Kerammusic يوللىغان ۋاقتى 2015-1-26 11:14 PM 
بىرتوپ سامان بىلەن ھەلەپ يىيىشنىلا بىلىدىغان قويلار ت ...
راىست گەپتىن بىرنى قىپسىز بۇرادەر !مەيلى قەھرىماننى كىم ئۆلتۈردى دىگەن يازما بولسۇن ،مەيلى ئەلسۆيەر بۇرادەرنىڭ تېمىسى بولسۇن ،مەيلى گۈلەننىڭ باغداشتىكى تېمىسى بولسۇن ياكى يالقۇن ئاكىمىزنىڭ بۇ تېمىسى بولسۇن ھەممىسى مەرھۇم ئوغلانىمىزنىڭ ۋاپاتى سەۋەبى بىلەن جەمئىيتىمىزدە قەھرىمانلىق ،ئىجتىمائىي مەسئۇليەت تۇيغۇسى ،قېرىنداشلىق ،مىللەتپەرۋەرلىك ..ھەققىدە تۇغۇلغان يېڭىدىن -يېڭى پىكىرلەرنىڭ تەقەززاسىدا مەيدانغا كەلگەن .ئەقىل كۆزىمىز بىلەن كۆرسەك بۇ يازمىلارھەركىمنىڭ ئۆز ئېڭىدا ئەكىس ئەتكەن جەمئىيتىمىز توغرىسىدا يېزىلغان خالاس ، ئەڭ مۇھىم مەسىلە شۇكى ،بۇ يازمىلارنىڭ ھېچ بىرىدە ھەق ناھەقنى ئاستۈن ئۈستۈن قىلغان،بەد نىيەتلەر ئارلىشىپ قالغان ئىش يوق !ھەممىسى ياخشى نىيەتتە يېزىلغان .شۇڭا بىرىنى ماختاپ مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن يەنە بىرىنى چوقۇم سۆكۈش ،چۆكۈرۈشنىڭ نېمە زۆرۈرىيىتى بار ؟
ھاياتتا نۇرغۇن چوقۇم قەتئىي خاتا ياكى قەتئىي توغرا دەپ ئايرىلىدىغان ،چوقۇم قەتئىي قارشى تۇرلىدىغان ياكى قەتئىي ئالقىشلىنىپ قوغدىلدىغان پىرىنسىپال مىزانلار بولىدۇ ،مانا شۇنداق مەسىلىلەر ئۈستىدە ئوڭ-سول ،ئاق -قارا ئىككى سەپ بولۇپ قان بولشۇپ كەتسىمۇ ئەرزىيدۇ ھەم ھوقۇم شۇنداق قىلش ئادەملىكمىزگە قويۇلىدىغان بىر سوئال بەلگىسى !
بىراق بىر مەسلىگە پەقەت ئوخشمىغان نۇقتدىن چىقىپ باھا بېرلگەندە ،يەنە كېلىپ بۇ ھېچقانداق توغرا -خاتا ،ھەق -ناھەق مەسلىگە تاقاشمىغاندا ئەتىگىنى توغرا دىگەننى كەچلىكى باشقا بىر پىكىرنى ياقلاش ئۈچۈنلا پۈتۈنلەي قارىغا چىقىرىپ يەربىلەن يەكسان قىلغانلار مېڭىمىزنى س ت ئاپراتىدا بىر تەكشۈرتۈپ باقساق دىگەن تەكلىبنى بېرىمەن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا babur99 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-1-27 11:17 PM