玛干音乐制作

دۇنيا مالى نەقەدەر توپلانسا تۈگەيدۇ،يوق بولىدۇ.سۆز يىزىلسا قالىدۇ،دۇنيانى كىزىدۇ.

دۇنيا مالى نەقەدەر توپلانسا تۈگەيدۇ،يوق بولىدۇ.سۆز يىزىلسا قالىدۇ،دۇنيانى كىزىدۇ.

مەن كومپىيوتېرىمغا CUBASE قاچىلىغانتىم ھەم NUENDO مۇ قاچىلاپ باقتىم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستازلا

مەن بۇرۇن sonar 8 نى ئىشلىتەتتىم ...يېق

بۇگۇن مەن Sonar نىڭ تارىختىكى ئەڭ يىڭى نۇسخىسىSonar.X

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم دوسلار ، كەمىنە ۋىروستىن ھەممىڭلارغا ئ

fl studio دا تەڭكەش مۇزىكىنى قانداق كىرگۈزۈپ ناخشا ئۈنگە ئالغىلى بولدۇ .....

دوسلا ياخشىمۇسىلە؟ ماڭا ئابدۇغېنى (خال) ئاكىمىزنىڭ يار دەرد

http://dskmusic.vst4free.com شەخسەن ئۆزۈم ياقتۇرغانلىقتىن يوللۇدۇم ئىھتىياجلىق

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! :handshake ماكان مۇزىكا بىلىملىرى مۇنبېرىدىكى بارلىق كەسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ماكان مۇنبىرىدىكى ئەزىز قېرىنداشلار

ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوست

Adobe Auditionدا مىدى سىم ئارقىلىق رويالدىكى چالغان مۇزىكىنى قانداق ئاۋازغا ئالىمىز ؟Adobe Auditionدىكى مەشغۇلات

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، بارچە ئەزىز قېرىنداشلار ، كەسىپداشلار ، مەندىن ھەمىمىڭلارغا ئوتتلۇق سال

ئەسسىلام ئەلەيكۇم ئۇستازلا ماڭا vst نى ئشلىتىش

6639 http://player.youku.com/player.php/sid/XMTI1NjIwNTUyMA==/v.swf ئانا پىشتىدا مەمەت پىچاق ئاخسا ئىشىكتىن كىرگەندە چ

ئۆزۈم ئاككوردلاشتۇرغان بىرقانچە مۇزىكا. كەسىپداش.تورداشلار باھا... مۇزىكىلارنى ئاككوردلاشتۇرۇشقا ئىشلەتكەن ئۈسكىنىلەر:- كومپىيوتې

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئوخشىمايدىغا

6591 90-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئ‍ۆزىنىڭ "تەلمۇرۇپ يار " (كۆرگۇم كېلىدۇ) ، "سېغىنىش " ، "كېلەرمۇ خوشال كۇنلەر "، "خا

دۇسلار مۇزىكا ئىشلەشكە AMD FX-8300 CPU بۇلامدۇ ؟ . بەزەنلەر intel i3 intel

دوسلار خاپا بولماي ماڭا waves9 نىڭ تۇللۇق چۈشۈرۈش ئادىرسىنى ي

6644 http://player.youku.com/player.php/sid/XMTI1NjIwNTUyMA==/v.swf ‹ھوقوقنىڭ ئويۇنى› دىگەن كىنونىڭ ئاساسى مۇزىك

چۈشۈرۈش ئادىرىسى: http://www.esi-audio.cn/?action=support&page=download بۇ قىتىمقى

Glance – Sexy Girl قۇرلۇش ھۆججىتى دوسلارغا روس ناخشىچى Glanc

دوسلار ياخشىمىۇ سىلەر يەنە بۈگۈن كەچ ئۇقۇم كەلمەي تور ئارلاۋېتىپ بىر خۇشا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكان مۇبىرىدىكى بارلىق جاپاكەش ئۇستازلار ،دوسلار ياخشىمۇ سېلەر ؟مەن باشقىلاردىن MAC سېس

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا جۈمەجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-24 13:19 ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ماكاندا

ئە سسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار

بۇ halion نى ئىشلىتىش دەرىسلىكى ،،،،،،،،بۇ مىللى ئاۋاز مەنمەلىردىن دۇتار › تەمبىر ›راۋاپ› ساتتار ›نەي قاتارلىق

ئالدى بىلەن بەرباب بىلەن تونۇشۇپ چىقىلى بەرباب ئەجدادلىرىمىز ئەڭ بۇرۇن ك

6573 ئۈندىدار توپىدا بىر توردىشىمىز بۇ فىلىمنى يوللاپتىكەن،شۇنىڭ

6497 ئەزىز ئەيسا ئەلكۈن بۈگۈندىن 16 يىل ئىلگىرى يەنى 2000 – يىلى باھاردا لوندوندا كىشى ئۇنتۇلغ

يېقىندا ناخشىچى ۋە مۇزىكانتىمىز شۆھرەرت تۇرسۇننىڭ بۇ فىلىمنى كۆرۈپ قالدىم،ئ

سالام دوستلار، ئۇستازلار ياخشىمۇ سىلەر، يىڭى تىپتىكى YAMAHA ماركىلىق رىياللارنىڭ بولۇپمۇ y

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سەنئەتكار ئۇستازلار ،KORG 600 دى

سېغىمى كىچىك ئەمما ناھايىتى قولايلىقكەن ، ئىشىلتىپ بېقىشىڭلانى تەۋسىيە قىلم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار ،مەن يىڭىدن گىتتا

مەن ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ ، مەن ناخشا تېكىستلىرىمگە مۇزىكا ئىشلەيد

مەندە بىر ئاۋاز كارتىسى باھاسى بەك ئەرزان ئا

قالدىم ئەلەمدە ھەسەنجان تىلۋالدى ئەجەپ تارىتتىم سۆيگۈ

كۈندە بىزنى بەخت يوقلىسۇن (ناخشا تېكىستى) زۇنۇن

بۇ مۇزىكىنى -كۈسەن ناخشا -ئۇسۇل ئۆمىكى مۇزىكانىتلىرى ئۇرۇنل

107.4 سەنئەت رادىئوسى،شاتلىق مىنوتلىرىنى ئاڭلىغان بولىشىڭىز مۇمكىن.بۇ پىر

PARUK213 ئسملېك بىر دوستىمىز، MIDI مۇزىكىلار توپلىمىنى چۇشۇرىۋ

6169 بىز تۆۋەندە Pop music ساھەسىدە ئەڭ ئەڭ مۇۋاپپىقىيەت قازانغان ئاۋاز يىيشتۈرۈش ئۇستىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقىلى. ئالدى بىل

ھەر قىتىم ئىنكاس يازاي دەپ تورنى ئاچسام ئاز دىگەندىمۇ 1 مىنۇت كىتىدۇ . تىما يوللاي دەپ يىڭى تىما يوللاشنى با

تۆنۆگۈن ساما بىلەن مەسلىھەتلەشكەن مۇنداق بىر ئىش بارتى.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان دىيارىمىزدا بەيدۇ دېسكىسدىن ھۆججەت چۈشۈرۈشت

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئەزى

جەمئىي مىكروبلوگ 1911 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 1283|ئىنكاس: 15

ناخشا تېكىسىتلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دانىش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-8 18:30  


ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم ماكان مۇزىكا مۇنبىرىدىكى بارلىق تورداشلار ياخشىمۇ  سىلەر !  ھەممىڭلارنىڭ مۇشۇ ۋاقتى خەيرىلىك بولسۇن . كەمىنە ھەسەنجاندىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام . بۈگۈن مۇنبەرگە ئۆزۈمنىڭ يازغۇچىلار تورىدا ئىلان قىلىنغان   بىرقىسىم ناخشا تېكىسىتلىرىنى ئالغاچ كەلدىم . ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ مەن بىلەن ئالاقلىششىنى ئۈمىد قىلىمەن.


ناخشا تېكىستلىرى

ھەسەنجان تىلۋالدى

سەنسىز ئۆتەمدىم

ئېيتقىنا يار  سىنى ئويلاپ  غەمدە يۈرەمدىم،
كىلەرمۇ دەپ سېغىنىشتا  يىللاپ كۈتەمدىم .
ياكى شۇنداق ئۆزەمچەبىر خىيال سۈرەمدىم،
ۋىسالىڭغا  تەشنا بولۇپ سەنسىز ئۆتەمدىم.

يۈرەكىمنى ھەر تۈنلىرى قىينايدۇ ھېجران،
پىراقىڭدا  ئاھ  ئۇرغىنىم ئۆزۈمگە  ئايان،
باغرىم كۆيۈپ ۋولقان كەبى يانسىمۇ گۇلخان،
ۋىسالىڭغا  تەشنا بولۇپ سەنسىز ئۆتەمدىم.

خالىساڭ گەر ھەمراھ ئىدى ساڭا چىن ۋەدەم،
ۋۇجۇدۇمدا يانغان ئىدى سۇنماس ئەقىدەم،
لېكىن مىنى چۈشەنمىدىڭ جىنىم مەلىكەم،
ۋىسالىڭغا  تەشنا بولۇپ سەنسىز ئۆتەمدىم.

ئۇچۇپ  كەتتى  يىراقلارغا  خۇشاللىقىممۇ ،
خازان بولدى نەچچە باھار گۈلدەك ياشلىقمۇ،
شۇنداقمىدى سۆيگۈ ئەسلى بىلمىدىم مەنمۇ،
ۋىسالىڭغا  تەشنا بولۇپ سەنسىز ئۆتەمدىم.

يار سىنى ئويلاپ

قەلبىم  پارە بولۇپ كەتتى يار سىنى ئويلاپ،
يۈرەك دەتكە تولۇپ كەتتى يار سىنى ئويلاپ.
پىراقىڭدا  ئاھ ئۇرساممۇ ھېچبىر بىلمىدىڭ،
كۆز ياشلىرىم قۇرۇپ كەتتى يار سىنى ئويلاپ.

مىڭبىر ھېجران مىڭبىر تەشۋىش قىينايدۇ مىنى،
سەندىن ۋىسال تاپالمىدىم سۆيسەممۇ  سىنى ،
ئارزۇ قىلغان پاك مۇھەببەت  قەيەردە  قىنى،
مىسكىن دىلىم سۇنۇپ كەتتى يارسىنى ئويلاپ.

چىن سۆيگۈمنى سەن يارىمغا قىلساممۇ ئىزھار،
مەن كۈتكەندەك چېھرىڭ كۈلۈپ باقمىدى زىنھار ،
ئۆتتى كۈنلەر، ئۆتتى ئايلار كەلمىدى باھار ،
ياشلىق گۈلۈم توزۇپ كەتتى يار سىنى ئويلاپ.

بىلمەي قالدىم شۇنداقمىدى ئەسلى مۇھەببەت،
قېرىشقاندەك كاج تەغدىرمۇ سىنىدى پەقەت،
ئارزۇلار بار، ۋىسالى كەم ئىكەن ھەقىقەت،
خىياللىرىم ئۇچۇپ كەتتى يار سىنى ئويلاپ .

ئۇنتۇش ئاساندەك

بۈگۈن يار قىينالدىم خەنجەر سالغاندەك،
بىلىنگەچ مەن كۆيگەن قەلبىڭ يالغاندەك.
زارلانغان  يۈرەكنى ھېجراندا  قويۇپ،
ئۇنتاي دەپ قالدىڭمۇ ئۇنتۇش ئاساندەك.

يادىڭدىن چىقتىمۇ بىز تونۇشقان چاغ،
سەن ئۈچۈن ئۆتمۈشمۇ بىللە يۈرگەن باغ،
يۈرەككە قالدۇرۇپ ئۆچمەيدىغان داغ،
ماڭا دەرت سالدىمۇ ئۇنتۇش ئاساندەك.

كەلگەنتىم  يار سىنى  ۋاپادار بىلىپ،
سۆيگەنتىم ئەزىزلەپ قەدرىڭنى قىلىپ،
لېكىن سەن قەلبىمگە ھەسرەتلەر سىلىپ،
ۋەدەڭدىن ياندىڭمۇ ئۇنتۇش ئاساندەك.

گۇناھمۇ ئېيتقىنا دىلىمدىن كۆيسەم،
يۈرەكنى  بىغىشلاپ سىنىلا  سۆيسەم.
ئاشىق بوپ يېنىڭدىن كىتەلمەي يۈرسەم،
يارمەندىن تاندىڭمۇ ئۇنتۇش ئاساندەك.

يار سەنەم

مەپتۇن بولدۇم مەن ساڭا بىلەرسەنمۇ يار سەنەم،
تەشنا بولدۇم يولۇڭغا كىلەرسەنمۇ يار سەنەم.
ئۇچراپ قالساڭ دوقمۇشتا نازىڭ بىلەن تەلمۈرۈپ،
شېرىن تاتلىق ھېسلاردا كۈلەرسەنمۇ يار سەنەم.

ئەجەپ يەتتىم قەدرىڭگە دىدارىڭنى سېغىنىپ ،
سەنمۇ مىنىڭ قەدرىمگە يېتەرسەنمۇ يار سەنەم.
كۆيۈپ-كۆيۈپ كۈل بولدى يۈرەك باغرىم ئېزىلىپ،
مەن كۆيگەن شۇئوتلاردا كۆيەرسەنمۇ يار سەنەم.

مەن سۆيگۈڭگە زار بولدۇم كىچىلەرى تولغۇنۇپ،
بىلسەڭ مەندىن مۇھەببەت كۈتەرسەنمۇ يار سەنەم.
قوشۇلسا گەر رىسقىمىز تەغدىرىمىز بىر بولۇپ،
مەن سۆيگەندەك دىلىڭدىن سۆيەرسەنمۇ يار سەنەم.

ئاشىق ئىقرارى

سۆيۈپ قالدىم  يارىم مەن سىنى،
چىن مۇھەببەت بار ئىدى مەندە.
لېكىن يارىم سەندىن خەۋەر يوق،
كۆڭلۈم  يېرىم يۈرىمەن  غەمدە.

خۇشال چاغلار  ئۇنتۇلغانمىكىن،
يۈرەكىمگە دەرت تولغانمىكىن،
كۈلەلمىدىم ئېچىلىپ تەمكىن،
مىسكىن خىيال سۈرىمەن غەمدە.

بولسىمۇ يار  بۇ ھالىم خاراب،
ئۆتتى كۈنلەر يولۇڭغا  قاراپ،
بەرگىن يارىم ماڭا بىر جاۋاب،
سەندىن ۋىسال كۈتىمەن غەمدە.

سۆيگۈمنى يار بىلسەڭ بولاتتى،
كۆزلىرىمگە كۈلكە تولاتتى،
بەخىت قۇشى ماڭا قوناتتى،
سەن كەلمىسەڭ ئۆتىمەن غەمدە.

كەچۈرمەيمەن

كەچۈرمەيمەن يارىم سىنى مەندىن ئەھۋال سورالمىدىڭ،
باھار كەلسە شاماللاردىن خۇش ھېدىمنى پۇرالمىدىڭ.
باغرىم كۆيۈپ كاۋاپ بولدى ھالىم بەكمۇ خاراپ بولدى،
خازان بولغان باغلىرىمنى گۈل چىچەككە ئورالمىدىڭ.

غەم قايغۇلار باستى مىنى ،ھېجران دارغا ئاستى مىنى،
ئايسىز كىچە چىراغ بولۇپ يوللىرىمدا يۇرالمىدىڭ.
كىمگە ئىيتاي دەتلىرىمنى كۆڭلۈمدىكى گەپلىرىمنى،
بەختم ئۈچۈن ئازۇ قىلغان گۈزەل ماكان قۇرالمىدىڭ.

بەربات بولدى سۆيگىنىممۇ، ساڭا دىلدىن كۆيگىنىممۇ،
مەن كۈتكەندەك مېھرى ئىللىق ياخشى بىريار بولالمىدىڭ.
باغرى تاشلىق قىلدىڭ ماڭا، خەيرى دەيمەن ئەمدى ساڭا،
چىن دىلىڭدىن سۆيمىسەڭمۇ سەن ۋەدەڭدە تۇرالمىدىڭ.

ئۇنۇتالمىدىم

باھار كەلدى سەن يوق نىگارىم،
كۆز يېشىمنى قۇرۇتالمىدىم .
ئۆتتى نەچچە ياشلىق باھارىم،
سىنى ئەسلا ئۇنۇتالمىدىم.

بىز ئايرىلغان ئاشۇ چاغلاردا،
كۆڭلۈم قاپتۇ گۈلزار باغلاردا،
سەنسىز ئاتقان ھەربىر تاڭلاردا،
سىنى ئەسلا ئۇنۇتالمىدىم.

مەيىن شامال سىنى ئەسلىتەر،
خۇش ئاۋازىڭ يادىمغا كىلەر،
سېغىنغاننى يۈرىكىم بىلەر،
سىنى ئەسلا ئۇنۇتالمىدىم .

جاندىن شۇنچە ئۆتسىمۇ پىراق،
مەندىن قانچە كەتسەڭمۇ يىراق،
دىلخانەمگە ياندۇرۇپ چىراغ،
سىنى  ئەسلا ئۇنۇتالمىدىم .

كۆيگۈنۈم راستى

ئورۇن بىرىپ كەلدىڭ يار كەلدىڭ ئەزەلدىن،
بۇ كۆڭلۈمنىڭ ئۇنتۇلماس ھەسرەتلىرىگە.
نىمە دەيمەن ئەمدى يار كۈلۈپ يالغاندىن،
ماڭا باقماس تەغدىرنىڭ قىسمەتلىرىگە.

يارىم ساڭا چىن دىلدىن كۆيگۈنۈم راستى،
لېكىن ئاپپاق قەلبىمنى قار تۇمان باستى.
سەن سەۋەپسىز ئۆزۈڭنى قاچۇردۇڭ مەندىن،
ھېجران مىنى قىينىدى ، دارغىمۇ ئاستى.

يۈرمەكتىمەن سىنىڭسىز يۈرەكىم پارە،
ۋىسالىڭغا يېتىشكە يوق ئىكەن چارە.
پەرۋانە بوپ يېنىڭدا يۈرسەممۇ دائىم ،
ماڭا خوشمۇ دەپ قويماي كەتتىڭ سەن يارە.


شۇنداق ئىكەن مۇھەببەت

گۈل ئىشقىدا سايراپ يۈرگەن بۇلبۇلدەك،
سۆيگەن ئىدىم سىنى يارىم ئەزىزلەپ.
يانغان ئىدى پاك قەلبىمدە مۇھەببەت،
كۈتكەن ئىدىم سىنى دىلدىن قەدىرلەپ.

باغرىڭ تاشمۇ لېكىن ھېچبىر بىلمدىم،
مەن كۆيگەندە چىن كۆڭلۈڭنى بەرمىدىڭ.
دەرتتە يۈردۈم سەنسز ئۆتكەن چاغلاردا،
مۇھەببەتلىك يۈرىكىمنى سەزمىدىڭ.

غېرىپ بولدى ئۇرغۇپ تۇرغان ياشلىقىم،
سۆيۈپ تۇرۇپ ۋىسالىڭغا يېتەلمەي،
ئارمان بىلەن ئۆتۈپ كەتتى كۈنلىرىم،
سىنى ئويلاپ سەندىن ئۈمىد ئۈزەلمەي.

يۈتسەڭمۇ گەر كۆزئالدىمدىن يىراقلاپ،
ئۇنتالمىدىم ئاي يۈزۈڭنى مەن پەقەت.
سېغىنمايمۇ  تۇرمايدىكەن يۈەكلەر،
شۇنداق ئىكەن ئەسلى سۆيگۈ مۇھەببەت.

سۆيەلمىدىڭ

ساڭا كۆيۈپ گۈزەلىم يۈرگەن ئىدىم يار دەپلا،
سىنىڭ تاتلىق سۆزۈڭگە ئامراق ئىدىم قەۋەتلا.
كۆڭۈل بەرسەڭ يۈرەكتىن سۆيەر ئىدىم ئەبەتلا،
مەن كۈتكەندە كۆڭلۈڭنى بىرەلمىدىڭ پەقەتلا.

غايىب بولدۇڭ تۇيۇقسىز قالدىم يالغۇز يۆلەكسىز،
قىراۋ باسقان كىچىلەر ئۆتمەس بولدى تۈنەكسىز،
يا شۇنداقمۇ بىلمىدىم كۆڭلۈم ساڭا كىرەكسىز،
تەلمۈرسەممۇ مەن ساڭا بىلەلمىدىڭ پەقەتلا.

ئازاپ چىكىپ يارسەنسىز بولۇپ قالدىم بىچارە،
ھېجرانلارغا چىدالماي بولدى يۈرەك مىڭ پارە،
سىنىڭ ئۈچۈن دەت تارتىپ بولساممۇ كۆپ ئاۋارە،
مىنىڭ مىسكىن ھالىمغا يىتەلمىدىڭ پەقەتلا.

ئەمدى كىمگە ئىيتىمەن ئىچىمدىكى دەردىمنى،
ھەتتا ئايمۇ، يۇلتۇزمۇ چۈشەنمەيدۇ قەلبىمنى ،
بارلىقىمنى بىغىشلاپ سۆيگەن ئىدىم مەن سىنى،
لېكىن سەنمۇ مىنىڭدەك سۆيەلمىدىڭ پەقەتلا.

ئۈندىدار؛1977084646


سەمىمىي ئەسكەرتىش . شېئىرلىرىمنى قالايمىقان كۆچۈرۈپ  تارقىتىشقا، رۇخسەتسىز ئىشلىتىشكە بولمايدۇ . ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىشىنى سورايمەن.
ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ۋاقتى: 2015-4-8 18:50:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز ھارمىغاي...ياخشى چىققىپتۇ
مۇنبەردىكى باللا تېخىچە قىشلىق ئۇيقىدىن ئويغۇناي دىمەيدىغۇ؟
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-8 19:01:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
makan يوللىغان ۋاقتى  2015-4-8 18:50
قەلىمىڭىز ھارمىغاي...ياخشى چىققىپتۇ

رەھمەت قوللىغىنىڭىزغا
ۋاقتى: 2015-4-8 23:58:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېكىسلەر  ،بۇلار  ئىچىدە 2  ماڭا لازىم ئالاقىلىشىلى ئەمسە
ۋاقتى: 2015-4-9 00:27:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارفا يوللىغان ۋاقتى  2015-4-8 23:58
ياخشى تېكىسلەر  ،بۇلار  ئىچىدە 2  ماڭا لازىم ئالاقىلىشى ...

يامان تىزغۇ ئەكبەرجان؟
ئاستا ماڭساڭمۇ توختاپ قالما!!!
ۋاقتى: 2015-4-9 00:36:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرىشىت يوللىغان ۋاقتى  2015-4-9 00:27
يامان تىزغۇ ئەكبەرجان؟

2 ياراپ قالدى  ،
ۋاقتى: 2015-4-9 01:28:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارفا يوللىغان ۋاقتى  2015-4-9 00:36
2 ياراپ قالدى  ،

بەكلا چاققان جۇمۇ سىز...... راستلا ياخشى يېزىلىپتۇ.... قەلەم ئېگىسىگە رەھمەت!!!
ئاستا ماڭساڭمۇ توختاپ قالما!!!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-9 17:56:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرىشىت يوللىغان ۋاقتى  2015-4-9 01:28
بەكلا چاققان جۇمۇ سىز...... راستلا ياخشى يېزىلىپتۇ....  ...

كۆرسەتمە بەرگىنىڭىزگە رەھمەت .
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-9 17:59:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش  . يار سەنەم بىلەن ئۇنتالمىدىم دىگەن تېكىست مۇزىكا ئىشلىۈچىلەرگە ئۆتكۈزۈپ بىرىلدى .  باشقىلارنىڭ ئىشلىتىشىگە بولمايدۇ .  قالغان  تېكىسىتلەرنى ئىشلەتكۈچىلەر  بولسا داۋاملىق  ئالاقىلىشىڭ .
ۋاقتى: 2015-4-11 21:26:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن ئاغىنە. داۋاملىق نادىر ئەسەرلىرىڭلارنى ئۈزمىگەيسىلە. ئۇتۇق يار بولسۇن!
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-4-13 17:14:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جانبەر يوللىغان ۋاقتى  2015-4-11 21:26
مۇبارەك بولسۇن ئاغىنە. داۋاملىق نادىر ئەسەرلىرىڭلارنى ...

رەھمەت ئاداش  . سىلەمۇ  يوللاپ تۇرۇڭلار شېئىردىن .
ۋاقتى: 2015-5-17 23:22:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يىزىلغان  ناخشا تىكىسلىركەن
.
ۋاقتى: 2015-5-20 11:18:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ .
ۋاقتى: 2015-6-16 14:46:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ .
ۋاقتى: 2015-6-26 14:19:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


قاماقخانا|WAP|Archiver|玛干音乐制作 ( 新ICP备13002498号-1  

GMT+8, 2016-8-23 14:15 , Processed in 0.937524 second(s), 75 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش