ministir يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 07:35 PM 
ئاماننىساخاننىڭ ئىلمىي ئىزدىنىشلىرىگە ياتىدىغان مات ...
ئىلمىي ئىزدىنىش دەپ تەبىئىي پەن جەھەتتىكى خىمىيە،بىئولۇگىيە ،فىزىكىلارنى كۆزدە تۇتقان بولسىڭىز،ئاماننىساخاننىڭلا ئەمەس،يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، ئەلىشر نەۋائىلارنىڭ "ئىمىي ئىزدىنىشى"گىمۇ مىسال كەلتۈرەلمەيمەن، چۈنكى ئۇيغۇر كىلاسسكلىرىنىڭ زور كۆپچىلىكى ئىجىتائىي جەھەتتىكى ئېىدىئولۇگىيە ساھەسىگە مۇناسىۋەتلىك .ئامانساخاننىڭ ئەدەبىي جەھەتتىكى ئىزدىنىشنى ۋە شۇ ئىزدىنىشكە مۇناسىۋەتلىك بىر قىسىم بۈگۈنگە ساقلىنىپ قالغان ئەسەرلىرىنى بىر ئەمەس ئىككى كۆرسەتتىم ،يەنە قايىل بولماي بۇ ئۇيغۇرنەسلىدىن بولغان ئاماننساخاننى ئۇيغۇرلاشقان موڭغۇل ئىرقىدىن بولغان ئابدۇرىشتخاننى يولدىن چىقارغۇچى باش جىنايەتچى دەپ قارىسىڭىز ئۇمۇ سىزنىڭ ئىختىيارىڭىز، ئېلزابىت بىلەن ئامانساخاننى پەرق قىىلىپ ئاۋارە بولمىساممۇ كۆپچىلىك ئادەم ياۋروپا دۇنياسىدىكى پادىشاھ بىلەن ئوتتۇرا ئاسيادىكى "كۈلقىز"غا ئوخشاش پادىشاھ خوتۇنىنى پەرق قىلالايدۇ، ئاماننىساخاننىڭ يالغۇز سەنئەتچىلا ئەمەس بەلكى شائىرە ،خەتتات ،ھازىر جاۋاب غەزەلچى ئىكەنلىكىگە مىساللار ئىسپاتلار بىلەن كەلتۈرۈلۇپ دەسلەپكى قاراش پۇت تېرەپ تۇرالمىغاندا ئۇنى ئابدۇرىشتخاندىن ھەربىي ھوقۇقنى تارتىۋىلىپ مىللىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلمىغان دېگەن يېڭى جىنايەتنى ئارتساق قاملاشماس ،ئاددىيسى ۋۇزېتيەن بىلەن يېخنارانى سېلىشتۇرسا قاملاشمىغاندەك ئىش بۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا 红叶子 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-8-14 08:35 PM