bagdowlat يوللىغان ۋاقتى 2014-10-26 10:57 AM 
ئىشلەپ پۇل تاپىدىغان نىيىتىڭىز بولسا بۇنچە جىق نەرسىل ...
بۇنداق دېسىڭىز قانداق بولىدۇ ؟
ئىشلەپ پۇل تاپىمەن دەپلا ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلىنسىمۇ سۈرۈشتۈرۈپ كەتمەيمىزما ؟
دۆلەت بېكىتكەن دەم ئېلىش كۈنلىرىدە سېمىنا قوشۇپ ئىشلىگەن بولسا ئاۋالقى ئىنكاسىڭىزدا تىلغا ئالغىنىڭىزغا ئوخشاش ھەسسىلەپ پۇل قوشۇپ بېرىشى كېرەك - ئۇ مەيلى شەخسىي ياكى ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئورۇن بولسۇن ئوخشاش .
مائاشنى بەرسە ئالىمىز ، بەرمىسە باشقا يەرگە بېرىپ ئىشلەيمىز دەڭ ....
ئىشلىگەن ھەربىر كۈن ئۈچۈن چوقۇم مائاش ئالىمىز ! پۇلنى ئېلىپ بولۇپ ئاندىن باشقا يەرگە بېرىپ ئىشلىسەكمۇ بولىدۇ ...
بۇنداق دېسەم كىم سېنىڭ سۆزۈڭنى ئاڭلايدۇ دېيىشىڭىز مۇمكىن . شۇنداق ، كىم مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلايدۇ ؟
دەل مۇشۇنداق بەرسە ئېلىپ ، بەرمىسە كېتىۋەرگەننىڭ كاساپىتى بىلەن خەق گېپىمىزنى ئاڭلىماس بولىۋالدى ھازىر ...
ئىنكاسىڭىزغا قارىسام قانۇندىن خېلى ساۋادىڭىز باردەك قىلىدۇ ، شۇڭا باشقىلارغا تەكلىپ بەرگەن ئىكەنسىز ھەقىقىي توغرا يولنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ تەكلىپ بېرىشىڭىزنى سورايمەن ... ----------
-------------------------
قىززىق باللا باركەن بۇ يەردە . ئادۋۇكاتلار مۇنبىرىدە مەخسۇس ئادۋۇكاتلار مۇشۇنداق مىساللارغا جاۋاب بېرىپ ، يول كۆرسىتىپ كېلىۋاتسىمۇ شۇ يەردىن سورىماي نەدىكى ئارقا ھويلىدا لەغمەنگە سەي توغرايدىغانلاردىن مەسلىھەت ئالىدىغان ....
ئادۋۇكاتلار مۇنبىرى ئادرىسى :
http://aduwkat.com