭ ئىجاتچىسى بولغان( ئەتتار  ) مۇ   بار .   J.*[gt%O|  
        (بۇ ئادەم ئەسلى خۇش پىراق دورا ماتىريالى ساتقۇچى بۇلۇپ، شۇ زامانلاردا ئەرەبلەرنىڭ خۇش پىراق دورا ماتىرياللىرى داڭلىق ئىدى. كىيىن بۇ ئادەم 15 يىل ۋاقىت سەرىب قىلىپ، تاغ-ئېدىر، چۆل-جەزىرىلەرنى كېزىپ يۇرۇپ نۇرغۇن يېڭى خۇشپىراق ئۆسۈملۈكلەر ۋە دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى بايقىغان ھەميىغىپ خاتىرلەپ، ئۇلاردىن يېڭى بىر خىل خۇشپىراق مەھسۇلاتلىرىنى ياساپ چىققان. ھەم نۇرغۇن شاگىرت تەربىيلەپ باشقىلارغا ئۆگەتكەن.  پۈتۈن ئەرەب رايۇنىدا ئۇنىڭ نامى چىققان. بىر كۈنى ئۇ دۇكىنىدا شاگىرتلىرى بىلەن ئادىراش ئىشلەۋاتقاندا، بىر قەلەندەر دەرۋىش ئۇنىڭ دۇكىنى ئالدىغا كىلىپ، ئازىراق سەدىقە بېرىشنى تەلەپ قىلغان. ئەتتار بەك ئالدىراش بولغاچقا گەپ قىلماي ئىشىنى قىلىۋەرگەن. لىكىن ئۇ ئادەتتە، كۈنىگە ئاز دېگەندىمۇ ئون نەچچە قەلەندەرگە سەدىقە بېرەتتىكەن. ئەزەلدىن قەلەندەرلەرنى قۇرۇق ماڭدۇرمايدىكەن.لىكىن ئۇ كۈنى ئۇ بەك ئالدىراش بولغاچقا ھەم يېزىۋاتقان خۇشپىراق مەھسۇلات ياساش توغۇرىسىدىكى كىتابىنى ئويلاۋاتقاچقا، ئۇ قەلەندەرگە دېققەت قىلمىغان. بىر ئازدىن كىيىن ئۇ قەلەندەر دۇكانغا كىرىپ، ئەتتارنىڭ ئالدىغا كىلىپ، سەن ئۆزەڭنىڭ قانداق ئۆلىدىغانلىقىڭنى بىلەمسەن؟ -  دەپ سورىغان. ئەتتار ھەيران بولغان ھالدا سەل ئويلىنىپ، سەن قانداق ئۆلسەڭ مەنمۇ شۇنداق ئۆلىمەن . - دەپ جاۋاب بەرگەن. ئۇ قەلەندەر خۇرجۇنىدىن تاماق يەيدىغان تۈمۈر قاچىسىنى چىقىرىپ، مەن مۇنداق ئۆلىمەن. قاراپ تۇر... دەپلا، تۈمۈر قاچا بىلەن ئۆزىنىڭ بېشىغا بىر نەچچىنى قاتتىق ئۇرغان، ھەم يىقىلىپ چۈشۈپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۆلۈپ قالغان. ئەتتار نىمە ئىش بۇلىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەي گاڭگىراپ تۇرۇپلا قالغان. دۇكان ئىچىگە ئادەملەر لىق توشۇپ كەتكەن. ھەممە ئادەم ھەيران قېلىشقان. شۇ ئىشتىن كىيىن ئەتتار، خېلى ئۇزۇن مەزگىلگىچە ئېسىنى يىغالماي، سەۋدائى بولۇپ قالغان. چۈنكى بىر قەلەندەرنىڭ بۇ ئىشى ئۇنىڭغا قاتتىق تەسىر قىلغان. كىيىن ئۇ دۇكىنىنى شاگىرتلىرىغا بېرىۋېتىپ، ئۆزى كىتاب-يازمىلىرىنى ئېلىپ، دەرۋىش بۇلۇپ كەتكەن. نۇرغۇن جايلارغا بارغان. جەمىئەتنى، ئىنسانلارنى كۆزەتكەن. ئەدەب-ئەخلاق، قانۇن-تۈزۈمنى تەتقىق قىلغان. بۇ جەرياندا نۇرغۇن شېئىر، پەلسەپە ئەسەرلىرىنى يازغان. ھەم تېخىمۇ نام چىقىرىپ ھەممە ئادەم ئۇنى تونۇپ كەتكەن. چىڭگىزخان قوشۇنى باستۇرۇپ كىلىپ، قىرغىن قىلغاندا ئۇنىمۇ ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا باشقىلار كۆرۈپ ، بۇ ئادەم بەك ئۇستا دورىگەر، يەنە نۇرغۇن ھۈنەر بىلىدۇ، ئۇنى ئۆلتۈرمەڭلار دەپ يالۋۇرۇپ ئۇنى قۇتقۇزۋالغان. (چىڭگىزخان قوشۇنى ھۈنەرۋەنلەرنى ئۆلتۈرمەي، يايلاققا ئېلىپ كىتىپ قۇل ھۈنەرۋەن قىلاتتى.) شۇنىڭ بىلەن ئۇنى ھۈنەرۋەنلەر بىلەن بىللە باغلاپ، يايلاققا قاراپ ھەيدەپ ماڭغان. شەھەر سىرتىغا چىققاندا بىر ئىلىم ئەھلى باي ئۇنى تونۇپ، مۇڭغۇل سەركەردېسىنىڭ ئالدىغا كىلىپ، (بۇ سەركەردە چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى قۇبىلاي ئىدى.) ئەتتارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، بۇ قۇلۇڭنى ماڭا سېتىپ بەر، ساڭا بەش يۈز ئالتۇن تەڭگە بېرەي دەيدۇ. قۇبىلاي بۇ قۇل تېخىمۇ كۆپ پۇلغا يارايدىغان قۇل ئوخشايدۇ دەپ، ئۇنى ساتماي ھەيدەپ كېتىدۇ. شەھەردىن چىققاندىن كىيىن، قۇبىلاي باشقا بىر مۇڭغۇل سەركەردە بىلەن كۆرۈشكەندە بۇ ئىشنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ، ئاۋۇ قۇلنى بەش يۈز ئاتۇن تەڭگىگە ساتمىدىم -دەيدۇ. ئۇ مۇڭغۇل سەركەردە قاتتىق كۈلۈپ، بەش يۈز ئالتۇن تەڭگىگە يارايدىغان قۇل بۇلامدۇ، يەنە كىلىپ مۇشۇ قەلەندەر سىياق قېرى...(بۇ چاغدا ئەتتار خېلىلا قېرىپ قالغان ئىدى.) ماڭا بەرسەڭ ئىككى تاغار سامانغا تېگىشمەيمەن - دەپ كۈلىدۇ. بۇ چاغدا ئەتتار قۇبىلايغا، ئۇنىڭ دېگىنى توغرا . مەن ئادەتتىكى بىر ئادەم . ئۇنداق كۆپ پۇلغا يارىمايمەن -دەيدۇ. قۇبىلاي قاتتىق ئاچچىقلىنىپ، قېلىچىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپلا ئەتتارنى چاناپ ئۆلتۈرۋېتىدۇ.  باشقىلار ئۇنىڭ خۇشپۇراق دورا-ماتىرياللار ياساش تېخنىكىسىنى،  ئۇ يازغان كىتابتىن كۆرۈپ ئۆگۈنۈپ ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا غەرب دۆلەتلىرىگە كەڭ تارقالغان. گېرمانىيەدە بەكرەك تەرەققى قىلغان. كىيىن ئۇرۇش پارتىلاپ يىنىك سانائەت ۋەيران بولوپ، ئۇرۇشتىن كىيىن فىرانسىيە ئەتتىر ياساش تېخنىكىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇپ، ھەرخىل پۇراخلىق ئەتتىرلەرنى ياساپ چىققان ھەم بۇ ساھەدە دۇنيانىڭ ئالدى بۇلۇپ، فىرانسىيەنىڭ ئەتتىرى دۇنياغا داڭلىق بۇلۇپ قالغان. ئەتتىر دىگەن بۇ نام تا ھازىرغىچە ئاشۇ ئەتتار نىڭ ئىسمى بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە........ گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ باتۇر قوشۇنلىرى، بىزگە ياكى باشقا بىرەر مىللەت، قەۋىمگە ۋە ياكى بىرەر ئاددى پۇخراغا ياخشىلىق قىلىپ ، مېھىر-شەپقەت قىلغان ياكى ئىنسانىيەت ئۈچۈن بىرەر ئۆچمەس ئۇلۇغ ياخشى قىلىپ بەرگەن ئەمەس. پەقەتلا بۇلاڭچىلىق قىلىش جەريانىدا باشقىلىرنىڭ كىيىن ئۆچ ئېلىشىدىن قورقۇپ، پۇخرالارنى قىرىۋېتىپ، شەھەر- رايۇنلارنى ئىگىسىز ھالغا ئەكىلىپ قويغان. بۇنىڭ بىلەن تەبىئيلا بىپايان زېمىن ئۇنىڭ ئىلىكىگە ئۆتۈپ قالغان. چىڭگىزخان ئۆلگەندىن كىيىن ، ئەۋلاتلىرى ئىچكى جەھەتتىن زىدىيەتلىشىپ بىر-بىرىنى قىرىپ تۈگەتكەن. ھايات قالغانلىرىنىڭ جاھان سورىغۇدەك ھالى قالمىغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ چوڭ زىمىننى مانجۇلار باشقۇۇرغان. تاكى 20- ئەسىرنىڭ باشلىرى دۇنيا ئۇرۇشى پارتىلاپ، چەتئەللىكلەر ئاستىرىتتىن ياردەم قىلىپ مانجۇ پادېشاھلىقىنى ئاغدۇرغانغا قەدەر 500 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت، بۇ چوڭ زىمىننى مانجۇلار باشقۇرۇپ بەرگەن. ھازىرقى يېڭى جۇڭگۇ ئاشۇ  چىڭگىزخان ئىگىلىۋالغان زىمىننى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغاچقا، چىڭگىزخاننى تۆھپىكار سۈپىتىدە مەدئىھلەپ، ئۇنى قامەتلىك ، باتۇر قىلىپ(ئەمىلىيەتتە چىڭگىزخان پاكار، يۇمىلاق يۈز، خام سېمىز ئادەم) (تارىخى كىتابلاردا شۇنداق خاتىرلەنگەن.) كىنوسىنى ئىشلەپ چىقتى. لىكىن بۇ ئادەم بىز ئۈچۈن ياكى باشقا بىرەر مىللەت ئۈچۈن تۆھپىكار، باتۇر قەھرىمان ئەمەس. بەلكى ئۇنى مىللىتىمىزنىڭ قانخور دۈشمىنى دېسەكمۇ ئارتۇق كەتمەيدۇ. چۈنكى چىڭگىزخان بىز ئۇيغۇرلارنىمۇ ئاز قىرمىغان. ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشقان. مەسىلەن: مۇڭغۇل يېزىقىنى ئىجاد قىلىپ بەرگەن ھەم ئۇلارغا ئۆگۈتۈپ، تەربىيلىگەن. ئۇيغۇر ھۈنەرۋەنلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن قېلىچ، نەيزە، پىچاق ھەتتا زەمبىرەك ياساپ بەرگەن. دۇنيادا يەر كۆلىمى جەھەتتە تەڭداشسىز ئوردا سېلىپ بەرگەن.(ھازىرقى بېيجىڭ تىيەن ئەنمېندىكى خان ئوردېسى شۇ.) ئۇيغۇر سەركەردىلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن جەڭ قىلىپ، جەنۇبتىكى چوپ شەھەرلەرنى ئېلىپ بەرگەن. .... لىكىن چىڭگىزخان بۇلار ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىشنىڭ ئورنىغا، داۋاملىق ئۇيغۇرلاردىن ئېغىر باج-سېلىق يىغقان. ھۈنەرۋەنلەرنىڭ بۇيۇملىرىنىمۇ بىرەر تەڭگە پۇل تۆلەپ ئالغان ئەمەس. نۇرغۇن ئۇيغۇر ئەرلەرنى ئەسكەرلىككە تۇتۇپ ئېلىپ كەتكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرەرسىنىڭ ھايات قايتىپ كەلگەنلىكى توغۇرلۇق بىرەر يازما خاتىرە ھازىرغىچە تېپىلغىنى يوق. نارازى بولغان، بىرەر ئېغىز گەپ ياندۇرغانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭمۇ سانى يوق. ھەتتا جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن يۇرتنى تاشلاپ كەتكەنلەرنىمۇ قوغلاپ يۈرۈپ قىرغان. (ھازىرقى تۈركىيەنىڭ ئاناتولىيەدىكى ئۇيغۇرلار شۇنىڭ ئىسپاتى.) تاكى قىزىل دېڭىزغا بارغۇچە ئۇيغۇرلارنى قوغلاپ قىرغان. بۇيىل ئەتىيازدا ئامىرىكىدىكى ئالىملار، ئامىرىكىنىڭ ئەسلى مىللىتى بولغان ھىندىئانلارنى، ئەينى چاغدىكى چىڭگىزخاننىڭ قىرغىنچىلىقىدىن قىچىپ كەلگەن ئۇيغۇرلار دەپ ئېلان قىلدى. (بۇ خەۋەر توردىمۇ ئېلان قىلىنغان . تورداشلار كۆرگەن بۇلىشى مۇمكىن.) جان ساقلاش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنچە يىراققا كەتكەنلىكىدىن، ئەينى چاغدىكى چىڭگىزخاننىڭ قىرغىنچىلىقىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بىلمەك تەس ئەمەس. ( مۇڭغۇللار سۇغا كىرمەيدىغان بولغاچقا، دېڭىزدىن ئۆتۈپ قوغلىمىغان. )(مۇڭغۇلنىڭ ئېتىنى سۇغۇرۇپ، پۇلىنى ئال - دېگەن تەمسىل بىكار تارقالمىغان.)   |K'Gw}fX/  
               ئاخىرىدا تورداشلارغا شۇنى دېمەكچىمەنكى، چىڭگىزخان بىز ئۈچۈن ياكى باشقا بىرەر مىللەت ئۈچۈن، باھادىر قەھرىمان ئەمەس. ئۇنى ھۆرمەتلەپ، ئۇنىڭغا چۇقۇنۇپ كېتىشنىڭ ھېچبىر ھاجىتى يوق.   .jLMl*6%:  
              يەنە شۇنىمۇ دېگىم كىلىۋاتىدۇ. باشقىلارنىڭ نەزىرىدىكى قەھرىمان ، بەلكىم بىزنىڭ ئەشەددى دۈشمىنىمىز بۇلىشى مۇمكىن...... شۇڭا كۆپچىلىككە ، باشقىلارنىڭ شۇئارىغا قارغۇلارچە ئەگەشمەي، ئاق-قارىنى ئېنىڭ ئايرىپ، ئويلىنىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.   YG-Z.{d5Z  
             چىڭگىزخان توغۇرلۇق بىلىدىغانلىرىم مۇشىنچىلىككەن... باشقا تورداشلارنىڭ باشقىچە كۆز قارىشى بولسا ئوتتۇرغا قۇيارسىلەر.... l7!U),x%/U  
مەنبە:  تۇرغۇنجان تۇرسۇن - جاھىل   HKq2Js  
T_(qN;_  
.vCY%0oE  

تېما تەستىقلىغۇچى : ئارقۇ
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-05, 23:54
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 2 پارچە مۇنبەر پۇلى +110
bzkm مۇنبەر پۇلى +10 10-09 كۆڭلىمىزدىكىدەك تىما ئىكەن
sapdil مۇنبەر پۇلى +100 10-06 -
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
قىزلانى چىرايلىق كۆرسىتىدغان نەرسە ھايا ۋە نۇمۇس!
kulewa
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.26141

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   36 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2164 (سوم)
 ياخشى باھا:   155 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   202  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 8
 سائەت
دەرىجىسى:
8 سائەت 12 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-13
ئاخــىرقىسى:2011-10-11
ئاپتورنىڭلا 148- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن 23:14

قولىڭىزغا راسلا  ...دەت كەلمىسۇن جۇما!!!!!
delkax613
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7972

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   100 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5510 (سوم)
 ياخشى باھا:   349 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   484  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 526
 سائەت
دەرىجىسى:
526 سائەت 14 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-26
ئاخــىرقىسى:2011-10-11
ئاپتورنىڭلا 147- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن 20:03
145قەۋەتتىكى(delkax613) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس قالدۇرۇش

مۇنبەردە سۆزسىز تىما يازىمەن دىيىش مومكىن ئەمەس قېرىندىشىم! بىزنىڭ مۇنبەرلەردە تارىخ ئاتسى ‹‹ھىرودوت›› بولسىمۇ گەپ كە قېلىشى ئېنىق !  بەك ئەتراپلىق سۆزسىز تىما يازمىز دىسەك مۇشۇنداق ئايقى چىقماس تالاش-تارتىشلارغا قەپ قالمىز! ..........
تېخمۇ نادىر تىمىلار ئەنئەنەبلوگىدا سىزنى كۈتىۋاتىدۇ: http://anana05.blogbus.com
جاھىل
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.55171

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   48 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1376 (سوم)
 ياخشى باھا:   138 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   150  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1366
 سائەت
دەرىجىسى:
1366 سائەت 154 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-09-07
ئاخــىرقىسى:2011-10-11
ئاپتورنىڭلا 146- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن 14:24

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار . مەن مۇشۇ ئەسەرنى چولتا پىكىر ، قاتمال كۆز قاراش ، يەنە نۇرغۇن سەلبىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ مۇنبەرگە يوللىنىپ قېلىپ ، بۈگۈنكىدەك تالاش - تارتىش ، جەڭگە- جېدەلگە سەۋەبچى بوپ قېلىشنى ئويلىماي  يېزىپ سالغان ( جاھىل ) بولىمەن . مەن بۇنى 2 ئاي بۇرۇن بىر دوستۇم بىلەن ، چىڭگىزخان توغۇرلۇق پاراڭلىشىپ قېلىشىم سەۋەبىدىن ، مىنىڭ ھەم شۇ دوستۇمنىڭ كۆز قاراشلىرىنى يىغىنچاقلاپ ، مۇشىنداق يېزىپ ئانا تۇپراق تورىغا  يوللىغان . بۇگۈنگە كەلگەندە بۇ مۇنبەرگە كىلىپ بۇنچىۋالا تالاش-تارتىشقا سەۋەب بوپ قېلىشىنى ئويلىماپتىمەن. نەچچە كۈندىن بۇيان قارىسام تورداشلارنىڭ پەيلى بەك يامان . تورداشلانىڭ پىكىرىگە ھەم بۇ يازغانلىرىمغا ئازىراق چۈشەنچە بېرەي دەپ ئويلىغان بولساممۇ ، ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقان بوپ قالماي دەپ ئويلاپ، تورداشلارنىڭ تەنقىت ، پىكىر ، تەكلىپلىرىگە قارىتا سۈكۈت قىلىش پوزىتسىيىسىدە تۇرۇپ كەلدىم . قارىسام بۈگۈن سەل بوشاپ قالغاندەك تۇرىسىلە .يا  ھېرىپ قېلىپ ئارام ئېلىۋاتامسىلە ... مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ مەنمۇ ئازىراق ئۆزەمنىڭ كۆز قارىشى ھەم يازغانلىرىم توغىرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ قويغۇم كەپ قالدى . قۇلۇقۇڭلاغا خوش ياقمىسىمۇ ، يۈزىمنى قىلىپ ،چىداپ ئولتۇرۇپ ئوقۇپ قويغايسىلار .... مىنىڭ بۇنى يېزىشىمدىكى مەخسەت ھەرگىزمۇ چىڭگىزخانغا بەك ئۆچلىك قىلىپ ... ئۆزىىمىزنىڭ ياكى باشقىلارنىڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ۋە ياكى باشقا بىر مۇددا سەۋەب بىلەن يازغان ئەمەس ، ھەم تارىخچىلارنىڭ يازغانلىرىنى ھەم تارىخقا بەرگەن باھا مۇلاھىزىلىرىنى ئىنكار قىلماقچىمۇ ئەمەسمەن... بۇ پەقەت مىنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم خالاس .... خۇددى سىتالىن ، گېتلېر ... قاتارلىقلارنى بەزىلەر قاھرىمان باتۇر دېسە ، بەزىلەر قانخور ئىرقى قىرغىنچى دېگەندەكلا ... ھەم مەن بۇ كۆز قارىشىمنى ھېچقايسىڭلارغا زورلاپ تاڭماقچىمۇ ئەمەس ئىدىم . قارىسام  تورداشلار ھەرخىل نۇقتىدا تۇرۇپ ھەرخىل مۇلاھىزە قىلىپ ، ئىنكاس يوللاپتۇ . بەزى  كۆز قاراشلارغا قارىتا مەنمۇ ئۆز قارىشىمنى دەپ باقاي ... قارىسام ئالدى بىلەن مىنىڭ يېزىش ئۇسلۇبۇم بەزى تورداشلارغا ياقمىغاندەك قىلىدۇ . يەنى شەخسى ھېسىيات كۆپ تارىخى پاكىت يىل نامىلار يوق دېگەندەك ... بۇ پەقەت مىنىڭ شەخسى كۆز قارىشىم بولغاچقا ،مەن شۇ شەخسى نۇقتامدا تۇرۇپ يازدغان ، ھەم مەن بۇ يەردە پەقەت چىڭگىزخاننىڭ مەن ھېس قىلغان ماھىيىتىنىلا سۆزلىمەكچى ، ھەرگىزمۇ بىرە تارىخى ۋەقەنى بايان قىلماقچى ئەمەس دەپ ئويلاپ ھەم مەن بىلەن مۇنازىرىلەشكەن شۇ دوستۇمنىڭ تارىخى بىلىمى خېلى مول بولغاچقا ، يېزىشتىكى مەخسىتىمنى چۈشىنىپ مەندىن ئىسپات تەلەپ قىلمايدىغان بولغاچقا ... بۈگۈنگە كەلگەندە بۇ مۇنبەرگە كىلىپ بۇنداق بوپ كىتىشىنى ئويلىمايلا مۇشىنداق يېزىپتىكەنمەن ... ئالدىراقسانلىق قىلىپ چالا يازغىنىمنى ئىتىراپ قىلىمەن ... لىكىن بىر تورداش( ئىسمىنى ئىزدەپ سۈرۈشتۈرۈپ يۈرمەي بولدى... ) تارىخنى ھېكايە ياكى شېئىر يازغاندەك يېزىپسەن ، بۇنداق يازساڭ بولمايدۇ ... دېگەندەك پىكىر بېرىپتۇ . مەن بۇ تورداشنىڭ پىكىرىگە قۇشۇلمايمەن . چۈنكى تارىخ بۇرۇندىن مۇشىنداق ھېكايە ، شېئىر شەكىللىرىدە يېزىلىپ ھازىرغىچە كەلگەن . جاڭغىر داستانى ، كۆچۈش داستانى ، ماناس داستانى... قاتارلىق نۇرغۇن شېرئى داستانلار دەل شۇ تارىخنى سۆزلەيدىغان كىتابلاردۇر . نۇرغۇن تارىخشۇناسلار تارىخى يەكۈن چىقارغاندىمۇ ( بولغان ... قىلغان ... ئەتكەن ... ) دەپ مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ . بۇ ئىنتايىن نورمال بىر خىل تىل ئىشلىتىش ئۇسۇلى . مىسال ئۈچۈن 92 . 93 . 94 . ئىنكاسلارنى كۆرۈپ باقساڭلا بولىدۇ .( مۇشۇ ئىنكاسلارنى يوللىغان تورداشقا كۆپ رەھمەت ... )  بۇنى يازغان تارىخچىمۇ ئۇيغۇرلاردىن چىققان ، خېلە نامى بار تارىخچىلارنىڭ بىرى . گەرچە بىر نەچچە يىل بۇرۇن بەزى كۆز قاراشلىرى ئىنكار قىلىنىپ ئۆزگەرتىپ يىزىلغان بولسىمۇ ، يېزىش ئۇسلۇبى توغۇرلۇق ھازىرغىچە بىركىم بىرنىمە دېگىنى يوق . ئەگەر مەن قىلغانمىش... ئەتكەنمىش... دەپ يازغان بولسام ، ئۇ چاغدا مىنى تېخىمۇ تىللايتىڭلار.... يەنە بەزى تورداشلار مۇڭغۇللار ئۇيغۇرلارنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن . باشقا مىللەتنى قىرغان بولسىمۇ بىزنى بەك قىرمىغان ... دىگەن قاراشنى ئوتتۇرغا قۇيۇپتۇ . بۇ يەردە مۇڭغۇللارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئىشلەتكىنى راست . لىكىن بۇنىڭ ئالدىدىكى ( ئەتىۋارلاپ ) دېگەن سۆزنى ، تارىخشۇناسلار ھەم مەدېنىيەت تەتقىقاتچىلىرى بىر نەچچە يىل بۇرۇنلا ئۆچۈرۋەتكەن . چىڭگىزخان ئۇيغۇرلاردىن مەجبۇرى ئەسكەرلىككە تۇتقان قۇشۇننى باشقۇرۇش ئۈچۈن ، يەنە شۇ ئۇيغۇرلار ئىچىدىن ئۇيغۇر قۇشۇنلىرىغا قوماندان ، سەركەردىلەرنى باش قىلىپ ،ئۇرۇشنىڭ ئالىنقى سەپلىرىگە ئەۋەتكەن  . جەڭدە غەلبە قىلغان ھالەتتىمۇ ، ئولجىنى نەۋرە- چەۋرە ، ئۆز قۇشۇنىغا تەقسىملەپ بەرگەن . ئۇيغۇرلارغا بىرەر پارچە ئاق يەر ياكى بىرەر تۇياق ئاقساق ئات-كالا تارتۇق قىلغان ئەمەس ...يەنە داۋاملىق ئۇيغۇرلاردىن ( پەقەت ئۇيغۇرلاردىنلا ئەمەس ، ئىشخال قىلۋالغان دائىرىدىكى ھەممە مىللەت قەۋىملەردىن ) مەجبۇرى ئەسكەر تۇتۇپ تۇرغان ، ئالۋان باج- سېلىق يىغقان ...( بوز دالا ) ناملىق تارىخى روماننى ئوقۇساڭلار بىلىسىلەر . (ئاپتۇرنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن .) ئۇنىڭدا چىڭگىزخان دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرمۇشى تەسۋىرلەنگەن . بىر نەچچە تورداشلار (ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر خاندانلىقى چىڭگىزخان بىلەن ئۆزى خالاپ بىرلەشكەن ... ) دېگەن ئىنكاسنى يوللاپتۇ . بۇمۇ توغرا . لىكىن ئەينى ۋاقىتتا چىڭگىزخانغا قايىل بۇلۇپ ، ئۇنى ئۆزىمىزنىڭ باتۇر قەھرىمانى ئورنىدا كۆرۈپ ، ئۇنىڭدىن پاناھلىق تىلەپ ، يالۋۇرۇپ بارغان ئەمەس . بەلكى مىللىتىمىزنىڭمۇ باشقا مىللەت قەۋىملەردەك ، چىڭگىزخاننىڭ قىرغىنچىلىقىغا ئۇچىراپ ، مىللەت - زىمىننىڭ خاراب بۇلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، بالا - قازادىن ساقلىنىپ قېلىش ئۈچۈن ، ئاۋال چىڭگىزخاننىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇلارغا قۇشۇلۇشقا رازى بولغان . بۇ ھەرگىز ئەينى ۋاقىتتا ئەجداتلىرىمىزنىڭ چىڭگىزخاننى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ . چىڭگىزخاننىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىشىپ جەڭ قىلغانلىقىمۇ چىڭگىزخاننىڭ ئۇيغۇرلارغا ئامىراق ئىكەنلىكىنى ، ئۇلارنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ . بۇلار پەقەت شۇ شارائىتنىڭ ئېھتىياجى سەۋەبىدىن ، ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ۋاقىتلىق بىرلەشكەنلىكىنىلا بىلدۈرىدۇ . ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋال چىڭگىزخاننىڭ ئادىغا بارغانلىقى ... ئۇنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ زىمىنىمىزغا كىلىپ ئۇيغۇر خوتۇن- قىزلىرىدىن خوتۇن - خانىش ئالغانلىقى ... يەنە ئۇلارنىڭمۇ ئەۋلاتلىرى بىز گە خان - پادىشاھ بولغانلىقى .... بۇلار مىنىڭچە ، بىز پەخىرلىنىدىغان ئەمەس بەلكى خورلۇق ھېس قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار دەپ قارايمەن . يەنە بىر تورداش ( ئۈرۈمچىگە ماشىنىدا بارماي پىيادە بارغان ئادەمنىمۇ ، باتۇر دەيمىزغۇ ؟ چىڭگىزخان جاھاننىڭ يېرىمىنى ئىگىلىگەن تۇرسا باتۇر دېسەك نىمىشقا بولمايدىكەن ؟... ) دىگەن كۆز قاراشنى قۇيۇپتۇ . راستن دېسەم مۇشۇ يۈز نەچچە تورداشلارنىڭ ئىنكاسلىرى ئىچىدىن، مەن مۇشۇ تورداشنىڭ مۇلاھىزە قىلىش ئۇسۇلىنى ئەڭ ياقتۇردۇم . لىكىن مەن بۇ كۆز قاراشنىمۇ ئاغدۇرۋەتمەكچى . ئۇنىڭغا جاۋابىم شۇكى : ( بىز ياكى ھەر قانداق بىر ئىنسان ئاتالغان ۋىجدان ئىگىسى ، ئادەتتە ھايۋانلارنى قەبىھ ئۇسۇللار بىلەن ، قالايمىقان ئۆلتەگەن ئادەمنى كۆرسەكمۇ ،غەزەبلىنىپ ئۇنداق ئادەملەرنى قانخور دەپ تىللاپ ئەيىبلەيمىز ... چىڭگىزخان ھايۋاننى ئەمەس سان -ساناقسىز بىگۇناھ (ئادەم) نى ئۆلتەگەن تۇرسا ، ئۇنى قانخور جاللات ... ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى دېسەك نىمىشقا بولمايدۇ؟!.... ) بەلكىم بەزى تورداشلار ،ئۇ ۋاقىتنىڭ شارائىتىدىكى ئادەملەر ھازىر بىز ئويلىغاندەك ئويلىيالمايتى ... ھازىرقى ئاڭ سەۋىيەرىمىز بىلەن شۇ دەۋىردىكى ئادەملەرنىڭ ئاڭ سەۋىيەسى ئوخشاشمۇ دېيىشى مۇمكىن . ھەم بەزى تورداشلا مۇشىنىڭغا ئوخشاشراق پىكىرلەرنى قىپتۇ . بۇنىڭغىمۇ جاۋابىم : شۇ دەۋىرلەردىكى ئادەملەرمۇ ھازىر بىز ئويلىغاننى تامامە ئويلىيالايتى . چۈنكى ئىنسانلاردا مىلادىدىن بۇرۇنلا ( بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن بۇلىشى مۇمكىن . لىكىن ھازىر تارىخشۇناسلارنىڭ بايقىغىنى مىلادىنىڭ ئالدى-كەينىگىچە بولغان ئەھۋاللار ..) پەلسەپە ... ئەدەب - ئەخلاق ... قائىدە- تۈزۈم ... دېگەندەك ئۇقۇملارنى چۈشەنگەن ھەم كەڭ قوللانغان . چىڭگىزخان دەۋىرلىرىدىمۇ شۇنداق ئۇ ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرى ئۆلگەندە ، يارلانغاندا ئۇلارغا ئىچ ئاغىرىتقان، كۆڭلى يېرىم بولغان ، ھېسداشلىق قىلغان ، غەزەبلەنگەن ... دېمەك ئۇ ھېسىياتقا ئىگەئىنتايىن نورمال ئادەم . شۇنداق بولغان ئىكەن بىگۇناھ ئادەملەرنى قىرغىن قىلغاندا ئۇلارغىمۇ ئازىراق ئىچ ئاغىرىتىشنى بىلىشى كېرەك ئىدى . ئەپسۇس ئۇنداق قىلمىغان . شۇڭا دەۋىر - زاماننى باھانە قىلىپ چىڭگىزخاننى ئاقلاشنى ، پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ دەپ قارايمەن . يەنە بەزى تورداشلار ھەر قانداق ئىستىلاچى ئادەم ئۆلتۈرگەن ...، بۇنىڭ ھەممىسى ئىنسانىيەت تەرەققىياتىغا پايدىلىق ... توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ ... دېگەندەك ئىنكاسلارنى قالدۇرۇپتۇ . بۇمۇ توغرا . ھەممىسى ئوخشاشلا ئادەم ئۆلتەگەن .( ئەمىلىيەتتە ئۇرۇشقا قارىشى تۇرۇپ ، تىنىچلىقنى تەشەببۇس قىلغان ، سىياسى يول بىلەن ھاكىمىيەت باشقۇرغان زۇڭتۇڭ ، پادىشاھلارمۇ يوق ئەمەس .) لىكىن ئۆلتۈرۈشتىكى مەخسىتى ئوخشىمايدۇ . مەسىلەن: ئىسكەندەر زۇلقەرنەئىن ( ئالىكساندىر ماكىدونىسكى ) دىن ۋە ئىلىم تارقىتىش ئۈچۈن ، ئۆزىگە قورال كۆتۈرۈپ قارشى چىققانلارنى ئۆلتۈرگەن . ئەل بولغانلار ، ئەسىر ئالغانلارنى ھايات قالدۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئىدىيسىنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشقان . ئۇ يۈرۈشنى باشلىغاندا 6000 دىن كۆپرەك دىنى ۋە پەننى جەھەتتىكى ئەدىب - ئۆلىما ، بىلگىنلەرنى باشقا ئەللەرگە بىلىم تارقىتىش ئۈچۈن ، ئۆزى بىللە ئېلىپ ماڭغان . ئۇ ھاياتىدا 40 تىن ئارتۇق چوڭ -كىچىك شەھەرلەرنى قۇرۇپ چىققان . بۇ جارياندا ئۇ پۇخرالارغا، چىڭگىزخاندەك ئات-كالا ، مال -دۇنيا تاپشۇرۇش توغۇرلۇق ئالۋان - سېلىق سالمىغان . پەقەت ھەر بىر پۇخرا بىر ھارۋىدىن تاش تۇشۇپ كېلىشنىلا بۇيرىغان . نۇرغۇن پۇخرالار ئۇنى قوللىغان . ئۇ بەرپا قىلغان شەھەرلەرنىڭ بەزىلىرى ھېلىمۇ ، دۇنيادىكى ئاۋات شەھەرلەر قاتارىدا تۇرماقتا . مەسىلەن : ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتالغان ھازىرقى تۈركىيەنىڭ ئىسكەندەرىيە پورت شەھىرى .... ئۇنىڭدىن باشقا ھەممىمىز بىلىدىغان گېتلېر . بۇمۇ پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى دەپ ئاتالغان . لىكىن ئۇنىڭ ئىنسانىيەت ئىلىم - پەن ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا قوشقان تۆھپىلىرىنىمۇ تىلغا ئالماي ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدۇ . رادىئو ، رادار ، تېلىگىرامما ، پىنسىلىن ( ھازىرقى چىڭمىسۇ ) يەنە ھەرخىل قورال- ياراقلارنىڭ ياسىلىشى،  تەتقىق قىلىنىشىغا سەۋەبچى بولغان ، بەزىلىرىگە ئۆزى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ، مەبلەغ ئاجىرىتىپ ، مۇشۇ كەشپىيات - بايقاشلارنىڭ بارلىققا كىلىشىدە چوڭ رول ئوينىغان . ئۇ يەنە ھەربى ئىشلار ، خەلق پاراۋانلىقى ، ھايۋانلارنى قوغداش ... قاتارلىق جەھەتلەردە قانۇن تۈزۈپ چىققان . بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆۋلەتلەردە تا ھازىرغىچە ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە .... ئەمدى چىڭگىزخانغا كەلسەك ، ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە پايدىلىق نىمە ئىش قىلىپ بەرگەنلىكىنى مەن بىلمەيدىكەنمەن . پەقەت تارىختىكى ئىمپىراتۇر ھۆكۈمرانلار قاتارىدا ، ئىستىلاچى دىگەن نام بىلەنلا تىلغا ئېلىنىدۇ خالاس ...  بۇ نامنىمۇ ھازىرقىلار ، يەنە كىلىپ پەقەت جۇڭگۇ تارىخشۇناسلىرىلا  بەرگەن باھا . ھەرگىزمۇ پۈتۈن دۇنيا تارىخ تەتقىقاتچىلىرى ئورتاق ھالدا ، ( چىڭگىزخان بىر قەھرىمان باتۇر ... ئۇنىڭ قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىنسانىيەتكە مۇنداق پايدىسى تەگكەن ..... مۇنداق تۆھپىسى بار ... ) دەپ يەكۈن چىقارغان ئەمەس ... ئىشەنمىسەڭلا بىرەرسىڭلا بىرەر تارىخشۇناس تەتقىقاتچىنىڭ ياكى بىرە دۆۋلەت بىرە مىللەتنىڭ ئۇنىڭغا شۇنداق باھا بېرىپ يازغان بىرەر يازما ماتىريالىنى تېپىپ بېقىڭلار ... شۇ چاغدا مەن خاتا گەپ قىلىپ قويغانلىقىم ئۈچۈن سىلەردىن ئەپۇ سوراي ... ھەممە ئىمپىراتۇرلار ئادەم ئۆلتۈرگەن بۇ توغرا . لىكىن شۇ قان تۆكۈلۈشلەرنىڭ بەدىلىگە  ئىنسانىيەتكە ئازىراق بولسىمۇ ماددى ياكى مەنىۋى جەھەتلەردە بىرنىمە قالدۇرۇپ كەتتى . چىڭگىزخان ئىنسانىيەتكە نىمە قالدۇرۇپ كەتتى ؟!... قايسى تورداش دەپ بېرىسىلەر ؟... ئەجىبا ئۇ ئاشۇنداق قىرغىن قىلمىغان بولسا ، ئىنسانىيەت مەدېنىيىتى تەرەققى قىلماي قالامتى ؟... مىنىڭچە ئۇنداق ئەمەس . بەلكى ئەكسىچە مەدېنىيەت تېخىمۇ تەرەققى قىلىشى ھېچ بولمىغاندا نۇرغۇن مەدېنىيەتلەر يوقىلىپ كەتمەي ھازىرغىچە ساقلىنىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى . بەزى تورداشلار تارىخنى مۇلاھىزە قىلغاندىن كەلگۈسىمىزنى ... ياكى باشقىلارنىڭ تارىخىنى سۈرۈشتۈرگگندىن ئۆزىمىزنىڭكىنى .... دىگەندەك ئىنكاسلارنى يوللاپتۇ . مەن بۇ قاراشلارغىمۇ قوشۇلمايمەن . چۈنكى تارىخ ئۇ بىر مىللەتنىڭ ، باشقىلارغا تەۋە ئەمەس مۇستەققىل بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان بىردىن بىر بەلگە . ھەم باھارلىق ئىنسانىيەتنىڭ مەنبەسى بىر بولغاچقا ، باھارلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخىمۇ بىر - بىرىگە تۇتاش . شۇڭا ئۆزىمىزنىڭ تارىخىنى بىلىش ئۈچۈنمۇ يەمىلا باشقىلارنىڭ تارىخنى بىلىشكە توغرا كىلىدۇ . چۈنكى ھازىرغىچە ھېچقانداق مەدېنىيەتكە ۋە تارىخىقا تۇتاشمايدىغان ھەم مۇناسىۋىتى يوق ئۇنداق بىر مىللەتنىڭ تارىخى بولغان ئەمەس . بولغان ھالەتتىمۇ ئۇ ھەرگىز تارىخ بۇلالمايدۇ . كەلگۈسىمىزنى يېزىش ئۈچۈنمۇ تارىخىمىزنى بىلىشكە توغرا كىلىدۇ . خۇددى بىز مەنزىل نىشانىمىزنىڭ قاياقتا ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن ، قاياقتىن كەلگىنىمىزنى بىلمىسەك نىشاندىن ئادىشىپ قالغاندەك . نەتىجىدە يا باشقىلارغا ئەگىشىپ مېڭىپ ئۇلارغا قۇشۇلۇپ كېتىمىز ياكى بىر ئورنىمىزدا چۆرگىلەۋېرىپ ئالغا باسالماي توختاپ قالىمىز .( تارىخنى ئۆگەنگەننىڭ نىمە پايدىسى؟... كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بىرنىمە بولسا ....) دەپ ئىنكاس يېزىپتۇ بىر تورداش . تارىخ ئۆگەنگەننىڭ قانداق پايدىسى بارلىقىنى ئېيتىپ بېرەلمىسەممۇ ، تارخىنى ئۆگەنمىگەننىڭ ، ھازىرقى سىگانلاردەك ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلەيمەن....  يەنە بەزى تورداشلار چۇقۇنۇش دېگەن سۆزنى خاتا ئىشلىتىپسەن ... دەپتۇ . مەنمۇ نەچچە ئاي بۇرۇنلا بۇ يازمىنى يازغاندىلا مۇشۇ سۆز توغۇرلۇپ كۆپ ئويلانغان . ئاخىردا يەنىلا ئىشلىتىشنى قارار قىلدىم . چۈنكى (چۇقۇنۇش ) دىگەن بۇ سۆزنىڭ بىزگە نىسبەتەن تۈپ مەنىسى پەقەت بىرلا بولسىمۇ ، يەنى پەقەت ئاللاھ ( خۇدا ) غا شەكسىز ئىشىنىشنىلا مۇشۇ (چۇقۇنۇش ) دېگەن سۆز بىلەن ئىپادىلەيدىغان بولساقمۇ ، لىكىن ھازىر بۇ سۆز ئاللىقاچان شارائىتقا قاراپ ئىشلىتىلىدىغان ، كۆپ خىل مەنىگە ئىگە سۆز بوپ قالدى . ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا بىزنىڭ ئاغىزىمىزدا دەۋاتقان چۇقۇنۇش بىلەن ئىدىيمىزدىكى ئەسلىدىكى چۇقۇنۇش بىر ئەمەس بوپ قالدى . مەسىلەن ؛ بىز ئادەتتە ھەممىمىز (بىز مۇسۇلمان ... پەقەت خۇداغىلا چۇقۇنىمىز ...) دەيمىز . بىرنەچچە تورداش ئىنكاسلىرىدا دېگەندەك . لىكىن جۇڭگۇنىڭ مىللەت ، دىن ئىشلىرى كومىتىتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە ، ھازىر شىنجاڭ رايۇنىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە ،  ئىسلام دىنىغا تۇلۇق ئېتقات قىلىدىغان ھەقىقى مۇسۇلمانلار 30 پىرسەنتنى ، مەسچىتكە كىرسە مۇسۇلمان ئىكەنلىكى ئېسىگە كىلىدىغان ، باشقا ۋاقىتتا دىنغا يات ئىشلارنى قىلىپ يۈرىۋېرىدىغان ، خۇددى ( قارىغۇنىڭ يۇرتىغا بارساڭ ، بىر كۆزۈڭنى قىسىۋال دەپتىكەن ... خەق ئۆزىنى مەن مۇسۇلمان دېگەنكىن مەنمۇ شۇ دەپ قۇياي جۇمۇ....) دېگەدەك ،مەن مۇسۇلمان دەپ يۈرىۋاتقان يېرىم مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار 55 پىرسەنتنى ، ئىسلامدىن ياتلاشقان ، ياكى ئىسلام دىنىنى بىلمەيدىغان ئۇنىڭغا ئىتقات قىلمايدىغان ، مۇسۇلمان ئەمەس ئۇيغۇرلار 15 پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدىكەن . ( بۇ جەھەتتە  بىز خۇيزۇلاردىنمۇ كىيىن تۇرىدىكەنمىز ) ( شىمالى شىنجاڭ تەرەپلەردە ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ قول ئۇزارتسا ، شۇ ھامان ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام دەپ قول بېرىشنى بىلمەي ،نىمە قىلىشنى نىمە دېيىشنى بىلمەي ، ھەيران قالغاندەك چەكچىيىپ قاراپلا قالىدىغان ، ياشلار ئەمەس خېلە چوڭلارمۇ كۆپ ئۇچىرايدۇ  ... )بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى ، ھەممىمىز( بىز پەقەت قۇداغىلا چۇقىنىمىز ...) دېسەكمۇ، ھەقىقى خۇداغا چۇقۇنىدىغان مۇسۇلمانلار 30 پىرسەنت دېگەن گەپ . مەسىلەن قىلىپ ،شانلىق تارىخىمىزغا قارا داغ چۈشۈرۈپ ، تارىخشۇناسلارنىڭ نەزىرىدە ( ئۆز - ئۆزىنى قىرغىن قىلغان ئاڭسىز مىللەت ... ) دىگەن نامغا قېلىشىمىزغا سەۋەبچى بولغا ، ( ئاق تاغ ، قارا تاغ ) پاجئەسىگە نەزەر سالساق ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇرۇشقان ئىككى تەرەپ بىر خۇداغا ئەمەس  بەلكى ئىككى موللا ئىشانغا چۇقۇنۇپ كەتكەچكە ،كۈنىگە 70-80 مىڭدىن ئۇيغۇرلار ئۆلىدىغان، مۇشىنداق پاجىئە كىلىپ چىققان . ھەتتا بىر ئائىلىدىكى ئاتا- بالا ، ئاكا- ئۇكىلار ئىككىگە بۈلۈنۈپ بىر - بىرىنى ئۆلتۈرۈشكەن . يېقىندىكىنى سۆزلىسەك شىڭشىسەي زامانىسىدا ، قازاقىستاندا تۇغۇلۇپ موسكىۋادا ئوقۇپ ، شىنجاڭدا ئىنقىلاپ بۇلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ، يۇرتۇمنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن ئىنقىلاب قىلىمەن دىگەن مەقسەتتە غۇلجىغا ئەمدىلا كەلگەن بىر ياش يىگىتنى ، شىڭشىسەي پايلاقچىلىرى بايقاپ قېلىپ ، ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ تۈرمىگە سولاپ قۇيىدۇ . كامىردا  ئون نەچچە ئادەمنىڭ ئىچىدە بىرسى 50 ياشلاردىن ئاشقان موللام بۇلۇپ ، بۇ يىگىت ئۇ موللامغا ئەگەشمىگەچكە ، ئۇنىڭ ۋەز - نەسىھەتلىرىگە قايىل بولماي ، دۇنيانىڭ سىياسى ۋەزىيىتى ... ئۇرۇش ئەھۋاللىرى ... يەنە مىللەتنىڭ كەلگۈسى ۋە ھازىرقى ۋەزىيىتى توغۇرلۇق موللام بىلەن مۇنازىرلەشكەچكە ، موللامنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن باشقىلار ئۇ يىگىتنى كېچىسى ئۇخلاۋاتقاندا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋېتىدۇ ...( ئەخمەتجان قاسىمى روسسىيەدىن كىلىپ بىر يىلدىن كىيىن بولغان ۋەقە ) مانا بۇ ۋەقەمۇ  ئەينى ۋاقىتتا شۇلارنىڭ خۇداغا ئەمەس، ئالدىدىكى موللامغا چۇقۇنغانلىقتىن ، ئۇنىڭ سۆز - بۇيرۇقلىرىدىن گۇمانلانماي ، قارشى تۇرماي ئۇنىڭغا شەكسىز باش ئىگىپ ئەگەشكەنلىكتىن بولغان ۋەقە . چۇقۇنۇش دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى مانا مۇشۇ . گەرچە شۇ ۋاقىتلاردىمۇ ھەممىسى ئاغىزىدا ( بىز ھەممىمىز پەقەت خۇداغىلا چۇقۇنىمىز دىگەن بولسىمۇ ، ھەم شۇ ئوي بىلەن موللامغا ئەگەشكەن بولسىمۇ ئۇلارنىڭ ھەركىتىدىن ئەمىلىيەتتە نىمىگە چۇقۇنىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇرىدۇ . يەنە بۇنداق مىساللار ناھايتى كۆپ ... (مايكول جېكسون زەڭگى بولسىمۇ ... بالىلارغا پەسكەشلىك قىلغان بولسىمۇ ... نەچچە قېتىم جىنىس ئالماشتۇرۇش ، ھۆسۈن تۈزەش ئاپىراتسىيىسى قىلدۇرغان ھەتتا ئۇنىڭ ئېتقان ناخشىلىرىنىڭ بىرەر ئېغىز گېپىنى چۈشەنمىسەممۇ ... ئۇ مىنىڭ قەلبىمدە يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ بۈيۈك داڭلىق ناخشىچى ... ) ( چىڭگىزخان گەرچە ساناقسىز بىگۇناھ ئادەمنى ئۆلتۈرگەن ... ئىسانىيەت مەدېنىيىتىگە تولدۇرۋالغۇسىز زىيان سالغان ... ھەر قانچە ۋەھشى جاللات بولسىمۇ ... ئۇ مىنىڭ نەزىرىمدە يەنىلا باتۇر قەھرىمان ...) دىگەندەك كۆز قاراشتىكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ، ئاغىزىدا دەۋاتقان چۇقۇنۇش بىلەن ئەمىلىيەتتە چۇقۇنىۋاتقان چۇقۇنۇش بىر ئەمەس . ئەگەر ( چۇقۇنۇش دىگەن سۆز كۆپ مەنىلىك سۆز ... بۇ يەردىكى چۇقۇنۇش بىلەن خۇداغا چۇقۇنۇش بىر گەپ ئەمەس...) دېمەكچى بولساڭلا ، مەن يازغان بۇ تېمىدىكى چۇقۇنۇش دىگەن سۆزنىمۇ شۇ مەنىدە چۈشەنسەڭلا بولىدۇ . يەنە بەزى تورداشلار  ( تارىخنى باتۇرلار دۈشمەننىڭ دۈمبىسىگە ... پىشانىسىگە ... يازىدۇ . ) دىگەن قاراشنى ئوتتۇرغا قۇيۇپتۇ . بۇ ئەلۋەتتە توغرا گەپ . مەنمۇ قۇشۇلىمەن لىكىن بۇيەردە كىمنىنىڭ دۈشمەن ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىۋېلىش كېرەك دەپ قارايمەن . چۈنكى چىڭگىزخان قىرىۋەتكەن خەلق چىڭگىزخانغا ھېچنىمە قىلمىغان . چىڭگىزخان ھاياتىدا نۇرغۇن شەھەر - رايۇن ، قەبىلە - مىللەتلەر بىلەن ئۇرۇش قىلغان . لىكىن بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرەسىمۇ چىڭگىزخانغا ئاۋال ھۇجۇم قىلمىغان ، ئەكسىچە چىڭگىزخان ئۇلارغا ئاۋال جەڭ باشلىغان . دېمەك بۇ يەردە بىگۇناھ خەلق چىڭگىزخاننىڭ دۈشمىنى ئەمەس ، بەلكى چىڭگىزخان خەلقنىڭ دۈشمىنى بولدى دىگەن گەپ . شۇڭا  ، قانخور دۈشمىنىنىڭ قېنى بىلەن قېلىچىنى سۇغارغان باتۇرلارغا ئىشلەتكەن بۇ سۆزنى ،بۇ يەردە چىڭگىزخانغا ئىشلەتسەك ، ھەقىقى باتۇر قەھرىمانلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۈرگەن ھەم بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن بولىمىز دەپ قارايمەن . يەنە بەزى تورداشلار (ئەركىنلىك) ( ھوقۇق) دېگەن سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى بەك كەڭ دائىرىدە چۈشىنۋالدىمۇ قانداق... تاپ -تانە سېسىق گەپ قىلىپ ھاقارەتلەپ ئىنكاس يازغاننى ئاز دەپ ، باشقىلارنىڭ توسقان نەسىھىتىگە ( بۇ دىگەن مىنىڭ ئەركىنلىكىم ... نىمە دېگۈم كەلسە شۇنى دەيمەن ... مىنىڭ شۇنداق ھۇقۇقۇم بار ...) دىگەندەك مەزمۇندا ئىنكاس يېزىپتۇ . مىنىڭچە ئەركىنلىك، ھوقۇقنىڭمۇ چېكى بار . ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ ھەر قانداق باھانە -سەۋەب بىلەن باشقىلارنى تىللاش ، ھاقارەتلەش ھوقۇقى يوق دەپ قارايمەن . خاتالاشمىسام قانۇندىمۇ مۇشىنداقراق بىر بەلگىلىمە بارغۇ دەيمەن . شۇڭا بەزى تورداشلارنىڭ ئىنكاس يازغاندا سەل ئەدەبلەكرەك بۇلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . يەنە بىر سۇئالىڭلارغا جاۋاب بېرىشنى ئۇنتۇپ قالغىلى تاس قاپتىمەن . گەرچە مەن بۇ سۇئالغا بەك ئۆچ بولساممۇ ،ھەتتا بۇ سۇئال بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ ، باشقا تۈركى مىللەتلەر ھەم غەرىبلىكلەرنىڭ نەزىرىدە ( مەدېنىيەتسىز ) دەپ ئاتىلىپ قېلىنىشىغا سەۋەبچى بولغان بولسىمۇ ...  بىر نەچچە تورداش سوراپتۇ يەنىلا جاۋاب بېرىۋېتەي . يەنى ( سەن كىم ؟!... ) ( بۇنداق دەيدىغانغا سەن كىمتىڭ ؟!... قانچىلىك ئادەمتىڭ؟!...) دېگەن سۇئالنى دېمەكچىمەن . 4 يىل بۇرۇن تۈركىيەدىن شىنجاڭغا ئۇيغۇرتىلى ئۆگۈنۈشكە كەلگەن بىر ئوقۇغۇچى ، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ يۇرتىغا قايتقاندىن كىيىن بىر ماقالە يازغان. بىز ئۇيغۇرلار ھەم بىزنىڭ ،ئاۋال ئۆزىمىزنى تۇنۇشتۇرماي تۇرۇپ ، باشقىلاردىن سورايدىغان مۇشۇ ( سەن كىم؟!... ) دىگەن سۇئالىمىز توغۇرلۇق... ئۇ ئوقۇغۇچىنىڭ يېزىشىچە ئۇ شىنجاڭدىكى ئالى مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا ، شىنجاڭدا تۇرغان 5 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا ، نۇرغۇن ئادەم بىلەن تونۇشقان ، پاراڭلاشقان شىنجاڭدىكى باشقا يۇرتلارغىمۇ بېرىپ باققان ، لىكىن مۇشۇ 5 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە بىراۋغا ئاۋال ئۆزىنى تۇنۇشتۇرىدىغان بىرمۇ ئۇيغۇرنى ئۇچراتمىغان . ھەممىسى ئاۋال ئۇنىڭ كىملىكىنى سورىغان . بەزەنلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كىلىپلا (سەن كىم ؟...) دەپ سورىغان . يەنە بەزەنلىرى قولى بىلەن ئۇنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ ،يېنىدىكى ئادەمدىن ( ئۇ كىم ؟... ) دەپ سورىغان . ھەتتا بىرنەچچە بىلىملىك زىيالى زاتلار بىلەن سۆھبەت جەريانىدا مۇنازىرلىشىپ قالغاندا ، ئۇلار گەپ تېپىپ بېرەلمەي يا قايىل بولماي ، ئاخىرى ( سەن كىمتىڭ ؟!... بۇنداق دەيدىغانغا ؟... قانچىلىك ئادەمتىڭ ؟!.... ) دېگەندەك گەپلەرنى قىلغان . شۇنىڭ بىلەن بۇ ئوقۇغۇچى يۇرتىغا قايتىپ بارغاندىن كىيىن بىز ئۇيغۇرلارنى مۇشۇ سۇئالى توغۇرلۇق ماقالە يازغان. نەتىجىدە بۇ سۆز ،بىز شىنجاڭ ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدېنىيەتسىز ئىكەنلىكىنى ئۆلچەيدىغان ئەڭ ئاددى پاكىت بوپ قالغان... بۇ ئادىتىمىزنى ئۆزگەرتىشكە يەنە نەچچە يىل بار ئوخشايدۇ ... گەرچە بەزى تورداشلار كۆزگە ئىلماسلىق ... ھاقارەت تەلەپپۇزىدا بۇ سۇئالنى سوراپ ئىنكاس يازغان بولسىمۇ ، يەنىلا جاۋاب بېرەي ... ئىسمىم تۇرغۇن تۇرسۇن . خىزمىتىم ئاددى بىر مەدېنىيەت خىزمەتچىسى بولسىمۇ ، ئۆزەمنىڭ قىزىقىشى ھەم خىزمىتىمغا مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا ، تارىخ ھەم مەدېنىيەتكە ئائىت ئىش - خەۋەرلەرگە بەك قىزىقىمەن ھەم بۇجەھەتتە ئازراق بولسىمۇ ئۆزەمگە چۇشلۇق ئىزدىنپ ، سېلىشتۇرۇپ تەتقىق قىلىپ باقىمەن. يەنە پات - پات تارىخشۇناسلار، ئانچە - مۇنچە تارىخ بىلىدىغان بوۋاي - مومايلار بىلەنمۇ ھەمسۆھبەت بوپ قالىمەن. بىلىمىمنىڭ چولتا ، كۆز قارىشىمنىڭ قاتمال ، يېزىش ئۇسلۇبۇمنىڭ قاملاشمىغانلىقىغا باقماي ،( يېرىم چېلەك سۇدەك .... ) بىلەرمەنلىك قىلىپ بىرنىمىلەرنى يېزىپ ، مەتبۇئاتلارغىمۇ يوللاپ قۇيىمەن ... مەن مانا مۇشىنچىلىكلا ئادەتتىكى بىر ئادەم ... ( ئەگەر مەن ھازىر مەندىن شۇ سۇئالنى سورىغان تورداشلاردىن ، سەنمۇ دەپ باقە ؟.. . منىنڭ كىملىكىمنى سورىغۇدەك ، ئۆزەڭ كىم ؟ قانچىلىك ئادەم ؟... دەپ سورىسام نىمە دەپ جاۋاب بېرە- ھە ... ) ئاخىردا خاتالىقلىرىمنى كۆرسىتىپ بەرگەن ، تۈزىتىپ بەرگەن ، ئۆز كۆز- قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇپ ئىنكاس يازغان باھارلىق تورداشلارغا رەھمەت ئېيتىمەن .( گەرچە بەزى تورداشلار ھېچقانداق كۆز - قاراش ، مەيدانىنى ئىپادىلىمەي ، تەنە ... تىل- ھاقارەت بىلەن ئاچچىقلىنىپ ئىكاس يوللىغان بولسىمۇ  ) بەزى تورداشلار قاتتىق ئاچچىقلىنىپتۇ ، لىكىن مەن ئۇلارنىڭ نىمىشقا ئاچچىقلانغانلىقىنى تازا بىلەلمىدىم . بەلكىم مۇنبەردە مۇڭغۇل تورداشلار بولسا ، تېمىنىڭ ماۋزۇسىنى كۆرۈپلا ئاچچىقلانغان ئوخشايدۇ دەپ چۈشەندىم . ئەگەر راست شۇنداق بولسا سىلەردىنمۇ كەچۈرۈم سورايمەن . توغرا چۈشەنگەيسىلەر . مەن ھەرگىز قەستەن بىرەرسىڭلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈش ئۈچۈن يازمىغان.... يەنە بەزى تورداشلار ، مەن دېمەكچى بولغان چىڭگىزخاننىڭ بىزگە بولغان تەسىرى ، ئۇنىڭ ماھىيىتىگە ... قىسقىسى مەن دېمەكچى بولغان مەزمۇنغا مۇناسىۋەتسىز بولغان مەسسىللەرنى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىپتىكەن . مەسىلەن : بىزنىڭ يېزىقىمىزنى كىلىپ چىقىشى ... يەنە باتۇر ئەجدادىمىز ئاتىللا توغىرىسىدا ... دىگەندەك . بۇ توغۇرلۇق بىرنىمە دېسەم  ، ئۇ گېپىمدىنمۇ بىر سۇئال چىقىرىپ ، مىنى دۇنيا تارىخىغا سۆرەپ كىرىدىغاندەك تۇرىسىلەر .شۇڭا ھازىرچە بولدى قىلاي . پۇرسەت بوپ قالسا ئۇ توغۇرلۇقمۇ كىيىنچە پىكىر ئالماشتۇرارمىز ... ھېلىمۇ مۇشىۇ قاراشلىرىمنى چۈشەندۈرىمەن دەپ ، خىزمىتىمدىن بىر كۈن رۇخسەت سوراپ ، ئەتىگەنتىن  ئولتۇرۇپ خەت ئۇرىۋاتىمەن . كاسساممۇ ، كاللاممۇ ئاغىرىپ كەتتى ... ئابدىكېرىم ئابلىز دىگەندەك : (مىڭ ئېغىز گەپ قىلسا ئۆلىدۇ دەپتىكەن . سىلەرگە سۆزلەۋېرىپ تىرىڭڭىدە چۈشۈپ ئۆلۈپ تارتىپ قالسام ...) ھېچقايسىڭلارنىڭ كارى يوق بەلكىم... شۇ ڭا بولدى قىلاي . لىكىن (چىڭگىزخان قەھرىمان ئەمەس ) دىگەن قارىشىمدا چىڭ تۇرىمەن . تاكى بىرەرسىڭلار ئۇنىڭ باتۇر قەھرىمانلىقىغا ئائىت بىرەر ماتىريالنى تاپقۇچە ياكى يازغۇچە.... ھەممىڭلارغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت ... خاتالىقلىرىمنى ... بىلمىگەنلىرىمنى بىلىۋالدىم . تۈزىتىمەن بۇندىن كىيىن دىققەت قىلىمەن ... ھەراست كۆپچىلىككە بىر تەكلىپىم ، مۇمكىن بولسا كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان بۇلۇپمۇ مۇشۇ مۇنبەردە گەۋدىلىك بولغان ، سۇئال - سوراق ... تاپا-تەنە ... ئاچچىق ھاقارەتلىك ئۇسۇللار ئارقىلىق كۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ ، مەقسىتىنى بىلدۈردىغان پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلىمىزنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىپ باقساق دەيمەن . سىلەر كونىلارغا بىلىنمىگەن بىلەن مەندەك يېڭى كىرگەنلەر كۆنۈپ بولغىچە ، سەل ئەجەبلىنىپ ھەيران قالىدىكەنمىز... يامان ئىللەت ، سېسىق نامىمىزنى ئەۋلاتلىرىمىزغىچە يۇقۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ، مۇنبەر مەسئۇللىرى ھەم باھارلىق ئەزالار مۇشۇ ھالىتىمىزنى ئۆزەگەرتىشكە تىرىشىپ باقساق دېمەكچىمەن ... ئاخىردا ھەممىڭلارغا رەھمەت ... ھەممىڭلارغا خوش ...                       ئەسكەرتىش : بۇ يازغانلىرىمنىمۇ  بىرەرسىڭلار  كۆچۈرۈپ مۇنبەرلەرگە يوللاپ يۈرمىگەيسىلەر ...
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +100
delkax613 مۇنبەر پۇلى +100 تۈنۈگۈن 19:57 ھەقىقەتەن توغرا يېزىپىسز! قوللايمەن!
يىقىلساممۇ تۈمەن قېتىملاپ ... تۇرىمەن يەنە يەر تاتىلاپ....
delkax613
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7972

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   100 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5510 (سوم)
 ياخشى باھا:   349 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   484  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 526
 سائەت
دەرىجىسى:
526 سائەت 14 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-26
ئاخــىرقىسى:2011-10-11
ئاپتورنىڭلا 145- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 17:23

تارىخى كىتابلاردا بەزى شەھەرلەرنىڭ، تۇيۇقسىزلا ئادەمسىز خارابىلىققا ئايلىنىپ قالغانلىقى توغۇرسىدىكى مەلۇماتلار كۆپ ئۇچىرايدۇ. يېقىندا مۇڭغۇلىيەدىكى قەدىمكى ئۇيغۇرلار قۇرغان ، قەدىمى شەھەر خارابىسى بايقالدى.(بۇ خەۋەر توردىمۇ ئېلان قىلىندى. تورداشلار كۆرگەن بۇلىشى مۇمكىن.) مۇشۇ خارابىلىققا ئايلانغان شەھەرلەرنىڭ ھەممىسى، ئاشۇ چىڭگىزخاننىڭ بىزگە قالدۇرغان يالدامىسى. K%Bi8d  
===================================== HfPeR8I%i  
دوستىمىز ھەقىقەتەن خېلى كەڭ دائىرلىك قىلىپ يېزىپ چىقىپتۇ!  سىزنىڭ قىلغان پىكىرىڭىز ھەقىقەەن 90 پىرسەن  ئورۇلۇق گەپ بوپتۇ!    Nl _J p:8s  
مەنمۇ چىڭىگىزخانغا ئاشۇنداق باھا بىرمەن! تارىخىتىن خەۋىرى بار كۆپۈنچە كىشىللىرىمىز سىزدەك ئويلايدۇ! جۈملىدىن مەنمۇ شۇ!   >0oc=9H8  
ئەمما ئاۋۋ يۇقۇردا نەقىل ئېلىنىغان‹‹ ئۇيغۇرلارنىڭ شەھەر خارابىسى›› بىلەن مۇنۇ چىڭىگىزخان مۇڭغۇللىرىنىڭ ئالاقىسى يوققۇ دەيمەن!  چۈنكى 840-يىلىدىن كىينكى ئۇرخۇن بويلىرىدا يەنى بۈگۈنكى مۇڭغۇل يايلاقلىرىدا   ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈنچىلىك دەرىجىدىكى شەھەرلىرى مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرالمىغان! p?@D'  
مىلادى 840-يىلى ھەرخىل ئاپەت ۋە تاشقى ئىچىكى دۈشمەنلەرنىڭ ھۈجۇمىدا ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى يىمىرلگەندىن كىيىن ، ھەممىىمىز نىڭ بىلگىنىدەك ئۇيغۇرلارنىڭ نۇرغۇنلىغان قەبىللىرى غەربتىكى يەنى بۈگۈنكى شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسيىانىڭ بىرقىسمىدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ قېشىغا قايتىپ كەلگەن!   ئەگەر ئۇيغۇر قەبىللىرى ئۇرخۇن بويلىرىدىن كۆچكەندە يەنە بىرقىسىم شەھەرلەردە  ئۇيغۇرلار قېلىپ قالغان دىمەكچى بولسىڭىز بۇ ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس ! چۈنكى 1-دىن 840-يىلى قىرغىزلار خائىىن ئۇيغۇرلىرىمىز بىلەن بىرلىشىپ (چۈنكى ئۇرخۇن ئۇيغۇرخانلىقىنىڭ ئاخرقى مەزگىلگە كەلگەندە ئىچكى نىزا كۈپۈيىپ تەخىت تالشىش كۈرشى ئەۋىجى ئالغان ئىدى )ئۇرخۇن خانلىقىغا بېسىپ كىرىىشكە تەييارلىق قىلىغاندا مۇنداق دەپ شۇئار توۋلاشقان ‹‹ قېنى گۆش يمەيدىغان ئۇيغۇرلارغا گۆش يىگەن قىرغىز قىلىچىنىڭ تەمىنى تېتىايلى(بۇچاغدا ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى قاغانى مانى دىنىغا ئىتقاد قىلىپ بۇ دىننى دۆلەت دىنى قىلىپ جاكارلىغان ۋە پۈتۈن خەلىقىنى مۇشۇ دىنغا كىرىشكە چاقىرغان! بۇ دىندا گۆش يىيىش چەكلەنگەن ئىدى.  بىراق تارىخي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا ئۇيغۇرلار يەنىلا گۆش يەپ تۇرۇپ بۇ دىنغا ئېتقاد قىلىغان ئىدى ) ›› دەپ توۋلىشىپ ئۆزنىڭ نەچچە ئون يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلاغا بېقىنىپ قالغانلىقىنىڭ ئۆچىنى ئالماقچى بولغان . ھەمدە تاكى بۈگۈنكى شىنجاڭ دائىرسى ئىچىگىچە ئۇيغۇرلار ئارقىسىدىن قوغلاپ كەلگەن! دىمەك بۇ نچىلىك دەرىجىدىكى ئۆ چمەنلىك ئىچىدە بىر ئۇيغۇر شەھىرنىڭ تاكى چىڭىگىزخان ئىستىلاسىغىچە ئۇرخۇن بويلىرىدا ساقلىىنىپ قېلىشى مومكىن ئەمەس! ئۇنىڭىدن باشقا تاڭ سۇلالىسى مۇ بار ! يەنى شۇ چاغلاردا تاڭ سۇلالىسى ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرىنىڭ يەنىمۇ كۈچلىنىپ ئۈزىگە تېخىمۇ چوڭ تەھدىىت بۇلۇپ قېلىشىنى خالىمىغاچقا، ئۆزنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان يېقىن ئالاقىسى يەنى قۇدا-باجىلىق  مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى خەۋەرلەرنى تاڭ ئوردىسى ئارقىلق قىرغىز قىسىملىرىغا يوللاپ تۇرغان. بۇنداق بولغاندا ئىككى كۈچلۈك كۈچ ئۆز-ئارا سۇقۇششسا كىينچە پايدىنى تاڭ سۇلالىسى ئالالايتى ! ئۇنىدن باشقا بۇچاغدىكى ئۇيغۇر ۋەزىرلىرى ئېلگىرىكى قاغانلار تاشبالبال(بۈگۈنكى مەڭگۈ تاشلار)لارغا ئۇيۇپ  ئۇيۇپ قالدۇرغان مۇنۇ جۈملىدىكى ھەقىقەتلەرنى ئۇنتىغان ئىدى: ‹‹ بۇ تابغاچلار تولمۇ ھىلگەر خەلىقلەردۇر ! شۇڭلاشقا بۇ تابغاچلار بىلەن يېقىن قوشنا بۇلۇپ ياشىمىغۇلۇق!››.( بۇ يەردىكى تابغاچلار شۇ دەۋىردىكى خەنزۇلارنى يەنى تاڭ سۇلالىسىنى كۆرسىتىدۇ!) }.zn:e  
مۇنۇ يازمىنى كۈرۈڭ!  : http://www.huxyar.com/asar/asar_kor.asp?mid=107 u 36;;z  
2-دىن چىڭىگىزخان غەرىپكە يۈرش قىلىشنىڭ تۈنجى قەدىمىدە 840-يىلى ئاشۇ ئۇرخۇن بويلىرىدىن غەرىپتىكى قېرىنداشلىرىنىڭ قېشىغا  كۈچۈپ كەلگەن ئۇيغۇر قەبىلىللىرىنىڭ چوڭراق بىر تارمىقى   ئىدىقۇت خانلىقىنى  قۇرغان ،  كىين چىڭىگىز  زامانىسدا بارچۇق ئارتتېكىن ئۇرۇش قىلمايلا چىڭىگىزخانغا ئەل بولدى.( ئەگەر ئۇرۇش قىلغان بولسا سىز ياز غاندەك ئاقىۋەتكە قالاتتى! ) ھەمدە چىڭىگىزخان بارچۇق ئارتتېكىنى ئۆزنىڭ تۇتۇق ئوغلى قىلىۋالدى!  شۇڭلاشقا مەن نەقىل ئالغان سىز ياغان ئاۋۇ  پارچىدىكى ئۇيغۇر شەھەر خارابىللىرى ھەرگىزمۇ  چىڭىگىزخان سەۋەبلىك پەيدا بولمىغان! =@>&kU%$&  
بۇ فىلىممۇ مۇناسىۋەتلىك تەك قىلىدۇ ، كۈرۈپ بېقىڭ :http://anana05.blogbus.com/logs/129459911.html   +6*I9R  
{ L5m`-x  
شۇڭلاشقا تارىخقا مۇناسىۋەتلىك مۇنازىرلەردە قىياسنى ئاساس ئورۇنغا قۇيۇشقا بولمايدۇ!   O{V"'o  
ئەنئەنەبلوگى   يازمىسى L  z  

تېخمۇ نادىر تىمىلار ئەنئەنەبلوگىدا سىزنى كۈتىۋاتىدۇ: http://anana05.blogbus.com
matros1
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.14405

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   77 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5659 (سوم)
 ياخشى باھا:   220 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   304  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1235
 سائەت
دەرىجىسى:
1235 سائەت 115 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-18
ئاخــىرقىسى:2011-10-10
ئاپتورنىڭلا 144- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 16:50

چىڭگىزخان توغرۇلۇق جىق بىلىملەرگە ئىگە بولدۇم ،....  تېما ئىگىسگە رەھمەت.
ئاش تەڭ، نان تەڭ، سول نىمىشقا كەڭ !؟؟؟
白绿光
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.8068

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   121 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4574 (سوم)
 ياخشى باھا:   326 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   415  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 62
 سائەت
دەرىجىسى:
62 سائەت 28 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-27
ئاخــىرقىسى:2011-10-11
ئاپتورنىڭلا 143- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 13:42

ئەڭ ئاۋۋال دەيدىغىنىم  . مۇشۇ تىمىنى تەستىقلىغان كىشى باشقۇرغۇچى بولۇشقا لايىق ئەمەس . چۈنكى تارىخ ئاستىن-ئۈستىن بوپ كىتىپتۇ . يەنە تىخى ئۆزىنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىمۇ نىگىزلىك ئىپادىنىلىپتۇ . (n< xoV[e  
ئەڭ مۇھىمى  چىڭگىزخان ئۇيغۇرلارنى ياۋروپاغىچە قوغلاپ قىرغان بولسا . ياكى ئۇيغۇرلار چىڭگىزخاندىن قورقۇپ ياۋروپاغا قاچقان بولسا يىزىقنى كىم ئىجاد قىلغان بولغىيتى . ياكى قايسى ئۇيغۇر خانىم ئىجاد قىلغان بولغىيتى . ئويلاپ يازىلى تارىخنى . ئوقۇتقۇچى بەرگەن تاپشۇرۇق ئەمەس قالايمىقان يازىدىغان ، ھاىرقى دۆلىتىمىزگە ئوخشاش .
[ بۇ يازما 白绿光 تەرپىدىن 2011-10-10 02:00 PM دە قايتا ]

كومپڭۇتىردا كەم بولغىنى --- تەپەككۇر .
Romantic-killer
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9922

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   644 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   8307 (سوم)
 ياخشى باھا:   339 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   264  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4375
 سائەت
دەرىجىسى:
4375 سائەت 265 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-11
ئاخــىرقىسى:2011-10-11
ئاپتورنىڭلا 142- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 13:06

چىڭگىزخان دىگىنى نىمىش قىلىدىغان بالىكەن ئۆزى؟؟؟ئاۋۇ بازارنىڭ دوقمۇشىدىكى ساتىراچ ئەمەستۇ؟؟؟قاراڭلار شۇنى تالىشىپ،قېرىنداشلارنىڭ بوغۇشۇپ كېتەي دەپ قالغىنىنى....توۋا
بارلىغىم مىللىتىم ئۇچۇن..ۋەتەن،مىللەت،دىن
kuraxqan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.6222

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   201 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5999 (سوم)
 ياخشى باھا:   252 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   258  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 452
 سائەت
دەرىجىسى:
452 سائەت 88 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-13
ئاخــىرقىسى:2011-10-10
ئاپتورنىڭلا 141- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 13:01

بو تىما ياخشى تىما ئىكەن. نورغون تارىخى بىلىملارنى بىلىۋالدوق. تىما يوللىغىچىغا رەخمەت. مىنڭچەمو چىڭگىزخان قەھىرىمان ئەمەس. مايكۇل 0998نىڭ پىكىرىگە قۇشۇلمەن. ئاخردا شۇنى دىگم كىلۋاتدو. ‹ دۇشمەن قارشى تورغان نەرسنى بىز ھىمايە قىلشمز كىرەك. دۇشمەن ھىمايە قىلغان نەرسگە بىز قارشى تۇرشىمز كىرەك.› تارىخ دىگەن تارىخ ئۇنى ھىچكىم ئۇزگەرتەلمەيدو. ئۇزگەرتىلىگنىگە ھىچكىم ئىشەنمەيدو. چوقۇم تارىخنى ئونتوپ قالماسلىغىمز كىرەك.تارىخنى داۋاملىق ئۇگۇنشمز كىرەك. تىماغا قارتا پىكرى بارلا بولسا ئۇزى ئوتتورغا قۇيسا بولودو.
ئاللا نىڭ ھەر بىر بەرگەن سۇۇغىتى سەۋەپسز ئەمەستور.
fizik
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7256

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   78 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5375 (سوم)
 ياخشى باھا:   311 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   405  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1932
 سائەت
دەرىجىسى:
1932 سائەت 158 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-22
ئاخــىرقىسى:2011-10-11
ئاپتورنىڭلا 140- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 01:49

خاتا،ئۇ ۋاقىتتا ئىسلام دىنى بار ئىدى.
oygak11111
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.58762

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   41 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   245 (سوم)
 ياخشى باھا:   68 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   49  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 204
 سائەت
دەرىجىسى:
204 سائەت 66 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-10-01
ئاخــىرقىسى:2011-10-11
ئاپتورنىڭلا 139- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-09

بۇ تارىخ پەقەت بىر تەرەپلىمە قاراش خالاس . بۇنچىلىك تالىشىشنىڭ ھاجىتى بارمۇ ؟
ئەقىدە بىل مىگەن شەيتانە ئەلدۇر،  
  ئەگەر مىڭ يىل ئەمەلدەپ قىلسا يەلدۇر.
uygurogli
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12460

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   29 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5566 (سوم)
 ياخشى باھا:   297 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   407  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 82
 سائەت
دەرىجىسى:
82 سائەت 8 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-02
ئاخــىرقىسى:2011-10-09
ئاپتورنىڭلا 138- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 10-09

تارىخ ئۇ غالىبلار مەغلۇب بولغۇچىلارنىڭ پىشانىسىگە ئويغان تامغا .
قەشقەر ئوغلى
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى