مەھمەت94 يوللىغان ۋاقتى 2014-10-24 11:19 AM 
ئىش ھەققىنى سۇيلەش ئۇچۇن شۇ ئادەم ئىشلەتكۇچى ئۇرۇنغا ...
سىز بەك ئاددىي ئويلىۋاپسىزمۇ قانداق ؟
ئەگەر شىركەت تەرەپ شىركەتنىڭ پۇلىنى قانۇنسىز يۆتكەپ ئىشلەتكەن دەپ ئەرىز قىلسا ئۇ ۋاقىتتا بۇ بالا قانداق قىلىدۇ ؟
بۇنى چوقۇم قانۇنى ئېڭى بولغان ئادۋۇكاتلاردىن مەسلەھەت ئېلىش تولىمۇ زۆرۈر دەپ قارايمەن .
ئىشلىگۈچىنىڭ ئىسپاتىغا كەلسەك ، بىر شىركەتتە بۇ بالىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ياللانما ۋە مۇقىم خىزمەتچىلەر بولىدۇ . باشقىلاردىن سوراش ، كۆزىتىش ۋە تەدبىقلاش ئارقىلىقمۇ ۋە ياكى شۇ بالىدىن ئاغزاكى سوراش ئارقىلىقمۇ شۇ شىركەتتە ئىشلىگەن ياكى ئىشلىمىگەنلىكىنى بىلىۋېلىش قىيىن ئەمەس ...
سىز بەگدۆلەت خانىمغا ئىشلەپ بەرگەن دېسىڭىز :
بۇ خانىم قەيەردە ، نىمە خىزمەت ياكى شىركەت ئاچىدۇ ؟
ئاساسلىق قىلىدىغان خىزمىتىڭىز قايسىلار ؟ شىركەت خاراكتېرى نىمە ؟
باشقا خىزمەتداشلىرىڭىز سزگە گۇۋاھچى بولالامدۇ ؟
مانا مۇشۇ ئاددىي ئېنىقلىما ئارقىلىقلا سىزنىڭ بەگدۆلەت خانىمغا ئىشلىگەن ياكى ئىشلىمىگەنلىكىڭىزگە ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ ...
ئەمگەك توختام قانۇنىدا ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇقى ئالدىن ئويلاشقان . ئەگەر ئىشلىگۈچى ئەمگەك قانۇنىغا خىلاپلىق قىلمىغان ئاساستا - ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىشلىگۈچىنى ئىشتىن بوشاتسا ياكى ئىش ھەققىنى بەرمىسە بۇ ئېنىقلا ئىشلەتكۈچى تەرەپنىڭ قانۇنىي جاۋاپكارلىقى . ھەم سۈرۈشتە قىلىنىدۇ ...
مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ كۆپلىكىدىن دۆلىتىمىز مەخسۇس ھالدا ۋاقىتلىق ياللانما ئىشچى تۈرىنى توختاملىق ئىشچى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىپ ئەمگەك توختام قانۇنىنى يولغا قويغان . يەنە نىمە دەپ ئۆزىمىزگە پايدىلىق تۇرسىمۇ قانۇندىن پايدىلانمايمىز ؟