-
«بۆرىلەر ۋادىسى»باش قەھرىمانى ھەققىدە - [تۈرك مەشھۇرلىرى]
تۈرى: تۈرك مەشھۇرلىرى | 2010-05-01
«بۆرىلەر ۋادىسى»باش قەھرىمانى ھەققىدە
تەرجىمە قىلغۇچى:(مەلەك)
تۈركىيە كۆپ قىسىملىق تىلىۋىزىيە تىياتىرى " بۆرىلەر ۋادىسى "( kurtlar vadisi) خەلقىمىز بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كىيىن تولىمۇ ئالقىشقا ئىرىشتى،گەرچە ئۇيغۇر تىلىغا" بۆرىلەر ۋادىسى ئىراق' تىن باشقا قىسىملىرى تەرجىمە قىلىنمىغان بولسىمۇ كىشلەر نەچچە يۈز يۈەندىن پۇل خەجلەپ پىلاستىنكىسىنى سىتىۋىلىپ قىزىقىپ كۆردى.
راڭپىزىخانا،ئاشخانىلارغا كىرسەك " بۆرىلەر ۋادىسى " قويىلىۋاتقان، ئەرلەر كىيىم- كىچەك سېتىش ئورۇنلىرىغا " پولات " نىڭ رەسىملىرى چاپلانغان، چ چ ۋە مۇنبەر باش رەسىملىرى پولات بىلەن توشقان،قىزلار نىڭ چ چ بوشلۇقلىرى " مەن ياخشى كۆردىغان ئارتىس" " قەلبىمدىكى شاھزادە " دەپ ماۋزۇ قويۇلغان پولاتنىڭ رەسىمى بىلەن تولغان.
ئۇنداقتا سىز ياخشى كۆرگەن بۇ پولات ئالەمدار( بايراق تۇتقۇچى،يول كۆرسىتىپ ئالدىدا ماڭغۇچى) زادى كىم؟
ئابدۇقادىر شاشماز( قورقماس)نىڭ ئوغلى بولغان نىجاتى شاشماز 1971-يىلى ئەلئازىقتا تۇغۇلغان.
ئەسلى كەسپى ساياھەت باشقۇرۇش بولغان نىجاتى كانادا ئوقۇغان.ئامىرىكىدا ئالتە يىل تۇرغاندىن كىيىن2001-يىلى تۈركىيەگە ئاتا-ئانىسىنى يوقلاشقا قايتىپ كەلگەن.ئامىرىكىدا يۈز بېرىۋاتقان توقۇنۇشلار تۈپەيلى ۋە ئاتا- ئانىسىنىڭ زورى بىلەن ئامىرىكىغا قايتىشتىن ۋازكىچىپ تۈركىيەدە قېىلىپ سۇغۇرتا شىركىتى ئاچقان.
بى رقىتىملىق ئوسمان كىنوچىلىقىنىڭ زىياپىتىدە رىژىسسىور بىلەن تونۇشۇپ قالغان ھەم"بۆرىلەر ۋادىسى"اىلىمىنىڭ باش رولچىلىقىغا تەكلىپ قىلىنغان، كىنوچىلىق ئىشلىرىدىن خەۋەرسىز بولغان نىجاتى ككپ ئويلىنىپ بىر ئايدىن كىيىن تەكلىپنى قوبۇل قىلغان.
بۇ تىلىۋىزىيە تىياتىرى بىلەن تەڭ نىجاتىنىڭ پۈتكۈل ھاياتى ئۆزگەردى.بىر كىچىدىلا چولپانغا ئايلاندى،ئۇ بەزىدە ئەپسۇسلىنىپ مۇنداق دەيدۇ :" پەقەت ئەنقەرەدىلا بەزى كىشلەر مىنى نىجاتى دەيدۇ،ئەمما ئىستانبۇلدا بولسا ھەممە پولات دەيدۇ،مېىنىڭ شەخسى ھاياتىم ئاخىرلاشتى. "
ئامىرىكىدىكى چېغىدا ئۇ يارىلىنىپ ئەسكەرلىكنى پەقەت 28 كۈنلا قىلغان.ئۇنىڭ تاغىسى mhp(تۈركىيەدىكى مىللى تەشكىلات) نىڭ ۋەكىلىى تاھىر شاشماز،ئۇنىڭ يەنە راجى شاشماز ،زۇبەيىر شاشماز قاتارلىق ئىككى ئىنىسى بار.
تۆۋەندە مەلەكنىڭ ئىشلىگەن سۈرەتلىك ئالبومىدىن ھوزۇرلانغايسىلەر،ناخشىنىڭ ئىسمى" بۆرىلەر ۋادىسى" دىكى قىستۇرما ناخشا" يامغۇر"
نەقىل ئادرىسى:
«بۆرىلەر ۋادىسى»باش قەھرىمانى ھەققىدە
Blog:ئاغىنىلەر ئونۋىرسال بىلوگى2010-06-17 03:08:42«بۆرىلەر ۋادىسى»باش قەھرىمانى ھەققىدە
Blog:ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم2010-05-01 23:06:58