-
تۈركچىدىن دەسلەپكى ساۋات - [تۈركچە دەرس]
تۈرى: تۈركچە دەرس | 2010-05-01
كىرىش سۆز ئورنىدا
مەن تۈركچىنى قانداق ئۆگەندىم؟؟؟
تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 3-يىللىقى ئىدى، ھەدەم ئىلىپ كەلگەن تۈركچە ئىسلامى تىلىۋىزىيە تىياتىرى " ھەققىڭ ھالال بولسۇن " دىگەن فىلىمنى كۆرگەندىن كىيىن تۈركچىگە ئاجايىپ ئىشتىياق باغلىدىم.تۈرك تىلىدىكى ئىسلامى ئەسەرلەرنىڭ كۆپلىكىدىن ھەيران قالدىم.شۇنىڭ بىلەن بۇ فىلىمنى قايتا قايتا كۆردۈم،شۇ جەرياندا پىرسۇنازلارنىڭ ئاددى بولغان سالام سۆزلىرى،خوشلىشىش سۆزلىرى دىگەندەكلەرنى يادللىۋالدىم،ئاز ئۆتمەي توردا ئۈرۈمچىلىك بىر ئاكاش بىلەن تونۇشۇپ قالدىم، تور خاتىرىسى تۈركچە ناخشا ۋە ئاۋازلىق شئىرلار بىلەن تولغان ئىدى،ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشتىم،ئەڭ ھەيران قالغان يىرىم ئۇ "تۈركچىنى ئۆزۈم ئۆگىنىۋالغان،كىنو كۆرۈپ "دېدى.شۇنىڭ بىلەن ئۆزى ئۆگەنسىمۇ،بىركىم ئۆگەتمىسىمۇ،كىتاپ بولمىسىمۇ ئۆگەنگىلى بولىدىكەن،مەنمۇ ئۆگىنىپ باقايچۇ، ياخشى ئۆگىنەلەپ قالسام تۈرك تىلدىكى ئىسىل ئىسلامى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلغىدەك سەۋىيەگە يەتسەم ،خەلقىمىزگە شۇنى يەتكۈزسەم دەپ ئويلاپ،كىنودىن ئۆگىنىۋالغان سالام سۆزلىرىنى تۈركچە بىلىدىغانلارغا چ چ دا دەپ باقتىم ،ئۇلار مۇ ھەم،تۈركچە جاۋاپ بەردى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ گەپلىرىنى چۈشىنەلمەي،سۇئال دىگەننى ياغدۇرىۋەتتىم،"بۇ نىمە دىگەن گىپىڭىز،مەن تۈركچىنى ئانچە بىلمەيمەن،تەرجىمە قىپ بىرىڭە"ھىم شۇنداق قىلىپ ئۇ ئاكاش- ئاچاشلارمۇ ھارماي چۈشەندۈرۈپ قويدى،ماۋۇ ماندا گەپ،ماۋۇ ما مەنىدە دەپ.
شۇنداق قىلىپ ئۇ گەپلەرنى يېزىپ يادىلىۋالدىم.ۋە تۈركچە بىلوگدىن بىرنى قالايمىقان بېسىپ تولدۇرۇپ يۈرۈپ ئىلتىماس قىلدىم.تۈرك دوستلار كۆپلەپ قوشۇلدى،ئۇلارغا دىيەلەيدىغان بىر نەچچە ئېغىز گىپىملا بار ئىدى.گىپىنى ئۇقمىساملا "مەن ئۇيغۇر،تۈركچە بىلمەيمەن " دەپلا جاۋاپ بەردىم.ئۇلارمۇ بىر ئاماللارنى قىلىپ ئىنەىلىزچە ياكى تەرجىمە دىتالىدىن پايدىلىنىپ چۈشەندۈرۈپ قويدى.
دەسلەپتە ياخشىمۇسەن،تونۇشقىنىمغا خۇشالمەن،خوش دىگەندەك گەپلەرنىلا ئىشلىتەلىگەن بولسام كىيىن بارغانسىرى بىلىدىغان سۆزلىكلىرىم كۆپەيدى.
شىنجاڭدا تۈركچە ماتىرياللارنىڭ يوق بولۇش مەسلىسى كاللامنى قاتۇردى،بىيجىڭ تەرەپتىن لۇغەت ئەكەلدۈردۈم،مانا شۇندىن ئىتىبارەن مەخسۇس تۈرك تىلى ئۆگىنىش قاينىمىغا بېشىمچىلاپ كىرىپلا كەتتىم،ئالى مەكتەپ ئىمتىھانى دەيدىغان نەرسىنى پۈتۈنلەي ئۇنۇتتۇم،شۇ سەۋەپ ئۇ يىلى ئالى مەكتەپكە ئۆتەلمىدىم.
ئۆيدىكىلەرنىڭ ھەممىسى "ھەممىنى قىلغان شۇ تۈرك تىلى " دەپ خاپا بوپ كىتىشتى، تۈركچە كىتاپلىرىمنىمۇ يوق قىلىۋەتتى.
شۇنداقتىمۇ يەنىلا توختاپ قالماي كونا پەدەمدە تۈركچە بىلىدىغان ئۇيغۇرلار بىلەن توردا پاراڭلىشىپ سەۋىيەمنى ئاشۇردۇم.
يەنە بىر قېتىم مەغلۇپ بولسام قانداق قىلارمەن؟دەپ قورققان شۇ ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدىنمۇ ئاللاھنىڭ ياردىمىدە مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتتۈم،ئەمدى مېنىڭ تۈركچە ئۆگىنشىمدە ھىچقانداق توسالغۇ قالمىغانىدى.
ھازىرغا قەدەر گەرچە قولۇمدا كىتاپ بولسىمۇ بىرەر كىتاپنى تۇتۇپ راۋۇرۇست تۈگىتىپ ئۆگىنىپ باقمىغانىدىم،مانا ئەمدى بىر نەچچە دوستلىرىمغا ئۆگەتكەچ ئۆزۈممۇتەڭ ئۆگىنىپ مىڭىۋاتىمەن.
ھازىرغا قەدەر نۇرغۇن دوستلار مەندىن سورىدى : "قانداق ئۆگەنسەم بولار؟،نەدىن باشلىسام بولار؟" دەپ،مېنىڭچە سىزمۇ كىتاپ يوق،ئۆگىتىدىغان ئادەم يوق دىمەي ئاۋال بىر بىسمىللاھ دەپ قارىسىغا يادىلاپ بولسىمۇ ئۆگىنىپ بېقىڭ ،چوقۇم ئۈنىمىنى كۆرىسىز.چۈنكى :çaliştıktan veinandıktan sonra başarilmiyacak hiç bir şey yok!تىرىشتىن ۋە ئىشىنىشتىن كىيىن غەلبە قىلغىلى بولمايدىغان ھىچقانداق ئىش يوق!
ئۇنداقتا بىسمىللاھ دەپ ئۆگىنىشمىزنى باشلايلى.
تۈرك تىلىدا 29 ھەرپ. ئىنگىلىزتىلىدىكىW، X، Q ھەرپلىرى تۈرك تىلىدا يوق.
تۈرك تىلىدىكى ھە ربىر ھەرپنى ئايرىم ئوقۇغاندا ئۇلارغا ئە تاۋىشىنى قوشۇپ ئوقۇيمىز،مەسىلەن : ئا،بە،جە،چە....
ğ ھەرپى ئۇيغۇر تىلىدىكى غ نىڭ ئەينەن تەلەپپۇزى ئەمەس،غ بىلەن ھ ئارلىقىدا تەلەپپۇز قىلىمىز،ئادەتتە سۆزلەرنىڭ ئوتتۇرسىغا كەلسە ھەرپنىڭ ھەققىنى بەردۇق دەپ ئوقۇمايلا يەنە بىر ھەرپكە سوقۇپ ئۆتۈپ كىتىمىز مەسىلەن : öğrenci (ئوقۇغۇچى)بۇنى ئوقۇغاندا ئۆرەنجى دەپ ئوقۇيمىز،يۇمشاق گ تاۋۇشى بولغان ğ ئوقۇلماي ئۆتۈپ كەتتى.
قالغان قىسىملار ئايرىم سۆزلىنىدۇ.
نەقىل ئادرىسى:
评论
بۇلارنى پەنساناردا قانداق بېسىپ چىقىرىمىز؟ مەن چىقىرالمىدىمغۇ؟...........
Ben de Türkçe öğrenmek istiyorum
Her gün yeni bir ders mi?