مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: axek13999649893

ئاماننىساخان ئابدۇرىشىت خاندانلىقى ناملىق فىلىم   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نېمىلەرنى ئويلا

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23326
يازما سانى: 204
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6722
تۆھپە نۇمۇرى: 350
توردا: 545 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2015-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-12 08:52:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجەپ بالىلاركەنسىلە ، سىلەرچە بولغاندا ئاماننىساخان 12مۇقامنى ئىجات قىلغىچە 12دانە ئاتوم بومبىسى ئىجات قىلغان بولسا ، ئابدۇرېشىتخان بولسا ئامانىساخاندەك ئوتۇنچىنىڭ قىزىنى ئەمرىگە ئالماي كىيۇرى خانىمنى خوتۇن قىلغان بولسا بىز لەر بۇنداق كۈنگە قالماستۇق . شۇنداقمۇ ؟
قېرىنداشلار ، ئۇنداق قىلىشىپ كەتمەيلى. ئابدۇرىشىتخاننىڭ ئەۋلاتلىرى تەختىنى ساقلاپ قالالمىغان بولسا بۇ ئۇلارنىڭ يارامسىزلىقى ھېساپلىنىدىكەن ،بىزلەر بولساق ئانا تىلىمىز ھەم ئېتىقاتىمىز ئۇياقتا تۇرسۇن ، ھەتتا ساقال بۇرۇتلىرىمىزنىمۇ ساقلاپ قالالمىدۇققۇ. ئەجىبا بۇمۇ ئۇلارنىڭ يارامسىزلىقىمۇ ؟ خىجىل بولايلى. نومۇس قىلايلى .
(ھەركىم ئۆز تەقدىرىنىڭ تۆمۈرچىسى . )دېگەن ھېكمەتنى ئۇنتۇپ قالمايلى .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alamdarbag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-12 08:55 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
awyamatka + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

بىر قەترە دەريادا يوق بولۇپ كەتتى، يەرگە بىر چاڭ قوندى، كۆمۈلۈپ كەتتى. دۇنياغا كېلىشىڭ ، كېتىشىڭ نېمە ؟ بىر چىۋىن تۇغۇلدى ، يا ئۆلۈپ كەتتى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83676
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3058
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2012-8-8
ئاخىرقى: 2013-2-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 11:40:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

مۇشۇ ئاماننىساخان بولمىغان بولسا بەلكىم باشقىچە بىر ئىش بولغان بۇلار ئىدى. ئاماننىساخان مۇقام بىلەن ئابدۇرىشىتخاننى مەس مۇغىرە قىلغان....
مېنىڭ بىلىشىمچە يەكەن سەئىدىيە خانلىقى ئابدۇرەشىت خاننىڭ دەۋرىدە ئەڭ گۈللەنگەن، قانداقتۇر ئابدۇرەشىتخاننىڭ مۇقام ئىشتىياق باغلىشى بىلەن ھالەك بولغان ئەمەس،كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى ئەشۇ تەۋەرۈك مۇقاملىمىز بىزنى دۇنياغا تۇنىتىۋاتمامدۇ،باشقىلار خاتالىقىڭىزنى كۆرسىتىپ بەرگەندىن كىيىن تۈزەتمەكتە يوق يەنە نىمە تولا گەپ يورغىلىتىسىز.....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73415
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5231
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 305 سائەت
تىزىم: 2012-1-18
ئاخىرقى: 2015-1-29
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 04:09:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىلەر ،  ئاماننىساخان سەئىدىيە خانلىقىنى قوغداش ، گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كومپىيۇتېر بىلەن ئاۋياماتكا ياسىمىغان دىمەكچىمۇ ؟ ئۇنىڭ توھبىسى يوقمۇ ؟ ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن تۆھبە قوشمىغان ، شۇنداقمۇ ؟

ministir بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 08:51:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ministir بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 08:56:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

http://www.huxdil.com

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39495
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2253
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 130 سائەت
تىزىم: 2011-5-3
ئاخىرقى: 2013-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 10:46:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ministir يوللىغان ۋاقتى  2012-8-13 08:51 PM
ماڭ قاراڭ سىڭلىم! ئايال كىشىنىڭ ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدىغان  ...

ئەنگىلىيە ئايال پاىشاھى ئېلزابىت بىلەن خانىش  ئاماننىساخاننى سالاھىيەت جەھەتتىن پەرقلەنمەيدۇ دېيىشنى  خاتا دەپ قارايمەن ،ئون ئىككى مۇقامنى شەيتان سىمفۇنىيىسى دېيىشنى تېخىمۇ خاتا دەپ قارايمەن ، ئاماننساخاننى غىتا -غىتاڭ كوچىغا باش بولۇپ كىرىپ كەتكەن ،خانلىقىنىڭ يىمىرىلىشنىڭ باشلامىچىسى دېيشىنىمۇ ھەم

قولۇڭدىن كەلسە ياغ چاينا بايقۇش

http://www.huxdil.com

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39495
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2253
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 130 سائەت
تىزىم: 2011-5-3
ئاخىرقى: 2013-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-13 11:15:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئاماننىساخان ۋە ئاخىرقى ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەركسۆيەر شائىرەلەرنىڭ ئىجتىمائىي تەپەككۈر جەۋھەرلىرى
                                            ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىن

ئ
اياللارنىڭ قايسى دەرىجىدە ئازادلىقى ۋە مەدەنىيەتلىكى ھەر بىر جەمئىيەتنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم مىزانلارنىڭ بىرى .

روشەنكى ، ئاياللار ئىچىدە ئۇلارنىڭ فېئوداللىق ئادەت-قاراشلىرىنىڭ قاتتىق بېسىمىغا ئۇچرىغانلىقى تۈپەيلى ، ئىجتىمائىي ئەركسۆيەر ئىنتىلىشلەر ئالاھىدە كۈچلۈك بولغانلىقى شۈبھىسىز . روشەنكى ، ئەركىنلىككە ، بەخت-سائادەتكە ئىنتىلىش ئىنسان ۋە ئۇنىڭ ئەقىل-پاراسەت باشچىلىقىدىكى پۈتكۈل ئىنسانىي روھىيىتنىڭ ماھىيەتلىك خاھىشىدۇر .. بىز ئۇيغۇر پەلسەپە-ئىدىيە تارىخى ئۈستىدە توختالغىنىمىزدا بۇ مۇھىم ئىدىئولوگىيىلىك ساھەدىن چەتلەپ ئۆتەلمەيمىز .

ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى تارىخى ، ھېكايە-رېۋايەتلىرىدە كۆپلىگەن زېرەك ئاياللارنىڭ ئايال سەركەردە ۋە دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ، ئىشق-مۇھەببەت پېرسۇنازھلىرىنىڭ نامى ۋە ئوبرازى بايان قىلىنغان . 16 – 17 – ئەسىرلەر ئۈچۈن ئوتتۇرا ئەسىر شائىرەلىرىنىڭ ئەركسۆيەر ئىنتىلىشلىرىنىڭ نامايەندىلىرى قاتارىغا ھەممىدىن ئىلگىرى ئاماننىسا بېگىم ، زىبۇننىسا بېگىم ، ماھلەر ئايىم نادىرە ، دىلشاد بەرنا ، ئەنبەر ئاتىن ، ئۇۋەيسى ۋە نۇزۇگۇم قاتارلىق ئاتالغان شائىرەلەرنى كىرگۈزۈش مۈمكىن . ئۇلار ئوخشىمىغان ھايات-سەرگۈزەشتىلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئاخىرقى فېئوداللىق دەۋر جاھالىتىگە بولغان نارازىلىقى ۋە ئەركىنلىك ، مائارىپ ۋە مەدەنىيەتكە بولغان تەلپۈنۈشلىرىنى ئىپادىلىگەن .

ئاماننىسا بېگىم : (1523-1557) يەكەن خانلىقىنىڭ ئىككىنچى خانى سۇلتان ئابدۇرىشىتخان (1533-1570-يىللىرى ھاكىمىيەت بېشىدا بولغان) زامانىدىكى ئاتاقلىق شائىرە-نەفىسى ، ئاتاقلىق مۇقامشۇناس ۋە ئەخلاقشۇناس . خوتەنلىك ئەدىپ ئىسمىتۇللانىڭ"تاۋارىخى مۇسقىيۇ" ناملىق كىتابىدا يېزىلىشىچە ، ئاماننىساخان تەكلىماكان ياقىسىدىكى مەھمۇد دېگەن نامرات ئەمگەكچىنىڭ قىزى بولۇپ ، ئاندۇرىشىتخان شىكار مەزگىلىدە ئۇنىڭ جامالى ، شېئىرى ۋە خەتتاتلىق ماھارىتى ، مۇزىكا ئىستېداتىغا ھەيران بولۇپ ، ئۇنى ئۆز نىكاھىغا ئېلىپ ، كىچىك خانىش سۈپىتىدە ئوردىغا ئېلىپ كەتكەن .

ئاماننىسا بېگىم ئوردىغا كىرىشتىن ئىلگىرىلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كلاسسىك مۇزىكىسى 12مۇقام تەتقىقاتىغا قەدەم قويغان . مۇقام مۇزىكىلىرىنى چېلىشتا كىشىلەر قەلبىنى لەرزىگە كەلتۈرىدىغان خۇش ئاۋاز سازەندە قىز ئىدى . ئۇ ئوردا ھاياتىغا قەدەم قويغاندىن كېيىن تاكى ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى تەرتىپكە سېلىش ئارقىلىق سەئىدىيە دەۋرى مەدەنىيىتى گۈللىنىشىگە يول ئېچىش ۋە ھۆسىن قوشۇشقا بەل باغلىدى . بۇ ئىش ئوردىدىكى كۈنچى خانىشلارنىڭ ، ئوردا سىرتىدىكى ئىشانچىلىق ئىدېئولوگىيىسى ۋەكىللىرىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقى ئاستىدىمۇ قەيسەرانە ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن داۋام قىلدى .

ئاماننىساخان ئەينى زاماندىكى مەرىپەتلىك مۇقام ئۇستىلىرىدىن قېرىدى قاتارلىق شائىر ۋە مۇقام ئۇستىلىرىنى تەشكىللەپ ، مۇزىكا سەنئىتى توغرىسىدىكى نەزەرىيىۋى تەپەككۇر ئېگىزلىكىدە تۇرۇپ ، مۇقام ئىسلاھاتىغا رىياسەتچىلىك قىلدى .

مۇقام ئىسلاھاتى ئۈچ جەھەتتىن ئېلىپ بېرىلدى . ئۇنىڭ بىرى ، ھەر خىل ئارىلىشىپ كەتكەن ئىران-تاجىك مۇقاملىرى ئىچىدىن ئۇيغۇر كلاسسىك مۇقاملىرىنى ئاجرىتىپ چىقىش ، ئۇيغۇر كلاسسىك مۇقاملىرىنى رەتلەپ-قېلىپلاشتۇرۇش ؛ ئىككىنچىدىن ، 12 مۇقامنىڭ باش نەغمە ، داستان ۋە مەشرەپتىن ئىبارەت ئۈچ قىسمىنىڭ مۇجەسسەم بىر يۈرۈشلەشكەن شەكلىنى بەرپا قىلىش ؛ ئۈچىنچىدىن ، مۇقام تېكىستلىرىنى ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدىبلىرىنىڭ ، بولۇپمۇ ئەلىشىر نەۋائىنىڭ شېئىرىيەت دۇردانىلىرى ئارقىلىق قايتا تېكىستلەشتۈرۈپ ، مەنىۋى قىممىتى ۋە تىل ساپلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت بولدى . بۇ تارىخىي خىزمەت ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىڭ يىللاردىن بېرى داۋام قىلىپ كەلگەن مۇقام مۇزىكىلىرىغا يېڭى قۇرۇلما ، يېڭى مەزمۇن ، ھاياتىي كۈچ بېغىشلىدى .

بۇ ئەينى زامان تارىخىدا غايەت زور مىللىي مەدەنىيەت بىناكارلىقى ئەھمىيىتىگە ئىگە بولۇپلا قالماي ، ئۇيغۇر مىللى مەدەنىيىتى ئۈچۈن ، بولۇپمۇ مۇقام مەدەنىيىتى ئۈچۈن ئەنئەنىۋى ئۇل تۈزدى . ئەگەر ئۇنداق قىلمىغىنىدا خانىقا مۇقاملىرى دەپ ئاتالغان ۋە بۇخارا ئىشانلىرى ، ئۇنىڭ مۇرىتلىرى يولغا قويغان پارسى تېكىستلار بىلەن ئوقۇلىدىغان بۇخارا مۇقاملىرى بارا-بارا ئۇيغۇر كلاسسىك12 مۇقامىنى ئۇنتۇلۇش گىردابىغا ئىتتىرۋەتكەن بولاتتى . دەرۋەقە ، بۇخارا مۇقاملىرى 17 -ئەسىردىن باشلاپ شەش مۇقامىغا ئاساس سالدى .

ئاماننىساخان "دىۋان نەفىسى"ناملىق گۈزەل شېئىرلار يازغانلىقى مەلۇم . ئۇنىڭ شېئىرلىرى 19 -ئەسىردە خوتەندە ، جۈملىدىن ئىسمىتۇللا مۆجىزى قولىدا بولغان . ئاماننىساخان "ئەخلاقىي جەمىلە" (گۈزەل ئەخلاق ؛ ئاياللار مەسىلىلىرى) ، "شۇرۇلقۇلۇپ"(قەبىلىلەر كېڭىشى) ناملىق ئېتىكىلىق سېلىشتۇرما خارەكتېرلىك ئەسەر يازغانلىقى ،"ئىشرەت ئەنگىز" ناملىق بىر يۈرۈش مۇقام ئىجاد قىلغانلىقى مەلۇم . ئاماننىسا بېگىم تۇغۇت ئۈستىدە قازا قىلغان .

                                مەلىكە ئاماننىساخاننىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيەتلىرى توغرىسىدا

    خەلقىمىزگە ئۆزىنىڭ ئىستىداتى ۋە ئۆچمەس تۆھپىلىرى بىلەن تۇنۇشلۇق بولغان مەشھۇر مۇقامشۇناس ، شائىرە مەلىكە ئاماننىساخان تەخمىنەن مىلادىيە 1523-يىلى دۇلان تىزناپ دەرياسى بويىدىكى غازكۆل يېزا قومۇشلۇق مەھەللىسى كەمبەغەل بىر ئۇتۇنچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ، ئاماننىسا توغرۇلۇق تەپسىلىي ھەم ئىشەنچلىك مەلۇماتلار بىزگە موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نىئمەتۇللا مۆجىزىنىڭ «تەۋارىخى مۇسىقىيۇن» (مۇزىكانتلار تارىخى) ناملىق قىممەتلىك ئەسىرى ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن بولۇپ ، ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ئەسىرىدە ئاماننىساخان توغرۇلۇق تۆۋەندىكىلەرنى يازىدۇ : _

    ئون يەتتىنچى پىرى مەلىكە ئاماننىساخان خېنىم ئىدى ، بۇ خېنىم سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ خانىشى ئىدى ، ئۇ ئۆز دەۋرىنىڭ يىگانە شائىرەسى بولۇپ ، «دىۋان نەفىسى» ناملىق شېرىن بىر كىتاپ يازغانىدى ، خەتتاتلىقتا ئۈستۈن ماھارەتكە ئىگە ئىدى ،مۇزىكا ئىلىمىدىمۇ شۇنداق كامالەت ئىگىسى ئىدىكى ،سۇلتان ئۇنىڭغا تاقەتسىز ئاشىق ۋە ئىختىيارسىز شەيدا بولغانىدى .سۇلتان ئۆز ۋەزىر-ئەمىر ۋە لەشكەرلىرى بىلەن پايتەخىت يەركەندىن ئاتلىنىپ چىقىپ ،تارىم دەرياسىنى بويلاپ ،تەكلىماكان دەشتىگە شىكارغا يۈزلەندى ۋە بىرنەچچە كۈن شۇ ئەتراپتا بولدى .سۇلتاننىڭ كىچىلىرى پۇقراچە ياسىنىپ ،قۇنۇچى مۇساپىر سۈپىتىدە سەھرا ياقىسىدىكى ئۆيلەردە غېرىبانە قونىدىغان ۋە شۇ يول بىلەن ئەمەلدارلارنىڭ رەئىيەگە زۇلۇم-سەتەم قىلغان-قىلمىغانلىقىنى تەكشۈرىدىغان ئادىتى بار ئىدى .بىر كۈنى شۇ يۇسۇندا ئەكرەم ئاتلىق بىر مەھرىمى بىلەن خارابى بىر ئۆيگە قونۇچى سۈپىتىدە كىردى ،بۇ ئۆي مەھمۇد ئاتلىق ئوتۇنچىنىڭ ئۆيى ئىدى ،بۇ مەلىكە بولسا شۇ مەھمۇد نىڭ قىزى ئىدى ،سۇلتان ئۆينىڭ بولۇڭىدا تۇرغان بىر تەمبۇرنى كۆرۈپ قېلىپ ،مەھمۇدتىن تەمبۇر چېلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلدى ،مەھمۇد :«مەن تەمبۇر چېلىشنى بىلمەيمەن ،مۇشۇ قىزىمىز ماڭا تەمبۇر ئېلىپ بەر دەپ خاپا قىلىپ ئالدۇرغان، قىزىم چالىدۇ » دەپ جاۋاپ بەردى ،سۇلتان :«ئەمسە قىزىڭىز چېلىپ بەرسۇن » دىدى .مەھمۇد قىزىغا ئەمىر قىلدى ،قىز تەمبۇرنى ئېلىپ پەنجىگاھ مۇقامىغا شىنداق چالدىكى ،سۇلتان ھەيران قالدى ،بۇلۇپمۇ قىز ئۆزى يازغان بىر شىئىرنى مۇقامغا سېلىپ ئوقۇغاندا ،سۇلتان قىزنىڭ مۇھاببىتىدە كۈيۈپ بىھۇش بولۇپ كەتتى ،شىئىرنىڭ باشلانمى بېيىتى مۇنداق ئىدى :

  سەڭا يۈز شۈكۈر يارەپ بىزگە ئادىل پادىشاھ قىلدىڭ ،

    فەقىر-مىسكىنغە ئابدۇرەشىدخاننى پەناھ قىلدىڭ

    بۇ غەزەلنىڭ چۈشۈرگە بېيىتى مۇنداق باغلانغانىدى

    نەفىسى كىچە –كۈندۈز قىل دۇئا تەڭرى تەقدىسىگە ،

    كى شاھىڭ ھەققىدە قىلماي دۇئا قاتتىق گۇناھ قىلدىڭ .



    غەزەل تامام بولۇشىغا سۇلتان ئالدىراپ :«نەفىسى دېگەن شائىر كىم ؟سىز بۇ غەزەلنى نەدىن ئۆگەنگەن ؟» دەپ سورىغانىدى .
  خەقنىڭ غەزىلىنىمۇ ياد ئېلىپ ئوقۇمدىكەن ؟ مەن ناۋائىي ،فۇزۇلىي ، زەلىلىنىڭ شىئېرلىرىدىن باشقىنى ئوقۇمايمەن ،بۇ غەزەل ئۆزۈمنىڭ ، نەفىسى دېگەن مېنىڭ تەخەللۇسۇم  دەپ جاۋاپ بەردى ، سۇلتان ئۇنىڭ قانچە ياشقا كىرگەنلىكىنى سورىغانىدى ، ئاتىسى 18 ياشقا كىردى دەپ جاۋاپ بەردى ، سۇلتان تېخىمۇ ھەيران بولدى . ئاڭغىچە ئاماننىسا خېنىم قۇپۇپ ، ئۆزى يازغان بىرنەچچە شىئېرلارنى ئەكىلىپ كۆرسەتتى ، خېتىنىڭ ھۆسنى ئۆزىنىڭ ھۆسنى بىلەن بەسلىشەتتى ، پادىشاھ بۇ خەتنى شۇنچە كىچىك نارەسىدەنىڭ يازغانلىقىغا ئىشەنمەي "; قېنى ئەمسە ،مەن قاراپ تۇراي ،بىر شىئىر يېزىپ بېقىڭ " دېگەنىدى ،قىز دۈۋەت-قەلەم ۋە قەغەز ئېلىپ كېلىپ تۆۋەندىكى بېيىتنى يازدى :

  يارەب بۇ بەندە قىلدى ئەجەپ سۇئىزەن مەڭا ،

    گۇيا بۇ ئۆيگە ئۈندى بۇ ئاخشام تىكەن مەڭا .


    سۇلتان كۈلدى :" ئىشەندىم ،ماڭا ھەجۋى قىلمىسىلا" دېدى ۋە مەھمۇد بىلەن تاشقىرىغا چىقىپبىز ھېلى كېلىمىز  دەپ كېتىپ قالدى . ئۇ لەشكەرگاھىغا بېرىپ ، ۋەزىر-ئەمىرلەرگە بولغان ئەھۋالنى بايان قىلدى ، بېشىغا تاج كىيىپ ، ئۈستىگە دەۋاج ياپتى ، دەرھال ئون قوي ۋە ئەتلەسلەر تەييارلاندى ، تۈن يېرىمدا قىرىق كىشى مەھمۇدنىڭ ئۆيىگە كېلىپ مەقسەدنى بايان قىلدى ، پادىشاھ ئۈزىنى ئاشكارە قىلىپ ، توي قىلىپ قىزنى نىكاھىغا ئالدى . خۇدايىتائاللاھ بۇ قىزغا شۇندق ئەقىل پاراسەت ئاتا قىلغان ئىدىكى بۇنى تەرىپلەپ ئولتۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق ، «دىۋان نەفىسى» نى يازدى ، خۇتۇن –قىزلارغا نەسىھەت قىلىش مەزمۇنىدىكى ;ئەخلاقى جەمىلە  (گۈزەل ئەخلاق) ناملىق بىر كىتاپ يازدى . ;شورۇھۇلقۇلۇب; (قەلىبلەر شەرھى) ناملىق بىر رىسالە يازدى ، شائىرلىق ۋە نەغمىچىلىك ۋە خەتتاتلىق توغرىسىدا بۇنداق مەنىلىك كىتابلار ئاز ،;ئىشرەت ئەنگىز (شادلىق قوزغىغۇچى) ناملىق مۇقامنىمۇ بۇ مەلىكە ئىجاد قىلغانىدى ، كۈچلۈك رەشىك تۈپەيلىدىن سۇلتان بۇنى ئۆز نامىدا قىلىۋالغان ھەم شۇ بۇيىچە نەغمىچىلەرگە ئۆگىتىلگەن ، بۇ مەلىكە 34 يېشىدا تۇغۇتتا ۋاپات بولغان دېيىلىدۇ ، مەلىكە ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ، سۇلتان ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغۇدەك  ھالغا يېتىپ  ، سەۋدايىلىق كېسىلىگە مۇپتىلا بولدى ، سۇلتان ئاخىرى يىغلاپ ئالەمدىن ئۆتتى دېيىلىدۇ .
    ئاماننىسا ھەققىدە يەنە موللا سالىھ كاشغەرىنىڭ چىڭگىزنامەدېگەن ئەسىرىدە...خان ئاخىرى بىر رەئىف لۇلىنى ئالدىلەر ،چۈچۈك خانىم سەرزەنىش (تاپا-تەنە) قىلدى  : سەن لۇلىنى ئالدىڭ دەپ ،خان بۇ روبائىينى توساتتىن ئېيتتىلەر :

  مەھبۇب ئەگەر كۆڭۈل قەبۇلى بولسە ،

    شىرىن ھەرەكەت ،خۇش ئۇسۇلى بولسە .

    جان ئوتراسىدا ئانىڭكى يولى بولسە ،

    نى ئەيىب ئانىڭ ئەسلىسى لۇلى بولسە ،

    خانىم ھەم گۈزەشىت (كەچۈرۈش) قىلدىلەر.


    دەپ يېزىلىپ ئاماننىساخاندىن بىشارەت بېرىلگەن .
    بۇ يەردىكى لۇلى ; سۆزى ئەينى ۋاقىتتىكى تارىم ۋادىسىدىكى دولان دىيارىدا ياشاپ كەلگەن سەنئەتخۇمار مەكىت خەلقىگە قارىتىلغان بولۇپ ، ئۇلار فىئۇدال مۇتەئەسسىپ ئىشانلار تەرىپىدىن كەمسىتىلىپ;لۇلى; دەپ ئاتالغانىدى . بۇ ئاماننىساخاننىڭ ناخشا –ئۇسسۇلغا ماھىر ، ئاددى  سەنئەتكار خەلقنىڭ پەرزەنتى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ .
    يۇقىرىقى تارىخى ماتېرياللاردىن شۇنى بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى  ، مەلىكە ئەماننىساخان بىر ئاددى ، كەمبەغەل ئۇتۇنچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ، ئۆزىنىڭ گۈزەل لاتاپىتى ۋە بىلىمى بىلەن سۇلتاننىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشىپ،  ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان .

    مەلىكە ئاماننىساخان ئوردىغا كىرگەندىن كېيىن سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ ھەقىقىي سۆيگۈسىگە ئېرىشكەن ، ئەل ئارىسىغا بېرىپ مۇقامنى قېزىش ، توپلاش ، رەتلەش ،يۈرۈشلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت بۈيۈك ئىشتا ئۇنىڭ قوللىشىغا ھەم ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشكەن . . ئاماننىساخان سۇلتاننىڭ مۇھەببىتىدىن ۋە ئادالەتلىكىدىن سۈيۈنۈپ ئۇنىڭغا ئاتاپ مۇنداق بىر پارچە شىئېر يازغان ، بۇ شىئېر ھەم ھازىرغىچە مۇقام تېكىستلىرى بىلەن بىللە زامانىمىزگىچە يېتىپ كەلگەن :

    كىشى كەلدى جاھانغا كۆردى تەڭسىزلىك بالاسىنى ،

    خۇداۋەندە قۇبۇل قىلغىن فەقىرلەر ئىلتىجاسىنى .

    ئادالەت بىرلە دۇنياغا ھۆكۈم سۈرسە ئۇلۇغ خىسلەت ،

    شۇڭا ئەل باشپاناھ دەرلەر دىيارىم پادىشاھىنى .


    چىمەندە گۈل ئېچىلغاندا قىلۇر بۇلبۇل نىچۈك تاقەت ،

    شۇ چاغ بۇلبۇل تۇرالامدۇ جاراڭلاتماي ناۋاسىنى .

    ھەقىقەت ۋە ئادالەتنىڭ ئۇلۇغ سەردارىنى يادلاپ ،

    نەفىسە چالدى شۇكرانە قىلىپ بۇ پەنجىگاھىنى .




      بىراق زامان چاقى تەتۈر چۆگىلەپ، ئاياللارئارىسىدىن چىققان بۇ لاتاپەتلىك ،بىلىملىك ،قەيسەر مۇقام خانىشى تەخمىنەن مىلادىيە 1557-يىلى ئوردىدا تۇغۇت ئۈستىدە ۋاپات بولغان . ئۇ ۋاپات بولۇشنىڭ ئالدىدا ۋەسىيەت قىلىپ مۇنداق دىگەن :«مەن بۇ ئالەمدىن كېتىمەن ،ئەلنىڭ مەرىپىتى ئۈچۈن بىر ئۆمۈر تىرىشتىم ،بۇنىڭدىن باشقا سەرمايەم ،ياخشى خىسلەت ،پەزىلىتىممۇ يوق . ئۆز ھاياتىمدا يېزىپ چىققان مەنىۋى ئۈمۈدۈم –غەزىنەمنى باقىي ئالەمگە ئېلىپ كېتەي .قۇمۇش قەلەملىرىمنىڭ قېرىندىسى بىلەن سۇ ئىسسىتىپ مېنى يۇيۇڭلار ،مەلىكە رازىيەنىڭ ياقۇت يېزىقى بىلەن يېزىلغان مەسھەپ شىرىپنى تېخى كۈچۈرۈپ بولالمىغانىدىم ،قىزلارنىڭ بىرى ئاخىرنى يېزىپ ئەلگە تەقدىم قىلسۇن ،پاتىمە بىننى ئەھمەدنىڭ خۇش خەتنى بىلەن قەبرەمگە خاتىرە يېزىڭلار......
    ( ئاماننىساخاننىڭ تۇغۇلغان ھەم ۋاپات بولغان ۋاقتى ئېنىق ئەمەس ،شۇنداق بولسىمۇ تەۋارىخى مۇسقىيۇندا ئېيتىلغان ،مەلىكىنىڭ 34 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى ،سۇلتان ئابدۇرەشىدخاننىڭ مەلىكىنىڭ ئۈلۈمىدىن كىيىن سەۋدايىلىق كىسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئالەمدىن ئۆتكەنلقكى توغرىسىدىكى بايانلارغا ئاساسەن مەلىكە ئاماننىساخاننى ھىجرىيە 930-يىللارنىڭ باشلىرى يەنى مىلادىيە 1520-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرى دۇنياغا كېلىپ ھىجرىيە 930-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرى يەنى مىلادىيە 1550-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى ئالەمدىن ئۆتكەن دەپ قاراش مۈمكىن ).
    شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىباھا گۈھىرى بولغان ئون ئىككى مۇقامنى رەتلەش ، يۈرۈشلەشتۈرۈش  ، ئەل ئارىسىغا تارقىتىش ئىشلىرىغا ناھايىتى زور تۆھپىلەرنى قوشقان ،خەلقنىڭ مەدەنىيەت ،  ئەدەبىيات –سەنئەت ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان بۇ يالقۇنلۇق يۈرەك سۇقۇشتىن بىمەھەل توختىغان بولسىمۇ ،  لېكىن ئۇنىڭ شۇ ئۆچمەس تۆھپىلىرىنىڭ شەرىپىتىگە خەلقىمىز ئۇنى تاكى ھازىرغىچە قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدا ساقلاپ ، نامىنى يادلاپ، ئۇنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن ئابىدىلەرنى قاتۇرۇپ ،  روھىنى تاۋاپ قىلىپ كەلمەكتە ھەم كەلگۈسىدىمۇ ئۇنىڭ مۇبارەك مۇقام خانىشلىق نامى ئەۋلادلار قەلبىدە مەڭگۈ ئورنىغۇسى .

مەنبە:مىسرانىم  مۇنبىرى




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   红叶子 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-13 11:17 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
awyamatka + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

قولۇڭدىن كەلسە ياغ چاينا بايقۇش
ministir بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 12:11:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82350
يازما سانى: 397
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3238
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 283 سائەت
تىزىم: 2012-7-1
ئاخىرقى: 2013-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 12:30:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
16-ئەسىردىكى سەئىدىيە خانلىقى بىلەن بىرتانىيە خانلىقىنى سېلىشتۇرۇش بىر ئەخمەقلىقمۇ قانداق.شۇ چاغدىكى سەئىديە خانلىغى ئەمەس نۇرغۇن مۇستەققىل ياشاپ كېلۋاتقان غەرىب دۆلەتلىرنىمۇ ئەنگىليەگە سېلشتۇرۇش بىر ئەخمىقانلىقتۇر.ئامىركا دۇنياغا خوجا بولۇشتىن بۇرۇن ئەنگىليە دۇنيانىىڭ خوجىسى ئىدى.بىز تېخى ئۇ ۋاقىتلاردا ئاق تاغلىق ،قارا تاغلىق بولۇپ يۈرگەن ۋاقىتلىرمىز ئىدى.ھەتتا شۇ 16-ئەسىردە قۇدرەت تاپقان تۈرەكيەمۇ ھازىر ئەنگىليەدىن خىلى ئارقىدا.

ئۆمىد بىلەن ياشايمەن.

http://www.huxdil.com

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39495
يازما سانى: 192
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2253
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 130 سائەت
تىزىم: 2011-5-3
ئاخىرقى: 2013-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-8-14 12:48:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ministir يوللىغان ۋاقتى  2012-8-14 12:11 AM
12مۇقامىڭىز ئەمەس، بارلىق ناخشا-مۇزىكا ھەققىدە پەيغەم ...


ناخشا ئۇسۇل ھەققىدە كۆپ تالاش تارتىش بولغان ،ئۇنى ھارام دېگۈچىلەرنىڭ لوقمان سۈرىسى يەنە باشقا ھەدىسلەرنى مىسال قىلىشى ،ناخشا -ئۇسسۇل مەزمۇنى ئىسلامغا يات بولمىغان ،ئېسل ئەخلاق كۈيلەنگەن بولسا ياد ئەمەس دېگۈچىلەرنىمۇ دەللىلىرىنى كۆرگەن ئىدىم،؛ئىسلامدا چەكلەنمىگەن ناخشا مۇزىكا ھارام ئەمەس دەپ قارىغۇچىلار تەرەپدارىمەن ،بۇ تۇرۇپ تۇرسۇن ،
ئىككىنچىسى شۇ زامانغا تەۋە ئەدەبىيات جەۋھەرلىرىدىن باشقىسىنى قويۇپ تۇرۇپ خانىش ئاماننساخان قولىدىن چىققان بىر نەچچە كىتابنى مىسال قىلىپ ئالغىنىم يۇقارقى ئىنكاستا بار،بولسا يەنە بىر تەپسىلي كۆرۈپ بېقىڭ (ئاماننىساخان "دىۋان نەفىسى"ناملىق گۈزەل شېئىرلار يازغانلىقى مەلۇم . ئۇنىڭ شېئىرلىرى 19 -ئەسىردە خوتەندە ، جۈملىدىن ئىسمىتۇللا مۆجىزى قولىدا بولغان . ئاماننىساخان "ئەخلاقىي جەمىلە" (گۈزەل ئەخلاق ؛ ئاياللار مەسىلىلىرى) ، "شۇرۇلقۇلۇپ"(قەبىلىلەر كېڭىشى) ناملىق ئېتىكىلىق سېلىشتۇرما خارەكتېرلىك ئەسەر يازغانلىقى مەلۇم )، ئافاق غوجا، مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىكى تازىلاشتىن ئامان قېلىپ قالغان  مۇشۇ كىلاسسك ئەسەرلەرلەر ئاماننىساخاننىڭ ئەقىل -پاراسەت بابىدا يېتىشىپ چىققانلىقنىڭ يەنە بىر دەلىلى،ئابدۇرىشتخان دەۋىردىكى ئىلىم -ھېكمەت ئىزدىنىشى توغرىسىدىمۇ ماتىرىيال بار ئىدى ، لازىم بولسا يوللىسام بولىدۇ
ئۈچىنچىسى :1.ئېلزابىت 1 خان جەمەتىدىن ،ئۇنىڭ يۇقىرى تەبىقىدە كۈچلۈك ئارقا كۆرىنىشى بار، ئاماننىساخان نامرات ئوتۇنچىنىڭ قىزى يەنە كېلىپ باشقا خانىشلاردەك دوغلات ،بارغاس نەسلىدىن ئەمەس ئۇيغۇر نەسلىدىن  ؛2. ئىلزابىت ئۇ ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى ، مەلىكە ئاماننىساخان بولسا پادىشاھنىڭ خوتۇنلىرىنىڭ بىرى 3. ئېلزابىتتا ھەربىي ھوقۇق بار، مەلىكە ئاماننساخاندە بۇ ھوقۇق ئەسلا يوق 4. ئېلزابىت ئۆزىگە پۇتلىكاشاڭ بولغانلارنى تازىلاپ ھوقۇق مۇستەھكەملىگەن ئامانىساخاندا ئەسلا بۇنداق نىيەت يوق .
ئەگەر سالاھىيەت جەھەتتە ئاماننىساخاننى چوقۇم بىرسى بىلەن سېلىشتۇرۇش لازىم دەپ قارالسا ياڭ گۈيفىي بىلەن سېلىشتۇرۇسا بەكرەك مۇۋاپىق بولارمىكىن ،ئۇلار ھەر ئىكىسى پادىشاھنىڭ ئامراق خانىشلىرى ،ھۆسىن جامالدا ئۆزلىرىنىڭ گۈزەللىك ئۆلچىمى بويىچە كامالەتكە يەتكەن ،لېكىن باشقا جەھەتلەردىن سېلىشتۇرساق ياڭ گۈيفىي ھەقىقي تۈردە پاىشاھ تاڭ شۈنزۇڭنى ئەيىش ئشرەتكە باشلىغان ،چىرايىدىن باشقا ھېچنىمىسى يوق ،لېكىن خانىش ئامانىساخان دەل ئەكسىچە ،بىرسى ئالتۇن بىرسى تۆمۈر بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   红叶子 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-8-14 12:58 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
babur99 + 10 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

قولۇڭدىن كەلسە ياغ چاينا بايقۇش
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش