ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم !!!
بارلىق دوسلار، بۇ تىمىنى يوللىشىمدىكى سەۋەپ مەن ئاۋاز ئىلىشنى خىلى ۋاقىتتىن بىرى تىرىشىپ ئۈگەندىم ،ئەمدى مۇزىكا ئىشلەشكە بارغانسىرى كىرىشىپ كىتىۋاتىمەن، مەن ئۈزۈم مىللى مۇزىكا ( دۇتتار) قاتارلىقلارنى يامان ئەمەس چىلىپ قويىمەن !!!
كومپىيوتىردا مۇزىكا ئېشلەشكە كەلگەندە بىر دىن بىر ئۇچۇراۋاتقان قىيىنچىلىقىم پەقەت مۇزىكا ئۈنۈملەش بولۇۋاتىدۇ. مەن بىر نەچچە مۇزىكىنى ئىشلەپ پۈتتۈردۈم ، ئەپسۇسكى ئۈنۈم ياخشى ئەمەس ، سۈزۈكلۈك جەھەتتىن تۈۋەن !!! بەزىلىرى بولۇدۇ، بەزىلىرى ناچار!!!
(بولمىسا ھەممە نەرسەم تولوق، ھەم ئىلغار)
شۇڭا مەن تەجىربىسى مول ، ئۇستىلارنىڭ مەن ۋە باشقا دوسلارنى كۈزدە تۇتقان ئاساستا بىر تەپسىلى دەرىس تەييارلاپ مۇنبىرىمىزدە ئورتاقلىشىنى چىن كۈڭلۈمدىن ئۈمۈت قىلىمەن!!!
مەسىلەن

1داپقا قانداق ئۈنۈم بىرىش، 2دۇپقا قانداق ئۈنۈم بىرىش،3 گىتارغا قانداق ئۈنۈم بىرىش، 4تىسقا .......5. دۇمباققا .........)
دىگەندەك ؛
مەنچە بۇ كۈپ سانلىق دوسلىرىمىز كۈزلەۋاتقان ئەڭ مۇھىم مەسىلىدۇر بەلكىم!!!
ياردىمىڭىزلەرنى ئايىمىغايسىلەر ، ھەممىسى مىلللىتىمىزنىڭ مۇزىكا ئېشلىرى ئۈچۈندۇر!!!
