- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-10
- توردا
- 2019 سائەت
- شۆھرەت
- 2278
- پۇل
- 2994
- تىزىملاتقان
- 2008-2-28
- ھوقۇقى
- 200
- يازما
- 2627
- نادىر
- 52
- جۇغلانما
- 2278
- UID
- 1
  
- توردا
- 2019 سائەت
- شۆھرەت
- 2278
- پۇل
- 2994
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-10
- تىزىملاتقان
- 2008-2-28
- نادىر
- 52
- جۇغلانما
- 2278
- يازما
- 2627
|
گىتتار ئاۋازنى قانداق ئۈنگە ئالىدۇ دەپ 10 ئادەمدىن سورىسىڭىز 10 ئادەم 10 خىل جاۋاب بېرىدۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ گىتتارنى ئاۋازىنى ئۈنگە ئېلىش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ ، بەزى ئۈنگە ئېلىش ئۇستىلىرى ئۆزىنىڭ ئۈنگە ئېلىش تېخنىكىسى بىلەن جان باقىدۇ،ئۇلارمۇ ئۆزىنىڭ ئۈنگە ئېلىش ئۇسۇلىىنى مەخپىي تۇتىدۇ،بۇ ئەلۋەتتە توغرا ئىش.....
مەن سىزگە بۇ يەردە دۇنيادىكى داڭلىق ئۈنگە ئېلىش ئۇستىلىرىنىڭ گىتتار ئاۋازىنى ئۈنگە ئېلىش ئۇسۇلىنى دەپ بېرىمەن.
تۆۋەندە بىز ئۈچ خىل ئىشلىتىلىشچان ئەپچىل گىتتار ئاۋازىنى ئۈنگە ئېلىش تېخنىكىسى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىلى
كۆپۈنچە ئەھۋالداقوش يۈرەك شەكىللىك ئاۋازغا ئېلىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ،يەنى مېكرافوننى گىتتارنىڭ ئالدىغا قويۇپ ئاۋازغا ئالىمىز،ئاۋازغا ئېلىش ئۇزۇنلىغى گىتتار بىلەن مېكرافوننىڭ ئارلىغى ئادەتتە 15 سانتىمېتىردىن 30 سانتېمېتىرغىچە بولىدۇ.ھازىر ئەڭ كەڭ تارقالغان ۋە مودا بولىۋاتقان شۇنداقلا ھازىرقى زامان مۇزىكىچىلىغىدا مۇھىم رول ئويناۋاتقان ئاۋازغا ئېلىش ئۇسۇلى.
ئەگەر بىز گىتتار ئاۋازنى ئۈنگە ئالغاندا توغرا بولمىغان ئاۋازغا ئېلىش ئۇسۇلىنى تاللىساق ئۈنگە ئالغان ئاۋاز غۇڭۇلداپ چىقىدۇ،ئالدى بىلەن سىز ئاۋازغا ئېلىش سىمىڭىزنى تەكشۈرۈڭ ،ئەلۋەتتە بۇ سىزنىڭ خىزمىتىڭىزنىڭ باشلىنىش قىسىمى.سىز بۇ ئۈچ خىل ئۇسۇلنى ئۈگەنگەندىن كىيىن ئۆزىڭىزنىڭ خائىشى بويىچە مۇشۇ ئۇسۇللار بىلەن گىتتار ئاۋازنى بىمالال ئۈنگە ئالالايسىز.
A-ئايرىپ ئاۋازغا ئېلىش تېخنىكىسى
ئىككى مېكرافون بەلگىلىك ئارلىققا قويۇلىدۇ،شۇنداقلا ئوخشاش بولمىغان ئېگىزلىكتە بولىدۇ.بىر مېكرافون گىتتار دەستىسىنىڭ 12 -باغلام ئورنىغا قويىلىدۇ،يەنە بىر مېكرافون گىتتار يۈزى تەرەپكىراك قويىلىدۇ،ھەرگىزمۇ گىتتار ئاۋاز تۆشىگىگە قويماڭ.
بۇ خىل ئۈنگە ئېلىش ئۇسۇلى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ مېكرافون بىلەن ئاۋازغا ئېلىش تېخنىكىلىرىغا ئوخشاش ''3:1 قائىدىسى''گە ئەمەل قىلىدۇ،بۇ قائىدە مۇنداق :ئىككى مېكرافوننىڭ ئارلىغى چوقۇم مېكرافون بىلەن گىتتار ئارلىغىنىڭ 3 ھەسىسى بولىشى كېرەك،بۇنداق بولغاندا گىتتارنىڭ ئاۋازى ئەينەن چىقىدۇ ،ئەگەر تاق يوللۇق قىلىپ ئاۋازغا ئالسىڭىزمۇ سىللىق ئاۋازغا ئالالايسىز. بۇ خىل ئۇسۇلنى مىسال قىلساق :گىتتار بىلەن مېكرافوننىڭ ئارلىغى 20 سانتىمىتىر بولسا ، ''3:1 قائىدىسى''گە ئاساسلانغاندا ئىككى مېكرافوننىڭ ئارلىغى چوقۇم 60 سانتىمىتىر بولىشى كېرەك،15 سانتىمىتىر بولسا ئىككى مېكرافوننىڭ ئارلىغى چوقۇم 45 سانتىمىتى بولىشى كېرەك.( ''3:1 قائىدىسى'' دىن سىرىت يەنە x-y تېخنىكسىى بار ،بۇنى ئاخرىدىراق سۆزلەيمەن)
بۇ خىل ئۇسۇلدا ئۈنگە ئالغان گىتتار ئاۋازى: چۈشۈرۈش

B-ئايرىپ ئاۋازغا ئېلىش تېخنىكىسى
ئىككىنجى خىل ئاۋازغا ئېلىش ئۇسۇلى بىرىنجى خىل ئاۋازغا ئېلىش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىرىشى،بىرىنجى خىل ئاۋازغا ئېلىش ئۇسۇلىنىڭ ئاساسىدا بىر مېكرافوننى گىتتار دەستىسىنىڭ 12 -باغلام ئورىنىغا قويىمىز ،يەنە بىر مېكرافوننى گىتتارنى ئۈستىنكى قىسمىغا قويىمىز،يەنى گىتتار چالغۇچىنىڭ قۇلىغىنىڭ ئۇدىلىدا قىلىپ شۇ ئېگىزلىكنى تاللىساق بولىدۇ.شۇنداقلا گىتتارنىڭ تۆشىگىگە ياكى گىتتارنىڭ بېشىغا توغۇرلانسا بولىدۇ.يەنە بىر قىتىم ئەسكەرتىپ ئۆتەي چوقۇم ''3:1 قائىدىسى''گە بوي سۇمۇش كېرەك،ئەگەر گىتتار چالغۇچى سولخەي بولسا يۆلىنىشنى ئۆزگەرتسەك بولىدۇ.
مۇشۇ ئىككى خىل ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ قانداق ئۈنۈم بولىدىكىن.ئەگەر كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىسىڭىز ''3:1 قائىدىسى'' گە ئەمەل قىلغان ئاساستا مېكرافوننىڭ ئورنىنى تەڭ يۆتكەپ بېقىڭ،بۇ خىل تەڭشەشتىمۇ ئويلىمىغان ئۈنۈملەرگە ئېرىشىپ قالمىز.
بۇ خىل ئۇسۇلدا ئۈنگە ئالغان گىتتار ئاۋازى: چۈشۈرۈش

C-بۇ X-Y ئۈنگە ئېلىش ئۇسۇلى
X-Y ئۈنگە ئېلىش ئۇسۇلى ،يەنى ماس ھالدا ئۈنگە ئېلىش ئۇسۇلى ئەخمەقلەرچە ئىستىرولۇق ئۈنگە ئېلىش ئۇسۇلىدۇر.ئەگەر سىز توغرا قەدەم باسقۇچلار بىلەن ئىككى مېكرافوننىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئورۇننى تېپىپ،ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشىمەن دىيىشىڭىز بەكلا تەس ئىش.
ئىككى مېكرافوننى بىللە قويۇڭ،ئىككى مېكرافوننىڭ بىشى خۇددى بىر -بىرى بىلەن تىگىشىپ تۇرغاندەك قويۇلسۇن،ئارقا تەرىپىنىڭ گىرادۇس سانى 90-120 ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ.قارىماققا V شەكلىگە ئوخشايدۇ، ''3:1 قائىدىسى'' x-y تېخنىكسىغا ماس كەلمەيدۇ.
ئالدى بىلەن ئىككى مېكرافوننى گىتتار دەستىسىنىڭ 12- باغلام ئورۇنىغا ئېكىلىڭ.ئەگەر سىزنىڭ ياخشى ئاۋازغا ئېلىش ئۆيىڭىز بولسا ئىككى مېكرافوننىڭ بىشىنىڭ ئارلىغىنى 5 سانتىمىتر قىلىڭ،بۇنداق بولغاندا ئاۋازغا ئېلىش مۇھىتىنىڭ ئاۋازلىرى تولۇق ئىپادىلىنىپ شۇنداق چىرايلىق ۋە تەببئى ئۈنۈمگە ئېرىشىسىز.گەرچە ياخشى ئاۋازغا ئېرىشىشنىڭ شەرىتى: گىتار،ئاۋازغا ئېلىش ئۆيى ياكى مېكرافون بولسىمۇ ئۆلچەملىك قىلىپ ئېيتقاندا ئىككى مېكرافوننى گىتتار دەستىسىنىڭ 12- باغلام ئورىنىغا قويۇپ ،گىتتار بىلەن مېكرافون ئارلىغىنى 18 سانتىمىتىر قىلىپ تەڭشەپ،ئوتتۇرا دولقۇن ئاۋازىنى تەكىتلىمەيمىز.چۈنكى بىر مېكرافون گىتتار تۆشىگىگە قارىتىلغان بولىدۇ ،يەنە بىر مېكرافون يۇقۇرى چاستوتا مول بولغان گىتتار بوينىغا قارىتىلغان بولىدۇ.
تەجىربىدىن ئىسپاتلاندىكى ئۈچۈنجى خىل يەنى X-Y ئۈنگە ئېلىش ئۇسۇلى ئەڭ ياخشى چىقتى ،ئاۋاز تەببئى ،سىللىق،يىقىملىق .
بۇ خىل ئۇسۇلدا ئۈنگە ئالغان گىتتار ئاۋازى: چۈشۈرۈش


ماكان مۇزىكا بىلىملىرى تورى
رۇخسەتسىز كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ
ئېنگىلىسچە ئەسلى مەنبە:مەنبە |
|