玛干音乐制作

دۇنيا مالى نەقەدەر توپلانسا تۈگەيدۇ،يوق بولىدۇ.سۆز يىزىلسا قالىدۇ،دۇنيانى كىزىدۇ.

دۇنيا مالى نەقەدەر توپلانسا تۈگەيدۇ،يوق بولىدۇ.سۆز يىزىلسا قالىدۇ،دۇنيانى كىزىدۇ.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستازلا

مەن كۇباستا ئاۋازنى 1 يولغا مۇزىكىنى 1 يولغا ئالدىم ئۈنۈل

مەن بۇرۇن sonar 8 نى ئىشلىتەتتىم ...يېق

بۇگۇن مەن Sonar نىڭ تارىختىكى ئەڭ يىڭى نۇسخىسىSonar.X

ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم دوسلار ، كەمىنە ۋىروستىن ھەممىڭلارغا ئ

fl studio دا تەڭكەش مۇزىكىنى قانداق كىرگۈزۈپ ناخشا ئۈنگە ئالغىلى بولدۇ .....

دوسلا ياخشىمۇسىلە؟ ماڭا ئابدۇغېنى (خال) ئاكىمىزنىڭ يار دەرد

http://dskmusic.vst4free.com شەخسەن ئۆزۈم ياقتۇرغانلىقتىن يوللۇدۇم ئىھتىياجلىق

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! :handshake ماكان مۇزىكا بىلىملىرى مۇنبېرىدىكى بارلىق كەسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ماكان مۇنبىرىدىكى ئەزىز قېرىنداشلار

ئەسسالامۇئەلەيكۇم دوست

Adobe Auditionدا مىدى سىم ئارقىلىق رويالدىكى چالغان مۇزىكىنى قانداق ئاۋازغا ئالىمىز ؟Adobe Auditionدىكى مەشغۇلات

ئەسسىلام ئەلەيكۇم ئۇستازلا ماڭا vst نى ئشلىتىش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار ھەممىڭلارنىڭ نەۋرۇز بايرىمىغا مۇبارەك بول

مەن مۇزىكىلارنىڭ نوتىسىنى كومپىيۇتېرغا ئۇرۇپ كىرگۈزەي دېگەن لېكىن ۋورد ھۆججىتىگە ماسلىشىدىغان ياكى ئۈنۈمى ئاددىيرا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكان مۇنبىرىدىكى قېرىنداشلېرىم يىقىندا مىنىڭ بىر دۇستۇم ktv ئاچقان خەنزوچ

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم بارلىق مۇنبەر داشلار ھەممىڭلا

باھا بەرگەيسىلەر attach://6462.mp3

دوسلار خاپا بولماي ماڭا waves9 نىڭ تۇللۇق چۈشۈرۈش ئادىرسىنى ي

كومپىيوتۇرۇمغا ۋىندوۋىس 8 قاچىلىغان ئىدىم لىكىن بۇرۇن ۋىندوۋىس 7دە نۇرمال ئىشلەتكەن

چۈشۈرۈش ئادىرىسى: http://www.esi-audio.cn/?action=support&page=download بۇ قىتىمقى

fl studio harmor نىڭ ئەڭ يېڭى ئاۋازلىرى . 6095609660976098 چۈشۈرۈش : 6099

Glance – Sexy Girl قۇرلۇش ھۆججىتى دوسلارغا روس ناخشىچى Glanc

دوسلار ياخشىمىۇ سىلەر يەنە بۈگۈن كەچ ئۇقۇم كەلمەي تور ئارلاۋېتىپ بىر خۇشا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكان مۇبىرىدىكى بارلىق جاپاكەش ئۇستازلار ،دوسلار ياخشىمۇ سېلەر ؟مەن باشقىلاردىن MAC سېس

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا جۈمەجان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2014-4-24 13:19 ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ماكاندا

ئە سسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار

بۇ halion نى ئىشلىتىش دەرىسلىكى ،،،،،،،،بۇ مىللى ئاۋاز مەنمەلىردىن دۇتار › تەمبىر ›راۋاپ› ساتتار ›نەي قاتارلىق

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكانداشلار ياخشىمۇسىلەر بۇ دورەم تور ئارلاۋېتىپ

‹ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى› تېكىستلىرىنىڭ ئاپتورلىرى ۋە مەنبەلىرى توغرىسىدا بەختىيار ئابدۇساتتار ئاساسى مەزمۇنى: ئۇيغۇر مۇقاملىرى

يېقىندا ناخشىچى ۋە مۇزىكانتىمىز شۆھرەرت تۇرسۇننىڭ بۇ فىلىمنى كۆرۈپ قالدىم،ئ

ھۈمۇر قەدىرلىك ،كاككۇك ،مايسىلار، گۇل ھۇزم

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار مە

مەندە YAMAHA 2100 رويال بار.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوسلار ،مەن يىڭىدن گىتتا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قىرىنداشلار ،پىرى سونۇس م

مەندە بىر ئاۋاز كارتىسى باھاسى بەك ئەرزان ئا

ماۋۇ MIDI جەنپەننې ئشلېتېپ باققانلار بامۇ ئاڭلېسام مۇزېيكېغا شاۋكو بەكېلې

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بارلىق مۇنبەر ئەھلى كەمىنە «ئوسمانجان تەمكىن» دىن ھەممىڭلارغا ئ

قىرىنداشلىرىم ئايرىلىش دىگەن ناخشىنىڭ تىكىسىنى

بۇ مۇزىكىنى -كۈسەن ناخشا -ئۇسۇل ئۆمىكى مۇزىكانىتلىرى ئۇرۇنل

107.4 سەنئەت رادىئوسى،شاتلىق مىنوتلىرىنى ئاڭلىغان بولىشىڭىز مۇمكىن.بۇ پىر

6169 بىز تۆۋەندە Pop music ساھەسىدە ئەڭ ئەڭ مۇۋاپپىقىيەت قازانغان ئاۋاز يىيشتۈرۈش ئۇستىسى بىلەن تونۇشۇپ چىقىلى. ئالدى بىل

قەشقەردە 2- قول مۇزىكا ئەسۋاب دۇكىنى بارمۇ؟ مەسىلەن:ياڭراتقۇ؟ ئاۋاز تەڭشەش سۇپىسى،مې

ھەر قىتىم ئىنكاس يازاي دەپ تورنى ئاچسام ئاز دىگەندىمۇ 1 مىنۇت كىتىدۇ . تىما يوللاي دەپ يىڭى تىما يوللاشنى با

تۆنۆگۈن ساما بىلەن مەسلىھەتلەشكەن مۇنداق بىر ئىش بارتى.

بۇ قېتىمقى مەشرەپ بېيجىڭدا مەشھۇر چاڭگائ ولىمپىك مەيدانىدا سۈرەتكە ئېلىنىپ ، 4-ئاينىڭ 2-كۈنى ت

ئاڭلىسام بۇ دىتال مۇزىكىدىن ئادەم ئاۋازىنى ئايرىپ بېرىدىكەن ،راسمۇ؟ 6379

جەمئىي مىكروبلوگ 1858 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • باغاق 2016-3-25 18:57 [ئىنكاس(0)] [...]

    ناخشا كەسپىدىن خىزمەت ئىزدەيمە. ئۇزەم كۇچا ناھىيسىدىن....18096974302

  • millitim3 2016-3-13 13:05 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ‹‹  مۇنبەر بەكلا جىمىپ كىتىپتىغۇ   

  • millitim3 2016-3-5 16:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ماكان مۇنبىردىكى دوسلار  ئوسمانجان ‹تەمكىن›دىن سالام

  • letip 2016-2-19 22:02 [ئىنكاس(1)] [...]

    بۇ مۇنبەردە بىرچاغلاردىكىدەك قىزغىنلىق يوقيا؟

  • ∮AKKAPTAR∮ 2016-1-8 16:38 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەرلەرگە كىرمىگىلى ئۇزۇن بوپتۇ،قېرىنداشلارغا سالامەتلىك تىلەيمەن

  • كاچۇڭ00 2016-1-5 02:33 [ئىنكاس(0)] [...]

    بولسا مۇشۇ مۇزىكا ئىشلەشكە دائىر سىستىمىلارنى بىر توپلاپ ئايرىم چۇشۇرۇش ....

  • waliyor 2015-12-2 10:17 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئ‍ەسسالامۇ ئ‍ەلەيكۇم ئ‍ۇستازلا ماڭا خېنىم جورام نىڭ مۇزىكىسى لازىمتى

كۆرۈش: 1320|ئىنكاس: 79

ئارتۇچ ؛ مېنىڭ ئۇسلۇبىمدىكى ناخشا تېكسىتلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قۇلانچى  ئانامسەن، ئانامدەك ئۇلۇغ


ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ


كۆز ئاچتىم قوينۇڭدا تاپتىم كۈچ -قۇۋۋەت،

مېھرىڭدىن مۇقەددەس سۆيگۈ  تاشىدۇ.

ئوت جىسمىڭ تەپتىدىن يانغان ھارارەت،

ۋۇجۇدلار  چۆلىگە گۈلخان ياقىدۇ.

ۋەسلىڭدىن ياغىدۇ ئالەمچە بەركەت،

ھېكمىتىڭ مەنزىلگە يوللار ئاچىدۇ.



قۇمالتاغ  قەددىدەك مەردانە ،مەغرۇر،

كۆز سالدىڭ جاھانغا قۇياشلىق تاڭدەك.

كۆكلىدى ئۈمىتلەر چىللىدى غورۇر،

پاك مىھنەت بېغىدا بەخىت چىچەكلەپ.

يورۇتتى تۈنلەرنى ئىلاھىي ئاق نۇر،

ياشناتتى ، كۈلدۈردى ئىلىم -مەرىپەت.



نۇرانە ئىزلاردىن سۈيۈندۈڭ ئۇزاق،

ئىجتىھات ئەيلىدى ئىشچان قىز -ئوغلان.

ئاسايىش كۈنلەردىن ئەل ئىجىل -ئىناق،

قاينايدۇ  يۈرەكتە ئوتلۇق ھاياجان.

ئۈندەيدۇ  نۇسرەتكە ئارزۇ -ئىشتىياق،

ئۇپۇققا  تۇتاشقان بۈيۈك بىر ئارمان.

ياقتۇرىشىڭىز مۇمكىن؟

مۇناسىۋەتلىك تېمىلار

ئاپتورنىڭ نادىر تېمىلىرى
  • تېخىچە نادىر تېما يازمىغان ئوخشايدۇ ...
ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ  .

  چ چ  : 2536190268  .يانفۇن : 15699088894
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-9 03:14:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇشخۇي دىدار ئېسىل پەزىلەت


خۇشخۇي دىدار ئېسىل پەزىلەت ،
سالاملاردىن كۆڭۈل  يورۇيدۇ .
خۇش چىرايلار جاھانغا بېزەك ،
ئىناقلىقتىن ياشنايدۇ پۈتكۈل .

تۆكۈلىدۇ ئالەمچە بەركەت ،
شاتلىق سىڭغان ئوت يۈرەكلەردىن .
ئاتا قىلغاي ئىنسانىي قىممەت ،
ئۈمىد قونغان ساپ تېلەكلەردىن .

ئۆمۈر قىسقا بىباھا ھىممەت ،
رىشتىمىزدىن كۆكلەيدۇ ھايات .
ئىزىمىزدىن پارلىسا نۇسرەت ،
بەخىت قۇشى قاقىدۇ قانات .

قەدىرلەنسە مېھرى - مۇھەببەت ،
كۈلكىمىزگە جۈر بولغاي جاھان .
پاكلىق بىلەن ئۇلۇغ ھەقىقەت ،
چېچەكلەيدۇ دىللاردا ئارمان .

ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ  .

  چ چ  : 2536190268  .يانفۇن : 15699088894
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-9 03:21:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەتتىن كۈندە بايرام كۈندە توي



يورۇق ئاڭدا سۈزۈك ئارمان ، خيال - ئوي ،

تاۋلىنىدۇ قىسمەت ئەيلەپ ئۆتەڭ ، ئوي ،

ياخشىلارنىڭ ئىزلىرىغا سۆيۈپ قوي ،

مۇھەببەتتىن كۈندە بايرام كۈندە توي .



ساپ نىيەتتىن تۆكۈلىدۇ قۇت - بەركەت ،

ھالال تەردىن خۇشال توقتۇر بۇ يۈرەك ،

ئىناقلقتىن - ئىجىللىقتىن يار نۇسرەت ،

مۇھەببەتتىن كۈندە ئايەم كۈندە توي .



ياخشى كۈڭۈل ئالەمدەك كەڭ ، تاڭدەك ئۇز ،

چىن سۆيگۈدۇر ھاياتلىققا بەرگەن تۇز ،

مېھرى - شەپقەت بىلەن ئېللىق جۇت ھەم مۇز ،

مۇھەببەتتىن كۈندە ئايەم كۈندە توي .



خۇش چىرايلار ، بۇغداي سۆزلەر دىلغا نۇر ،

خۇشخۇي دىدار ، ساغلام كۈلكە زەپ ھوزۇر ،

روھىمىزغا گۈزەل زىننەت پاك غورۇر ،

مۇھەببەتتىن كۈندە بايرام كۈندە توي .



مۇھەببەتتىن كۆڭۈللەر شات يايرىغاي ،

پاكلىق بىلەن ئۆمۈر بېغى ئاينىغاي ،

ۋىسال كۈيى كەڭ جاھانغا ياڭرىغاي ،

مۇھەببەتتىن كۈندە بايرام كۈندە توي .
ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ  .

  چ چ  : 2536190268  .يانفۇن : 15699088894
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-9 03:22:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋىسال ئارا ئىنسان ئۇلۇغ جاھان ئۇز





قىسمەت دەشتى ئىنسان ئۈچۈن ئىمتىھان ،

چىن كۈلكىلەر بىباھاسىز ، تەڭداشسىز .

ئۈمىد ئىچرە چېچەكلەيدۇ ئەزىز جان ،

مۇھەببەتتىن يورۇق دۇنيا ، يورۇق ئىز .



تۆكۈلىدۇ بەركەت -  ئامەت نىيەتتىن ،

ھالال تەردىن ياشىرىدۇ يۈرەكلەر .

تاڭدەك كۆيۈپ ئادىمىيلىك خىسلەتتىن ،

گۈل كەلتۈرەر گۈلدەك خۇشبۇي تىلەكلەر .



ۋىسال ئىشقى ھاياتلىقنىڭ يىلتىزى ،

پاك تىنىقتىن رەڭدار ، گۈلگۈن پەسىللەر .

مېھرى-شەپقەت ئۆمۈر تۈنى يۇلتۇزى ،

بارچە قەلىب ئاپئاق نۇرغا كۆمۈلەر .



كۆڭۈل قانماس سۆيگۈ ئوتى رىشتىگە ،

كەم - كۇتىسىز  گۈزەل ھەممە ...جانان ئۇز .

نېمە يەتسۇن بەخىت پەيزى سىھرىگە ،

ۋىسال ئارا ئىنسان ئۇلۇغ جاھان ئۇز .

ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ  .

  چ چ  : 2536190268  .يانفۇن : 15699088894
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-9 03:24:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدىرىمگە يېتىسەن گۈلۈم


ياخشى كۈنلەر تاشلاپ كەتكەندە ،

ھىجرانلاردا ھەسرەت چەككەندە ،

باغلىرىڭغا ئۈششۈك تەككەندە ،

قەدىرىمگە يېتىسەن گۈلۈم .


ئاھانەتلەر ئۆتىدۇ جاندىن ،

پۇشايمانغا قاچا يوق ئاندىن ،

كەتكۈڭ كېلەر يورۇق جاھاندىن ،

قەدىرىمگە يېتىسەن گۈلۈم .


مال -دۇنياغا تويىسەن شۇ چاغ ،

چىن مۇھەببەت ئەسلى چىمەنباغ ،

يۈرىگىڭنى پۇچىلايدۇ داغ ،

قەدىرىمگە يېتىسەن گۈلۈم .

ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ  .

  چ چ  : 2536190268  .يانفۇن : 15699088894
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-9 03:25:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۈنەر بىلەن كۆكلەيدۇ ئادەم



گۈزەللىكتىن  ياشنايدۇ  ئالەم ،

ھالال تەردىن بەركەت - نۇسرەت جەم .

ھىكمەت ئارا شاتلىق مۇجەسسەم ،

ھۈنەر بىلەن  كۆكلەيدۇ ئادەم .



ئىلىم -پەندۇر پۈتمەس كۈچ ، قانات ،

ئېچىلىدۇ  تالاي تىلسىمات ،

ھۈنەر مېھرى قۇياشلىق ھايات ،

ھۈنەر بىلەن كۆكلەيدۇ ئادەم .



چېچەكلەيدۇ ئۈمىت - ئارمانلار ،

جۈپ قوللاردىن كۈلىدۇ جانلار ،

تاڭدەك كۆيۈپ ئۆتەر كارۋانلار ،

ھۈنەر بىلەن كۆكلەيدۇ ئادەم .



ھالال مىھنەت خىسلىتى ئۇلۇغ ،

ئەل -ئاۋامغا نىممىتى ئۇلۇغ ،

ھۈنەرۋەندۇر گۈل ئۆمۈرگە تۇغ ،

ھۈنەر بىلەن كۆكلەيدۇ ئادەم .

ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ  .

  چ چ  : 2536190268  .يانفۇن : 15699088894
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-9 03:26:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىن مۇھەببەت قېنى سەن قېنى



خازان بولدى پاك سۆيگۈ بېغى ،

يۈرەكلەردە دەرت - ئەلەم دېغى .

باستى ھجىران ، ئاھانەت تېغى ،

چىن مۇھەببەت قېنى سەن قېنى .



دۇنيا ئىزلەپ روھلار سەرسانە ،

مەئىشەت دەپ ئۆيلەر ۋەيرانە ،

ياخشىلارغا ياغدى ئەپسانە ،

چىن مۇھەببەت قېنى سەن قېنى .



قېرىنداشلار نەپ ئۈچۈن ئازدى ،

كۆڭۈللەرنى ۋەسۋەسە ئالدى ،

ئاقىللارنى ئەندىشكە سالدى ،

چىن مۇھەببەت قېنى سەن قېنى .



ئۇنتۇلماقتا گۈزەللىك ، ئەخلاق ،

خۈنۈكلشپ ئۆچمەس ئىز ، پىراق ،

مۇڭغا چۈمدى ئالتۇن قوڭغۇراق ،

چىن مۇھەببەت قېنى سەن قېنى .



قېنى شېرىن تاغ كەسكەن پەرھاد ،

ئانا زىمىن چەكمەكتە پەرياد ،

چاڭقاقلىققا چۈمۈلدى ھايات ،

چىن مۇھەببەت قېنى سەن قېنى .




ئادىمىيلىك ياتلىشىپ كەتتى ،

ئىنساب يوقاپ تابلىشىپ كەتتى ،

ھالال - ھارام ئارلىشىپ كەتتى ،

چىن مۇھەببەت قېنى سەن قېنى .



خەسسىسلەرنىڭ كۆزلىرىدە قان ،

غېرىبلارنىڭ كۆزلىرىدە نان ،

پۇلنى كۆزلەپ سېسىماقتا جان ،

چىن مۇھەببەت قېنى سەن قېنى .




ھاياتلىقنىڭ جېنى مۇھەببەت ،

ئۇلۇغلۇقتىن تۆكۈلگەي بەركەت ،

ئەھلى قۇچقاي مەنزىلدە نۇسرەت ،

چىن مۇھەببەت قېنى سەن قېنى .

ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ  .

  چ چ  : 2536190268  .يانفۇن : 15699088894
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-9 03:27:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەتنىڭ شەرتى يوق



مۇھەببەتنىڭ شەرتى يوق ،
مۇھەببەتنىڭ نەرقى يوق .
مۇھەببەتسىز ئادەمنىڭ ،
ھايۋان بىلەن پەرقى يوق .


مۇھەببەت دەپ كۆيۈش ھەق ،
مۇھەببەت دەپ سۆيۈش ھەق ،
مۇھەببەت دەپ كۆنۈش ھەق ،
مۇھەببەتنىڭ شەرتى يوق .


ئەزىز جاننىڭ لەززىتى ،
ھاياتلىقنىڭ بەركىتى ،
ئادىمىيلىك شەۋكىتى ،
مۇھەببەتنىڭ شەرتى يوق .


قوشۇلىدۇ جانغا جان ،
قوشۇلىدۇ قانغا قان ،
ئەبەدىيلىك قۇت - ئارمان ،
مۇھەببەتنىڭ شەرتى يوق .


ئۈمىت -ۋاپا زەر بېزەك ،
مېھرى -شەپقەت ،ئوت يۈرەك ،
سۆيگۈگە نۇر ، ئوت كىرەك ،
مۇھەببەتنىڭ شەرتى يوق .

ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ  .

  چ چ  : 2536190268  .يانفۇن : 15699088894
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-9 03:29:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېھقان ئاتا



سەن تۆككەن قان -تەردىن ياشناپ ئانا يەر ،
نەۋ باھار ۋەسلىدە خۇشخۇي كۈلىدۇ .
چىللايسەن ئەجرىڭدىن سۈپسۈزۈك سەھەر ،
مېھرىڭدىن نۇرلۇنۇپ قۇياش كۆيىدۇ .


پاكلىغىڭ سىھرىدە دىيانەت سۆيگەن ،
نۇرانە روھىڭغا ھىدايەت ھەمرا .
ھەر باسقان ئىزىڭدىن گىياھلار ئۈنگەن ،
ئاقلىغىڭ تەپتىدە كۆكلەيدۇ دۇنيا .


مىھنەتتىن تۆكۈلگەن ئالەمچە بەركەت ،
ھالاللىق ئۆمرۈڭگە بىباھا بېزەك .
ھاياتقا باغلايسەن ئوتلۇق مۇھەببەت ،
ئارمانلار قەلبىڭدە ئاچىدۇ چېچەك .


قانائەت ، پەزىلەت ...ئېسىل خىسلىتىڭ ،
ئاز ھامان شەنىڭگە پۈتۈلسە داستان .
بىر تىنىق قالغۇچە سۇنىسەن ھىممەت ،
ئۇلۇغلۇق بابىدا سەن بۈيۈك كارۋان .


ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ  .

  چ چ  : 2536190268  .يانفۇن : 15699088894
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-9 03:30:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەتكە مۇھەببەت كىرەك


ئىنسان ئۇلۇغ بولسا ئوت يۈرەك ،
يۈرىگىدە  تۇرسا ساپ تىلەك .
مۇھەببەتسىز جاھان قىيامەت ،
مۇھەببەتكە مۇھەببەت كىرەك .


مۇھەببەت بار قىلدى ھەممىنى ،
باغلاپ ئوتلۇق ، پۈتمەس رىشتىنى ،
بەردى جاندىن بۈيۈك ئىشقىنى ،
مۇھەببەتكە مۇھەببەت كىرەك .


مۇھەببەتسىز ياشاش مەنىسىز ،
مۇھەببەتسىز ئادەم قەدىرسىز ،
مۇھەببەتسىز بولماس يورۇق ئىز ،
مۇھەببەتكە مۇھەببەت كىرەك .


مۇھەببەتنىڭ تۇغى ۋاپادۇر ،
ھەق -ئادالەت ، ئەخلاق ، ھايادۇر ،
مۇھەببەتنىڭ ۋەسلى ، لاۋادۇر ،
مۇھەببەتكە مۇھەببەت كىرەك .


مۇھەببەتتىن تۆكۈلگەن بەركەت ،
مۇھەببەتتىن ئويغاق ھەقىقەت ،
مۇھەببەتتىن قۇچىمىز نۇسرەت ،
مۇھەببەتكە مۇھەببەت كىرەك .


ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ  .

  چ چ  : 2536190268  .يانفۇن : 15699088894
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-9 03:32:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەن كەلمىسەڭ باھار بولامدۇ




سەنسىز كۈنگە كۆڭۈل ئۇنامدۇ ،

بەخىت قۇشى باشقا قونامدۇ .

قۇشلار سايراپ بەزمە قۇرامدۇ ،

سەن كەلمىسەڭ باھار بولامدۇ .




دالىلاردا ئېچىلدى گۈللەر ،

ئەگىز ئېقىپ ياشنىدى كۆللەر ،

مۇھەببەتتىن ياڭرىدى كۈيلەر ،

سەن كەلمىسەڭ باھار بولامدۇ .




ئۇچتى كۆكتە تۇرنىلار قاتار ،

قىز- يىگىتلەر ھۆسنى نۇر ناھار ،

ساپ ھاۋادىن دىلدا ئىپتىخار ،

سەن كەلمىسەڭ باھار بولامدۇ .




يېشىللىققا پۈركەندى ئالەم ،

ۋىسال كۈتۈپ ئۈمىتلىك ئەلەم ،

دىدارىڭسىز ياشىماق ماتەم ،

سەن كەلمىسەڭ باھار بولامدۇ .

ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ  .

  چ چ  : 2536190268  .يانفۇن : 15699088894
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-9 03:33:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمۈر دېگەن ئەزەلدىن شۇنداق



يۈرەكلەرنى نەمدەيدۇ شاتلىق ،

ئۆمۈر دېگەن ئەزەلدىن شۇنداق .

ھالال يېگەن زاغرا نان تاتلىق ،

ئۆمۈر دېگەن ئەزەلدىن شۇنداق .




زىمىستانسىز كەلمەيدۇ باھار ،

سۆيگۈ ، نەپرەت دىللاردا ئىزھار .

ئاقىل روھى ئۇيقۇدىن بىدار ،

ئۆمۈر دېگەن ئەزەلدىن شۇنداق .



قېرى تەقدىر قىلمايدۇ شەپقەت ،

ياخشى يولدا كۈتىدۇ قىسمەت ،

مەنزىللەردە ئەل كۆزى ئەلگەك ،

ئۆمۈر دېگەن ئەزەلدىن شۇنداق .



دۇنيا ئىزدەپ تاپقىنىڭ قالار ،

چاچقۇ ، ئىزلار چاچقىنىڭ قالار ،

قۇت دەپ قۇچاق ئاچقىنىڭ قالار ،

ئۆمۈر دېگەن ئەزەلدىن شۇنداق .

ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ  .

  چ چ  : 2536190268  .يانفۇن : 15699088894
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-9 03:35:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاكلىق


ئەزىز جانغا تۇتىيا پاكلىق ،
ھاياتلىققا نۇر - زىيا پاكلىق .
پاكلىق بىلەن ياشنايدۇ جاھان ،
روھىمىزغا خوپ داۋا پاكلىق .


مۇھەببەتتىن ئىنسان يارالدۇق ،
مېھرىمىزدىن نۇردەك تارالدۇق ،
پاك ، مېھرىبان قەۋىم سانالدۇق ،
دىللار ئارا قۇت ، ۋاپا پاكلىق .


ھالال تەردە بەركەت ، نۇسرەت بار ،
ياخشىلارغا ئەل -ۋەتەن دىلدار ،
تىلەكلەردە شاتلىق ئىپتىخار ،
مەنزىللەردە ساپ ھاۋا پاكلىق .


پاك نىيەتتىن ئۇلۇغلۇق كېلۇر ،
ئېسىل خىسلەت بىباھا زەردۇر ،
گۈلگۈن ئۆمۈر تەختىدۇر غورۇر ،
ۋىسال بەختى شات ناۋا پاكلىق .

ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ  .

  چ چ  : 2536190268  .يانفۇن : 15699088894
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-9 03:42:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا قەسىدىسى


مېھرىڭىزدىن نۇرانە تاڭلار ،
چېھرىڭىزدىن كۆكلىگەن باغلار .
بالام دەيسىز بىر ئۆمۈر تىنماي ،
جىسمىڭىزدىن مەزمۇتتۇر تاغلار .


قولىڭىزدا تەۋرەنسە دۇنيا ،
ئەجرىڭىز بار تامامى جاندا .
پەرىشتىدەك بەركەت ياغىدۇ ،
ھايات ئەزىز ئويغانغان ئاڭدا .


بالامنىڭ دەپ تاپقان تەرگەننى ،
بالامنىڭ دەپ ئېگەم بەرگەننى .
سىزنى يۈدۈپ مەككىگە بارسام ،
ئادا بولماس بىر رەت ئەمگەننى .


ئىزىڭىزدا جەننەت جىلۋىسى ،
روھىڭىزدۇر سۆيگۈ قىبلىسى .
مەڭگۈ سىزگە قەرزىدار ئىنسان ،
ئۈزۈلمەيدۇ ئوتلۇق رىشتىسى .

ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ  .

  چ چ  : 2536190268  .يانفۇن : 15699088894
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-2-9 03:44:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەھرا قىزى


مىھىرلىك كۆزۈڭدىن تۆكۈلىدۇ نۇر،

پەرىشە قەددىدەك نۇرلۇق جىلۋىگەر.

چوغ بولۇپ ئاقىدۇ مۇھەببەت ،غورۇر،

سۆيگەندەك زىمىننى سۈپسۈزۈك سەھەر،


قۇياشتەك پارلىغان ئاپئاق يۈزۈڭدە،

تەبەسسۈم شۇقەدەر ئوتلۇق، بىغۇبار.

تاغ سۈيىدەك زىل ، جاراڭلىق كۈيۈڭدە،

چىچەكلەر ئاچىدۇ قۇتلۇق نەۋ باھار.


كېلىسەن سەھرادا خۇش ئىپار چېچىپ،

ئويغۇتۇپ كۆڭۈلدە ياپيېشىل ئۈمىت.

مىننەتسىز ئەجرىڭدە بەركەتلەر تېپىپ،

توغراقتەك كۆكلەيسەن جۇتتا تاۋلىنىپ.


پاكلىغىڭ ھىممىتى ھاياتقا ئەنداز،

نۇرانە ئىزلىرىڭ ئەل-يۇرتقا بەركەت.

دىيانەت  كۆكىدە قىلىسەن  پەرۋاز،

ئايىغىڭ ئاستىدا كۈلىدۇ جەننەت.

ئەمەتجان زۇنۇن ئارتۇچ  .

  چ چ  : 2536190268  .يانفۇن : 15699088894
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


قاماقخانا|WAP|Archiver|玛干音乐制作 ( 新ICP备13002498号-1  

GMT+8, 2016-4-3 01:40 , Processed in 0.921898 second(s), 72 queries .

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش