awatbag يوللىغان ۋاقتى 2015-2-4 12:42 AM 
بۇرادەريازغان مۇشۇئىنكاسىڭلاردىكى پەيغەمبېرىمىزنىڭ ...
زىيادە زىل گەپلەرنى باشقىلارغا يەتكۈزۈشتە مەن قارشى تەرەپنىڭ شۇ گەپكە ئائىيىت تۇتۇدىغان مۇئامىلىسگە ئاساسەن دىمەكچى بولغان سۆزنىڭ ئورامىنى ئۆزگەرتىپ قالدىكەنمەن . ھازىر كىشىلەر زىيادە نوچى بولۇپ كەتتى گەپ-سۆز ئىغىر كەلسە دەرھاللا باشقا بىر ئىشلارغا تاقاپ سىز-بىزنى پىكوغا دەسسىتىمەنلا دەيدۇ .
دۇنيادىكى بارلىق ئېلىكتىر ماتورنىڭ بىرلا قىلىدىغان ئىشى بولىدۇ بۇ بولسىمۇ ئايلىنىش .
بىراق ئېلىكتىر ماتۇرنىڭ ئىچكى ئورام سىم ھەر خىل يۆگەلگەن بولۇپ ، بەزى ئېلىكتىر ماتورلىرىنىڭ ئورام سىمى ئايلىندىغان ئاسالىق ئوقىغا يۆگىلىدۇ . بەزى ئېلىكتىر ماتورىنىڭ تاشقى قىپنىڭ ئىچ يۈزىگە ئورىلىدۇ ..... بۇ ئىرىشمەكچى بولغان مەقسەتنى چىقىش قىلىش ئۈچۈن مۇشۇنداق ئورىلىدۇ .گەپمۇ ھەم شۇنداق ......
ھازىركۆپۈنچە كىشىلەر گەپ توغرا بولسىمۇ . گەپنى قوبۇل قىلىشتا گەپ قىلىۋاتقان كىشىنىڭ نوپۇزىغا قاراپ تۇرۇپ گەپنى قوبۇل قىلىدۇ ياكى رەت قىلىدىغان بولۇپ كەتتى . ............
گەپنى سورۇنغا قاراپ ، ئادەمنىڭ قوبۇل قىلىش ئىڭىغا قاراپ . مۇھىيتقا قاراپ قىلىش بىر خىل ئاقلانىلىك دەپ قارايمەن بۇرادەر . تاغام ئالى مائارىپ تەربىيسىنى راۋۋۇس ئالغان تاغامنىڭ نەزىرىدە دىن بىر خىل قەبىپنىڭ ھىسسى تويغۇسىغا ئاساسەن تۈزلۈگەن بىر خىل ئەخلاق دەرىسلىگى دەپ قارايدۇ . بۇنداق ھالەتتە مەن سۆزنى باشلاشتا تەڭرىگە ھەمدۇ-سانا. رەسۇللاھقا دۇرۇت . ئەسھابىلەرگە رەھمەت ئىيتىپ بولۇپ گەپنى باشلاپ بولغۇچە تاغام بىر بولسا ئۇخلاپ قىلىشى مۈمكىن .
شۇنداقتىمۇ چىرايلىق تەكلىپ بەرگىنىڭىزدىن شۇنداق سۆيۈندۇم بۇرەدەر !