ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي مىكروبلوگ 1774 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • DIL 4 كۈن ئالدىدا [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەراقانداق ناخشىنى چېنىپ قالمىغۇدەك Kara ok قىلىدىغان دىتال بارمىدۇ؟

  • مىسران 2015-3-19 01:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھەممەيلەننىڭ يىتىپ كىلىش ئ‍الدىدىكى نۇرۇز بايرىمىنى مۇبارەكلەيمەن

  • باغاق 2015-3-17 23:23 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم. سىلەردە ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپنىڭ مۇزىكىلىرىى بامىدۇ.463889607چ چ؛

  • ئەخمەق 2015-3-10 23:24 [ئىنكاس(0)] [...]

    ۋا ي ئەقلىڭىزگە بارىكاللا مەنمۇ شۇنداقمىكىن دەپ ئويلىغان ، بىراق ئۇ يەر بۇ يەرلەر بىلەن قېرىشىپ تۇرسام تۇرۇپ  ...

  • مەمەتكا 2015-3-9 11:22 [ئىنكاس(0)] [...]

    13899194030

  • بويناق 2015-3-8 22:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    رويال ھەۋەسكارلىرى QQ تۇپىغا كىرشىڭلارنى قارشى ئالمەن 431648422

  • شاھيار520 2015-3-5 16:43 [ئىنكاس(0)] [...]

    ھۆرمەتلىك دوسلار قانداق ئەھۋالىڭلار ئالدى بىلەن مەن ھەممىڭلارنىڭ ئىشىڭلارنىڭ ئوڭۇشلۇق تىنىڭلارنىڭ س.....

كۆرۈش: 94|ئىنكاس: 1

ناخشا تېكىسىتلىرى ( رەھىمە )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

6

دوست

149

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

升级   66%

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-13 14:21:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېنى سۆيمەس ھېچكىشى مەندەك

نىگار ساڭا تەلپۈنەريۈرەك،
پاك قەلبىمگە پەقەت سەن كېرەك.
نىگاھىڭدىن يانىمەن چوغدەك،
سېنى سۆيمەس ھېچكىشى مەندەك.

خىياللىرىم ئۇچار سەن تامان،
ئارمانلىرىم پەقەت سەن ھامان.
چىن سۆيگۈمدىن قىلمىغىن گۇمان،
سېنى سۆيمەس ھېچكىشى مەندەك.

سۆيگۈم بىلەن كۈيلىسەم سېنى،
چۈشىنەرسەنمۇ قەلبىمنى مېنى.
سېغىنىشىم قويماس ھالىمنى،
سېنى سۆيمەس ھېچكىشى مەندەك.

سۆيەلمەيمەن ھېچكىمنى سەندەك،
سېنى سۆيمەس ھېچكىشى مەندەك.




سۆيگۈم بولسۇن ساڭا ئامانەت



يۈرىكىمدە كۆكلەيدۇ ھەسرەت،
خۇشاللىققا قالدۇرماي پۈرسەت.
ئەقىدەمنى سۇناي، يەنىلا-
سۆيگۈم بولسۇن ساڭا ئامانەت.

كەتكىنىڭدە كۆرەلمەي قالدىم،
سەنسىز پەقەت كۆنەلمەي قالدىم.
ساڭا يوللۇق سۇنالماي قالدىم،
سۆيگۈم بولسۇن ساڭا ئامانەت.

ھىجرىڭ بىلەن يۈرەك داغلاندى،
سېغىنىشتا كۆزۈم ياشلاندى.
ئارمانلىرىم ساڭا باغلاندى،
سۆيگۈم بولسۇن ساڭا ئامانەت.

نەدە بولساڭ ئامان بول گۈلۈم،
سېنى ئويلاپ ئۆتىدۇ كۈنۈم.
ئاخىرقى رەت بىر ئېغىز سۆزۈم،
سۆيگۈم بولسۇن ساڭا ئامانەت.




سېنى كۈيلەيمەن



يۈرىكىڭگە يول بارمۇ جېنىم،
ئەقىدەمدىن بىزىسەم دەيمەن.
يۈرىكىڭگە يۆلىنىپ تۇرۇپ،
كۈيلىرىڭدىن ئىزىلسەم دەيمەن.

ھاياتىمدا پەقەت سەن ئۈچۈن،
سۆيگۈ كۈيى ياڭراتسام دەيمەن.
قۇلىقىڭغا تاتلىق پىچىرلاپ،
چىن سۆيگۈمنى ئاڭلاتسام دەيمەن.

ئارمىنىمنى ئېلىپ قولۇمغا،
شادلىقىڭغا قوشۇلسام دەيمەن.
يالپۇز كەبىي سۈزۈك تۇيغۇڭغا،
ئابىدە بوپ قۇرۇلسام دەيمەن.

ساتارىمنى سازلاپ ئەجەمگە،
سۆيگۈ كۈيى ياڭراتسام دەيمەن.
شۇ ئۈزۈلمەس كۈيلىرىم بىلەن،
پەقەت سېنى كۈيلىسەم دەيمەن.

سۆيگۈ كۈيى ياڭراتسام دەيمەن،
پەقەت سېنى كۈيلىسەم دەيمەن.




ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...

0

تېما

2

دوست

119

جۇغلانما

رەسمى ئەزا

Rank: 2

升级   46%

يوللىغان ۋاقتى 2015-3-21 23:19:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېكىستلىرىڭىز خېلى ياخشى چىقىپتۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


Archiver|WAP|ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى ( 新ICP备13002498  

GMT+8, 2015-3-29 16:28 , Processed in 0.734394 second(s), 44 queries .

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش