يالقۇن روزىغا جاۋاب: «تۆھپىكارلار مۇكاپاتى» تەسىس قىلىش خاتامۇ
ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر
ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك يالقۇن روزى ئاكا، سىزنىڭ مىسرانىم تورىدىكى «ئابدۇراھماننىڭ ئائىلە – تاۋاباتلىرىنىڭ مۇراجىتى» ناملىق يازمىڭىزنى ئوقۇغاندىن كېيىن، سىز ۋە ئابدۇراھمان ئاكامنىڭ ئائىلە - تاۋاباتلىرىغا «قەھرىماننى كىم ئۆلتۈردىگە يانداشقان پىكىرلەر» ناملىق ئەرزىمەس يازمامدىكى تەۋسىيەرىم ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىش يۈزىسىدىن «يازما مەشىقى» قىلىپ ئولتۇرۇپتىمەن. مەن ئالدى بىلەن سىزدەك بىر مەسئۇلىيەتچان زىيالىرىمىزنىڭ تور ۋە ئۈندىدارلاردىكى قىزىق نۇقتىلىق يازمىلارغا مەتبۇئاتلاردىن ئېشىنغان ھالدا ئالاھىدە ۋاقىت ئاجىرتىپ، ئىنكاس قايتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمەن، پەننىڭ تەرەققىياتى مانا مۇشۇنداق ئىلمىي مۇنازىرىلەر ئارقىلىق راۋاجلىنىدۇ، مۇنازىرە ئارقىلىق يېڭىلىنىدۇ، مۇنازىرىگە قاتناشمىغان بىلىم چىرىۋاتقان بىلىمدۇر. ئىلمىي مۇنازىرە بىزگە نۇرغۇنلىغان گۇمانلىق نۇقتىلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىدۇ، ھەقىقەتنى توغرا ياقىلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. يالقۇن روزى ئاكا، يازمىڭىزنى ئوقۇغاندىن كېيىن، سىزنىڭ ئەستايىدىلىققىڭىزدىن سۆيۈندۈم، چۈنكى سىز يازمىڭىزدا مەرھۇم قەھرىمانىمىزنىڭ ئائىلە – تاۋاباتلىرى بىلەن ئېرىنمەي سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، توردىكى «قەھرىمانغا ئىئانە توپلاش شوئارى» غا قارىشى دەلىل - ئىسپات توپلاپسىز، ئەلۋەتتە، بۇ يازمىڭىزدىكى كۆپلىگەن پىكىرلەرنىمۇ سىز شۇ ئائىلە – تاۋاباتلارغا ۋاكالىتەن ئوتتۇرىغا قويغاندەك تۇرىسىز، بولۇپمۇ «غورۇر ۋە نادان ئېيىق» ھەققىدىكى بايانلارنى (شەخسەن پەرىزىم).
مەن بىر ئادەتتىكى قەلەم مەدىكىرى، گېزىتخانىنىڭ ئاددىي مۇخبىرى، ئالدىڭىزدا گەپ يورغىلىتىشقا تىلىم ئاجىز، قەلەم ئوينىتىشقا بىلىمىم كەمچىلدۇر، شۇنداق بولسىمۇ، يازمىڭىزغا قارىتا ئويلىغانلىرىمنى جۆيۈلۈپ بېقىش مەقسىتىدە، كېچىلەپ ئولتۇرۇپ قەلەم تەۋرىتىشكە مەجبۇر بولدۇم. مەن سىزدەك ئىستىداتلىق ئۆگەتكۈچى بولالمىساممۇ، ئاددىي ئۆگەنگۈچى بولۇپ، ئۆزۈمنى ئىزچىل تاكاماللاشتۇرسام دەپ ئويلايمەن، شۇڭا سىزدەك خەلقىمىزنىڭ ھۆرمەت تۆرىدىن ئورۇن ئالغان ئاتاقلىق ئوبزورچى ئاكىمىزدىن تەلىم ئېلىشقا تەييارمەنكى، سىز بىلەن تاكالىشىشتىن ھەر ۋاقىت تىلىمنى تارتىمەن، چۈنكى مەن «ئويناشماڭ ئەرباب بىلەن، ئەرباب ئاتىدۇ ھەرباب بىلەن» دېگەن ئاتىلار سۆزىنى ئوبدان ئۆگەنگەن. مەن سىزنىڭ ھازىرغىچە يازغان يازمىلىرىڭىزنىڭ قىزغىن ئوقۇرمەنلىرىنىڭ بىرى، لېكسىيەلىرىڭىزنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىسى، سىز بىلەن ھەر قېتىم يۈز تۇرانە كۆرۈشۈپ پىكىرلەشكىنىمدە، ئۆزۈمنى يېڭى بىلىملەرگە ئېرىشكەندەك ھېس قىلىپ، خۇشال بولىمەن. مەندىكى ئىلمىي مۇنازىرە ئېڭىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى بىخلىرى سىزنىڭ يازمىلىرىڭىزنى ئوقۇغاندىن كېيىن شەكىللەنگەن. شۇ ۋەجىدىن ئوقۇرمىنىڭىز ۋە شاگىرتىڭىز سالاھىتىدە سىزگە يەنە بىر قېتىم تەشەككۈر بىلدۈرىمەن.
مەن تۆۋەندە سىزنىڭ «ئابدۇراھماننىڭ ئائىلە – تاۋاباتلىرىنىڭ مۇراجىتى» ناملىق يازمىڭىزدىكى ئۆزۈمگە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىغان نۇقتىلارغا قىسقىچە جاۋاب بېرىپ ئۆتمەكچىمەن، مەندەك ئەمدىلا رول تۇتۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان «يېڭى شوپۇر» نىڭ قېيىپ كېتىشلىرىنى سىزدەك بىر «پىشقان شوپۇر» نىڭ كەڭ قورساقلىق بىلەن ئەپۇ قىلىۋېتىشىگە ئىشىنىمەن. ئەيىبكە بۇيرىمىغايسىز.
مەن ئۈندىدارىمدا «ئارمانلىرىمىز ئۈچۈن يىغلايمىز»، «قەھرىماننى كىم ئۆلتۈردى» ناملىق ئىككى يازمىنى كۆرگەندىن كېيىن، بۇ يازمىنى ئاسىيا بوكس چېمپىيونى ئابدۇراھمان ئابلىكىمنىڭ يېقىن دوستى كۆكتېكىننىڭ يازغانلىقىنى بىلدىم. مەن ئىلگىرى كۆكتېكىن، ئابدۇراھمان، جۈرئەت ئوبۇلقاسىم، گۈلزۆھرە ئەبەيدۇللا قاتارلىقلارنى بىر قانچە قېتىم زىيارەت قىلىپ باققانلىقىم ۋە ئۇلار ھەققىدە ئازدۇر - كۆپتۇر مەلۇماتلارغا ئىگە بولغىنىم ئۈچۈن، يازمىدىكى مەزمۇنلار كاللامدا كىنو لىنتىسىدەك زاھىر بولۇشقا باشلىدى. بۇ يازمىنى ئابدۇراھماننىڭ دوستى كۆكتېكىن يازماي باشقا بىرى يازغان بولسا، يازمىدىكى بايانلارغا «كۆتەر قاسقىنىڭنى» دەپ ئىشەنمىگەن بولاتتىم، ئەمما بۇنى كۆز يېشىغا قەلىمىنى مىلاپ تۇرۇپ يېزىۋاتقىنى ئابدۇراھماننىڭ يېقىن دوستى، «ياغاچ پۇت شاھزادىسى» دەپ نام ئالغان كۆكتېكىن ئىدى. يەنە كېلىپ بۇ يازمىدا مىسال قىلىنغان جۈرئەت ئوبۇلقاسىمنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى مەكتەپ ئىچى بازىرىنىڭ ئۈچۈنچى قەۋىتىدىكى «ئاق ئەتتىرگۈل راڭپىزىخانىسى» دا ئۈچ قېتىم جۈرئەت ئوبۇلقاسىم ئۆز قولى بىلەن تەييارلىغان راڭپىزىنى تېتىغانىدىم ۋە ئۇنىڭ «تۇرمۇش» پىروگراممىسىدا سۆزلىگەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغانىدىم. گۈلزۆھرە ئەبەيدۇللا كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ، دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغاندا، كۆكتېكىن ۋە جۈرئەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇنىڭ كېسەللىك دېئاگىنوز قەغىزىنى كۆرگەنىدىم، كېيىن گۈلزۆھرە ھەققىدە يېزىلغان «تەكلىماكان مەلىكىسى ـــ گۈلزۆھرە ئەبەيدۇللا» ناملىق كىتابنىمۇ ئوقۇپ چىقتىم، مانا يۇقىرىقى ئۆزۈم كۆرگەن پاكىتلار مېنى «قەھرىماننى كىم ئۆلتۈردى» ناملىق يازمىدىكى ئاساسىي مەزمۇنلارغا ئومۇمىي جەھەتتىن رېئاللىق سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىشقا، ئۇ يازمىنى كۆزۈمگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ ئوقۇشقا مەجبۇر قىلدى. كۆكتېكىن ماقالىسىدە «مىللىتىمىزگە تۆھپە قوشۇۋاتقان قىسمەن تۆھپە ئىگىلىرىنىڭ تازا قەدىرى ئۆتۈلمەيۋاتقانلىقىدەك رېئاللىقىنى ئابدۇراھمان ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرمەكچى بولغانىدى». شۇ تاپتا مۇشۇ يازمىنى ئوقۇغان نۇرغۇن ئۈندىدارداشلىرىم ئۇشبۇ يازمىنى دوستلار چەمبىرىكىدە شىددەت بىلەن تارقاتماقتا ئىدى، ئۇلارنىڭ يازمىنى تارقاتقىنى، يازمىدىكى مەزمۇنلارغا مايىللىقى بارلىقىنى مەلۇم جەھەتتىن ئېچىپ بېرەتتى. شۇ خىل قىزىقىش ئىچىدە ئۈندىدار چەمبىرىكىمنى يومۇلاتتىم. «چولپان بولغاننىڭ نېمە پايدىسى؟ ئىلگىرى ئىچكى ئۆلكىلەردە تەنتەربىيە چولپانلىرىنىڭ ئالتۇن مېداللىرىنى ئالدىغا تىزىپ قويۇپ، يەر ئاستى ئۆتۈشمە يوللىرىدا ماھارەت كۆرسىتىپ پۇل تېپىۋاتقانلىقى، ئايال تەنھەرىكەت ماھىرلىرىنىڭ ئالتۇن مېدالىنى سېتىپ بالىسىنى داۋالاتماقچى بولۇپ يۈرگەنلىكلىردەك ئىشلارنى ئاڭلىغانىدىم. ئەمما ئۇ ۋاقىتلاردا بىزنىڭ تەنتەربىيە چولپانلىرىمىزنى بۇ ئىشلاردىن مۇستەسنا دەپ ئويلىغانىكەنمەن، مىڭ ئەپسۇس... دۇنياۋى سەھنىلەردە شۆھرەت قازانغان شۇ كىشىلىرىمىزنىڭمۇ قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۋاتقانلىقىنى ئويلاپمۇ باقماپتۇق، ئۇلارغا ئازىراقمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ قويماپتۇق، مېنىڭ شۇ تاپتا ‹بىزدىكى مەسئۇلىيەت ئېڭى نەگە كەتتى؟› دەپ ئۈنلۈك توۋلىغۇم كېلىۋاتىدۇ؟» مانا بۇ ئۇچۇر كۆپىنچە دوستلىرىمنىڭ چەمبىرىكىنى قاپلاپ كېتىپتۇ. بولارغا قاراپ ئەپسۇسلىنىپ قالدىم – دە، دەررۇ كاللامغا «ئىدارىسى ئۈچۈن تۆھپە قوشقانلارنى ئىدارىسى مۇكاپاتلايدۇ، ئەجىبا ئەل - يۇرتى ئۈچۈن تۆھپە قوشقانلارنى ھېچكىم مۇكاپاتلىمامدۇ؟ ياق ئۇلارغىمۇ مۇكاپات تەسىس قىلىنىشى، بولۇپمۇ، يۇقىرقىدەك دەرۋ پالۋانلىرىغا ئەڭ ئاۋۋال مۇكاپات تەسىس قىلىنىشى كېرەك» دېگەن تەشەببۇس پەيدا بولدى ۋە مۇشۇ تەشەببۇسۇمنى ياقىلىغان ئاساستا «قەھرىماننى كىم ئۆلتۈردىگە يانداشقان پىكىرلەر» ناملىق يازمىنى يېزىپ مۇنبەرداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم. بۇ يازمام مۇنبەردە تارقالغاندىن كېيىن، «تۆھپىكارلار مۇكاپاتى» تەسىس قىلىش تەشەببۇسۇم نۇرغۇن تورداشلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى (پاكىت ئۈچۈن باغداش ۋە مىسرانىم تورىدىكى مۇشۇ تېمامغا چۈشكەن ئىنكاسلارنى ئوقۇپ كۆرۈڭ).
مېنىڭ ئابدۇراھمانغا ئىئانە يىغىشنى تەۋسىيە قىلغىنىم يوق، بەلكى «تۆھپىكارلار مۇكاپاتى» ياكى «تۆھپىكارلار فوندى» دېگەندەك ناملار بىلەن مۇكاپاتلارنى تەسىس قىلىپ، ئابدۇراھمانغا ئوخشاش مىللىتىمىزگە شان – شەرەپ كەلتۈرگەن بوكسچى پالۋانلارغا، پۇتبول، ۋاسكىتبول، ۋالىبول چېمپىيونلىرىغا، شۇنچە جاپا چېكىپ، كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ يېزىقچىلىق قىلىپ تۇرۇپمۇ يازغىنىغا تۇشلۇق ئەجىر ھەققىگە ئېرىشەلمەيۋاتقان سىزدەك ئەدىب – يازغۇچىلىرىمىزغا، تەبىئىي پەن، سانائەت پەنلىرى، ئۇچۇر – تېخنىكىسى، ماشىنسازلىق، تىبابەت ئۇستىكارلىرىغا، ئىجادچان كارخانىچى، ماھىر كاسىپلىرىمىزغا، ئىشقىلىپ مىللىتىمىزنىڭ ھەر ساھەسىدە كۆزگە كۆرۈنگەن شەخسلىرىمىزگە مۇكاپات شەكلىدە تەسىس قىلىنىشىنى تەشەببۇس قىلماقچىمەن.
توغرا، ئىنسان ئۈچۈن غورۇر ھاياتتىنمۇ مۇھىم، غورۇرلۇق كىشىلەر ئۆلۈمنى تاللايدۇكى، غورۇرىنى خارىلاشنى تاللىمايدۇ، بۇنىسى قۇياشتەك ئايدىڭ ھەقىقەت، شۇ ۋەجىدىن ھەرقانداق بىر روھى تەن دۇرۇس ئادەمنىڭ قولىغا ئۇچۇقتىن ئۇچۇقلا «ماۋۇ ئەل – يۇرتىڭىزنىڭ سىزگە قىلغان سەدىقىسى)» دەپ تۇتقۇزۇپ قويسىڭىز، ئۇنىڭغا بۇ سەدىقىڭىز ئۆلۈمدىن ئېغىر كېلىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ تەنتەربىيەدەك مىللەتنىڭ غورۇرىغا تاقىلىدىغان كەسپلەردە نام قازانغانلار بۇ خىل سەدىقىلىرىڭىزنى كۆرسە قوبۇل قىلىش تۈگۈل، سەدىقىنى چېكىڭىزگە قىستۇرۇپ قويۇپ، ئارقىدىن سىزنى تېپىك بىلەن يولغا سالىدۇ. مۇكاپات بىلەن سەدىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاسمان – زېمىن پەرق بار. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كىشىنىڭ شان – شەرەپ تۇيغۇسى كۈچىيىدۇ، سەدىقىگە ئېرىشكەن كىشىنىڭ بىچارىلىك تۇيغۇسى كۈچىيىدۇ. تۆھپىكار كىشىلەرگە خەلق تەرىپىدىن بېرىلىدىغان مۇكاپاتلار كۆپەيسە، جەمئىيىتىمىزدە تۆھپىنىڭ رولى قەدىرلىنىدۇ – دە، كىشىلەر ھە دېسە ساختا مىسكىنلىك قىياپىتىگە كىرىۋالماي، تۆھپە قوشۇش ئارقىلىق ئېرىشىش ئارزۇسىدا بولىدۇ.
مەن«دوستلار چەمبىرىكىدە ئىئائەنە يىغىش مۇراجەتنامىسى» نى كۆرگەندىلا، بەك ئەپسۇسلانغانىدىم، ئۆچۈرگۈزۋەتمەكچى بولۇپ، مۇشۇ مۇراجەتنامىنىڭ ئىگىسىگە نەچچە قېتىم تېلېفون قىلسام ئېلىنمىغان. دېمىسىمۇ بۇ خىل مىللەتنىڭ غورۇرىغا، قانۇنىي جەھەتتىن ئالغاندا شەخسنىڭ نام – شۆھرەت ھوقۇقىغا چېقىلىدىغان «سەدىقە يىغىش» لارغا مەنمۇ قەتئىي قارشى، باشقا ھەرقانداق قېرىنداشلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ پالۋانلارغا سەدىقە بېرىش ئۈچۈن ئىئانە يىغىپ يۈرمەسلىكىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.
يالقۇن روزى ئاكا، مۇشۇ يەرگە بىر گەپنى قىستۇرۇپ قويغۇم كەلدى، يازمىڭىزدا باشتىن - ئاخىر غورۇر مەسلىسىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغىنىڭىزدىن سىزنىڭ باشقىلارنىڭ غورۇر ۋە ئىززەت – ھۆرمەت مەسلىسىگە قانچىلىك زور دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئادەملىكىڭىزنى كۆرۈۋالدىم. ئەمما سىزنىڭ يازمىڭىزدىكى «بىز چېمپىيون بولغاندىن كېيىن خەلق بىزنى باقسىكەن دەيدىغان تەمەخور تەييارتاپلاردىن بولۇشنى نومۇس دەپ بىلىمىز، بىز ئۇ تاغدىن – بۇ تاغقا ۋېلسىپىت بىلەن بارغان، پۇستانى چۆلدىن ياغاچ پۇت بىلەن ئۆتكەن دېگەندەك ئاتاقلارنى ئېلىپ، بۇ خىلدىكى ئاتاقلارنى تەمەخورلۇقنىڭ دەسمايىسى قىلىۋېلىپ، خەلق بىزنى بېقىشى كېرەك دەيدىغان تەييارتاپلاردىن پەرىقلىنىمىز» دېگەن بايانلارنى كۆرۈپ، بۇ بايانلارنى يازغاندا باشقىلارنىڭمۇ دەل سىزگە ئوخشاش كۈچلۈك غورۇرىنىڭ بارلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ قويغانلىقىڭىزنى ھېس قىلدىم. ئەجىبا، باشقىلارنىڭ دۇنيا جنس رېكورتى ئېلىپ خەلقىگە شان – شەرەپ كەلتۈرۈش ئويىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى، ئەمدى بولغاندا سىزنىڭ ئېغىزىڭىزغا «ئۇ تاغدىن بۇ تاغقا ۋېلسىپىت بىلەن بارغان، پۇستانى چۆلدىن ياغاچ پۇت بىلەن ئۆتكەن، تەييارتاپ» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلىپ قالسا توغرىمۇ؟ مېنىڭچە، توغرا ئەمەسلىكىنى سىزدەك مىللىتى ئۈچۈن ئوت بولۇپ كۆيىدىغان بىر سەركە زىيالىنى ئوبدان بىلىدۇ، دەپ ئويلايمەن. يەنە بىرى سىز دانىشمەنلەرنىڭ «غورۇر – ۋىجداننى يىگىلى بولمايدۇ، ئەمما غورۇر – ۋىجدانى يوقلار ھەممە نەرسىنى يەۋېتىدۇ» دېگەن نەقىلىنى يازمىڭىزغا زورلاپ قېتىپ قويۇپسىز، مېنىڭچە، ئابدۇراھمان ئۈچۈن قايغۇرغان، ئۇنىڭ ئۈچۈن باش قاتۇرغانلار غورۇر – ۋىجدانىنى ئىت يەپ كەتكەن، ئالدىغا كەلگەن ھەممە نەرسىنى تاللىماي يەۋېرىدىغانلاردىن ئەمەس، ئەنە شۇلاردىكى ئەل – يۇرتىغا بولغان مەسئۇلىيەتچانلىق، پالۋانلىرىغا بولغان ھۆرمەت ۋە بۇرۇچ ئۇلارنى شۇ خىل قايمىقۇشلارغا بەنت قىلغان. دەسلەپتىلا سىزدەك بىر گاڭگۇڭ زىيالى ئوتتۇرىغا چىقىپ، «ئەلۋىدا قەسىدىسى» گە قوشقان ئاساستا مۇشۇ مەسلىلەرگە مۇۋاپىق جاۋاب يېزىۋەتكەن بولسا، مېنىڭچە، بۇ خىل تالاش – تارتىش، توغرا چۈشەنمەسلىكلەرمۇ بولماستى، دەپ ئويلايمەن.
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، بىز مەملىكەتلىك ياكى خەلقئارالىق بوكس سەھنىلىرىدە، بوكس چېمپىيونلىرىمىزنىڭ مۇسابىقىگە چۈشكەن ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقايلى، مۇبادا ئاشۇ مىللىتىمىزنىڭ ماھىرى سەھنىدە قارشى تەرەپتىن قاتتىق مۇشت يەپ، ئاغزى – بۇرنى لەختە – لەختە قان ھالەتتە يەرگە يىقىلسا، ئاشۇ مەنزىرىنى كۆرۈۋاتقان سىزنىڭ يۈرىكىڭىز ئېچىشامدۇ – ئېچىشمامدۇ؟ ئەلۋەتتە، ئازىراقلا ۋىجدانىڭىز بولسا، چوقۇم ئېچىشىدۇ، ھەتتا شۇ ماھىردىنمۇ بەكرەك سىزنىڭ يۈرىكىڭىز لەختە بولىشى، كۆزىڭىزدىن ياش ئەمەس، قان ئېقىشى، بۇ خىل ناچار كەيپىياتنىىڭ ئىسكەنجىسىنى نەچچە ھەپتىلەرگىچە كاللىڭىزدىن چىقىرالماسلىقىڭىز مۇمكىن. مۇبادا ئاشۇ ماھىر ئۇتۇپ قالسىچۇ، ئۇ چاغدىكى خۇشاللىقىڭىزنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيسىز. دېمەك، تەنتەربىيە دېېگەنلىك بىر مىللەتنىڭ غورۇرى دېگەنلىكتۇر، تەنتەربىيە سەھنىسى دېمەك تۈتەكسىز جەڭ مەيدانى دېمەكلىكتۇر. ئەمدى ئويلىپ بېقىنىڭ، ئەل – يۇرتى ئۈچۈن يۈكسەك غورۇرى بىلەن جېنىنى تىكىپ تۇرۇپ، مۇسابىقە ئويناۋاتقان ئاشۇ قېرىنداشلىرىڭىزغا سىزنىڭ مۇكاپات تەسىس قىلىپ بېرىشتە ئازىراق بولسىمۇ ھەسسىڭىز بارمۇ – يوق؟ بەلكىم بەزىلەر، ئۇ پالۋانلارغا بىز مۇكاپات بەرمىسەكمۇ، مۇكاپات بېرىدىغان ھۆكۈمەت بار دېيىشى مۇمكىن، توغرا ھۆكۈمەتمۇ ئەلۋەتتە ئىدارىسىگە شان – شەرەپ كەلتۈرگەن ماھىرلارنى مۇكاپاتلايدۇ، ئەمما، ھۆكۈمەتنىڭ مۇكاپاتىنىڭ مېھرى ۋە شەرىپى بىلەن ئەل – يۇرت قەلبىدىن چىقىرىپ بەرگەن «يۇرت سۆيگۈسى مۇكاپاتى» نىڭ مېھرى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. ئەجىبا شۇ پالۋانلىرىمىزغا مۇكاپات ئۈستىگە مۇكاپات بېرىلسە ئۇلارنىڭ ئاچچىقى كېلىپ كېتەرمۇ؟ مېنىڭچە، ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ يانچۇقىدا يېتەرلىك ئىقتىساد بولغاندىن كېيىن، يۈرىكى پۈتۈن، غورۇرى تېخىمۇ ئۈستۈن بولىدۇ، قەددىي ئاسانلىقچە پۈكۈلۈپ قالمايدۇ، نەتىجىدە ئەل – يۇرت ۋە مىللىتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور شان – شەرەپلەرنى قازىنالايدۇ.
يېقىندا پالۋانىمىز ئابدۇرىشىتخاننىڭ بىر قانچە شىركەتنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولغانلىقى، قىسمەن شىركەتلەرنىڭ مەھسۇلات ئېلانلىرىغا چىققانلىقى، شۇنىڭغا تۇشلۇق يېتەرلىك ئىقتىسادىي كىرىم ياراتقانلىقىنى ئاڭلاپ ھەقىقەتەن سۆيۈندۈم، چۈنكى مەن پالۋانلىرىمىزمۇ چولپانلار قاتارىدا سانىلىپ، ئوبرازى تاۋار سۈپىتىدە يۇقىرى قىممەت يارىتالىشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن، ئابدۇراھمان ئابلكىممۇ ئەينى چاغدا ئارماننىڭ مەھسۇلات ئېلانىغا چىققانغۇ؟ ئەمدى مەمەتتۇرسۇن چوڭ، ئەكرەم ئىسھاق، زۇلپىقار قاتارلىق بوكسچىلىرىمىز، شىرئەلىجان مۇختار، مەردان قاتارلىق ۋاسكىتبولچىلىرىمىز، بارى مەمەتتۇرسۇن قاتارلىق پۇتبولچىلىرىمىز، ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5 – باشلانغۇچ مەكتەپتىكى كىچىك پۇتبول ئەزىمەتلىرىمىز ۋە باشقا دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تەنتەربىيەدە نەتىجە ئالغان كىشىلىرىمىز ئابدۇرىشتخاندەك مەھسۇلات ئېلانلىرىغا چىقسا، كارخانىلارغا ئوبراز ۋەكىلى بولسا تامامەن بولىدۇ. «مۇئەللىم» شىركىتى بۇلتۇر مەھسۇلاتىنىڭ ئېلانىغا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئاكىنى ئوبراز ۋەكىلى قىلىشقا ئويلىشىپتىكەن، كېيىن كەسپ نۇقتىسىدىن ئويلىشىش ئارقىلىق كۆزگە كۆرۈنگەن ئەخلاق تەربىيە يېتەكچىسى، مائارىپ تەتقىقاتچىسى تۇرسۇنجان مۇئەللىمنى ئوبراز ۋەكىلى قىلىپ تاللاپتۇ، مانا مۇشۇنداق ھەر ساھەنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن تۆھپىكار شەخسلىرى ئوخشىمىغان ساھەدىكى كارخانىلارنىڭ ئوبراز ۋەكىلى بولسا تامامەن بولىدۇ.
دېمەكچى بولغىنىم، ھازىر دىيارىمىزنىڭ ئۆزىدىلا 20 مىڭدىن ئارتۇقراق ئۇيغۇر كارخانىسى بار ئىكەن، ئاشۇ كارخانىلارنىڭ غوجايىنلىرى نەچچە ئون تۈمەن خەجلەۋاتقان مەھسۇلات ئېلانلىرىغا يۇقىرىقىدەك تەنتەربىيە چولپانلىرىنىمۇ تەكلىپ قىلغان بولسا، دەۋر پالۋانلىرىمىزنى خەلقىمىز ياد ئېتىپ تۇرالايتتى، ئۇلارنىڭ يورۇق سىماسى ئەۋلادلىرىمىزغا ئۈلگە تىكلىيەلەيتتى، كارخانا ئوبرازىمۇ ماس ھالدا ئۆسەتتى. يۇقىرىقىدەك قەھرىمانلىرىمىزنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن ئۇلارنىڭ خاس ئالاھىدىلىكلىرى، ئىمزاسى چۈشۈرۈلگەن ياكى ئۇلارنىڭ خاس ئىسىملىرى ماركا قىلىنغان تۈرلۈك كىيىم – كېچەك، خاتىرە بويۇملىرىنى ئىشلەپ بارزاغا سالسا، بۇ ئارقىلىق بىر تەرەپتىن پالۋانلارغا ئىقتىسادىي كىرىم بولاتتى، يەنە بىر تەرەپتىن شۇلارنىڭ شان – شەرەپ تۇيغۇسىنى نۇرلاندۇرغىلى بولاتتى. بۇ خىل «تۆھپىكارلار مۇكاپاتى» نى پالۋانلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنلىرى، ئالتۇن مېدال ئالغان خاتىرە كۈنلىرى، كوماندىغا كىرگەنلىكىنىڭ پۈتۈن سان يىللىقى كۈنلىرى قاتارلىق پەيتلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، «تۆھپىكارلار مۇكاپاتى» نىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇشقا بولىدۇ، دەپ قارايمەن. مۇبادا «تۆھپىكارلار مۇكاپاتى» تەسىس قىلىنىپ قالسا.....
پالۋانىمىز ئابدۇراھمان ئابلىكىمنىڭ مۆھتىرەم ئائىلە – تاۋاباتلىرى، مەرھۇمنىڭ ھايات چېغىدا ئەل – يۇرتىمىزغا شان – شەرەپ كەلتۈرۈش يولىدا ئاققۇزغان قان - تەرى بەدىلىگە بېرىلگەن بۇ «تۆھپە مۇكاپاتى» نى مەرھۇمغا ۋاكالىتەن تاپشۇرۇۋېلىشنى خالايسىلەرغۇ دەيمەن. شەخسەن مەن، خەلقىمىز قان – قېرىندىشىڭلار ئۈچۈن تەسەددۇق قىلغان ئۇشبۇ «تۆھپە مۇكاپاتى» نى قوبۇل قىلىشىڭلارنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن.
پالۋانىمىزنىڭ سەبدېشى، ھۆرمەتلىك ئابدۈشكۈر مىجىت ئاكا، سىز ئەل – يۇرتىمىزنىڭ شان – شەرىپى، يۈزى ۋە غورۇرى ئۈچۈن تىنىمسىز ئەجىر قىلىۋاتقان يۇرت سۆيەر، تۆھپىكار، باتۇر ئوغلان بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن «تۆھپىكارلار مۇكاپاتى» تەسىس قىلىشقا تامامەن قوشۇلىسىزغۇ دەيمەن؟
ھۆرمەتلىك يالقۇن روزى ئاكا، ئالدىڭىزدا تولىمۇ ئاددىي تەپەككۇر شەكىلىم بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ قالغان، «تۆھپىكارلار مۇكاپاتى» تەسىس قىلىش پىكىرىمگە قوشۇلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن، مەن يەنە سىزگە قوشۇلۇپ ئابدۇقادىر جالالىدىن، زۇلپىقار بارات ئۆزباش قاتارلىق زىيالىلىرىمىزنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىشىنىمۇ ئۈمىد قىلىمەن، چۈنكى بۇ خۇددى خەلقىمىزنىڭ 2015 – يىلىنى «كىتاب ئوقۇش يىلى» قىلىش تەشەببۇسىغا ئوخشاشلا بىر تەشەببۇس خالاس. مەن يەنە خەلقىمىز ئۈچۈن قۇتلۇق قەدەملەرگە، تۈرلۈك سىر - ھېكمەتلەرگە تويۇنغان بۇ بىر يېڭى يىلدا، بىر قايغۇرۇش ئورنىغا، بىر خۇشاللىنىشنىڭ دەسسىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەلۋەتتە، بۇ مېنىڭ تەۋسىيەم خالاس، مەيلى ئەمەلگە ئاشسۇن ياكى ئاشمىسۇن، مەن بۇ تەۋسىيەنى كىشىلەرنىڭ ئېسىگە سېلىپ قويۇپ يامان قىلمىدىم، دەپ ئويلايمەن، تورداشلار ۋە ئوبزورچى يالقۇن روزى ئاكامنىڭ ماڭا بولغان ھەرقانداق تەنقىدى تەكلىپ پىكىرى بولسا ئاددىي ئىزدەنگۈچى ۋە كەمتۈك ئىنسان بولۇش سۈپىتىم بىلەن ھەرۋاقىت قوبۇل قىلىشقا تەييارمەن.
2015– يىلى 26 – يانۋار ئۈرۈمچى ۋاقتى كېچە سائەت 1:30 دىن 4:40 قىچە بولغان ئارلىقتا يېزىلىپ تورغا يوللاندى
(ئەسكەرتىش: ئەسلى ئاپتور ۋە مەنبە ئەسكەرتىلگەن ئاساستا مەزمۇنىنى ئۆزگەرتمەي يوللاۋەرسەڭلار بولىدۇ)
مەنبە:باغداش تورى