.tuz. يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 11:49 AM 
ۋەئەلەيكۇم ئەسسىلام !
يالقۇن روزى ئەپەندىنىڭ تېمىس ...
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
راستىنى دېسەم سىلىدىن بەك خوش بولۇۋاتىمەن.ئويلاپ باقسام، تور دۇنياسىدا يىللاردىن بېرى ئىنكاسىمنى قوغلاپ يۈرۈپ ئوقۇپ، ئىككىلىك نەقىل ئىنكاس يېزىپ، شېرىن-شېكەر گەپلىرىمنى ئاڭلىۋالمىسا ئۇيقۇسى كەلمەيدىغان سىلىدەك يېقىن ‹‹دوستۇم››دىن ئىككىنچى بىرىنى يەرشارىدىن ئىزدەپمۇ تاپالمىغۇدەكمەن.
مېنىڭ ئۇ ئىنكاسىمنىڭ ھەرگىزمۇ يالقۇن روزىغا قايىل بولۇش، ياكى بولماسلىق مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋېتى يوق. يالقۇن روزى تونۇلغان زىيالىي، ئۇنىڭ نۇرغۇن ماقالىلىرىنى سۈيۈپ تۇرۇپ ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن. ھۆرمىتىم بار.
ئەمدى تۆۋەندىكى بايانلىرىمنى ئوقۇپ باقسىلا.
چۈنكى بىر ئادەمنىڭ كۆزىنىڭ ياشقا تولىشى يالغۇز ھاياجاندىن، مۇسىبەتتىن، خوشاللىقتىن، رازىمەنلىك تۇيغۇسىدىن بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئېچىنىش، ھەسرەتلىنىش، ئاچچىقلىنىشتىنمۇ بولىدۇ.
ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ غۇرۇر ھەققىدە ئېيتقانلىرىدىن كۆڭلۈم تولىمۇ سۈيۈنگەن بولسا، يەنە بىر كىشىنىڭ ‹‹........xx لاردەك.......تەييارتاپلاردىن بولۇپ قېلىشنى خالىمايمىز›› دېگەن گەپلىرىنى ئوقۇغاندا يۈرىكىم ئېچىشتى(يۈرەك ئېچىشقاندىمۇ ياش چىقىدۇغۇ).
بىلىمەن، بۇ يازما بىردەمدىلا نۇرغۇن ئۈندىدار سالۇنلىرىغا چىقىپ بولىدۇ. ‹‹قۇملۇق شاھى، ياغاچ پۇت››لارنى بىلمىگەنلەر ئۇ ئىككىسىنىڭ خەلق بىزنى باقسۇن دەپ تۇرۇۋالىدىغان ‹‹تەييارتاپ››لاردىن ئىكەنلىكىنى بىلىۋالىدۇ.
ئويلاپ باقسىلا، قۇملۇق شاھى خەلق باقسۇن دەپ تۇرۇۋالغان بولسا، جاپا تارتىپ راڭپىزىخانا ئېچىپ ئاۋارە بولارمىدى؟......
ئاشۇنداق باشقىلارنى كەمسىتىدىغان سۆزنى باشقىلار دېگەن تەغدىردىمۇ، سىلىقلىتىپ يازغىلى بولاتتىغۇ.
ئۆز كىشىلىرىمىزنىڭ نام-ئابرويىنى چۈشۈرىدىغان ئىشنى زادى قاچان تۈگىتەرمىز؟
كۆپ گەپ قىلسام سىلىدەك ئېسىل ‹‹دوستۇم››نىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئېلىپ قويغۇدەكمەن. مۇشۇ يەرە توختاپ قالاي.
ئامان بولسىلا!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-26 07:09 PM