14 12
يېڭى تېما
بېسىپ چىقىرىش

ماكان مۇزىكا مۇنبىرىCubase_Nuendo سەھىپىىسىدىن pdf كىتاپلار

ماكان مۇزىكا مۇنبىرىCubase_Nuendo سەھىپىىسىدىن pdf كىتاپلار

ياخشىمۇسىلەر دوسلار  
مەن بۇگۈن ماكان ئەپەندىمدىن ئاھانەت ئاڭلاش بىلەن بىرگە دوسلاردىن رەخمەت دىگەن سۆزنى ئاڭلاش يۇزىسىدىن بۇ تىمىنى يوللاۋاتىمەن .
بۇ دەرىسلەرنىڭ كۆپۈنچىسىنى ماكان ئەپدندىم تەييارلىغان . مەن بۇ دەرىسلەرنى ئىلىكتىرونلۇق كىتاپ شەكلىدە ساقلاپ قويغان ئىدىم .
( گۇناھىم ماكان ئەپەندىمدىن بىسوراق بىكەتتىن مەزمۇن چۈشۈردۈم ھەم ماكان ئەپەندىم چوڭ قىلىپ چۈشۈرۈشكە بولمايدۇ دەپ يېىزپ قويسىمۇ قىلچە تاتىنماي چۈشۈرىۋالدىم ) بۇ گۇناھىم ئۈچۈن ئۆلۈمگە لايىق . ماكان ئەپەندىم رەھىم قىلىپ بۇ گۇناھىمنى كەچەرۈم قىلىپ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىپ بىرىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
چۈشۈرۈش ئادىرىسى :چۈشۈرۈڭ
قالغان مەزمۇننى ئەگەردە ماكان ئەپەندىم ئۆلۈمگە بۇيرىماي قالسا تىنىمدە جېنىم بولسا چۇقۇم يەنە ئىلىكتىرونلۇق كىتاپ شەكلىدە يوللاپ قويىمەن .
كۆرۈپ باقارسىلەر ..

[ يوللانمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى ENTER ، ۋاقتى: 2009-4-23 23:40  ]
يوللانىمىنىڭ يېقىنقى باھالىنىش خاتىرىسى
  • makan شۆھرەت +30 temingiz bahalandi 2009-4-24 15:43

TOP

سىز بىر ئەمەس ، ئىككى خىل گۇناھ قىلدىڭىز ،
1- مۇنبەر ئەھلىنى ئالداپ ، بۇزۇلغان ھۆججەتنى قۇيۇپ ، 3 قېتىم چۈشۈرۈشكە مەجبۇر قىلدىڭىز  ، ھەممىسى بۇزۇلغان ھۆججەتكەن .
2-  مۇنبەرگە يۇللانغان تېمىنى ، قايتا يۇللىدىڭىز ( ئەسلىدىلا بار نەسىنى شەكىل ئۆزگەرتىپ يەنە يۇللاش دەيمىز )

قالغان گۇناھلىرىڭىزنى باشقىلار دىسىۇن .

مۇنبەر قانۇنىي بۇيىچە سىزنى ئەسىلى مۇنبەر سوراقخانىسىغا ئەكىرىپ سوتلاپ ، 10 قېتىم دۇمبالاش ، 1 يىللىق مۇنبەر تۈرمىسىگە تاشلاش ، ئاندىن تېما بەنىدە بىر يىل چىنىقىش جازاسسى بەرسە تۇغرا بولاتتى ،

مۇنبەر سوتىنىڭ ئادىللىقىغا ئىشىنىمىز  ، ئادۋۇكات ياللىماقچى بولسىڭىز ، ساما0995 نى ئىزدەڭ بۇ جەھەتتە تالانتى بار ،
مەسلىھەتچى ئىزدىمەكچى بولسىڭىز ، مۇنبەر مۇرشاۋۇلى ( مەسلىھەتچىسى ) بۇركۈتكامنى ئىزدەڭ ، تەجىرىبىسى بار .

سىزگە ئامەت تىلەيمەن .

TOP

ھەي بولدى تەللىپ قىلماي چۇقۇم ئۇزاق يېتىپ كىتىمەن ... بالا چاقىللىرىم خوتۇن باللىرىم دادىسىز قالىدىغان بولدى دە  ... ھەي گۇناھ ..

[ يوللانمىنى ئاخىرقى قېتىم تەھرىرلىگۈچى ENTER ، ۋاقتى: 2009-4-23 23:45  ]

TOP

گەرچە مۇنبەردىكى تېمىلار روخسەتسىز كۆچۈرۈلگەن بولسىمۇ پەقەت ئۆز كومپيوتېردىلا ساقلاندى ،باشقا مۇنبەرلەردە ئېلان قىلىپ ئۆزىنىڭ قىلۋالمىدى ،شۇڭا مەن ENTER ئەپەندىنى ئاقلايمەن :
ENTER ئەپەندى ياخشى قىلدى چۇنكى مۇنبىرىمىزدىكى نۇرغۇن جەۋھەر تېمىلاردىكى رەسىملەر ھەممىسى ھەقسىز بوشلۇققا يوللانغان بولغاچقا يوقاپ كەتمەيدۇ دىگىلى بولمايدۇ ، ئۆتكەندە بارلىق مۇنبەرلەردىكى 15150 غا يوللانغان رەسىملەر بىرسىمۇ چىقماي بىزنى بەك ئەنسىرەتكەن ئىدى ، خۇداغا شۈكرى 2~3 كۈندىن كىيىن ئوڭشىلىپ قالدى ...... ئەگەر شۇنداقلا يوقاپ كەتكەن مۇنبەردىكى دەرسلىكلەر يوق بولاتتى ......
ENTER ئەپەندى مۇنبەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن كۈچەۋاتىدۇ ،مەن ئۇنىڭدىن تەسىرلەندىم ،ئۇنىڭ بىلەن چ چ دا دىيىشكەن  گەپلەرنى مەشەگە يوللىۋىتەي دىسەم سېستىما بىلەن تەڭ يۇيۇلۇپ كىتىپتۇ .....

TOP

ھەجەپ چۈشمەيدا

بىر نەچچە كۈندىن بۇيان شۈنلېي دىگەن گۇيدا بىرنەرسە چۈشۈرسەم جىملا تۇرىدۇ.....
نىمە ئىش بوپكەتتى ئەمدى

TOP

مەن ئاچسام بىر ئوبدان ئېچىلدىغۇ ، رەھمەت سىزگە enter  ئەپەندى ،
moz  ئەپەندى بۇ ھۆججەتلەر بۇزۇلغان ھۆججەت ئەمەس بەلكى pdf فورماتىدىكى ھۆجقجەت بۇلۇپ كومپىيۇتېرىڭىزغا adobe rader  نى قاچىلىغاندىن كىيىن نورمال كۆرەلەيسىز ،
تىما يوللىغۇچىنى جازالاش ھاجەتسىز ، مۇكاپاتلىساق بولىدۇ .

TOP

ئەجىرىڭىزگە رەھمەت،تور بىتىمىزنىڭ 5- دەرىجىلىك مىھمانخانىسىدىن سىزگە بىر يۈرۈش ئۆي ئەپ قويدۇم،سىزگە يەنە مۇكاپاتمۇ تەييارلاپ قويدۇم،مۇنبىرىمىزدىكى ھەممە جەۋھەر تېمىلارنى يىغىپ pdf كىتاپ قىلىپ دوسلارغا سۇنۇش خىيالىممۇ بارتى ،ھەممىسى دوسلار ئۈچۈن ئەمەسمۇ سىز بۇ قىيىنچىلىغىمىزنى ھەل قىلدىڭىز،مەن چۈشۈرۈپ كۆرۈپ باقاي ....ۋاختىڭىز بولسا بۇ توغۇرلۇق پاراڭلىشىلى


TOP

مىنىڭ ھەزىر چۈشۋاتىدۇ، سىزگە كۆپ رەھمەت

TOP

باشقىلارغا پايدىىق ئىش قىلغانلار مەنچە جازالانماسلىق كېرەك

TOP

مەنمۇpdfھالەتتە ئېلكىتاپ ياساشنى ئويلاشقان ئىدىم.

TOP

 14 12
يېڭى تېما