ئىسلام دىنىدىكى ئاياللار ئازادلىقى
(1)
ئىسلام دىنىدا ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن بولغان ئالاقىسى بىر بىرىنى تولۇقلايدىغان ئىككى تەرەپنىڭ باراۋەرلىك ئالاقىسىدۇر. ئىككى جىنسنىڭ بەخت- سائادىتى بىر بىرىنى تولۇقلاش بىلەن ھاسىل بولىدۇ.
ياراتقۇچى ئاللاھ ئەر بىلەن ئايال ئارىسىنى يارىتىشتا ۋە ئىنسانپەرۋەرلىكتە باراۋەر قىلىپ ياراتتى. چىقىشىش، خاتىرجەم بولۇش، ئۆز- ئارا كۆيۈنۈش، رەھىمدىللىك ۋە ھېسداشلىق ئالاقىسى شەكىللىنىش ئۈچۈن ئىنسان جۇپتىنى ئىنساندىن يارىتىپ بەردى.
ئاللاھ ئەر- ئايالنىڭ ھاياتتىكى بەخت- سائادىتىنىڭ رېئاللىققا چىقىشى ئۈچۈن ئەر- ئايال ئارىسىدىكى ئالاقىنى مېھىر- مۇھەببەت ۋە كۆيۈنۈش ئالاقىسى بولۇشنى ئىرادە قىلغان:«ئاياللار بىلەن ئۈنسى - ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن) ئاللاھنىڭ (ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تىپىڭلاردىن ياراتقانلىقى، ئاراڭلاردا)يەنى ئەر-خوتۇن ئارىسىدا) مېھر-مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ئاللاھنىڭ)كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قوۋم ئۈچۈن شەك- شۈبھىسىزكى، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار» (رۇم سۈرىسى، 21-ئايەت).
ئەر- ئاياللارنىڭ نىكاھ قىلغان چاغدا بەرگەن ۋەدىسى ئەڭ كۈچلۈك ۋەدىدۇر. ئەر- ئاياللىق ئالاقىسى ئاتا- بالىلىق ئالاقىسىدىنمۇ كۈچلۈك بولىدۇ، ئەر- ئاياللار ئارىسىدىكى مېھىر- مۇھەببەت ۋە كۆيۈنۈش باشقا تۇغقانلار ئارىسىدىكىدىنمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. ئايال كىشى توي قىلغاندا بەخت- سائادەتكە يۈزلەندىم دەپ قارايدۇ. شۇڭا ئايال كىشى ئىرى ئۈچۈن بارلىق تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىشقا رازى بولىدۇ.
قۇرئان كەرىمدە ئىلاھىي خىتاب ئەر بىلەن ئايالغا ئوخشاش كەلگەن، شۇنداقلا تەكلىپ مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش سالاھىيىتىنىڭ ئىككەيلەن ئارىسىدا ئورتاقلىقىنى تەكىتلەش ئۈچۈن مەسئۇلىيەتمۇ ئومۇمىي كەلگەن. تەكلىپ (مەسئۇلىيەت) سالاھىيىتىدىكى باراۋەرلىكنىڭ مۇكەممەللىكى ئۈچۈن ھېساب بېرىش، مۇكاپات ۋە جازادىمۇ باراۋەرلىك تولۇق بولغان:«ئەر-ئايال مۆمىنلەردىن كىمكى ياخشى ئەمەل قىلىدىكەن، بىز ئۇنى ئەلۋەتتە (دۇنيادا قانائەتچانلىق، ھالال رىزىق ۋە ياخشى ئەمەللەرگە مۇۋەپپەق قىلىپ) ئوبدان ياشىتىمىز. ئۇلارغا، ئەلۋەتتە، قىلغان ئەمەلىدىنمۇ ياخشىراق ساۋاب بېرىمىز» (نەھل سۈرىسى، 97-ئايەت).
ئەر- ئايال ئارىسىدىكى باراۋەرلىك مەسىلىسى پەرز ئەين دائىرىسىدە توختاپ قالماستىن، پەرز كۇپايە (ئىجتىمائىي پەرز)نىڭ كۆپىنچىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالدى. مانا بۇ جەمئىيەت قۇرۇلمىسىنى شەكىللەندۈرۈشتە ۋە جەمئىيەتنى گۈللەندۈرۈشتە ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن ئوخشاش سالاھىيىتىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەيدۇ. پەرز كۇپايىنى ئورۇنداۋاتقانلار ئەرلەر بولىشى مۇمكىن ياكى ئاياللار بولىشى مۇمكىن.
مەسىلەن، ئىجتىمائىي ھاياتتىكى ئومۇمىي ئىشلارنىڭ يىغىندىسى بولغان ياخشى ئىشلارغا يېتەكلەش ۋە يامان ئىشلاردىن توسۇشتىن ئىبارەت ئىجتىمائىي پەرزگە كەلسەك، بۇ مەسئۇلىيەتتە ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىگە قۇرئان ھۆججەت كەلتۈرمەكتە:«مۆمىن ئەرلەر، مۆمىن ئاياللار بىر- بىرى بىلەن ئىگىدۇر، ئۇلار(كىشىلەرنى)ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، نامازنى(تولۇق)ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ئاللاھغا ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدۇ، ئەنە شۇلارغا ئاللاھ رەھىم قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»(تەۋبە سۈرىسى، 71-ئايەت).
قۇرئان كەرىمنىڭ كۆرسەتمىسىنى تۇتۇپ مېڭىۋاتقان مۇسۇلمان ئەقىلدە «باراۋەرلىك» بىلەن ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن ئالاقىسىدىكى «ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرۇش» ئارىسىدا زىتلىق گۇمانى پەيدا بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، قۇرئان كەرىم بىر ئايەتتە «باراۋەرلىك» بىلەن «ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرۇش» ئارىسىدىكى ئىشنى بىر ئورۇندا تىلغا ئالغان:«ئاياللىرى ئۈستىدە ئەرلەرنىڭ ھوقۇقلىرى بولغىنىدەك، ئەرلىرى ئۈستىدە ئاياللارنىڭمۇ ھوقۇقلىرى بار.(ئاياللارغا مەھرى بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش مەجبۇرىيەتلىرى ئەرلەرگە يۈكلەنگەنلىكتىن) ئەرلەر ئاياللاردىن بىر دەرىجە ئارتۇقلۇققا ئىگە. ئاللاھ غالىپتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر» (بەقەرە سۈرىسى، 228- ئايەت).
ئاللاھ بۇ ئايەتتە ئاياللارنىڭ ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى بايان قىلدى، ئەر- ئاياللار ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتتە باراۋەر، ھەر بىرسىنىڭ ئىنسانلىق ھۆرمىتى بار، ئېسىل تۇرمۇش كەچۈرۈش ھەققى بار. ئەقىل يۈرگۈزۈش، تەپەككۇر قىلىش، ئارزۇ- ئارمان ۋە كۆڭۈل مەسىلىسىدە تولۇق سالاھىيىتى بار.
ئايەتتىكى«قىۋامە ئارتۇقچىلىقى»:ئائىلىنىڭ ئورتاق ئىشلىرىنى ماڭدۇرۇشتا، تەجرىبە ۋە ئېغىر بېسىقلىق بىلەن ئالاھىدە بولغان ئەر كىشىنىڭ يېتەكلىشى ئاساسىدا بولىدۇ. ئائىلىنىڭ يېمەك- ئىچمەك، كىيىم- كېچەك، تۇرالغۇ ئۆي ۋە باشقا چىقىملىرى ئەرنىڭ مەسئۇلىيىتىدە بولغانلىقى ئۈچۈن ئائىلىنى باشقۇرۇش مۇدىرلىق مەسئۇلىيىتى ئەر كىشىگە تاپشۇرۇلغان. ئۆينى ئىدارە قىلىش، يول كۆرسىتىش ۋە كۈزىتىش ئەر كىشىنىڭ ئىقتىدارىغا بەكرەك ئۇيغۇن كېلىدۇ.
ئايال كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتىمۇ ئېغىر بولۇپ ئۆي ئىچىدىكى ئەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى تولۇقلايدىغان چوڭ مەسئۇلىيەتلەرنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ئايال كىشى ئىمانلىق، ئەخلاقلىق، ۋىجدانلىق ئەۋلادلارنى تەربىيىلەيدىغان ۋە ياراملىق ئادەم يېتىشتۈرىدىغان مەكتەپتىن ئىبارەت.
يۇقىرىقى مەزكۇر ئايەت كەرىمە ئەر كىشىنىڭ ھەر قانداق ئىشلىرىدا ۋە ھەر قانداق ئەھۋاللىرىدا ئايالىغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم بېرىدۇ. ئەر كىشى ئايالىدىن بىر نەرسە تەلەپ قىلسا، بۇنىڭغا قارىتا ئۆتەيدىغان مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئۇنۇتماسلىقى كېرەك. مۇشۇ ئايەتكە ئاساسەن ئىبنى ئابباس:«ئايالىم ماڭا ياسىنىپ بەرگەندەك، مەنمۇ ئايالىمغا ياسىنىمەن»دەپ ئىزاھلىغان.
ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئوخشاش دېگىنىمىز شەخسىيىتى ۋە خاراكتېر جەھەتتە ئوخشاش دېمەكچى ئەمەس، بەلكى ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتتە ئوخشاشتۇر. ئايال كىشى قايسى بىر ئىشنى قىلسا، ئەرنىڭ ئۇنىڭ بەدىلىدە قىلىدىغان بىر ئىشى بولىدۇ. ئەر بىلەن ئايال ئىنسانلىقتا، ھېس- تۇيغۇدا، كۆڭۈل مەسىلىدە ۋە ئەقىلدە ئوخشاش بولغىنىدەك ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتتىمۇ ئورتاق. ھەر بىرى مەنپەئەتىدە ئويلىنىدىغان ئەقىلگە ئىگە مۇكەممەل ئىنسان، ھەر بىرىدە مۇناسىپ نەرسىنى ياخشى كۆرىدىغان ۋە مۇناسىپ بولمىغان نەرسىلەرنى ياخشى كۆرمەيدىغان قەلب بار. شۇڭا بىر- بىرىنى ھۆرمەتلەش ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى ئورۇنلاش ئۈستىگە قۇرۇلغان نىكاھتىن كېيىن بىر جىنسى يەنە بىر جىنسىنى خورلىسا، ياكى بوزەك قىلسا ۋە ئۆز مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلدۇرۇپ، ھوقۇقىنى بەرمىسە ئادالەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ.
ئاللاھ ئاياللارغىمۇ ئىمان ئېيتىش، بىلىم- مەرىپەت ئېلىش، ئىبادەت ۋە مۇئامىلە ئىشلىرىدا ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا خىتاب قىلغان، كۆپلىگەن ئايەتلەردە ئاياللارنىڭ ئىسىملىرىنى ئەرلەر بىلەن تەڭ ئورۇندا تىلغا ئالغان.
ئىسلام دىنى 1400 يىل ئىلگىرى ئاياللارغا بەرگەن بۇ ھوقۇقلارنى ھېچقانداق بىر قانۇن ياكى دىن بېرەلىگەن ئەمەس.
(2)
ئاياللار بىلەن ئەرلەر ئارىسىدىكى پەرقلىنىش
«ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن ئارتۇقچىلىقى بار»دېگەن ئايەتتىكى ئارتۇقچىلىق رەئىسلىك دەرىجىسى ۋە مەنپەئەتلەرنى ھىمايە قىلىش دەرىجىسىدۇر. بۇ ئايەت ئايال كىشىگە بىر نەرسىنى پەرز قىلغان بولسا، ئەر كىشىگە بىر قانچە ئىشلارنى پەرز قىلماقتا. دېمەك، ئائىلىدىن ئىبارەت كىچىك بىر جەمئىيەتتىكى مۇدىرلىق خىزمىتى ئەر كىشىگە شەرەپ بولماستىن مەسئۇلىيەتتىن ئىبارەت:«ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر، بۇ ئاللاھنىڭ ئۇلارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىدىن(يەنى ئەرلەرنى كۈچ -قۇۋۋەت، جەڭگە چىقىش قاتارلىق جەھەتلەردە ئاياللاردىن)ئارتۇق قىلغانلىقىدىندۇر ۋە ئەرلەرنىڭ ئۆز پۇل-ماللىرىنى سەرپ قىلغانلىقىدىندۇر (يەنى ئاياللارنىڭ نەپىقىسى ئەرلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەنلىكىدىندۇر). ياخشى ئاياللار ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، ئەرلىرى يېنىدا بولمىغان چاغلاردا ئاللاھنىڭ پاناھىدا ئەرلىرىنىڭ ھەر تەرەپلىمە ھەقلىرىنى ساقلىغۇچىلاردۇر، سىلەر سەركەشلىك قىلىشلىرىدىن قورقىدىغان ئاياللارغا نەسىھەت قىلىڭلار، (بۇ ئۈنۈم بەرمىسە)بىر تۆشەكتە بىللە ياتماڭلار، (بۇمۇ ئۈنۈم بەرمىسە)ئۇلارنى ئەدەپلەش مەقسىتىدە چوكىدەك نەرسە بىلەن يەڭگىل ئۇرۇڭلار. ئەگەر سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى بوزەك قىلىش خىيالىدا بولماڭلار. ئاللاھ ھەقىقەتەن سىلەردىن ئۈستۈندۇر، بۈيۈكتۇر (ئاللاھ ئاياللارغا زۇلۇم قىلغاننى جازالايدۇ)» (نىسا سۈرىسى، 34-ئايەت).
ئەر ئاياللىق ھاياتى ئىجتىمائىي ھايات بولغانلىقى ئۈچۈن چوقۇم بىر مەسئۇلنىڭ بولىشى زۆرۈر، بىر جەمئىيەتتە ياشىغان ئادەملەرنىڭ بەزى ئىشلاردا كۆز قاراشلىرى ۋە ئارزۇ- ئارمانلىرىنىڭ تۈرلۈك بولىشى تەبىئىي ئىش، شۇڭا ھەر تەرەپ يەنە بىر تەرەپكە قارىشى ئىش قىلىپ ئائىلە بىرلىكىنى بۇزۇۋەتمەسلىكى ئۈچۈن بىر پىكىرگە كېلەلمىگەن مەسىلىلەردە تايىنىدىغان رەئىسنىڭ بولىشى لازىم. ئەر كىشى ئائىلىدىن ئىبارەت كىچىك جەمئىيەتتە رەئىس بولۇشقا ھەقلىق، چۈنكى ئۇ ئائىلىنىڭ مەنپەئەتىنى بەكرەك بىلىدۇ، بەدىنى كۈچ-قۇۋۋىتى، تەجرىبىسى، مىجەزىنىڭ تەڭپۇڭلىقى، سوغۇققانلىقى، ئىرادىسىنىڭ ئۆتكۈرلىكى ۋە ئىقتىسادى ئارقىلىق مەنپەئەتنى ئىجرا قىلىشقا ئىقتىدارلىق كېلىدۇ. شۇڭا ئەر كىشى ئايالنى ھىمايە قىلىش ۋە ئۇنىڭ چىقىمىنى كۆتۈرۈشكە تەلەپ قىلىنغان. ئايال كىشى بولسا، ياخشى ئىشلاردا يولدىشىغا ئىتائەت قىلىشقا تەلەپ قىلىنغان.
ئەر بىلەن ئايالنىڭ ئالاقىسى بىر بەدەننىڭ ئەزالىرىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، ئەر كىشى باش ئورنىدا بولسا، ئايال كىشى بەدەننىڭ ئورنىدا بولىدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى، كېڭەش ۋە مەسلىھەت بىلەن ئىش قىلىش ئائىلىدىمۇ پەرزدۇر.
شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، ئەرلەر قۇرئاننىڭ كۆرسەتمىسىدىن چەتنەپ ئائىلىدە مۇستەبىت بولۇپ، ئايالىغا زۇلۇم قىلماقچى بولسا، بۇلارنىڭ ئۆيلىرىدە تۇغۇلغان بالىلار ئەركىن تەپەككۇر قىلالمايدىغان باشقىلارغا قۇل بولىدىغان بالىلارنى تۇغۇپ بېرىدۇ.
دېمەك، ئائىلىدىكى رەئىسلىك باراۋەرلىكنى بىكار قىلىۋەتمەيدىغان پەرقىلىنىشتۇر، رەئىسلىك بىر بىرىدىن ئالاھىدە بولغان ئىككى تەرەپنىڭ باراۋەرلىكىدۇر. مۇشۇنداق بولغاندا تاكامۇللىشىش ھاسىل بولىدۇ. رەئىسلىك ئەر كىشىنى يېتەكچىلىك قىلىشقا لاياقەتلىك قىلغان مەيدانلاردىكى يېتەكچىلىك مەسئۇلىيىتىدۇر. ئائىلە مەسىلىسى ھەر بىرەيلەننىڭ تەبىئىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئەر بىلەن ئايال ئارىسىدا «خىزمەتنى تەقسىم قىلىش» ئۈستىگە قۇرۇلغان مەسئۇلىيەتتۇر. رەسۇلۇللاھنىڭ ھەدىسىگە ئاساسەن ئايال كىشىمۇ ئەر كىشىگە ئوخشاش بەزى مەيدانلاردا رەئىستۇر:«ھەر بىرىڭلار مەسئۇل، ھەر بىرىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ خىزمەت دائىرەڭلاردىكى ۋەزىپە-ئىشلاردىن مەسئۇلىيەتكە تارتىلىسىلەر ...» (بۇخارى ۋە مۇسلىم بايان قىلغان).
رەسۇلۇللاھ:«ئاياللار ئەرلەرنىڭ يېرىمى»دېگەنىدى(ئەھمەد، تىرمىزى ۋە ئەبۇ داۋۇد بايان قىلغان).
دېمەك، ئىسلامنىڭ ئاياللارنى ئازات قىلىشى يارىتىلىش ۋە ئىنسانلىقتا تولۇق باراۋەرلىكنى رېئاللىققا ئاشۇرۇپ بەردى، ئاياللىق خاراكتېرىنى ئەرلىك خاراكتېرىدىن پەرقلەندۈرۈپ ساقلاش بىلەن بىرگە ئومۇمىي ئىجتىمائىي ئىشلارغا قاتنىشىشنى دۇرۇس قىلىپ بەردى، كۆپىنچىسىنى ۋاجىپ قىلدى.
مانا بۇ ئىسلامدىكى ئاياللارنىڭ ئورنى. ئىسلام دىنى ئاياللارغا ئەركىنلىك ئىنقىلابنى تەمسىل قىلىپ بەردى. يارىتىلىش، ئىنسانلىق ھوقۇقى، ھۆرمەت، مەسئۇلىيەت، ھېساب بېرىش، مۇكاپاتلاش، جازالاش، ئاياللىق خاراكتېرىنى ئەرلىك خاراكتېرىدىن پەرقلەندۈرۈش ئاساسىدا ئاممىۋى خىزمەتلەرگە قاتنىشىشنى رېئاللىققا ئاشۇرۇپ بەردى. دېمەك، باراۋەرلىك خىزمەتنى تەقسىم قىلىشتىكى ئالاھىدە پەرقلىنىپ تۇرۇش بىلەن زىتلاشمايدۇ. چۈنكى بۇ باراۋەرلىك بىر بىرىنى تولۇقلايدىغان ئىككى تەرەپنىڭ باراۋەرلىكىدىن ئىبارەت.
ئابدۇراخمان جامال كاشىغەرى (ئەزھەرى)
مىسىر، قاھىرە شەھىرى
2015- 1- 25 كۈنى